查看完整版本: [-- ئەنۋەر بوساق: خەيىر مەھەللەم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئەنۋەر بوساق: خەيىر مەھەللەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

baburxah 2014-01-19 22:24

ئەنۋەر بوساق: خەيىر مەھەللەم

خەيىر مەھەللەم.... 9RN! <`H  
(نەسىر) -qndBS  
ئەنۋەر بوساق 0Fm,F&12  
مانا...بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئېشىپ بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. كەچكۈزنىڭ سارغايغان خازانلىرى بىلەن لىق تولغان توپىلۇق يول، پاكار تاملىق نامرات ئۆيلەرنى قۇچاقلاپ ياتقان خىلۋەت مەھەللىمىزدىن ئايرىلىپ، كەڭ ئاسفالىت يوللار، ھەيۋەتلىك، ئىگىز بىنالار، كۆز چاقنىتىدىغان رەڭدار چىراغلار، زەردار بايلارنىڭ كۆركەم قەسىرلىرى گىرەلىشىپ تۇرغان يېڭى مەھەللىگە كەلدۇق. مەئىشەتكە تەلپۈنگەن دىلىمىزدا غورۇر ۋە ئىپتىخار، زارىققان كۆزلىرىمىزدە شادلىق، مۇشەققەتتىن پۈكۈلگەن ۋۇجۇدىمىزدا بەخىت، خۇشاللىق...... ns[Q %_  
ئەمدى بىز جاپا تارتمايمىز، كۆركەم بېزەلگەن ياسىداق ئۆي، ئىسسىق تۆشەك، ئېسىل كارىۋات، يۇمشاق كىرسلو، راھەت مۇنچا.... يۈرۈشلەشكەن تۇرمۇش شارائىتى.....بىز بۇنى نەقەدەر ئىنتىزالىق بىلەن كۈتكەن ھە....؟ مۇشۇنى دەپ كىملەرگە يالۋۇرمىغان، كىملەرگە سارغايمىغان؟..نىملەرگە چىدىمىغان؟.... CpF&Vy K  
ئەمدى ھاياتنىڭ، ياشلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز، خاتىرجەم ياشايمىز...نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىغىر كۈنلەرگە بەرداشلىق بەرگەن سۆيۈملۈك ئايالىم ئەمدى راھەت كۆرىدۇ......خەيىر مېنىڭ كونا مەھەللەم. خۇش قال ، ماڭا ئەمدى گۈزەل كۈنلەر قۇچاق ئاچماقتا.... rN^P//  
................................................... ,=kQJ|  
كۈچلۈك قۇياش نۇرى كۆزلىرىمگە چۈشكەندىلا شىرىن ئۇيقۇدىن ئويغاندىم، چۈش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئەتراپىمدىكلەرنىڭ ھەممىسى خىرامان ئۇيقۇدا....ئاھ.... مانا بۇ ئاپەت، مانا بۇ بەخىتسىزلىك...قېنى مېنىڭ سەھەردىكى روھلۇق ھالىتىم؟ قېنى مېنىڭ ئىشچان ئايالىمنىڭ تاڭ سەھەردىكى جۇشقۇن ھەركەتلىرى؟ مىھنىتىدىن سۆيۈنۈپ كۈلۈپ بېقىشلىرى؟ قېنى تۈن قوينىنى لەرزىگە سېلىپ بىزنى غەپلەت قوينىدىن ئېلىپ چىقىدىغان ياڭراق ئەزان ئاۋازى....قېنى خورازلارنىڭ بىزنى ھاياتقا، كۆرەشكە، ئۈمىدكە چاقىرىپ چىللاشلىرى؟ قېنى خىزىر سۈپەت بوۋايلارنىڭ مەسچىتكە ماڭغاندىكى گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىرى... zmMz6\ $  
ھەي...مەن ئەتىگەندە ئويغىنىپلا قىلىدىغان يۇيۇنۇش –تارىنىش ئۈچۈن سوغۇقتا توڭمايدىغان، ئىسسىق، قولايلىق تازلىق ئۆيىگە ئىرىشكىنىم بىلەن چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمچە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەسلىنىپ، مۇزدەك سۇنىڭ ئويغۇتۇشلىرىدىن سەگەكلىشىپ، مىھنەت، ھىممەت، ھىكمەت ھەققىدە تىرەن ئويلىنىدىغان پۇرسەتتىن مەھرۇم قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟ مەن ئەمدى قار تازلىمايمەن، لىكىن سانىسىزلىغان قار گۈللىرىدىكى بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان پەرىقلەرگە تەپەككۇر كۆ‍زىدە زەن سالالمايمەن، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى دولقۇنلۇق خىياللارنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيمەن. مەن ئەمدى قىشتا توڭمايمەن. لىكىن ئاچچىق سوغۇق ئىچىدىكى ھايات لەززىتىنى تېتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قاپتىمەن. يازنىڭ دېمىق كۈنلىرى تىنجىقلىق ئىچىدە تۇنجۇقۇپ تاڭ ئاتقۇزىمەن، تال باراڭلىق ھويلامدا يېتىپ، سېھىرلىك تولۇن ئايغا قاراپ تاتلىق ئىلھاملارغا چۆكەلمەيمەن ئەمدى..... *z A1NH5  
ئايالىم چاڭ-توزانلارغا مىلەنگىنىچە، يوغان چېلەكلەردە سۇ ئېلىپ چىقىپ چېچىپ ئىشىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈشتىن قۇتۇلغىنى بىلەن، ئاددى ئەمما ئۇلۇغۋار ئادەملەرنىڭ پاكىز تازلانغان يولدا ئېغىر خىياللار ئىلكىدە كېتىۋىتىپ مەمنۇنىيەت بىلەن ئېيتىدىغان خالىس رەھمەت –تەساننالىرىدىن، بەرىكەتلىك دۇئالىرىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، ھيىتلاردا جامائەتلەرنى ئۇزىتىش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپتۇ- يۇ، ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى كۈتۈپ ئىرىشىدىغان بەرىكەتلەرمۇ قولدىن كېتىپتۇ. p94 w0_m@|  
ئۆيىمىز ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىق، قېرىنداشلىق، ئاسايىشلىقنىڭ مۇنبەت ئېكىنزارلىقىدا گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلىناتتى ئەمەسمۇ؟ دىلىمىز مىھرىبانلىق، سېخىيلىق، دوسىتلۇق-بۇرادەرچىلىكنىڭ ئابىھايات سۇلىرىدىن ياشىراتتى ئەمەسمۇ؟... ^g56:j~?  
ھىممەتلىك قوياشنىڭ ئەلۋەك نۇرلىرى بىلەن سۆيۈشكەن زۇمرەت سۇلارغا چۆمۈلۈپ، قىزىغان قۇملاردا تاۋلىنىپ، ئۆملۈك، ئىناقلىق، پاراسەت بالقىپ تۇرغان ماھارەتلىك ئويۇنلارغا قېنىپ، بەل تۇتۇشۇپ چېلىشىشلاردا ھەقىقىي ئەردەك يېتىلىۋاتقان ئەركەكلىرىم كاتەكتەك ئۆيلەردە سوزۇلۇپ يېتىپ قانداقمۇ پالۋان بولالايدۇ؟ قانداقمۇ ئەلنىڭ باھادىرلىرىغا ئايلىنالايدۇ؟ باغلانغان  قاپلان دالىدىكى شىرغا يەم بولىدۇ، قەپەستىكى قۇش ئىگىز چوققىلاردىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ؟ بۆرە ئۆيدە ئەمەس پايانسىز تاغلاردا ھۇۋلايدىغۇ؟.... "~lGSWcU  
قېنى ھۆر سۈپەت قىزلارنىڭ ئاتىلار ئالدىدىن ئاۋايلىغىنىچە قىزىرىپ ئۆتۈپ كېتىشلىرى؟ قېنى پەرىشتە سۈپەت ئانىلارنىڭ جەڭنامىلەرنى سۆزلەپ سەبىيلەر قەلبىدە تاتلىق ئارمانلار ئويغۇتۇشلىرى؟ قېنى ئەجداد ئۆگۈتلىرى ياڭراپ تۇرىدىغان ئايكوچىلار؟....قېنى تەۋەرۇك مومايلارنىڭ مۇڭلۇق تىلاۋەتلىرى؟... +wwK#ocw  
مەن قار-مۇز چوقۇشتىن،كۆمۈر ئەكىلىشتىن قۇتۇلغىنىم بىلەن ئۆز ھالال مىھنتىم بىلەن باغ ياساپ ئايالىمنىڭ چىھرىدە كۈلكە ئۇرغۇتىدىغان ئەرلىك ھوزۇردىن، قاپارغان قوللىرىم بىلەن پاختىدەك قوللارنى چىڭ قىسايالايدىغان يىگىتلىك غورۇردىن ئايرىلىپ قاپتىمەن. قېنى غەيۇرلىقىمىغا قىيا باققان مەستانە كۆزلەر؟ قېنى مېنىڭ چوڭ-چوڭ كۆتەكلەرگە پالتا ئۇرۇپ ئۆينى تىتىرەتكەن جەسۇرلۇقۇم؟ مەن ئەسلى زىمىننى تىتىرىتىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ `j  
ئايالىم ئۆچكەن ئوتنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈۋلەپ كۆزلىرىگە تۈتۈن كىرىپ ياش ئاققۇزۇشتىن، بەللىرىنى مۈكچەيتىپ تونۇرغا نان يېقىشتىن قۇتۇلغىنى بىلەن ھەققىي ئاياللىق نازاكىتىدىن، ئانىلىق لاتاپىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇ ئەمدى كۈچلۈك يالقۇن چىقىرىپ كۆيۈۋاتقان ھارارەتلىك ئوتنىڭ، مىھرى ئىسسىق ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىمىز ئىىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمايلىنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقىدەك پىداكىرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيىتقاچ، ھېيىت ھەققىدىكى تاتلىق تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئىلھامىغا چۆمۈلگىنىچە ساڭزا سالمايدۇ. چاراسلاپ كۆيىۋاتقان ئوتۇنلارغا قاراپ، قۇملۇق باغرىنى يېرىپ چىققان ئۆلمەس توغراقلار ھەققىدە خىيال سۈرمەيدۇ. قىزىرىپ پىشقان توقاچلارغا قاراپ، يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئويلىمايدۇ، يەڭگىل كۆيۈۋاتقان قۇمۇشقا قاراپ، نۇزۇگۇمنىڭ قۇمۇشلۇق ئىچىدىكى باتۇرلىقىدىن سۆيۈنمەيدۇ، قىزلىق، ئاياللىق، ئانىلىقنىڭ نۇرانە قىرغاقلىرىدىن چەكسىز يىراقلاپ كەتكەن ئۆز توپى ھەققىدە ئىزتىراپلىق ئويلارغا چۆكمەيدۇ... "3i=kvdz  
ئۇ ئەمدى غازاڭ سۈپۈرمەيدۇ، قويلارغا ئوت ئالمايدۇ. لىكىن باھاردىكى گۈللەردىن ئۈزۈپ چىكىسىگە قىسالمايدۇ، ياپېشىل ياپراقلارنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. قوياشلىق تاڭلانى باغاش ئېتەلمەيدۇ.... @:s|X  
باللىرىم توپىدىن قۇتۇلغىنى بىلەن، توپىدىنمۇ بەك مەينەتچىلىككە ئەسىر بولدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى، مەردۇ-مەردانىلىقى ؟بىلەن قان تولغان جەھگاھلاردا  قىلىچ يالىڭاچلاپ كېتىۋاتقان ئەزىمەتلەر ئەمەس، ئشتىنىنىڭ بېغىنى ئېتىشكە ماجالى يوق قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان مەسىتلەر...قۇلاق تۈۋىدە ياڭرايدىغىنى ھۇررا سادالىرى ئەمەس، مەھكۇم ئەرلەرنىڭ نالە- پەريادلىرى...ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ھايا ۋە مىھرىبانلىق بىلەن ئۇچقۇنلىرى نۇر تاراتقان نۇرانە كۆزلەر ئەمەس، نۇمۇسسىزلارچە تىكلگەن خۇنۇك كۆزلەر.....ئۇياتلىق يەرلىرى تامام ئوچۇق شەرمەندىلەر....ئۇلار قاپقارا يۇندىلار ئىچىدە ئەمەس تاڭ شەنبەملىرىگە قېنىپ چوڭ بولىشى كېرەك ئىدى.... ئۇلار نام-مەنپەئەت ۋە ماددى پاراغەتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەن ئادەملەر توپى ئىچىدە ئەمەس ھەمكارلىق ۋە ئادالەتنىڭ، پىداركارلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ  ئۆڭمەس تۇغلىرىنى مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىدىغان كامىل ئىنسانلارنىڭ ھارارەتلىك قۇچىقىدا ياشىشى كېرەك ئىدى..... F_$K+6  
مانا، مەن ئەمدى ئېغىر-ئىغىر يۈكلەرنى يەلكەمدە دەس كۆتۈرۈپ ماڭالمايمەن. لىغىرلىغان تەنلىرىم يۇمشاق كارىۋاتتا بولدۇرۇلغان خېمىردەك يېيىلىپ ياتىدۇ. مۇسكۇللىرىم چىڭىغان، پەيلىرىم قاتقان مەردانە ھالىتىم قېنى؟ قېشىمدا چىھرىدىن غەيرەت –شىجائەت ئۇرغۇپ ، مىھنەت يۇرۇپ تۇرغان چىۋەر ئايالىم ئەمەس، چاچلىرى چۇۋۇلغان، خام سېمىز تۇرقى بىلەن ئاياللىق جەزىبدارلىقىنى يوقاتقان ھورۇن بىر خوتۇن سوزۇلۇپ ياتىدۇ. قۇچىقىمدا ئوغۇلغا خاس روھلۇق ئەركەكلىرىم ئەمەس،بىمەنە فىلىملەرنى تولا كۆرۈپ، بالىلىقنىڭ قوۋناق قوينىدىن ئايرىلىپ، ياتلىشىشنىڭ سوغۇق رىئاللىقىدا غېرىپلىشىپ كېتىۋاتقان ، ھاياتلىققا ئەمدىلا قەدەم باسقىنىغا قارىماي چۈشكۈنلۈكنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان ناتىۋان پەرزەنىتلىرىم ياتىدۇ. نە بىر قۇش، نە بىر تۈپ كۆچەت، نە بىر ھاياتلىقنىڭ نىشانىدىن خەۋەر يوق تار ماكان....مانا بۇ مېنىڭ بىنا ئۆيۈم!.... WJ+<&6W8  
ياق، ياق! ئەي مېنىڭ مەھەللەم مەن ساڭا قايتىمەن، سەندە مېنىڭ توسۇن ئاتتەك شوخ بالىلىقىم ئۆتكەن.سەندە ئاتامنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى ،ئانامنىڭ ئۆلمەس سىماھى بار. بوۋىلارنىڭ يىمىرىلمەس قەلئەلىرى سېنىڭ قوينىڭدا قەد كۆتۈرۈگلۈك، ماڭا راھەت –پاراغەت ئەمەس جاسارەت كېرەك، قۇرۇتتەك ئۆمىلەپ مەھكۇملۇقتا ياشاش ماڭا مەڭگۈ ھاقارەت…. '~E&^K5hr  
مېنى كەڭرى قۇچىقىڭغا ئال سۆيۈملۈك مەھەللەم!..... j !;?=s  
wL2d.$?TEg  
@Zs}8YhC  

گۈلنىھال 2014-01-19 22:45
ئايالىم چاڭ-توزانلارغا مىلەنگىنىچە، يوغان چېلەكلەردە سۇ ئېلىپ چىقىپ چېچىپ ئىشىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈشتىن قۇتۇلغىنى بىلەن، ئاددى ئەمما ئۇلۇغۋار ئادەملەرنىڭ پاكىز تازلانغان يولدا ئېغىر خىياللار ئىلكىدە كېتىۋىتىپ مەمنۇنىيەت بىلەن ئېيتىدىغان خالىس رەھمەت –تەساننالىرىدىن، بەرىكەتلىك دۇئالىرىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، ھيىتلاردا جامائەتلەرنى ئۇزىتىش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپتۇ- يۇ، ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى كۈتۈپ ئىرىشىدىغان بەرىكەتلەرمۇ قولدىن كېتىپتۇ.  ...... ;h3uMUCml  
بۇ ئابزاسلارنى ئوقۇپ ، كونا مەھەللە ، مەھەللىدىكى قوشنىلارنى ،كۆپلەپ ياخشى تىلەكلارگە ئېرىشكەن گۈزەل چاغلارنى ئەسلىمەي ، ھاياجانلانماي تۇرالمىدىم . DL2gui3  
‏ ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، ھارمىغايسىز I`2hxLwh+  
  

تۆتتاش 2014-01-20 00:06
ئىسىت  كەپتەرلىرىمىز، خېلى  ئۇبدان  باقاتتۇق،  تۇخۇلارچۇ  تېخى.  مەن  مانا  مۇشۇ  تۇخۇ  كەپتەرلەرنى  باقالماي  تىتىلداب  كەتتىم، ئۆمرۈم   بەلكىم  نەچچە  يىل قىسقىراپ  كىتىشى  مۇمكىن.  يېزىلاردىكى  كەڭ قورساق  دېھقانلىرىمىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ئەمەس بۇ. b IcLMG s  
ياشىسۇن گۈزەلىككە تولغان  سەھراھنىڭ  كەڭ قورساق دۇنياسى.

گۈلنىھال 2014-01-20 08:46
قېنى ھۆر سۈپەت قىزلارنىڭ ئاتىلار ئالدىدىن ئاۋايلىغىنىچە قىزىرىپ ئۆتۈپ كېتىشلىرى؟ قېنى پەرىشتە سۈپەت ئانىلارنىڭ جەڭنامىلەرنى سۆزلەپ سەبىيلەر قەلبىدە تاتلىق ئارمانلار ئويغۇتۇشلىرى؟ قېنى ئەجداد ئۆگۈتلىرى ياڭراپ تۇرىدىغان ئايكوچىلار؟....قېنى تەۋەرۇك مومايلارنىڭ مۇڭلۇق تىلاۋەتلىرى؟... _5.^A&Y*  
eM+]KG)}  
mTW0_!.  
  ھەقىقتەتەن  ئېسىل جۈملە بوپتۇ "Q#/J)N  
[,Q(~Qb  
  

گۈلنىھال 2014-01-20 08:49
ئايالىم ئۆچكەن ئوتنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈۋلەپ كۆزلىرىگە تۈتۈن كىرىپ ياش ئاققۇزۇشتىن، بەللىرىنى مۈكچەيتىپ تونۇرغا نان يېقىشتىن قۇتۇلغىنى بىلەن ھەققىي ئاياللىق نازاكىتىدىن، ئانىلىق لاتاپىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇ ئەمدى كۈچلۈك يالقۇن چىقىرىپ كۆيۈۋاتقان ھارارەتلىك ئوتنىڭ، مىھرى ئىسسىق ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىمىز ئىىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمايلىنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقىدەك پىداكىرانە روھىغا ئاپىرىن ئېيىتقاچ، ھېيىت ھەققىدىكى تاتلىق تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئىلھامىغا چۆمۈلگىنىچە ساڭزا سالمايدۇ. چاراسلاپ كۆيىۋاتقان ئوتۇنلارغا قاراپ، قۇملۇق باغرىنى يېرىپ چىققان ئۆلمەس توغراقلار ھەققىدە خىيال سۈرمەيدۇ. قىزىرىپ پىشقان توقاچلارغا قاراپ، يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئويلىمايدۇ، يەڭگىل كۆيۈۋاتقان قۇمۇشقا قاراپ، نۇزۇگۇمنىڭ قۇمۇشلۇق ئىچىدىكى باتۇرلىقىدىن سۆيۈنمەيدۇ، قىزلىق، ئاياللىق، ئانىلىقنىڭ نۇرانە قىرغاقلىرىدىن چەكسىز يىراقلاپ كەتكەن ئۆز توپى ھەققىدە ئىزتىراپلىق ئويلارغا چۆكمەيدۇ... ++d(}^C;  
ئۇ ئەمدى غازاڭ سۈپۈرمەيدۇ، قويلارغا ئوت ئالمايدۇ. لىكىن باھاردىكى گۈللەردىن ئۈزۈپ چىكىسىگە قىسالمايدۇ، ياپېشىل ياپراقلارنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. قوياشلىق تاڭلانى باغاش ئېتەلمەيدۇ.... _PD RUJ  
باللىرىم توپىدىن قۇتۇلغىنى بىلەن، توپىدىنمۇ بەك مەينەتچىلىككە ئەسىر بولدى. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى، مەردۇ-مەردانىلىقى ؟بىلەن قان تولغان جەھگاھلاردا  قىلىچ يالىڭاچلاپ كېتىۋاتقان ئەزىمەتلەر ئەمەس، ئشتىنىنىڭ بېغىنى ئېتىشكە ماجالى يوق قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان مەسىتلەر...قۇلاق تۈۋىدە ياڭرايدىغىنى ھۇررا سادالىرى ئەمەس، مەھكۇم ئەرلەرنىڭ نالە- پەريادلىرى...ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ھايا ۋە مىھرىبانلىق بىلەن ئۇچقۇنلىرى نۇر تاراتقان نۇرانە كۆزلەر ئەمەس، نۇمۇسسىزلارچە تىكلگەن خۇنۇك كۆزلەر.....ئۇياتلىق يەرلىرى تامام ئوچۇق شەرمەندىلەر....ئۇلار قاپقارا يۇندىلار ئىچىدە ئەمەس تاڭ شەنبەملىرىگە قېنىپ چوڭ بولىشى كېرەك ئىدى.... ئۇلار نام-مەنپەئەت ۋە ماددى پاراغەتنىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەن ئادەملەر توپى ئىچىدە ئەمەس ھەمكارلىق ۋە ئادالەتنىڭ، پىداركارلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ  ئۆڭمەس تۇغلىرىنى مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىدىغان كامىل ئىنسانلارنىڭ ھارارەتلىك قۇچىقىدا ياشىشى كېرەك ئىدى.....   l!CW E  
   رىئاللىق ..... ھەي ..... ‏  ھارمىغايسىز ، رەھمەت .

قاراخان 2014-01-20 09:31
ئەنە ئاشۇنداق «ئېسىل» بىنا ئۆيلەرگە كۆچسەك، بىزنى ئەنە ئاشۇنداق تۇرمۇشنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، ھازىرقى تەبىئەت قوينىدىكى گۈزەل سەھرايىمنى تاشلاپ، قايناق شەھەر قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىشنى تەقەززالىق ئىلكىدە كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. پات ئارىدا مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن سەھرايىمدىن ئايرىلىمەن، ماڭا ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۆگەتكەن، ھاياتنىڭ ھەقىقىي يولىنى كۆرسەتكەن گۈلىستانىمدىن ئايرىلىمەن، ماڭا ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى تونۇتقان دېھقانلىرىمدىن ئايرىلىمەن، ئاھ! بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز زادى نېمىدۇ؟ ;AMbo`YK[  
   ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم، رەھمەت سىلىگە!

مىېھرىما 2014-01-20 14:43
سەندە ئاتامنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرى ،ئانامنىڭ ئۆلمەس سىماھى بار. بوۋىلارنىڭ يىمىرىلمەس قەلئەلىرى سېنىڭ قوينىڭدا قەد كۆتۈرۈگلۈك، ماڭا راھەت –پاراغەت ئەمەس جاسارەت كېرەك، قۇرۇتتەك ئۆمىلەپ مەھكۇملۇقتا ياشاش ماڭا مەڭگۈ ھاقارەت….   0I_A$Z,x  
مېنى كەڭرى قۇچىقىڭغا ئال سۆيۈملۈك مەھەللەم!..... cpz'upVOZ  
3 $7TeqfAC  
k^3 ?Z2a  
مەن بۇ ماقالىنى  ئوقۇپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم. مەن ئەنە شۇنداق كۈجۈم بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان ئىدىم. me]O  
بۇ بىنادا نە  قولۇم - قوشنا ئارا  چوڭقۇر قوشنىدارچىلىق بولسۇندەيسىز؟!  بەكلا w?_y;&sbR  
ياخشىى ئەسەر بوپتۇ ررەھمەت.

ئەرك 2014-01-20 19:12
ساقلىۋالدىم

ozqan 2014-01-22 22:12
بابۇرشاھ : ئېسىل يازمىڭىزنى ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن ، نەسىرىنىڭ تىلى ناھايىتى يېقىشلىق ، مەزمۇن سالمىقى چوڭقۇر چىقىپتۇ ... `P;fD/I  
دېمىسىمۇ بىزنى راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇش نېمىلەردىن ئايرىپ قويۇۋاتىدۇ  ؟ نېمىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ ؟! `jY*0{  
بالىلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىسنىڭ مۇقەددىمىسى مانا مۇشۇ كاتەكتەك ئۆيلەر بىلەن ئەرلىكىدىن ئايرىلغان دادىلار ، ئاياللىق پەزىلەتلىرىدىن مەھۇرم بولۇپ قالغان ئانىلاردىن باشلىنىۋاتىدۇ ... ;)ff Gg>  
« ئاھ ، ئاتىلار » نامىلىق مەشھۇر شېرئىرنىڭ نەسرىي ۋاريانتى بوپتۇ بۇ نەسىرىڭىز . W]|;ZzZ=m  
نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ... =x "N0p  

ياسىنجان510 2014-01-23 19:16
قەلەم قۇۋىتىڭىزگەقايىلمەن ،ئۈلگىلىك بەسىركەن.

tawpek 2014-01-24 23:02
قارا دىھقاننىڭ ساپ ەھرا ئوغلى ئىدىم،   !$hrK6o  
!I5_ln  
بالىنىڭ كىچىكى بولوش سۈپىتىم بىلەن مەرھۇم ئاتام چىرىغىمنى مۇشۇ بالام ئۆچۆرمەيدۇ دەپ ياسىداق بولمىسىمۇ مولاپ ئۆي سىلىپ تەييار قلىپ بەرسە شارائىتقا كۆز قىزارتىپ خىزمەت ئورنۇمنى باھانە قىلىپ پۇڭلاپ ئۆي ئىلىپ مۇئەللەققە چىقىۋالدىم. (qHI>3tpY  
?,NZ /n  
مانا ئاخىرى دادام بىلەن ۋىدالىشىش پۇرسىتىممۇ بولمىدى، ئانامنى ئەكەلسەم باشقىلار چوڭكەن 120 كەن  دەپ ھەيران قالغان ئۆيۆمنى ئاپام كاتەكتەكلىكەن دەپ تۇرمىدى، ھەپتە ئاخىرىدا قىرىنداشلىرىمنى دەپ بولسىمۇ يۇرتۇمغا كىرىش پۇرسىتىم بار، چوڭقۇر نەپەس ئالىمەن ، 95^w" [}4Q  
 M)Yu^  
3 تەرەپ تاغ، كىچىكىمدە ياماشقان تاغلارغا ھەۋەس بىلەن قارايمەن، مىنى ئۇنتۇپ بولغان تاغىلارغا مىھرىم بىلەن سالام قىلىمەن، نۇرغۇنلىرى تونىمىغاچ تەشۋىشلىنىپ سالام قىلىپ ئۆتىدۇ. M98dQ%4I  
v8 y77:  
ئەڭ چوڭ كىملىكىم مەرھۇم دادام، ئاشۇ دادام بولغاچقىلا خەق مىنى تونويدۇ. ھازىرقى سۈنئى ماكانىمدىمۇ ھەممە ماڭا ناتونوش، A>%fE 6FY  
)qn =  
لىكىن يەنىلا ئاشۇ دادام بولغاچ مەن توختى نادىرنىڭ بالىسى دىسەم تونويدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن باشقىلارغىمۇ خىلى ئىشەنىچ تۇيغۇسى بىرەلەيمەن. Fng":28o  
Zr;.`(>  
خىزمەت ئورنى،كىيىنكى  ئولتۇراق ئورنى،ئات-ئانىسىنىڭ ئۆيى، ئايالىنىڭ مەھەللىسى  ھەممىسى ئايرىم ئايرىم مەمۇرى بۆلۆنمىدە بولسا ئادەمنىڭ قانچىلىك يىتىمسىرايدىغىنن بەلكىم بىر مەن بىلسەم كىرەك. 9gn_\!Mp  
^gw_Up 
تېمىنى ئوقوپ قەلبىمنى بىر نەرسە چۇلغىۋالدى، ئىچ-پۇشۇغۇمنى يەنىلا تەۋپىقداشلارغا تۆكەمەي بولمىدى. o8KlY?hX  
&%f y  
fF_1ZKx+#!  
داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ. Z #w1,n88  
cP$b>3O  
قەلەم ئىگىللىرى بىزدەك ئاجىز كۆزنىڭ ئىگىللىرىگە نىسبەتەن بىر كۆز ئەينەك. nvu|V3B0  
"o<:[c9/  
ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۆپ ھىس قىلالمىغان دۇنيانى سىزدەك تەپەككۇر ئىەىللىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۆپ تىخىمۇ رۇشەن تونوپ يىتىدىكەنمىز.

ئوتلۇق12 2014-01-25 11:22
بىز نىمىلەرگە ئېرىشىپ، نىمىلەردىن مەھرۇم بولىۋاتىمىز؟؟    كونا مەھەللەم!!  ئەجەپ سېغىندىم سېنى!

گۈلنىھال 2014-01-25 11:44
tawpek:قارا دىھقاننىڭ ساپ ەھرا ئوغلى ئىدىم،  بالىنىڭ كىچىكى بولوش سۈپىتىم بىلەن مەرھۇم ئاتام چىرىغىمنى مۇشۇ بالام ئۆچۆرمەيدۇ دەپ ياسىداق بول .. (2014-01-24 23:02) 
Et! 6i7`]  
‏بۇ نەسىرنى ھەم تەۋپىق ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى كۆرۈپ ، بىردىنلا بالىلىق چاغلىرىمدىكى شىرىن ئەسىلىمىلەر ، يەنى ،  يېزىلارغا بارغاندىكى  قوي باققان گۈزەل جاڭگاللار ، قانغۇچە چۈمۈلۈپ ھارمىغان ئۆستەڭ سۇلىرى ، سېخى قۇياش نۇرىغا قېنىپ  پۇتىمىزنى كۆيدۈرگىدەك قىززىپ كەتكەن توپىلار ، دۆۋە - دۆۋە قۇم بارخانلىرى ......   %<O0Yenu  
‏  يەتتە  دۆۋە قۇملۇقلار ئارىسىدا  (  كۆلىمى خېلى چوڭ ئىدى بۇ قۇملۇقنىڭ ، ئەپسۇس ، ھازىر يوقىدى ) يالاڭئاياق يۈگۈرۈشۈپ ، كۆيۈك ئازابىدىن ئېڭراشلار ،  پاتمىچۇق ، سالىمىلارنى تۇتۇپ  ( ئوغۇللار)  قوقۇتقاندىكى ۋەھىمىلەر ،  ئاخشامىلىرى  مۇسابىقىلەشكەندەكلا بەس - بەس بىلەن ئېيتىلغان چۆچەكلار  ..... O?`_RN 4l  
‏ شۇنداقلا يەنە  ، ئۆز بالىلىقىغا قانالمايۋاتقان ، تۆت تام ئىچىدە  بۇرۇقتۇم بولۇپ ، ئاتا - ئانىسىسىن باشقا ئويۇنچۇقلىرىمۇ يوق ، تەبىئەتتىن  ( ئۇرۇقنىڭ موزىيىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان )  ، ئېسىل ئىسلامى ئەنئەنە ، مەدەنىيەتتىن يىراقلىشىپ ، كۈندىن - كۈنگە سەخسىيەتچىلىك ، چۈشكۈنلۈككە غەرق بولىۋاتقان سەبىلىرىمىز ئېسىمگە كېلىۋالدى . R=J5L36F  
‏ مانا مۇشۇنداق رىياللقتا ھەممىدىن ئايرىلىپ قېلۋاتقان سەبىلىرىمىزنىڭ  بىزنىڭ ھەر تەرەپتىن تەربىيلىشىمىزگە ،  ، ئۆلگىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئائىلە تەربىيىسىگە سەل قارىماسلىقىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ، ھەممىنى بۈيۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئادا قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ھەم تونۇپ يېتىۋاتىمەن .

baburxah 2014-01-27 15:04
ھەممىڭلارغا رەھمەت.......جالالىدىن رۇمى دېگەندەك«ھەرقانداق مەھرۇمىيەت مۇيەسسىرىيەت. ھەرقانداق  مۇيەسسىرىيەت مەھرۇمىيەت».......بىز تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشكەن بولساقمۇ، نۇرغۇنلىغان مەڭگۈ قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزدىن مەھرۇم قالدۇق.........يەنىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن مۇستەھكەم  ئەقىدە بىلەن تىرىشچانلىق كورسىتىشىمىز لازىم‏....ئەلبەتتە.

گۈلنىھال 2014-01-27 16:34
‏مۇشۇنداق ئېسىل يازمىللىرىڭىزنى داۋاملىق سۇنۇپ تۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .


查看完整版本: [-- ئەنۋەر بوساق: خەيىر مەھەللەم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled