قاراخان |
2014-01-13 23:12 |
قارا خان: ئاتا-ئانىلار يىغىنى ماتىرىيالى
بۇنى ئۆزۈم تەييارلىمىغان، قايسىدۇر بىر تور بەتتىن چۈشىرىۋالغان ئىدىم، قارىسام بۇ مۇنبەردە يوقكەن، شۇڭا باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم، توغرا چۈشىنىڭلار. _K8ob8)m Wu,'
S;>C كۆيۇمچان،جاپاكەش،ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ سۇيۇملۇك ئاتا-ئانىلار!مەن بۈگۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،مەكتىپىمىز تارىخىدا تۈنجى قىتىملىق ‹‹ئاتا-ئانىلاريىغىنى››ئېچىشنى لايىق كۆردۇم.سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ يىغىنغا قاتىنىشىپ بەرگىنىڭلاردىن ئىنتايىن خۇشالمەن ھەم چىن قەلىبمدىن رەھمەت ئېيىتمەن. HUfH/x3zj] پەرزەنىت-ئائىلنىڭ چىرغىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرغۇچىىسى.پەرزەنىت –ئىنساننىڭ شادىلىقى،خۇشاللىقى. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پەرزەنىت ھەققىدە :‹‹ بالسىز ئۆي مازار،باللىق ئۆي مازار››دەپ توغرا ئېيىتقان .بىز ھايات مۇساپىمىزنىڭ بىرىدىىنبىرنىشاننى- پەرزەنىت كۆرۇش ئۈچۈن دەپ ياشايمىز،بۇ بىر ھەقىقەت.پەرزەنىت بىزنىڭ بارلىق خۇشاللىقىمىز،شادلىقىمىز،پەرزەنىت بىزنىڭ- كۈلكىمىز،بەختىمىز.پەرزەنىتىسىز ياشاش بىزنىڭ قايغۇ –ھەسىرىتىمىز،بىزنىڭ يىغىمىز،بەخىتىىسزلىكىمىز. qHt!)j9GKv بىزنىڭ –تۈنجى پەرزەنىتىمىز ئېڭەلەپ،دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقىتتا شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدىمىزكى تىلمىز بىلەن ئۇ خۇشاللىقىمىزنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىمىز.ئەشۇ چاغدا قەلىبمىزگە شۇنداق يۇكسەك ئارزۇلارنى پۇكىمىز،ۋۇجۇدىمىزدىن يالقۇنلاپ تۇرغان ياشلىق باھارىمىزدىكى ئارزۇ –ئۈمىدىلىرىمىزنى ئۇنىڭ بىلەن رۇياپقا چىقىرىشنى ئىزدەيمىز،باللىق، ياشلىق چاغلىرىمىزدا ئالىقانداقتۇر ھەۋەسىلەرنىڭ كەينىكە كىرىپ ،گۆدەك قەلىبلىرىمىز بىخلىنىپ تۇرغان ئارزۇ-ئىستەكىلىرىمىزنى ئەشۇ پەرزەنىتىلىرىمىز بىلەن رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىمىز.ئوماق،چىرايلىق پەرزەنىتلىرىمىزنى پەپلەپ چوڭ قىلىپ ئاق-قارنى پەرق ئىېتىپ ،مەكتەپ يېشىغا كىرگەن چاغلاردا بەكمۇ خۇشال بولۇپ گۈلقەقەھلىرىمىز ئېچىلىپلا كىتىدۇ، ساۋاتى چىقىپ ئېلىپبەنى ئوقۇپ كەتكەن چاغلاردىن باللىرىمىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۆتۇپ كىتىمىز،ئەيتاۋۇر نىمىشقاكىن تاڭ،‹‹ئېلىپبە››نى تۇگەتكەندىن كىيىن باللىرىمىزنىڭ ئوقۇشقا قىلچىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كىتەلمەيمىز،ئۇنى تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش،ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىش ئۇقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارايمىز-دە-يۇرەك باغىرىمىزغابولغان مۇھەببىتىمىز،كۆيۇنۇشمىز،مىھىربانلىقىمىزنى ئالىياقلارغا چۆرەپ تاشلاپ ئۇنتۇپ كىتىمىز ياكى ئالدىرشچىلىقنى باھانە –سەۋەبلەر قىلىپ ،ئۇنىڭدىن ھال-ئەھۋال سۇراشنى ئۇنتۇپ كىتىمىز. Ysz{~E' ئادەم تەربىيىلەش- ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئوقۇتقۇچى –ئادەم تەربىيىلەش ئۈچۈن يارالغان ئىنسان دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.لىكىن بالا تەربىيلەش –يالغۇز ئوقۇتقۇچىنىڭلا مەسئۇلىيىتى دەپ قاراش ئانچە توغرا دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھەممىزكىچىك ۋاقىتىلىرىمىزدائېدىسۇننىڭ باللىق ھىكايىلىرىنى ئوقۇغان بولۇشىمىز مۇمىكىن، ئىدىسۇن ئەينى چاغدا ئائىلە قىيىنچىلىقى تۇپەيلدىن ئاران مەكتەپتە ئۈچ ئاي ئوقۇيالىغان، باشىقىلار ئىدىسۇننى كەلگۈسىدە يارامىسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ دەپ ئانىسغا نەسھەت قىلاتتى ،ئانىسى باشقىلارنىڭ بۇ مەسخىرە سۆزلىرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇلارغا:‹‹مەن ئوغلۈمنى كەلگۈسىدە ھەممە پەخرىلەنگۈدەك ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمەن››دەپ قەسەم ئېچىدۇ.كىيىن ئىدىسۇن راسىتىنلا ئانىسى ئېيىتقاندەك دۇنياغا داڭلىق ‹‹كەشىپىيات ئاتىسى››دىگەن نامىغا ئىرىشىتى ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشىكە نىمە تۈرتگە بولدى؟ دەل-ئائىلە تەربىيىسى، ئانىسىنىڭ تەربىيسى ئىدى. 0Y,_
DU ھەقىقەتەن ،سىلەرنىڭ جاپايىڭلار ئېغىر،مۇشاقەتلىك.سىلەر ئاشۇ ئىغىر،جاپا-مۇشاقەتلىك ئىشڭلاردىن قانداقىسىگە ۋاقىت ئاجىرىتىپ يۇرەك پاراڭلاربىلەن ھال-مۇڭ بۇلالايىسىلەر؟ۋاقىت يوق دەپ باھانە –سەۋەبلەر كۆرسىتىش-كەلگۈسىدە جىسمىزدىن تۇرەلگەن ،ۋۇجۇدىمىزدىن پارلىغان –ئەۋلادىلىرىمىزغا قىلغان ئەڭ چوڭ گۈناھ ياكى جىنايەت بولۇپ قىلىش مۇمىكىن. m646|G5 مەن مۇنداق دىسەم ھەقىچان ،بەزى ئاتا-ئانىلار ناقايل بولۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.ئۇنداقتا سىزدىن سۇراپ باقاي ،سىز بالڭىزدىن كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ، بىرەر قىتىم بولىسىمۇ ئۆگنىش ئەھۋالنى،ئۇچرىغان قىيىنچىلىقنى ،قانداق ئوقۇش قۇراللىرى لازىملىقىنى،قايىسى دەرسنى كىم بىردىغانلىقنى ،قانداق ئۆتدىغانلىقىنى ،بۈگۈن نىمە ئىش قىلغانلىقىنى سۇراپ باقتىڭىزمۇ؟ سۇرغانسىز ياكى سۇرمىغانىسىز ،ھاتتاكى سىز بالىڭىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەسىلىكىڭىز مۇمكىن. مانا بۇ قانداقىسگە قەلبىمىزدىكى ئارمانلارنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىن كۆتكىلى بولسۇن؟ n8DWA`[ib سۆيۇملۇك ئاتا-ئانىلار،بىز باللىق ۋە ياشىلىق چاغلاردىكى بەڭباشلىق،قىيىنچىلىق،نامراتلىق تۇپەيلدىن ياخىشى ئوقۇيالمىغان بولۇشمىز مۇمكىن.مانا ھازىر شارائىتىمىز ياخشىلىنىپ ،تۇرمۇشمىز پاراۋان.كۇنىلاردىن: ‹‹بىز بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشقا ئېرشەرمىز دەپ ئويلاپ باقمىغان،قاچانلاردا بىر بوردا نانغا ئىگە بولارىمىز،قاچانلاردائۆيمىزدە قازان قاينار ›› دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىم ھىلىمۇ ئىسىمدە. +/y 3]} بىز ئۆزىمىدىكى باللىق ،ياشلىق چاغلىرىمىزدىكى بەڭباشلىقنى باللىرىمىزغا ئۇدۇم قىلمايلى ،ئاشۇ بەڭباشلىق بىز بىلەن تۇگەپ كەتسۇن ،ئىلاھىم. rC
V&&09
قىيىنچىلىق،نامراتلىق يۇقالغان بۇ باياشاد كۈنلەرنىڭ قەدىرىگە يىتىپ قۇيايلى. Oaf!\z} ھەممىزگە مەلۈم ، دۆلەت 2000-يىلى ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۆتكىلىگە ھۆجۇم قىلىش بۇيىچە مەكتەپلەرنىڭ ئۇل-مۇئەسسە قۇرلۇشنى ياخشىلاپ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ يۇرۇق،ئازادە،پاكىز سىنىپلاردا،رەتلىك ،يېڭى ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردا،مۇھىتى پاكىز،ھاۋالىق مەكتەپلەردە ئوقۇشقا زور كۈچ چىقاردى. S^'?sfq 2003-يىلىدىن باشلاپ دىھقان –چارۋىچىلارنىڭ بالىلىردىن ‹‹ئىككى كەچۈرۇم››نى ،‹‹ئوقۇش ماتىريالى ،ئوقۇش پۇلى››بىكار قىلىپ ،بىزنىڭ يۇكىمىزنى يەڭگللەتتى. بىز ھەر ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان چاغلاردىكى باللىرىمىزنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرىدىن ئازاد بولدۇق.باللىرىمىز خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتقا ئىگە بولدى. q'~?azg: 2005-يىلى 6-ئايدا ئائىلىسى نامرات،ياتاققا يېتىپ ئوقۇيدىغان دىھقان –چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنىتىلىرىگە ‹‹بىر تۇلۇقلىما بىرىش›› ( تاماق ياردەم پۇلى بىرىش)يولغا قۇيۇلۇپ ،يەنە بىر قىىتىم ئەڭ چوڭ غەمغۇرلۇق قىلىندى. يۇقارىقى ئىشلار پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ باللىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى،خاتىرجەم ئوقۇش ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ يالدامىسى. }z:g}".4 دۆلتىمىز پۇتكۇل ئاۋامنىڭ ماددىي –مەنىۋى تۇرمۇشى،پەن-مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۇرۇش ئۈچۈن ‹‹كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى››دا 12يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ھەقىسىز يولغا قۇيۇش،ھەتتا ئالىي مائارىپنىمۇ ھەقىسز يولغا قۇيۇشنى نىشانلىدى. Lt>"R! "x ئەپسۇس،جەمىيەت تەرەققىي قىلۋاتقان ،دەۋر ئۇچۇرلىشۋاتقان،زامانىۋىلىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز بارغانىسىز روھى مەھكۇملۇققا يۈزلنىپ كىتۋاتىمىز،باللىرىمىزنىڭ بۇزۇلغان دەۋر روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئارزۇلىرنى قاندۇرماقتىمىز،ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ بىرشكە قىستاۋاتقان چاغلاردا بوپتۇ بالا ئەمەسمۇ؟-دەپلا ئۇلارنىڭ ئاۋۇندەك كۆڭلنى ئاياندۇرماقتىمىز،يۇغانتىماقتىمىز. (باللىرىمىزغا تىلفۇن ئېلىپ بىرىش- بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ئوخشايدۇ)بالىمۇسەن بالامۇ،بالا باققان گۈناھمۇ؟دىگەندەك ئىلشلارنىڭ بولۇشنى خالىمايمىزغۇ ھەقىچان؟ 8OE=7PK يەنە تىخى بالىلرىمىزنى مەكتەپلەردىن تارتىپ قاچماقتىمىز،ئۇلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە پالتا چاپماقتىمىز ،ئائىلدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك قۇرغاننىڭ چىرىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرماقتىمىز،نەسەپ چىرغىنىڭ ئۆچۇپ قىلىشغا سەۋەب بولماقىتمىز،ئىلگىرى ئاتا-بوۋلىرىمىزنىڭ ئاۋام ئالدىدىكى يۈز ئابرۇيدىن پەخرىلەنسەك ،ئەمىدلەتتە باللىرىمىزنىڭ –نادانلىقىتىن پەخىرلىنىدىغان ئوخشايمىز.بىز كىلەچەكتەيارامىسىز بولغان ،كەيىپ –ساپاغا بىرلىگەن،ئاتا-ئانىسغا ۋاپاسىزلىق قىلۋاتقان باللىرىمىزنى كۆرگەن چاغلاردا يەنە بىر قتىىم پۇشايمان قىلارمىزمۇ؟ x Vk|6vA7 قەدىرىلىك ئاتا-ئانىلار!بىزنىڭ قەلىبمىزدىكى ئارمانلار،باللىرىمىزنىڭمۇ قەلبدىكى ئارمانلار بولۇپ قالمىسۇن،باللىرىمىزدىكى ئارزۇلارنىڭ بىخلىنىشى،كۆكلىشى،چىچەكلىشى ھەتتاكى مىۋە بىرىشى سىز ۋە بىزنىڭ مۇھەببەتىمىزگە،كۆيۇنۇشمىزگە،پەرۋىشمىزگە مۇھتاج. A[lbBR
|
|