مىېھرىما |
2014-01-21 14:37 |
يىگىت ۋە ئالما دەرخى
بۇرۇنقى زاماندا تاغ باغرىدا بىر تۈپ ئالما دەرىخى باركەن .بىر ئوغۇل بالا ھەركۈنى بۇ ئالمىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ،شاخلىرىغا يامىشىپ، مىۋىللىرىنى يەپ، ھېرىپ چارچىغاندا سايىسىدا ئۇخلاپمۇ قالىدىكەن. بالا بۇ ئالمىنى بەكلا ياقتۇرىدىكەن، ئالمىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقا ئامراق ئىكەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بالا ئالمىنىڭ تۈۋىدە ئوينىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر كۈنى يىگىت بولۇپ قالغان بالا ئازاپلانغان ھالدا ئالما تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئالما يىگىتنى كۆرۈپ خۇشال بولغان ھالدا دەپتۇ : 4tb y N -كەل، مەن بىلەن ئوينا! }}g.L| -مەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەس، ھازىر ماڭا پۇل لازىم. V
#Px - ئەپسۇس، مەندە ھازىر پۇل يوق، ئەمما سەن مېنىڭ مىۋىللىرىمنى بازارغا ئاپىرىپ ساتساڭ، پۇلغا ئېرىشەلەيسەن. =QiVcw,G# يىگىت بەك ھاياجانلىنىپتۇ. ئۇ ئالمىلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىپ،ئۇزۇنغىچە كەلمەپتۇ.ئالما بۇنىڭدىن بەك ئازاپلىنىپتۇ. }zkMo? بىر كۈنى يىگىت ئالما يېنىدا پەيدا بوپتۇ،ئالما ناھايىتى روھلىنىپ،يىگىتكە دەپتۇ: yl=_ /'* -كەل ، مەن بىلەن ئوينا ! *61+Fzr - مېنىڭ ھازىر ئوينايدىغان ۋاختىم يوق، ئائىلەم ئۈچۈن ئىشلىشىم كېرەك .ھازىر بىز بوران ۋە يامغۇرغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆيگە مۇھتاج ، ماڭا ياردەم قىلامسەن؟ [9:'v@Ph -شاخلىرىمنى كېسىپ ئۆي سالغىن! 9
EE},D يىگىت شاخلارنى كېسىپ ناھايىتى خۇشال ھالدا قايتىپ كېتىپتۇ.شۇ كەتكىنىچە ئۇزۇنغىچە كەلمەپتۇ. ئالما تولمۇ غېرىپسىنىپتۇ. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يىگىت ناھايىتى مەيۈس ھالدا ئالما تۈۋىدە پەيدا بوپتۇ. ئالما يىگىتنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئازاپلىنىپ، نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. `a!:-.:v - يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى،شۇڭا كۆڭلىمنى خۇش قىلىش ئۈچۈن جاھان كېزىپ كېلەي دىگەنتىم.ماڭا بىر كېمە كېرەك. 7I,/uv? -شاخلىرىم بەك مەزمۇت سەن ئۇنىڭدىن بىر كېمە ياھاپ مۇرات-مەقسىتىڭگە يەتكىن . qJQ!e يىگىت دەرھال ئىشقا كىرىشىپ،ئالمىنىڭ غوللىرىنى كېسىپ كېمە ياساپتۇ، ئالما يالىڭاچلىنىپلا قاپتۇ . يىەىت شۇ كەتكىنىچە ئۇزۇنغىچە كەلمپتۇ. q Z,7q نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن، يىگىت بەللىرى مۈكچەيگەن بوۋاي ھالىتىدە ئالمىنىڭ تۈۋىگە كەپتۇ . ئالما ئۇنىڭغا قاراپ: x*EzX4$x - مەندە ئەمدى ساڭا بەرگۈدەك ھېچنىمە قالمىدى،ھازىر مەندە پەقەت قۇرۇپ كېتەيلا دەپ قالغان يىلتىزلا قالدى. {x+"Ru~7, - ماڭا ئارام ئالغۇدەك يەرلا بولسا بولاتتى ، بەكلا چارچاپ كەتتىم . cPemrNxydN -بۇياققا كېلىپ ئارام ئالغىن. abHW[VP9 يىگىت ئالمىغا يۆلىنىپتۇ . ئالما يىگىتكە قاراپ خۇشاللىق بىلەن ياش تۆكۈپتۇ... \G3P[E[ 98%M`WY
tj:Q]]\M بۇ ھەر-بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا يۈز بېرىدىغان ھىكايە، ئالما دەل بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز . بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاتا ئانىمىزغا ئەركىلەپ ئويناشنى ياخشى كۆرىمىز. چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىمىز - دە ،قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاندىن بېرىپ ئۇلارنى ئىزدەيمىز .ئاتا-ئانىمىز ھەمىشە تەلەپلىرىمىزنى قاندۇرۇپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىدۇ. #SHmAB %7X<:f|N8x B]`!L/ مەنبە ئۈندىدار دوسلۇق چەمبىرىكىدىن ئېلىندى . |
|