查看完整版本: [-- چەكسىز ئىشخانا:     (ئادىل تۇنياز ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> چەكسىز ئىشخانا:     (ئادىل تۇنياز ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مىېھرىما 2014-01-11 20:37

چەكسىز ئىشخانا:     (ئادىل تۇنياز )

تەكچىدە شېشە.
شېشىدىكى نۇر.


بىر تال پەي.
ئىش تەرتىپى.
قەغەز دۆۋىسى.


خۇددى رەتلىك تۇرغاندەك
قالايمىقان ئىشخانا ئىچى.


غېرىپلىق بىلمىگەندەك غېرىپلىقنى
بىلمەي قالدىم نېمە قىلىشنى.


ئات قويۇلمىغان ھاياجان
ئايلانماقتا توختىماي مېنى.


قەغەز مەركىزىدە
بىر جۈملە ئايال.
ئايال ھەرىپلەرنىڭ
ماڭا قاراپ يالىڭاچلىنار
ياش قەبىلە باشلىقى.


دېرىزىنى ئېچىشىم بىلەن
تەكچىدىكى قۇرۇق شېشىگە
ئۇدۇل كېلىپ چۈشتى كۈن نۇرى.


شېشە يېنىدىكى چاقناش.
ئۈستەل ئۈستىدىكى چاقناش.
كۈلدان ئەتراپىدا جىمجىتلىق.


جىمجىتلىقنى بۇزۇپ بىردىنلا
قەلەم سوراپ قالدى ئىشدېشىم...


   1993-يىلى  12 - ئاي

   مەنبە:« بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» ناملىق كىتاۋىدىن  ئېلىندى.

ئەكبەرنىياز 2014-01-13 12:18
نېمىدىگەن ئوبرازلىق مەنا ۋە ئېماگ ، نېمىدىگەن پاساھەتلىك تىل ! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

مىېھرىما 2014-01-13 13:07
    
تەكچىدە شېشە.
شېشىدىكى نۇر.


بىر تال پەي.
ئىش تەرتىپى.
قەغەز دۆۋىسى.


خۇددى رەتلىك تۇرغاندەك
قالايمىقان ئىشخانا ئىچى.


غېرىپلىق بىلمىگەندەك غېرىپلىقنى
بىلمەي قالدىم نېمە قىلىشنى.


ئات قويۇلمىغان ھاياجان
ئايلانماقتا توختىماي مېنى.


قەغەز مەركىزىدە
بىر جۈملە ئايال.
ئايال ھەرىپلەرنىڭ
ماڭا قاراپ يالىڭاچلىنار
ياش قەبىلە باشلىقى.

  بۇ مىسرالاردا قانداق مەنا بار دەپ قارايمىز ؟ تەپىقداشلىرىمنىڭ بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن. قېنى قىممەتلىك پىكرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!ئەمسە مۇنبەر سىلەرگە قالدى ھە!!!!!!!!!!!!!!!1

قاراخان 2014-01-13 21:19
گۇڭگا شېئىرلارغا كەلگەندە مەن بەك چولتا، قېنى ئەكبەر ئاكا، ئۆزلىرىلا يېشىۋەتماملا.

مىېھرىما 2014-01-14 00:22
ئەكبەر ئۇستازغا قاراپ قالدۇق قېنى ئۇستاز قىممەتلىك پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى؟


查看完整版本: [-- چەكسىز ئىشخانا:     (ئادىل تۇنياز ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled