查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى توغرىسىدا پاراڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى توغرىسىدا پاراڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xayda 2014-01-21 16:28

ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى توغرىسىدا پاراڭ

_F L<egK  
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى `{K_/Cit  
O'*@ Ytn  
شەيدا )U t5+-UK  
cW8\d  
« بىزگە تەلىم بېرىۋاتقانلار ھەقلىق ھالدا بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بىزنى ئوقۇتۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ نامغا لايىق ئەمەس. » l{c]p-  
                                   ــ ئى. گىيوتى '_P\#7$!MV  
cu!W4Ub<  
مۇنداق بىر ھەقىقەت بار: « دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا. » دېمەك، بىز ئوقۇتقۇچىلار ئاجايىپ ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغۇچىلار ھېسابلىنىمىز. پارتىيە – ھۆكۈمەت مائارىپنى ۋە مائارىپچىلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەلۋەتتە، بىز ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلمىساق، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان تۇزكورلاردىن بولۇپ قالىمىز. نەق گەپنى ئېيتقاندا، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك نامغا داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا بولۇپ، جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاغرىنىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. o(kM9G|  
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. « تورغايمۇ ئۆز بىلگىنى بويىچە سايراپتۇ » دېگەندەك، مەنمۇ ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن، مېنى ئويلاندۇرغان، كۆڭلۈمنى غەش قىلغان بەزى مەسىلىلەر ئارقىلىق كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن ئۈمىدتىمەن.  )v4b  
مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، نۆۋەتتە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىدا تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. wN-i?Ek0;  
بىرىنچى مەسىلە: كەسىپنى سۆيۈش روھى كەمچىل بولۇش |R/.r_x,V?  
`/&SxQB<  
« ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت 3uu~ p!2  
رىشتىسى، يەنى كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت گىرەلەشكەن بولىدۇ. }ArpPU :]  
                    ــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1k%k`[VC  
j9+I0>#X  
ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ 2 – باب 8 – ماددىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ,tH5e&=U01  
(1)    ... كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش. (UCK;k  
(2)... مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش. PYRd] %X  
دېمەك، كەسىپنى سۆيۈش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىدىكى ئەڭ ئالدىنقى شەرت. كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىدا ئۆزىنى بېغىشلاش، قۇربان بېرىش روھى بولىدۇ. ئەكسىچە ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيمىگەن ئوقۇتقۇچىدىن شانلىق نەتىجىلەرنى كۈتۈش خام خىيالدۇر. خىزمەت تەقسىماتىغا بويسۇنماسلىق، تاپشۇرغان ۋەزىپىنى كەينىگە سۈرۈش، خىزمەتكە كېچىكىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي ئەخلاققا زىت قىلمىشلار بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئارىمىزدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى جان بېقىشنىڭ يولى قىلىۋالغان شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار باركى، ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە قاراپ « قانداق قىلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغاندۇ؟ » دېگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ. بۇ ھال تەبىئىي رەۋىشتە بىزگە يالقۇن روزىنىڭ « سەن مائاشچىمۇ ياكى مائارىپچىمۇ؟ » دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق مۇقەددەس كەسىپ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ئادەم. گىيوتى بۇ ھەقتە: « تەربىيە ۋىجدان ئىشى » دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. مەن دائىم مۇشۇ سۆزدىن ئىلھام ئالىمەن. *1Z5+uVT[  
ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن مۇنداق بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بار. ئۇ ھەم سىنىپ مۇدىرى، ھەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسى بار يولدىشىغا مۇنداق دېگەن: « بىر يىل ساقلاڭ، ئوقۇغۇچىلىرىم ئوقۇشىنى  پۈتتۈرۈۋالسۇن. » قاراڭ، مانا بۇ كەسىپچانلىق روھ! مانا بۇ كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت! تۇغۇتنى باھانە قىلىپ بولۇشىغا دەم ئالىدىغان ھېلىقىدەك ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئاشۇنداق روھ ئىگىلىرى ئالدىدا نومۇس قىلسا بولىدۇ. /%aiEhL  
  ئىككىنچى مەسىلە: كەسپىي ۋە ئونىۋېرسال بىلىم ساپاسىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك >N\0"F7.  
                                         بىر كۈن ھايات بولسام، بىر كۈن ئۆگىنىمەن. RC|!+ TD  
ــ نامسىز  زاد kPBV6 +d~  
'1fNBH2  
ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ 2 – باب 8 – ماددىسىنىڭ ئالتىنچى تارمىقىدا:  
« ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش »  دەپ بەلگىلەنگەن. ئىلگىرى « ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولۇش كېرەك » دەيدىغان، ھازىر بولسا بۇلاق، دەريا بولۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ھازىرقى دەۋردە بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، خىرىس، رىقابەت كۈچلۈك. بۈگۈنكى مۆجىزە ئەتە ئۈچۈن كونىراپ قېلىۋاتىدۇ. دەۋرىمىزنىڭ ئالىي زىيالىلىرى ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردا، ئەلۋەتتە، زامانغا خاس ساپا، سۈپەت بولۇش كېرەك. روشەنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىدىغانلىرى قانچە ئاز بولسا، ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغىنىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار « دەرسنى ئوقۇمسەن – ئوقۇمامسەن كارىم يوق، مەن بولسام مائاشىمنى ئېلىۋېرىمەن » دەپ، ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن باشقا پەزىلەتسىزلىكىنىمۇ ئاشكارىلاپ قويىدۇ.  بۇ يەردە مۇنداق بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنى تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ. مەلۇم بىر ناھىيىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىمىنى سىناش ئىمتىھانى ئېلىنغان. نەتىجىدە خېلى كۆپ ئوقۇتقۇچىنىڭ لاياقەتسىز بولۇپ چىقىشى مائارىپقا مەسئۇل خادىملارنى قاتتىق چۆچۈتكەن. پاكىت شۇنداق ئىكەن، لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىدىن لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈش مۈمكىنمۇ؟ ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمىنى ئوقۇتساق شۇنىڭغا، كىمنى ئوقۇتساق ئۇنىڭغا مېھىر باغلىشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە. Q(d9n8  
ئۈچىنچى مەسىلە: ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش روھى كەمچىل بولۇش wfL-oi'5  
{k.MS-q  
                                    « تەلىم – تەربىيە ماھارىتىنىڭ پۈتكۈل سىرى _ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق كۆيۈنۈشتە » _mS!XF~`P  
                                                                    ــ سوخۇملىنىسكى kY,U8a3!  
mDGn:oRj  
ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ 2 – باب 8 – ماددىسىنىڭ تۆتىنچى، بەشىنچى تارمىقىدا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن: U7xmC  
(4) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق - پەزىلەت، زېھنىي كۈچ، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. Iu~\L0R427  
(5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش. =.|J!x  
ئۆتكەندە شاڭخەي شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. نەتىجىدە، كىشىلەر ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىشلار كۆرۈلگەن: تەكشۈرۈلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە %48.9 ئوقۇتقۇچى: «ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن؛ %9.43  ئوقۇتقۇچى: «مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئامراق، ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن» دېگەن؛ بۇ ئىككى تۈردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قوشقاندا %60 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدىكەن، ھېچبولمىغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ھېسسىياتىدا بولسىمۇ شۇنداق. ئەمدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلالىغان ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «كۆيۈنۈش» نى ھېس قىلالىغان ئوقۇغۇچىلار ئاران %5.61 نى ئىگىلىگەن، كۆيۈنگەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىمەن، بىلمەپتىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %46.51 نى ئىگىلىگەن. دېمەك، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنگەنلىكىنى ھېس قىلغان، چۈشەنگەن ئوقۇغۇچىلار 10 /1 گىمۇ يەتمىگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئون ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈيۈمچانلىقى توققۇز ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئۈنۈمسىز بولۇپ چىققان، ھەتتا سۇبيېكتىپ ئارزۇغا ماس كەلمەيدىغان ئەكسىچە نەتىجە كېلىپ چىققان. wpA`(+J  
  يۇقىرىقى سان – سېفىرلار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى ئاشكارىلاپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىغا بولغان مېھىر – مۇھەببەتنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر. ئەسلىدە بۇ دەسمايە كەتمەيدىغان ئىش. سىزنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ئوقۇغۇچىغا قىلغان بىر ئېغىز سۆزىڭىز، بېشىنى مۇنداق سىلاپ قويۇشىڭىز، ماختاپ قويۇشىڭىز ياكى بىرەر ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىشىڭىز ئوقۇغۇچىدا  ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرىدۇ. شىر، يولۋاسنى كۆندۈرگەن مېھىر – مۇھەببەت بەلگىلىك ئاڭغا ئىگە ئىنسان بالىسىنى ئۆزگەرتەلمىسە ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسمۇ!؟ ?Y:x[pOe  
دېمەك، ئوقۇتقۇچىدا بىلىم بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدا كۆيۈمچانلىق بولۇش كېرەك. چۈنكى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك مېھرىبان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇغۇچىمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ، ئۇنىڭ دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆيۈنۈشى ئارقىلىق ئۇمۇ باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىدۇ. قىسقىسى، قىزغىن سۆيۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىدۇر. ئوقۇتقۇچى مېھرى ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. مېھىر – مۇھەببەت بولمىسا، ھەقىقىي تەلىم – تەربىيىمۇ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيىنىڭ سىرى دەل ئوقۇغۇچىغا بولغان ھۆرمەتتە.  
تۆتىنچى مەسىلە: ماشىنا قىزغىنلىقى eMOD;{Q?X  
wn Y$fT9  
                                            « ئوقۇتقۇچىلار كوچىدا ماشىنا ھەيدەپ يۇرسە، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ » syx\gz  
ــ بىر ئاتىنىڭ ئاتا – ئانىلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى nfb]VN~(  
 6,1b=2G  
« ھازىرقى مەكتەپلەر ماشىنا بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ » دېسەم، ئاشۇرۇۋەتكەن بولارمەنمۇ؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازى بىلەن يۈز تاپىدۇ. ۋەھالەنكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئېسىل ماركىلىق ماشىنىسى بىلەن ئابروي قوغلاشماقتا. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ماشىنا بىرىنچى ئورۇندا، ئوقۇتۇش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە قارشى تۇرماقچى ئەمەسمەن. ئۇلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىنى قوللايمەن. لېكىن شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى دەل ئۇنىڭ ئاددى – ساددىلىقىدا. مەكتەپ ھويلىسدا قايسى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يېڭى سېتىۋالغان ماشىنىسىنى  چۆرىدەپ ئەتىدىن  كەچكىچە تاماشا قىلىپ تۇرغان ئاشۇ بىكار تەلەت ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسەم، « ئۇلار ئۆتمەكچى بولغان دەرسىگە تەييارلىق قىلسا بولمامدۇ؟ تەكشۈرىدىغان تاپشۇرۇق، ئىمتىھانلىرى يوقمىدۇ ... ؟؟؟ » دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. بۇ ھەقتە مائارىپقا مەسئۇل باشلىق بىر يىغىندا مۇنداق دېگەن: « ئوقۇتقۇچىلار ماشىنا بىلەن شەھەر ئاتلاپ يۈرمەي، غىرت قىسىپ مەكتەپتە ئولتۇرسۇن.» ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئوقۇتقۇچى، سىزنى ھۆكىرەتكىنى ھۆكۈمەت بەرگەن مائاش بولۇشى مۈمكىن. ئەمما سىز ئاشۇ مائاشقا، توغرىسى ئوقۇغۇچىلارغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلىيەلىدىڭىزمۇ؟! K\[!SXg@  
بەشىنچى مەسىلە: ھاراق – تاماكىغا بېرىلىش d-bqL:/  
qZ@0]"h  
بۈگۈن x مۇئەللىمدىن ھاراق پۇراپ تۇرىدۇ. كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى. 5q{h 2).)  
                                             ــ بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزى d lH$yub  
j$fAq\B  
بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زابويلۇقى قەتئىي كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىت.  «روھ ئىنژىنىرى»، «ئادەم تەربىيلىگۈچى» دېگەندەك ئالىي سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىملىككە بېرىلىپ كېتىشى ئەڭ چوڭ گۇمراھلىقتۇر. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېغىر ھاقارەت ۋە نومۇس. مېنىڭ ئەڭ غەزىپىمنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى، ئاشۇنداق زابوي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلچە تەپتارتماستىن سىنىپقا ھاراق پۇرۇتۇپ كىرىشى. ئەگەر مەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالسام ئىدىم، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئۇنى دەرھال مائارىپ قوشۇنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت بېرەتتىم. ھاراق بىلەن روھى دۇنياسى بۇلغانغان ئوقۇتقۇچىدىن قانداقمۇ پاك، ساغلام خاراكتېرلىك ئەۋلادلارنى كۈتكىلى بولسۇن!؟ 1rw0sAuGy  
ئوقۇغۇچى ئالدىدا تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، «تاماكا چەكمە» دەپ نەسىھەت قىلغان ئوقۇتقۇچى نەقەدەر مەسخىرىلىك – ھە! سادىغاڭ كېتەي، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىغا شۇنداق ئۈلگە بولامسىز!؟ سىزدىكى كەسپىي ئەخلاق شۇنچىلىك بولسا، سىزدىن « تەربىيە » ئالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن: ئاچچىق ھاراق - تاماكىغا سورۇۋەتكەن پۇلنى ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان باچكىلارغا خەجلىسىچۇ دەپ. J2GcBzRH  
ئالتىنچى مەسىلە: ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا پاك بولماسلىق &a> lWE  
P`$12<\O1  
دىيانەت بار يەردە خىيانەت يوق `U!y&Q$,  
                       ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى ~CRSL1?  
 
ئۆتكەندە مەلۇم بىر تور بېكەتتە جەنوبتىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇرىدىن بەرگەن تاماق پۇلىغا چاڭگال سېلىش ۋەقەسى قىزىق بەس – مۇنازىرە قوزغىدى. «شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىماس » دېگەندەك، بۇ ئىش مائارىپ سېپىدە پارازىت قۇرتلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئەلۋەتتە، ئادەم كۆرمەيمەن، ئاڭلىمايمەن دېسىمۇ، بەزى ئىشلارنى كۆرۈپ قالىدىكەن ياكى ئاڭلاپ سالىدىكەن. گەرچە سىزنىڭ يېگەن نەرسىڭىز  كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر پۈتۈن ئوبرازىڭىزغا ئېغىر داغ چۈشۈرىدۇ. پايدىلىنىش ماتېرىيالىنى 50 – 60 پىرسەن بويىچە ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلى باھادا تارقىتىپ پايدىسىنى يېيىش؛ ھەر خىل ئورۇنسىز باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل يىغىش، يەنە مەن بىلمەيدىغان ئاللىقانداق تىل بىرىكتۈرۈش يولى ئارقىلىق خىيانەتچىلىك قىلىدىغان قىلمىشلار ... توۋۋا، توۋۋا، مەن مۇشۇ سەۋەبتىن بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ياقا سىقىشىپ قويىمەن تېخى. ئەي نامى ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى، نى ئات، نى نومۇس! -P=g3Q i  
مەن يۇقىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىدا ساقلىنىۋاتقان بەزى جاھىل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈم. ئۇنداقتا بولسا بۇ مەسىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ wn +FTqj  
ئالدى بىلەن « ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى » ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقىغا دائىر ئۆلچەم، قائىدە – تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. LDT (]HJ  
2. ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاش. كىشىگە نەسىھەت قىلماق ئاسان، ئەمما ئۆزى ئەمەل قىلماق تەس. « موللا ھەممە بىلۇر، موللا قوپۇپ سۇغا سىيۇر » بولۇپ قالمىسۇن. yT /EHmJ  
3. ئىش ئورنىنى قەدىرلەپ، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش. |fsm8t<~8  
4. كەسپىي ۋە ئونىۋېرسال بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇش. ?dy~ mob  
5. ئوقۇغۇچىلارنى چىن مەنىسى بىلەن سۆيۈش.  |qcD;  
6. ئوقۇتۇشتا پاك دىيانەتلىك بولۇش. >G)qns9  
7. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن دەرسنى پۇختا تەييارلىق بىلەن ياخشى ئۆتۈش. >mu)/kl  
8. باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش. x2wg^$F*oO  
9. ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەت قىلىش. c,5n, i  
  10. ئىتتىپاقلىق – ھەمكارلىشىش روھى بولۇش. eMMx8E)B  
    ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرىقى ئون تۈرلۈك نوقتىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ تۇرسا، ئىشىنىمەنكى، ئۆزىنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىنى تىكلەپ چىقالايدۇ. ;_JH:}j  
تۈگۈنچە: ئوقۇتقۇچىلار خاراكتېر شەكىللەندۈرۈپ ئادەم تەربىيلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، كەسپىي ئەخلاققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. يامان ئاتاققا قالماق بىردەمچىلىك. سىزنىڭ بىر قېتىم پەقەتلا بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە سەۋەنلىكىڭىز سىزنى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئېغىر ئابروي كىرزىسىغا دۇچار قىلىدۇ. 9BON.` |_  
دوست ئاغرىتىپ ئېيتىدۇ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ. تاتلىق نەرسىنىڭ شىپالىق بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئاچچىق دورا شىپالىق بولىدۇ. كېسەلنى يۇشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە. خاتالىق بولسا تۈزەتكۈلۈك. ھە دېسە شارائىتقا دۆڭگەپ قويماڭ. ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ، چىچاڭشىپ ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ يۈرمەڭ. خاتالىقنى تۈزىتىشكە باھانە كەتمەيدۇ. 8[5|_Eh+  

مىېھرىما 2014-01-21 16:30
« ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت EF;,Gjh5p  
رىشتىسى، يەنى كەسىپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت گىرەلەشكەن بولىدۇ. \C/z%Hf7-  
epVH.u%  
OV|Z=EwJ  
   شۇنداق بۇ توغرا پىكىر . ھممە قايىل بۇنىڭغا ياخشىتىمىكەن. ھارمىغايسىز. t 
        

ياسىنجان510 2014-01-21 19:29
ئەمەلىي،رېئال مەسىلىلەرنى يېزىپسىز،بۇ مەسىلىلەر مەكتەپلىرىمىزدە ھەر خىل شەكىلدە ساقلانماقتا ھەتتا دەرسخانىغا خىيانەت قىلىدىغان نۇمۇسسىزلىقلارنىمۇ قىلىدىغان لەنەتگەردىلەرمۇ بار.

قاراخان 2014-01-21 22:21
بۇ ماقالىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆز ۋىجدانىغا، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا، مىللەتكە يۈز كېلەلىگىدەك ئىشلىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلىقنى پۇل تېپىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان لەنەتگەردىلەر ئۆزىنىلا ئەمەس پۈتۈن بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ.

ozqan 2014-01-22 21:36
شەيدا : تەتىل بولۇپ خېلى بوشاپ قاپسىزدە ،  سىزنىڭ نادىر دەرس دېتاللىرىڭىزنى  شۇنداق سېغىندۇق ، ئەمدى ماقالە ئېلىپ كەپسىز ، ماقالىڭىزمۇ ئەمەلىي ، پاكىتلىق ياخشى يېزىلىپتۇ  ، ئىجادىيەتلىرىڭىزنى داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىىز ... nK:`e9ES  

tawpek 2014-01-27 00:04
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ،  يوقاپلا كەتكەنتىڭىز شەيدا مۇئەللىم، YLr%vnO*NS  
4'7 v!I9  
بولسا تەۋپىقنى تاشلىماي پىكىر قاتناشتۇرۇپ، مۇشۇنداق ياخشى ئىجاد مىھنەتلىرىڭىزنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرغايسىز. )4VL m  
t\E-6u  
جىق ئوقوتقۇچىدا ئاشۇنداق ئىستەكلەر زور، لىكىن مەتكەپ مۇدىرلىرىدىكى قەدىرلىمەسلىك، ھەق-ناھەق خىزمەت تەخسىماتى، ۋە باھالاشلار  ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يوققا چىقىرىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قىلىشتىكىمۇ بىر سەۋەپ. .F=<r-0  
v>yGsJnV'  
".Q!8j"@f  
ئىلگىرى مەكتىۋىمىزدە ھاراقكەشلىك ئەۋىج ئالغانتى،   T5X'D(\|  
OGD8QD  
0ga1Yr]  
مۇدىر ئالمىشىپ قىمارۋاز كۆپەيدى  دىگەندەك،  

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 14:35
ياخشى تىمىكەن. ھارمىغايسىز.   Cjd +\7#G  

سەئىدىيە 2014-01-30 17:33
  « ئوقۇتقۇچىلار كوچىدا ماشىنا ھەيدەپ يۇرسە، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ؟ » R% ddB D\?  
VA]%i P,O-  
   بۇ ھەقىقەتەن ئەمىلىيەت . بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار بار . شۇ ماشىنىنى گەدەنگىچە قەرىزگە بوغۇلۇپ ئاران ئالدىغاندۇ ، بەلكىم . قەرىزنى تۈگەتكۈچە بەللىرىمىز مۈكچىيىپ ، شۇ بىلىمگە تەشنا كۆزلەرگە قارىغۇدەك كۈچ - ماغدۇرىمىز قالارمۇ ؟   h+vKai  
   ;DRJL   
YT-t$QyL  

سەئىدىيە 2014-01-30 17:34
ھەر -بىر ئوقۇتقۇچى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز .   B^KC~W  
>0f5Mjug  
    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاقى توغرىسىدا پاراڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled