查看完整版本: [-- ماقال-تەمسىل(ئاخىرى قەلبڭنۇر2)(3.قىتىمكىسى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> ماقال-تەمسىل(ئاخىرى قەلبڭنۇر2)(3.قىتىمكىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قەلبىنۇر2 2014-01-13 12:29

ماقال-تەمسىل(ئاخىرى قەلبڭنۇر2)(3.قىتىمكىسى)



بىلىم ئۆگەنسە كىشى، كۆككە يېتەر بېشى.

بىلىم ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ.

بىلىمى يوق كىشىنىڭ، بەرىكىتى يوق ئىشىنىڭ.

بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراغ، ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق.

پ
پاتمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان كېسەلنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.

پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.

پادىچىغا ئەمەل تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتىپتۇ.

پادىشاھ ئادالەتسىز بولسا، يۇرت ۋەيران بولۇر.

پادىشاھ مەست بولسا، دۆلىتى غەرق بولۇر.

پادىشاھنىڭ ئوت قويۇشىغا رۇخسەت، پۇقرانىڭ چىراغ يېقىشىغا رۇخسەت يوق.

پاراسەت بولسا، قىلدا پىل باغلىيالايسەن.

پارا يىگەن كىشىنى، قۇرت يەپتۇ چىشىنى.

پاشىنىڭ ئۇۋىسى يوق، پەسنىڭ مىللىتى.

پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ يېرىلىپ كېتىپتۇ.

پاكىت ئالدىدا پىلمۇ ئۇسۇرۇپتۇ.

پالتاڭ ئىتتىك بولسا، قولۇڭغا زور كەلمەس.

پالتىنىڭ سېپىغا موزاي تېزەكلەپتۇ.

پالۋان ئۆكتەم كېلىدۇ، باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ.

پالۋان يىقىتسا يۆلەپ قويار.

پايپاققا ناھال قاققاندەك، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك.

«پايدا» دېسە بۈرگىدەك، «زىيان» دېسە سازاڭدەك.

پايدىسىز كېلىشىمدىن، پايدىلىق جىدەل ياخشى.

پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.

پەخەس بولغىن دوستۇڭغا، كىرىۋالار پوستۇڭغا.

پەرداز تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە.

پەرزەنتنىڭ جېنى تەڭرىدىن، ۋۇجۇدى ئاتا – ئانىدىن، ئىستىقبالى مەرىپەتتىن.

پەزىلەتنىڭ بۇلغىنىشى بەختسىزلىنىڭ يىلتىزى.

پەلەك ھىيلىگەر بولسا، تۇرمۇش لەززەتسىز بولۇر.

پەننى سۆيگەن زار بولماس، ئەلنى سۆيگەن خار بولماس.

پولات تاۋلىنار پىچتا، ئىشچان تاۋلىنار ئىشتا.

پولات ئوتتا تاۋلىنار، ئادەم مېھنەتتە تاۋلىنار.

پولۇغا چامغۇر، سۇيۇقئاشقا زەردەك.

پۇتىدىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.

پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا يوق.

پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما، يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا.

پۇتى چاققان ئاش تاپار، ئاغزى چاققان ئىش تاپار.

پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.

توخۇ ئۇچسا تامغا قۇنىدۇ، لاچىن ئۇچسا تاغقا قۇنىدۇ.

پۇت يۈگرۈكى ئاشقا، تىل يۈگرۈكى باشقا.

پۇقرا ئالدىڭغا كەلسە، ئەمىلىڭنى تاج قىلىپ قاقما.

پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ دېسە قىزىقما.

پۇل ئالساڭ ساناپ ئال، ئېشەك ئالساڭ مىنىپ ئال.

پۇل بايغا ئاقار، سۇ سايغا ئاقار.

پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا، پۇل بولمىسا بازاردا توۋۋا.

پۇل بېرىپ ئۆي ئالغۇچە، ئالتۇن بېرىپ قوشنا ئال.

پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ، ئۆز ئىشىڭغا كېپىل تاپ.

پۇل تاپقۇچە بىرلىك تاپ.

پۇل دوستنى دۈشمەن قىلۇر، دۈشمەننى دوست قىلۇر.

پۇل دېسە توكۇرمۇ ئۇسسۇلغا چۈشەر.

كىشىنىڭ ئەيىبىنى كولىغۇچە، ئۆزۈڭنىڭ بۇرنىنى كولا.

پۇللۇق نادانلار بولغان، پۇلسىز دانالار بولغان.

ــ پۇل نەگە بارسەن؟

ــ تۇغقاننى يات قىلغىلى بارىمەن.

پۇلنى تاپ جاسارەتتە، پۇلنى خەجلە پاراسەتتە.

پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە.

پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.

پۇلۇڭ بار بېرىپ ئۆت، پۇلۇڭ يوق كۆرۈپ ئۆت.

پۇلۇڭغا بېقىپ خەج قىل، ئېھتىياجغا بېقىپ قەرز قىل.

پۇلۇڭ كۆپەيگۈچە، دوستۇڭ كۆپەيسۇن.

پۇلۇڭ يۈزگە يەتكۈچە، دوستۇڭ يۈزگە يەتسۇن.

پۇلى بار بازارغا ئامراق، پۇلى يوق مازارغا ئامراق.

پۇلى باردا يېقىن ئاغىنە، پۇلى يوقتا نېرى ماڭغىنە.

پۇلى بار كۈندە كۆرۈشۈپتۇ، پۇلى يوق كۈندە ئۇرۇشۇپتۇ.

پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.

پۇلى تۈگىگەندە، پوقىنى سىلاپتۇ.

پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر تولا.

پېشىڭ ئۇزارسا پۇتلاشقىنىڭ شۇ، گېپىڭ ئۇزارسا دۆتلەشكىنىڭ شۇ.

پېلەككە ئالدىنىپ، خەمەكسىز قاپتۇ.

پىتنە – پاسات بەتلەگلىك مىلتىقتىن يامان.

پىتنە – ئىغۋا كۆپ بولسا، ئوڭ ئىش تەتۈرگە ئايلىنار.

پىچاقنى ئۆتكۈر قىلغان گاڭ، ئادەمنى ئۆتكۈر قىلغان ئاڭ.

پىچاق ھەرقانچە ئۆتكۈر بولسىمۇ، ئۆز سېپىنى كەسمەس.

پىچاق يارىسى ئۇنتۇلار، دىل يارىسى ئۇنتۇلماس.

پىچىقىڭ ئۆتكۈر بولسا، ياغاچنىڭ قاتتىقى يوق.

پىلانچى پىلانلىغۇچە، تەۋەككۈلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.

پىلدەك دۇنيادىن قىلدەك بىلىم ئەلا.

پىياز پوستى بىلەن، ئادەم دوستى بىلەن.

ت
تاپقاندا پولدۇرۇڭ – پولدۇرۇڭ، تاپالمىغاندا قاراپ ئولتۇرۇڭ.

تاپقىنى قوي ئۆلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى چۈجە خوراز، تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈپتۇ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز.

تاپماي تۇرۇپ يېمە، بىلمەي تۇرۇپ دېمە.

تاتلىق تىل يىلاننى ئىنىدىن چىقىرار.

تاج كەيسەڭ، كونا تۇمىقىڭنى ئۇنتۇما.

تارازىنى لىللا تۇت، ساڭا ياغار بەخت – قۇت.

ئايزىبا 2014-02-07 19:12
بۇ ماقال - تەمسىللەرنى يوللاشتا كۆپ ئەجىر قىپسىز، ھارمىغايسىز !

ياسىنجان510 2014-02-07 21:01
ياقتۇردۇم يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. قوللىنىشچانلىققا ئىگە ماقا-تەمسىللەر ئىكەن.

بابۇر0725 2014-02-17 17:09
ناھايىتى ياخشى تېمىكەن بۇ  ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىكەن

zainura 2014-03-04 22:58
بۇنى پۈشۈرگىلى بولامدۇ؟

زۇمرەت 2014-03-30 00:17
مۇشۇنداق ماقال-تەمسىل قانچە كۆپ بولسا  شۇنچە ياخشى   رەھمەت سىزگە

گۈلباغ 2014-08-21 00:29
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن


查看完整版本: [-- ماقال-تەمسىل(ئاخىرى قەلبڭنۇر2)(3.قىتىمكىسى) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled