قاراخان |
2014-01-17 16:34 |
قارا خان:بىر قىسىم كۆكتاتلارنىڭ تەبىئىتى، تەركىبى ۋە خۇسۇسىيىتى
بىر قىسىم كۆكتاتلارنىڭ تەبىئىتى، تەركىبى ۋە خۇسۇسىيىتى 1.بەرەنگە ( ياڭيۇ( تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، كالتىسىي، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن ب تۈرىدىكىلەر، ۋىتامىن pp، ۋىتامىنC، ۋە مانگان، مىس، سىنىك قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنتلار بار. خۇسۇسىيىتى: تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئالمىغا قارىغاندا 3.5ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئوزۇقلۇق مول بولغان كۆكتاتلاېدىن ھېساپلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي يارىسى بارلارنىڭ ياخشى ئوزۇقى، بۆرەك كېسىلىدىن كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بىخ سۈرۈپ قالغان بەرەڭگىنى يىسە زەھەرلەپ قويىدۇ. 2. تاتلىق بەرەڭگە ( خوڭشۇ) تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفۇر، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ. ماددىلارنى سۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەسكەرتىش: ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىپ، زەردىنى قاينىتىدۇ، دىئابىت بىمارلىرىغا ماس كەلمەيدۇ، داغ پەيدا بولغان تاتلىق بەرەڭگە ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ. 3.تۇرۇپ ( ئاق تۇرۇپ، كۆك تۇرۇپ، قىزىل تۇرۇپ) تەبىئىتى ھۆل سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچىنى يۇمشىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تۇرۇپ تەركىبىدە، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى پارچىلايدىغان، فېرمېىنىت بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە خىل تۇرۇپتا كىراخمال فېرمىنتى دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بولۇپ، ئۇ ھەزىم ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىنى ياخشلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، كۆك تۇرۇپ تەركىبىدە خرون مېيى دېيىلىدىغان بىر خىل فېرمىنىت بولۇپ، ئۇنىڭ ماي ۋە كىراخمالنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بەك كۈچلۈك، قان مېيى يۇقىرى ۋە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. لېكىن تەبىئىتى باشقا تۇرۇپلاردىن ھۆلرەك بولۇپ، بۆرەك مېيىنى سىيرىيدۇ، شۇڭا بۆرىكى ئاجىز كىشىلەر ئىستىمال قىلماسلىقى ياكى ئاز ئىستىمال قىلىشى كېرەك، قىزىل تۇرۇپنىڭ ئۇنداق تەسىرى يوق. شۇڭا بۆرىكى ئاجىز كىشىلەر ئىستىمال قىلسىمۇ زىيىنى يوق. 4. سامساق تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، يىرىك تالا، قەنت، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: چىرىشكە قارشى تۇرۇش، جاراھەتلەرنى تازىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سىپازمىنى بوشىتىش، ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش، يۇقىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، يۈرەكنى كۈچەيتىپ، يۈرەك رېتىمىنى ئاستىلىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئەسكەرتىش: ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەي يارىسى، بوۋاسىر كېسىلى بارلارغا ماس كەلمەيدۇ. سەپرانى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ھامىلدارلارغا زىيان قىلىدۇ. 5. پىياز تەركىبى: ئاقسىل، قەنت ، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىششىق قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، تېرىنى پارقىرىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكنى، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇقىرى قان بېسىمنى، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئەسكەرتىش: ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا زىيان قىلىدۇ، يەل پەيدا قىلىدۇ. 6. غولسامساق( تەيزە) تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس، سېلىن قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئارتىرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە قان نوكچىسى ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئەسكەرتىش: كۆپ ئىستىمال قىلسا كۆرۈش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەزىم قىلىشى ناچار كىشىلەر ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك، جىگەر ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. 7. غولپىياز( سۇڭپىياز) تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس، سېلىن قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: تەرلىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ھەيزنى، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى، باھنى قۇۋۋەتلەش، يۇقىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش قاتارلىق رولى بار. ئەسكەرتىش: كۆپ تەرلەيدىغان ۋە ئاشقازان، ئۈچىيىدە كېسىلى بارلار كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك، ھەسەل بىلەن بىللە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، يەل پەيدا قىلىدۇ. 8. پالەك تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قىزىتما پەسەيتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، سۈيدۈكنى راۋنلاشتۇرۇش رولى بار. ئەسكەرتىش: تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بولۇپ، ئالدىن قايناق سۇغا بېسىۋېتىپ ئىشلىتىش كېرەك، ئىچى سۈرۈپ كەتكەنلەر، تال، ئاشقازىنى ئاجىزلار، بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار، بۆرەك ياللۇغى بولغانلار ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. 9. كۈدە( جۈسەي) تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. گۈڭگۈرتلۈك بىرىكمىلەرمۇ بار. خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش، تەرەتنى يۇمشىتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىش رولى بار. ئەسكەرتىش: ئىسسىق يەل پەيدا قىلىدۇ، قورساقنى ئېسىپ قويىدۇ، ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. 10. يۇمغاقسۈت ( ئاشكۆكى) تەبىئىتى:قۇرۇق سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس يوت قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قان خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قان توختىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، تاماق سىڭدۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش رولى بار. 11. خەس ( ئوسۇڭ، سۇڭزا) تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ياغ، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قاننى تازىلاش، سەپرانى نورماللاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. ئەسكەرتىش: سوغۇقچان كىشىلەر ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك. غولىغا قارىغاندا يوپۇرمىقىدا ئوزۇقلۇق مول، شۇڭا يوپۇرمىقىنىمۇ ئىستىمال قىلغان ياخشى. 12. تەرخەمەك تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، خولىستىروننى تۆۋەنلىتىش رولى بار. 13.پىدىگەن تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس، سېلىن قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قان كۆپەيتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار. 14. قىزىلمۇچ تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق. تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس، سېلىن قاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: تەرلىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار. 15. كۆكمۇچ تەبىئىتى: ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى: قىزىلمۇچ بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەسكەرتىش: كۆك-قىزىلمۇچلارنىڭ ھەممىسى قىزىتىش، تەرلىتىش، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى، 12بارماق ئۈچەي يارىسى بارلار، بوۋاسىر ۋە سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كەتكەنلەر ئېھتىيات بىلەن ئىستىمال قىلىشى كېرەك. 16. چوكا پۇرچاق تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PPقاتارلىق مىكرو ئېلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: ئىچىنى يۇمشىتىپ، يەل ھەيدەش، مېڭىنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار. 17. بېدە كۆكى خۇسۇسىيىتى: ھۆل سوغۇق. تەركىبى: بېدە كۆكىنىڭ تەركىبىدە ئازراق ئاقسىل ۋە ئادەم ئورگانىزىمى ياسىيالمايدىغان لىنزىن كىسلاتاسى قاتارلىق 18خىل ئاممونىي كىسلاتا ،Bگۇرۇپپا ۋىتامىنلار، ۋىتامىن E، ۋىتامىن PP بار، يەنە كالتىسىي، تۆمۈر، مىس، ماگنىي قاتارلىق مىنرال ماددىلار بار. خۇسۇسىيىتى: تەرەتنى راۋان قىلىش قان كۆپەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى سەمرىتىش رولى بار. 18. سەۋزە تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق تەركىبى: سەۋزىنىڭ تەركىبىدە قەنىت، كاروتىن، ۋىتامنىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ئاقسىل، مىۋە يېلىمى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر مىكرو ئىلىمىنىتلار بار، كاروتىن( سەۋزە جەۋھىرى) نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن ۋىتامىن Aغا ئايلىنىدۇ. خۇسۇسىيىتى: رەئىس ئەزالارنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىيىنى كۆپەيتىدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، بەلغەم بوشىتىدۇ. 19. شوخلا ( پەمىدۇر) تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق تەركىبى: شوخلىنىڭ تەركىبىدە قەنت، ئورگانىك كىسلاتالار، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، شوخلا جەۋھىرى ۋە مىنرالنى ماددىلار بار. خۇسۇسىيىتى: سۈيدۈك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئىشتەي ئاچىدۇ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەرلەر شوخلىنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە مەزى بېزى ياللۇغى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.. 20. يېسىۋىلەك( بەسەي) تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق تەركىبى: يېسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار، كالتىسىي، تۆمۈر، فوسفور، مولبېدىن قاتارلىق ئېلىمىنىتلار ۋە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بار. خۇسۇسىيىتى: ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قان پەيدا قىلىدۇ، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ.ئۈچەي يوللىرىنى راۋان قىلىدۇ. 21. كاللەك يېسىۋىلەك( كاپوستا) تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق كاللەك يېسىۋىلەكنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن Cبىلەن ۋىتامىن B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار، كاروتىن، ھەر خىل ئامىنو كىسلاتا ۋە مىكرو ئېلىمىنىتلار، ئاقسىل قاتارلىقلار بار. خۇسۇسىيىتى: سۈيدۈك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. 22. كەرەپشە ( چىڭسەي) تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى: كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە قەنت، يىرىك تالا، ھەر خىل ۋىتامىنلار، ئانئورگانىك تۇزلار، بار، كالتىسىي بىلەن فوسفورنىڭ مىقدارى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا نىسبەتەن كۆپرەك. خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، سۈيدۈك، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ. 23. زەنجىۋىل تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى: زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، زەنجىۋىل جەۋھىرى، ھەر خىل ئامىنو كىسلاتاسى، كىراخمال قاتارلىقلار بار. خۇسۇسىيىتى: ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، يەل تارقىتىدۇ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئارتۇق، قويۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ، خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ. 24. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەبىئىتى: سوغۇق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: تەرەتنى راۋان قىلىدۇ، ئىسسىق سەپرانى ھەيدەيدۇ. ئەسكەرتىش: تال، ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك. 25. ئاخۇنباش ( گۈمبەمەدەك) تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، يود، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: كۆزنى روشەن قىلىش، ئوزۇق بولۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، جىگەر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. 26. قارا قېرىنقۇلاق( قارا مور) تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قان كۆپەيتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، راكقا قارشى تۇرۇش، مېڭە ۋە ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، تەرەتنى راۋان قىلىش رولى بار. 27. ئاق قېرىنقۇلاق ( ئاق مور) تەبىئىتى: مۆتىدىل تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس قاتارلىق مىكرو ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: خىلىت ھاسىل قىلىش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، ئاشقازاننى ئاسراش، يىلىكنى تولۇقلاش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار. 28. لامنارىيە ( خەيدەي) تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP، ماگنىي، سىنىك، مانگان، مىس، يود قاتارلىق ئىلىمىنىتلار بار. خۇسۇسىيىتى: قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئورگانىزىمدىكى يود كەملىكنى تولۇقلاپ، پوقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تازىلاش، بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى ھەيدەش رولى بار. 29. چامغۇر تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق تەركىبى: چامغۇرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، قەنت، كىراخمال، خولىن، مىنرال ماددىلار، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PP قاتارلىق ماددىلار بار. خۇسۇسىيىتى: ئۆپكىنى تازىلاش، مىزاجنى تەڭشەش، بەلغەم بوشىتىش، روھنى جانلاندۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، مەنىينى كۆپەيتىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار. ئەسكەرتىش: كۆپ يېسە قورساقنى ئېسىدۇ. 30. كاۋا تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق تەركىبى: ئاقسىل، ماي، قەنت، يىرىك تالا، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، ۋىتامىن PPقاتارلىقلار بار. خۇسۇسىيىتى: دىئابىت كېسەللىكىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئوزۇقلىنىش جەريانىدا بىلىپ، ھازىرغىچە كاۋىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
مەنبە: «ئۇيغۇر قورۇمىلىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. |
|