مىېھرىما |
2014-01-21 16:56 |
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادى پائالىىتى ئاساسەن چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئۆز ھۆكمىرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن پەيىتلەرگە يەنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگ توغرا كېلىدۇ.ئۇ بىر مەزگىللەردە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم ئىشلىرىغا بېرىلىپ ،ماتريال توپلاش ، رەتلەش ، ئۈگۈنىش ۋە تەھلىل قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ماترياللارغا ئىگە بولغاندىن كىيىن،ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ،ىغان تارىخى ۋە ئەدەبى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مەشھۇر بولغانلىرى «تەزكىرەتۇلئەۋلىيا» ،(مىلادىيە 1885- يىلى يېزىلغان). «دەربايان ئەسھابۇلكەھب» (1898 - يىلى يېزىلغان). « تارىخى ئەمىنىيە » (مىلادىيە 1903 - يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى يېزىپ تاماملىغان) . « دىۋان مەسنەۋى» ( مىلادىيە 1907 - يىلى يېزىلغان ) . «تارىخى ھەمىدى » ( مىلادىيە 1908 - يىلى 7- ئاينىڭ 10 - كۈنى تاماملانغان ) . « سالامنامە »» ( 1916 يىلى يېزىلغان ) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بەزى مەلۇماتلارغا قارغاندا ئۇ يەنە « تەزكىرەئى خوجا ئاپاق » ، « پەرھات ۋە شېرىن'» قاتارلىق ئەدەبى تارىخي ئەسەرلەنى يازغانلىقى مەلۇم .
مەبە : ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى. |
|