查看完整版本: [-- قارا خان: مايمۇن ۋە ياغاچ ئالما (تەرجىمە ئەسەر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> قارا خان: مايمۇن ۋە ياغاچ ئالما (تەرجىمە ئەسەر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-01-17 22:38

قارا خان: مايمۇن ۋە ياغاچ ئالما (تەرجىمە ئەسەر)

بۇ مەسەلنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، بىر خەنزۇچە ژورنالدىن كۆرۈپ، بەك تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈرىۋالغان ئىدىم،  بۈگۈن تەرجىمە قىلىپ كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. q/|WkV `m  
                                                  مايمۇن ۋە ياغاچ ئالما @Z50S 8  
                                             دېڭ دى
XIrNT:h4  
  بۇرۇن  ئورمانلىقتا بىر خۇشال-خۇرام مايمۇن ياشايدىكەن، ئۇ ئىنتايىن ئەركىن بولۇپ، نەگە بارغۇسى كەلسە، شۇ يەرگە بارىدىكەن، قورسىقى ئاچسا، دەرەخلەرگە چىقىپ، يېڭى مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يەيدىكەن، ھېرىپ قالسا، بەھوزۇر جايدىن بىرنى تېپىپ، قانغۇچە ئارام ئالىدىكەن. REmD*gf  
    بىر كۈنى ئۇ بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تاماق ئۈستىلىدىكى بىر نەچچە ئالما سېلىپ قويۇلغان قاچىنى كۆرۈپ قاپتۇ، بۇ ئالما ناھايتى چىرايلىق بولۇپ، مايمۇننى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تال ئالمىنى ئېلىۋېلىپ، ئورمانلىققا قېچىپ كېتىپتۇ. uy,ySBY  
    ئۇ ئالمىنى بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ، پۇراپ بېقىپتۇ، لېكىن ھېچقانداق پۇراقنى ھېس قىلالماپتۇ، چىشلەپ يەپ باقماقچى بوپتىكەن، ئالما ئۇنىڭ چىشىنى ئاغرىتىۋېتىپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئالما ياغاچتىن ياسالغان ئىكەن. ئەمما بۇ ئالما ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق بولغاچقا، مايمۇننىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكىسى كەلمەپتۇ. قوياش نۇرى بۇ ئالمىغا چۈشكەندە ئۇ پارقىراپ تولىمۇ جۇلالىق بولۇپ كېتىدىكەن. مايمۇن بۇ جۇلالىنىشنى ئۆزىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەندەك، ئۇنىڭغا يۈز-ئابروي ئاتا قىلىۋاتقاندەك ھېس قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ شەرەپ تۇيغۇسىغا غەرق بوپتۇ،  ھەتتا بىر مەزگىل قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. TF@HwF"#  
     كۆز ئالدىدىكى سانچاق-سانچاق مىۋىگە تولغان شاپتۇل دەرىخى ئۇنىڭغا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ئەسلىتىپتۇ، ئۇنىڭ بىر تال شاپتۇل ئۈزۈپ يېگۈسى كەپتۇ، لېكىن بۇنداق قىلسا قولىدىكى ئالمىنى قويۇپ تۇرمىسا بولمايدىكەن، ئەمما ئۇ بۇ ئالمىنى يەرگە قويۇپ تۇرالمايدىكەن، چۈنكى يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا مايمۇنلار ئۇ ئالمىنى ئېلىۋېلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟! شۇنداق قىلىپ، ئۇ شاپتۇل ئۈزەلمەيلا قالماستىن بەلكى، قولى بوشاپ قالغاندا ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك دەرىجىدىكى ھوشيارلىقنى ساقلاپتۇ. @c8s<9I]  
    شۇنداق قىلىپ، ئورمانلىقتا مەغرۇر، ئەمما بەخىتسىز بىر مايمۇن توختىماستىن ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپتۇ. ياغاچ ئالما ئۇنىڭ قولىدا بارغانسىرى ئېغىرلىشىپتۇ، بىچارە مايمۇننىڭ قورسىقى ئېچىپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كېتىپتۇ. M?UlC   
    ئاخىرى ئۇ يەنە بىر تۈپ شاپتۇل دەرىخىنى ئۇچراتقاندا، قولىدىكى ئالمىنى تاشلىۋېتىپ، شاپتۇل دەرىخىگە چىقىپ، قانغۇچە شاپتۇل يەپتۇ، ھەمدە بۇرۇنقى بەختىيار ھالىتىگە قايتىپتۇ. ~YuRi#CTD:  
IXSCYqoK  
   «مەنىزار » ژورنىلى ياش ئۆسمۈرلەر نەشىرى 2006-يىللىق 24-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە قارا خان )-3!-1  
F_SkS?dB  
1K'0ajl1A  
猴子和木苹果(摘抄)  从前,森林里住着一只快乐的猴子.它自由自在,想去哪就去哪,饿了就上树摘新鲜的水果吃,累了就找一个舒适的地方休息. ?6    
Gvt.m&_  
  一天,它经过一户人家,看到这家的桌子上摆着一个碗,碗里有几个苹果.这些苹果看上去太诱人了.于是,它一手抓起一只苹果,跑回了森林里. l;L&ijTQD  
  [E(DGt  
  它把鼻子凑到苹果前嗅了嗅,但什么味也没闻到.它试着咬了一口,却弄疼了牙齿.原来这些苹果是木头做的.不过,这些木头苹果实在太漂亮了,它可不想放弃.太阳照在这些木头苹果上会散发出耀眼的光彩. GI$t8{M  
i^uC4S~  
  它认为这些光彩成了它的一部份,让它更加体面了.它沉浸在这种荣耀中,甚至一时间忘掉了饥饿. 0 +8ThZ?n  
`q eL$`  
  眼前一棵硕果累累的桃树才让它想到了腹中饥饿.它想摘一只桃,但这样就要放下手中的木苹果. n<CJx+U  
}QncTw0  
   它可不能放下木苹果,因为还有许多猴子正伺机抢夺它们呢!事实上它不但不能摘桃子,而且为了防备木苹果在它松懈时易手,它必需时时保持高度警惕和戒备. ;k7` `  
Q|gu n}  
   于是,在林间小道上,你就看到一个自豪但不幸福的猴子不停的奔波着.木苹果在它手中越来越沉重,可怜的猴子饥肠辘辘. p>K'6lCa  
[X^JV/R  
   终于,当又一棵硕果累累的逃树在它面前出现时,它丢掉了木苹果,爬上了桃树摘桃充饥了.它又变得快乐起来. q9WdJ!-^X  
意林 2006年第24期 D{'Na5(  
邓 笛 `y YgL@Zt  

مىېھرىما 2014-01-18 17:37
شۇنداق ياياخشى بىر ئەسەردىن ھوزۇرلاندۇردىڭىز، تەرجىمە بەك ياخشى چىقىپتۇ. ھارمىغايسىز.

گۈلنىھال 2014-01-18 17:41
‏تەرجىمە قىلالايدىغان « ھۈنەر » مۇ بار دەڭ ، ھارمىغايسىز ، جانلىق تەرجىمە بوپتۇ ، داۋاملىق ئالغا !

سەئىدىيە 2014-01-19 22:56
مەنىسى بار مەسەل ئىكەن ، تۇرمۇشمۇ خۇددى ياغاچ ئالمىغىلا ئوخشايدۇ ، بىز تۇرمۇشتىكى  {Eb6.  
ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىۋالغان ئېغىر يۈكنى تاشلىۋەتكەندىلا ،  ئاندىن تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلالايمىز  . BxqCV%9o  
o&O!Ur  
بىز چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قىلىشىمىز كېرەك .  شۇندىلا تۇرمۇشمىز  تېخىمۇ گۈزەل ۋە مەنىلىك ئۆتىدۇ .

گۈلنىھال 2014-01-20 09:51
S7{.liHf  
بىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ قارىساق ، تۇرمۇش بىزگە كۈلۈپ قارايدۇ   ئەمەسمۇ ؟ z\>X[yNpA  
‏ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ھەققىدىكى قارىشى ئوخشاش ئەمەس . بەزىللىرىمىز تۇرمۇشتىن قاخشاپلا يۈرىدىكەنمىز ، خۇددى ئانىمىز بىزنى  بۇ دۇنياغا ‏بىر قېتىم تەۋەللۇت قىلدىغاندەك . ئادەم ھاياتى پەقەت ئۈمىد سۈيى بىلەنلا ياشىرىپ تۇرىدۇ . ئادەمدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۈمىدۋارلىق بولغاندىلا بۇ ھاياتقا كۈلۈپ باقالايدۇ ، ھايات قىسمەتلىرىگە ئاسان باشمۇ ئەگمەيدۇ ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتىمۇ باي بولىدۇ . روھى دۇنياسى پىچەك كىشىلەر  ھەسەتتىن   خالىي بولالمايدۇ ،  ئۇلارغا تۇرمۇش مەنىسىز بىلىنىدۇ ، كۈنىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلالمايدۇ ......

tawpek 2014-01-22 21:06
مۇنداق ھۆنەرمۇ بار دەڭ. D"4&9"CU  
nVn|$ "r  
داڭلىق خەنزۇچە بەتلەردىن كۈندە بىرەردىن يىڭى خەۋەر تەرجىمە قىلىپ تارقاتساققۇ مۇنبەر تىخىمۇ ئاۋات بولوپ كىتەتتى. {lTxB'W@d  
|\|)j>[i  
ياخشى تەرجىمە بوپتۇ،  بولسا مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى، مائارىپقا ئائىت  مەزمۇنلانى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقايسىز. XL PpxG  
Va@6=U7c  
a,'Ncg  
ئۆزقۇت، ماھى، رەيھان، قاتارلىق تەرجىمانلىرىمىز يوقاپلا كەتتى دىسە،  كۆكبىلىيارتئايمۇ ياخشى تەرجىمە قىلاتتى. ^{*f3m/  
(D>y6r> r  
VX;zZ`BJ  
مانا ئەمدى سىز باركەنسىز،   مۇنبىرىمىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىمۇ ياخشى گۈللىنىپ خىلى بىر خاسلىق ياراتقانتى ئەسلى.

ozqan 2014-01-22 21:27
قاراخان ھەممە جەھەتتە يېتىشكەنكەن ئەمەسمۇ ؟! o}$1Ay*q`  
بۇ تەرجىمە ئەسەرنى ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ، يەنە داۋاملىق تەرجىمە قىلپ تۇرۇڭ ... K`g7$r)U[  
بۇ ماتىريالدىن يېزىقچىلىق سوئالى ئىشلەشكە بولغۇدەك . MGJ.,tK1  
2009-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان سوئالىنى چىقىرىشقا بارغان ۋاقتىمدا مۇنبەردىشىمىز ئۆزقۇتنىڭ بىر پارچە تەرجىمە ئەسىرىنى  دەرستىن سىرتقى تەھلىل قىلىش سوئالىدا ئىشلەتكەن ، بۇ تەرجىمىڭىزنى كۆرۈپ شۇ يادىمغا كېلىپ قالدى . S! v(+|  
ئۆزىدە مەلۇم خېمىرتۇرۇچ بار تۈرلەردە داۋاملىق تىرىشىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭسا ، چوقۇم ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ ...

قاراخان 2014-01-22 21:35
tawpek:مۇنداق ھۆنەرمۇ بار دەڭ.داڭلىق خەنزۇچە بەتلەردىن كۈندە بىرەردىن يىڭى خەۋەر تەرجىمە قىلىپ تارقاتساققۇ مۇنبەر تىخىمۇ ئاۋات بولوپ كىتەتتى.ياخ .. (2014-01-22 21:06) 
Q+[n91ey**  
رەھمەت، خوشال بولدۇم، خەۋەر تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قىلسام بولىدۇ، سىز ماڭا يول كۆرسەتسىڭىز، قايسى مەزمۇندىكى خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلسام ياخشى بولار؟تەرجىمە سەھىپىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپەمنى قوشىمەن، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدىمۇ مەكتەپ گېزىتىدە ئانچە-مۇنچە تەرجىمە ئەسەرلىرىم چىقىپ تۇراتتى، «ئوقۇرمەن» ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلاتتى.

قاراخان 2014-01-22 21:36
ozqan:قاراخان ھەممە جەھەتتە يېتىشكەنكەن ئەمەسمۇ ؟!بۇ تەرجىمە ئەسەرنى ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ، يەنە داۋاملىق تەرجىمە قىلپ تۇرۇڭ ...بۇ ماتىريالدىن ي .. (2014-01-22 21:27) 
%[GsD9_-  
ياق، ئۇنداقمۇ ئەمەس، پەقەت شۇ ئانچە-مۇنچە ھەۋەس بار. تەرجىمەم سىزگە يارىغان بولسا، مەن بەك خۇشال بولدۇم.

ئەكبەرنىياز 2014-01-23 20:43
ھەقىقەتەن شۇنداق ، تۇرمۇشتا بىز دائىم بەزى نەرسىلەردىن كېچەلمەي ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز . ئەمىلىيەتتە ئادەم بىر نەرسىدىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتتا تەبىئي ھالدا ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا بىر نەچچە بەرسىگە ئېرىشكەن بولىدۇ . مېنىڭچە ئادەم چوقۇم ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك ، شۇندىلا بۇ ھايات تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى !!!

قاراخان 2014-05-29 10:37
ئەزىزلەرنىڭ ياقتۇرغىنىدىن خۇشال بولدۇم!


查看完整版本: [-- قارا خان: مايمۇن ۋە ياغاچ ئالما (تەرجىمە ئەسەر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled