查看完整版本: [-- قەيسەر ئانىنىڭ ھېكايىسى(ئابلەت ئابلېكىم) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> قەيسەر ئانىنىڭ ھېكايىسى(ئابلەت ئابلېكىم) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abral777 2014-01-15 10:37

قەيسەر ئانىنىڭ ھېكايىسى(ئابلەت ئابلېكىم)

0_q8t! 
قەيسەر ئانىنىڭ ھېكايىسى 1fm4:xHH  
ئابلەت ئابلىكىم g>-pC a  
(زىيارەت خاتىرىسى) U$v|c%6  
«ئانىنىڭ بالىغا سىڭدۈرگەن تەربىيەسى بىر پۈتۈن مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ» (كىرۇپاسكايا) #V&98 F  
تەبىئەت ئۆزگىچە بىر تۈستە جۇلالانغان،ئانىنىڭ مېھرىدەك ئىللىق باھار شامىلى يۈزلەرنى سۆيۈپ،جانغا ھوزۇر بەخش ئېتىۋاتقان،ھەممە يەردە نورۇز تەنتەنىسى ياڭراۋاتقان چىرايلىق باھار ئايلىرىنىڭ بىرىدە،يەنى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردىلا ئىلى كەسپىي تېخنىكوم (سىفەن) مەكتىپىنىڭ تونۇلغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، تۆھپىكار ئۇستاز قۇربانجان مۇھەممەت ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى شاكىرجان مۇھەممەت قاتارلىقلار بىلەن  بىللە ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى مايسەم ئىمەر ئالاقۇلىنىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈش، ئۇنىڭ 80 ياشقــا كىرگــەنلىكىنى مــۇبارەكلەش،ئــۇرۇق-تـۇققان،تــونۇش-بىلىشلىرى بىــلەن سۆھبەتلىشىپ, بــۇ سۆيۈملۈك ئانـا ھەققىدە بىر نــەرسە يېزىش مەقسىتىدە قورغاس ناھيىسى لوسىگۇڭ بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. FlGU1%]m  
قۇياش ئىللىق مېھرىنى تەبىئەتكە سېخىلىق بىلەن سېپىۋاتاتتى،شاكىرجان ئاكىنىڭ ماشىنىسىدىن يېقىملىق كۈي ياڭراشقا باشلىدى.بىز يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سەنئەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەش، ئەتراپتىكى مەھەللىلەرگە، مەنزىرىلەرگە زەن سېلىشقا باشلىدۇق. قۇربانجان  ئــاكا مــاڭا مەھەللىلەرنى بىرمــۇ-بىر تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى،يېقىملىق كۈي بىلەن مەنزىرىلەر بىرىككەندە كىشىدە ئۆزگىچە تۇيغۇ قوزغايدىكەن.تۇيۇقسىزلا شائىر ئەكرەم ئابدۇمىجىتنىڭ «تەبىئەت بىر جانا قېرىماس ئەسلا» ناملىق شېئىرى يادىمدىن كېچىپ قالدى: «تەبىئەت بىر جانا قېرىماس ئەسلا،ھەر پەسىل ئۆزگىچە ياساندۇرىدۇ...» vz5x{W  
شۇنداق،باھار پەسلىدىكى تەبىئەت نەقەدەر گۈزەل-ھە؟مېنىڭچە تەبىئەت ئەڭ ماھىر رەسسام، ھەرقانداق كاتتا رەسساممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىغىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار قېرىيدۇ،لېكىن تەبىئەت مەڭگۈ قېرىمايدۇ.بىز تەبىئەتنى ئانىغا ئوخشىتىمىز، چۈنكى،ئانا پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ،ئىسسىق سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ،تەربىيەلەيدۇ،ئۇلارغا ئىللىق مېھرىنى ئاتا قىلىدۇ،تەبىئەت بولسا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ،شۇڭا تەبىئەت ئەڭ ئۇلۇغ ئانىدۇر... B|pO2d e  
بۈگۈن قۇربانجان ئاكا تولىمۇ روھلۇق ئىدى،چۈنكى خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ كاللىسىدا مۆھتەرەم ئانىسىنىڭ 80 ياشقا تولغان كۈنىنى ئۆزگىچە بىر خىل شەكىلدە مۇبارەكلەش  ئويى بار ئىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ بۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلاندى،ئاخىرى جاپاكەش ئانىنىڭ ھاياتىدىن خۇلاسە چىقىرىش،ئۇنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈش،بارلىق ئۇرۇق- تۇققانلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ،ئانىغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەش، مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانىنىڭ 80 ياشقا تولغان مەۋلۈت كۈنىنى قۇتلۇقلاش ئويىغا كەلدى. >*s_)IH2  
ــ ئانىمىز تالايلىغان جاپاكەش ئانىلار ئىچىدىكى بىر قەيسەر ئانا،ــ دېدى قۇربانجان ئاكا، ــ مەن تەرەپكە قاراپ،ــ ئانىمىزنىڭ بەللىرى يادەك ئېگىلدى،يۈزىگە سانسىز قورۇق، قۇندۇزدەك چاچلىرىغا كۈمۈشرەڭ قىرۇلار قوندى،راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان،بەل-پۇتلىرى سېقىراپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى،لېكىن ئۇ كۈچلۈك زېھنىدىن، چېچەن- تېتىكلىكىدىن ئايرىلمىدى،ئانىمىز ھازىرغىچە تۇرمۇشتىن،ھاياتتىن زارلىنىپ باققان ئايال ئەمەس،ئۇنىڭ جىسمىدىن سەمىمىلىك،ئاق كۆڭۈللۈك، ئالىجاناپلىق تەپچىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ بۇ خىل خارەكتېرى قىيىن شارائىت ئاتا قىلغان سوۋغا بولۇشى مۈمكىن. Ak3cE_*Y/  
     بىز چۈش بولمايلا قورغاس ناھىيە لوسىگۇڭ بازىرىغا يېتىپ كەلدۇق.ئۈچەيلەن مايسەم ئانىنىڭ قورۇسىغا كىرگىنىمىزدە،چايخانىدا يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان مېھرىبان ئانىنى كۆرۈپ،قەلبىمدە ئىللىق بىر تۇيغۇ دولقۇنلىدى.قۇربانجان ئاكا ئانىنى باغرىغا مەھكەم باستى،پىشانىسىگە سۆيدى،ئانا بالىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى،قىسقا دەقىقە ئىچىدە تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان،ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت  ئۇچقۇنى يالت قىلىپ چاقنىدى.ئانىنىڭ ئوغلىغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىگۈسى باردەك قىلاتتى،لېكىن گەپ قىلالمايتتى،مەن  ئانا بىلەن قىزغىن سالاملاشتىم،رەھىمسىز يىللار ئۇنىڭ جىسمىغا تالاي ئىزلارنى سالغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن مېھرىبانلىق،ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىلىك، قەيسەرلىك تەپچىرەپ تۇراتتى. aItQ(+y  
قازاندىن يېڭىلا سۈزىۋىلىنغان كۆك چۆچۈرىسى ئىشتىھايىمىزنى قەۋەتلا ئېچىۋەتتى.تاماق يەۋىتىپ كۆزۈم تامدىكى كۆرۆنىشكە ئاغدۇرۇلدى.ئانىنىڭ سۈرىتى كۆرۆنىشنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىنغان بولۇپ،ئەتراپىغا ئالتە پەرزەنت ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سۈرىتى،تەرجىمھالى ۋە «ئاتا-ئانا تاغدەك يۆلەك،ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمىز»،«ئاتا ئۆينىڭ تۈرىكى،ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى»،«ئاتا مېھرى چىراق،ئانا مېھرى بۇلاق»، «ئانىنىڭ سۈتى تەڭداشسىز ماددىي ئوزۇق،قەلبى روھىي ئوزۇق»،«ئاتا-ئاناڭ سېنى چوڭ قىلدى، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى، چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم» دېگەندەك ئەقلىيە،ھېكمەتلەر ئېلىنغان ئىدى. ebno:)  
ــ بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى زور ئەمگەك بوپتۇ،ــ دېدىم مەن قۇربانجان ئاكىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ.بىز ئاتا-ئانىلارغا بولغان مۇئامىلىدە كۆپ ھاللاردا ماددىيەتكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ،مەنىۋىيەتكە سەل قاراپ قالىمىز، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچىكىنى تەل قىلىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئىنتىلىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيمىز.ئىنساننىڭ بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كۆيۈنىشكە،مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز.مانا مۇشۇنداق ئەسكەرتمىلەر بىزنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. fi%)520  
مەن تاماق ئارلىقىدىكى قىسقىغىنە سۆھبەت ئارقىلىق،مايسەم ئانىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم: مايسەم ئىمەر ئالاقۇلى 1933-يىلى قورغاس ناھىيە داشىگۇر يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.دادىسى ئىمەر ئالاقۇلى ۋە ئانىسى خەلچەم مالىك مەرىپەت سۆيەر،ئەقىدىلىك كىشىلەر بولغاچقا،بىر تال قىزىنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان.مايسەم ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى خىلچەم مالىك بىۋاقىت ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ،بۇ مايسەمگە ئېغىر روھىي ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.دادىسى ئىمەر ئالاقۇلى مايسەمنى چىلپەڭزىدىكى ھەدىسى گۈلپەم ئالاقۇلىنىڭ تەربىيەلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.گۈلپەم ئانا مايسەمنى ئۆز بالىلىرىدىنمۇ چارە كۆرۈپ، ئەتىۋارلاپ يەتتە ياشقا كىرگىچە تەربىيەلەپ بېرىدۇ.ئىمەر ئالاقۇلى كېيىن ئايشەم ئىسلام بىلەن توي قىلىپ، قورغاس ناھىيە لوسىگۇڭ يېزا تەجرىبە كەنتىگە ماكانلىشىدۇ ۋە مايسەمنى ئۆز يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىدۇ. مەكتەپ بىلەن ئۆي ئارىلىقى يىراق بولغاچقا كېيىن مايسەم مەكتەپتىن چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.لېكىن ئۇ ياخشى تەربىيە مۇھىتى ئاستىدا ئىشچان، تىرىشچان، ئەقىدە-ئېتىقادلىق قىز بولۇپ يېتىلىدۇ. #($~ e|  
مايسەم 1954-يىلى مــۇھەممەت مـەتكېرىم بىلەن توي قىلىدۇ،1955-يىلى گۈلچەم مۇھەممەت دۇنياغا كېلىدۇ. تۇنجى پەرزەنت ئانىغا ئالەمچە خوشاللىق ئاتا قىلدۇ،لېكىن ئۇ سەككىز ئايلىق بولغاندا مىنگىت كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ،بۇ پاجىئە ئانىنىڭ يۈرەك-باغرىنى پارە-پارە قىلىۋىتىدۇ.1957-يىلى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى قۇربانجان مۇھەممەت دۇنياغا كېلىپ،ئائىلىنىڭ خىرەلەشكەن ئۈمىد شامىنى قايتا چاقنىتىدۇ. 1959- يىلى يولدىشى مۇھەممەتنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مايسەمنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر سىناقلارغا دۇچار قىلىدۇ.ئەمدىلا 25 ياشقا قەدەم قويغان مايسەم يولدىشىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ،بىر قانچە يىل ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ،ئۇ باشقىلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، قايتا- قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق كېيىن مۇھەممەتجان ئىسمايىل بىلەن توي قىلىدۇ ۋە يەتتە پەرزەنتلىك بولىدۇ. .~$!BWP  
1978-يىلى مايسەمنىڭ يولدىشى مۇھەممەتچان ئىسمايىل يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.ئالتە پەرزەنتنى بېقىش،تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك،بەل قويىۋىتىش كېرەكمۇ ياكى بۇ رەھىمسىز تەقدىر ئۈستىدىن غالىپ كېلىش كېرەكمۇ؟ھايات رەھىمسىز،تۇرمۇش سېنىڭ خاھىشىڭغا،كۆز يېشىڭغا باقمايدۇ.بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن مايسەم بەلنى مەھكەم باغلاپ،تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ئاتلىنىدۇ.ئۇ بىر تەرەپتىن ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ،ئېتىزغا چىققاندا بالىلارنى ئۆيگە سولاپ،تېشىدىن قۇلۇپلاپ قويىدۇ.ئېتىزدىن يېنىشىدا بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كەلسە،ئېتىزدىن قايتىپ كېلىپ تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ،سۇ توشىيدۇ، بالىلار شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغاندا، ئۇلارنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيىدۇ.ئۇ كوپىراتسىيەلىشىش،چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، خەلق گوڭشىسى مەزگىللىرىدە ئاجايىپ شىجائىتى بىلەن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتىپ، ھەممەيلەننى قايىل قىلىدۇ، مەيلى قىش ياكى ئەتىياز پەسلىدىكى ئوغۇت توشۇش،ئوغۇت توپلاش ئەمگىكىدە بولسۇن،ياكى ئېتىز-قىرلاردا قوناق ئوتاپ، ئوما ئورۇپ،باغ باغلاش ئەمگەكلىرىدە بولسۇن ياكى ئۆستەڭ قۇرلۇشىدا بولسۇن ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ كېتىدۇ.بۇنداق ئانىنىڭ رىغبىتى بىلەن بېلى بوش ئەركەكلەرمۇ ئىختىيارسىز ئىش- ئەمگەككە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇڭىمۇ ئەترەت كادىرلىرى مايسەم ئانىنى دەستەك قىلىپ ئېتىزلارغا ئاز چىقىدىغان،ئەمگەكتىن قاچىدىغان ھورۇنلارنى ئارتۇق ۋەز- نەسىھەت، سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىسىزمۇ ئېتىز بېشىغا ئېلىپ چىقالايتدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. z h{,.c  
مايسەم ئانا مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ پەرزەنتلەرنى تەرربىيەلەش مەسىلىسىگە سەل قارىمايدۇ،بالىلارغا دائىم ئۈلگە بولىدۇ،ئۇ تەربىيەنى تۇرمۇشقا، ھاياتلىقنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغا باغلاپ سىڭدۈرۈشكە ماھىر ئىدى،بالىلىرىغا دائىم « تەمكىن بولۇڭلار،سەمىمىي بولۇڭلار، ئادىل،پاك دىيانەتلىك بولۇڭلار،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەڭ قۇرساق بولۇڭلار» دەپ تەربىيە بېرەتتى، بالىلارنىڭ كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن ئىچى سىقىلىپ تىت- تىت- بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە« ئاسمانغا قاراڭلار، ئاسماننىڭ قوينى كەڭ، ھەممىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ، قــورسىقى تــار ئــادەملەردىن بــولماڭلار، نـــەزەر- دائىرەڭلارنى كەڭرەك تۇتۇڭلار»  دەپ نــەسىھەت قىلاتتى.ئــانا ئېغىزدا دىيىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، دېگىنىگە قاتتىق ئەمەل قىلاتتى،ئانا ئۆزى سەۋرى- تاقەتلىك، قانائەتچان ئىدى، شۇڭا بالىلارغا دائىم «سەۋىر ئاچچىق ئەمما پايدىلىق،قاتتىق ئەمما زىيىنى يوق.قانائەت قانچىكى راھەت كەلتۈرسە،تەمە شۇنچە ئازاپ كەلتۈرىدۇ» دەيتتى.ئانىنىڭ تەربىيەسى بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا قۇمغا سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كېتەتتى.. R2Es~T  
خۇددى قۇش ئۆز بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن بىر-بىرلەپ ئۇچۇم قىلىپ چىقارغىنىغا ئوخشاش،بۇ جاپاكەش ئانا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،ئۆز پەرزەنتلىرىنى بەختلىك،خاتىرجەم ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.بىر قىسىملىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتتى،ئۇلار جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.يەنە بىر قىسىملىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان،ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە،ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئايلاندى،ئانىنىڭ خوشاللىقى پەرزەنتلەرنىڭ بەختىدىن كېلىدۇ،ئانا ھەر بىر پەرزەنتىنى ئەسكە ئالغىنىدا بەختىيارلىق بۆشىكىدە ئەللەيلىنىدۇ،ئانا توققۇز پەرزەنت يۈزى كۆردى، ئۈچى بىمەزگىل ئانىدىن ئايرىلىپ ئالتىسى ھايات قالدى،ھازىر چوڭ ئوغلى قۇربانجان مۇھەممەت ئىلى كەسپىي تېخنىكۇم (سىفەن) دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ،ئىككىنچى ئوغلى شاكىرجان مۇھەممەت ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىدۇ،ئۈچىنچى ئوغلى تۇرغانجان مۇھەممەت كورلىدا تىجارەت قىلىدۇ،تۆتىنچى ئوغلى تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئۇستا ئاشپەز،قىزى خانقىز مۇھەممەت يېنىدا،پىشقان ئائىلە ئايالى، كەنجى قىزى تۇرانقىز مۇھەممەت ئۈرۈمچىدە دوختۇر.ئانا ھازىر 15 نەۋرە،بەش چەۋرىسى بىلەن بەختلىك ياشىماقتا. m)7Ql!l  
بىـر پىداگوك «ئانىنىڭ تەربىيەسى بىر پۈتۈن مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ» دېگەن ئىكــەن،دەرھەقىقەت مايسەم ئانىنىڭ تەربىيەسى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى جــەمئىيەتكە يــاراملىق كىشىلەردىنلا بــولۇپ قــالــماي،ئىلىملىكلەرنى ھــۆرمەتلەيدىغان،ئاجىز-يېتىملارغا يار-يۆلەك بولۇدىغان،تەمەسىز ياخشىلىق قىلىدىغان، مــېھنەت سۆيەر،ھەق-ناھەق قارشىغا ئىگە،سەمىمىي ئادەملەردىن بولۇپ يېتىلىدى. X)e#=w!fi3  
بىر ئاددى دېھقان ئايالنىڭ ئالتە پەرزەنتىنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشى ئېيتماققا ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كاتتا مۇۋەپپىقىيەت ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر پۇتىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يىراققا نەزەر تاشلىيالمايدۇ،ئۇلار پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ نازۇك مەسىلىگە سەل قاراپ ئاخىرىدا ئېغىر پۇشايمانغا قالىدۇ.مايسەم ئانا ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان،ئاددى ئەمما قەيسەر ئانا،ئۇ قىيىن شارائىتلاردىمۇ قىلچە ۋايسىماي،تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ھارۋىنى يالغۇز سۆرەپ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ،بىر مۇنەۋۋەر ئانىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلىتىنى نامايان قىلىپ،خۇددى شامدەك ئەتراپىدىكىلەرگە نۇر تاراتتى.ئۇ قېرىنداشلىرىنى،بولۇپمۇ سىڭىللىرىدىن خۇشنەم،قۇربانقىز،تۇرسىناي،خۇرشىدەم قاتارلىقلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، تېتىك، ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە،ئۇلارنىڭ بەختلىك ئائىلە قۇرىشىغا زور تۆھپە قوشتى.مەن بۇ قەيسەر ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىنىرگىيەنىڭ مەنبەسىنى بىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇنى چۈشىنىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتىم. RW{y.WhB  
ئەينى چاغدىكى ئەترەت باشلىقى ئابلەت خۇداۋەدى ئاكا مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، ئىپتىخارلانغان ھالدا،ــ مايسەم 60-يىللاردىن كېيىن پارتىيە ئەزاسى بولغان،ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش شارائىتىمىز بەكمۇ ناچار ئىدى،بىر كۈن پالاقشىپ 30-40 تىيىنغا ئىشلەيتتۇق،ئۇ شۇ قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمىدى،ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش ھارۋىسىنى سۆرىدى، قىيىن شارائىت ئىچىدە تاۋلاندى،ئۆزى ئــاچ قالسىمۇ بــالىلارنى ئــاچ قويمىدى،ئــۇلارنى يــاخشى تــەربىيەلىدى،شۇڭا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقتى ــ دېدى. x~Y{ {  
سابىق كەنت سىكىرتارى ئەنۋەر سىدىق ھاياجانلانغان ھالدا،ــ مايسەم ئانا  قەيسەر ئانا، مايسەم ئانىنى كەنتىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ،ئۇ ئىنتايىن قىيىن شارائىتلاردا يوقتىن قىلچە زارلانماي، بارنى قەدىرلەپ ئۆتتى،ئالتە پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەپلا قالماي،ئەينى چاغدا تەشكىلنىڭ ئىشىنىمۇ بىجاندىللىق بىلەن ياخشى ئىشلىدى،ئۇ ھەممىمىزگە مېھىر ئاتا قىلاتتى، شۇڭا ئۇنى ئۆز ئانىمىزدەكلا ھېس قىلاتتۇق،بۇ تەۋەرۈك ئانىنىڭ تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ بولغىنى بولمايدۇ،ــ دېدى. c@3mfc{  
بىز پىشقەدەم زىيالىي شاۋكەت ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە ئۇ ساقسىز بولۇپ ياتقان ئىكەن،مايسەم ئانىنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا شاۋكەت ئاكا باشقىدىن جانلىنىپ روھلىنىپلا كەتتى. }y%c.  
ــ مايسەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ،ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ ھايات كەچۈرگەن ئايال،ــ دېدى ئۇ سالماقلىق بىلەن،ــ ئۇ گۇرۇپپا،كوپىراتىپ مەزگىللىرىدە ئادىل ئىشلىگەن،پارتىيەنىڭ خىزمىتىنى ســاداقەتمەنلىك بىلەن يـاخشى قىلغان،ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ،باشقىلارغا كۆيىنىدۇ،مېھماندوست،كۆڭلى يۇمشاق،چىقىشقان.شۇڭا ئۇنى ھەممەيلەن ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىدۇ. rJZR8bo  
شاۋكەت ئاكىنىڭ رەپىقىسى،قورغاس ناھيىسىدىكى«مېھرىبان ئانىلار» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خاسىيەت تۇرسۇن ھەدە مايسەم ئانا بىلەن بىر ئەترەتتە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەنلىكىنى، مايسەم ئانىنىڭ ئۇلارغا باش بولۇپ يېتەكلەپ ماڭغانلىقىنى،ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش،سۆز – ھەركەتتە مايسەم ئانىدىن ئۈلگە ئالغانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا سۆزلەپ بەردى ۋە سۆز ئارلىقىدا مايسەم ئانىنىڭ «ئۆزۆم نامرات بولساممۇ روھىم باي،ئۆيۈم تار بولسىمۇ كۆڭلۈم كەڭ» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ،بۇ قەيسەر ئانىنىڭ باي مەنىۋىيىتى،ئىنسانىي پەزىلىتى ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە ئۈنسىز تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلگەنلىكىنى،ھاياتلىق سەپىرىدە ئۆزىنىڭ مايسەم ئانىنى بىردىن-بىر روھى ئۈلگە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. HQvJ*U4++  
  ـــ ھەدەمنى كۆرسەم ئانامنى كۆرگەندەك بولىمەن،ـــ دېدى مايسەم ئانىنىڭ سىڭلىسى قۇرۋانقىز ھەدە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ،ــ ئاپام 96 ياش ئۆمۈر كۆرگەن،ئۇ بىر ئۆمۈر باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئۆتكەن،ھەدەم ئاپامنى دورىدى،ئۇ ئاپامغا ئىنتايىن ياخشى قارىدى،ھەتتا ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ بىر مەزگىل تۇرغۇزۇپ،ئۇ يەر-بۇ يەرلەرنى كۆرسۈتىپ ئانامنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى.شۇڭا ئانام ھەدەمدىن بەكمۇ رازى ئىدى،ئۇ ئوقۇمىغان ئايال بــولسىمۇ،تىل بــايلىقى مول،بىزگە داۋاملىق تــەربىيە بېرىپ تــۇرىدۇ،مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزىدۇ، سەۋرىچان،كەڭ قۇرساق،قوشنىلار بىر نەرسە سورىسا ئۆزى ئاچىقىپ بېرىدۇ.ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئەمەس.ئۇ دائىم ئاپام-داداملارنى ئەسلەپ، بىزگە ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ،ئاپام ئايشەم ئىسلامنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىدە ھېچنىمىسى يوق بىر ئاغرىقچان ئايالنىڭ يارىلىرىنى يۇيۇپ،تازىلاپ ساقايتقان ئىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ،شۇڭا ئۇنى ھېكايە-ھېكمەتلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق تەربىيە بېرىشقا تولىمۇ ماھىر ئانا دەپ قارايمەن. InI>So%e|<  
مايسەم ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنىپلا قالماي،كېلىنلىرىگىمۇ ئىزچىل تۈردە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ،ئۇلارغا ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ كەلدى،ئۇلارغا تۇرمۇشنىڭ ئاددىي ئەمما قىممەتلىك ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ،دۇردانە نەسىھەتلەرنى قىلىپ تۇردى،نەتىجىدە بۇ جەمەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى ئائىلىلەردىن تا ھازىرغىچە تىلغا ئالغۇدەك «مەسىلە» سادىر بولۇپ باقمىدى.گەرچە مايسەم ئانا ۋاپادار،كۆيۈمچان قىزى خانقىزنىڭ يېنىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ،كېلىنلەر پات-پات ئۇنى يوقلاپ تۇرىدۇ،كېلىنلەر ئانىغا قانچىلىك ئامراق بولسا،ئانىمۇ كېلىنلىرىگە شۇ قەدەر ئامراقلىق قىلىدۇ... qk~m\U8r  
مايسەم ئانا ھەققىدىكى تەرىپلەشلەر بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ،كۆيۈمچان قىزى خانقىز،چوڭ دادىسىنىڭ ئوغلى لېۋىر ئاكىلارمۇ مايسەم ئانىنىڭ كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلىتى توغرىسىدا تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى،ئۇلارنىڭ چىن ھېسسىيات يوشۇرۇنغان سۆزلىرىدە مايسەم ئانىغا بولغان ھۆرمەت،قايىللىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.بىز يەنە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مايسەم ئانىنىڭ بىر قىسىم پەرزەنتلىرى،سىڭىللىرىدىن خۇشنەم،تۇرسىناي،خۇرشىدەم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈش پۈرسىتىگە ئىگە بولالمىدۇق،ئۇلارنىڭ بۇ ئاددى ئەمما ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە قانداق يۈرەك سۆزلىرى بار بۇنىسى ماڭا نامەلۇم،ئەمما ئۇلارنىڭمۇ بۇ ئانىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. HYg!  
مەن زىيارەت داۋامىدا مايسەم ئانىنى مەركەز قىلغان بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق بولۇپ،«بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول» چىقىرىپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئۇرۇق-تۇققانلار ئايدا بىر قېتىم جەم بولۇپ،ئۆزارا ھال-ئەھۋال ســورىشىدىكەن،مۇڭدىشىدىكەن،سىردىشىدىكــەن،بىر-بىرىنــىڭ دەردىــگە دەرمــان بولۇشىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش كارتىسىغا 25 نەپەر ئۇرۇق-تۇققاننىڭ ئىسىم- فامىلىسى،تېلېفۇن نومورى يېزىلغان بولۇپ،كارتىغا يېزىلغان«ئىسسىمىغان كاڭدىن كات ياخشى،ئىزدەشمىگەن تۇققاندىن يات ياخشى»، «تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇغى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى» دېگەنگە ئوخشاش ئەقلىيە سۆزلەر ماڭا كۈچلۈك تەسىر قىلدى ۋە مايسەم ئانىنىڭ روھىدىن تارالغان نۇر تالاسىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. 8.,d`~  
بىزدە «ئۇلۇغ ئانا كاتتا بىر مەكتەپ»دېگەن ھېكمەت بار،ئانىنىڭ ئۇلۇقلىغى پەرزەنتلەرنى باققانلىغىدىلا ئەمەس،ئۇلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلىگەنلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.مايسەم ئانا گەرچە ئاددى بىر ئايال بولسىمۇ،ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان،تالاي بەدەللەرنى تۆلەش ئارقىلىق باشقىلارغا بەخت ئاتا قىلغان، جەمەت ئېكولۇگىيەسىنى ياخشى قوغداپ،ئۇنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن.ئېسىل مىجەز- خارەكتېرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغان.مانا بۇ بۈگۈنكى دەۋىردە بىز مۇھتاق بولۇۋاتقان، بىز زارىقىپ ئىزدەۋاتقان روھ. Ptz## o'{5  
بىر كۈنلۈك كۆڭۈللۈك زىيارەت ئاخىرلاشتى،بىز كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا مايسەم ئانا بىلەن خوشلاشتۇق،ئۇ چايخانىدىكى سۇپا ئۈستىدە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرى بولسىمۇ ئۇ ئېيتالمىدى، چۈنكى، رەھىمسىز يىللار ئۇنىڭ جىسمىنى خورۇتۇپ ئۇنىڭغا قېرىلىق ئاتا قىلغان ئىدى،قۇربانجان ئاكا ئانىنى يەنە بىر قېتىم باغرىغا باستى،ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈزلىرىنى سىلىدى،ئانا يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى،مەن دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىمدا ئانىنىڭ تېخىچىلا قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم،مەنمۇ ئانىغا قاراپ قولۇمنى پۇلاڭلاتتىم.شۇ ئەسنادا يۈسۈپچان قېيۇمنىڭ «ئانا» ناملىق شېئىرى يادىمغا كېلىپ قالدى: 3eg6 CdT  
سەھرادەكلا سۆيۈملۈك ئانام، cYp/? \  
سەن سەھراغا چۈشكەن پەرىشتە، It7R}0Smg  
سېنىڭ روھىڭ،سېنىڭ پاكلىقىڭ، , 
جېنىم ئانا ئاق سۈتىڭ بىلەن ، Q^;:Kl.b  
ئۆتكەن ئىكەن ماڭا بۆشۈكتە. ;4U"y8PVTh  
سەن بىلمەيسەن ئاۋات شەھەرنى، lb$_$+@Vr  
ئۇ يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىدىڭ. J5(0J7C  
قولۇڭ قاداق،يۈزلىرىڭدە داغ، &e6UEG  
ئۇپا-ئەڭلىك سۈرۈپ باقمىدىڭ. e@qH!.g)  
ئۆتتى ياشلىقىڭ بالا غېمىدە، WPkKbF  
قازان بېشىدا، J,:&U wkv  
تونۇر بېشىدا، Vi:^bv  
ئېتىز بېشىدا، =qc+sMo  
دادام قېشىدا. k'PvTWR  
يوقتۇر سېنىڭ خۇرۇم پەلتۇيۇڭ، cLl~4jL  
بولدۇڭ ئانا ئەڭ سادىق ئايال، R?O)v Lmd  
دادام قېشىدا. VK]U*V1  
ئالتۇن جابدۇق تاقاپ باقمىدىڭ، EC; >-s  
لېكىن ئانا قاخشاپ باقمىدىڭ، HK8sn1j  
قانائەتتە ياشىدىڭ يانا. P2a5<#_|  
جېنىم ئانام چېچىڭ ئاقاردى، Q0Ft.b  
كۆزلىرىڭنىڭ نۇرىمۇ خىرە، a&x:_vv  
پىنسىيەگە چىقمىدىڭ بىراق،  >Ua'*  
ئاغرىساڭمۇ ئېتىز بېشىدا، \4q|Qno8  
غەيرەت قىلىپ تۇرىسەن ئۇندا. & "&s,  
سېغىنىمەن سۆيۈملۈك ئانام، l,7& z  
ئاق سۈتۈڭدەك ئاق نانلىرىڭنى. Sl G v  
مەن شەھەردە يۈرگىنىم بىلەن، ;Z d_2 CZ  
سېغىنىمەن ئاپپاق چېچىڭدەك، L`t786 (M  
ئىنچىكىنە لەغمەنلىرىڭنى. 4f j}d.?  
«مېنىڭ ئانام دېھقان» دەپ دائىم، P0UR{tK  
يۈرىكىمدە سۆيگۈ ئاقىدۇ. i%yKyfD  
قارالمىدىن ھېچقانچە ئانا، 6UIS4 _   
بارالمىدىن يېنىڭغا پات-پات، $bp'b 
جېنىم ئانا شۇنى ئويلىسام، J#d,?  
كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقىدۇ.... i(A `'V8GY  
IlEU6Rs  
ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ  ئابلەت ئابلىكىم   s\.r3U&6  

مىېھرىما 2014-01-15 17:32
ئەجەپمۇ تەسىرلىك ھەم پايدىلىنىش قىممىتى ۋە تەربىۋى ئەھمىيىتى زور بىر تىمنى يوللاپسىز . دىمسىمۇ دۇنيادا ئاندەك قەيسەر ياشايدغانلار يوق. ئانا بىر ئۆمۈر ھاياتىنى پەرزەنىت ئىشقىدا پىدا قىلغۇچى ئەمەسمۇ

ozqan 2014-01-15 18:12
ئاقكۆڭۈل ، جاپاكەش ،ئەمما جاپالاردىن ۋايسىمىغان ، بالىلىرىنىڭ پەزىلىتىگە ئۆزى ئۈلگە ياراتقان ، قەيسەرلىك بىلەن بالىلىرىنى قاتارغا قوشقان بىر ئانىنىڭ  ئىش -پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئېچىپ بېرىپسىز ، قەلەم قۇۋىتىڭىزمۇ كۈچلۈككەن ، داۋاملىق تىرىشقايسىز، ھەم تىرىشىش نەتىجىلىرىڭىز   بىلەن بىزنى داۋاملىق ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغايسىز....

abral777 2014-01-16 11:40
ئۆزقاننىڭ رىغبەتلەندۈرگىنىگە كۆپ رەخمەت!داۋاملىق تېما يوللاپ تۇرىمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-01-16 13:25
ئانىلار ئۇلۇغ ! ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلارنى ئۇلۇغلىغانلارمۇ ئۇلۇغ ! مايسەم ئانىدەك ئانىلىرىمىز ساناقسىز ، ھەممىمىز ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك تىلەيلى !!!

tawpek 2014-01-19 16:39
ئەمەىگىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۆندۆم، چاقنىغان يۇلتۇزلارغا ياغدۇرمىغان ئالقىش قالمايدۇ، شۇلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن جاپاكەش ئاتا-ئانىلارغا ھىچكىم كۆز قىرىنى سالمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن پەرزەنىتلىرىنىڭ شۆھرىتىلا ئۆزلىرىنىڭ پەخرى بولو قالغان. ZB}zT9JaE  
i .?l\  
يىقىندا ئابلاجاننىڭ ناخشىللىرىنى سۆيۆپ ئاڭلاپ يۇرىتلىقىم دەپ پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئابلاجاننىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەيمىز دەپ جىنايەتچىنى سوراق قىلغاندەك سۇئال-سوراقلىرىدىن پەخىرلىنىپ قايتىشلىرىنى كۆرۆپ شۇنداق ئىچىم ئاچچىق بولغانتى. K>+c2;t;  
0@!-+}i  
كىمنىڭ بالىسىكەن  دەپ سورىغاننىڭ ئورنىغا قەيەردىنكەن؟ قايسى مەكتەپتە ئوقوپتىكەن  دىگەنم سۇئاللارنىڭ كۆپىيىشى ئەجداد تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرىۋاتامدىكىن دەيمەن.

ياسىنجان510 2014-01-19 22:34
يازمىڭىزغا قايىلمەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


查看完整版本: [-- قەيسەر ئانىنىڭ ھېكايىسى(ئابلەت ئابلېكىم) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled