查看完整版本: [-- قارا خان: كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى  ئاتالغۇلارغا ئىزاھات1 --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> قارا خان: كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى  ئاتالغۇلارغا ئىزاھات1 [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-01-22 00:34

قارا خان: كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى  ئاتالغۇلارغا ئىزاھات1

كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بەزى ئاتالغۇلارغا ئىزاھات a)GT\1q  
ئاللىگورىيە X6g{qzHg_  
ئاللىگورىيە-گىرىكچە سۆز بولۇپ، بىرەر مەۋھۇم چۈشەنچىنى كونكىرت نەرسە ياكى ھادىسە ئارقىلىق ئىپادىلەشكە قارىتىلغان. ئۇ بەدىئىي ئەدەبىياتتا مەجازى ( ئۆز مەنىسىدىن باشقا مەنىگە كۆچۈرۈلگەن) سۆز-ئىبارىلەرنىڭ بىر تۈرىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭدا مەۋھۇم چۈشەنچىنى كونكىرت نەرسە ياكى ھادىسىگە خاس بەلگىلەر ياردىمى بىلەن ئېنىق تەسەۋۋۇر قىلىش كۆزدە تۇتىلىدۇ. %1oG<s  
ئانتىروپولوگىزىم R7xEE7p  
ئانتىروپولوگىزىم-ئىنساننى بىئولوگىيەلىك سۇبىستانسىيە (زات، جىسىم) سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپىۋى ئېقىم، فېيىرباخنىڭ ئىنسان تەبىئىيتى قارىشى ئۇنىڭ تىپىك ئورىگىنالى. R8<'m   
ئانتىروپولوگىيە BCtm05  
ئانتىروپولوگىيە-ئىنسانشۇناسلىق، ئىنسان تۈركۈملىرى مەدەنىيەتشۇناسلقىنى كۆرسىتىدۇ. ) HN,Az"  
ئانتىروپومورفىزىم 2l9RU}  
ئانتىروپومورفىزىم- دىنىي ئەقىدىلەردە ئىلاھىيەت ئوبرازىنى ئادەم قىياپىتىدە تەسۋىرلەيدىغان كۆز قاراش. WKB8k-.]ww  
ئانىمىزىم >(aGk{e1  
ئانىمىزىم-ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي بىلىش شەكلى، ئانىمىزىم ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ كەينىدە ئۇنى باشقۇرىدىغان خاس ئىلاھلار، مۇئەككەللەر ۋە ئەرۋاھلار مەۋجۇت دەپ قاراشقا ئاساسلىنىدۇ. (IY= x{b  
ئەرگىنەقۇن >sL"HyY#H  
«ئەرگىنەقۇن»دىكى «ئەرگىنە» ئىگىز ھەم خەتەرلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «قۇن» نىڭ مەنىسى تاغ باغرى دېگەنلىك بولىدۇ. Jn>6y:s  
ئەنجۇمەن LS=HX~5C  
يىغىن، ئولتۇرۇش، مەجلىس،  ئىلىمىي يىغىن بولۇپ،ئاساسلىقى ئەدىپلەرنىڭ باش قوشۇشىنى كۆرسىتىدۇ. > lRa},5(  
بۇنياد :$`"M#vMX  
بۇنياد-ئاساس، ئۇل، نېگىز دېگەنلىك. 1qw*mV;W)_  
ئەمرىمەرۇپ-ئىسلام شەرىئىتىدە جارى قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە ئۈندەشتۇر. ];.H]TIc6  
پەيكەر-خاننىڭ ئات يېتىلىگۈچىسى ۋە باققۇچىسى، «پەرى پەيكەر» دېيىلسە، ئات باققۇچى ياكى ئات يېتىلىگۈچى پەرىشتە دېگەنلىك بولىدۇ. $ 'B0ZL  
تارخان- پادىشاھتىن ئالاھىدە ھوقۇق-ئىمتىيازلارنى ئلغان ئېسىلزادىلەرگە قارىتىلغان.  تارخانلىق يەر-مەخسۇس ئىمتىيازلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېرى بولۇپ، بۇنداق يەرلەردىن ھېچقانداق سېلىق ئېلىنمايدۇ. 1%?J l~M  
تاۋغاچ يۇداسى- ياپراقلىرى سەۋسەن گۈلگە ئوخشاپ كېتىدىغان، دورا بولىدىغان بىر خىل دەرەخ. `(r [BV|h}  
تىيولوگىيە-ئىلاھىيەت توغرىسىدىكى پەن. ئەسلىدە تەڭرى ئالەمنى ئىنساننى يارىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە ئىجاد قىلغان، ھەممە يارالمىشلار بىر-بىرى ئۈچۈن قۇربان بولىدۇ ۋە شەرت ھازىرلايدىغان مەقسەد سەۋەبىياتلىقنىڭ زەنجىر-ھالقىلىرىدىن ئىبارەت دېگەن ئىدىيالىزىملىق گۇمانىزىملىق قاراش. ئۇ ماتىرىيالىزىملىق گۇمانىزىمدىن مۇشۇ جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. X0,?~i6Q  
داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. nQ0g,'o  
مەنبە: ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات (4-*قىسىم)

گۈلنىھال 2014-01-22 16:44
قارا خان ھەل قىلىلمىغان سۆزلەرنىمۇ يوللاپ ، ياخشى  قىلىدىڭىز ، رەھمەت ، داۋامىنىمۇ يوللاڭ !

ozqan 2014-01-22 17:59
بۇ كىتابنىڭ 4-قىسمىمۇ باركەندە ، مەندە 3قىسىم بار ئىدى ، 4-قىسمىنى ئىزدەپ كۆرسەم بولغۇدەك ... *CHLs^)   
يوللانمىڭىزغا رەھمەت ...

قاراخان 2014-01-22 19:03
ozqan:بۇ كىتابنىڭ 4-قىسمىمۇ باركەندە ، مەندە 3قىسىم بار ئىدى ، 4-قىسمىنى ئىزدەپ كۆرسەم بولغۇدەك ...يوللانمىڭىزغا رەھمەت ... (2014-01-22 17:59) 
K8,fw-S%  
ھە، 2010-يىلى 12-ئايدا نەشىردىن چىقىپتىكەن، مەندە 1-قىسىمى يوق، ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.

مىېھرىما 2014-01-22 19:52
مەن ئىھتىياجلىق تىمدىن بىرنى يوللاپسىز . سىزگە رەھمەت. مۇنبەردىكى كىلاسسىك بىلىملەنىڭ رەڭدارلىقنى ئاشۇرۇپ كېلۋاتسىز. ھارمىغايسىز.


查看完整版本: [-- قارا خان: كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى  ئاتالغۇلارغا ئىزاھات1 --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled