查看完整版本: [-- بالىلار ۋە ئەخلەت يىماكلىكلەر(ئابلەت ئابلېكىم) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> بالىلار ۋە ئەخلەت يىماكلىكلەر(ئابلەت ئابلېكىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abral777 2014-01-15 10:49

بالىلار ۋە ئەخلەت يىماكلىكلەر(ئابلەت ئابلېكىم)

بالىلار ۋە ئەخلەت يىمەكلىكلىرى :iJ+ImBpK  
ئابلەت ئابلىكىم =4cK9ac  
بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەكتەپلەرنىڭلا ئەمەس،ئاتا-ئانىلارنىڭ،شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.گەرچە مەكتەپلەرنىڭ تاملىرىغا، كىشىلەر نەزەر تاشلايدىغان يوللارنىڭ كۆرۈنەرلىك يەرلىرىگە «بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى»،«بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك»دىگەنگە ئوخشاش شوئارلار يوغان قېلىپ يېزىپ قويۇلغان بولسىمۇ،لېكىن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزچە جەمىيەتتە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدېت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىللار يەنىلا ئاز ئەمەسكەن. d;O16xcM/  
بالىلار ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسۈتىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ تەسىرى بىۋاستە،تىز،ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماماقلىرى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدابىر قىسىم قانۇن،بەلگۈلىمىلەرنى چىقېرىپ يولغا قويغان بولسىمۇ،لېكىن بەزى كارخانا،يەككە تىجارەتچىلەر ئازغىنە مەنپەئەتنى كۆزلەپ،بالىلارنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكمەكتە. y?j#;n0  
مەلۇم ماتىريالدا يېزىلىشىچە جەنۇبى شىنجاڭدا مەلۇم ئوقۇغۇچى ئاشقازان زىيادە قورۇلۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق،ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تەييار چۆپ يىگەنلىگىنى ئىسپاتلىغان.بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىغى يىراق بولۇپ،ھەر كۈنى چۈشلىگى ئۆيىگە كەتمەي،تەييار چۆپ بىلەن قورسىغىنى تويغۇزغان،بىر يىلدىن كېىيىن يۇقۇرقى كىسەلگە گىرىپتار بولغان.ئەخلەت يىمەكلىك سەۋەبىدىن بىر غۇنچىنىڭ ھاياتى بىۋاقىت نابۇت قىلىنغان. (@*[^@ipV  
شەھەر ياكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلارغا نەزەر تاشلىساق ئەھۋالنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىگىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.بىز 8-يىللىقلار گۇرۇپپىسى بىيۇلۇگىيە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇلتۇر بالىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئىستىمال ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن‹‹ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرى›› تەتقىقات تېمىسىنى تۇتۇپ ئىشلىدۇق.ئۈچ ئاي ئەمەلى تەكشۈرۈش،ماتىريال توپلاش،ماتىرياللارنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا تېما تەتقىقاتىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدۇق. S 4uX utd  
بىز يېزا مەركىزى،ھەرقايسى كەنىتلەردىكى يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان 108 خىل يىمەكلىكنىڭ نامى،تەركىۋى،ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت،ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى،ساقلاش مۇددىتى،قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرلەپ،بىئولۇگىيە ۋە خېمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىگى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئايرىپ چىقتۇق.ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىملىق ئەمەلىي تەتقىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق زىيان سالىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتتى. _ MQ)  
بىر پۈتۈن تەتقىقات جەريانى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسۈتىلدى.فىلىم ناھيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان تېما تەتقىقاتىدىن خۇلاسە چىقىرىش يىغىنىدا كۆرسۈتىلىپ،يىغىن ئەھلىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. =Tv|kJ| j  
  تېما تەتقىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى،ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تونۇشى كونكىرىتلىشىپ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى.ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ماتىريال توپلاپ ماقالا يازدى،بۇ ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈردى. eS(\E0%QI  
  ئەخلەت يىمەكلىك ــ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىدىن ئۆتمىگەن،سۈپىتى ناچار،قىلچە ئوزۇقلۇق قىممىتى بولمىغان،ئادەم ئورگانىزىمىغا زىيانلىق يىمەكلىكلەرنى كۆرسۈتىدۇ.ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلىش بالىلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،چۈنكى بالىلار ئەخلەت يىمەكلىگى يىيىش جەريانىدا تاماق يىمەيدىغان ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرۋالىدۇ. /NfuR$oMd  
  ساغلاملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا شەھەر ۋە يېزا مەكتەپلىرىدىكى بالىلاردا يىراق ۋە يېقىننى كۆرەلمەسلىك،قان ئازلىق،ماغدۇرسىزلىنىش،ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى،نىرۋا ئاجىزلىق،ئاشقازان قورۇلۇش، دىيابىت... قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلگەن.بۇ كىسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئەخلەت يىمەكلىگى يىيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 3Ob"R%Yo  
  بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياتاقتا يېتىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يىمەكلىك يىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغانلىقىنى،بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز بېرىلىدىغان تاماق بېلىتىنى ئەرزان باھادا سېتىپ ئۇنىڭغا ئەخلەت يىمەكلىگى سېتىۋىلىپ يەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق.بەزى ئوقۇغۇچىلار ناشتا قىلماي مەكتەپكە كىلىدىكەن،ئائىلىسىدە سۈت،تۇخۇم،قايماق،ھەسەل،ياڭاق،دادۇر،خۇاسىڭ.. قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ لىكىن ئۇلار يىيىشنى خالىمايدىكەن.كۆكتات،مىۋە-چىۋە ئىستىمالى يېتەرلىك بولمىغاچقا بەزى بالىلاردا كالىتسى،ئاقسىل،تۆمۈر،..قاتارلىق ماددىلار يېتىشمىگەن.سېنىك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بەزى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە چىكىنىپ كەتكەن. dPplZ, Y%  
  ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ مەنبەسى ــ ئەخلەت يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت،كارخانىلار،ئەخلەت يىمەكلىك ساتىدىغان دۇكان،تاللا بازارلىرى بولۇپ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ نورمال سېتىلىشى دۆلەتنىڭ يىمەكلىككە ئائىت قانۇن-تۈزۈم،بەلگۈلىمىلىرىنىڭ ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىنماسلىغىدىن،كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىگىدىن بولغان. (os}s8cIh  
  قانداق قىلغاندا ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ بالىلار ساغلاملىقىغا كۆرسۈتىدىغان تەسىرىنى تىزگىنلىگىنى بولىدۇ؟ t}L kl(  
تېما تەتقىقات خۇلاسىسىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: \ d$fi*{  
1.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش،نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، پۈتكۈل جەمىيەت بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش. ap hfzo  
2.مەكتەپلەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ،ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ،مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى،مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دۆلەت ئەخلەت يىمەكلىك دەپ بېكىتكەن يىمەكلىكلەرنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدىكى دۇكانلاردا نورمال سېتىلىشىنى قاتتىق چەكلىشى كىرەك. IzVb  
3.مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى،ئاتا-ئانىلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيىسىنى ئىزچىل كۈچەيتىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بېلىتىنى ئەرزان باھادا سېتىپ،ئۇنىڭغا ئەىلەت يىمەكلىك يەيدىغان ناچار ئاسىتىنى ئۆزگەرتىپ،بالىلاردا ئىلمى ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشى كىرەك. MLwh&I9)  
4.ساغلاملىق دەرىسى تەسىس قىلىش،بىئولۇگىيە ۋە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىش. )e&U'Fx  
5.مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ئىلمى ئوزۇقلىنىش ھەققىدە لىكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش،مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى،ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىش،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانىلاردا ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە ئورتاق قارشى تۇرىدىغان ئىدىيە ۋە روھ يېتىلدۈرۈش. Y'-@O"pK  
  بىز يوشۇرۇن كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرغۇنىمىزدا،دەرىستىن چۈشۈش قۇڭغۇرىقى چېلىندى،بالىلار خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەردەك،بىر-بىرىگە يول بەرمەي،يىمەكلىك دۇكانلىرىغا ئۆزىنى ئېتىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تەييار چۆپ يىسە،بەزىلىرى زىقلىق كاۋاپ،بەزىلىرى كولباسا،بەزىلىرى يەنە ئاللىنىمىلەرنى يەۋاتاتتى.كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ئۇلارنىڭ يەۋاتقىنى ئاساسەن ئەخلەت يىمەكلىكلەر ئىدى. @BQJKPF *  
نىمە ئۈچۈن بالىلار شۇ قەدەر روھسىز،جانسىز؟نىمە ئۈچۈن ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس؟بۇنىڭدا كۆپ تەرەپلىمە سەۋەپ بولۇشى مۈمكۈن،ئەمما بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېزا بالىلىرىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىگىنى بايقىدۇق.بەزى بالىلار بىرىنجى سائەتلىك دەرىستىلا ئۇيقۇسىراپ ئولتۇرىدۇ،كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز.ئەخلەت يىمەكلىك كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە چىكىندۈرۋەتكەن. Yl$R$u)  
تىببى پەن ئالىملىرى‹‹تۇرمۇش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئەنئەنىۋى داۋالاش تېخنىكىسى ۋە دورا ئارقىلىق تىزگىنلەشكە ياكى ئالدىنى ئېلىشقا بولمايدۇ.بۇنى پەقەت كىشىلەرنىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىش،ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،ساغلاملىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش،كىشىلەرنى ئاكتىپ،ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەش،يامان ئىللەتلەردىن قول ئۈزدۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلغىنى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ. 7]8nW!h;  
شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە،تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،‹‹ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم››دىگەن ساپا مائارىپ ئىدىيىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ،تېنى ۋە روھى ساغلام ،ئىقتىدارلىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى لازىم.  fOUW{s  
X]1Q# $b  
(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) 8mc0(Z@  

گۈلنىھال 2014-01-15 14:14
‏بىزنىڭ مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلارغا كىرىپ ، ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان يىمەكلەك قايسى دەپ سورسام ، تەييار چۆپ ، دىگەنتى . ھەر كۈنى قانچىلىك سېتىپ بولالايسىز دىسەم ، ئىككى يېشىك  دىدى .  كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بوپ كەتتى بۇ گەپنى ئاڭلاپ . ھالال ئەجىر بىلەن يېقىلىۋاتقان نانلىرىمىزمۇ شۇنداق سېتىلغان بولسىدى !  باللىرىمىزنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى يەنە تەرەققى قىلغان ، ئېتىقادى مۇستەھكەملەنگەن بولاتتى  ، ئەپسۇس .... بۇ  تەييار چۆپنى بىز ئۈچۈن ھالال دىگەن تەقدىردىمۇ ، لىكىن چۆپىنى قاتۇرۇشقا ئىشلەتكەن خىمىيىۋى ماددا ئادەمنىڭ جىگەر ، بۆرەك .،. قاتارلىق رەئىس ئەزالىرىنى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەيدىكەن .  

گۈلنىھال 2014-01-15 14:20
‏باشقا ئەخلەت يىمەكلىكلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ساقلىنىشتا قوشۇلغان ماددا  دىگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس

ياسىنجان510 2014-01-15 14:35
مەكتەپنىڭ ئىچىگە ماگزىننى سېلىپ،ئۇنى ئەخلەت يېمەكلىك نىلەن لىق تولدۇرۇپ قويۇپ ،ئوقۇغۇچىلار ئەخلەت يېمەكلىك ېيمىسۇن دېگەن بۇيرۇقلار كىشىنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدۇ.بۇ بىزنىڭ مەكتەپ.

تىلداش 2014-01-15 16:32
ئابلەت ئىنىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە_ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. بۇ مەسىلىگە پۈتكۈل جەمئىيەت بىردەك كۆڭۈل بۆلمىسە، بىرەر مەكتەپ ۋە رايۇننىڭ ‹‹چەكلەش› تەربىيىسى ئېلىپ بارغىنى بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمىسا كېرەك. بۇ مەسىلىگە دائىر ساغلاملىق تەربىيىسىدە ھۆكۈمەت خارەكتىرلىك تەربىيە تەشۋىقاتى ھەم مۇۋاپىق ھەل قىلش تەدبىرلىرى ئوتۇرىغا چىقىرىلمىسا، بىر دەۋر ئەۋلادلارغا تەسىر قىلىپلا قالماي، بىرنەچچە ئەۋلادنىڭ تەن ساپاسىغا ئاسارىتى قېلىشى مۇقەررەر بوپ قالدى. RQ*oTsq  
.......

مىېھرىما 2014-01-15 17:40
تىلداش بىزگە ناھايتى ياخشى سوغاتتىن بىرنى تەقدىم قىپتۇ. مەن سىنپىمدىكى ئوقۇغۇچۇللىرىمغا ، سىنىپتا ئوقۇپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. چۇنكى مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكاندا ، ئەخلەت يىمەكلىك  دۆۋسىبىلەن دەڭا . بالىلارنى توسۇپ بولالماي بەزى گەپلەرنى دىيىشكە مەجبۇر بوپ كالدىم . لىكىن بۇنى دىمەي بولدى.................

ozqan 2014-01-15 22:32
ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان 108 خىل يىمەكلىكنىڭ نامى،تەركىۋى،ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت،ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى،ساقلاش مۇددىتى،قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرلەپ،بىئولۇگىيە ۋە خېمىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىگى ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئايرىپ چىقتۇق. XdV(=PS!a@  
。。。。。。。。。。。。。。。。。。 2od 9Q=v~  
+2 x|j>  
بۇلارنى مۇنبەرگىمۇ  يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن ... 4iC=+YUn  
EF5:$#  
بىر پۈتۈن تەتقىقات جەريانى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسۈتىلدى. BW{&A&j  
............................. t_NnQ4)=  
met`f0jw  
بۇ فىلىمنى بىزمۇ كۆرۈپ باقساق بولارمۇ ؟ <-s5 ;xwtS  
#4wia%}u  
vI5'npM  
بۇ بەك قىممەتلىك ماقالىكەن ... nv}z%.rRUj  
بالىلىرىمىزنىڭ جىسمى بۇلغىنىپ كەتسە ، سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا ، ئۇلارنى تەربىيەلەشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ  .   ساغلام تەندە ساپ ئەقىل ...

abral777 2014-01-16 11:38
ئۆزقانغا كۆپ رەخمەت،ھازىر سەل ئالدىراش،فىلىمنى ئەتە-ئۆگۈنلەردىن يولاپ بېرەي.

ئەكبەرنىياز 2014-01-16 13:14
ھېلىقى فىلىمنى مېنىڭمۇ بىر كۆرۈپ باققۇم كېلىپ كېتىۋاتىدۇ ، مۇمكىن بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويارسىز !!!

گۈلنىھال 2014-01-16 21:23
‏مېنىڭمۇ شۇنداق كۆرگۈم بار ، راسلا ئالدىراۋاتىمەن . قانچە تېز بولسا ، شۇنچە ياخشى !

سەئىدىيە 2014-01-16 22:30
ئەخلەت يىمەكلىك ھەققىدىكى بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .   مېنىڭمۇ كۆرۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.        رەھمەت سىزگە !

tawpek 2014-01-19 17:03
زاۋۇت،ئىشلەپچىقارغان ۋاقتى،ساقلاش مۇددىتى،قاتارلىق ئەھۋاللارنى O[15x H,  
tWTHyL  
{VW\EOPV~  
j Vd`J  
ئىشلەپ چىقارغان ۋختىنى ھازىر  دۇكانچىلار يەشىكتىن ئىلىپ پۇكەيگە تىزغاندا سىرتىغا ئۆزى بىسىۋالىدىكەن، چىسلا ئۆزگەرتىپ بىسىش تامغىسى ھازىر ھەممە دۇكانلاردا بار. Tp?IK_  
oo\^}jb  
g;'S5w9S  
ئىشلەپ چىقارغان ۋاقىتنى زاۋۇت تەرەپتىن باشقىلار باسالمىغۇدەك قىلىپ لاھىيلەش پەرمانى چۈشسە بولاتتى. 1C{0 R.  
X^N6s"2  
مەكتەپتىكى ئەخلەتلەرگە قاراپلا ئۇلارنىڭ نىمە يەۋاتانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بولوپ كەتتى. s(3u\#P  
Z,2?TT|p  
مەكتەپ بەرگەن سۈت تۇخۇمنى بازارغا ئەچىقىپ سىتىپ شۇنداق نەرسىلەرنى ئىلىۋاتىدۇ. 2~f*o^%l  
z3i`O La  
'XKfKv >;  
مەكتەپتە ھوشىدىن كىتىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ كۆپىيشى بىلەن ھازىر بىرەرسى ئايلىنىپ كىتىپتۇ دىسە سىنىپ مۇدىرلىرىمۇ سەل تۇرۇپ ئوڭشىلىپ قالار دەپ خىيالى كىتىدىغان بوپ كىتىپتۇ. /ojwOJ  
>$rH,Er  
بىر ئوقوغۇچى مەكتەپتە ئالدىمدا  كىتىۋىتىپلا  يىقىلغانتى ماشنامغا سىلىپ دوختۇرغا ئاپارسام پۈتۈن مەكتەپتە  كۈلكىگە قالدىم. c{1)- &W  
8BAe6-*S8  
چۈنكى ئۇ ئادەتتىكى ئىش بولوپ ھەر بىر سىنىپتىن ئىككى-ئۈچتىن كۈنىگە چىقىپ تۇرىدىكەن. t'$_3ml  
N~v<8vJq`  
سەۋەبى يەنىلا شۇ ئەخلەت يىمەكلىك، ئۈچ ۋاخ ئىچىلىدىغان لەڭپۇڭ. ئۆي يىراق بولغاچ ئەتىگەنلىكى ناشتىسىز  كىلىش. ,|$1(z*a{c  
Xmmj.ZUr  
ئەڭ ئاۋال ئاتا-ئانىلار بىر ئويغانسا بولاتتى. 30I-E ._F  
w]xr ~D+  
كۆپ تەشەككۇر ئابلەت مۇئەللىم،  باش سۈرىتىڭىزنى بەلگىلىۋالامسىز؟

تۆتتاش 2014-01-19 17:10
تېما  ياخشى ئەھمىيەتلىك  تېما  ئىكەن،لىكىن  بىزنىڭ  بۇ تەرەپلەردە ئۇقۇتقۇچى ھەرگىزمۇ  دۇكانلارنى تەكشۈرەلمەيدۇ. سىنىپ  مۇدىرلىرى  تەربىيە  ئىشلەيمىز  شۇ

tawpek 2014-01-19 17:30
بىزنىڭ مەكتەپتە دەرۋازا باقىدىغان نۆۋەتچىلەرنى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئىلىپ كىرگەنلەرنى بولسىمۇ توسوشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ryz NM3  
k]-Q3 V  
:! $+dr(d  
لىكىن ئاتا-ئانىسى بەرگەن پۇلغا ئالغان نەرسىنى تاتىۋىلىشقا نىمە ئامال دەيسىز. XCxxm3t  
icVB?M,m  
بۇنىڭدا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنى تەربىيلەش زۆرۆرمىكىن دەيمە.


查看完整版本: [-- بالىلار ۋە ئەخلەت يىماكلىكلەر(ئابلەت ئابلېكىم) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled