ياسىنجان510 |
2014-01-12 21:16 |
‹‹ئوغۇزنامە››نىڭ تېكىستى
‹‹ئوغۇزنامە››نىڭ تېكىستى Y]K]]Ehp ........ 05 Q8` كۈنلەردىن بىر كۈن ئاي خاقاننىڭ كۆزى يورۇپ ،بوشاندى،بىر ئوغۇل تۇغدى. `UK+[`E بۇ ئوغۇلنىڭ ئۆڭ-چىرايى كۆك،ئاغزى چوغدەك قىزىل،قوي كۆزلۈك،چاچلىرى،قاشلىرى قارا 'aP*++^ ئىدى.پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى.بۇ ئوغۇل ئانا كۆكسىدىن ئوغۇز سۈتىنىلا ئېمىپ ،ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۈت ئەممىدى.ئۇ خام گۆش،ئاش-تاماق ۋە شاراپ تەلەپ قىلدى،تىلى چىقتى.قىرىق كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ،چوڭ بولۇپ ماڭدى.ئويناشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئايىغى ئۆكۈز ئايىغىدەك،بېلى بۆرىنىڭ بېلىدەك،يەلكىسى بۇلغۇن يەلكىسىدەك،كۆكسى بولسا ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى تۈكلۈك ئىدى.يىلقىلارنى باقاتتى،ئاتلارغا مىنەتتى،ھايۋانلارنى ئوۋلايتتى.كۈنلەر ئۆتۈپ،تۈلەر ئۆتۈپ ئۇ يگىت بولدى.ئۇ چاغدا بۇ يەردە بىر چوڭ ئورمان بولۇپ،ئۇنىڭدا كۆپلىگەن چوڭ-كىچىك دەريالار بار ئىدى،بۇ ئورمانغا كۆپلىگەن ھايۋانلار كېلىپ تۇراتتى.نۇرغۇن قۇشلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.بۇ ئورماننىڭ ئىچىدە يوغان بىر قىئات بار ئىدى.ئۇ يىلقىلارنى،ئادەملەرنى يەپ كېتەتتى،بۇ ناھايىتى يامان بىر ھايۋان ئىدى.ئۇ خەلق بېشىغا ئېغىر-قايغۇ ھەسرەت كەلتۈردى.ئوغۇز خاقان جاسارەتلىك،قورۇقسماس بىر كىشى ئىدى،شۇڭا ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلاشنى خالىدى. Hk*cO;c كۈنلەردىن بىر كۈن ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى ،نەيزە،ئوقيا،قىلىچ ۋە قالقان ئېلىپ يولغا ئاتلاندى. ئۇ بىر بۇغا تۇتتى-دە،بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قايتىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كېيىن،تاڭ ئاتتى،تاڭ سەھەر چاغدا ئوغۇز كېلىپ كۆردىكى،بۇغىنى قىئات ئېلىپ كېتىپتۇ. 5l/l] ئوغۇز يەنە بىر ئېيىقنى تۇتۇپ،ئالتۇن بەلبىغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ،قايتىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كېيىن ،يەنە تاڭ ئاتتى.تاڭ سەھەردە ئوغۇز يەنە كېلىپ كۆردىكى،قىئات ئېيىقنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ.ئوغۇز ئەنە شۇ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ تۇردى. قىئات يېتىپ كېلىپ ،بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى.ئوغۇز خاقان نەيزىسى بىلەن قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ،ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە قىلىچ بىلەن بېشىنى كېسىپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ كۆردىكى،بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ-قارنىنى يەۋاتاتتى.ئوغۇز ئۇ قىئات بىلەن شۇڭقارنى ئۆلتۈردى ۋە بېشىنى كەستى.ئاندىن كېيىن دېدىكى،‹‹شۇڭقارنىڭ قىياپىتى مانا شۇ.قىئات بۇغىنى يېدى،ئېيىقنىمۇ يېدى،نەيزەم ئۇنى ئۆلتۈردى،چۈنكى ئۇ تۆمۈردۇر.قىئاتنى شۇڭقار يېدى،يا ۋە ئوقۇم ئۇنى ئۆلتۈردى،چۈكى ئۇ شامالدەك تېزئۇچۇدۇ››.ئۇ شۇنداق دېدى-دە،قايتىپ كەتتى.مانا بۇ قىئاتنىڭ قىياپىتى... z8 ;#H
tr كۈنلەردىن بىر كۈن ئوغۇز خاقان بىر جايدا تەڭرىگە سىغىنىۋاتاتتى،ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ،ئاسماندىن بىر كۆك نۇر چۈشتى.بۇ نۇر كۈندىن يورۇق،ئايدىن نۇرلۇق ئىدى.ئوغۇز خاقانئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ،بۇ نۇرنىڭ ئىچىدە بىر قىز بارلىقىنى كۆردى.ئۇ قىز يالغۇز ئولتۇراتتى.ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ بېشىدا ئاتەشتەك نۇرلۇق بىر مېڭى بولۇپ،بۇ مېڭى قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشايتتى.بۇ قىز شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى،ئۇ كۈلسە،كۆك ئاسمان قوشۇلۇپ كۈلەتتى،ئۇ يىغلىسا،كۆك ئاسمان بىللە يىغلايتتى.ئوغۇز خاقان ئۇ قىزنى كۆردى-دە،ئەس-ھۇشىنى يوقاتتى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.بۇ قىزنى ئالدى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ ،ئارمانغا يەتتى.بۇ قىز ھامىلدار بولدى. N pND/ كۈنلەر ئۆتۈپ،تۈنلەر ئۆتۈپ،ئۇنىڭ كۆزى يورىدى ۋە ئۈچ ئوغۇل تۇغدى.بىرىنچىسىگە كۈن دەپ،ئىككىنچىسىگە ئاي ۋە ئۈچىنچىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى. u يەنە بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى. ئۇ ئالدىدىكى بىر كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر دەرەخ كۆردى.شۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز يالغۇز ئولتۇراتتى.ئۇ بەكمۇ چىرايلىق بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىن كۆكرەك،چېچې خۇددى دەريا سۈيىدەك،چىشلىرى ئۈنچىدەك ئىدى.ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىكى،كىشىلەر ئۇنى كۆرسە،‹‹ھاي-ھاي،ئاھ-ئۇھ،ئۆلىدىغان بولدۇق››دېيىشەتتى.ئۇنى كۆرگەن سۈتمۇ قىمىزغا ئايلىناتتى.ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆردى-دە،ئەس 53t-'K0l ھۇشىنى يوقاتتى.يۈرىكىگە ئوت تۇتاشتى،ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە ئالدى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ تېلىكىگە يەتتى،ئۇ قىز ھامىلدار بولدى.كۈنلەر ئۆتۈپ،تۈنلەر ئۆتۈپ ،ئۇنىڭ كۆزى يورىدى ۋە ئۈچ ئوغۇل تۇغدى.بىرىنچىسىگە كۆك(ئاسمان)دەپ ئات قويدى،ئىككىنچىسىگە تاغ،ئۈچىنچىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى.خەلققە يارلىق چۈشۈردى،كىشىلەر مەسلىھەت بويىچە كېلىشتى.قىرىق شىرە،قىرىق ئورۇندۇقچاپتۇردى،ھەر خىلتائاملار،نازۇ نېممەتلەرنى يېيىشتى ۋە تۈرلۈك شاراپلار،قىمىزلارنى ئىچىشتى،تويدىن كېيىن ئوغۇزخاقان بەگلەرگە،خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ،مۇنداق دېدى: :-\ yy ‹‹مەن سىلەرگەبولدۇم خاقان، n?LIphc\ ئالغىن قولغا يا ۋە قالقان. \}x'>6zr2 بىزگە تامغا بولسۇن بويان، /uE^H%9h ھەم كۆك بۆرەبولغاي ئۇران. YZH#5]o8 تۆمۈر نەيزەبولغىن ئورمان، U7"BlT!V\ دېڭىز-دەريا تۇرسۇن ئېقىپ، lgonR ئوۋ يېرىدە يۈرسۇن قۇلان، +~4bB$6*4) كۈن تۇغ بولغاي ،ئاسمان قورغان. -N7xO) شۇنىڭدىن كېيىن ،ئوغۇز خاقانتۆت ئەتىراپىغا يارلىق چۈشۈردى ۋە ئۇقتۇرۇش يېزىپ ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا شۇنداق يېزىلمىش ئىدى:‹‹مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بولىمەنكى ، يەرنىڭ تۆت بۇلىڭىنىڭمۇخاقانى بولۇشۇم كېرەك ! سىلەردىن بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىمەن . كىمكى ماڭا بويسۇنۇپ ئاغزىمغا باقسا،ئۇنىڭغا سوۋغا يوللاپ،دوست تۇتىمەن،كىمكى ماڭا بويسۇنمىسا،غەزىپىم تېشىپ،قوشۇن تۈزىمەن،ئۇنى دۈشمەن دەپ بىلىمەن،دەرھال باستۇرۇپ بېرىپ،دارغا ئاستۇرۇپ ،ئۇنى يوق قىلىمەن.›› -H4+ur JJ بۇ چاغدا،ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دېگەن بىر خاقان بار ئىدى.شۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇزخاقانغا ئەلچى ئەۋەتتى.كۆپلىگەن ئالتۇن-كۆمۈش،ئېسىل ياقۇت،نۇرغۇن بايلىق ئىنئام قىلىپ،ئوغۇزخانغا بېقىندى.ئوغۇز بۇ ياخشى،مەرد كىشى بىلەن دوستلىشىپ،ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتتى. ?cO8'4 bq سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى.بۇ خاكاننىڭ قوشۇنى ئىنتايىن كۆپ ،شەھەرلىرىمۇ نۇرغۇن ئىدى. مۇشۇ ئۇرۇم خاقان ئوغۇزخاقاننىڭ يارلىقىغا ئېتىبار قىلماي،بىرلىشىشكە بارمىدىۋە ‹‹بۇ سۆزلەرنى قوبۇل قىلمامەن››دەپ يارلىققا بويسۇنمىدى. ``|gcG ئوغۇز خاقان غەزەپكە كېلىپ،ئۇنىڭغا قارشى ئاتلانماقچى بولدى ئۇ قوشۇننى باشلاپ ،تۇغلارنى كۆتۈرۈپ،يولغا ئاتلاندى.قىرىق كۈندىن كېيىن مۇز تاغ دېگەن بىر تاغنىڭ ئېتىكىگە كەلدى ۋە قورغاننى چۈشۈرۈپ،جىمجىت ئۇخلاشتى. JEsLF{ ئەتىسى تاڭ سەھەر چاغدا ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر نۇر چۈشتى.بۇ نۇر ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك،كۆك يايلىق يوغان بىر ئەركەك بۆرە پەيدا بولدى.بۇ بۆرە ئوغۇزخاقانغا گەپ قىلىپ،مۇنداق دېدى:‹‹ھەي خاقانىم،سەن ئۇرۇم ئۈستىگە ئاتلانماق بولۇپسەن،ھەي ئوغۇز، ئالدىڭلاردا مەن يول باشلاپ ماڭىمەن ! ›› }(ma__Ao شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇز خاقان قورغاننى يىغدۇرۇپ ئالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.قارىغۇدەك بولسا،قوشۇننىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك،كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە كېتىو باراتتى.باشقىلار بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ بارماقتا ئىدى.بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ كۆك تۈكلۈك ،كۆك يايىلىق يوغان ئەركەك بۆرە توختاپ قالدى.ئوغۇزمۇ قوشۇنى بىلەن توختىدى،بۇ يەردە ئېتىل دەرياسى دېگەن بىر چوڭ سۇ بار ئىدى.ئېتىل دەرياسى قىرغىقىدىكى بىر قارا تاغ يېنىدا ئۇرۇش باشلاندى.ئوقيا،نەيزە ۋە قىلىچلار بىلەن جەڭ قىلىشتى. -MrtliepW* قوشۇنلار ئارا بولدى ئۇرۇش-جەڭ، %GX uuE}mX خەلق قەلبىنى باستى قايغۇ-غەم. Uvh~B^6
ئېلىشىش، چېلىشىش،جەڭ شۇنچىلىك قاتتىق بولدىكى،ئېتىل دەرياسىنىڭ سۈتى قىپقىزىل بوياقتەك بولۇپ كەتتى.ئوغۇز خاقان يەڭدى،ئۇرۇم خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان ئۇرۇم خاقاننىڭ خانلىقىمى ئالدى ۋە ئادەملىرىنى ئەسىر قىلدى.ئۇنىڭ ئوردىسىغا كۆپلىگەن جانسىز،نۇرغۇن جانلىقئولجا چۈشتى.ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ ،ئۇ ئورۇس بەگ دېگەن كىشى ئىدى.ئورۇس بەگ ئۆز ئوغلىنى تاغ ئۈستىدىكى تېرەن دەرياسى ئارىسىدىكى مۇستەھكەم(قەلئەلىك)بىر شەھەرگەئەۋەتتى ۋە ئوغلىغا :‹‹شەھەرنى قوغداش لازىم،سەن شەھەرنى مۇداپىيە قىلىپ ،ئۇرۇشتىن كېيىن قايتىپ كەل ! ››دېدى. I7fb}j`/ ئوغۇز خاقان ئەنە شۇ شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى،ئورۇس بەەنىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا كۆپلىگەن ئالتىن-كۆمۈش ئەۋەتتى.يەنە ئېيتتىكى:‹‹سەن مېنىڭ خاقانىم بولىسەن ! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەنىدى ۋە شەھەرنى قوغداش كېرەك،سەن شەھەرنى مۇداپىيە قىلىپ،ئۇرۇشتىن كېيىن قايتىپ كەل ،دېگەنىدى. ئاتام غەزەپلەنسە،ئىختىيار مەندە بولاتتىمۇ؟ سېنى ھاكىمىيەت،بايلىق،دانالىق دەپ بىلىمەن. بىزنىڭ بەختىمىز سېنىڭ بەختىڭ،بىزنىڭ ئۇرۇقىمىز سېنىڭ شەجەرەڭنىڭ ئۇرۇقى ھېساپلىنىدۇ.تەڭرى ساڭا يەر-زىمىن ئاتا قىلغانىكەن،مەن ساڭا بېشىمنى ،بەخش ئېتىمەن.ساڭا سېلىق تۆلەپ ،دوستلۇقتىن چىقمايمەن.›› ئوغۇزخاقان يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى ياقتۇردى،سۆيۈنۈپ كۈلدى ۋە يەنە ‹‹ماڭا كۆپ ئالتۇن ئەۋەتىپسەن ،شەھەرنى ئوبدان ساقلاپسەن››دېدى.شۇنىڭ ئۆچۈن ئۇنىڭغا ‹ساقلاپ› دەپ ئات قويدى.ئۇنىڭ بىلەن دوست بولدى. 3I"NI.>* ئوغۇز خاقان ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىل دەرياسىغا كەلدى.ئېتىل دېگەن چوڭ بىر دەريا ئىدى.ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرۈپ :‹‹ئېتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتىمىز ؟››دېدى.قوشۇندابىر ئوبدان بەگ بار ئىدى،ئۇنىڭ ئېتى ئۇلۇغ ئوردۇ بەگ ئېدى. ئۇ ماھىر ،پاراسەتلىك بىر ئادەم ئىدى.ئۇ دەريا ياقىسىدا كۆپلىگەن تال ۋە نۇرغۇن دەرەخلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردى-دە،ئاشۇ دەرەخلەرنى ....كەستى.ئوغۇز خاقان بۇنى كۆرۈپ ،سۆيۈندى،كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: <&5m N ‹‹ئاي-ھاي ! سەن بۇ يەرگە بەگ بولغىن،‹قىپچاق› دېگەن بەگ سەن بولغىن.