abral777 |
2014-01-17 15:57 |
2-دەرسخانا پائالىيىتى...(ئابلەت ئابلېكىم)
[2-دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىكى رولى #\b ;2> ئابلەت ئابلىكىم T'R,vxP)\ (غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) A[9NP-~ 2-دەرسخانا پائالىيىتى دەرسخانىنىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى،يەنى كۇرژۇك پائالىيەتلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ,Oi^ySn بىز ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى «2-دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىكى رولى ئۈستىدە ئىزدىنىش» تېمىسىنى ئىشلەش شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەدەبىيات،گۈزەل-سەنئەت،مۇزىكا،پۇتپول قاتارلىق تۆت كۇرژۇكنى تەتقىقات ئوبىيېكتى قىلىپ،تۈرلۈك كۇرژۇك پائالىيەتلىرىنى پىلانلىق،سىستىملىق ھالدا قانات يايدۇردۇق، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى،مۇھاكىمە يىغىنى، خۇلاسە يىغىنى،كۆرەك پائالىيىتى قاتارلىق تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،2-دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىكى رولىنى يەكۈنلەپ چىقتۇق. LVmY=d> بۇ جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى،2-دەرسخانا پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل قابىلىيىتى ۋە غەيرى ئەقىل قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەتراپلىق يېتەكلەش ئارقىلىق ئەدەبىيات ۋە گۈزەل سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولغان،ئوقۇغۇچىلار يازغان ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپلا قالماي، تۇرمۇشنى، جەمئىيەتنى ئىنچىكە نۇقتىدىن كۆزىتىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى بايقاش، تەقلىدچىلىكتىن خالى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان. ئوقۇغۇچىلار سىزغان 60 پارچىدىن ئارتۇق رەسىمدە رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش، گۈزەل غايە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ،ھەر بىر پارچە ئەسەردە بالىلارغا خاس تەسەۋۋۇر،بالىلارچە تەپەككۈر جىلۋېلىنىپ،كىشىدە ئۆزگىچە ئېستېتىك تۇيغۇ قوزغايدۇ.بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسپەت مۇناسىۋېتىنى بىر تەرەپ قىلىش، كومپۇزاتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش، بوشلۇقنى ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگۈلىك ماھارەت يېتىلدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. J9a $AU* ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار تەقلىد قىلىپ يېزىشتىن ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، ئۆزىنى نامايان قىلشقا،ئۆز ئەتراپىدىكى رېئاللىقتىن تېما ئىزدەشكە قاراپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار سىزغان رەسىملەردە بولسۇن،ياكى ئۇلار ياسىغان قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىدا بولسۇن،بىر خىل ئەدەبىي دىت،بەدىئىي تەسەۋۋۇر چاقناپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش بىلەن سەنئەتنىڭ،ئەمەلىيەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋېتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ،بالىلار ئەسەرلىرىدىكى رەڭدارلىق، خاسلىق ئۇلارنىڭ كۆزىتىش، بايقاش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. E._hg+
(Hi مۇزىكا كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار بەلگۈلىك ئورۇنلاش ماھارىتىنى ھازىرلىغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ سەھنە قىياپىتى، پىسخىك ساپاسى،ئورۇنداش سەنئىتى خېلى يۇقۇرى،كىشىگە خۇددى ئارتىسلار نومۇر ئورۇنداۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇلار ھېسسىياتنى قانداق ئىپادىلەشنى،مەزمۇن بىلەن ھېسسىياتنى بىرلەشتۈرۈشنى،سەنئەتكارلارغا خاس ئوبراز يارىتىشنى بىلگەن.پۇتپول كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى تېخىمۇ ئۈستۈن بولۇپ،ئۇلار جاپالىق مەشق ئارقىلىق پاس بېرىش،شەخسى تېخنىكا،مەيدان ئانالىز قىلىپ تىز ھۇجۇمغا ئۆتۈش،ھەمكارلىشىپ مۇداپىيە قىلىش، ،تاكتىكىلىق ئويناش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگۈلىك تېخنىكىغا ئىگە بولغان. hNVMz`r دېمەك،2-دەرسخانا پائالىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدۇ،ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا ئىنسان روھى كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسى،ئادەم مېڭىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بوزلۇق،بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ئۇلارنىڭ رېئاللققا ماسلىشىش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مائارىپنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئەگەر بالىلار ئەتراپلىق تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىسا،مەكتەپلەر ساپا مائارىپى ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بالىلارغا خاس بولغان تەلىم-تەربىيە قارشى يېتىلدۈرۈپ،بىلىم،ئىقتىدار،ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋېتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىسا،ئىشىنىمىزكى بالىلار ئارىسىدىن ئاجايىپ ئىقتىدارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ. BvI 0v: تېما تەتقىقاتىنى يولغا قويغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە،كۇرجىك ئەزالىرىنى سىستىملىق تەربىيەلەش، يېتەكلەش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.بىز كۇرجىك يېتەكچىلىرىنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم كۇرجىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ،لېكىن بىر قىسىم كۇرجىك يېتەكچىلىرى ھەر كۈنى 8-سائەتلىك تەكرار ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،كۇرجىك ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى.كۇرجىك يېتەكچىلىرىنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى نەتىجىسىدە،قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئالاھىدە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. j]4,6`b\ ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى مەكتەپ «پەرۋاز» گېزىتىدە،20 پارچىگە يېقىن ئەسىرى«ئىلى گېزىتى»«ئىلى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى.بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەق مەيداندا ماقالا يېزىش مۇسابىقىسىدە ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى 1-دەرىجىگە،ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى 2- دەرىجىگە،7 نەپەر ئوقۇغۇچى 3- دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ رىياسەتچىلىك كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ،ئالدىنقى 30 نىڭ ئىچىگە كىردى.مۇزىكا كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىشىشى ئاستىدا چوڭ كۆلەملىك ئۈچ قېتىملىق ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.مۇزىكا كۇرژۇكىدىكى 9 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىلى سىفەن مەكتەپنىڭ سەنئەت سىنىپىغا،15 نەپەر ئوقۇغۇچى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنىڭ ئۇسۇل،مۇزىكا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ،يۇقۇرى نەتىجە بىلەن قۇبۇل قىلىندى.گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار سىزغان بىر قەدەر يۇقۇرى سەۋيىلىك 60 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە كۆرەك پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى.ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە 20 پارچە رەسىم تاللىنىپ،غۇلجا ناھىيەسى بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى.گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياسىغان 50 پارچىغا يېقىن قول-ھۈنەر بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا،مۇئايەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. گۈزەل- سەنئەت كۇرژۇكىدىكى 9 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىلى سىفەننىڭ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ يۇقۇرى نومۇر بىلەن قۇبۇل قىلىندى. مەكتىپىمىز پۇتپول كاماندىسى ئۈچ قېتىملىق قوشنا مەكتەپ كاماندىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم چىمپىيۇن بولدى.مەكتىپىمىز پۇتبول كاماندىسىدىن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ يىل 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللقلار ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. dgY5ccP مەكتىپىمىز ھەرقايسى كۇرژۇكلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە مەكتەپ ھويلا-ئارام تام مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى قارارلاشتۇردى. مەكتەپ تېمى ئېگىزلىتىلىپ،ئاقارتىلىپ،ھەر بىر سىنىپقا 7 مېتىر دائىرە بۆلۈپ بېرىلدى، گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،ھەرقايسى سىنىپلار، كۇرژۇك ئەزالىرى ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئەسەرلىرىنى،ئىجادىيەتلىرىنى تام يۈزىدە نامايان قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. بىز بۇ خىل مەدەنىيەت شەكلى ئارقىلىق مەكتىپىمىزنىڭ خاسلىقىنى يارىتىپ،مەكتەپ ئوبرازىنى نامايان قىلىمىز. W+/2c4$F3 يۇقۇرقى نەتىجىلەر تېما تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،بۇ بىزگە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى،مەسئۇلىيەتچان يېتەكچىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى نەتىجىسىدە كۇرژۇك خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.بىز بۇ جەرياندا تۆۋەندىكىدەك قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇق. [$oM 1) مەكتەپ رەھبەرلىرى 2-دەرسخانا پائالىيىتىگە نىسبەتەن توغرا تونۇش يېتىلدۈرۈشى كېرەك :1N
Ypsd.i ئۇنداق بولمايدىكەن 2-دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولمايلا قالماستىن،قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.نۇرغۇن مەكتەپلەردە 2-دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ «نامدا بار ئەمەلدە يوق»بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپمۇ دەل مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 2-دەرسخانا پائالىيىتىگە قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. mVHFT~x7} 2)قابىل كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 5 Af?Yxv كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنى بېكىتكەندە ئەستايىدىل،مەسئۇلىيەتچان،قابىلىيەتلىكلىرىنى تاللاش كېرەك،بولمىسا كۇرژۇك خىزمىتىدە ھېچقانچە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.كۇرژۇك يېتەكچىلىرىدە بەلگۈلىك تەشكىللەش ئىقتىدارى بولمىسا،تۈرلۈك پائالىيەتلەردە چېچىلاڭغۇلۇق،تەرتىپسىزلىك ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.بىز ھەپتىدە بىر قېتىم كۇرژۇك پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولساقمۇ،لېكىن بىر قىسىم كۇرژۇك يېتەكچىلىرى ھەر كۈنى بىكار ۋاقىت بولسىلا كۇرژۇك ئەزالىرىنى مەشقلەندۈرۈپ تۇردى،بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرلىشى تېخىمۇ تېز بولدى. ?qIGQ/af& 3)كۇرژۇك ئەزالىرىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك 7~L|;^( بۇ كۇرژۇك خىزمىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ھالقا.ئەگەر كۇرژۇك يېتەكچىلىرى نۇقۇل ھالدىلا ئەزا تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىپ،ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە بەلگۈلىك ئىقتىدارى بار ئوقۇغۇچىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلسا،ياكى ئەزا تولۇقلاش ئۈچۈنلا شەكلەن ئەزا قۇبۇل قىلسا،ئۇنداقتا كۇرژۇك خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.شۇڭا كۇرژۇك يېتەكچىلىرى سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئەتراپلىق سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى، تالانتى، ئالاھىدىلىكنى بايقاپ،شۇ ئاساستا ئەزا تاللىشى لازىم.بىز مۇزىكا كۇرژۇكىغا ئەزا قۇبۇل قىلىشتا يۇقۇرقى ئۆلچەمنى ئاساس قىلغان،نەتىجىدە مۇزىكا كۇرژۇكىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى.كۇرژۇك ئەزالىرىنى تاللاشتا يەنە ئەخلاق ساپاسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك،بۇ بارلىق كۇرژۇك ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولسىمۇ،لېكىن پۇتبول كۇرژۇك ئەزالىرىغا نىسبەتەن قاتتىق ئۆلچەم ھېساپلىنىدۇ.پۇتپول پۇت بىلەن ئوينىلىدىغان، خەتەرلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ھەركەتلەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ ئاممىۋى ئاساسىي بىر قەدەر كۈچلۈك.شۇڭا پۇتپولچىدا ياخشى بىر ئەخلاق ساپا بولۇشى كېرەك.توپ تېپىشتىكى،مۇسابىقە ئويناشتىكى مۇددىئا ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك.ئەخلاقىي ساپاسى ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ يېتەكچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بوي سۇنىشى،تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللىشى تېز بولىدۇ. VJGwd`qo*A 4)كۇرژۇك پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك n/Or
~@pHD كۇرژۇك پائالىيەتلىرى ھەپتىدە بىر ياكى بىر قانچە قېتىم ئېلىپ بېرىلغاچقا ئۇنىڭ ۋاقتىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.بەزى ۋاقىتلاردا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۇرژۇك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمايدۇ،مەۋسۈم ئاخىرىغا كەلگەندە كۇرژۇك پائالىيەتلىرى يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.بىزنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىمىزدىن قارىغاندا ھەپتىدە بىر قېتىم كۇرژۇك ئەزالىرىنى يېتەكلەش،مەشىقلەندۈرۈش يېتەرلىك بولمايدۇ،ھەر كۈنى دېگۈدەك يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتقاندىلا،ئاندىن كۇرژۇك ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.پۇتپول كۇرژۇك يېتەكچىمىز ھەر كۈنى بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن،كۇرژۇك ئەزالىرىنىڭ تېخنىكىسى يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ،بىر قانچە قېتىملىق مۇسابىقىدە ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. mJ/^BT] 5)ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان مەيدان ھازىرلاپ بېرىش كېرەك Un~]Q?w ھەرخىل پائالىيەت،تۈرلۈك مۇسابىقىلارنى،كۆرەك پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ،بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.بالىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتا بالىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرەك قىلىش،مەكتەپ گېزىتى ياكى باشقا گېزىت-ژورناللاردا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنسا مەلۇم دەرىجىدە قەلەم ھەققى تارقىتىش ياكى مۇكاپاتلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلارنىڭ سۇبىيېكتىپ تىرىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر.بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنى باشقا مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ پائالىيەت تەشكىللىگەندە،دالا سەيلىسى، ساياھەت، ئېكىسكۇرسىيەلەرگە تەشكىللىگەندە بۇنۇڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېخەتەرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش،بېخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك. ya;@ 6)ئەدەبىيات،گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋۋال پائالىيەتكە تەشكىللەپ،ئاندىن ئەسەر- ماقالا يېزىش، ياكى رەسىم سىزىشقا تەشكىللىسە ياخشى ئۈنۈم يارىتالايدۇ. p
^
}L ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەر يازالماسلىقىدىكى سەۋەب ــ ئۇلارنىڭ ئەسەر يازالمايدىغانلىقىدىن ئەمەس،ئەسەرنى قانداق يېزىشنى بىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي نەرسىلەرنى يېزىشقا كۆپرەك دەۋەت قىلىش كېرەك.ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە تەشكىللەپ،ئاندىن ئەسەر يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، بالىلار ئەسەر يېزىشنى سىرلىقلاشتۇرىۋالىدىغان،نېمە يېزىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلالايدۇ.مەكتىپىمىزنىڭ ئەدەبىيات ۋە گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكى نەق مەيداندا ئەسەر يېزىش،نەق مەيداندا رەسىم سىزىش،دالا سەيلىسى قىلدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. &%@/Dwr 7)مەكتەپ گېزىتى ــ ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىسى r{bgTG مەكتەپ گېزىتى ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنىسى،ئوقۇغۇچى –ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىشتىكى كاتالىزاتۇر ھېساپلىنىدۇ.سۈپەتلىك مەكتەپ گېزىتى چىقىرىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي،مەكتەپ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىكى،مەكتەپ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى يارقىن نۇقتا ھېساپلىنىدۇ. مەكتىپىمىز «پەرۋاز» نامىدىكى مەكتەپ گېزىتى چىقارغان بىر قانچە يىلدىن بۇيان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بولۇپمۇ ئەدەبىيات كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە يۈز پارچە ھەر خىل ژانىردىكى ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ كەلدۇق. PEK.Kt\M 8)كۇرژۇك ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش كېرەك "h^A]t;qe كۇرژۇكلار پائالىيەت قىلىدىغان ئۆي،ئىشلىتىدىغان ئەسلىھەلەر تولۇق بولغاندىلا ئاندىن پائالىيەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ مىكرافۇن،ياڭراتقۇ،ئاۋاز تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تولۇق،سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.مەكتىپىمىز مۇزىكا كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 3000 يۈەن قىممىتىدىكى كېيىم- كېچەك، گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا كېرەكلىك ھەر خىل قوراللار،تەنتەربىيە كۇرژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كېيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپ،كۇرژۇك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى. Zb12:? بىز تېما تەتقىقاتى جەريانىدا قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولۇپ،بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ 2-دەرسخانا پائالىيىتىدە يەنىلا بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدۇق.بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ: z7D*z8,i 1.كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش مەسىلىسى ^\xCqVk_R نۆۋەتتە بەلگۈلىك كەسپى سەۋىيە،مەدەنىيەت ساپاسى ۋە تەربىيەلەش ماھارىتىگە ئىگە كۇرژۇك يېتەكچىلىرى كەم بولۇش مەسىلىسى بىر قەدەر ئومومىلىققا ئىگە،ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.مەكتەپلەردە كۇرژۇك خىزمىتىىنى قوشۇمچە خىزمەت دەپ قارايدىغان خاھىش گەۋدىلىك ،دەرس مىقتارى توشمىغان،بىر قىسىم ئاساسىي دەرسلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۇرژۇك يېتەكچىسى قىلىپ قويۇدىغان،كۇرژۇك پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.شۇڭا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى كۇرژۇك خىزمىتىنى ساپا مائارىپىنى ئەمەلىلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا دەپ قاراپ،كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.مەخسۇس كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىنى ئېچىپ، مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قامدىشى لازىم. *C[4 (Dm
B 2.كۇرژۇك خىزمىتىنى باھالايدىغان ئۆلچەم مەسىلىسى &ryl$!!3H مەكتەپلەردە ئىلمىي بولغان كۇرژۇك خىزمىتىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇرغۇزۇلمىغاچقا،بۇ كۇرژۇك يېتەكچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە.كۇرژۇك يېتەكچىلىرى ھەرقانچە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسىمۇ، مەۋسۈم ئاخىرىدا ئۇنۇڭ پەن نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ،كۇرژۇك خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.بۇ ئۇزۇن مەزگىل دەۋېر سۈرگەن ئىمتىھان مائارىپىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ،بۇ بىزدىن ئوقۇتۇش ۋە تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدە ساپا مائارىپى قارشى يېتىلدۈرۈشىمىزنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. h0'8NvalQ 3.مەخسۇس كۇرژۇك ئۆيى تەسىس قىلىش مەسىلىسى H5F\-&cq نۆۋەتتە بەزى مەكتەپلەردە كۇرژۇك ئۆيى بولماسلىق،يەنە بەزى مەكتەپلەردە كۇرژۇك ئۆيى بولسىمۇ،ئۇنى بارلىق كۇرژۇكلار تالىشىپ ئىشلىتىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.مەكتەپلەر كۇرژۇكلارغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، كۇرژۇك ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ،كۇرژۇك پائالىيەتلىرىنىڭ سىستىملىق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، كۇرژۇك خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.مەكتىپىمىز كۇرژۇك خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە مەكتىپىمىز پۇتبول كاماندىسىغا يەنە مەشىق كىيىمى،كونۇس،يېتەرلىك توپ،زۆرۈر ئوقۇتۇش قوللانمىلىرى،فىلىم قويۇش ئۆيى ۋە ئەسلىھەلىرى،گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىغا نىسبەتەن رەسىم سىزىش تاختىسى، كوزا، تىلۋۇزۇر، DWDقاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى،مۇزىكا كۇرژۇكىغا تۈرلۈك مۇزىكا ئەسۋاپلىرى قاتارلىقلار كەمچىل. a>;3
j شۇڭا مەكتەپلەردە كۇرژۇك ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. [qO5~E`; 4.كۇرژۇكلارنىڭ مەركەزلىشىپ قېلىش مەسىلىسى =rf)yp-D ھازىر مەكتەپلەردە ئەدەبىيات،سەنئەت،تەنتەربىيە،گۈزەل-سەنئەت قاتارلىق كۇرژۇكلار مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇ بىزدىن كۇرژۇكلارنىڭ شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.سەنئەت كۇرژۇكىنى مۇزىكا، ئۇسۇل،ئاكتىيۇرلۇق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ،تارماق كۇرژۇكلارغا ئايرىشقا،گۈزەل-سەنئەت كۇرژۇكىنى رەسىم، خەتتاتلىق،ھۆسنىخەت قاتارلىقلارغا، تەنتەربىيە كۇرژۇكىنى پۇتپول،ۋالىبول قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. مەكتەپلەردە يەنە رېمۇنىتچىلىق،كومپىيۇتېر،فوتۇگىرافلىق قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كۇرژۇكلارنى تەسىس قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا كۇرژۇكلارنىڭ سەنئەت ۋە تەنتەربىيە تۈرىگە مەركەزلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. E< io^ ئومومەن بىز مەزكۇر تېما تەتقىقاتىنى تۇتۇپ ئىشلەش جەريانىدا مول ھاسىلاتلارغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە،ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ كۆپلىكىنى تونۇپ يەتتۇق،تېما تەتقىقاتى بىز ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۆگىنىش جەريانى، ئىزدىنىش جەريانى،تەجرىبە توپلاش جەريانى بولدى.تېما تەتقىقات جەريانىدا قىسمەن سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىدۇق،تېما تەتقىقات لايىھەسىدىكى بىر قىسىم پائالىيەتلەر ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمىدى.تېما تەتقىقات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ تېما تەتقىقاتىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى يۈزە بولۇپ،بەلگۈلىك تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاچقا،تەتقىقات ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسەتتى.تېما تەتقىقاتىنى ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىدە قىسمەن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت.تېما تەتقىقاتىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ،بۇ تېما تەتقىقاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتتى. 9XJ9~I? بىز بۇ قېتىملىق تېما تەتقىقاتىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئۆرنەك قىلىپ،بۇنىڭدىن كېيىنكى تېما تەتقىقات خىزىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىمىز. |
|