查看完整版本: [-- ھەي، بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ھەي، بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

جەسۇر16 2014-01-14 14:42

ھەي، بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟

ھەي بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟ LG}{ibB  
يولداش ئابلەت ئابلىكىمنىڭ «مۇقەددەس كەسىپتىكى رەڭۋازلىقلار » ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يەنە مىنى بىر ئويلىنىش ئىلكىگە ئالدى. خۇددى بۇ ماقالىدە دىيىلىگىنىدەك «ئەپسۇس، ئەقلىلىقتىن كۆرە ھېسسىلىققا مايىل تەبىئىتىمىز سەۋەپلىك كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ يېتەلمىدى.ئۇلار ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،ھادىسىگە ، شەكىلگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردى» دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغىنىغا خىلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە بىزدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تۈپ ماھىيتىنى توغرا تونۇپ يېتەلىگىنى يوق. ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلغان بىر قىسىم شەكىلۋازلىقى، رەڭۋازلىقى، ساختىلىقلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى دەرس ئىسلاھاتىغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. مەكتىپىمىزدە تخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن بىر قىتىملىق ئىش پەقەتلا يادىمدىن كەتمەيدۇ؛ .jrNi=BP*  
مەكتەپ مۇدىرىمىز ئوقۇتقۇچىلار قايتىشتىن بۇرۇن  يەتكۈزىدىغان بىر ئىش بار دەپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېغدى، ئالدى بىلەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر ھۆججىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېىيىن مەكتىپىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنى تەكىتلەپ دەرسخانىدا ساختىلىق قىلماسلىقىنى دەپ ئۆتتى، بولۇپمۇ تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا باشقا سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىتىلىۋىلىشى، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ كارى بولماي ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولىشى، توپنى تاشلاپ بىرىپلا سايىدا ئولتۇرىۋىلىش، تىلفۇن ئويناش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەكلىكىنى، بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقىنى خىلىلا قاتتىق ئۆتكۈدەك ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ، كىيىن يەنە سادىر بولۇپ قالسا تۈزۈم بويىچە ئىغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.(بۇ مۇدىر تىخى مەكتىپىمىزگە كەلگىنىگە ئەمدى ئىككى ئايغا يېقىن بولغان ئىدى). بۇ گەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن مەكتىپىمىزنىڭ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان، كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدىلا يۈرىدىغان، ئاغزىدا ھىچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان، «بىلەرمەن» تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز شۇ يەردە يىغىندىلا  «سەن دەرس ئىسلاھاتىنى بىلمەيدىكەنسەن، مەن دىگەن ۋىلايەت تەشكىللىگەن تەربىيلەشكە قاتناشقان، مەن بىلىمەن، ھازىر دىگەن ئوقۇغۇچىلار قانداق توپ ئوينىغىسى كەلسە شۇنى بىرىش كىرەك، مەجبۇرىي زورلاپ ئۆتمەيمىز، نمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدۇ، بىز پەقەت كىرەكلىك نەرسە بىلەنلە تەمىنلەيمىز، بىز ئارلىشىۋالساق بولمايدۇ، شۇڭا مەن بۇ گەپنى ئاڭلىمايمەن، بۇ دېگەن دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى »دەپ مۇدىرنىڭ گېپىگە قارشى چىقىتى... vPkLG*d 8  
بۇ ئىش مېنى قاتتىق ئويلاندۇردى، ئەجەبا دەرس ئىسلاھاتى دىگەن مۇشۇمۇ؟ بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئىسلاھاتىغا بولغان تونۇشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ بۇ مۇقەددەس كەسىپتە مۇشۇنداق بانا- سەۋەبلەرگە تايىنىپلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان،  يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قالقىنى قىلىۋالغان خاتا چۈشەنچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يەنە قانچىلىكتۇ؟ بۇ ئىشلارنى زادى تۈپتىن تۈزىگىلى بولماسمۇ؟ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى يوچۇقلار قاچانمۇ تۈگەر؟ ياكى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم پەقەتلا دەرس ئۆتۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش بىلەنلا بولىدىغان، بۇ كەسىپكە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان بىر قىسىم ئاددىي ئوقۇتقۇچىلار بىلەنلا چەكلىنەمدىغاندۇ؟....... ;zCUx*{  
يەنە بىر ئىش كۆڭلۈمنى ئۇزۇندىن بىرى غەش قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، مۇنبىرىمىزدە مۇنازىرە قوزغىغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاب قىلىپ چىقىرىلىشىدىن كىلىپ چىققان مەسلە ۋە مۇشۇ كىتاب ئۆتۈلۈش جەريانىدا كىلىپ چىققان مەسللەر. يۇقارقدەك خىلىلا غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىللەر نىمىشقا مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلرىنىڭ، مائارىپ مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدىغاندۇ؟ ياكى ئۇلار بىلسىمۇ بىلمەسكە سىلىپ قۇلقىنى يوپۇرۇپ يۇرىۋەردىمۇ؟.......... 5xH=w:  
يۇقاردا مەن تىلغا ئالغان ئىككى نۇقتىدىكى مەسىللەرنىڭ مائارىپىمىزغا قانچىلىك دەرجىدە ناچار تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى دىمىسەممۇ، كەسىپداشلارغا بەك ئايان. بۇنى بۇ كەسىپكە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان ھەر قانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ. m8n)sw,,  
ھەي بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟.......................... -^&=I3bp  

گۈلنىھال 2014-01-14 15:34
بۇ ماقالدىكى   ە ھۋاللار بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بار , تەنتەربىيە  و قۇتقۇچىللىرى  وقۇغۇچىلارنى مەيدانغا قويۇپ بېرىپ , بىر بىرنى ۇرۇپ بىر نىم قىلۋەتمىسىلا , پەقەت كارى يوق , شۇ دەرستىكى نىشان نىمە , مەخسەتچۇ ? دىگەنلەرنى  و يلاپ يۈرمەيدۇ 。

گۈلنىھال 2014-01-14 15:38
تەنتەربىيە دەرسى  وقۇغۇچىلارنى تاۋلايدىغان , ىىنتىزامچانلىققا ىىگە قىلدىغان بىر پەن 。 لىكىن ھازىرقى تەنتەربىيە  وقۇتقۇچىللىرى ۋاقىت ۆتكۈزۈش رەپدارىغا كىرۋالغان 。

مىېھرىما 2014-01-14 17:42
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلقى تۆت دەپ ھممىلا يەردە بۇ ئشلار ئوخشاش قېلىپقا كىرىپ قالغان چېغى.

ياسىنجان510 2014-01-14 20:02
دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى ھەقىقەتەن ياخشى چۈشەنگەن ئوقۇتقۇچى ئىكەن، دەرس دېگەننى شۇنداق ئۆتۈش كېرەك ئىكەن-دە؟

قاراخان 2014-01-14 20:13
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ساپانى دېمەيلا قويۇڭ، ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە ھەيران قالىسىز، ئوقۇغۇچى بار يوق دېمەيدۇ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ھەر قانداق بىر ھالقىدا ئازراق بولسىمۇ مەسئۇلىيەت دېگەننى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە، مەسئۇلىيەتچان، ساپالىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئاز بولسىمۇ بار.

parixta 2014-01-14 20:22
راست دەيسىز مانا بۇ ھازىرقى مائارىپىمىز تەنتەربىيە دەرسىدىكى ‹‹ئىسلاھات›› . تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ئېڭىدىكى‹‹ساپا مائارىپى›› . مېنىڭ نەزىرىمدە تەنتەربىيە دەرسى باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا ئەمىلى نەپ بىرىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر دەرس ئىدى. ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن ئەمىلى نەپكە ئىرىشەلەيتتى. ئەجداتلىرىمىز ‹‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل›› دەپ بىكار ئېيتمىغان. بىزگە ساغلام تەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

جەسۇر16 2014-01-16 11:55
ھەي،  بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟


查看完整版本: [-- ھەي، بۇ ئىشلار قاچانمۇ تۈزىلەر؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled