شەرق |
2014-01-15 23:11 |
ئۆزۈلمەس ئىقىن(مۇزەپپەر ئالىم)
ئۆزۈلمەس ئىقىن c`x4."m مۇزەپپەر ئالىم ;bG?R0a (مازار ئوتتۇرا مەكتەپ) JtY$AP$ مۇقەددىمە DqY"N] بىر يۇرتنىڭ تارىخى- ئاشۇ يۇرتتىكى كەچمىشكە باي رەڭدار ئۆتمۈش بىلەن باغلانغان بولدۇ. چونكى بۈگۈنىڭ خاتىرسىدىن مۇناسىپ ئۇرۇن ئالدىغان تارىخى بەتلەردىكى سىر- ئەسرالار بىزگە ھايات ھەقىقەتلىرى، بىز تەلپۇنۋاتقان ئارزۇ- ئىستەكلەر، بىزنى ئۈمىد ئارقلىق ياشنىتىپ تۇردىغان ئەسلمىلەر بىلەن لىق تولغان بولىدۇ. 7L/LlO/
ئەنە مېھىربان ئاتىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، نئ-نى ئىسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشكە باي ئابرال تېغى باغىردىكى بۇ يۇرتنىڭ نامى مۇڭغۇليە يايلاقلىردىن ئات چېپىپ جاھاننى لەرزىگە سالغان چىڭگىزخانىڭ 11- ئەۋلاد نەۋرىسى ‹‹ سۇلتان ئۇۋەيىسخان›› قەبىرىسى جايلاشقانلىغى سەۋەبى بىلەن ‹‹ سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرى ›› دەپ ئاتلىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىغا تونۇشلۇق بولۇپ كەلگەن يۇرتتۇر. 6bs-&Vf شاۋقۇنلۇق بوربوسون سۆيىنىڭ ھاياتبەخىش زىلال چەشملىرى، قىر- ئىدىرلىردا بەس- بەستە ئېچلىپ ئۈز گۆزەلىكىنى كۆز- كۆز قىلۋاتقان گۈل چىچەكلىرى، تاغ تەرەپتىن كېلۋاتقان جانغا لەززەت بەرگۈچى سەلكىن شاملى، بىزگە ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگۈچى بۇۋايدەك تۇيغۇ بېردىغان نارخان چوققىسى، ئاددى بولسمۇ مېھىرى ئاتەش دېھقان ئۆيلىرى، كىچە- كۈندۈز ناۋا قىلدىغان بۇلبۇل- كاككۈكلىرى، قۇچاق يەتكۈسىز سىدە دەرەخلىرى ... بىلەن ئۆزنى نامايەن قىلىپ تۇردىغان بۇ يۇرت كىشگە ئاجايىپ ماي بوياق رەسمىدەك كۆزگە تاشلىنپ تۇراتتى. $- ]G6r ئۆزى نامرات،چەت بولغىنى بىلەن ئىلم- مەرىپەت مەشئلنى مەھكەم تۈتقان ئەۋلاد تەربيلەشنى بىر كۈنمۇ ئونتۇپ قالمىغان كىچكىنە يۇرت خەلقى ئۈز باغردىن يېتىشىپ چىققان، جەمىئيەتنىڭ ھەر قايىسى ساھەلىردە ئشلەپ تۇھپە قۇشقان ۋە قۇشىۋاتقان ياراملىق ئەۋلاتلىردىن مەڭگۈ پەخىرلىندۇ. ^L.I9a#]
دىمەك قۇلدا مەرىپەت مەشئلى، دىلىدا مەرىپەت ئورقى بولغان ھەر قانداق بىر قەۋىم، ھەر قانداق بىر يۇرت، ھەر قانداق بىر مىللەت تۇخىتماي ئىلگىرلەۋاتقان بۇ دۇنيادا ئۈزلىكنى نامايەن قىلىپ تورالايدۇ. مەرىپەت قۇڭغۇرىقى تۇختىماي چېلىنىپ تۇرغان يۇرتتا كىشلەرنىڭ كاللىسى سەگەك، دىلى يۇرۇق بولىدۇ. مائارپتىن ئىبارەت بۇ ئۆزۈلمەس خاسيەتلىك ئىقىنلا مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئورغۇتۇپ رۇھى دۇنياسنى نورلاندۇرۇپ ھاياتىنىڭ چىن ناخشسنى ياڭىرتالايدۇ... `L$Av9X\ شۇنداق تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى. يىللار بىزدىن، ئارىمىزدىن ئەلۋەك ئانا تەبىئەتتىن نۇرغۇن نەرسلەرنى ئېلىپ كەتتى. پەقەت قەلبىمىزدە يىللار خاتىرسى بۇلمىش ئاجايىپ چۆڭقۈر ئەستلىكلەر قالدى. مانە بۇ ئەستلكىلەرنى يىللارنىڭ شاملى ھىچقانداق يەرگە ئۇچىرتىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ قەلبمىزدە مەڭگۈ ساقلىندۇ. بۇ ئەستلىك دەل بۇنڭدىن 70 نەچچە يىل ئىلگىرى يېزىمىزدا قورۇلۇپ، تا ھازىرغىچە يۇرت خەلقىنىڭ، ئىز باسارلارنىڭ مەنىۋىيتنى قاندۇرۇپ كېلۋاتقان مەرىپەت بۇلقى مازار يېز ئوتتۇرا مەكتىپىدۇر. <(TAA15Xol يۇرت چەشمىسى %!-t7K^mFq بىز ياشاۋاتقان بۇ يۇرتنى ‹‹ مازار يېزىسى ›› دەپ ئاتايىدۇ. بونداق بولىشىدا مۇشۇ يۇرتنىڭ شەيىخ مەھەللە كەنتىگە دۆلەت دەرىجىلىك نوختىلىق قۇغدىلدىغان مەدەنىيى- يادىكارلىق ئورنى ‹‹ سۇلتان ئۇۋەيىسخان ›› قەبىرىسى جايلاشقانلىقى سەۋەبىدىن تارىختىن بۇيان يېقىن- يىراقىتىكى ئسلام دىنغا ئىتقاد قىلدىغان ئۇيغۇر، قازاق خەلقى بۇ زاتنى ئولۇغلاپ ئەتىراپىغا مىيىت قويۇش ئارقلىق، بۇ جاينى تېخمۇ ئاۋات قىلىپ ئىسمى- جىسمىغا لايىق مازارغا ئايلاندۇرغان. ?>ZrdfTwz, موشۇ يۇرتنىڭ شىمالى تەرپىدىن يەنى مىڭ مارال تاغلىردىن باشلانغان بوربوسون سۆيى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۆستەڭ بولۇپ، بۇ يۇرتنى ئىككىگە بۆلۇپ ئاقىدۇ.ئۆستەڭنى بۇيلاپ يېزىمىز ئوتتۇرا مەھەللە، شەيىخ مەھەللە، ئارا مەھەللە، پالىتۋاي، تار، بوربوسون قاتارلىق كەنىتلەرگە ئايرىلغان. 9wc\~5{li مازار يېزىسى غۇلجا ناھىيەسى بازىرنىڭ شەرقى جەنۇبغا 36 كېلۇمېتىر كېلىدىغان ئابرال تاغ باغىرىغا جايلاشقان. شەرقى تەرپى نىلقا ناھىيىسنىڭ سۇپتاي يېزىسى، غەربى تەرپى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ دۆڭمازار بازىرى بىلەن چىگىرلىندۇ. i@P=*lLD غۇلجا ناھىيە مازار يېزىسى ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار تۇپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمى يېزلارنىڭ بىرىدۇر. ئومۇمىي يەر مەيدانى8كۆۋادىرات كېلۇ مېتىر، نۆپۈسى12دىن ئاشىدۇ. ئادەملىرى دىېھقانچىلىق، چارۋۇچىلىق كەسپلىرى بىلەن شوغۇلىندۇ.يۇرتىنىڭ ھاۋاسى شۇنچە ساپ، مەنزىرسى شۇنچە گۈزەل، ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان تاغ –دالىلار ، بۇك- بارقسان باغلار، سۆزۈك ئىقىنلار، توپ-توپ پادىلار، غۇر-غۇر تاغ شامىلى، چىرايلىق ئىچلغان تاغ گۈللىرى بىلەن كىشگە ئاجايىپ ھىسلارنى ئاتا قىلىدۇ. $A74V[1^ بۇ يۇرت ئادەملىرنىڭ رۇھى كەيپىياتى ئۈستۈن، جامائەت قارشى كۆچلۈك، دىلى يۇمشاق، ئۆچوق- يوروق قائىدە-يوسۇن ۋە ئادەمگەرچىلككە بەكمۇ ئىتبار بېردىغان، مەرد- مەردانە ئۆتىدىغان خەلقتۇر. (?uK تۇنجى مەرىپەت بۇلىقى 0V8G9Gj مازار يېزىسى ئەتراپىدىكى باشقا يېزلارغا قارغاندا مەدەنىيەت بۇرۇنىراق كىرگەن يېزا بولۇپ، بۇنداق بولۇشى غۇلجا شەھىرى بىلەن نىلقا ئارىلقىغا جايلاشقان مۇھىم ئۆتەڭ. ھەمدە ئىلىدىكى تۆت چۆڭ مازارنىڭ بىرى بۇلغان ‹‹ سۇلتان ئۇۋەيىسخان ›› مازىرى جايلاشقان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ھەر قايسى تەرەپلەردىن كېلىدىغان كىشلەرنىڭ ئايىقى ئۆزۈلمەيدىغان ، شۇنداقلا ئۆز- ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇردىغان تۈگۈنگە ئايلانغان. شۇ سەۋەپتىن مازار يېزسىدىكى بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۈچ چىقىرشى ،خەلق ئاممىسىنىڭ ياردەم بېرش نەتجىسىدە مەرىپەتپەرۋەر زات ئاقمۇللا ياقۇپ دىگەن كىشىنىڭ شەخسى قۇراسىدا 1934- يىلى ئىككى ئىغىزلىق ئۆي سېلىنىپ. بىر سىنىپ، 25 نەپەر ئوقۇغۇچى، بىر موئەللمىگە ئىگە تۇنجى مەكتەپ شەيخ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ( سۇلتان ئۇۋەيىس مازارنىڭ غەرىپ تەرپىگە تۇغرا كېلىدۇ ) قورۇلغان . 4
}_}3. مانا بۇ مەرىپەت بۆشىكى يۇرتمىز تارىخىنىڭ ئالتۇن بەتلىردە، چاقىناپ تۇرغان مەرۋايىت كەبى جۇلالاندى. ئىلم-مەرىپەتنىڭ سەيناسى، ئادەملىك بۇرچىغا يۇل كۆرسەتكۈچى ماياك. ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئۇۋا، مەرىپەت غەزىنىسى دەل ئىلىم سۆيەر، قانداق ياشاشنى قەلبىگە پۆككەن، ئەۋلادىلار بەخىتگە پايانداز سېلشنى بورۇچ قىلغان، قاراڭغۇ تۈنلەردە يورۇتقۇچ مەشئەل بۇلمسا بۇلمايدىغان ھەقىقەتنى چۆشەنگەنلەرنىڭ قولىدا ئاپىرىدە بولدى. @DM NLsQ بۇ مەكتەپ شۇ ۋاقىتتىكى شارائىت بۇيىچە پەننى ھەم دىننى دەرسنى تەڭ يۇلغا قويغان بولۇپ، ‹‹ كەچ كۇرس ›› بىللە ئېلىپ بېرىلغان. ھەمدە چۇڭلارمۇ تۈركۈملەپ ‹‹ كەچ كۇرس ›› قا قاتنىشىپ ساۋات چىقىرشقا باشلىغان. پەننى دەرسنى ئابدۇرھىم يۆسۈپ ئۆتكەن، دىننىي دەرسنى ئىدىرس ئەپەندى ئۆستىگە ئالغان . 26zif دىمەك شۇ چاغدىكى يۇرتمىزدا قورۇلغان تۇنجى مەكتەپ ئۆزى ئاددى بولسىمۇ، مەنىۋىيتى قاغجىراپ بىر ئۆچۈم سۇغا تەشنا بولغان يۇرت خەلقىگە نىسبەتەن ناھايتىمۇ كاتتا ئىش ئىدى. wN0?~ بىز ئاشۇ ئۆنتۈلماس تارىخنىى ئەسلىگەن چاغدا : ئاقمۇللا ياقۇپ ( 1880- 1959 )، ئىدىرس ئاخۇن (باي) خەيرى (1885-1957 )، ئىدىرىس ئەپەندى (1900- 1981 )، ھىزىم تېيىپ ( 1898 – 1960 ) ، مەھەممەتچان خەيىرى ( 1900-1993 )، ئابدۇرھىم يۆسۈپ قاتارلىق يۇرت ئۈچۈن ئۆز تۇھىپىسنى ئايمىغان، خەلقنى نادانلقنىڭ چاڭ- تۇزانلىردىن قۇتۇلۇپ يېڭى دۇنياغا، گۈزەل كەلگۈسىگە يۇل باشلغان. ئەۋلادىلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن يۇرت ئاقساقاللىرنى، ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنى، ماددى- مەنۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن مەرىپەتپەرۋەر كىشلەرنى ئەسلمەي تۇرالمايمىز.شۇنداق دىيشكە لايقكى:‹‹ خەلقىگە توغرا يۇل كۆرسەتكۈچى قەلبى ئويغاق كىشلەرنىڭ جىسمى تۇپراققا ئايلانسمۇ، رۇھى كىينكىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ.›› vV9q5Bj: 1934-يىلى قۇرۇلغان مازار مەكتپىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچلىرى بولغان پىشقەدەم ئۇستاز، يۇرت مائارپى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۈزنى بېغشلغان ئىلياس خەيرى ئەپەندى، مىللى ئىنقلابقا قاتىنشىپ جەڭلەردە ئۆزنىڭ جاسارتنى نامايەن قىلغان ئاسىم مەمۈر، ئەيسا خەيرى قاتارلىق بۇۋىلار موشۇ مەرىپەت بۇلقىنىڭ سۆينى ئىچكەن ئۇغلانلار ئىدى. eqE%ofW ئۇلغايغان ئېقىن @=[SsS مەكتەپ يۇقىرقى ئۇرۇندا بىر يىل ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېين 1935- يىلى شەيخ مەھەللە سۇ بويىغا يەنى بوربوسون سۆيىنىڭ بويىغا يۆتكلىپ بارغان. ھەمىدە بىر ئىشخانا، تۆت سىنپلىق مەكتەپ بولۇپ شەكىللەنگەن. بو ئورۇندا 1944- يىلغا قەدەر ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. OW<5,h
بۇ ئارىلقتا يەنى پەننى ھەم دىننىي دەرس تەڭ يولغا قويۇلغان بولۇپ، پەنني دەرس ئاساس قىلنغان. ئوسمان غازى ( جاغستايلىق ) مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى ئۆتگەن. ئوقۇتقۇچىلاردىن مەھەممەتچان خەيىرى، ئىدىرىس ئەپەندى، نەغمە (تاتار)، يەھيا ئەپەندى، تۇرسۇن قۇربان،ئېلاخۇن، يەھيا ئەپەندى، قاسىم ئەپەندى، باسىت تېيىپ، ھاپىز ئەپەندى، مىڭ سولۇ ( تاتار)، ئابلىز ئەپەندىلەر پەننىي دەرس بەرگەن. داناخۇن دەرا، مەھەممۇدۇل خاتىپلار دىننىي دەرس بەرگەن. بو مەزگىلدە خەلقىنىڭ بىلىم ئېلشقا بولغان قىزغىنلىقى تېخمۇ كۆچىيىپ باردى. مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللاپ- قۇۋەتلىشمۇ كۆچلۈك بولۇپ، ھەر قايسى كەنتلەردە ‹‹ ئاتىلار كۇممىتىتى›› قورۇلۇپ بىردىن ئادەم مەسئۇل بۇلغان. بۇ كىشلەر ھۆكۈمەت خىراجىتىدىن سىرىت، مەكتەپنىڭ رىمۇنت ئىشلىرى، مۆلۈك، ئىسقلىق خىراجىتى قاتارلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ياردەملەرنى ئاممىدىن تۇپلاپ ئىشلەتكەن، ھەمدە ھەر يىرىم يىلدا بىر نۆۋەت يۇقىردىن كەلگەن مۇپەتىشكە ھىساپ بەرگەن. i;>Hy| بۇ مەزگىللەردە ئوقۇتۇش ۋە تۈرلۈك پائاليەتلەر جاللانغان بولۇپ، خەلق سەنئەتكارلىرىدىن ناسىر تەمبۇرچى، ھاسان ساتتارچى، غىناخۇن دۇتتارچىلارنىڭ قىزغىنلىغى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرشى بىلەن، ‹‹سانايى نەفىسە›› دىگەن كىچىك ئۆمەك قۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى راۋاجلانغان. ‹‹سانايى نەفىسە›› خادىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا تۈرلۈك ناخشا-ئۇسۇل كونسىرىتلىرى ئورۇنلانغان.ھەتتا ‹‹ئارشىن مال ئالىن›› دىراممىلىرى ئوينىلىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. خەلقنىڭ مەنىۋى ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرغان. قەلبنى ئۇيغاتقان. كىشىلەرنىڭ بۇ مەرىپەت بوستانلىقىغا بولغان ھۆرمىتى قىزغىنلىقى تىخىمۇ ئىشىپ، مەكتەپتىن ئىبارەت ئۇيغاتقۇچ ئالتۇن كولدۇرمىنىڭ تىخىمۇ جاراڭلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۇرگەن. ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەپ ئۇلارنىڭ نام شۆھرىتىنى تىخىمۇ ئۈستىن قىلغان. ;2;Kq)j_= بۇ مەكتەپنىڭ تۈنجى قارار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىلياس خەيرى ئىلى گىمنازيىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، مازار مائارىپ تارىخىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ئۆتۇشتەك يېڭى بىر سەھىپىنى ئاچقان. s],+]<qX جەڭگۋار يىللار ~l@SGHx مەكتەپ يەنە شۇ ۋاقىتتىكى مەرىپەتپەرۋەر ئاتا-ئانىلار ئوقۇمۇشلۇق بايلارنىڭ ياردىمى بىلەن 1944-يىلى ھازىرقى مازار ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئورنىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. سىنىپ سانى 10 غا، ئوقۇغۇچى سانى 250 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى سانى 10 نەپەرگە يىتىپ، ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا تىخىمۇ موكەممەل بولغان باشلانغۈچ مەكتەپكە ئايلانغان. شۇ ۋاقىتتا يېڭى مەكتەپ قۇرۇلغانلىغىنىڭ خۇشاللىغى، ھۈرمىتى ئۈچۈن توختاخۇن تامچى تەرپىدىن تىكىلگەن ئىككى تۈپ سىدە ھازىرمۇ ياپ-يىشىل بولۇپ، مەكتەپ تارخىنىڭ گوۋاچىسى سۈپىتىدە مەكتەپ ھۇيلىسىدا قەد كۆتىرىپ، ئانا مەكتەپكە ھۆسۈن قوشۇپ تورۇپتۇ. U>^-Db] بو مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى: ئابدىرھىم يۇسۇپ، سۇلايمان باقى(مەكتەپ مودىرى)، ئەختەربۇ، ئىلياس خەيرى، داناخۇن دەررا، قەمىردىن( مەكتەپ ئىشچىسى)، رىسالەت(تاتار)، مەسخۈدە(تاتار)، ئوسمان غازى، نۇرباقى قاتارلىق موئەلىملەر 1943-يىلدىن 1948-يىلغىچە موشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى. بو موئەللىملەرنىڭ ئىگىلمەس-سۇنماس روھى، يۇرت مائارىپىغا بولغان مىسىلسىز قىزغىنلىغى نەتىجىسىدە مەكتەپ ئىشلىرى تىخىمۇ روناق تاپقان ئىدى. بۇ جەريانىدا نورغۇن ئوقۇتقۇچىلار سىرىتتىن مەكتىۋىمىزگە كىلىپ خىزمەت ئىشلىدى. قەيەردىن كىلىپ ئىشلىسۇن، ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە ئالامەت قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگەن. خەلقنىڭ قەلبىگە چۆكۈپ ئىشلىگەن. بىز موشۇ خاتىرە قۇرلىرىدا يەنە بىر قىتىم رەخمىتىمىزنى بىلدۇرمىز. M+ gYKPP 1944-يىللىرى ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتىلدى. شۇ يىللاردا يېزىمىزدىن گۇمىنداڭنىڭ زۇلىمىغا قارىشى ئىنقىلاپقا قاتناشقان شىر يۇرەك جەڭچىلەر خىيىم-خەتەر، جاپا-موشەققەت ئىچىدە تاۋلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى، مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشتى. ئۇلار خەتەردىن زارلانمىدى، ئۇلۇمدىن قورۇقمىدى، ئىس-تۇتەك قابلىغان جەڭگاھتا ئۇزىنىڭ ئادىمىيلىك غورۇردىن، ياشاش مەقسىتىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا يولداش ماۋزىدۇڭ بۇ ھەقتە 3 ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلاۋى جوڭگۇ دىمىكىراتىك ئىنقىلاۋىنىڭ بىر قىسمى دىگەن باھاسى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىنقىلاپتىكى تۆھپىسىنى، جاسارتىنى موئەييەنلەشتۇردى. يېزىمىزدىن چىقىپ، گۇمىنداڭغا قارشى كۇرەش قىلغان بۇ ئەزمەتلەرنىڭ كۆپ ساندىكىسى مازار مەكتەپتە ئوقىغان بالىلار ئىدى. ئەسلەپ ئۆتۇشكە ئەرزىيدىغا بىر ئىش شۇكى، 1946 –يىلى3 ۋىلايەت مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى نىلقىغا ئۆتۇش سەپىردە، بۇ مەكتەپكە كىلىپ، مەكتەپنى كۆزدىن كەچۇرگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلىرىنى سىلاپ، ياخشى ئوقۇشقا، ياراملىق ئادەم بولىشقا رىغبەتلەندۇرگەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە سۆيۇملۇك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنى پۇتۇن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مارىشىنى ياڭرىتىپ، داغدۇغلۇق قارشى ئالغان. بۇ يىللاردا ئىلياس خەيرى ئوقۇتۇش سىپىدا ئىزچىل ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىردەك ھۈرمىتىگە ئىرىشكەنلىكىدىن، ‹‹ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى›› تەرپىدىن مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە بېرىلگەن ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردىنى ‹‹ساداقەت›› مىدالى بىلەن موكاپاتلانغان. X]
/r'Tz بىز مۇشۇ قۇرلار ئارقىلىق جاپالىق شارئىتتە مەرىپەت مەشئلنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يۇرت مائارپى ئۈچۈن ئۆزنى بېغشلغان، مەرىپەت ئاشنالىرنىڭ ھۆرمىتگە، جەڭگۋار يىللاردا يۇرت بەخىتى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغان ئەرىك سۆيەر مەرد ئۇغلانلار جاسارىتگە يەنە بىر قىتىم ھۆرمىتمىزنى بىلدۇرىمىز. tsZrn 1948-يىلدىن 1950-يىلغىچە ئوسمان غازى مەكتەپ مودىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ ئارلىقتا خىزمەت ئىشلىگەنلەر: ئىلياس خەيرى، خانزات ئىسمايىل، ئابدىمىجىت توختى، داناخۇن دەررا، يەكيا بەختىيار، ئەلبەك(قازاق)، نورباقى(مەكتەپ ئىشچىسى)قاتارلىقلار. v
F;%#P Tc`LY/%Od يېڭى دەۋىر، يېڭى مەنزىل h2u>CXD شەرقىتىن كۆتۈرلىگەن تاڭ قۇياشى زىمىننى يۇرۇتتى . يۇرت ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلار ئاستا-ئاستا تارقاشقا باشلىدى. ھەممە يەردە شادىلىق، خۇشاللىق.مائارپىنىڭ يېڭى باھارى يېتىپ كەلدى.يېزىمىزنىڭ مائارپمۇ يېڭى دەۋىر،يېڭى مەنزىلنى كۆتۋالدى. Eq.?Ga 1950-يىلدىن1951 –يىلغىچە ئىلياس خەيرى مەكتەپ مودىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ ۋاقىتتا ئىشلىگەنلەر 5sx-u!7 ئوسمان غازى، ئەيسا خەيرى(ئارمىيەدىن كەسىپ ئالماشقان)، يەكيا بەختىيار، يۇسۇپجان مەشىرەپ، تۇرسۇن تۇرغان، نۇرباقى(مەكتەپ ئىشچىسى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.بۇ يىللاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىل، ھىساپ، جۇغراپىيە، تارىخ، تەنتەربىيە، رەسىم، قۇل ئىشى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن. fdzD6KZI بۇ يەردە تىلغا ئېلشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ھۆرمەتلىك كىشى ھىزىم تېيىپ ئۇ ئۆزنىڭ تەشكىلەش ئىقدارى، ئۇستا خەتتاتلىغى، تەرقىيپەرھەرلگى بىلەن ئەھلادىلار قەلبىدە مەڭگۈ يادىلىندۇ. Y'Jb@l`$- 1950- يىلى شاۋدۇن رۇزى نىلقا ناھيىسىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ مەكتەپ مۇدىرلقغا تەيلەنگەن، بۇ كىشى 1954- يىلغچە ۋەزىپە ئۆتگەن. d"nE+pgE 1954-يىلى نىلقا ناھيىسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇرسۇن جىلل مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى1960 -يىلغچە ئۆستگە ئالغان. مۇشۇ يىلى مازار مەكتەپ بىلەن سۇپتاي مەكتەپ بېرلەشتۇرلۇپ سۇپتاي مەكتەپ مازار مەكتەپنىڭ بۆلۈمچىسى قلىنغان بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئىككى مەكتەپ ئايرىۋتىلگەن. l<{]%=Qg بۇ يىللاردا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى تازا جانلانغان مەزگىل بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىشلەش مەسئۈليەتچانلغى يۇقىرى بولغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بولغان قىزغنلىغى تېخمۇ يۇقىرى كۆتۈرلىگەن. مەسئۈلىيەت ۋە تونۇشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى- مائارپىنىڭ غەلبىسىدىكى مۇھىم مەسلە. دىمەك ئاشۇ ئۆنتۈلغۈسىز يىللاردىكى مازار مائارپىنىڭ جۇش ئورۇپ راۋاجلىنىشى، يۇرتمىز تارخىغا ئاجايىپ مەنالارنى قوشۇپ، ئاقارتىش خىزمىتىنىڭ كىشلەر ئىڭىدىكى رۇلى تىخمۇ يۇقىرى كۆتۇرلىدى. ئابرال باغىردىكى مەرىپەت بۇلقىدىن سۇ ئىچكەن ھەر بىر نۇتا بۇ جۇشقۇن يىللارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايىدۇ.شۇ يىللارنىڭ مىسالى سۇپىتىدە ئوقۇتقۇچى مىرۋانەم نۇرشا 1959-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئىلغار يىتەكىچى بولۇپ باھالاندى. H4 &
d,8:m ئۇچقۇر يىللار مەكتەپكە ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلدى. ZQnJTS+ Rd 1960-يىلىدىن 1968-يىلغچە نۇرنىسا ھۆسەيىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى ئۈتەپ كەلدى.بۇ ئوقۇش يىللىردا مەكتەپ بۇيىچە ئوقۇتقۇچى 13 نەپەرگە، ئوقۇغۇچى 312 نەپەرگە يەتكەن. rFn;z}J2 1965-يىلى باشلانغۇچنى پۆتۈرىگەن بىر سىنىپ ‹‹ يېز ئىگىلىك ئۇتتۇرا مەكتىپى››گە ئۆزگەرتلىپ ئۇتتۇر مەھەللە مەسچىتى يىنغا بولۇنۇپ چىققان بۇ مەكتەپ 1968-يىلغچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. QM9~O#rL 1968-يىلى تارلىق زاھىر ماھمۇت مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى ئىشلگەن. jfS?#;T) 1969-يىلىدىن 1964-يىلغچە ھاسان ھۆسەن مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتنى ۋە يېزنىڭ مائارىپ خىزىمىتىنى قوشۇپ ئشلىگەن. netKt_ 1972- يىلى مازار مەكتەپتە خەنزۇ سىنپ ئىچىلغان . 3*) 1974-يىلىدىن1986-يىلغچە تۇرسۇن مەڭسۇر مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى ئۆتگەن. M8dv
y!D قىستۇرما:ئون يىللىق قالايمقانچىلىق مەزگىلدە مەكتەپىنىڭ ئوقۇتۇش سۇپىتى مەملىكەتىنىڭ ھەممە جايلىردىكى مەكتەپلەرنىڭكىگە ئۇخشاش تۈۋەنلەپ كەتكەن. بۇ دەل ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى سىياسى ھاۋانىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئۈزۈندە ئوقۇش، ئىنقىلاپ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ تەلىم- تەربىيە خىز مىتى ئارقىغا چىكنىپ كەتتى. )3K# ${p ‹‹تۈت كشلىك گۇرۇھ ›› ئاغدۇرلدى .ۋەتەنىڭ جاي-جايلىرى بەخىت شاتلقغا چۇمىدى. 11-نۇۋەتلىك 3- ئومۇمى يىغىنىڭ ئېچلىشى، خەلققە يېڭى مەنزىلنى كۆرسەتتى .پارتيەنىڭ تۇغرا يېتەكچىلگىدە ئوقۇتۇش خىز مىتى ئەسلگە كىلشكە باشلىدى. .ئوقۇتۇش سۈپىتمۇ يىلدىن – يىلغا يۇقىرى كۆتۈرلىشكە باشلىدى. 1 aWzd[i 1976-يىلغا كەلگەندە يۇقىرغا سۆنۈلغان ئىلتماس تەستقلىنىپ تۇنجى تولۇقىسىز ئۇتتۇرا قۇرۇلغان . تۇلۇقىسز قۇرۇلغىچە بۇلغان ئارلىقتا، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى نىلقا ناھىيەسىدە، بىر قىسمى غۇلجا ناھىيىسىدە ئوقۇغان. 0lpkG
="&r 1978- يىلى تۇنجى قېتىم تولۇقسىزنى پۆتتۈرگەن 26 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 13 نەپىرى دۆڭمازارغا چۈشۈپ تولۇق ئۇتتۇرنى ئۇقىغان. KLb"_1z يەنە بىر خاتىرلەشكە تىگىشلىك ئىش: \Ui3=8( پىشقەدەم ئۇستاز ئىلياس خەيىرى مۇئەللىم 1980- يىلى ئاقلىنىپ مازار مەكتەپكە يۈتكلىپ كەلگەن. بۇ ئۇستازنىڭ يۇتكلىپ كېلىشى ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىلمنى، ئىلىم ئەھلىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئولۇغلايىدىغان بۇ ئۇستاز تۇختاملىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئش ئۇرۇندا پىداگۇككا، پىسخۇلۇگىيە قاترلىق كەسپى بىلملەر بىلەن تەربىيلەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتگە ئىرشكەن. بۇئۇستازنىڭ ئەجىرى يۇرت خەلقى قەلبىدە مەڭگۈ يادلىندۇ. X0:V5
e بۇ يىللاردا قۇلغا كەلگەن نەتجىلەر ئاز ئەمەس. مازار مەكتەپتە تۇلۇقسىزنى پۆتۈرىگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچى دۆڭمازاردا تۇلۇق ئۇتتۇرنى پۇتتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتھانغا قاتىنىشقان پەرھات ئىلياس، ئەدھەم داۋۇت، غىلاجىدىن خەيىرى، ئەركىن سۇلتان قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى ، شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، مازار يېزىسىنىڭ جۈمىلدىن ئانا مەكتەپنىڭ يۇزىنى تىخىمۇ يورۇق قىلغان. بۇ شان-شەرەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇليەتچانلىغىدىن بولسا، يەنەبىرتەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھىدىن، توختىماي ئۇگىنىدىغان خسلىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. r]q;>\T' 1978-يىلدىن ھىسابلىغاندا ھازىرغىچە مازار مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ، دۆڭمازار ئوتتۇرا مەكتەپكە كىلىپ ئوقىغان ئوقۇغۇچى 1250 نەپەردىن ئارتۇق. ئۇلاردىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تىخنىكۇملارغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى 450 نەپەردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلاردا 15 نەپەر، ئوبلاسىت دەرىجىلىك ئورۇنلاردا 10 نەپەر، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردا 50 نەپەر، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلاردا 250 نەپىرى خىزمەت ئىشلەپ، يۇرتنىڭ گۇللىنىشى ئۈچۈن تۈھپىلەرنى قۇشۋاتىدۇ. دۆڭمازار ئۇتتۇرا مەكتەپىنىڭ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى بۇھەقتە تۇختۇلۇپ: ‹‹ دۆڭمازار ئۇتتۇرا مەكتەپىنىڭ بىرىنچى ئۈل تېشى بولغان مازار مەكتەپىنىڭ تۇھىپىسى، ئۇستازلارنىڭ ئادەم تەربىيلەشتە، بىلىم بېرشىتە سېستملىق نەەزىرىيە ھەم تەجىربىگە ئىگە بۇلغانلغىنىڭ نەتىجىسى›› دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. %G0J]QY{(x بۇ يىللاردا مائارىپ سىپىدىكى ئۇستازلارمۇ تېگىشلىك شان- شەرپلەرگە ئىرشىپ ، ئۆز ئەجىرنىڭ قەدىرنى تاپىتى.پىشقەدەم ئۇستاز ئىلياس خەيىرى 1985-يىلى 9- ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرپىدىن‹‹1-دەرجىلىك ›› مۇكاپىتغا ئىرشىپ شەرەپ گۇۋانامىسى، شەرەپ مىدالى بىلەن شۇ يىلى 10-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۈم خەلق ھۆكۈمىتى تەرپىدىن شىنجاڭدا ‹‹30 يىل ئىشلگەن›› شەرەپ گۇۋانامىسى بلەن مۇكاپاتلاندى. a
E|'%72g بارلقنى يۇرت مائارپى ئۈچۈن ئاتىغان مەرھۇم ئۇستاز ئادالەت ھاكىم 1984-يىلى 9-ئايدا مائارىپ مېنستىرلىكى. ئەمگەك مېنىستىرلىكى،دۆلەت پەن-تېخنىكا كۇممىتىتىنىڭ تامىغىسى بېسلغان شەرەپ گۇۋانامىسى بىلەن تەقدىرلەنىدى. پەخىردىن خىلىل 1989- يىلى مەملىكەت دەرىجىلىك ‹‹ ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى›› بۆلۈپ تەقدىرلەندى. cI Sugk~ 1983-يىلى قازاق سىنىپ ئېچلغان بولۇپ 17 بالا بىلەن دەرس باشلغان. 1JQ5bB"
1985- يىلى ئىدارە جەمئىيىت پارتىيە ياچىكىسى بولۇپ قۇرۇلغان ئۇنىڭ قارمىقىدا دۇختۇرخانا، مەكتەپ،ئامانەت قەرىز كۇپىراتىپى قاتارلىقلار بار بولۇپ 10 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى. پەخىردىن خىلىل ياچېيكا شۇجىسى ئىدى. sKy3('5; يىللار قۇينى شۈنچە كەڭىرى ئۇ ئۆز باغىردا نۇرغۇنلىغان كۆچەتلەرنى،مەزمۇت دەرخلەرگە ئايلاندۇردى. تال چىۋىقىنى ئات ئېتىپ مىنىپ مەھەللەردە چېپىپ يۈرگن باللارنى ئەمدى ھەممە نەرسگە چۆڭقۈر مۇلاھىز بىلەن دىققەت قىلدىغان ئەرلەرگە ئايلاندۇردى. دىمەك يىللار مازار مەكتپىنىڭ تېخمۇ پىشىپ يىتلىش ئۈچۈن سۇرۇن ھازىرلاپ بەردى. 57fl 1986-يىلى يۇقىرنىڭ ئۇقتۇرىشى بۇيىچە خىش- بىتۇن قۇرۇلمىلىق ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى ياسلىپ مازار يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچى مەكتەپىتىن تۇلۇقىسىز سىنپلار ئايىرىلىپ چىقىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈن ئوقۇتقۇچى، بىر ئىشچى، 180 نەپەر نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولغان مازار تولۇقسىزنى قورۇپ چىقتى. ئەمۇرۇللا سەيدۇللا مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. مەركىزى باشلانغۇچى مەكتەپىنىڭ مۇدىرىلقنى مېرۋانەم نۇرشا ئىشلگەن. vfd مازار مەركىزى مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى 1987-يىلى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارسى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ،ئۇيۇشما ئەزاللىردىن 17 ئادەم بولۇپ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيۇشما رەئىسى تۇرسۇن مەڭسۇر ئىدى. )x,/+R]{8l 1988- يىلى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ئايىرىم ياچېيكا بولۇپ قورۇلۇپ ،پارتىيە ئەزاسى تۇققۇز نەپەر ئىدى. پەخىردىن خىلل ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ ئىشلگەن. Dm@h'* 1988- يىلدىن باشلاپ مەخسۇس پىداگۈككا كەسپنى پۆتتۈرگەنلەر ئارقا- ئارقىدىن ئوقۇتقۇچىلىق ساھاسىگە قەدەم قويۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق تەربىيلەشكە ئۆزنىڭ بىر كىشلىك ھەسسنى قۇشتى.
>akC 1986-يىلدىن 2001 يىلى 11-ئايغا قەدەر مازار باشلانغۇچ، تۇلۇقىسىز مەكتەپنىڭ ئىستاتىسكا ئەھۋالى
0ijYE
}[{9u#@# ئوقۇش يىلى سىنىپ سانى ئوقۇغۇچى سانى ئوقۇتقۇچى سانى مەكتەپ مۇدىرى m-qu<4A/U| 1986-1987 32 984 66 مىرۋانەم نۇرشا ئەمرۇللا سەيدۇللا 0h~{K 1987-1988 34 1039 59 مىرۋانەم نۇرشا ئەمرۇللا سەيدۇللا {!j)j6(NY 1988-1989 35 1064 72 مىرۋانەم نۇرشا ئەمرۇللا سەيدۇللا BoQ%QV69% 1989-1990 35 1036 73 مىرۋانەم نۇرشا تۇرسۇن مەڭسۇر VP~(;H5% 1990-1991 37 1003 78 مىرۋانەم نۇرشا تۇرسۇن مەڭسۇر Qqi?DW1)- 1991-1992 38 1104 83 مىرۋانەم نۇرشا تۇرسۇن مەڭسۇر .R@s6}C`}= 1992-1993 39 959 84 ئابدىمىجىت جىلىل نۇرتاي ئابدۇللا LzJ`@0RrX 1993-1994 37 942 81 ئابدىمىجىت جىلىل نۇرتاي ئابدۇللا ?S'aA!/; 1994-1995 36 872 82 ئابلەت تۇرسۇن خالىدەم ھىبۇل cRMyYd J o 1995-1996 38 865 84 ئابلەت تۇرسۇن خالىدەم ھىبۇل c:52pYf+ 1996-1997 34 1024 85 ماھمۇت مۇھەممەت پەرھات ھاكىم 8{]nS8i 1997-1998 28 864 77 دىلمۇرات سىيىت ئەيساجان ھاشىم e/_QS}OA 1998-1999 28 791 75 دىلمۇرات سىيىت ئەيساجان ھاشىم i6A9|G$H 1999-2000 28 762 74 دىلمۇرات سىيىت ئەيساجان ھاشىم ]=%6n@z' 2000-2001 28 743 69 دىلمۇرات سىيىت ئەيساجان ھاشىم
V%)Tu{L ~#4FL<
W 2001-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە باشلانغۇچ بىلەن تولۇقىسىز قوشۇۋىتلىپ پەرھات ھاكىم مەكتەپ مۇدىرلىقغا تەيلەندى ھەمىدە 2003-يىلى 3-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىدى. o 2003-يىلى 3-ئايىدىن 2005-يىلى 5-ئايىغىچە ئەمۇرۇللا سەيدۇللا ۋەزىپە ئۆتىدى. _si 5z مۇۋاپىقىيەت ۋە نەتىنچە |`?& 2005-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ نۇرتاي ئابدۇللا مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزپىسنى ئۆستىگە ئالدى. w~'}uh 2005-يىلى 10-ئايىنىڭ 1-كۈنى ئابرال تېغىدىن كۆتىرلۈپ چىققان سىخى قۇياش ئۆز نورنى چاچماقىتا. سۇناي –دۇمباقىنىڭ جۇشقۇن، ياڭراق كۆيىگە ئەگىشىپ قەدمىلىرنى ئىتتىك ئالغان ھەر قايىسى يۇرتتىن كەلگەن مېھمانلار، مازار يېزسىدىن چىقىپ يىراق- يىقىندا ئىشلەۋاتقان مۇشۇ يۇرتىنىڭ ئەزىزىلىرى ، يۇرت خەلقى مازار مەكتپىگە ئاقماقتا. ئاپپاق ھاكلانغان سىنپىلار، بەس-بەستە بىر-بىردىن چىرايلىق ئېچلغان گۈللەر، ياپېيشىل چىملىق، قارغاي، سۆگەتلەر، مەكتەپ تارىخىنىڭ گۇۋاچىسى ئىككى تۈپ سىدە دەرىخى، رەتلىك، چىرايلىق كىيىنگەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىھىردە ئالەمچە شادىلىق بار ئىدى.دەل بۈگۈن ئانا مەكتەپىنىڭ قۇرۇلغانلغىنىڭ 70 يىللىق مەرىكىسى ئىدى. ]j>`BK>FE مەغرۇر قەدەملىر بىلەن يەرنى گۈرسلىتتىپ مېڭۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قۇشونى. ياش بۇغۇنلار قوشۇنى ئۆز خۇشالىقىنى تەنتەنە قىلماقتا. 70 يىللىقىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان 70 كەپتەر كۈك ئاسمانغا قويۇپ بېرلىدى. مەكتەپ مارىشى ياڭراپ يۈرەك- يۈرەكىنى تىترەتتى. پىشقەدەم ئۇستاز نەغىمە ئاپايىنىڭ كۆزىگە مۇلىدە ياش كەلدى. ئىلياس خەيىرى موئەللىم ئاشۇ ئۇزاق ئۆتمۈشنى ئەسلگەچ چۆڭقۈر خىياللارغا غەرىق بۇلىدى. دىمەك 70 يىل بىر ئىنسانىڭ ئۆمۈرى ئىدى لىكىن بۇ 70 يىل يۇرتىمىز تارىخىنىڭ، يۇرتىمىز مائارىپىنىڭ تارىخى ئىدى. يۇرتىمىز تارىخىدىكى كاتتا ئىش ئۈچۈن تەييارلانغان سەنئەت نۆمۈرلىرنىڭ جانغا لەززەت بەرگۈچى مىلۇدىيىسىدىن يۈرىكى لەرىزىگە كەلگەن خەلق ئالقانلىرى قىزىرىپ كەتكۈچە چاۋاك چىلىپ مەدەت بەرمەكتە.يۇرت ئاسمنى شۇنچە سۇزۇك،ئابرال تىغى شۇنچە مەغرۇر، يۇرۇت خەلقى شۇنچە خۇشال ئىدى. ~bm'i%$k 70يىللىق تۇي مەرىكىسگە ئاتاپ چىقىرىلغان ‹‹ئابرال باغىردىكى مەرىپەت بۇلىقى›› ناملىق ژۇرنال يۇرتۇمىز مائارىپ تارىخىنى سۇزلەپ بىرەتتى. 70يىللىق تۇي مەرىكىسگە ئاتاپ ياسالغان تەزكىر ئويدىكى ماتىرياللار تارىخى قىممەتكە ئىگە سۇرەتلەر بىزگە ئاشۇ ئولۇغ سىمالارنىڭ ھايات مۇساپىسنى، مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇرغۇچى ئوستازلارنىڭ مىھىرىنى يەتكۇزەتتى. 70يىللىق تۇي مەرىكىسگە ئاتاپ ئىشلىنىپ ئىلى تېلۋزىيە ئېستانسىدا كۆرستۈلىگەن پىراگىراممسى يىراق- يىقىنغا يۇرتىمىز مائارىپ تۇغىرسىدىكى ئۆزۈلمەس كۈيلىرنى ئىلغار ۋاستىلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بىزنى تىخمۇ مەغۇرۇر قىلدى، بېشمىز كۆككە يەتتى.دىمەك 70 يىل ئەنە ئاشۇندق ئۆنتۈلماس تارىخىنى يەنە بىر قىتىم كشلەر ئالىدىدا نامايەن قىلدى. مەرىپەت مەشئلىنى ياندۇرغۇچى كشلەر، خەلق قەلبىدە يادلانىدى. UgK
c2~ بىز مۇشۇ قۇرلىرىمىز ئارقىلىق بىزدىن ۋاقتسىز ئايرىلغان ئەبەيدۇللا ھىدايەت، ئادالەت ھاكىم، رۇزى موئەللىم، ئابدۇكىرىم موئەللىم، ھىتاخۇن قەمىردىن، مىرۋانەم نۇرشا، رۇستەم نۇردان... قاتارلىق مەرھۇم ئۇستازلارنى سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز.
F81EZ/ ناھيەلىك ھۆكىمەتىنىڭ 2004-يىلى 24-نۆمۈرلۈق ھۆجىتتىنڭ رۇھى بۇيىچە مازار مەركىزى مەكتەپىگە ئارمەھەللە باشلانغۇچ، پالىتۋاي باشلانغۇچ، قازاق مەكتەپ قېتۋىتىلدى. ^e 2007- يىلى تار تۇلۇقىسىز مەكتەپ مازار مەركىزى مەكتپىگە قېتۋىتلىپ مەكتەپ نامى مازار ئۇتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالىدى. I#M>b:"te ھۆكمەتىنىڭ زۇر مەبلەخ سېلىشى بىلەن مازار تارىخىدىكى تۇنجى ئوچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى 2006- يىلى سىلىنىپ شۇ يىلى ئشقا كىرشتۇرلىدى. enZZ+|h ھازىر بۇ مەكتەپىنىڭ ئۆمۈمى كۆلىمى 64943.6 كۆۋادىرات مېتىر، كۆكەرتىش كۆلىمى 21021.6 كۆۋادىرات مېتىر ،قۇرلۇش كۆلىمى 4347.6 كۆۋادىرات مېتىرغا يېتىپ كۆلەم جەھەتتىن مۇككەممەل ئۇتتۇرا مەكتەپىكە ئايلاندى. '8\9@wzv مەكتەپتە يەنە كۆمپيۇتېر ئوقۇتۇش سىنپى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىنىپى، تەسىس قىلنغان 100 كۆۋادىرات مېتىرلىق مەكتەپ كىتاپخانىسىدا 18000 پارچە كىتاپ ساقلانغان . ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 11 پارچىدىن تۇغرا كېلىدۇ.ئۇنڭدىن باشقا يەنە مۇزىكا، گۈزەل – سەنئەت ئۆيلىرى زامانغا خاس سەرەمجانلاشتۇرغان. مەكتەپىنىڭ يىنىك ئاتلىتكا مەيدانى، پۇتبۇل مەيدانى، ۋەلىبۇل، ۋەسكىتبۇل مەيدانلىرنڭمۇ ياسلىشمۇ ئاساسى جەھەتتىن مۆكەممەلەشتى. ھازىرىقى دەۋىرنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم- تەربىيە پائالىيەتلىرنىڭ ھۇددىسدىن تولۇق چىقالايىدۇ. !`RMXUV 2009-يىلى 9-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنغا ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنى تولۇق، مۇۋاپقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بەردى. GF8wKx#J ھازىر بۇ مەكتەپتە 92 نەپەر ئوقۇتقۇچى 830 نەپەر ئوقۇغۇچى ، 29 ئوقۇتۇش سىنىپ بار . 20 ئىغىزلىق ياتاقىتا 120 نەپەر ئوقۇغۇچى يېتىپ ئوقۇيدۇ. hmd3W`8D ھازىر ئۇيۇشما رەھبەرلىك ئاپاراتى رەئىسى مەۋلان ئەدھەم ،تەشۋىقات ،تەشكىلى ھەيئەتلەردىن تەركىپ تاپقان 68 ئۇيۇشما رەئىسى بار.پارتىيە ئەزالىرنىڭ سانى 25 نەپەر دىلشات مىجىت ياچىيكا شۇجىسى.ئىتتپاق ياچىيىكا شۇجىسى ۋالىدەم نەسىردىن ئوقۇغۇچىلاردىن 104 نەپەر ئىتتپاق ئەزاسى بار. N)
_24 مەكتەپ ئىزچىل تۈردە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلۇشنى كۈچەيىتىپ ،بىلىم ساپاسنى ئۆستۈرشكە ، خىزمەت ئونۇمىنى ئاشۇرۇشقا .كەسپى ئۆتكەنللەردىن ئۆتۈش، داۋاملىق تەربىيلەش ئارقلىق بىلىم يېڭلاپ تۇرۇشتەك كەسپىي خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى ![_0GFbT يىقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتپىمىز زۇر شان – شەرەپلەرنى قۇلغا كەلتۇردى.2000-2001-يىلى تولۇقىسىزلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نەتىجىسى ناھىيە بۇيىچە 2-ئورۇنغا چىقىتى . bKGX>
%- 2003-يىلى مەكتەپ غۇلجا ناھىيىلىك مەنۋى مەدەنيەت قۇرلۇشغا يېتەكىچلىك قىلش كومىتتى تەرپىدىن ‹‹ مەدەنيەتلىك ئورۇن›› بولۇپ باھالانىدى. fV5$[CL1 2004-يىلى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ج ك پ غۇلجا ناھىيەلىك كۇمىتتى تەرپىدىن ‹‹ مەدەنيەتلىك ئورۇن ›› بۇلۇپ باھالانىدى. |k90aQO 2007-يىلى ج ك پ غۇلجا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۇمىتتى تەرپىدىن‹‹ئىلغار كۈللىكتىپ›› بولۇپ باھالانىدى <>9!oOa 2007يىلى غۇلجا ناھيىلىك مائارىپ ئىدارسى تەرپىدىن ‹‹ ئىلغار ئاتا-ئانىلار مەكىتىپى ›› بولۇپ باھاللانىدى. `MuX/[q 2008-يىلى غۇلجا ناھيىلىك مائارىپ ئىدارسى تەرپىدىن ‹‹ قۇش تىل ››ئوقۇتىشىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانىدى l#1#3F يەنە ناھيە تەرپىدىن ‹‹ تازلىقتا ئىلغار ئورۇن›› ‹‹ باغچىلاشقان ئورۇن ،‹‹ مىللەتلەر ئېتتپاقلىدىكى ئىلغار ئورۇن››دەپ باھالىنىپ شان- شەرەپلەرگە ئېرىشىتى. Sk>=C0f: ئىككى ئوقۇتقۇچى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ، ئىككى ئوقۇتقۇچ ئۇبلاست دەرىجىلىك ، 10 نەپەر ئوتقۇچى ناھىيە دەرىجىلىك شەرەپلەرگە ئىرىشىتى. MkoK(m{7 تۇختۇغۇچى تۇرسۇن ئۆلگىلىك دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ‹‹ مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ مۇكاپاتلانىدى. "W%YsN0 تۇرسۇن ئابدۇكىرىم قاتارىلىق 25 نەپەر ئوقۇتقۇچى ھەر قايىسى پەنلەردىن ناھىيە بۇيىچە ئۆتكۈزىلگەن دەرس ئوتۇش مۇسابقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىتى. 71nZi`AR ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمىزات نەسىردىن 2003-يىلى ئوبلاسىت بۇيىچە ئون مۇنەۋۋەر پىئۇنىرنىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. l7VO8p]y[R ئاسىيەم ھاكىم قاتارلىق 120 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاپتۇنۇم رايۇن، ئۇبلاست بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايىسى پەنلەردىن ئۆتكۈزۈلىگەن زېىھنى سىناش مۇسابىقلىردە نەتىجىگە ئىرشىتى. %" H:z ،2007-2012يىللىرى ئىچكىرى تۇلۇق ئۇتتۇرا، شىنجاڭ سىنپلىرىغا 24 ئوقۇغۇچى ئوتۇپ ناھيىمىزدىكى مىللى مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا ئۇتتى. mw 5>[ شان- شەرەپلەر بىزنى تاغدەك رازى قىلماقتا. ئىش- پائاليەتلەرنىڭ نەتىجىلىك، مۇناسۋەتلەرنىڭ راۋان، كوللېكتىپىنىڭ جۇشقۇن جەڭگۈۋار بولۇشىدا رەھىبەرلىك كوللېكىتپىنىڭ تۆھىپىسى بار دەپ قاراشقا، مەكتەپىنىڭ تەلىم- تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش سۆپىتىنڭ يىلمۇ-يىل يۇقىرى كۆتۈرلىشى ئەنە شۇ جاپاكەش ئۇستازلار بىلەن رەھبەرلەرنىڭ ئىتتپاقلىششى ۋە ئۇيۇشۇشى ، تىرىشىپ ئىشلەپ تۆھىپە يارتىشىنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان خىسلىتىدە دەپ قاراشقا تامامەن ھەقلىق. ~RbVcB# خاتىمە g4WmUV#wp يىللار ئۆچقۈر شامالىدەك شۇنچە تىز ئۇتۇپ كېتىدۇ. ئەمما بىز ئانا مەكتىپمىزنىڭ ئاشۇ ئۆنتۈلماس تارىخنى ئەسلىگەندە ئۇستازلارنىڭ ئەجىرىگە لايىق، ئەل ئۆمىدىنى ئاقلاشقا تىگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقنى ھىس قىلپ تۇرىمىز .شۇڭا بىز قۇلنى- قۇلغا تۇتۇشۇپ يۇرت ئۆمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرشايىلى ! ئانا مەكتىپىم تېخمۇ كۆپ شان- شەرەپلەرگە ئىرشىش ئۈچۈن ئۆرلە !ۋەتەن سەندىن زۇر ئۇمىدىلەرنى كۆتمەكتە! d
8:
$ll uN<=v&]q يازغۇچى :مۇزەپپەر ئالىم 1^$hbRq 2012-يىل 2- ئايىنىڭ 14- كۈنى \/1~5mQ+
|
|