›› يەنە ئالغا قاراپ كەتتى. Q(510) شۇنىڭدىن كېيىن ،ئوغۇز خاقان كۆك تۈكلۈك،كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى.ئۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا:‹‹ئەمدى قوشۇن بىلەن بۇ يەردى قوزغال،ئوغۇز ! ئادەملىرىڭنى ،بەگلىرىڭنى ئاتلاندۇرۇپ بۇ يەرگە كەلتۈر.مەن سىلەرنى باشلاپ يولنى كۆرسىتىمەن.››دېدى.تاڭ سەھەر بولغان چاغدا،ئوغۇز خاقان كۆردىكى،ئەركەك بۆرەقوشۇننىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېتىپ باراتتى.ئوغۇز خوشال بولۇپ،ئالغا قاراپ كەتتى. q^a|wTC ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىرغا مىنەتتى ۋە بۇ ئايغىرنى بەك ياخشى كۆرەتتى.يولدا مۇشۇ ئايغىر يوقۇلۇپ قېچىپ كەتتى.بۇ يەردە چوڭ بىر تاغ بار ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىدە قار،مۇز بولۇپ ،چوققىلىرى سوغۇقتىن ئاپئاق ئىدى.شۇڭا ئۇ مۇز تاغ دەپ ئاتىلاتتى.ئوغۇزخاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدى.بۇنىڭدىن ئوغۇز خاقان ئۇزۇن ۋاقىت قايغۇ چەكتى.قوشۇندا بىر باتۇر بەگ بار بولۇپ، ئۇ ھېچنىمىدىن قورقمايتتى.ئۇ يول يۈرۈشكە،سوغۇققا چىداملىق ئىدى. ئاشۇ بەگ تاغلار ئارىسىغا كىرىپ ،توققۇز كۈندىن كېيىن ئوغۇزخاقانغا ئايغىرنى ئەكىلىپ بەردى.مۇز تاغدا قاتتىق سوغۇق بولغانلىقتىن،ئۇ بەگ قارغا كۆمۈلۈپ ئاپئاق بولۇپ كەتكەنىدى.ئوغۇزخاقان خوشاللىق بىلەن كۈلدى ۋە ‹‹ئەي،سەن بۇ يەردە بەگلەرگە بولغىن باشلىق،سېنىڭ ئېتىڭ بولسۇن مەڭگۈ قاغارلۇق›› دېدى .كۆپلىگەن مال-دۇنيا ھەدىيە قىلىپ ئالغا يۈرۈپ كەتتى. >Mvka;T] يولدا بىر چوڭ ئۆينى كۆردى،بۇ ئۆيىنىڭ تاملىرى ئاتۇندىن،تۈڭلۈكلىرى كۈمۈشتىن ،ئىشىكلىرى تۆمۈردىن ئىدى.ئۆي قۇلۇپلاقلىق بولۇپ،ئاچقۇچى يوق ئىدى.قوشۇندا بىر چىۋەر ئادەم بولۇپ،ئۇنىڭ ئېتى تۆمۈر دۇقاغۇل ئىدى.ئوغۇز ئۇنىڭغا بۇيرىدى:‹‹سەن بۇ يەردە قال ،ئىشىكنى ئاچ،ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ،ئوردىغا كەل ! ››شۇڭا ئۇنىڭغا ‹قالاچ›دەپ ئات قويدى ۋە يەنە ئالغا قاراپ كەتتى. EntF@ln! بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك ،كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە،ماڭماي تۇرۇپ قالدى،ئوغۇزخاقانمۇ توختىدى ۋە چېدىرلارنى چۈشۈرۈپ تىكتى.بۇ يەر ھەيدەلمىگەن تۈز يەر ئىدى،بۇ يەرنى جۇرجىت دېيىشەتتى. بۇ چوڭ بىر يۇرت،كۆپ خەلق بولۇپ ،بۇلارنىڭ يىلقىلىرى،كالا-موزايلىرى،ئالتۇن-كۆمۈش،دۇر-مەرۋايىتلىرى،ئىنتايىن كۆپ ئىدى.بۇ يەردە جۇرجىتنىڭ خاقانى ۋە خەلقى ئوغۇز خاقانغا قارشى چىقتى،ئۇرۇش-جەڭ باشلاندى.ئوقلار بىلەن،قىلىچلار بىلەن جەڭ قىلىشتى.ئوغۇز خاقان ئۈستۈن چىقتى.جۇرجىت خاقانىنى تارمار قىلدى.ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ،بېشىنى كەستى.جۇرجىتنىڭ خەلقىنى ئۆزىگە بېقىندۇردى. ]~-*hOcQ4 ئۇرۇشتىن كېيىن ئوغۇز خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى،نۆكەرلىرى ۋە خەلقىشۇنچىلىك كۆپ مال-مۈلۈك ئولجا ئالدىكى ئۇلارنى ئارتىۋېلىپ كېتىشكە ئات،قېچىر ،ئۇي ئازلىق قىلدى.ئوغۇز خاقاننىڭ قوشۇنىدا بىر ماھىر،ئىشچان ئۇستا كىشى بار ئىدى.ئۇنىڭ نامى بارماقلۇغ جوسۇن بىللىك ئىدى.بۇ ئۇستا بىر ھارۋا ياسىدى،ھارۋا ئۈستىگە مال-مۈلۈكنى قويدى،ئۇنىڭ ئالدىغا تىرىك ئولجا(ئەسىرلەر)نى قاتتى ۋە تارتىۋېلىپ كەتتى.نۆكەر ۋەكىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپ،ئالدىراش ھارۋا ياساشتى. بۇ ھارۋۇلار يۈرگەندە،‹قانغا-قانغا›دەپ ئاۋاز چىقىراتتى.شۇڭا ئۇلارغا ‹قانغا› دەپ ئات قويدى.ئوغۇز خاقان ھارۋۇلارنى كۆرۈپ كۈلدى ۋە ‹‹قانغا-ھارۋا بىلەن ئۆلۈكنى تىرىك يۈرگۈزسۇن،سېنىڭ ئېتىڭ قاڭغالۇق بولۇپ ،ھارۋنى ئەسلەتسۇن››دېدى ۋە ئالغا قاراپ كەتتى. kE/`n],1U شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە شۇ كۆك تۈكلۈك،كۆك يايىلىق ئەركەك بۆرە بىلەن ھىندۇ،تاڭغۇت ھەم شام تەرەپلەرگە يۈرۈپ كەتتى.نۇرغۇن ئۇرۇش،جەڭ –چېلىشلاردىن كېيىن ئۇلارنىمۇ ئالدى ۋە ئۆز مەملىكىتىگە بىرلەشتۈردى.ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ ،ئۇلارنى باستۇردى. Jyj0Gco نەزەردىن تاشقىرى قالماي مەلۇم بولدۇنكى جەنۇپ تەرەپتە باراقا دېگەن بىر جاي بار ئىدى،ئۇ باھايىتى باي بىر مەملىكەت ، ئىنتايىن ئىسسىق يەر ئىدى. بۇ يەردە ھايۋانلار ،قۇشلار ناھايىتى كۆپ،ئالتۇن-كۆمۈش، دۇر-مەرۋايىتلىرى نۇرغۇن ئىدى. خەلقىنىڭ رەڭگى –رويى بولسا ،قاپقارا ئىدى.بۇ يەرنىڭ خاقانى ماسار دېگەن بىر خاقان بار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندى.شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرۇش بولدى.ئوغۇز خاقان يەڭدى،ماسار خاقان قاچتى،ئوغۇز ئۇنى گۈمران قىلىپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئالدى ۋە ئالغا كەتتى،ئۇنىڭ دوستلىرى ئىنتايىن خوشال بولدى، دۈشمەنلىرى ئېغىر قايغۇغا پاتتى.ئوغۇز خاقان ئۇنى يېڭىپ، ھېساپسىز بايلىق ۋە يىلقىلارنى قولغا چۈشۈردى.ئۆز مەملىكىتىگە ــ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. /+VIw`E يەنە نەزەردىن سىرىتتا قالماي مەلۇم بولسۇنكى،ئوغۇزخاقاننىڭ يېنىدا ئاقساقاللىق ،مۇز چاچلىق،بەكمۇ ماھىر بىر قېرى كىشى بار ئىدى.ئۇ پاراسەتلىك،مۇلايىم، چۈشكە تەبىر بەرگۈچىكىشى بولۇپ ،ئېتى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى.كۈنلەردىن بىر كۈن ،ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا ۋە ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى. ئۇ ئالتۇن يا كۈنچىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە تارتىلغان ، ئۈچ كۈمۈش ئوق بولسا ،شىمال تەرەپكە يۆنەلگەنىدى. ئۇ ئۇيغىنىپ ،چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئوغۇزخاقانغا بىلدۈردى ۋە دېدىكى: #s"851e ‹‹ھەي خاقانىم، بولسۇن سېنىڭ ئۆمرۈڭ ئۇزۇن، <i{K7}': ئەي خاقانىم،ھاكىملىق ساڭا مەنسۇپ نولسۇن. k$h [8l(< چۈشتە ماڭا كۆرسەتكەننى تەڭرى بەرسۇن، )kYOHS يەرلىرىڭنى ئەۋلادىڭغا نېسىپ قىلسۇن.›› x97L6! ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزلىرىنى ياقتۇردى،مەسلىھەت سورىدى ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلدى. 4q hWm"&CM ئەتىسى سەھەردە ئاكا ۋە ئىنىلارنى چاقىرتىپئەكەلدى ۋە مۇنداق دېدى:‹‹كۆڭلۈم ئوۋنى تارتىپ تۇرىدۇ،بىراق قېرىپ قالغانلىقىمدىن جاسارىتىممۇ يوق،كۈن، ئاي،يۇلتۇز سىلەر تاڭ تەرەپكە بېرىڭلار.كۆك،تاغ،دېڭىز سىلەر تۈن تەرەپكە بېرىڭلار.›› شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچەيلەن تاڭ تەرەپكە باردى،يەنە ئۈچەيلەن تۈن تەرەپكە باردى. كۈن،ئاي،يۇلتۇزنۇرغۇن كىيىكلەر ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن ،يولدىن بىر ئالتۇن يانى تاپتى،ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ،ئاتىسىغا بەردى.ئوغۇزخاقان سۈيۈنۈپ كۈلدى،ئۇنى ئۈچ بۆلەك قىلىپ سۇندۇردى ۋە: k#O,j pbB ‹‹ھەي ئاكىلار،بۇ يا سىلەرگە ئاتقان ئوقۇڭلار كۆكلەرەە تيەتسۇن›› دېدى. 8tLHr @%% كۆك،تاغ،دېڭىز نۇرغۇن كىيىك ۋە قۇشلارنى ئوۋلىغاندىن كېيىن ،يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوقنى تاپتى ۋە ئاتىسىغا ئەكىلىپ بەردى.ئوغۇزخاقان خوشال بولۇپ كۈلدى ۋە ئوقلارنى ئۈچەيلەنگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ،مۇنداق دېدى:‹‹ھەي ئىنىلار،بۇ ئوقلار سىلەرنىڭ بولسۇن،ئوقنى يا ئاتار ،ئوقلاردەك بولۇڭلار.›› شۇنىڭدىن كېيىن ،ئوغۇزخاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى،نۆكەرلىرىنى ،خەلقنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە كېڭەشتى... *8bK')W ئوغۇزخاقان بۈيۈك ئوردىدا ....ئوڭ تەرەپكە قىرىق غۇلاچ تاغاچ تىكتۈرۈپ ،ئۇنىڭ بېشىغا بىر ئالتۇن توخۇ قويدى،تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى.سول تەرەپكىمۇ قىرىق غۇلاچلىق ياغاچ تىكتۈرۈپ ،ئۇنىڭ بېشىغا بىر كۈمۈش توخۇ قويدى،تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى،ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى،سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى.ئۇلار قىرىق كېچە-كۈندۈز يەپ-ئىچىشتى ۋە سۈيۈنۈشتى،شۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇزخاقان مەملىكەتنى ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەردى ۋە شۇنداق دېدى: xCWz\-; ‹‹ئەي ئوغۇللار كۆپ يەپ-ئىچتىم، u$%A#L[ نۇرغۇن جەڭ ۋە ئۇرۇش كۆردۈم، j!\dn!Xwt كۆپلەپ نەيزە-ئوقلار ئاتتىم. X\Y}oa."A ئايغىر بىلەن كۆپ يول يۈردۈم، S]^`woD دۈشمەنلەرنى قان يىغلاتتىم، ^~$\ g] دوستلىرىمنى مەن كۈلدۈردۈم . cWMUj K/N تەڭرى بۇيرۇقىنى قىلدىم ئادا،بېرەي سىزگەيۇرتۇم ئانا..، ›› 48O~Jx, ............................ s"%lFA"- قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ‹‹ئوغۇزنامە›› دىن dRW$T5dac مىللەتلەر نەشىرياتى 1980-يىل نەشىرى |4;UyHh
|
|