شەرق |
2014-01-16 00:42 |
تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىلانى
9-يىللىق(1-مەۋسۆملۈك) تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىلانى مۇزەپپەر رئالىم
تۇققۇزيىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ بۇيىچە تىل- ئەدەبىيات دەرىس ئىسلاھاتىدا ماركىسزىم ۋە ئىلمىي مائارىپ نەزىريىسنى يىتەكچى قىلىپ دۆلتىمىز تىل-ئەدەبىيات مائارىپىنىڭ مۇۋاپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرنى يەكۈنلەپ ھەر قايىسى دۆلەتلەرنىڭ ئانا تىل مائارىپ ئىسىلاھاتىنىڭ تەجىربىلىرنى ئەينەك قىلىپ تىل-ئەدەبىيات مائارپىنىڭ قانۇنيەتلىرىگە رىئايە قىلىدىغان ھالدا ھازىرىقى زامان جەمىئيەت تەرەقىياتىغا ئۇيغۇن بۇلغان تىل-ئەدەمىيات دەرسنى بارلىققا كەلتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسنى يىتلىدۇرۇش جەھەتلەردە تىگشلىك رۇلنى جارى قىلدۇرشمىز كىرەك. دەرىسنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى: 1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ساپاسىنى ئومۈميۈزلۈك ئۆسىتۈرۈش تۇققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرىسى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يوزلەندۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنى تىل-ئەدەبىيات ساپاسىغائىگەقىلدۇرۇش لازىم.تىل-ئەدەبىيات دەرىسى ئوقۇغۇچىلاردا ئۈز مىلىتىنىڭ تىل-ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈش ھىسىياتنى يىتلىدۇرۇش .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنى تۇغىرا چۇشۇنىشىگە ۋە قۇللىنشقا كاپالەتلىك قىلىپ ،تىل جۇغلانمىسنى بېيىتىپ، تەپپەككۈرنى تەرەققىي قىلىدۇرۇپ، ئۇلارنى ئىھىتياجىلىق بۇلغان ئەمەللى يېزىش، ئوقۇش،ئاغىزاكى ئالاقە قابىليىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. 2.تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئالاھىدىلىكنى تۇغرا ئىگەللەش تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىكى مۇل گۇمانتار مەزمۇنلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رۇھى دۇنياسىغا تەسىرى چۇڭقۇر بۇلىدۇ.تىل-ئەدەبىيات ماتېرىياللىرىغا بۇلغان ئىنكاسىمۇ كۆپ مەنبەلىك بۇلىدۇ شۇڭا تىل-ئەدەبىياتىنىڭ يەربىيلەش،جەلىپكارلىق رۇلىغا ئەھىمىيەت بېرىپ ئوقۇتۇش مەزمۇننىڭ قىممەت يۇزلىنشىەە دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنش جەرياندىكى ئۈزىگە خاس كەچۈرمىشىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم.تىل-ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئەمەليەتچانلىقى ناھايىتى كۆچلۈك ،تىل-ئەدەبىيات بىلىمىلىرنىڭ سىسىتملىقنى ۋە مۈكەممەلىكنى ئۆلۈك ھالىدا قۇغلىشش مۇۋاپىق ئەمەس. تىل-ئەدەبىيات دەرىسى –ئاناتىل دەرىسى. ئۇنى ئۆگىنىشىنىڭ مەنبەسى ۋە پۇرىقى ھەر قاچان ھەممە يەردە بار.شۇڭا ئوقۇقۇچىلارنى تىل-ئەدەبىيات سەھنىسى بىلەن تىخىمۇ كۈپ ئۇچىراشىتۇرۇش كىرەك. 3.مۆستەقىل ئۈگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۈگىنىش، ئىزدىنىپ ئۈگىنىشىتن ئىبارەت ئۈگىنىشنى تەششەبۇس قىلىش لازىم. 4.ئېچىۋىتلىگەن ھاياتى كۈچكە ئىگە تىل-ئەدەبىيات دەرىسنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم. 5.تۇلۇقىسىز 9-يىللىق1-مەۋسۆملۈك تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئۇمۇمى نىشانى: يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى بۇيىچە تۇزلىگەن قۇلىمىزدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى (9-يىلىقىلار ئۈچۈن) مەزمۇن،شەكىل جەھەتتە مۇكەممەل ،رەڭىدار، سېسىتمىلىق، بۇلغان يېڭى دەرسىلىك، يېڭى ئىدىيە تۇلۇق ئەكىسى ئەتتۈرلىگەن.نۇقۇل ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلاي بىلەن چەكلىندىغان تۇزۇش سىستىمىسى ئىسلاھ قىلىنغان .تىل-ئەدەبىيات قابىليىتىنى كۈرسىتىش يېڭىچە سىستىما بەرپا قىلىنغان.ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئۇنۋىرسال ساپاسنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،تىل-ئەدەبىيات دەرىسنى ئىپادىلەش شەكلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنش شەكلىنى ئۈزگەرىتش ئىلگىرى سۇرىلگەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش داۋامىدىكى ئاساسى گەۋدىلىك ئۇرۇننى تىكلەشكە كۈچ چىقىرلىغان دەرسلىك بۇ يېڭى دەرىسلىك بىلەن تۇنۇشۇش ۋە ئۇنى ئوقۇتۇش خىزمىتىدە جانلىق ئىشلىتىش ئوقۇتقۇچىلاردىن مۆكەممەل بۇلغان تىل-ئەدەبىيات بىلىمى ۋە ئۈنۋىرسال ساپا بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى غەلبە بىلەن نەتىجىلىك ئاياقلاستۇرۇش شۇنداقلا مىللەتنىڭ كەلگۇسى بۇلغان ئىز باسارلارنى ئەقىلى،جىسمانى جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتشكەن، ئادىمىلىك پەزلەتكە ئىگە ئۈزنىڭ كەلگۈسى نىشاننى پۇخىتا تۇرغۇزالايىدىغان ئۈز ئاناتىلى ۋە مەدەنيىتىنى پۇخىتا ئىگەلىگەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈدىغان ،ئىجادىچانلىق قابىليىتىنى يېتلىدۈرگەن قىلىپ چىقىر ىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش لازىم. تۇلۇقىسىز 9-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۆملۈك تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدەئالتە بۆلەك24دەرس بىر مەشھۇر ئەسەرنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش،بىر مەخىسۇس تىما، بەش ئۇنىۋىرسال ئۈگىنىش ۋە ئىزدىنىش دەرىسى، ئۇيغۇر تىلى، خەت- چەكلەر قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆتۈلىدۈ. 4.دەرسىنىڭ خارەكتىرى ۋەئورنى: تىل-ئەدەبىيات ئەڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى. ئىنسانلار مەدىنيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.قۇراللىق خارەكىتىرى بىلەن گۇمانتارلىقىنىڭ بىرلىكى-تىل –ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى. 5.دەرسلىك ئانالىزى
9-يىللىقلار ئۈچۈن يۈزۈلىگەن 1-قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرىسى جەمئيى ئالتە بۇلەك بۇلار ‹‹نۇتۇقلار››، ‹‹شېئىرلار››، ‹‹ھېكايلەر››، ‹‹مۇھاكىمىلىك ئەسەرلەر››،‹‹سەئىدىيە خانلىقىدىن كېيىنكى شېئىرىيەت››،‹‹ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››بەش ئۈنۋىرسال ئۈگىنش ۋە ئىزدىنىش، بىر مەشھۇر ئەسەرنى يۇنۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش، بىر مەخىسۇس تىما بىرلىگەن. يوقۇرىقى بۆلەكلەرنى ئوقۇتۇش ۋاقىتى 15 ھەپتە، 71 سائەت، ھەپتىدە بەش سائەت. 6.بۆلەكلەر ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى: بىرىنچى بۆلەك: نۇتۇقلار ئونۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بۇ بۆلەك ئارقىلىق ئىنسانىيەتىنىڭ ئۆتكۈر ، جانلىق تەپپەككۈرنى، مۇل ھسياتىنى ھەمىدە نورانە ئىدىيىسنى ھىس قىلدۇرۇش بىلەن جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ پەرقىنى تونۇتۇپ ئۇخشمىغان شارئىتتە جانلىق تىلنى قۇللىنىش ماھارىتى ئىگەللىتىلىدۇ. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى: 1. ئوقۇغۇچىلارغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بورۇچ تۇيغۇسنى ھىس قىلدۇرۇش 2. ئوقۇغۇچىلارغا ناتىقلارنىڭ دۇنيا قارشى ۋە ئۆزگىچە نوتۇق ئۇسلۇبىنى ئىىگەللىتىش. 3. ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي نوتۇق ئورگىنالى تەييارلاش، نوتۇقىنىڭ قاراتمىلقىغا ئىگە كۆز قارشىنىڭ تۇغرا، رۇشەن، ھىسياتلىق ئاڭلۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلارلىق بۇلشغا دىققەت قىلشنى ئۆگىتىش. 4. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا ئاغزاكى ئالاقە تېمىسى لايھىلەپ، ئاغزاكى ئالاقە پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئاغزاكى ئالاقە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرشكە يېتەكلەش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۈرۈش NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 1. كەسپىنى قەدرلەش ۋە كەسپىكە ئىشتياق باغلاش 2 سائەت 2 2.ۋۇلتىر ۋاپاتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش نۇتىقى 2 سائەت 3 3.ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلمىيى مۇھاكىمە يىغىندا سۆزلەنگەن سۆز 2 سائەت 4 4. قىزمغا خەت 2 سائەت 5 ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش 2 سائەت بۇ بۆلەك جەمىئي 9 سائەت ئۆتىلىدۇ ئىككىنچى بۆلەك: شېئىرلار: ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بۇ بۆلەك ئارقىلىق شېئىردىكى تەبىئەت گۈزەللىكىنى، گۈزەل مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن قەلىب سادالىرنى، شائىرنىىڭ ئىدىيۋى- ھىسياتىنى ھىس قىلدۇرۇپ، مەنىلىك، تاۋلانغان، نەپىس شېئىرى تىللار ئىگەللىتىلدۇ. ھاياتىنىڭ مەنىسى، تەبىئەتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرىلدۇ. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى: 1. ئوقۇغۇچىلارغا مەشھۇر شائىرلارنىڭ شېئىردىن ھۆزۈرلىنش، ۋە ئۇلارنى يادىلاش، شېئىردىكى ئۇبىراز ۋە ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى ھىسىياتتىن تەسىرلىنىش. 2. ئوقۇغۇچىلارغا شېئىردىكى پىشقان، جانلىق، مەنىلىك سۆز ئىبارىلەردىن لەزەتلىنىش، چۈشۇنۈش، ئۇلاردىن تەسىرلىنىشنى ئۆگىنىش. 3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئەت لىرىكىلىرىغا سڭدۈرلگەن ئىدىيە ۋە ھىسىياتتىن ھۆزۈرلىنىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش. 4. ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئەتىنىڭ تىلىنى ئىگەللەپ، تەبىئەتىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سىلىشنى ئكگۈنىۋىلىشنى ئۆگىتىش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۈرۈش:
NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 5. ياز تۇنى 2 سائەت 2 6. باھار تەسىراتى 2 سائەت 3 7. شۇنداق ئۇرۇنلاردا 1 سائەت 4 چەتئەل شېئىرلىردىن ئىككى پارچە 2 سائەت 5 ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش 2 سائەت
مەخسۇس تېما: 3 سائەت ئۇتلىدۇ. يۇقىرىقى بۆلەك جەمئيى 12 سائەت بۇلدۇ. ئۈچۈنىچى بۆلەك: ھېكايىلەر ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بۇ بۆلەك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى بۇلغان ھېكايىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ قايغۇسى، خۇشاللىقى، ئايرىلىشى، جەم بولۇشى، گۈللىنىشى، خاراپ بولۇشى، ئار-نومۇسى، دەۋىرنىڭ قىياپىتى، رۇھى ھالىتنى، ئەكىسى ئەتتۇرۇپ، ئەدەبىيى ئەسەرللەردىن تەلىم ۋەئىلھام ئىلپىلا قالماستىن، بەدئىي زۇق ئىلش مەقسەت قىلىندۇ. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى: 1.ئوقۇغۇچىلارغا ھېكايىنىڭ باش تېمىسى ۋە شەخسلەرنىڭ كۆپ خىل مەنىۋى دۇنياسىنى، ھېكايىدە ئىپادىلەنگەن ئىجتمائىيى كىشلىىك ھايات كارتىنىسىنى چۈشەندۈرۈش. 2.ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتۇرنىڭ ھېكايدە ياراتقان پىرسۇناژلارنىڭ ھېكايىدە پۇزۇتسيىسى ۋە ئىپادىلەنگەن ھېسىياتىنى ھىس قىلدۇرۇش. 3. ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بۇلمىغان ئاپتۇر، ئۇخشاش بۇلمىغان ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن ھۆزۈرلىنىش. 4. ئوقۇغۇچىلارنى ئەسەردىن تەسىرات ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش. 5. ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىلىشش نىشانغا ئاساسەن سالام خەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئىدىيىسنى دەل جايدا ئىپادىلەپ ھېسىيات ئالماشتۈرشنى ئۆگىتىش. NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 9. يۇرتۇم 2 سائەت 2 10. ئۇغلى بىلەن كۆرۈشۈش 2 سائەت 3 11. تاغام ژۇيۇل 2 سائەت 4 12. پالۋان كەلدى 2 سائەت 5 ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ۋەئىزدىنىش 2 سائەت يۇقىرىقى بۆلەك جەمئيى 10 سائەت ئوتىلىدۇ. تۆتىنچى بۆلەك: مۇھاكىمىلىك ئەسەرلەر ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بۇ بۆلەك ئارقىلىق كىتاپ ئوقۇغاندا ھەزىم قىلىپ، پىكىر يۇرگۇزۇپ تورۇپ ئەقىل بىلەن ئوقۇش. ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەۋھەرلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن مېغىزنى چقىش ۋە لەززەت ئېلىشنى بىلىش ئىگەللىتىلىدۇ. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نېشانى: 1.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆتۈلگەن ئالىمىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇپ ئىلىم تەھىلىل قىلش تەجىربىسنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىىساسلىقىلار ھەققىدىكى قارىشى ۋە ئۆگىنىش ئىدىيىسنى ئىگەللىتىش. 2. ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، ئەتىراپلىق تەپپەككۈر قىلىش، ئاپتۇرنىڭ ئاساسى قارشى ۋە ئەسەرنىڭ مەزمۇننى ئىگەللەش، ئىجادىيى تەپپەككۈرنى جارى قىلدۇرۇش، مەنىسى چوڭقۇر ئەقىل، پاراسەتكە تولغان سۆز-جۈمىللەرنى بايقاپ، تەكىرار ئوقۇپ بۇ سۆز قۈمىللەرنىڭ مەنىسى ۋە ئەسەردىكى رۇلنى چۈشنۋىلشقا يېتەكلەش. 3. ئوقۇغۇچىلارغا ئۇخشاش بولمىغان بايان قىلىش ئوسۇلنى ئۆگىتىش ( مەسلەن، سۆھىبەتلىشش شەكلى، خاتىرە شەكلى، مونۇلۇگ شەكلى) ھەمىدە مۇئاييەن ئىپادىلەش شەكىلىگە تەقلىد قىلىپ، ئەقلىي تەپپەككۈرغا ئىگە سۆز جۈمىللەرنى يازدۇرۇپ كۆرۈش. 4. ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئۆزنىڭ مەسىللەرگە بۇلغان قارشنى ئۆگىتىش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى: NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 13. مۇۋاپىقىيەت 2 سائەت 2 14. ئىلىم ۋە ئەقىل- پاراسەت 2 سائەت 3 15. ئىلىم تەھسىل قىلش ھەققىدە 2 سائەت 4 16. كىتاپ ۋەكىتاپ مەدىنىيىتى 2 سائەت 5 ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش 2 سائەت يۇقىرىقى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى 10 سائەت بۇلىدۇ. مەشھۇر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرش ۋە ئوقۇش ‹‹ ئانا يۇرت› 4 سائەت ئۇتلىدۇ بۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى: 1..ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتۇن كىتابىنى ئوقۇش قابلىيتىنى يەنمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش 2. ئوقۇغۇچىلارنى مەشھۇر ئەسەرلەردىكى ئىسىل پارچىلارنىڭ قىممىتىنى تولۇق ھىس قىلش. 3. ئوقۇغۇچىلارنى رۇماندىكى مۇھىم پىرسۇناژلارنى ئۆزچۆشەنچىسى بۇيىچە تەھىلىل قىلشقا ھەمىدە مۇشۇ ئاساستا تارىخ، جەمئىيەت ۋە كىشلىك ھايات تۇغۇرسىدا يېڭى چۆشەنچىگە ئىگە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش. 4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىرسۇناژلارنى تەسۋېرلەشتكى بەزى بەدئىي ۋاستلەرنى ئۆگنىشگە ياردەم بېرىش. 5.‹‹ تونۇشتۇرۇش ۋە ئوقۇش››، مۇھاكىمە،‹‹ يىزقىچىلىق ۋە پائالىيەت›› ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ يونۇلۇشلۇك تەپپەككۈر قابلىيتىنى تەرەققىيى قىلدۇرۇش، تىل – ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئونۋېرسال ساپاسنى يۇقرى كۆتۈرۈش. بەشنىچى بۆلەك: سەئىدىيە خانلقىدىن كىينكى شېئىرىيەت ئونۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش بۇ بۆلەك ئارقىلىق ئامانىساخان، نەۋبىتى، ئەھمەت شا قاراقاش، بىلال نازىم قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئوقۇغۇچىلارنى سەئىدىيە خانلقىدىن كېيىنىكى كىلاسلى شېئىريتمىز ھەققىدە چۆشەنچىگە ئىگە قىلش. بۇ بلۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نىشانى: 1.سەئىدىيە خانلىقىدىن كىينىكى كىلاسلىك شېئريىتمىز ھەققىدە چۆشەنچىگە ئىگە قىلىش. 2.ئوقۇغۇچىلارنى شېئر شەكىللىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يەنمۇ چۆڭقۈر چۆشەنچىگە ئىگە قىلىش. 3.شېئردىكى ھېسىيات ۋە پىكىردىن دەۋېر خۇسۇسىيتنى ھىس قىلدۇرۇش. 4.ئوقۇغۇچىلارنى شېئر يازغاندا كۆپ خىل ئىستلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى تەدبىقلەشنى، ئۇبرازلىق تىللارنى ئىشلتىشنى ئۆگىنىش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 17. غەزەل 1 سائەت 2 18. خۇتەن ھەققىدە غەزەل 2 سائەت 3 19. نەزەر مۇفتمىغا خەت 2 سائەت 4 20. ‹‹ غەزەلىيەتتىن›› پارچە 2 سائەت 5 ئۇنۋېرسال ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش 2 سائەت يۇقىرىقى بۆلەك جەمئيى 9سائەت ئۇتلىدۇ. ئالتىنچى بۆلەك: خەلق ئېغىز ئەدەبىيات ( ئىختيارى ئوقۇش بۆلىكى) بۇ بۆلەك ئارقىلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى- يازما ئەدەبىياتىنىڭ سۇت ئانىسى، ئۇ ئەل ئىچىدە يارتىلىشى، ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈشى، زامانلاردىن – زامانلارغا يېتىپ كىلشتەك خوسۇسيىتى ئۇنىڭ تىل جەھەتتە تاۋلانغان، قۇرۇلما جەھەتتە پۇختا، مەزمۇن جەھەتتە مۇل، شەكىل جەھەتتە رەڭدار ئالاھىدىلىكىنى ئىگەللەپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئېسل دۇردانلىردىن زۇق ئالدۇرۇش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇش نېشانى: 1. ئوقۇغۇچىلارغا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەپسانە، داستان، قۇشاق، ئىپۇس قاتارلىق تۇرلىرى ھەققىدە مەلۈمات بېرىش. 2. ئوقۇغۇچىلارغا ئوغۇزخان، ماناس، غېرىپ-سەنەپ، نوزگۇم قاتارلىق ئۇبرازلارنىڭ خاركتىرنى ئىگە للىتىش. 3. ئوقۇغۇچىلارنى خەلى ئىغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىردىن زۇقلىنالايدىغان ھەمدە ئۇلاردىكى ئۆزگىچە سۆز –جۈمىللەرنى تۇرمۇشتا قۇللىنالايدىغان بولۇش. بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 21. ئوغۇز ئەپسانىسى 2 سائەت 2 22. ماناسنىڭ توغۇلۇشى 2 سائەت 3 23.‹‹ غېرىپ –سەنەم››(پارچە) 2 سائەت 4 24. نۇزۇگۇم قۇشاقلىرى 2 سائەت يۇقىرىقى بۆلەك جەمئيى8سائەت ئۇتلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى : خەت چەكلەردىن كۆرسەتمە بۇ بۆلەكىتىكى دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى NO دەرس تېمىسى دەرس سائىتى 1 سۆپەت دەرىجىلىرى 1 سائەت 2 رەۋىش ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى. رەۋشلەرنىڭ مەنە جەھەتتى بولۇنۇشى 2 سائەت 3 جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، بىقىندى باغلىنىشتىكى سۆزلەرنىڭ مۇناسۋەتلىرى 2 سائەت 4 جۈملە بۆلەكلىرى، جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرى، ئاددى جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلۈشگە ئاساسەن بولۇنۇشى 2 سائەت 5 ئاددى يىغىن خاتىرسى، ئاددى تەكشۇرۈش دۇكلاتى 1 سائەت 6 ئاددى تەجىرىبە دوكلاتى، چۈشەندۈرۈش خېتى 1 سائەت
يۇقۇرقى مەزمۇن 9سائەت ئۆتۈلىدۈ. ئىديىۋى –ئەخلاق نىشانى: دەرسىلىككە تەربىيۋى ئەھىمىيىتى مۇل بولغان. ئىدىيە جەھەتتە تەرىبيلەش قىممىتى يۇقىرى بولغان تېكىسىتلەر كىرگۈزىلگەن بولۇپ ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى ئېچىشقا ۋە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇپ. ئوقۇغۇچىلارغا بىلىملەرنى ئۈگىتىش،زېھىنى قابىليىتنى تەرەققىى قىلىدۇرۇش بىلەن بىرىگە ئەخلاق تەربىيىسى،گۈزەللىك تەربىيىسى، پىسىخىك تەربىيىسى بېرش كېرەك. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش مەقىسىتى،قىزقىش ئىرادىسى، خارەكېتىرى قاتارلىق غەيىرى، ئەقىلى قابىليەت ئامىللىرىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىلىمىز تارىخىدىكى شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىكى يازغۇچى، شائىر ئەدىپلەرنىڭ شانلىق مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىش تېكىست مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنىچ، پەخىرلىنىش ، مەسئوليەت ، ئادىمىيلىك ،گۈزەللىك تەربىيسى بېرىشقا تىرىشىمىز.
|
|