abral777 |
2014-01-17 16:19 |
تېما تەتقىقاتىدىن ھاسىلات (ئابلەت ئابلېكىم)
`_z8DA}E تېــما تـــەتقىقاتىدىــــن ھاســىلات ]6FpUF# ئابلەت ئابلىكىم - 2DvKW$ (غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) l4O&*,}l## ئەنگىلىيىلىك مائارىپشۇناس ۋايخېت ‹‹مائارىپ ئىجاتچانلىق روھىغا ئىلھام بېرىشتىن باشلانمىسا،بۇ خىل روھنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئاخىرلاشمىسا ئۇ مۇقەرەركى خاتا مائارىپ بولىدۇ.چۈنكى مائارىپنىڭ بارلىق مەخسىدى ئادەمنى جانلىق پاراسەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت››دېگەن ئىدى.بۇنىڭدىن مائارىپنىڭ مەخسىدىنىڭ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىپ،شەخىسنىڭ رىياللىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.‹ IJ[r!&PY ‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››،‹‹ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا››،‹‹چەتئەل مائارىپىدىن ئۆرنەكلەر››قاتارلىق كىتابلاردىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندىمۇ تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ مائارىپى بىلەن مائارىپىمىزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرىق بولۇپ،بۇ ئەمەلىيەتتە بىلىمنى قانداق يەتكۈزۈش،قانداق قۇبۇل قىلىش مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. :o"9x, تۈگرىنى خام يەيمەن دەپ يىغلاپ تۇرىۋالغان بالىغا نىسبەتەن ياپۇنىيەلىك ئانا بىلەن جۇڭگولۇق ئانىنىڭ پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغان.جۇڭگولۇق ئانا بالىنىڭ تۈگرىنى خام يىيىشىگە قەتئىى يول قويمىغان،ياپۇنىيەلىك ئانا بولسا ئەكسىچە بالىسىنىڭ خام تۈگرىنى يىيىشىگە يول قويغان.بالا يەپ بېقىپ تۈكۈرىۋەتكەن.بۇ قارىماققا كىچىك ئىش بولسىمۇ لېكىن ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. بالىلار ئۆزى بىۋاستە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىگە بولغان تەجرىبە،بىلىم تولىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ. azBYh*s=5{ تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۈگۈنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن،ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىگىدە تەبىئەت،جەمئىيەت ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن مەخسۇس تېمىلارنى تاللاپ ۋە بېكىتىپ،بىلىملەرگە ئېرىشىش بىلەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ئۆگۈنىش پائالىيىتىدۇر. =%=lq0GF0 تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۆگۈنىشنى يولغا قويۇش ـــ ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم،قىيىن،ھەم يارقىن نۇقتىسى بولۇپ،ئۇ بىلىمنى سىنىپتىن تۇرمۇشقا،دەرىسخانىدىن جەمئىيەتكە،كىتاپتىن تەبىئەتكە يۈزلەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش،ھەل قىلش،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈرىدۇ. Bz+zEXBC ئۈگۈنىش ئۈنۈمى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىن ئىگە بولىدىغان بىلىمى83%،ئاڭلاش سېزىمىدىن 11%،پۇراش سېزىمىدىن 3.5 %،تېگىش سېزىمىدىن 1.5%،تېتىش سېزىمىدىن 1% بولىدۇ. on^m2pQ
*p ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئارقىلىق ئىگە بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كىيىن ئەستە قالدۇردىغىنى 60 %،كۆرۈش سېزىمىگە ئىگە بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كىيىن ئىگە بولىدىغىنى70 % ئەتراپىدا بولىدۇ.كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق ئىگە بولۇپ ئۈچ سائەتتىن كىيىن ئەستە قالدۇردىغىنى 90 %ئەتراپىدا بولىدۇ.ئاڭلاش سەزگۈسى ئارقىلىق ئىگە بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئەستە قالدۇردىغىنى 15 %،كۆرۈش سەزگۈسىدىن ئەستە قالدۇردىغىنى 40 %،كۆرۈش ئاڭلاش ئارقىلىق ئىگە بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئەستە قالدۇردىغىنى 70 % بولىدۇ.بۇلاردىن كۆرۈش سەزگۈسى بىلەن ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ ئۈگۈنىشتىكى بىرىنجى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ. {3LAK[C بىزدە ‹‹مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا›› ‹‹مىڭ پارچە كىتاب ئوقۇغاندىن مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەن ئەلا›› دېگەندەك قىممەتلىك دۇردانىلەر بار.شۇڭا تەرەققىي تاپقان ئەللەر مائارىپىغا نەزەر تاشلىساق ئۇلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۈگۈنىش ئەندىسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. C0`Bi:Ze بىز باشقىلارنىڭ تېما تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرۈش،‹‹يىدۇڭ ئايلانما ئىگىلىك باغچىلاشقان سانائەت رايۇنىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش››، ‹‹ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرى››،‹‹يېزىلاردىكى مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا››،«2-دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىكى رولى ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا بىر قىسىم تەجرىبە-ساۋاق ۋە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدۇق. تەجرىبە –ساۋاقلارنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. 14DHU 1) تاللىغان تېما ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى،ئەمەلى ئىقتىدارىغا ماس كىلىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى، زىيادە ئابىستىراكىت،نەزەريىۋىلىكى كۈچلۈك بولۇپ قالماسلىغى،تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئاكادىمىيەلەرنىڭ تەتقىقات تېمىلىرىدىن روشەن ھالدا پەرىقلىنىشى لازىم.
93[
&' 2)ئوقۇغۇچىلار ماقالە يازغاندا سەمىمىي بولۇشى،ماقالىنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش،ماتىريال توپلاش ئاساسىدا يېزىپ تاماملىشى،شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك باشقىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەينەن كۆچۈرۈۋىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. U0J_
3W 3) ئەمەلى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار كىشىلىك ئەخلاققا، جەمئىيەت ئەخلاقىغا قاتتىق رېئايە قىلىشى، سەمىمىي،كەمتەر بولۇپ،تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ غورۇرىغا،ئىززەت –ھۆرمۈتىگە تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم. yQz6K6p 4)تېما ئىشلەش جەريانىدا كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتقاندا ۋە سىنغا ئالغاندا بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك: Hy~+|hLvh 1) سۈرەتكە تارتقاندا ۋە سىنغا ئالغاندا يورۇقلۇققا دىققەت قىلىش،ئاپاراتنى كۈن بار تەرەپكە ياكى ئاسمان تەرەپكە قارىتىۋالماسلىق،بۇنداق بولغاندا سۈرەتكە ئالماقچى بولغان ئوبىيېكتىمىز يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قاراڭغۇ چىقىپ قالىدۇ. 1Qk]?R/DN 2) ئاپارات تۇتقۇچى ئاپاراتنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش،تەۋرىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.بولمىسا سۈرەت سۈپەتسىز، تۇتۇق،سۇۋاشقان ھالەتتە تارتىلىپ قالىدۇ. ^ h?]$P 3) سۈرەتكە تارتقاندا ۋە ئالغاندا ياخشى نۇقتىنى تاللاش،ئاپارات كۆزنىكى ئىچىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ ئىخچام،مەزمۇننى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كىرەك. ]#sF
pWI[N 4) تارتىلغان سۈرەت ۋە فىلىم ھۆججەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك،قائىدىلىك پايدىلىنىش،تېمىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن ئاۋال قائىدە بويىچە كۆرسەتمە ئارگىنالنى ۋە فىلىم ھۆججىتىنى تەييارلىۋىلىش،تەييارلانغان ئارگىنالدا تېما تەرتىۋى، تېمىنىڭ تولۇق مەزمۇنى ئىپادە قىلىنغان بولۇشى كىرەك.تەيارلانغان ماتىرياللارنىڭ فىلىم ھۆججتى،ئاۋاز ھۆججىتى ،خەت قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىشىگە دىققەت قىلىپ قاراش كىرەك. T0e- X 5) رەڭ ئۆزگۈرىشى،تەگلىك رەڭگى بىلەن خەت رەڭگىنىڭ مۇۋاپىق ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىش،ئامال بار رەسىم ئۈستىگە خەت يازماسلىق،ئارگىنالنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.بولمىسا تېما قانچە ياخشى بولسىمۇ،ئەمما ئىپادە قىلىنىشى ياخشى بولمىسا،قۇبۇل قىلىش ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسۈتىدۇ،كۆرۈرمەنلەرگە يېقىمسىز تەسىر پەيدا قىلىپ قويىدۇ. UbDpSfub 6) تېما ئارگىنالى قايسى خىل شەكىلدە تەيارلانسۇن قوللانغان تېخنىكىنىڭ قويۇق سەنئەت تۈسىگە ئېگە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.يەنى سۈرەتكە تارتقاندا فوتۇگىرافلارغا خاس ماھارەت بولۇش،سىنغا ئالغاندا ئوپىراتۇرلارغا خاس ماھارەت بولۇش،كىرىشتۈرگەندە مونتاژلارغا خاس ماھارەت بولۇش،ئاۋاز بەرگەندە دىكتۇرلارغا خاس ھالەتتە سۆزلەش،سۈرەتكە ئېلىنغان مەيداندا ئوقۇغۇچىلار ئارتىسلارغا خاس قىياپەت بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش كىرەك.مۇشۇ جەھەتلەر بىر-بىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلغاندا،ئىشلىمەكچى بولغان تېمىنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە،ئوقۇغۇچىلار تېما ۋاستىسى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدار شەكىللەندۈرۈشكىمۇ زور ياردىمى بولىدۇ. L/c`t7 ئومۇمەن تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۈگۈنىشنى يولغا قويۇش ــ دەۋىرنىڭ تەقەززاسى،ساپا مائارىپى ۋە دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى.شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغىچە تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۈگۈنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىغا بولغان تونۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشى لازىم. `8lS)R!
|
|