查看完整版本: [-- ‏ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ‏ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-01-18 20:07

‏ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە

‏ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ۋە تۈرلىرى UsKn4Kh  
‏  ئۇيغۇر خلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق تۈرى .  قوشاق دىگەن بۇ ئاتالغۇ « قوشۇش ، قوشاش ،قوشۇق »  دىگەن سۆزلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ ،  سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك يوسۇندا بەلگىلىك ئۆلچەم ۋە قاپىيە بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلۇشى دىگەن مەننى بىلدۈردۇ ، قوشاق ناخشا ( غەزەل) ، بېيىت ، باللار شىئېرىنىڭ ئومۇمى نامىدۇر . K`2DhJC  
‏  قوشاق ----- ئەمگەكچى خەلق تەرپىدىن ئاغزاكى يارتىلغان ، مۇكەممەل شىئېرى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ،شەكلى ئاددى ، تىلى يېقىملىق ، ھېسسىياتلىق ،يېنىك شىئېرلارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا لىرىك ھېسسىيات ، ھېس - تۇيغۇ ئاساسى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ھېس - تۇيغۇ ئەدەبىياتى دېيىشكە بولىدۇ . c=E.-  
‏  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئانىسى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسى ۋە ئانىسى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبى ھاياتنىڭ باشلانمىسى . S8 
‏ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قوشاقلىرى كىشلەرنىڭ ئەمگەك  پائالىيىتىگە ھەمراھ بولۇپ شەكىللەنگەن .  شۇڭا ئۇ چاغلاردىكى قوشاقلار ئاھاڭ ( كۈي ) بىلەن بىرلەشكەن ئىدى  ھەم ناخشا قىلىپ ئېيتىلاتتى .  قوشاقسىز كۈي ، كۈيسىز قوشاق بولمايتى . قوشاق بىلەن ئاھاڭ بىرلا  ۋاقىتتا ئىجاد قىلىناتتى ، تەبىئىكى ، ئىپتىدائىي قوشاقلار ئاددى ئىدى . K?eo)|4)DB  
‏ دىمەك ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ ، ئېغىزدىن -  ئېغىزغا كۆچۈش بىلەن ئەۋلاددىن - ئەۋلادقا ئۆتۈپ، مەزمۇن جەھەتتىن تولۇقلانغان ، قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەممەللەشكەن ، تىل جەھەتتىن گۈزەللىشىپ، ئۆچمەس ئەدەبىيات بايلىقىغا ئايلانغان . 7nIMIkT:  
‏   ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ ، مەزمۇنغا باي ، ئۇلاردا ھەقىقى تۇرمۇش ، چىن ھېس - تۇيغۇ ، بەختىيار كۈنلەرگە بولغان ئىنتىلىش ، ۋەتەن ، يۇرت ، خەلققە بولغان مۇھەببەت قاتارلىقلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن . -v&srd^  
‏ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا يەنە ئېغىر سىنىپى تۇرمۇش ، سىنىپى زۇلۇم ، زالىملارغا بولغان غەزەپ - نەپرەت ، ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۈرەشلەر چوڭقۇر ئىپادە قىلغان . ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا يەنە يۇرتتىن ئايرىلىپ ، باشقا جايلاردا يۈرگەندە يۇرتنى ،ئۇرۇق - تۇغقان، يا -  بۇرادەرلارنى ياد ئېتىش ، ئاتا - ئانا قەدرىگە  يېتىش قاتارلىق كونكىرتلاشقان ئونىكىتلار ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ ، خەلقىمىزنىڭ گۈزەل مەنىۋى دۇنياسى ئېچىپ بېرىلگەن .  ئەڭ مۇھىمى، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا  ئۇيغۇر خەلقىنىڭئېسىل مىللىي خۇسۇسىيەتلىرى بولغان راستچىللىق ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق ،كاڭ قوساقلىق، ئەپۇچانلىق ، مېھماندوستلۇق پەزىلەتلىرى چوڭقۇر نامايەن قىلىنغان . I<#kw)W!  
‏   ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى تۆۋەندىكى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە : !qq@F%tv  
‏1-  ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ، ئاساسەن ، بىر كۇبلىتى تۆت مىسرادىن ، ، ھەر بىر مىسراسى يەتتە بوغۇمدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ .  ئۇ ئېنىق رېتىم ، تۇراقلارغا ئىگە ۋە كۆپىنچە ئالماش قاپىيە شەكلىدە كېلىدۇ ، مەنە جەھەتتىن ئالدىنقى ئىككى مىسرا بىر مەننى ،  ئاساسى ئوي- پىكىرنى ، كىيىنىكى ئىككى مىسرا ئاساسى مەقسەتنى بىلدۈرىدۇ .  قارىماققا ئۇلار مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ ، ماھىيەت  ، مەنتىقى  جەھەتتىن باغلانغان  بولۇپ، بىرىنچى ، ئىككىنچى مىسرالارى ، ئۈچىنچى ، تۆتىنچى مىسرالاردىكى مەزمۇننى كۈچەيتىش ، جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . مۇنداق مەنزىرىدىن ھېسسىياتقا ، مەقسەتكە ئۆتۈش ئۇسۇلى قوشاقنىڭ بەدئى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ ، لىرىك ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . بۇ پەقەت ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىغا خاس بولغان مۇھىم ئالاھىدىلىكتۇر . B5S1F4  
‏ 2-  ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى كۈچلۈك ئىدىۋى ھېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە . Gy5W;,$q  
‏  3-  ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر ، شەكلى ئاددى ، سۆز ۋاستىللىرى رەڭدار ، ھېس - تۇيغۇ ، لىرىكا ئوخچۇپ تۇرىدۇ . }HzZj;O^2>  
‏ 4- ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھى ، پىسخىك  خۇسۇسىيەتلىرى ، خاراكتىرى ، ئەخلاق - ئېتىقادى ، مىللىي ئۆرىپ - ئادەت ، قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ  ئەڭ ياخشى يەكۈنى  ، خەلق ھاياتىنىڭ ئەينىكى بولۇپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە تارىخنى ئۆگىنىشىدە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بولغان ماتىرىيال . (`N/1}vk  
‏   ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى تېما ۋە مەزمۇنىغا قاراپ : L r,$98Dy  
‏ ئەمگەك قوشاقلىرى ، تارىخى قوشاقلار ، ئىجىتىمائىي تۇرمۇش قوشاقلىرى ، مۇھەببەت قوشاقلىرى ، قائىدە -  يوسۇن قوشاقلىرى دىگەن تۈرلەرگە  ، &*}S 0  
‏ دەۋىر بويىچە ئۆتمۈش خەلق قوشاقلىرى ۋە يېڭى زامان خەلق قوشاقلىرى دىگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ . #r C% \  
‏         ئۆتمۈش خەلق قوشاقلىرى     `u-}E9{  
*VpQ("  
‏   ئۆتمۈش ئەمگەك قوشاقلىرى @1pdyKK  
;RrfE8mGj  
‏  ئەمگەك تىمىسىغا بېغىشلانغان، ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمگەك پائاليىتى، ئەمگەك كۆز قارىشى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى dZm{?\^_  
‏ مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگەن قوشاقلار ئۆتمۈش ئەمگەك قوشاقلىرى دىيىلىدۇ .   ئەمگەك قوشاقلىرى ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان بولۇپ ، ئۇ بارلىق قوشاقلارنىڭ باشلىنىشى . cc>h=%s`  
‏ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئاساسى قىسمىنى فىئۇدالىزىم شارائىتىدىكى ئەمگك پائالىيىتىگە بېغىشلانغان قوشاقلار ئىگىلەيدۇ ھەم  بۇ قوشاقلار ئەمگەكنىڭ زۇلۇملۇق ، ئالۋاڭلىق ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ . ,+JAwII>O  
‏ ئۇيغۇر ئەمگەك قوشاقلىرى ئىچىدە يۈرۈشلەشكەن بىر قىسىم قوشاقلار بار بولۇپ ، ئۇلار : hGpaHY>My  
‏« خامان ناخشىسى » « ھارۋىكەش  ناخشىسى »  « چاق ئىگىرىش ناخشىسى»« ئورما ناخشىسى » ..... قاتارلىقلار بار . !6kLg1  
‏    ئۆتمۈش  ئەمگەك قوشاقلىرىدىن )Wgh5C`  
,\ov$biL  
‏‏   1-  خاڭ قوشاقلىرى   }ufH![|[r  
Eqnc("m)  
S}mqK|!  
‏  يۇرتىمىزنىڭ تاغلىرى ، N"@aisi)  
‏تاغلىرىدا خاڭلىرى. v?vm-e  
‏ خاڭلىرىدا ئىشلەيدۇ ، :>+}|(v  
‏ يوقسۇللارنىڭ بالىلىرى . +O8rjVg)  
H$^IT#  
jbZ%Y0 km%  
‏ ئىلىنىڭ داۋانىدىن، V $Y=JK@  
‏تورۇق ئات ئۆتەلمەيدۇ . -!4Mmp"2@u  
‏خاڭدىكى مۇساپىرلار ، +J [ 
‏پۇلى يوق كېتەلمەيدۇ. N=%4V  
}3HN $Fwo  
‏خاڭنىڭ ئاستىغا كىرىپ ، ?E +[  
‏كۆمۈر بىلەن تاش ئالدۇق . !pT i.3  
‏بالىلارنى خىيال قىلىپ ، ^L4"X~eM  
‏قارا كۆزگە ياش ئالدۇق. ^]n:/kZ5"[  
IEmjWw4  
‏ كېچىلەپمۇ ئىشلەيمىز ، 0]k-0#JM  
‏خاڭلاردا كۆمۈر - تاشقا. Qo\+FkhYq  
‏بوتۇڭ كېلىپ ئۇرىدۇ ، O= 84ZP%  
‏سىم قامچا بىلەن باشقا. uz;zmK  
zBjbH=  
‏بۈگۈن كۈنگە پەيشەنبە ، $N/"c$50,  
‏ئات - ھارۋاڭنى قوش ئەمدى. \Xpq=2`  
‏ئۈرۈمچىگە ماڭدۇق بىز، (W'3Zv'f  
‏ئەل - ئاغىنە ، خوش ئەمدى . -F&*>?I  
M&ec% 
‏بىز ئىلىدىن چىققىلى ، xO<Uz"R  
‏ئۈچ يىلمۇ بولۇپ قالدى. MtXTh*4  
‏جاپانى تولا تارتىپ ، v|#}LQZ  
‏يۈرەك- باغرىمىز تاشتى . *9I/h~I  
x9s1AzM{  
~T'Ri=  
‏ باش ئېتىم چىلان تورۇق ، e SlZAdK  
‏كەينىمدىكى ئالا ئاياق. % 9lx)w  
‏ھارۋىكەش بولىمەن دەپ ، oo{3-+ ?  
‏قالدىممەن يالاڭ ئاياق . 02F[4c~  
oR_qAb  
‏ئۈرۈمچىنىڭ يولىدا ، ^^C@W?.z  
‏ئاندا - ساندا قورام تاش. dW`!/OaQD  
‏جەبىر - جاپا دەستىدىن ، mIy|]e`SJ  
‏كۆزدىن ئاقتى قانلىق ياش . k~,({T<  
C ks;f6G  
‏ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق ، ^/V>^9CZ  
‏چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ . -\dcs?  
‏زالىم تۇڭچىسى بەگلەر ، Wq}Y|0c  
‏بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ. XTro;R=#  
[0M`uf/u  
‏ پۇقرالار كېچە - كۈندۈز ، N7 ox#=g  
‏بۇ دەرياغا ئشلەيدۇ . "PePiW(i+  
‏ئۆيىنى خىيال قىلىپ ، #9e2+5s  
‏زار قاخشايدۇ ، يىغلايدۇ . Bag_0.H&m  
^9zlxs` 
‏ئۆستەڭ چاپماي زالىملار ،  "UUoT  
‏تولدۇرۇپتۇ سېڭىنى . c1M *w9o  
‏ئۆستەڭ چېپىپ ئاچ قالدۇق ، otmyI;v 7<  
‏بىزگە بەرمەس ئۇنىنى. R@ MXwP  
z0 J:"M  
‏دەريانىڭ سۈيى تاشسا ، r"W<1H u  
‏ چوڭ كۈرەنى سوقماقچى . |]'gd)%S\  
‏ئەقىلسىز نادان بەگلەر، J:dNV  
‏ ئادام بىلەن توسماقچى . ZW ZKyJQ  
y<^hM6S?Z  
v;:. k,E0  
2-   ئۆستەڭ قوشاقلىرى V&>mD"~MP  
dUP8[y  
‏   ئاق ئۆستەڭنى چاپسۇندەپ ، ^:]~6p#  
‏جياڭجۈندىن چۈشۈپتۇ خەت. oT[8Iu  
‏پەرماننى ئېلىپ چىقىتى، [(/IV+  
‏زالىم تىلمىچى ئەخمەت. k?ksv+e\  
5Y(f7,JX  
‏بېرىپ ئۆستەڭ بېشىغا  ، VU 8 ~hF  
‏يەردىن چام بۆلۈپ بەردى. o;2QZ"v  
‏جانلاردىن ئۆتۈپ كەتتى، -%t2_g,  
‏ئالۋان سەيسىنىڭ دەردى. ::A]p@  
Gw)>i45 :  
‏ئۆستەڭ چاپمىغان خەقنى، { |[n>k   
‏دارلاپ قامچىغا باستى. y,QJy=?  
‏ چىدىيالماي قامچىغا ،  }L.&@P<  
‏ئۆستەڭ ياقىلاپ قاچتى. j6_tFJT  
A\v(!yg  
‏ئۆستەڭنى چېپىۋىتىپ، "bC1dl<  
‏كەتمەن قايرىلىپ كەتتى . "$Mz>]3&q  
‏كەمبىغەل ھاشار بىلەن، Y3QrD&V  
‏ئۆيدىن ئايرىلىپ كەتتى. Q`kJ3b   
GWvw<`4  
‏چېپىپ پۈتكەن ئۆستەڭدە، qG<3H!Z!ky  
‏سۇلار ئاقار شاقەراپ، j LS<S_`  
‏ئۆستەڭ بويىغا كەلسەك ، 1XpG7  
‏بايلار كېلەر ۋاقىراپ. ``?79MJ5  
6Lb(oY}\3  
‏مىراپلار  مىنەر تايغا ، yCvP-?2  
‏ياقىلار سۇنى بايغا . -Lhq.Q*a  
‏كەمبىغەللەر سۇ دىسە ، omM OA  
‏بېشىنى تىقار لايغا . H[_i=X3-~  
*`q?`#1&&.  
‏دەريا - ئۆستەڭ سۈيىگە ، /&c2O X|Z  
‏مىراپ دىگەن باش ئىكەن. D4b-Y[/"  
‏ئادالەتنى بىلمىگەن، [?6+ r  
‏باغرى قارا تاش ئىكەن. P=_W{6  
Cf 202pF3y  
‏قىيان كەلدى شاقىراپ، HII@Ed f?  
‏كوچىلارنى ياقىلاپ. &?j\=%  
‏جاننى ئالدى بەگ بوجاڭ، 6/0bis H  
‏« توس سۇنى » دەپ ۋاقىراپ . ~A(^<  
M>*xbBl  
xd`\Ai  
‏ھاشار كەلسە قات - قەۋەت ، 0 \1g-kc!v  
‏بىز چېكىمىز نادامەت. SO`b +B  
‏بىرەر قېتىم سۇ تۇتساق ، F~GIfJU  
‏باشقا كەلگەن قىيامەت . CSzu $Hnq  
DH])Q5  
QOv@rP/  
‏مەنبە : كونا دەرسلىك ماتىرىيال eB 
nz/cs n  

ياسىنجان510 2014-01-18 21:26
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئەكس ئەتكەن ئىدىيىۋى خائىشلاربەكمۇ چۇڭقۇر،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرى ئىپادىلىنىدۇ.

مىېھرىما 2014-01-19 01:07
ياىشى تىمىكەن

گۈلنىھال 2014-01-23 16:29
  ‏ %m-U:H.Vp  
كۆچ - كۆچ قوشىقىنى يوللىسام قانداق بولار ؟

ئەكبەرنىياز 2014-01-23 20:16
بۇرۇنلاردا ئويغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ كىيىنكى ئىككى مىسراسىنى ئاساس قىلىپ تەھلىل قىلاتتۇق ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوشاقلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسىدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، بۇ جەھەتتىكى نۇقتىلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز . \q^:$iY~  
گۈلنىھالنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

tawpek 2014-01-23 20:19
مەنە جەھەتتىن ئالدىنقى ئىككى مىسرا بىر مەننى ،  ئاساسى ئوي- پىكىرنى ، كىيىنىكى ئىككى مىسرا ئاساسى مەقسەتنى بىلدۈرىدۇ w@LLxL>Y  
Rx?ze(  
BAtjYPX'w  
ئاۋۇ خۇسۇسىيەتنى ئۇيۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيتى دەيدىكەن. 9dWz3b1[ ]  
W6B"QbHYz  
باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇنداق ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟

گۈلنىھال 2014-01-23 21:15
ئەكبەر ئاكا ، ئىلھامىڭىزغا ھەم مۇكاپاتىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، شۇنداق خۇش بولدۇم

tawpek 2014-01-23 22:25
كۆچ-كۆچ قوشاقلىرى مۇنبەردە بارغۇ دەيمەن. 5{ bc&?"  
u@CQ+pnf:(  
تېما يوللىغاندا مۇنبەردىن ئاۋۋال ئىزدەپ بىقىپ سۇنغايمىز.

گۈلنىھال 2014-01-24 19:29
tawpek:كۆچ-كۆچ قوشاقلىرى مۇنبەردە بارغۇ دەيمەن.تېما يوللىغاندا مۇنبەردىن ئاۋۋال ئىزدەپ بىقىپ سۇنغايمىز. (2014-01-23 22:25) 
k!c7eP"%8^  
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت , يەنە بىر خاتالىقنىڭ ‏ئالدىنى ئالدىڭىز ، رەھمەت !

نۇرسىمانگۇل 2014-01-25 10:33
ياخشى تىمىكەن

رەيھان 2014-05-26 10:47
ياخشى تېمىكەن


查看完整版本: [-- ‏ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled