查看完整版本: [-- قارا خان: ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> قارا خان: ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قاراخان 2014-01-13 22:59

قارا خان: ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى

ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى GL,( N|  
1. ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل تۈركۈمى ۋە قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ ؟ ; (bAw>  
    جاۋاب : ئۇيغۇرتىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى ، شەرقىي تۈرۈك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇرتىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى ، ئۇيغۇرتىلى بۇ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان فۇنېتىكا ، لېكسىكا ، گىرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچىكى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ ، تاكامۇللىشىپ ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى . o>HU4O}  
     2.سۇغدى يېزىقىدا يېزىلغان مەدىنىيەت يادىكالىقلىرى قەيەردىن تېپىلغان ؟ ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقىنى قاچان قوللانغان ؟ L&0aS:  
    جاۋاب : شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ، جۈملىدىن تۇرپان ناھىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى قاراغوجا ( قاراجۇچۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە  سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرلەر تېپىلدى . ئارخولوگىيە ئىلمىي ۋە تارىخىي ماتىرياللارنىڭ دەللىلىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى 4- 5 ئەسىرلەردە قوللانغان . X#tCIyK,nV  
       3.ئورخون يىنسەي يېزىقى نېمە ئۈچۈن شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق ناملىرى بار ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان ؟ Hu+GN3`sx^  
       جاۋاب : جۇڭگۇ ۋە چەتئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇليىدىكى ئورجۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىريىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا ، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورجۇن - يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتالغان . شۇ ۋاقىتتا بۇ يىزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلىقىنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرۈك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان . بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋرۇپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغائوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ، قەدىمكى تۈرۈك - رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان . شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەر بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بولغاچقا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دەپمۇ ئاتالغان . بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى . بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقىنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى . +K?sg;  
       4.ئورقۇن - يېنسەي يېزىقىداقانچە ھەرپ بار ؟ ئۇلار قانداق يېزىلىدۇ ؟ ئۇ قانداق يېزىق ؟       جاۋاب : ئورقۇن - يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ ، بۇ ئىلىپەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارلاشمىسىدۇر . ئورقۇن - يىنسەي يېزىقى ئومۇمەن ، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ . لېكىن ، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان ، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا ، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ . بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى ، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ . سۆزلەر بىر - بىرىدىن قوش چىكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ . ئايرىم ئورۇنلاردا << ~ >> بەلگىسى سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ . 4UHviuOo8  

مىېھرىما 2014-01-14 00:16
ياىشى تىمدىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-01-14 10:37
قارا خان , رەھمەت سىزگە ! مەن تولۇقلىيالمايۋاتقان بىر نوقتا ىىدى , خۇش بولدۇم ! كۆپ رەھمەت

گۈلنىھال 2014-01-14 10:39
داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى  ۈمۈد قىلىمەن , ھارمىغايسىز

ياسىنجان510 2014-01-14 13:54
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

parixta 2014-01-14 14:22
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.تېمىڭىزغا رەھمەت!

parixta 2014-01-14 14:23
پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.تېمىڭىزغا رەھمەت!

tawpek 2014-01-17 18:50
دەرىسلىك كىتابىمىزدىكى 5 ئاساسى يىزىق ھەقققىدە مۇشۇنداق بىر سۇئال جاۋاب بولغان بولسىچۇ؟ FG7}MUu  
W O $PW`k  

سەئىدىيە 2014-01-17 21:37
ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى ھەققىدىكى بىلىملەرگە مەنمۇ بەك قىزقاتتىم . fl4z'8P"(  
Or2J  
رەھمەت.

tawpek 2014-01-17 22:30
خاقانىيە يىزىقى بىلەن چاغاتاي يىزىقىنى قاچان يوللايسىز؟

قاراخان 2014-01-17 22:40
tawpek:خاقانىيە يىزىقى بىلەن چاغاتاي يىزىقىنى قاچان يوللايسىز؟[ئىپادە]  (2014-01-17 22:30) 
T{T> S%17~  
ئۇنىمۇ پات ئارىدا يوللايمەن.

بابۇر0725 2014-03-15 23:57
دەرس تەييارلاشتا بەكلا ئەسقاتتى


查看完整版本: [-- قارا خان: ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled