查看完整版本: [-- ئىملىق سۆز لەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> ئىملىق سۆز لەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلنىھال 2014-01-16 13:37

ئىملىق سۆز لەر

1-‏   ئىملىق سۆزلەر ۋە مەنىسى‏ ,oe{@ z{*@  
«ئىملىق » دىگەن سۆز « ئىما - ئىشارەت » تىكى « ئىما» سۆزىگە سۈپەت ياسغۇچى قوشۇمچە « لىق » نىڭ قوشۇلۇشى ، « ئا » نىڭ « ئى » غا ئاجىزلىشىشى، كىيىن « ئى» نىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن ھاسىل بولغان .‏  ئىملىق سۆزلەر بىىرەر شەيئى ، نەلگە ، سان ، ھەرىكەت ۋە ھالەت توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق مەنە بىلدۈرمەيدۇ .  ئىملىق سۆزلەر كىشىلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇسى ، پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈش ، نۇتۇقنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پىكىرنىڭ ئوبرازلىق بولىشى ئۈچۈن بەلگىلىك خىزمەت قىلىدۇ .‏‏ئىملىق سۆز دىگىنىمىز‏  ھېس - تۇيغۇ ، خاھىش ، بۇيرۇق ، چاقىرىق قاتارلىقلارغا ئىما بولۇپ كېلدىغان سۆز تۈركۈمىنى كۆرسىتىدۇ .‏ مەسىلەن ، ئۇھ ! ئەجەپ ھېرىپ كەتتىم ، بىردەم ئارام ئالايلى . ( ھېرىش )‏بەللى - بەللى ، تولىمۇ ياخشى قىپسىلەر .( رازىمەنلىك).‏‏‏    2-  ئىملىق سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى‏‏  .zt]R@@6  
   تىلىمىزدىكى ئىملىق سۆزلەر  تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ : ;8Cqy80K  
‏1-) ھېس - تۇيغۇ ئىملىقلىرى‏  كىشىلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىغا ئىما بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەر ھېس-تۇيغۇ ئىملىقلىرى دىيىلىدۇ .‏   ھېس-تۇيغۇ  ئىملىقلىرى كىشىلەرنىڭ خۇشاللىق ، خاپىلىق ، قورقۇش ، تەنە ،مەنسىتمەسلىك ، قايغۇرۇش ، غەزەپلىنىش ، پۇشايمان ، ئېچىنىش ، ھەيران قېلىش ، رازىمەنلىك ، چارچاش ، زوقلىنىش ، زېرىكىش ، ئەجەبلىنىش قاتارلىق ھەققىدىكى نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن : ۋاي-ۋۇي ، ئەجەپ ئوبدان  بوپتۇ ( خۇشاللىق)  .  ۋاي خۇدايىم ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق !؟( قايغۇرۇش) .  خەپ ، ئەدىپىڭنى بەرمىسەم ! ( غەزەپلىنىش ).......‏ 2-)   قاراتما ئىملىقلار‏   كىشىلەرنى قارىتىش ، دىققىتىنى جالىپ قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئىملىقلارنى كۆرسىتىدۇ .‏ ئۇيغۇر تىلىدىكى قاراتما ئىملىقلار « ھاي ،  ھەي ،ئەي، ھوي ،ھۇي » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بۇلار ناشقىلارنىڭ دىققىتىنى سۆزلىگۈچىگە قارىتىش رولىنى ئوينايدۇ .‏ مەسىلەن :  ھەي ، نەگە بارىسەن ؟    ھۇي ، بۇياققا چىقسىلا !‏‏‏ 3-)   بۇيرۇق - چاقىرىق ئىملىقلىرى‏‏ ئادەملەرنىڭ ئادەملەرگە ، ئادەملەرنىڭ ھايۋانلارغا قىلغان تۈرلۈك بۇيرۇق - چاقىرىقلىرىغا ئىما بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەر بۇيرۇق - چاقىرىق ئىملىقلىرى دىيىلىدۇ .‏ ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇيرۇق - چاقىرىق ئىملىقلىرى تۆۋەندىكىچە :‏ مە ، بۇنى يېنىڭغا سېلىپ قوي . (  ئېلىشقا ئۈندەش )‏ بەس ، بولدى . (  بىرەر ئىشتىن توختاشقا ئۈندەش).‏تىنىچ ، پاراڭ قىلماڭ . ( جىم بولۇشقا ئۈندەش) ،‏ چۇھ ، جانىۋار ، ئازراق غەيرەت قىل .( مېڭىشقا ئۈندەش)‏پەش ، (مۈشۈكنى قوغلاش ئىماسى)‏قىخى ،( ئېشەكنى مۋڭىشقا ئۈندەش ئىماسى)‏تۈ تۈ تۈ ، ( توخۇنى چاقىرىش ئىماسى )‏پىش - پىش ،( مۈشۈكنى چاقىرىش) ........‏   ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرقىلاردىن باشقا ھارۋىكەشلەر « ھو -ھو ، ھې -ھې ، ساھ -  ساھ» سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ  ، شۇنداقلا كاسىپلار ( ھۈنەرۋەنلەر )  ئۆز ئىشىنى باشلاشتىن ئاۋۋال ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ پىر - ئۇستازلىرىنى غايىبانە سېغىنغانلىقىنى بىلدۈردىغان ئىملىقلارمۇ بار .‏‏‏‏ |O?Aj1g[c?  
3- ئىملىق سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى '=@x2`U/  
‏ 1-)  ئىملىق سۆزلەر جۈملىدىكى باشقا سۆزلەر بىلەن سىنتاكسسىلىق مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ ، ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن ئېيىتىلىدۇ ، قىمەنلىرىنى ھېسابقا ئالمقغاندا جۈملە بۆلىكى بولالمايدۇ . مەسىلەن : ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن ،( ئاھلىرىم) تۇتقاي سېنى .‏2-)  بەزى ئىملىقلارنى ، يەنى  ئاچچىقلىنىش تۇيغۇسىنى، سوغۇقتىن شۈركىنىش تۇيغۇسىنى، بەزى قۇشلارنى قارىتىش ئۈچۈن قوللىنىلدىغان ئىملىقلارنى ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە يېزىقتا ئپادىلىگىلى بولمايدۇ .‏3-)  ئىملىق سۆزلەرنىڭ بەزىللىرى ئوخشاش بولمىغان تېكىستلەردە ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭدا ئېيتىلىپ ، بىر نەچچە خىل ئىملىق سۆزنىڭ رولىدا كېلەلەيدۇ .ھە !؟ ‏ مەسىلەن ، ۋاي - ۋۇي ، نىمە دىگەن گۈزەل  مەنزىرە -  ‏ھە!؟( زوقلىنىش)‏ۋاي-ۋۇي ، بۇنى مەنمۇ بىلىمەن . ( مەنسىتمەسلىك)‏‏4-) ئىملىق سۆزلەر ئاساسەن تۈرلەنمەيدۇ . :u0433z:  
مەنبە : ۇيغۇر تىلى 2- قىسىم

ئەكبەرنىياز 2014-01-16 14:02
ئويغۇر تىلىغا ئائىت يوللىغان بۇ تېمىڭىزنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

گۈلنىھال 2014-01-16 14:07
سىزگىمۇ رەھمەت ! خۇش بولدۇم مۇكاپاتىڭىزدىن !

مىېھرىما 2014-01-16 14:34
ئۇيىغۇر تىلىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تازا مۇكەممەل ئۆتۇلمىگەچكە بالىلار بۇ ھقتا يىتەرلىك بىلىمگە ئگە بولالمايلا ئوقۇش پۈتۈرىۋاتىدۇ. vIJdl2(^E  
  ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

ozqan 2014-01-16 17:14
ياخشى تېما يوللاپسىز ،  ئىلگىرىكى كونا دەرسلىكلەردە بۇ مەزمۇنلار مۇشۇنداق تەپسىلىي بولسىمۇ ، ھازىر كىتابلاردا ئىخچاملىۋېتىلگەن ، ماتىرياللار تەپسىلىي بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ مەزمۇنلار سەل قارىلىپ ئۆتۈپ كېتىلىۋاتقان ئەھۋال بار .... +*dJddz   
FueJe/~t  
بۇيرۇق چاقىرىق ئىملىقلىرىغا : `uU@(  
قارا ، سەن  تېخى كىچىك بۇ ئىشلارنى ھازىرچە چۈشەنمەيسەن  . دېگەن جۈملىدكى   « قارا » 2'_sGAH  
k"Is.[I?^  
توختا  ، بۇ مەسىلىگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمىسام بولمىغۇدەك  ،- دېگەن   جۈملىدىكى  «توختا » غا ئوخشاش سۆزلەر  ھەققىدە ( ئەسلى پېئىل بولسىمۇ ، ئەسلىدىكى مەنىسىنى يوقىتىپ قويۇپ  ،  جۈملە بىلەن  گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق  سۆز  بولۇپ كەلگەن سۆزلەر ) ئىلگىرى بىز  تەۋپىق مۇڭداش توپىدا مۇنازىرلىشىپ بۇلارنى  بۇيرۇق-چاقىرىق ئىملىقى دەپ ئايرىغانىدۇق ، مەن يەنە بىر قىسىم مۇتەخخەسسىسلەردىن مەخسۇس سورىسام ، بۇلارنى  قىستۇرما سۆز دەپ ئايرىساق مۇۋاپىق بولىدۇ دەيدۇ ...

گۈلنىھال 2014-01-16 21:14
‏كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت  ، مەنمۇ بىلىۋالدىم  !

ياسىنجان510 2014-01-17 13:50
ئىملىق سۆزلەرنى ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.

tawpek 2014-01-20 23:53
ئۆزقان ھەدىمىزنىڭ ئوتتورغا قويغىنى مەن ئۈچۈن بىر يىڭى بىلىم بوپتۇ. Fh "S[e  
\DHCf 4,  
تەشەككۇر گۈلنىھال. n0m9|T&  
#RSxo 4  
D(&OyZ~Q+  
چۇھ ، جانىۋار ، ئازراق غەيرەت قىل .( مېڭىشقا ئۈندەش)‏پەش ، (مۈشۈكنى قوغلاش ئىماسى)‏قىخى ،( ئېشەكنى مۋڭىشقا ئۈندەش ئىماسى)‏تۈ تۈ تۈ ، ( توخۇنى چاقىرىش ئىماسى )‏پىش - پىش ،( مۈشۈكنى چاقىرىش) O$$N{  
i.< }X  
ئاندا ئۈندەشلەرنى باشقا تىللاردا قانداق ئاتايدىغىنى تۇيۇقسىز ئىسىمگە كىلىۋالدى. o ).pF">jh  
qEpBzQ&gX6  
بۇلار دۇنياغا ئورتاق تىلمۇ ياكى؟

گۈلنىھال 2014-01-21 13:39
tawpek:ئۆزقان ھەدىمىزنىڭ ئوتتورغا قويغىنى مەن ئۈچۈن بىر يىڭى بىلىم بوپتۇ.تەشەككۇر گۈلنىھال........ (2014-01-20 23:53) 
;To][ J  
‏ بۇ جەھەتتە ھېچ بىر چۈشەنچەم  يوق تەۋپىق ئەپەندى ، ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت

گۈلنىھال 2014-01-21 13:43
گۈلنىھال:‏ بۇ جەھەتتە ھېچ بىر چۈشەنچەم  يوق تەۋپىق ئەپەندى ، ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت  (2014-01-21 13:39) 
 Re^~8q[  
‏بۇ ئىملىقلارنىڭ دۇنياۋى ئورتاق تىل بولىشى ھەم ناتايىن .

نۇرسىمانگۇل 2014-01-25 10:36
ئىملىق سۆزلەرنى ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.

بابۇر0725 2014-02-18 23:47
ئىقتىدار سىناس سۇئاللىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش زۆرۈرمۇ قانداق؟


查看完整版本: [-- ئىملىق سۆز لەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled