查看完整版本: [--
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنى بىلەمسىز؟
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
نەسىرى ئەسەرلەر
->
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنى بىلەمسىز؟
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
uzqak
2014-01-15 11:46
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنى بىلەمسىز؟
شىنجاڭ «بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى»نى زىيارەت
w4OW4J#
ئاينۇر دولقۇن
.;%q/hP
j#o3
بەرھەق! «قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». بىز خىيالىمىزدا مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىغان ئىشلارنى ئۇچراتقىنىمىزدا ئىختىيارسىز يۇقارقى ماقال-تەمسىلنى ئەسكە ئالىمىز. مەنمۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق «بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى»غا كىرىپ، سۆيۈنۈش، ھەيرانلىق ۋە تەشەككۈر ئارىلاش ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۆمدۈم. دوستۇمدىن دۆڭكۆۋرۈكتىكى قىران بۈركۈت سودا سارىيىدا بىر شەخسىي كۈتۈپخانا ئىچىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلاپ، «شەخسىي» دېگەن سۆز ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان ئىدى. چۈنكى ھازىرغىچە كىتابى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە دوست-بۇرادەرلەر كىتاب كۆرگىلى كىرىپ ئاتالمىش كۈتۈپخانا شەكىللەنگىنىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما رەسمىي تۈردىكى بۇنداق ئورۇننىڭ شەخسىي تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن يېڭى ئىش ئىدى. بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغان يېڭى ئىش بولۇشى مۇمكىن.
"w^Nu6
شەھىرىمىزنىڭ قايناق مەركىزىي رايۇنىدىكى قىران بۈركۈت كۈتۈپخانىسىغا جايلاشقان بۇ كۈتۈپخانىغا كىرىپلا كۆڭلۈم يورۇپ كەتتى. كىرىشكە ئۇدۇلدىكى مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ
|J ?:91
«ئۆگەن تېرىش، ئىلىم ئال ئوغۇل،
z"av|(?d
ئۇ بېھىشكە باشلىغان بىر يول».
fn?VNZ`J
دېگەن مىسرالىرى كۆز ئالدىمدىكى ئازادە كۈتۈپخانا بىلەن قوشۇلۇپ قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. چۈنكى كۈتۈپخانا مۇھىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. كىتابلار تۈرلىرى بويىچە جاھازىلارغا تىزىلغان بولۇپ، ئازادە ھەم يورۇق ئىدى. ئۆگىنىش قىلىش ۋە كىتاب ئوقۇش شارائىتى ياخشى بولغاندىن سىرىت، كۈتۈپخانا ئورنى ياخشى بولۇپ قاتنىشىمۇ قولاي ئىدى. كۇتۇبخانىنىڭ ئىچى ناھايىتى يورۇق، جەنۇپ تەرەپكە قارايدىغان 40 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ دېرىزىسىدىن كۈن نۇرى تۇلۇق چۈشۈپ تۇرىدىكەن. كۇتۇبخانا بىنانىڭ 4- قەۋىتىگە جايلاشقان، دېرىزىلىرىمۇ پۇتۇنلەي شاۋقۇندىن خالىي بولۇپ ئىنتايىن تىنچ . كۇتۇبخانىغا ھەرخىل گۈللەر قۇيۇلغان بولۇپ كىرگەن ئادەملەرگە چىمەنزارلىقنى ئەسلىتەتتى. مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقىنى، كۈتۈپخانا مۇلازىمىتى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن تاشقى زالغا ئايرىم-ئايرىم ئەر-ئاياللار تازلىق ئۆيلىرى، سومكا ساقلاش ئورنى، مۇلازىمەت ئورنى ۋە خەلىققە قولايلىق ماگىزىن تەسىس قىلىنغان.كۇتۇبخانىنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش قىلىش چوڭ زالىدىن باشقا، ئېسىل ئورۇندۇق ۋە شىرەلەر قويۇلغان، تېلىۋىزۇر ۋە DVD قويغۇچ سەپلەنگەن كىچىك-كىچىك خانىلىرى بار. كۇتۇبخانىغا تەسىس قىلىنغان مۇلازىمەت رايۇنىدا ئوقۇرمەنلەر ئېسىل چاي، قەھۋەلەر ۋە مۇسۇلمانچە پىچىنە پىرەنىكلەرقويۇلغان. قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنىغا قەغەز ئىستاكانلار قويۇلغان ئىدى. ئەگەر سىز كۈتۈپخانىدا مەلۇم كىتابنى كۆرۈپ سېتىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز مۇلازىمەت رايۇنىغا بېرىپ بۇ كىتابنى سېتىۋالالايدىكەنسىز. ئۇندىن باشقا، ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 8 گىچە ئېچىلىدىكەن. شەنبە، يەكشەنبە، دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى دەم ئالمايدىكەن. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر تەلەپ قىلسا ئېچىلىش ۋاقتىنى يەنە ئۇزارتىپ بېرىدىكەن.
4zX=3iBt
بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۇتۇبخانا بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى 830 كۋادىرات مېتىر، ئىچكى زال ۋە تاشقى زالدىن ئىبارەت ئىككى بولۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 200 دىن ئارتۇق ئوقۇرمەن ئۆگىنىش قىلالايتى. تاشقى زال ئاساسلىق ماتېرىيال كۆرۈش ۋە ئۆگىنىش قىلىش رايۇنى بولۇپ تۈرلۈك كىتاب، گېزىت-ژۈرناللار، ئۈن-سىن پىلاستىنكىلار، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئاساسەن ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭدىكى ئورۇندۇق ۋە شىرەلەر قويۇلغان. ئىچكى زالغا لېكسىيە ئاڭلاش ئورۇنلىرى، ئايرىم ئۆگىنىش قىلىش ئۆيلىرى ۋە سىنىپلار جايلاشتۇرۇلغان ئىدى.
=?+w)(*0c
پۈتۈن زىھنى بىلەن ھەممىنى ئۆگىنىش قىلىۋاتقان سۈمەييە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ئۆيدە ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن ياخشى ئۆگىنىش قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ كۈتۈپخانا ئىچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كىلىپلا تىزىملاتقان ئىدىم. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، شارائىتى بەك ياخشى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. بۇ يەردىكى ئىنگىلىزچە ماتىرياللارمۇ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايدۇ. بۇ يەردىن ئۆيۈمگە بىۋاستە بارىدىغان ماشىنا بار، كەچتە قورقۇپمۇ كەتمەيمەن. بۇ يەرگە كىلىپ ئۆگىنىش قىلىدىغانلار خىلى كۆپ. چۈشتىمۇ تاماق يەۋىلىپ چىقىپلا ئۆگىنىش قىلىمەن، قورسىقىڭىز ئاچسا، ئۇسسىسىڭىز يەيدىغانلىرىڭىز بۇ يەردىمۇ تەييار ئەنە.
yI:r7=KO
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ قويدى. مەن قايىللىق ئىچىدە كۈتۈپخانا قۇرغۇچىسى ئابلاجاننى زىيارەت قىلدىم. كۈتۈپخانا قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەزىز، 1972-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىسى كۈيۈندە ئېرىق كەنتىدە يېرىم دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1972-يىلىدىن 1979- يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە، 1979- يىلى كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىگە كىرگەن. 1981- يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەبتىن ئايرىلىپ، 1991- يىلىغىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان. 1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە توقسۇ بازىرىدا دەسلەپتە ھەرخىل تىجارەتلەر بىلەن كىيىنچە ئۈن-سىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلى 11- ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ «نىدا» ئۈن-سىن مەركىزىنى قۇرغان ۋە 2005-يىلىغىچە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا «سەرسان يەكشەنبە، ئايرىلىش مىنۇتلىرى، شەرق ناۋاسى، تۇغۇلغان ماكان ۋە دوپپام باشىمدا» قاتارلىق بىر قىسىم ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى ۋە VCD پىلاستىنكىلىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان. كىيىن خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2001 – يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرستېتى جوڭگۇ تىللىرى فاكولتېتىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم بويىچە خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2005- يىلى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان ۋە مالايسىيا خەلقئارا ئۇنىۋېرسېتىتىدا دەسلەپتە ئېنگلىز تىلى ئىككى يىلدىن كىيىن پەلسەپە، ئەخلاق ۋە بۇگۈنكى دۇنيا مەسىللىرى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان. مەكتەبنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەنلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، بىر يىلدىن ئارتۇق تىرشىش ئارقىلىق 2010-يىلى 8- ئايدا «ھازىرقى زامان پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى ئاشلىقنى ئاساس قىلغان (بۇغداي بىلەن گۈرۈچنىڭ باھاسىنى مال باھا بىرلىكى قىلىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قەغەز پۇلغا ئەمەس بەلكى ئاشلىقا تاينىش) پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق ئىلمى ماقالىسىنى غەلبىلىك تاماملاپ ماگىستىرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.
}Qb';-+;d
- قانداق بولۇپ كۈتۈپخانا قۇرۇش خىيالىغا كىلىپ قالدىڭىز؟- سورىدىم ئابلاجاندىن.
bu&;-Ynb
-خۇددى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «ئالتۇن ياتسا سايدا، بىلمىسە نىمە پايدا» دىگىنىدەك، بىز تۇرمۇشىمىزدا ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى بايقيالمايمىز ۋە شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەيمىز ۋە پايدىلىنالمايمىز. مېنىڭچە كۇتۇبخانىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلق مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن ۋە شۇ سەۋەپلىك يىتەرلىك نەپ ئالالمىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى. كۇتۇبخانىنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا، ئەقىل- پاراسىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە جۈملىدىن ئومۇمى خەلقنىڭ ئۇنېۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدە ئوينايدىغان رولىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس. ئەمما كىشىلەرنىڭ بىلىم ئىلىشىدا كۈتۈپخانا تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
Y@ObwKcG
كۇتۇبخانىنىڭ ئەڭ يادرولۇق خىزمىتى بىلىم توپلاش ۋە بىلىم تارقىتىش. كۇتۇبخانىدىكى ھەر بىر كىتاب بىر ئالىم ياكى بىر نەچچە ئالىمنىڭ بىر نەچچە يىل ياكى بىر ئۆمۈر تۆككەن قان تەرىنىڭ مەھسۇلى، ھەر بىر كىتابقا ئاشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ بىلىملىرى مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. كۇتۇبخانا بولسا مانا مۇشۇنداق بىلىم مۇجەسسەملەشكەن كىتابلارنى، گېزىت-ژورناللارنى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى يىغىدۇ ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىنمۇ كۇتۇبخانىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە مەكتەبلەردەك تەتىل كۈنلىرى بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا خەلق ھەرۋاقىت كۇتۇبخانىلاردىن بىلىم ئالالايدۇ.كۇتۇبخانىلار ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن ياش چەكلىمىسى قويمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھەرقانداق ياشتىكى ئادەم كۇتۇبخانىلارغا بېرىپ بىلىم ئىگەللىيەلەيدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بولۇپ كۇتۇبخانىلار ئوقۇرمەنلەرگە بىلىم ئىگەللەش چەكلىمىسى قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر كۇتۇبخانىلاردا ئۆزىگە ئىھتىياجلىق بولغان بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمدى مىنىڭ نىمە ئۈچۈن كۇتۇبخانا ئېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىمگە كەلسەك، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك كۇتۇبخانىنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيتىشدا بولمىسا بولمايدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغانلىقىم ئۈچۈندۇر. مەن ھەرگىزمۇ ساندۇق ساندۇقلاردا ئالتۇن ساقلايدىغان، ئۆيلىرىدە ياكى بانكىلاردا پۇلنىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز ساقلايدىغان چاشقانباي بۇلۇشنى ئەمەس بەلكى كۈچىنىڭ يىتىشىچە باشقىلارغا بىلىم ئۆگىتىدىغان، باشقىلارنى مەنىۋى جەھەتتە توغرا يولغا باشلايدىغان، ھىچ بولمىغاندا باشقىلارغا ئۆگىنىش قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرەلەيدىغان بىر ئادەم بولسام دېگەننى ئارزۇ قىلاتتىم. كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ بۇ ئارزولىرىمنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ. شۇڭا مەن كۇتۇپخانا ئىچىشنى ئويلىدىم ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. قارىسام دۆڭ كۆۋرۈك، يەنئەن يولى ۋە مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىق رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر زىچ توپلاشقان دائىرىدە كۈتۈپخانا يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىمگە ماس كېلىدۇ. مەن پەلسەپە ئوقۇغان، بۇنداق ئادەملەر ئۆز ھاياتىنى كۇتۇبخانىلاردا ئۆتكۈزسە ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كۇتۇبخانىلاردا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەلەشتۈرەلەيدۇ ۋە خەلق ئۈچۈن ياخشى مىراسلارنى قالدۇرالايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ سودا كۆز قارىشىمغا ۋە تىجارەت قىلىش ئۇسلۇبۇمغا ماس كېلىدۇ. مىنىڭ كۆزقارىشىمدا نەپ بەرمەيدىغان تىجارەت ياكى مۇلازىمەت يوق، ھەرقانداق بىر كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ياكى ۋەيران بولۇشى شۇ كەسىپنى قىلغۇچىغا ۋە شۇ كىشىنىڭ تەدبىرىگە باغلىق. مىنىڭ سودا قىلىش ئۇسلۇبۇمغا كەلسەك مەن باشقىلارغا ئەگىشىپ سودا قىلىشنى ياكى باشقىلار قىلغان ئىشنى دوراپ قىلىشنى ياختۇرمايمەن. مەن دائىم يېڭى بىر ئىش قىلىشنى، يېڭى بىر شەيئىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئويلايمەن.
kI
-بىلكۈچ دېگەن ئىسىمنىڭ تاللىنىش جەريانى ۋە بىلكۈچ كۈتۈپخانا بەلگىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟
'hy?jQ'|e
مىنىڭ كۆزقارىشىمدا ھەردانداق بىر نەرسىگە ئىسىم قويغاندا ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك: (1) ئىسىم چۇقۇم ئىخچام، تىلغا يېقىن، قۇلاققا يېقىملىق ۋە ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان بولۇشى كېرەك؛ (2) ئىسىم مەزمۇنلۇق بۇلىشى ۋە شۇ كەسىپنىڭ خاراكتىرىگە ماس كىلىشى كېرەك. بىلكۈچ دىگەن ئىسىم يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدۇ. بىلكۈچ دىگەن بەلگىگە كەلسەك بەلگىدىكى كىتاب بىلىمگە شۇنداقلا كۈچكە سىمۇۋۇل قىلىنغان. شۇڭا ئۇ ئۈستىگە قويۇلغان تاغنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
{Wa~}1`Kl
-كۈتۈپخانا قۇرۇش جەريانىدا قانداق قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟ ۋاز كېچىش خىيالىدىمۇ بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟
tw-fAMwU
نۇرغۇن كىشىلەر قىيىنچىلىقنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنىڭ قىينلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىەەتلىك دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىر ئىشنى قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىلىش تەس بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىيىن ئىش دەپ قارايدۇ. بىراق مىنىڭ كۆزقارىشىمدا قىلغىلى بولغانلىكى ئىشنى قىيىن ئىش دىگىلى بولمايدۇ. بەلكى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن قىلغىلى بولمىغان ئىشنى قىيىن ئىش دىيىشكە بولىدۇ. مەن كۇتۇبخانىنى قۇرۇش ۋە ماڭدۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارغا يۇلۇقتۇم بىراق ئاساسەن ھەل قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن. كۇتۇبخانىمىز يېڭىدىن قۇرۇلغان بولغاچقا ماتېرىياللىرىمىزنى تۇلۇق دىگىلى بولمايدۇ، بارغانسىرى تولۇقلاۋاتىمىز. بىراق مەن ھازىرغىچە خېلى كۈچەپمۇ قىلالمىغان ئىش كۇتۇبخانىمىزغا گېزىت ئەكىرىش ئىشى بولدى. مەن 5- ئايدا پوچتىخانا ئارقىلىق شىنجاڭدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى 17 خىل گېزىتكە مۇشتەرى بولغان. بىراق بىرەر ئاي يول مېڭىپمۇ پوچتىخانىدىن بىرەر پارچە گېزىت تاپشۇرۇپ ئالالماي ئاخىرى قايتۇرۋەتتىم. مەن بۇ ئىشنىڭ ماڭا بۇنداق قىيىن توختاپ كىتىشىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. كۇتۇبخانا ئېچىشتىن ۋازكىچىش ئىشىغا كەلسەك مىنىڭ ھازىرقى تەپەككۇرۇم ۋە ئوي-خىياللىرىمدا بۇنداق سۆز مەۋجۇت ئەمەس.
_o&94&
-بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆزىڭىز يەتتىمۇ؟
~JAjr(G#o
بىر كەسىپنىڭ تەرەققى قىلالىشى مەلۇم جەھەتتىن شۇ كەسىپنى قىلغۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە باغلىق. مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلىساقلا، كۇتۇبخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن گۇماللىنىش يوق.
RP(a,D|
-كۈتۈپخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىڭىز ۋە پىلانلىرىڭىز بار؟
OWZS3Y+
-كۇتۇبخانىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى يېڭىدىن ئېچىلغان ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر مۇقىم ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سانىدا زور ئۆزگۈرۈش بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىمىز ۋە پىلانلىرىمىز كۇتۇبخانىمىزنى رايۇنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر تېل-يېزىقتىكى ھەرقانداق كىتاب-ماتېرىياللار بار بولغان كۇتۇبخانىغا ئايلاندۇرۇش؛ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ھەرقايسى رايۇن ۋە مەھەللىلىرىگە كۇتۇبخانىمىزنىڭ تارماقلىرىنى ئېچىش؛ كۇتۇبخانىمىزنى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىگىچە كېڭەيتىش؛ كۇتۇبخانىمىزنىڭ تەربىلەش مەركىزىنى قۇرۇپ كۇتۇبخانا مۇلازىمەتلىرى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش؛ شۇ ئاساستا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنى شەھەرىمىزدىكى ھەقىقى بىلىم خەزىنىسى ۋە بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرۇش. -كۈتۈپخانىنىڭ شۇئارى نېمە؟
8H7O/n
-كۇتۇبخانىمىزنىڭ شۇئارى بىرلا ئۇ بولسىمۇ «ئىلىملاشتۇرۇش».
487YaioB$
شەھرىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق گۈللەر بىلەن تولغان بىر گۈلباغ، مول مېۋىلىك باغ، كۆڭۈللەرگە ئارام ۋە راھەت بېغىشلىغۇچى يەنە بىر باغ قوشۇلۇپتۇ. ئابلاجان ئۆزىنىڭ ئارمان گۈللىرى ۋە تارام تەرلىرىنىڭ ئەجرى سۈپىتىدە بۇ خاسىيەتلىك باغنى ئەھيا قىپتۇ. كۈتۈپخانىدىن ئايرىلىدىغان چېغىمدا كۈتۈپخانا زالىدا جىمجىت كىتاب كۆرۈۋاتقانلار ۋە ۋۇجدىدىن جاھارەت ۋە ئۈمىد تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئابلاجان ئاكىغا قاراپ پىچىرلىدىم:
+8^5C,V
ئابلاجان ئاكا! بىلىپ تۇرۇپتىمىز، ئالدىڭىزدا قېيىنچىلىق كۆپ، ئەمما ئىشىنىڭ، خەلقىمىز سىزنى قوللايدۇ! بۇ گۈزەل باغقا يەنە نۇرغۇن قوللارنىڭ ئەجرى سىڭىدۇ!
gA{'Q\
ياسىنجان510
2014-01-15 14:38
بۇ يزما ئەھمىيەتلىك يازما ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
مىېھرىما
2014-01-15 15:09
بىزنىڭ ھازىرقى زاماندا مانا مۇشۇنداق ئىلىم سۆيەر ئادەمنىڭ بولشىنىڭ ئۆزى ناھايتى ياخشى باشلىنىش.
';&0~ [R[
HOq4i!
شەھرىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق گۈللەر بىلەن تولغان بىر گۈلباغ، مول مېۋىلىك باغ، كۆڭۈللەرگە ئارام ۋە راھەت بېغىشلىغۇچى يەنە بىر باغ قوشۇلۇپتۇ. ئابلاجان ئۆزىنىڭ ئارمان گۈللىرى ۋە تارام تەرلىرىنىڭ ئەجرى سۈپىتىدە بۇ خاسىيەتلىك باغنى ئەھيا قىپتۇ. كۈتۈپخانىدىن ئايرىلىدىغان چېغىمدا كۈتۈپخانا زالىدا جىمجىت كىتاب كۆرۈۋاتقانلار ۋە ۋۇجدىدىن جاھارەت ۋە ئۈمىد تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئابلاجان ئاكىغا قاراپ پىچىرلىدىم:
B*y;>q "{U
ئابلاجان ئاكا! بىلىپ تۇرۇپتىمىز، ئالدىڭىزدا قېيىنچىلىق كۆپ، ئەمما ئىشىنىڭ، خەلقىمىز سىزنى قوللايدۇ! بۇ گۈزەل باغقا يەنە نۇرغۇن قوللارنىڭ ئەجرى سىڭىدۇ!
stX'yya
09G9nu ;&{
بۇ جۈملىلەردىن ئۇلارنىڭ كىيىنكى نىشانىنى كورگىلى بولدۇ. رەھمەت ئوزچاق مۇئەللىم. ياخشى تىما سۇنۇپسىز بىز تەۋپىقداشلاغا .
قاراخان
2014-01-15 19:50
بۇ تىمىنى كۆرۈپ مىللىتىمىزنىڭ مەڭگۈ يوقالماس بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم، خەلقىمىزنى ئىلىم-مەرىپەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئۈن-تىسىز كۈچ چىقىرىۋاتقان ئۇستازلار، ياشاڭلار! باسقان ئىزىڭلاردىن گۈل-چېچەكلەر ئۈنسۇن.
ئەكبەرنىياز
2014-01-15 23:02
ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ ، بۇ كۈتۈپخانىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ تارماقلىرىنىڭ تېزراق ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!
گۈلگۈن
2014-01-16 18:51
ياسىنجان510
:
بۇ يزما ئەھمىيەتلىك يازما ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
(2014-01-15 14:38)
c28oLT1|D
ئابلاجاننىڭ تىرىشچانلىقدىن سۈيۈندۇم ،بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالسام بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىغا كىرىشنى ئويلاۋاتىمەن .
ozqan
2014-01-16 20:45
ئابلاجان ھەققىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلغان كىشىكەن ، ئەسلى پۇل تاپاي دەپ ئويلىغان بولسا ، ھەرگىزمۇ كۇتۇپخانا ئاچمايتتى ، پۇل تېپىشقا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن كەسپىلەر بار ئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكىدە مىللىتىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كىتابقا باغلانغان رىشتىسى بولغاچ كۇتۇپخانا ئېچىپتۇ ، ئۇ يەنە كۇتۇپخانا ئېچىپلا قالماي ، يەنە بۇ كۇتۇبخانىدا كىتاب ئارىيەت ئېلىش كېنىشكىسى بىجىرگەن ئوقۇغۇچىلارنى يەنىمۇ رىغبەلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ئانا تىلدا تەربىيەلەشنىمۇ ھەقسىز ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ . بۇ كۇتۇپخانا يەنە بىر نەچچە قېتىم جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان جەمئىيەت ئەربابلىرىنى ، يازغۇچى ، ئوبزورچىلارنى تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئامما ئالدىدىكى ئاممىنى ، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاممىۋىي ئۈنۈم يارىتىپتۇ .
;cS~d(%
ھازىر ئۈرۈمچىدە زىيالىيلار ئارىسىدا مانا مۇشۇنداق ئېلىم سۆھبەتلىرى خېلىلا ئاۋۇپ قالدى ، بۇ خىزمەتلەرنىڭ قابىل تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەپەندىدۇر .
"uV0Oj9:
بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى يەنە بالىلارنى ئانا تىلدا تەربىيلەش ، بالىلارنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىىشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماقالە يېزىش دېكلاماتسىيە قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائالىيەت ۋە لېكسىيەلەرنى تەشكىللەپ بالىلىرىمىزنى جەمئىيەتتىكى بىر ئۆگۈنۈش سورۇنى بىلەن رىقابەت ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلمەكتە ...
iqU.a/~y
بىز مانا مۇشۇنداق بالىلارنىڭ مەكتەپتىلا ئەمەس ، جەمئىيەتتتىمۇ ، ئامىۋىي پالىيەتلەر ئارقىلىقمۇ تەربىيەگە ئىگە بولۇشىدا تۆھپە قوشۇۋاتقان ، مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىدە بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىغا بۇ كۇتۇپخانا قۇرغۇچىىسغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز .
b&hF')_UOz
ئۈمىدىىمىز شۇكى : «بىلكۈچ » لۈكلەر تېخىمۇ روناق تاپسۇن ....
tawpek
2014-01-19 17:55
«ئۆگەن تېرىش، ئىلىم ئال ئوغۇل،
@&a m!+z
ئۇ بېھىشكە باشلىغان بىر يول».
oHP>v_X
2i4Dal
مۇنبەر ئۈستىدىكى رەسىمنى ئىنىقراق قىلىپ قايتا ئىشلەش ئۇيۇم بار ئىدى، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چوڭراق، ئىنىقراق چىققان رەسىمىنى تاپالماي يۈرگەنتىم،
x~3>1Wr#M
!0d9
روسىم قىستۇرالمىساممۇ ئاۋۇ ھىكمەتنامىسىنى بولسىمۇ قىستۇرۇپ ئىشلىسەم بولغۇدەك.
1*x5/b
X*p:&=o
nvUkbmZG#
تەشەككۇر، مەن ھىلىقى پائالىيەتنى كۆرۆپ مۇنداقلا بىر كىتاپخانا ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن،
+Qb2LR
RmCn&-i
ئۆزىگە يۈكسەك بىر ئەھمىيەتنى يۆلەنچۈك قىلىپتىكەن ئەمەسمۇ، ھەممە نىيەتكە باغلىق دەيدىكەن دانالىرىمىز.
A )s"h=R
-*]9Ma
نىيىتى خالىسلىقنى تاللىغان ئوغلانلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تىخىمۇ پارلاپ نور چاچقاي.
sN[@mAoH
5p>]zij>
a0v1LT6
ئوقوپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، ھەممە ئويغاندى. قەيەرگە قارىسا بىر نۇسرەتنى كۆرىۋاتىىمەن.
u[% J#S
P)o[p (
خۇددى مەنلا بىچارىدەك.
YUE1 '}
{&A T}7
نىمىشقا تىرىشىپ ئوقومىغان بولغىىيتىم، نىمىشقا تىخىمۇ تىرىشمىغان بولغىيتىم، نىمىشقا تىرىشچانلىقنى قورساق تويسىلا تاشلىغان بولغىيتىم دىگەنلەر بارغانسىرى مىنى قىينايدىغان بولوپ قالدى.
查看完整版本: [--
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنى بىلەمسىز؟
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled