abral777 |
2014-01-16 12:20 |
مۇھىت،ھاياتلىق ۋە بىزنىڭ بۇرچىمىز (ئابلەت ئابلېكىم)
مۇھىت،ھاياتلىق ۋە بىزنىڭ بۇرچىمىز 0'hx w3# ئابلەت ئابلىكىم WQpJd7 (غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) kkBU SSLshY~d تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىغا كۆرسۈتىدىغان ئىستىتىېك تەسىرى ئاجايىپ بولىدۇ.سىز گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىدىن سېھىرلەنگەن چېغىڭىزدا،قەلبىڭىزدىكى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ كۈۋەجەۋاتقانلىغىنى سېزىسىز.بۇ خىل تۇيغۇ سىزگە گۈزەللىكلا ئەمەس،ئۈمىد،ئىشەنىچ ئاتا قىلىدۇ.ئەجداتلىرىمىز تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلىغىنى، خاسىيىتىنى تونۇپ يەتكەچكە،تەبىئەت توغرىسىدا ئاجايىپ گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى،شېئىر – قوشاقلارنى، ماقال-تەمسىللەرنى ئىجات قىلغان.ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەت سۆيەر روھى بۈگۈنكىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن تامامەن كۆتۈرلۈپ كەتكىنى يوق،لېكىن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ،بىر قىسىم كىشىلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيىدىغان،ئاسرايدىغان روھى بىلەن خارەكتېرلەنگەن ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.ماھىيەتتە ئۇلار تەبىئەت بىلەن بولغان ھېسسىيات ئورتاقلىغىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. vB5iG|b} ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ھەرقانداق بىر ھويلىغا كىرسە كىشى خۇددى بىر باغقا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى،ئەتىيازدا چېچەكلەر خۇش پۇراق تارقىتىپ،تالايلىغان ھەرە،كېپىنەكلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلسا،كۈزدە ئالما،شاپتۇل،نەشپۈت،ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ شېرىن تەمى ئاغزىڭىزدا قالاتتى.بولۇپمۇ ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئاددى باراڭلاردا مەي باغلاپ پىشقان ئۈزۈملەر،باراڭلاردىكى كاۋا-قاپاقلار،ھەر خىل گۈللەر دېھقان ھويلىلىرىنىڭ نۇقسانلىرىنى يېپىپ،ھويلىغا كىرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەھلىيا قىلاتتى. شوخلا، مۇچ، بەرەڭگە،قامچا پۇرچاق،پۇرچاق قاتارلىق كۆكتاتلار ھويلىدىن چىقاتتى.ئەمدىچۇ؟بىر قىسىم ھويلا- ئاراملار كۈندىن-كۈنگە قاقاسلىشىپ،شۇنچە چوڭ ھويلىلاردا بىر تۈپ دەل-دەرەخ، مېۋە- چىۋە، كۆكتاتنىڭ يوقلۇغىنى كۆرگۈنىڭىزدە ئەپسۇسلانماي تۇرالمايسىز.مەن بەزىدە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ھويلىلىرىنىڭ رەتسىز،پىلانسىز،ئۇ يەر-بۇ يەرگە قالايمىقان نەرسە دۆۋۈلەپ قويۇلغان،قاقاسلىقىدىن تومۇز كۈنلىرى سالقىندىغىنى كىچىككىنە جاي تاپقىنى بولمايدىغانلىغىنى كۆرگۈنىمدە چوڭقۇر خۇرسىنىپ قالىمەن.ئەجداتلىرىمىز ھويلا-ئارامنى ياشاش ماكانى دەپلا قارىغان ئەمەس،بەلكى ئۇنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى ھىساپلاپ،ئۇنىڭغا قان-تەرىنى،مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاتا قىلغان. #U52\3G ‹‹ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ››دېگەندەك،ئىلگىركىلەر ھايۋان قىغلىرىنى كۆزگە چېلىقمايدىغان يەرلەرگە يىغىپ،ئەتىيازدا ئېتىزغا توشۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.لېكىن ھازىر يېزا-سەھرالىرىمىزدا بىر چىرايلىق يوللارنىڭ دۆۋە-دۆۋە ھايۋان قىغلىرى بىلەن تارىيىپ كەتكەنلىگىنى،سېسىق پۇراقنىڭ ئەتراپنى بىر ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىغىنى بايقايمىز. دېھقانلارنىڭ ئاڭ-ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈزۈكسىز كۆپەيدى.باقمىچىلارنىڭ شاق-شۇمبىغا بولغان ئىھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ،يېزىلاردا مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.پارتىيە-ھۆكۈمەت يېڭى يېزا قۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ،لېكىن كىشىلەرنىڭ مۇھىت ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەپلىك،يېزىلاردىكى مۇھىت بۇلغۇنىش مەسىلىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغان گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. gVU\^KN] 21-ئەسىردە تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەت يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنسان ئويلىنىشقا تىگېشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى،ئورمان ۋە يىپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى،جانلىقلار تۈرىنىڭ جىددى ئازىيىشى،يەر شارى تىمپىراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى،ئوزۇن قەۋىتىنىڭ خورۇشى،‹‹ئاسماندىكى ئەرزائىل›› ـــ كىسلاتالىق يامغۇر قاتارلىق يەر شارى خارەكتېرلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.بىز ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىش ئەھۋالىنى ھېس قىلدۇرۇپ،ئۇلاردا ئىلمىي مۇھىت قارشى يېتىلدۈرۈش،‹‹يېزىلاردىكى مۇھىت بۇلغۇنىشىنىڭ سەۋەبى››ناملىق تەتقىقات تېمىغسىغا ماتىريال توپلاش مەقسىتىدە بىر قېتىملىق يېزا ئەتراپىدىكى مۇھىت بۇلغۇنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق. ئوقۇغۇچىلار يېزىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ،بىر قېتىملىق ئەمەلى مۇھىت دەرىسىگە ئىگە بولدى.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىگىدە مۇھىتنى بۇلغۇغۇچى ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى خۇلاسىلاپ چىقتى:(1) مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ماددىلار ئاساسلىغى دوختۇرخانا،ئاشخانا،ساتراشخانا ۋە ھەر خىل كىچىك تىپتىكى كارخانىلاردىن كىلىپ چىققان.(2) مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ماددىلار ھەر خىل كىرەكسىز يالتىراق خالتا،تۈرلۈك ئەينەك پارچىلىرى، ئىشپىرىسلار،ساتراشخانىلاردىن چىققان ئەخلەتلەر،بىراك قىلىنغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار. ^3|$wB= مۇھىتنى بۇلغىغۇچى ماددىلار ئىچىدە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شاق ــ شۇمبىلىرى، ھايۋانلارنىڭ قىغلىرى قاتارلىقلار ياخشى ئورگانىك ئوغۇت ھېساپلىنىدۇ،يالتىراق پارچىلىرىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولىدۇ،ئەمما دوختۇرخانىلاردىن چىققان كىرەكسىز دورا،ئىشپىرىس قاتارلىق زىيانلىق بۇيۇملارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك.چۈنكى باتارىيە، دورا،ئوكۇل قالدۇقلىرى قاتارلىق زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتقا،دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ev%t5NZ بىز يېزا مەركىزىدىن ئۆتكۈنىمىزدە ئۇ يەر –بۇ يەرگە دۆۋۈلەپ قويۇلغان دۇۋا –دۇۋا ئەخلەتلەرنى،بىر چىرايلىق ياساپ قويۇلغان سىمۇنت ئېرىقلارغا تۆكۈلگەن يۇندىلارنى،يۇندا ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەن سان –ساناقسىز چىۋىنلارنى،ئۇياق - بۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن يالتىراق پارچىلىرىنى،يەرگە تاشلىۋىتىلگەن مېۋە –چىۋە يۆگەلمىلىرىنى،دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان سېسىق پۇراقلارنى ئۇچراتقىنىمىزدا كۆڭلىمىز بەكمۇ يېرىم بولدى،نىمىشقا شۇنچە چىرايلىق يېزا بازىرى بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ؟بۇ تەتقىقات تېمىمىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ماتىريال ھېساپلىناتتى. شۇڭا بىز يۇقۇرقى ئەمەلى پاكىتلارنى تولۇق سۈرەتكە تارتىۋالدۇق،ھەم سىنغا ئالدۇق. *rz(}(r بىز يېزا مەركىزىدىكى تەكشۈرۈشىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، 4 ــ 5 كىلۇمىتىر يىراقلىقتىكى ‹‹قارا سۇ››دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىگە قاراپ يول ئالدۇق،ئاق تېرەكلىك يېزا يولى شۇنچە چىرايلىق بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىككى قاسنىغى ئەخلەت دۆۋىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەندى.كىشىلەر ئەتىيازدا ھويلا – ئاراملىرىنى تازىلىغاندا چىققان ئەخلەتلەرنى مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ تۆكۈۋەتكەن ئىدى.ئەخلەت دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۇچرىتىپلا قالماستىن،ئىت،توخۇ قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىمۇ ئۇچراتقىنى بولاتتى.شۇڭا بىر خىل سېسىق پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. sQAc"S قارا سۇ مەھەللىسىدىكى دېھقانلار بىزگە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىغىنى،يول بويلىرىغا قالايمىقان ئەخلەت تۆكۈش ئەھۋالىنىڭ تىزگىنلىمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىگىنى،قارا سۇ مەھەللىسىدىن سەككىز نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىغىنى،زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغانلارنىڭ دائىم بۇ يولغا كىلىپ قايتىشىدا ئىشپىرىسلارنى دەرەخلەرگە سانجىپ قويدىغانلىغىنى،ئۆزلىرىنىڭ بالىلاردىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغانلىغىنى،يۇقۇرقى ئەھۋاللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىش ئويىنىڭ بارلىغىنى ئىيىتتى. @b*T4hwA. بىز ئالتۇي بازىرىدىن ئاق ئۆستەڭنى بويلاپ توخوچىيۈزى كەنتىگە قاراپ ماڭغىنىمىزدا يەنىلا ئوخشاش ئەھۋالنى ئۇچراتتۇق.بۇ ئەتراپتا مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانى بار بولۇپ،توخۇ باقمىچىلىغى تەرەققىي قىلغان بۇ رايۇندا چىۋىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىدى.چىۋىننىڭ كۆپلىگىدىن ھويلا-ئارامدا تاماق يىيىش تەس بولغاچقا، كىشىلەر ھەزىل قىلىپ بۇ دىھقانچىلىق مەيدانىنى‹‹چىۋىن نۇڭچاڭ›› دەپ ئاتىۋالغاندى. y?z _^ppj ئىلگىرى سەھرالار شۇ قەدەر پاكىز،ھاۋاسى ساپ ئىدى،ئېرىقلاردا سۈپ –سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇراتتى، ھەرقانداق مەھەللىدىن بىر ياكى بىرقانچە باغ ــ ئورماننى ئۇچراتقىلى بولاتتى،تومۇز ئايلىرى يوللارغا سۇلار چېچىلىپ،كىشىلەرنىڭ يول بويى سالقىنداپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى.بۇ خىل ھالەت كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى،ھازىر دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى بەلگۈلۈك دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى،لېكىن يېزا يوللىرى ھايۋان قىغى،توپان-سامان،قوناق شېخى قاتارلىقلار بىلەن تولۇپ،تارىيىپ،ئىلگىركى سۈلكىتىنى يوقاتتى،ئورمان ۋە باغ – ۋارانلار ئازلاپ،دائىرىسى تارىيىپ كەتتى،ئىلگىرى كىشىلەر ئېتىز بويلىرىغا مەخسۇس خامان ياساپ، قوناقلىرىنى تېپىپ قۇرۇتاتتى،ھازىر يېزىلاردىكى تارغىنا سىمۇنت يوللار قوناق تېپىدىغان،قۇرۇتىدىغان ئورۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى.بىر قىسىم كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ باشقىلارنىڭ قاتناش بېخەتەرلىكىنى ئويلىمايدىغان بولدى،شاق –شۇمبا،ھايۋان قىغى بىلەن تارىيىپ كەتكەن يوللار،يول بويىغا تۆكۈپ قويۇلغان دۆۋە – دۆۋە ئەخلەتلەر،كىشىلەرنىڭ كىلىۋاتقانلىغى بىلەن كارى يوق قوناق سورۇۋاتقان دېھقانلارنى كۆرگۈنىڭىزدە تەبىئى ھالدىلا سەھرالارنىڭ ئىلگىركى ھالىتىنى سېغىنىپ قالىسىز. a-A+.7 ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزىسى غۇلجا ناھيىسى بويىچە چوڭ يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شۇنداقلا شەھەرلىشىش،كارخانىلىشىش سۈرئىتى تېز بولۇۋاتقان،پۇقرالارنىڭ ئىستىمال سەۋيىسى يۇقۇرى بولغان يېزىلارنىڭ بىرى.ئوقۇغۇچىلار ئەمەلى تەكشۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا كىچىككىنە يېزىدىكى شۇنچە ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.مەلۇم ساۋاقداش تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بۇ ئەھۋاللار توغۇرلۇق مۇنداق يازىدۇ:‹‹بۇ يەردىكى قىسقىغىنا ۋە ئەمەلى پائالىيىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ھەممىمىز ھەر خىل ئويلارغا چۆمدۇق،ئانا تەبىئەت ئالدىدىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ھەمدە ئىنسانلار ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت پاجىئەلىرىنى قانداق قىلغاندا ياخشى بىر تەرەپ قىلغىنى بولىدىغانلىغى ھەققىدە مۇنازىرىلەشتۇق،مۇشۇ ئورتاق ئائىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا چوقۇم مۇھىتقا قارىتا يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بولۇشى كىرەك››. تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساپ ھاۋاسى،سۈزۈك سۇلىرى،گۈزەل مەنزىرىلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كېلىۋاتقان سەھرالىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى بىزنى مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.تەبىئەت بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى دىيالوگنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى يەر شارىدىكى تۈرلۈك مۇھىت پاجىئەلىرىنىڭ يۈز بىرىشىگە سەۋەپ بولماقتا.شۇڭا تەبىئەت بىلەن ھېسسىيات ئورتاقلىغىغا ئىگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بۈگۈنكىلەرنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. 0tm_}L$g=b ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجداتلىرىمىز قورۇسىنىڭ ئەتراپىغا دەل –دەرەخلەرنى ،ھويلىسىغا ئالما، ئۈرۈك، شاپتۇل،جىنەستە قاتارلىق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىش،ھويلا-ئارامغا بەرپا قىلىنغان ئۈزۈم،كاۋا باراڭلىرىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ غىزالىنىش ياكى ئىشىك ئالدىغا رەڭمۇ-رەڭ گۈللەرنى ئۆستۈرۈش، ھويلا- ئاراملارنى،ئىشىك ئالدىلىرىنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلاش،سۇ سېپىش... قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.بۇ روھنى ھېلىھەم نۇرغۇن كىشىلىرىمىز داۋاملاشتۇتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.لېكىن ھەممە نەرسىنى بازاردىن سېتىۋىلىش مودا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بەزى ‹‹ پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا››دېگۈچىلەر بىر ئوبدان ھويلىسىنى قاقاس تاشلاپ قويۇپ،ئەجداتلىرىمىزدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھويلا –ئارام مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ ئىش قىلماقتا.بۇ ئەلبەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىنى كېرەك.ھويلا-ئاراملىرىمىز ھەرگىزمۇ ‹‹بويۇن قېسىپ››قالمىسۇن. (zJ$oRq يەر شارى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئائىلىسى.6 مىليارتتىن كۆپرەك جاننىڭ ئائىلىسى بولغان بۇ ئەزىز ماكاننىڭ يىلسېرى ئۇلغىيىۋاتقان ھەسرەتلىك نىداسى ھەربىرىمىزنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.ئىشنى ‹‹سەن،ئۇ ››دەپ ئەمەس،بەلكى ئۆزىمىز ھەر بىرتال گىياھتىن باشلاپ قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ئىدىيە تۇرغۇزىشىمىز كېرەك. e|5B1
rMM نۆۋەتتە،سوتسىيالىستىك يىڭى يېزا قۇرۇش،ئېكىلۇگىيىلىك يېزا بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ.شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېزىلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى،پۇقرالارغا قارىتىلغان مۇھىت تەربىيىسى ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ،تۇرمۇش ۋە سانائەت ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ تەن ساغلاملىقى،ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشى ئۈچۈن پاكىز،گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىشى لازىم. 6
,pZRc `k{ ff 9HNh*Gc=
|
|