查看完整版本: [-- روھىيەت نىمىشقا مۇھىم (ئابلەت ئابلېكىم) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> روھىيەت نىمىشقا مۇھىم (ئابلەت ئابلېكىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abral777 2014-01-21 16:36

روھىيەت نىمىشقا مۇھىم (ئابلەت ئابلېكىم)

روھىيەت نىمىشقا مۇھىم @Z ==B%`  
ئابلەت ئابلېكىم wkx9@?2*  
\ T#|<=  
ئىنسانىيەت بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،بىراق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى بىلىشى،چۈشۈنىشى يەنىلا يېتەرلىك بولماي كەلدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھالقىلىق تەسىر كۆرسۈتىدىغان مائارىپنى مىسالغا ئالساق،مەكتەپلەرنىڭ ئوقوتۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئـوقوتقوچىلارنىڭ ئـوقوش تـارىخى ئـۆلچەمگـە يېقىنلاشتۇرۇلدى،ئـوقوتۇش ئـەسلىھەلىرى تولۇقلاندى،لېكىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى،ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشى نۆۋەتتە گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ،مائارىپ ئوقوتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسۈتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.كىشىلەرنىڭ ماددىي شارائىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ،لېكىن بەختتىن بەھرىمەن بولۇش دەرىجىسى ئىلگىركىلەرنىڭكىگە يېتەلمىدى. ئەمەلىيەتتە يۇقۇرقى ئەھۋاللار روھىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،رېئاللىق بىزگە روھىيەتنىڭ ماددىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى تەكرار-تەكرات ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بېلىنىسكى:«بەدەننىڭ گىمناستىكىسى بولغىنىغا ئوخشاش روھنىڭمۇ گىمناستىكىسى بولىدۇ، ئۇنىڭسىز روھ خاراپ بولىدۇ»دېگەن ئىدى،تىببى پەن ئالىملىرىمۇ: «مەنىۋى ئوزوقلۇق يېمەكلىك ئوزۇقلۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،كەيپىياتنى چېنىقتۇرۇش بەدەننى چېنىقتۇرۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،ئەخلاق ساغلاملىقى بەدەن ئىقتىدارى ساغلاملىقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»دەپ ئىنسان ئۈچۈن روھىيەت ۋە پىسخىكىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.ئالىملار ھەتتا كەيپىياتنى«ئىككىنچى مۇھىت»دەپ ئاتىدى.ئۇنداقتا روھىيەتنى نىمىشقا شۇنچە مۇھىم دەيمىز؟بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئارقىلىق كۆرسۈتىپ بېرىشكە بولىدۇ. o(SPT?ao~  
بىرىنچى،روھىيەت ئەڭ سىرلىق ھادىسە R dPk1?}K  
   دۇنيادا نۇرغۇن تىلسىماتلار بولسىمۇ،ئەمما پىسخولۇگلار يەنىلا ئىنسان روھىنى ئەڭ سىرلىق ھادىسە دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئىنسان ساختا كۆرۈنىش ھاسىل قىلالايدۇ،ئىنسان خارەكتېرى قېلىپقا چۈشمەيدۇ،ھەرقانچە مەجبۇرلاش ۋاستىسى قوللانغان بىلەنمۇ ئىنساننىڭ ئوي-خىيالىنى كونتۇرۇل قىلغىلى بولمايدۇ،«ھەر نەرسىدە ئىككى تەرەپ بار، تەمكىنلىكتە كۈچلۈك غەزەپ بار» دېگەندەك،ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپلا،ئۇنىڭ مۇددىئاسىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.ئېغىر ئەھۋالدا قالغىنىڭدا،سەن دوستۇم دەپ قارىغان ئادەم سېنى ئورىغا ئىتتىرىشى،سەن دۈشمىنىم دەپ قارىغان ئادەم ساڭا ياردەم قولىنى سۇنىشى مۈمكىن.«دوستلار»ناملىق بىر پارچە ھەجۋى رەسىم كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا ئىككى دوستنىڭ ئوڭ قولى بىلەن تولىمۇ قىزغىن كۆرۈشىۋاتقانلىغى،ھەر ئىككىلىسىنىڭ كەينىگە يوشۇرىۋالغان سول قولىدا پىچاق تۇتۇۋالغانلىقى ئىپادىلەنگەن.دېمەك،تاشقى ئىپادىگە قاراپلا كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ،دۇنياغا مەشھۇر«بۈۋى مەريەم چىركاۋى»ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىمدا ئىككى پىرسۇناژ بار،بىرى،كېلىشكەن ئاقسۈڭەك يىگىت،يەنە بىرى،دۇنيادىكى ئەڭ سەت ئادەم كاشمىدۇ،فىلىمدىكى چىرايلىق قىز ئاق سۈڭەك يىگىتنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنىڭ سۆزلىرىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ،كاشمىدۇدىن بولسا يىرگىنىدۇ، لېكىن ھالقىلىق پەيتكە كەلگەندە،ئاق سۆڭەك يىگىت قىزغا ئاسىيلىق قىلىدۇ،كاشمىدۇ قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلۈمگىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ،ئاخىرىدا قىز بىلەن بىرگە ئۆلىدۇ.ئەسەردە«ھەقىقىي گۈزەللىك ئادەمنىڭ جىسمىدا ئەمەس، قەلبىدە يوشۇرۇنغان بولىدۇ »دېگەن ئىدىيە ئىپادىلەنگەن. 44*#qLN  
كىشىلىك ھايات ئىنتايىن مۇرەككەپ،ھاياتلىق سەھنىسىدە كىشىلەر خىلمۇـخىل روللارنى ئالىدۇ،بىز تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ قاتتىق پۇشايماندا قېلىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرىمىز، ھەتتا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمىز.بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئالدىنىدىغانلىقى ۋە تەكرار ئـالدىنىدىغانلىقى.بـۇ دەل ئىنسان پىسخىكىسىنىـڭ مـۇرەككەپلىـكى،ئىـنسان روھىنىڭ سىرلىقلىغى،ئىنساننىڭ خامىلىيۇندەك ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. "BSY1?k{  
ئىككىنچى،روھىيەت مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىي Sn*s@RE\s  
پىسخولوگىيىدە ئاكتىپ روھى ھالەت pma بىلەن پاسسىپ روھى ھالەت nma بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ،ئاكتىپ روھى ھالەت مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى،پاسسىپ روھى ھالەت مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ، رېئاللىققا نەزەر تاشلىساق مۇۋەپپىقەتكە ئېرىشكەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئاكتىپ روھى ھالەتكە ئېگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز،چۈشكۈن،ئۈمىدسىز كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئامرېكا ھۆكۈمىتى ئامرېكا ئەسكەرلىرىنىڭ پىسخىكىلىق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن،ئۇلار مەشق قىلىۋاتقان يەرنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدا غايەت زور ئادەمنىڭ شەكلىنى چىقارغان،بۇلار ئۇنى ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تەقلىدى قىلغان،بۇنى كۆرگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئەسكەرلەر قوراللىرىنى تاشلاپ بەدەر قاچقان،يەنە بىر قىسىملىرى ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان،بىر قىسىملىرى بولسا داڭ قېتىپلا قالغان.بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامرېكا ھۆكۈمىتى ئەسكەرلەرنى تەربىيەشتىكى مۇھىم نۇقتىنى ئەسكەرلەرنىڭ پىسخىك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە قاراتقان. خەلقارالىق بىرىليارت مۇسابىقىسىدە مەلۇم ماھىر كۆپ تاشنى كىرگۈزۈپ ئاخىرقى تاشلا قېپقالىدۇ،ئۇنىڭ چىمپىيۇن بولۇشى ئاساسەن مۇقۇملىشىپ بولىدۇ،دەل شۇ پەيتتە بىر چىۋىن كېلىپ تاشقا قونىدۇ،نەتىجىدە ماھىرنىڭ دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ،ئۇ دىلىغۇللۇق ئىچىدە تاشنى ئۇرىدۇ،ئەپسۇس تاش نىشانغا چۈشمەيدۇ،ئۇ چىمپىيۇنلۇق پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.تارىختا بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇگىلىياڭنىڭ ئۆزى يالغۇز نەچچە تۈمەن ئەسكىرى بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن سىمايىنى«قۇرۇق شەھەر»ھىيلىسى بىلەن چېكىندۈرگەنلىكى ئەڭ جانلىق مىسالدۇر. 67rY+u%  
بىز نىمىشقا مەغلۇپ بولىمىز؟كىشىلەر بۇنى كۆپ ھاللاردا ئوبىيېكتىپ ئامىللارغا باغلىۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئىشتا غەلبە قازىنىش-قازىنالماسلىقى ئاساسلىقى روھىي ئامىلغا باغلىق بولىدۇ. d=bK NA90  
ئۈچنچى،روھىيەت كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسى S Q:H2vvD  
پىسخولوگىيىدە«روھىي كۈچ»دەيدىغان ئاتالما بار.«روھىي كۈچ»ئىنسان ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان،مۇئايەن شەت-شارائىت ئاستىدا ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىۋى ئىنىرگىيەنى كۆرسۈتىدۇ.كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىدە تالانت ۋە ئىقتىدار يوق دەپ قارايدۇ،ئۇلار ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ ئېچىلمىغان بوزلۇق ئىكەنلىكىنى،ئەگەر ئۇنى ئاچالىسا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.ئەگەر ھەرقانداق ئادەم(نورمال ئادەم)ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاپ،ئۇنى مەلۇم ساھەگە قارىتالىسا ۋە ھەركىتىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسا،مۇقەرەركى ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلىنالايدۇ.ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئــادەتتىكى ئــادەملەرنىڭ مىڭىسى2-3%،ئـالىملارنىڭ4%،پەقەت ئېينىشتىيىننىڭلا %5 ئىشلىگەنكەن.ئالىملارنىڭ قارىشىچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن 5-10% كىچە پايدىلىنالايدىكەن.ئەخمەت يۈكنەكى،خېلىن كېللىر، خاۋكىڭ،ئوستۇرىۋىسكى قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.خېلىن كېللىرنىڭ كۆپ خىل مېيىپلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ تۇرۇقلۇق 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغانلىقى،ئەخمەت يۈكنەكىنىڭ ئەما تۇرۇقلۇق«ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى» ناملىق مەشھۇر داستاننى يازغانلىقى،خاۋكىڭنىڭ 30 يىل چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئىلىم- پەن ساھەسىدە كاتتا نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقى بىزگە روھىي كۈچنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. enPtW  
بىر قىسىم كىشىلەر ساغلام،بېجىرىم تۇرۇقلۇق باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرىۋالىدۇ،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مېيىپ بولسىمۇ،جىسمانىي ئاجىزلىقى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ،كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ،ۋە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ،بۇ بىزگە جىسمانىي مېيىپلىكنىڭ ئەيىپ ئەمەس،روھىي مېيىپلىكنىڭ ئەيىپ ئىكەنلىكىنى،ئىنسان روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ،بىر ئايال ھويلىدا ئىش قىلىۋىتىپ،يولدا بالىسىنى بىر جىپنىڭ دەسسەپ توختاپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ،ئۇ ئۇچقانداق چىققان پېتى جىپنى ئىككى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ ئۆرۈۋىتىپ بالىسىنى قولىغا ئېلىۋالىدۇ،ئەتراپتىكى كىشىلەر بۇ ئىشنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ،كېيىن ئىلىقى ئايال ھەرقانچە قىلىپمۇ جىپنى مىدىرلىيتالمايدۇ،بۇ ئايالدىكى كۈچ نەدىن كەلگەن؟بۇ دەل بىز تىلغا ئېلىۋاتقان روھىي كۈچتىن كەلگەن،شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ۋۇجۇدىڭىزدا ئاجايىپ بىر كۈچ بار،سىز ئۇنى ئاچالىسىڭىزلا،ئۇ سىزنى تىلىكىڭىزگە يەتكۈزىدۇ، خۇددى«ئېچىل دەستىرخىنىم»،«ساڭقايدىغان ئېشەك»تەك سىزنى نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېگە قىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قانداق ئېچىشنى،ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا،بىر ئادەمنىڭ روھى كۈچتىن پايدىلىنىش- پايدىلىنالماسلىقى،ئۇنىڭ مۇۋەپپىقەت قازىنىش- قازىنالماسلىقىنى بەلگۈلەيدۇ،كونكېرىت ئادەم پۈتۈن دىققىتىنى مەلۇم ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ،مۇشۇ يولدا ئۈزۈكسىز تىرىشىپ،سۇبىيېكتىپ تىرىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغانلا بولسا،بۇ خىل تىرىشچانلىق روھى كۈچنى ھاسىل قىلىپ، مۇۋەپپىقىيەت ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچىدۇ. "&SE!3*m`I  
تۆتىنچى،روھىيەت ساغلاملىقنىڭ ئۇل تېشى G)~>d/  
ئىلگىرى كىشىلەر ساغلاملىقنى ئېرسىيەت،مۇھىت،داۋالىنىش قاتارلىق ئامىللارغا باغلاپ چۈشىنەتتى،تىببىي پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،روھىيەتنىڭ ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئاساسىي ئامىل ئىكەنلىكى قىل سىغماس پاكىتقا ئايلاندى،شۇنىڭ بىلەن تەرەققىي تاپقان ئەللەردە«مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاش»،«كۈلكە ئارقىلىق داۋالاش» قاتارلىق داۋالاش شەكىللىرى بارلىققا كەلدى،ھىپپۇگىراتنىڭ نەزىريىسى بويىچە قارىغاندا ئادەمدە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى بولىدۇ،مۇشۇ كۈچنى قوزغىغاندىلا كېسەللەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ. ئادەم تەن ۋە روھتىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ مەۋجۇدات،روھ تەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،چۈنكى ئادەمدە روھ ۋە ئىدىيە بولغاچقىلا ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،ئىنسان قەلپتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىققا ئىگە، پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە،ئادەم بىر قېتىم ئازاپلانغاندا چىقىدىغان ئىنىرگىيە،ئۈچ كىلومېتىر يۈگۈرگەندە چىقىدىغان ئىنىرگىيە بىلەن باراۋەر بولىدۇ،بىر قېتىم ئازاپلانغاندا قەلپكە بىر چېكىت ئۇرۇلىدۇ،ئازاپلانغان قېتىم سانى كۆپىيىپ بەلگۈلىك چەككە يەتكەندە،جۇغلانما ھاسىل بولىدۇ-دە بەدەندە تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تىببىي پەن ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە،يۈرەك كېسەللىكى،ئاشقازان كېسەللىكى،قان بېسىم قاتارلىق بىر قىسىم جاھىل خارەكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈپ نېگىزىدىن روھى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.ئىنسانلار خاتا تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاچقا،ئالىملار بۇ خىل كېسەللىكلەرنى«تۇرمۇش ئۇسۇلى يىغىندى كېسەللىكلىرى» دەپ ئاتاشقان.«ئۆمۈرلۈك ساغلاملىق پىلانى»ناملىق كىتابتا: روھىيەت، ئوزۇقلىنىش، چېنىقىشنىڭ ساغلاملىقنى بەلگۈلەيدىغانلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغان.يۇقۇرقىلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،روھىيەت ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ بېناكارلىقنىڭ ئۇل تېشى.لېكىن مائارىپىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى دانا كىشىلىرىمىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ،مائارىپنىڭ ئالىي نىشانى بەخت ۋە ساغلاملىق بولۇشى كېرەك،بۇ ئىككى نۇقتىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن مائارىپنى مۇكەممەل مائارىپ دېگىلى بولمايدۇ. 5*2hTM!  
گىرمانىيىدە چىقىدىغان«رەڭلىك رەسىم»ژورنىلىدا«روھى ھالەتنىڭ ياخشى بولماسلىقى راك كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى»دېگەن ماقالە ئېلان قىلىنىپ،روھى ھالەت بىلەن روھى كېسەلنىڭ مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:«يىغلىماي دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش كىشىلەرنى راك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ،ھەممە دەرتنى ئىچىگە يۇتۇش روھى كېسەللىك،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇنداق كۈنسىرى كۈچەيگەن بۇ دەرت- ئەلەمنىڭ ئۆزى سىزنى يەۋىتىدۇ».ھايدى بۇرۇگ راك تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتۇر رونالىد گىرۇسان ماتسىك 2000 ئەر-ئايالنىڭ روھى ھالىتىنى تەكشۈرۈپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان:«يىتىمسىراش،ياخشى كۆرىدىغان كىشىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش،ئۈمىدسىزلىك،ئائىلە ۋە خىزمەتتىن بېزار بولۇش،روھى جىددىلىكنى تۈگۈتەلمەسلىك راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللار» x=rMjz-`_  
نۆۋەتتە جەمئىيىتمىزنى كۆزەتسەك بىر قىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئېغىر روھى كىرزىسقا دۇچار بولۇۋاتقانلىغىنى،مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇ ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولۇپ،بىگۇنھ پەرزەنتلەرنىڭ ئورونسىز رىيازەر چېكىۋاتقانلىغىنى بايقايمىز. بۇنىڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا روھىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئىنسان تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىنماسلىق،مېھىر- مۇھەببەتنىڭ كەمچىل بولۇشى،ئىنسان ئىستىكىنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى،ئەقىدە-ئېتىقاتسىزلىق قاتارلىق روھى ئامىللارغا سەل قاراش بۇ خىلدىكى تىراگىدىيەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىغىنى بىلىمىز.ئىنسان ئىستىكىنىڭ،مەنىۋى ئىنتىلىشىنىڭ چېكى بولمايدۇ،ئىنسان مېھىر-مۇھەببەتكە،گۈزەللىككە مەڭگۈ ئىنتىلگۈچى، ئىنساننىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىلا،ئاندىن ئۇ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. b [HnhAI  
ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئوسكار مۇنداق دېگەنىدى:«دۇنيادا ئادەمنىڭ روھىدىنمۇ قىممەتلىك نەرسە يوق،ئۇنىڭغا ھەرقانداق نەرسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ».«پادىشاھنىڭ تۆت خوتۇنى» ناملىق ھېكايەتتە ئېيتىلىشىچە،بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ تۆت خوتۇنى بولۇپ،پادىشاھ 4-خوتونىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن،نەگە بارسا ئۇنى ئېلىۋالىدىكەن،3-خوتونىنىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن،ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىكەن،ئۇنىمۇ بەك ئەتىۋارلايدىكەن، ئىككىنچى خوتونىنى ھەرھالدا ئەتىۋالاپ ئىززىتىنى قىلىدىكەن،لېكىن بىرىنچى خوتونىنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيدىكەن،ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتۇ،پادەشاھ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ،ئۇ ئۈچ خوتونىنى يېنىغا چاقىرىپ ئۆزى بىلەن بىرگە كېتىشنى خالايدىغان- خالىمايدىغانلىغىنى سوراپتۇ،«ياق»،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ تۆتىنچى خوتونى،«مەنمۇ قوشۇلمايمەن» دەپتۇ ئۈچىنچى خوتونى،«پەقەت قەبرىستانغىچە ئۇزىتىپ قويىمەن» دەپتۇ ئىككىنچى خوتونى، پادىشاھنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بوپتۇ،شۇ ئەسنادا« مەن خالايمەن» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ،قارىسا بۇ پادىشاھنىڭ تۆتىنچى خوتونى ئىكەن،پادىشاھ شۇندىلا قىلغانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ. ھېكايەتتىكى پادىشانىڭ تۆتىنچى خوتونى تېنىمىزنى،ئۈچىنچى خوتونى مال-دۇنيانى،ئىككىنچى خوتونى دوستلىرىمىزنى،بىرىنچى خوتونى بولسا روھىمىزنى كۆرسۈتىدۇ.دېمەك بىز كىشىلىك ھاياتتا تېنىمىزغا، مال- دۇنياغا،دوستلىرىمىزغا شۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىمىز،ئەمما روھىمىز ۋە قەلبىمىزگە سەل قاراپ قالىمىز.شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىمىز.شۇڭا ھەر دائىم سەمىڭىزدە بولسۇن،روھىيەت ئىنتايىن مۇھىم،شۇڭا بىر ئۇلۇغ زات:«ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر»دېگەن. ^) s6`:  
x3'ANw6E  
ئابلەت ئابلېكىم @}UOm- M  
(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) RoHX0   
_Rj bm'kC  
8B6(SQp%  

مىېھرىما 2014-01-21 16:58
ئىنسانىيەت بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ،بىراق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى بىلىشى،چۈشۈنىشى يەنىلا يېتەرلىك بولماي كەلدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھالقىلىق تەسىر كۆرسۈتىدىغان مائارىپنى مىسالغا ئالساق،مەكتەپلەرنىڭ ئوقوتۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئـوقوتقوچىلارنىڭ ئـوقوش تـارىخى ئـۆلچەمگـە يېقىنلاشتۇرۇلدى،ئـوقوتۇش ئـەسلىھەلىرى تولۇقلاندى،لېكىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەن بولۇشى،ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشى نۆۋەتتە گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ،مائارىپ ئوقوتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسۈتىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.كىشىلەرنىڭ ماددىي شارائىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ،لېكىن بەختتىن بەھرىمەن بولۇش دەرىجىسى ئىلگىركىلەرنىڭكىگە يېتەلمىدى. ئەمەلىيەتتە يۇقۇرقى ئەھۋاللار روھىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،رېئاللىق بىزگە روھىيەتنىڭ ماددىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى تەكرار-تەكرات ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بېلىنىسكى:«بەدەننىڭ گىمناستىكىسى بولغىنىغا ئوخشاش روھنىڭمۇ گىمناستىكىسى بولىدۇ، ئۇنىڭسىز روھ خاراپ بولىدۇ»دېگەن ئىدى،تىببى پەن ئالىملىرىمۇ: «مەنىۋى ئوزوقلۇق يېمەكلىك ئوزۇقلۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،كەيپىياتنى چېنىقتۇرۇش بەدەننى چېنىقتۇرۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،ئەخلاق ساغلاملىقى بەدەن ئىقتىدارى ساغلاملىقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»دەپ ئىنسان ئۈچۈن روھىيەت ۋە پىسخىكىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. l;z+E_sQ  
qoQ,3 &<  
=AK6^v&on  
مەنمۇ مۇشۇ نوختغا ھەيرا ئىدىم. ياخشى تىمىكەن.رەھمەت.

ۋارىس60 2014-01-21 18:31
روھىيەتنىڭ ئىنژىنىرى-  ئوقۇتقۇچى دىدۇق w(%$~]h  
روھىيەتنى پاكلاش دىسەك بۇنى سوپىلارنىڭ يولى دىدۇق. _A$V~Hp9q  
روھىيىتى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلار  يا پەيلاسوپ بولدى يا ساراڭ . \$8p8MP<&D  
ھەي... ئادەم بولماقنىڭ تەسلىكى . G;msq=9|  
ھەي ...ئات بىلەن ئات مىنگەن كىشى... ?P2 d 9b  
"OKsl2e  
يازمىڭىزغا  ھەشقاللا

ياسىنجان510 2014-01-21 19:22
ئەھمىيەتلىك،تەربىيىۋى قىممىتىگە ئىگە يازما ئىكەن.

گۈلنىھال 2014-01-21 21:28
ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى ئوسكار مۇنداق دېگەنىدى:«دۇنيادا ئادەمنىڭ روھىدىنمۇ قىممەتلىك نەرسە يوق،ئۇنىڭغا ھەرقانداق نەرسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ•••••• مانا بۇ ھەقىقەت !

maaripqi 2014-01-22 21:00
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ كۆپ نەپ ئالدىم، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. بولۇپمۇ «ئەگەر ھەرقانداق ئادەم(نورمال ئادەم)ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى بايقاپ،ئۇنى مەلۇم ساھەگە قارىتالىسا ۋە ھەركىتىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسا،مۇقەرەركى ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلىنالايدۇ.» دېگەندەك جۈملىلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى. 5oe{i/#di  
كىچىككىنە تەكلىپ: ».«پادىشاھنىڭ تۆت خوتۇنى» ناملىق ھېكايەتتكى« پادىشاھنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بوپتۇ،شۇ ئەسنادا« مەن خالايمەن» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ،قارىسا بۇ پادىشاھنىڭ تۆتىنچى خوتونى ئىكەن» دېگەن جۈملىدىكى «تۆت» بىلەن« بىر» ئالمىشىپ قالدىمۇ نېمە؟

arustan 2014-01-22 21:28
maaripqi غا رەخمەت.راستىنلا ئالمىشىپ قاپتۇ،بېخەستەلىك قىپتىمەن،تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ozqan 2014-01-22 21:53
قەلەم كۈچىڭىز ياخشىكەن ، كۆپ خىل ھەم ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىدىكەنسىز ، سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن ...

tawpek 2014-01-27 03:01
ئەسەرلىرىڭىز ئۇلىنىش تورىنىڭ مۇنبەردىكى تەۋسىيلىك تېمىلار قاتارىغا تەۋپىقتىكى  نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئىلىپ بېكىتىمىزنىڭ تەشۋىقاتى ۋە ئبرازى ئۈچۈنمۇ شەرەپ ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.  كۆپ تەشەككۇر. )43z(:<  
k*r G^imX  
Qoa& ]]  
باش سۈرىتىڭىزنى بەلگىلىۋالامسىز.


查看完整版本: [-- روھىيەت نىمىشقا مۇھىم (ئابلەت ئابلېكىم) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled