查看完整版本: [-- تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى _ پىسخىك تەربىيە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى _ پىسخىك تەربىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abral777 2014-01-11 17:06

تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى _ پىسخىك تەربىيە

تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى ــ پىسخىك تەربىيە fNu/>pN  
ئابلەت ئابلىكىم D&"lu*"tg  
(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ) #BcUE?K*N  
«بەدەننىڭ گىمناستىكىسى بولغۇنىغا ئوخشاش روھنىڭمۇ گىمناستىكىسى بولىدۇ،ئۇنىڭسىز روھ خاراب بولىدۇ» x:~XZX\mwH  
ئارىستوتىل(يۇنان) 0iZeU:FE  
2007-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ياتاقتا ياتىدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچىمىز چاشقان دورىسىنى يەۋىلىپ ھەممىمىزنى ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتتى.دوختۇرلارنىڭ بىر كېچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى نەتىجىسىدە قىزنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.ئەسلى ئۇ شۇ كۈنى سىنىپ مۇدىرى بىلەن زاكۇنلاشقان بولۇپ،سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تەنقىدلەپ قويۇشى نەتىجىسىدە دورا ئىچىپ سىنىپ مۇدىرىنى پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولغان.بۇ ئىش مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە خادىملىرىنىڭ پىشانىسىدىن ئوبدانلا تەر چىقاردى.سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قېتىملىق ئىبرەت تەربىيەسى بولدى.بىز بۇ ئىشتىن كېيىن ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق مەكتىپىمىزدە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.بۇ ئىش پىسخولۇگىيەگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى.شۇنىڭ بىلەن 2007-يىلى 9-ئايدا مەخسۇس ئىشخانا ئاجرىتىپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلدۇق.لېكىن بىزدە تەجرىبە كەمچىل ئىدى،ئوبلاست دائىرىسىدە پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيى ئاچقان بىرمۇ مەكتەپ يوق بولۇپ،بۇ ئىشنى قانداق باشلاش،پىسخىكىلىق مەسلىھەتنى قانداق تەرىزدە ئېلىپ بېرىش،قىسقىسى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى توغرىسىدا بىزدە ئەتراپلىق چۈشەنچە يوق ئىدى.مەن بىر قانچە كىتابخانىگە بېرىپ پىسخىك مەسلىھەت بېرىشكە ئائىت بىرەر پارچىمۇ كىتاب تاپالماي.بۇ ئىشتا پەقەت ئۆزىمىزگە تايىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم.ھەمدە ئىشنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە داۋاملاشتۇردۇق. ;b=diZE  
1 .مەخسۇس ئىشخانە ئاجرىتىپ،شارائىتىنى ياخشىلىدۇق. hZ>m:es  
بۇ خىزمەتنىڭ خارەكتېرى مەخسۇس ئىشخانا بولۇشنى تەقەززا قىلغان.چۈنكى،پىسخىك مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى-تەرۈز قىلىشقا بولمايدۇ.تىنىچ،ئازادە مۇھىت بولغاندىلا سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرگىلى.ياخشى شارائىت ئارقىلىق ئېستىتېك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىنى بولىدۇ.شۇڭا بىز ئىشخانىگە ئۈستەل،كومپىيۇتېر،ساپا،سۇ قايناتقۇچ،گۈل قاتارلىق زۆرۈر نەرسىلەرنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇردۇق.ئىنسان تەبىئېتىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنى نامايان قىلىدىغان رەسىم،ھۆسنىخەتلەرنى ئۆزىمىز لايھىلەپ چاپلىدۇق.رەسىملەرنى ئاساسەن سىمۋۇللۇق مەنىلەرگە ئىگە قىلدۇق.رەسىمگە قارىغان كىشى،ئىنسان تەبىئېتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا تەقەززا بولىدۇ.ھاياتتا ئۈمىدۋار ياشاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.بىز يەنە ئىشخانىگە ئالىملارنىڭ روھىيەت ۋە پىسخىكا ھەققىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەقىلىيە سۆزلىرىنى چاپلىدۇق.ئىشخانىگە كىرىپ ساپادا ئولتۇرغان كىشى تەبىئىي ھالدىلا يۇقۇرقى رەسىم ۋە ھۆسنىخەتلەرنى كۆرەلەيدۇ ۋە دەسلەپكى قەدەمدىلا ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. "&f| 
2.كىتاب جازىسى ئېلىپ،پىسخولۇگىيە ۋە ساغلاملىققا دائىر كىتابلارنى توپلىدۇق T+B-R\@t  
پىسخولۇگىيە،ساغلاملىق،كىشىلىك مۇناسىۋەت،ئوزۇقشۇناسلىق،ئۈگۈنىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇندىكى كىتابلارنى توپلاپ،ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارغا ئارىيەت بەردۇق.ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئالغان ھاسىلاتى بىلەن ئورتاقلاشتۇق.ئۇلارنى تەسىرات يېزىشقا رىغبەتلەندۈردۇق.بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. بولۇپمۇ «قورۇقماڭ،باتۇرلارچە ياشاڭ» «جاھاندارچىلىق سەنئىتى» «سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ»قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى. A_E2v{*n  
3.پىسخىكىلىق مەسلەھەت بېرىش گىراپىسى لايھىلەپ،سۆھبەت خاتىرىسىنى ئارخىپلاشتۇردۇق hG#2}K_  
گىرافىغا سۆھبەت ئوبىيىكتېنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،يېشى،مىللىتى،قان تىپى، قىزىقىشى، يىللىق-سىنىپى، تەن- سالامەتلىك ئەھۋالى،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ۋە كەسپى،قىزىقىشى،مەدەنىيەت ساپاسى قاتارلىق ئەھۋاللار تەپسىلى خاتىرلەندى.چۈنكى يۇقۇرقى ئەھۋاللار ئوقۇغۇچىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئارقا كۆرۈنىش ماتىريالى ھىساپلىنىدۇ.ساقلانغان ئاساسلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر،بېرىلگەن پىسخىكىلىق مەسلەھەت ئەتراپلىق خاتىرلىنىپ، شەخسنىڭ مەخپىيىتى قاتارىدا ساقلاندى. l"`VvW[  
4.كوللىكتېپ مەسلەھەت بېرىش بىلەن يەككە مەسلەھەت بېرىش بىرلەشتۈرۈلدى 0`WFuFi^o  
كوللىكتېپ مەسلەھەت بېرىش ئوقۇغۇچىلار كوللىكتېىۋىدا مۇئەييەن پىسخىكىلىق مەسىلە سادىر بولغان سىنىپ كوللىكتېۋىغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا كوللىكتىېپ مەسلەھەت بېرىشنى كۆرسەتسە،يەككە مەسلىھەت بېرىش ئىختىيارىلىق ئاساسىدا پىسخىك مەسىلە كۆرۈلگەن ئوبېيىكېت بىلەن سۆھبەتلىشىشنى كۆرسۈتىدۇ.ھەر ئىككىلا ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار بولۇپ،ئۇلارنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەندىلا ياخشى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. 1##@'L|u  
5.پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۇسۇللىرى بىلەن( (M H T سوئال تۈرى ئارقىلىق مەسىلە بايقاشنى بىرلەشتۈردۇق NV(jp'i~  
پىسخىكىلىق يېتەكلەشنىڭ كونكېرىت ئۇسۇللىرى سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى،مەشىق قىلىش ئۇسۇلى،يېتەكلەش ئۇسۇلى، چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى،تەسەللى بېرىش ئۇسۇلى،تۈگۈننى يېشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى ــ ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكىلىق ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىنى بىلدۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگۈرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى كۆرسەتسە،مەشىق قىلىش ئۇسۇلى ــ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتكە، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى. يېتەكلەش ئۇسۇلى ــ مەقسەتلىك ھالدا ئوقۇغۇچىنى ئۆزىدىكى پىسخىكىلىق زىدىيەتنى يېنىكلىتىدىغان پائالىيەتكە يېتەكلەشنى،چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى ــ ئەدەبىيات،گۈزەل-سەنئەت ۋاستىلىرى ئارقىلىق ياخشى خارەكتېر - ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇلىنى،تەسەللى بېرىش ئۇسۇلى ــ پىسخىكىلىق بېسىم،ياكى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارغا غەمخۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى.تۈگۈننى يېشىش ئۇسۇلى ــ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى تۈگۈنچلەرنى بېسىم ئارقىلىق ئەمەس، تەنتەربىيە پائالىيىتى، ناخشا ئېيتىش،ئۇسۇل ئويناش،سەيلە - ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئىجابىي يېتەكلەش يولى ئارقىلىق يېشىش ئۇسۇلىنى كۆرسۈتىدۇ.   >m!Z$m([J  
MHT)) سوئال تۈرى(100 سوئالدىن تەركىپ تاپقان پىسخىكىلىق سىناق سوئالى) ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ساقلانغان  پىسخىك مەسىلىنىڭ دەرىجىسىنى قىياسەن ھېس قىلغىنى بولىدۇ.سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بايقىغان مەسىلە بىلەن ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە ئوبىيېكېتقا بىر قەدەر توغرا دىياگنۇز قويغىلى،قارىسىغىلا پىسخىك مەسلەھەت بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلانغىنى بولىدۇ.بىز دەسلەپتە تەجرىبىگە تايىنىپ مەسلەھەت بېرىشنى ئاساس قىلغان بولساق، بارا- بارا سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىمىزنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ،تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. v_U/0 0  
  5.پىسخىكىلىق يېتەكلەش پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلدۇق ( [a$Z2m  
دۇنيادا ھەرقانداق ئىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولغۇنىغا ئوخشاش، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنىڭمۇ پىرىنسىپلىرى بولىدۇ.ئۇنىڭغا ئاڭلىق رېئايە قىلمىغاندا،پىسخىكىلىق يېتەكلەشتە ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى     بولمايدۇ. پىسخىكىلىق يېتەكلەش ۋە مەسلىھەت بېرىش پىرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.   s[u*~A  
1.    قاراتمىلىق پىرىنسىپى: بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزۇلۇگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرى،پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسۈتىدۇ.باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ئانچە گەۋدىلىك بولمايدۇ.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى بالىلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىلەر روشەن گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. ئەمەلى تەجرىبىمىزدىن قارىغاندا تولۇقسىز 3-يىللىق باسقۇچى بالىلار مۇھەببەت قاينىمىغا ئاسانلا كىرىپ قالىدىغان،روھى دۇنياسى قالايمىقانلىشىپ،دىققىتىنى مەركەز لەشتۈر ەلمەيدىغان، تولىمۇ خەتەرلىك باسقۇچ ھېساپلىنىدۇ.ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش تەجرىبىسى نەزەرگە ئېلىنماي،ئۇلارغا بىر خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدىكەن، بۇنىڭ قىلچە ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئەگەر بىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پەلسەپىۋىي ھېكمەتلەرنى سۆزلەپ بەرسەك،ئېنىقكى ئۇلار بۇنى ھەزىم قىلالمايدۇ.شۇڭا قاراتمىلىق پىرىنسىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۇسۇلىنى تاللاشنى كۆرسۈتىدۇ. xHuw ?4  
  2.ئاكتىپ يېتەكلەش پىرىنسىپى: يېتەكلەنگۈچىگە نىسپەتەن ئىجابىي تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭغا قىزغىنلىق بىلەن ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئەخلاق تەربىيەسىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.ئوقۇغۇچى«ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»«ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى»گە خىلاپلىق قىلسا،ئۇنىڭغا قارىتا سىنىپ مۇدىر ياكى ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيىۋىي تەربىيە ئېلىپ بارسا،قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللانسا بولىدۇ. لېكىن، پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىدىكى مەسىلىنى بايقاش مەقسەت قىلىنغاچقا،يېتەكلەنگۈچىگە قەرىتا قىزغىن ۋە ئاكتىپ يېتەكچىلىك قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ.ئەگەر يېتەكلىگۈچىدە سەمىمىلىك كەمچىل بولىدىكەن،ئو يېتەكلەنگۈچىدىن ھېچقانداق سەمىمىي جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. xPP]RoPR  
3.باراۋەرلىك پىرىنسىپى: بۇ يېتەكلەنگۈچى بىلەن يېتەكلىگۈچى ئوتتۇرسىدا باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى،ھەرگىزمۇ يېتەكلىگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقىنى كۆرسۈتىدۇ.ئەسلى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندىمۇ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى مائارىپنىڭ مەقسىدى ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىپ،ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.ئىنساننىڭ قەلبى ئىنتايىن نازۇك ھەم سىرلىق بولۇپ،ئىنسان قەلبىدىكى چىگىشلەرنى پەقەت چىن دوستلۇق ۋە سەمىمىيەت ئارقىلىقلا ئاندىن يەشكىلى بولىدۇ. 7m;<b$  
4.قىممەت بىتەرەپ پىرىنسىپى: بۇ يېتەكلىگۈچىنىڭ قىممەت قارشىنى يېتەكلەنگۈچىگە مەجبۇرى تاڭماسلىقىنى كۆرسۈتىدۇ.كىشىلەرنىڭ قىممەت قارشىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. بۇنى ئۇلار ياشىغان ئىجتىمائىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.ئۇ نىسپى مۇقۇملۇققا ئىگە بولۇپ،ئۇنى ئۆزگەرتىش ئاسانغا توختىمايدۇ.كىشىلەردىكى پىسخىك مەسىلىلەرنى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.شۇڭا يېتەكلىگۈچى يېتەكلەنگۈچىنىڭ قىممەت قارشىغا ھۆرمەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا،ئۇنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ،يېتەكلەنگۈچىنى قايىل قىلىشى كېرەك.ئەگەر ئۇ توغرا-خاتا، ھەق-ناھەق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېتەكلەنگۈچىنىڭ قىممەت قارشىنى  ئىنكار قىلسا، يېتەكلەنگۈچىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ.نەتىجىدە ئۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ. )*9,H|2nS  
5.ھال-ئەھۋال ئېيتقۇچىدا ئىختىيارىلىق بولۇش پىرىنسىپى:بۇ  يېتەكلەنگۈچىنىڭ مەجبۇرلانماسلىقىنى،بەلكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىسخىكىلىق مۇلازىمەت تەلەپ قىلىشىنى كۆرسۈتىدۇ.ئادەتتە،سەۋەنلىك سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن سىنىپ مۇدىرى،ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئەخلاق مۇدىرنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، سۆھبەتلىشىش،بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن،پىسخىك مۇلازىمەت ئوبىيېكېتلىرىغا قارىتا مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللۇنىشقا بولمايدۇ. \m~Oaf;$  
6.مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پىرىنسىپى: بۇ يېتەكلىگۈچىنىڭ يېتەكلەنگۈچىنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان مەخپىيىتىنى سىر ساقلىشىنى كۆرسۈتىدۇ.بۇ ئىنتايىن مۇھىم پىرىنسىپ بولۇپ،ئەگەر ئۇنىڭغا رېئايە قىلىنمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل سىرلىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. .-.b:gdO(  
بىز پىسخىكىلىق مەسلەھەت بېرىش پىرىنسىپلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا چاپلاپ قويدۇق،ھەم پىسخىك مەسلەھەت بېرىش جەريانىدا بۇ پىرىنسىپلارغا ئەھمىيەت بېرىشقا تىرىشتۇق.پىسخىكىلىق مەسلىھەت «روھى ئۇۋىلاش»دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ.ئۇ پىسخىكا مۇلازىمەتچىسى(پىسخىكا دوختۇرى) نىڭ يول كۆرسۈتىشى، ئىلھاملاندۇرىشى،تەسەللى بېرىشى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا،مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ تونۇشى، ھېسسىياتى، پوزىتسىيەسى ۋە ئىش ھەركىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت.پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئىشخانىسى مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ،ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى  مەقسەت قىلىدۇ.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىنى«دۇنيا روھىي ساقلىقنى ساقلاش كۈنى»قىلىپ بەلگۈلىگەن.بۇنىڭدىن روھىي ساغلاملىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى،مەكتەپلەردە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسىس قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.بالىلار بىلەن چوڭلار يولۇقىدىغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ئوخشىمايدۇ. مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قىلىش،دىققىتىنى يىغالماسلىق،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، ھەرقانچە تىرىشسىمۇ نەتىجىسى بولماسلىق،روھى سۇلغۇن بولۇش، ئوقۇشتىن بېزار بولۇش... قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ھېساپلىنىدۇ.مەن بىر قانچە يىل داۋامىدا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. ئوقۇغۇچىنى ئەخلاق بۆلۈمگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن،ئۇلارغا ئاۋۋال چاي قۇيۇپ بېرىپ،سەمىمىي مۇئامىلىدە بولدۇم.سۆھبەتنى ئۇدۇللا باشلىماي،ئاستا-ئاستا سۆھبەت تېمىسىغا باشلاپ كىردىم.بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.بۇ جەرياندا ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ بولدى،قېچىپ كېتىپ قايتۇرۇپ كېلىنگەن مەلۇم قىز ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىنى خۇددى دۈشمەندەك كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران بولدۇم.چۈنكى ئاتا- ئانىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز ئۇچرايتتى.پىكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي،ئىنىسىغا ئالاھىدە غەمخۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى،ئۇنى كەمسىتىپ،دائىم يوقۇلاڭ ئىشلارغا تىللايدىغانلىقىنى،بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىپ،ئاخىرى قىزدا ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئۆچمەنلىك شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدىم. ئىنتايىن جىدەلخۇر،ھازازۇل بىر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىدە دائىم جىدەل قىلىدىغانلىقىنى،بېزەپ گەپلەر بىلەن بىر- بىرىنى تىللايدىغانلىقىنى،بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ قىز بالىنىڭ خارەكتېرىدە يامان ئۈندۈرمە ھاسىل قىلغانلىقىنى بايقىدىم.دېمەك،بالىلارنىڭ مىجەز- خارەكتېرى بىر –بىرىگە ئوخشىمايدۇ.ئۇلار يولۇققان مەسىلىلەرمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار يالغان گەپ دېگەننى شۇنداق قاملاشتۇرۇپ توقالايدۇ.خۇددى خامىلىيۇندەك شارائىتقا قاراپ ئۆزگۈرىش ھاسىل قىلالايدۇ.ئەگەر سىز زېرەك بولمىسىڭىز ئاسانلا ئۇلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالىسىز.سىز بىلىم ۋە تەجرىبىگە تايىنىپ،ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئەتراپلىق ماتىريال توپلىسىڭىز، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقالايسىز.شۇڭا پىسخىكا مەسلىھەتچىسى بولۇش ئاددىي ئىش ئەمەس،ئۇ سىزدىن مول بىلىم ۋە پاراسەت، ئەستايىدىللىق ۋە سەۋرىچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. | =tGrHL  
بىر قانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق پىسخىكىلىق مەسىلىھەت بېرىش ئۆيىمىزنىڭ نامى ئەتراپقا تارالدى.بىر قانچە قېتىم ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ،تەكلىپ بويىچە تەجرىبە تونۇشتۇردۇق. يېزا،ناھىيە،ئوبلاست رەھبەرلىرى خىزمىتىمىزنى مۇئەيەنلەشتۈرۈپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.غۇلجا ناھيىسى بويىچە ھەرقايسى ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيىمىزنى زىيارەت قىلدى. بىز بەش يىللىق ئەمەلىي تەجرىبە ئارقىلىق پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى، پىسخىك تەربىيەنىڭ تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق.شۇڭا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنى تەسىس قىلغان بەش يىلدىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى، ھاسىلاتلارنى مۇشۇ ئىشقا قىزىقىدىغان مائارىپچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم. XPMvAZL  
بىرىنچى،پىسخىك مەسىلە بىلەن ئەخلاق مەسىلىسىنى ئارىلاشتۇرۋالماسلىق لازىم. . 8]=y Pm  
ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىكىلىق مەسىلىلەر سادىر بولغاندا ئۇنى ئەخلاق مەسىلىسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.چۈنكى ئىككىسى ئىككى خىل كاتۇگىرىيەگە مەنسۇپ مەسىلە بولۇپ، ئۇلارنى ئارلاشتۇرۋالغاندا،ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە فىزۇلۇگىيەلىك،پىسخىك خارەكتېرگە ئاساسەن كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باھا بەرگىلى بولمايدۇ.ئەخلاق كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سېلىشنى كۆزلەپ تەشەببۇس قىلىنىدىغان ھەركەت مىزانلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر.ئوقۇغۇچىلار«ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى» بىلەن «ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى»گە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغاندا،ئۇلارغا ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.پىسخىكىلىق مەسىلە بولسا ئىنسان تەبىئىتى ۋە روھى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ،پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى خارەكتېرىگە ئاساسەن مۇنداق بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. \1#~]1~ s  
1.پىسخىكىلىق توسالغۇ: پىسخىكىلىق توسالغۇ ــ پىسخىكىلىق پائالىيەت جەريانىدا پەيدا بولغان يېنىك دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق «جاراھەت» بولۇپ،نورمال پىسخىكىلىق پائالىيەت جەريانىدىكى بىر قىسىم بىنورمال ھالەتنى كۆرسۈتىدۇ.ئادەتتە ئوقۇغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۈمىدسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش،ئاسان ئاچچىقلىنىش،دىققىتىنى يىغالماسلىق،مەكتەپتىن بىزار بولۇش، يالغۇزلۇقنى خالاپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار دەل ئۇلاردا پىسخىكىلىق توسالغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ.پىسخىكىلىق توسالغۇ بىرقەدەر ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى مۈمكىن، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا بولغان بالىلارغا نىسبەتەن كۆڭۈل بۆلۈشى،ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، دائىم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ تىز ئەسلىگە كېلىشىگە ياردىمى بولىدۇ. _`xhP-,`S  
2.پىسخىكىلىق كېسەللىك: پىسخىكىلىق كېسەللىك كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات،كۆز قاراش، ئىدىيە، ھەركەت، قىزىقىش،خارەكتېر قاتارلىق جەھەتلەردە پەيدا بولغان ئېغىر پىسخىكىلىق بىنورماللىقنى كۆرسۈتىدۇ. ئۇ نىرۋا كېسەللىكى،مىجەز توسالغۇسى،روھى كېسەللىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نېرۋا كېسەللىكى ــ ئاساسلىقى نېرۋىدىكى ئورگانىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسۈتىدۇ، كۆپرەك نېرۋا سىستىمىسېدىكى ياللۇغلىنىش،ئۆزگىرىش،ئۆسمە قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋاتلىك بولىدۇ.مىجەز توسالغۇسى ــ مىجەزدىكى كۆرۈنەرلىك ھالدا نورماللىقتىن چەتنەش ھادىسىسىنى كۆرسۈتىدۇ.روھى كېسەللىك ــ ئېغىر بولغان پىسخىكىلىق توسالغۇنى كۆرسۈتىدۇ. پىسخىكىلىق كېسەللىك پىسخىكىلىق توسالغۇغا سەل قارىغاننىڭ نەتىجىسى بولۇپ،پىسخىكىلىق كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالاتماي سەل قاراش ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.ئاتۇش شەھىرى تېتىر كەنتىدىكى مەلۇم دېھقان ئىككى ئادەمنى  ئۆلتۈرۈپ،كۆپ ئادەمنى يارىلاندۇرغان.قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ،ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش،سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلغان.(«شىنجاڭ ئاياللىرى»ژورنىلى 2011-يىللىق 11-سان) بۇنىڭدىن روھى كېسەلنىڭ قانچىلىك يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس. J&;' gT  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى،مائارىپتىكى باراۋەرسىزلىك قاتارلىق ئامىللار ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ.ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىدىكى فىزۇلۇگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلالمايدۇ.ئۇلار دىلىغۇللۇق ئىچىدە ئاسانلا مۇھەببەت قاينىمىغا كىرىپ قالىدۇ.ئۇلار يېتەكلىنىشكە ۋە پىسخىكىلىق مۇلازىمەتكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ.ئەگەر ئۇلار توغرا يېتەكلەنمەي،تەنقىد ۋە جازالاش ۋاستىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنسا،ئۇلاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، «چاپىغىنى ئالىمەن دەپ،كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويۇپتۇ»دېگەندەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭا تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا ئەخلاق مەسىلىسى بىلەن پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ئارلاشتۇرىۋىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. e(jD[q  
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق لازىم k(_^Lq f-  
ئىنسان مۇكەممەللىك يارىتىش يولىدا مەڭگۈ ئىزدەنگۈچىدۇر.پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇكەممەللىك قوغلۇشىش مۇكەممەلسىزلىك ھېساپلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.ئىنسان بۇۋاقلىق، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، قېرىلىق جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.ئىنسان بىر ئۆمۈر خاتالىق ۋە سەھۋەندىن خالى بولالمايدۇ.دۇنيادىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھاياتىمۇ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان.نۆۋەتتە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىمىزدا بۇ نۇقتىغا سەل قارىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلىشتەك غەيرى ئەھۋال ئومۇملاشماقتا.بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇۋاش،رايىش،قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان،تىرىشچان،ئۈمىدۋار،«يۇمشاق قۇلاق»بولۇشىنى تەلەپ قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسىمۇ،لېكىن،بۇ مۇنداق ئىككى خىل نەتىجە بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ: بىرى،بالىلارنىڭ خاسلىقى ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرايدۇ.يەنە بىرى،بالىلار بالىلىق تۇيغۇلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ،چوڭلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. AnQUdU  
بالىلارنىڭ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈشى قەستەنلىك بولماي،ئىستىخىيەلىك بولىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ سەھۋەنلىك ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.بەلكى،بالىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە قارىتا ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ،توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. گۈزەللىك ئىلاھى ۋىناسنىڭ نىمىشقا ئىككى قولى يوق؟بۇ ئىھتىمال گۈزەللىكنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۆرسەتسە كېرەك.بالىلار ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالىدۇ.يېزا مەكتەپلىرىدە ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئاتا-ئانىلار 2%گىمۇ يەتمەيدۇ.ساۋاتسىز ئاتا-ئانىلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. مۇقەرەركى مۇنداق مۇھىتتا يېتىلگەن بالىلاردا كەمچىللىكلەر،ئەيىپ-نۇقسانلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.بۇ خىل ھالەت يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەخلاق-تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇڭا تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش،ئىجابىي تەربىيەنى ئاساس قىلىش، ئادەتلەندۈرۈش تەربىيەسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ،سەۋرىچان بولۇش، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكەممەل،نۇقسانسىز بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق لازىم. >%85S>e  
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خارەكتېرىنى چۈشىنىش كېرەك cd)}a_9  
مىللىي تىبابەت نەزىريىسى نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا،مىجەز-خارەكتېرنى خېلىتلار بەلگۈلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناسلار جۇغراپىيەلىك شارائىت،يىمەك-ئىچمەك ئادىتى،ئىجتىمائىي مۇھىت قاتارلىقلار بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.مىجەز(مىزاج)ــ ئىسسىق، سوغۇق،ھۆل،قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،قۇرۇق سوغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەپ مىزاجغا تەخسىملىنىدۇ.ھەرخىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.  خىلىت ــ ئادەم ئەزالىرىدا ساقلىنىپ،ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك سۇيۇقلۇقلار بولۇپ،ئۇلار سەپرا، قان،بەلغەم،سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ . 4JGU`L:~  
سەپرا خىلىتلىق كىشىلەر: تىز قىزىپ، تىز سوۋۇيدۇ.ئاسان چۈشكۈنلىشىدۇ. ئالدىراقسان، جۇشقۇن، ھۇجۇمچى،باتۇر كېلىدۇ.ئىنكاسى تىز،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك،يېڭى شەيئىلەرنى تىز قۇبۇل قىلىدۇ. يېتەرسىزلىكى ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ. '. #3h$d  
قان خىلىتلىق كىشىلەر: خۇشخۇي،تەپەككۈرى ئوتتۇرھال،ئەستە تۇتىشى يۇقۇرى،دوراش، كۆچۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.ئاجىزلىقى مۇستەقىل قارشى كەمرەك،گۇمانخۇر كېلىدۇ. (sEZNo5n  
بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەر:ئېغىر-بىسىق،سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن،كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ.باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقماي ئۆزى بىلەنلا بولىدۇ.تەپەككۈرى ئاستا،ئۇنتۇغاق،بىراق مۇستەقىل قاراشقا ئىگە بولىدۇ.يېتەرسىزلىكى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر،ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلايدۇ. [ejl #'*5  
سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەر:ئاچچىغى يامانراق كىلىدۇ،يالغۇز يۈرىدۇ.ئالاھىدە قابىلىيەتلىك، ئېھتىياتچان كېلىدۇ.سىر ساقلايدۇ.ئىللىتى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە سەل قارايدۇ،جىسمانىي جاپاغا چىدىمايدۇ. XF99h&;9  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىزاج ۋە خىلىتىنى چۈشۈنىش ــ ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىش، تەلىم-تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بەزى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش  ئاسانغا توختىمايدۇ.ئۇلار باشقىلارغا سىر بەرمەيدۇ،«ئىچىمدىكىنى تاپ»دەيدۇ.بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خارەكتېرىنى، قايسى خىلىتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىپ، شۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللانغاندىلا، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مەسەلەن: سەۋدا خىلىتلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن سالماق بولۇپ،قوپاللىق قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. بولمىسا ئۇلار ئاسانلا ئوقۇتقۇچىغا يېنىپ قويىدۇ.بەلغەم ۋە سەپرا  خىلىتلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك،بولمىسا ئۇلار ئاسانلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خارەكتېرىنى تەتقىق قىلىش ــ ئۇلارنى چۈشىنىپ،«كېسەل»گە قارىتا «دورا»بېرىشتىكى مۇھىم ھالقا ھېساپلىنىدۇ.   p.!p6ve){  
3.بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش لازىم }K9Ji]tOK:  
بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بالىلارنىڭ فىزۇلۇگىيەلىك،پىسخىكىلىق تەرەقىياتى جەريانىدا كۆرۈلىدىغان نورمال بولمىغان ھادىسە بولۇپ،ئۇنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋىتىنى زىيادە كۆپتەۈرۋىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.بالىلار تولۇقسىزغا قەدەم قويغاندىن كېيىنلا (بەزى بالىلاردا ئۇنىڭدىنمۇ بالدۇر يېتىلىدۇ)  ئۇلاردا مۇھەببەتلىشىش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مۇئەييەن فىزۇلۇگىيەلىك،پىسخىكىلىق ۋە ئوبىيېكتېپ سەۋەبكە ئىگە بولىدۇ.فىزۇلۇگىيەلىك سەۋەب ـ  بالدۇر يېتىلىش يەنى يالغان بالاغەتكە يېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.ئىلگىرى بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى 13-14 ياش ئەتراپىدا بولسا،ھازىر بالىلار 6-7 ياشتىلا بالاغەتكە يېتىدىغان بىنورماللىق كۆرۈلمەكتە. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى، مىۋە-چىۋە، يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ بۇلغۇنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ. دېمەك، بالىلارنىڭ فىزۇلۇگىيەلىك تەرەققىياتىنىڭ تىز،پىسخىكىلىق تەرەقىياتىنىڭ ئاستا بولۇشى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ مەنبەدۇر. WsR4)U/]v  
ئوبىيېكتېپ سەۋەب - تېلېۋۇزۇر،ئىنتىرنىت قاتارلىقلارنىڭ ئومۇملىشىشى،جەمئىيەتنىڭ پاسسىپ تەسىرى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈلگۈلىك رولىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنى كۆرسۈتىدۇ. بالىلار ئەسلى تەبىئىتىدىن سۈتتەك ئاق ھەم پاك بولۇپ،ئۇلار كۆپ نەرسىلەرنى چوڭلاردىن ئۆگىنىدۇ.جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەر بالىلاردا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىپ،ئۇلاردا ئاڭسىز ھالدا دوراپ بېقىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ.شۇڭا،دوراش خارەكتېرىدىكى مۇھەببەت، سەبىلەرچە مۇھەببەت،ھەقىقىي مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. #, rP1#?  
دوراش خارەكتېرىدىكى مۇھەببەت ــ چوڭلارنى دوراش ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان بولۇپ،بۇ خۇددى بالىلارنىڭ چوڭلارنىڭ تاماق ئېتىش،نان يېقىش،ئۆي تۇتۇش،مېھمان چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى دوراپ ئوينىغىنىغا ئوخشايدۇ.ئەمەلى تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بۇ خىل مۇھەببەت بەلگۈلىك دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ،بۇ ئاتا-ئانىلاردىن مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يۈكسەك ئائىلە مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. j4Y] 8  
سەبىيلەرچە مۇھەببەت ــ  خىيالىدا،تەسەۋۇرىدا ياخشى كۆرۈش بولۇپ،ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر- بىرىگە يىقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىزغا قەدەم قويغاندىن كېيىنلا ئاسانلا بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ،لېكىن،بۇ خىل تۇيغۇسىنى چاندۇرمايدۇ.بەزىدە خەت ئارقىلىق كۆڭۈل ئارزۇسىنى ئىزھار قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ،بىر-بىرىگە قاراش،كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق ھېسسىياتىنى ئاشكارلايدۇ. ئوقۇتقۇچى سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنى بايقاپ،ئىدىيىۋى تەربىيەنى كۈچەيتمىگەندە،ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىى زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. "S3U]zw0_  
بالدۇر مۇھەببەتلىشىش بىر خىل رېئال مەسىلە بولۇپ،ئۇ توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا ئېغىر پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاش، خەت-چەكلىرىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىش،قاتتىق جازالاش،مەكتەپتىن ھەيدىۋىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىنى بولمايدۇ.مۇھىمى،بالىلارنى چۈشۈنىش،ئىجابىي تەربىيەنى ئاساس قىلىش،بالىلارغا بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ ساقتا،ۋاقىتلىق،نىسپىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش،پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تونۇشقا تۈرۈتكە بولۇش كېرەك.مۇھەببەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى بىر خىل ئاكتىپ ھېسسىيات بولۇپ،ئۇنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا ئۇ تەڭداشسىز روھى كۈچكە ئايلىنىدۇ. (.~'\@  
4 .ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تاشلىۋەتمەسلىك،ئۇلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش لازىم F1&7m )f$l  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىشى سەۋەنلىكلەر جۇغلانمىسىدىن بولىدۇ.بۇ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلمەيدىغانلىرى كۆپىيىپ،جۇغلانما ھاسىل قىلغاندا ئۇ ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ دېگەنلىكتۇر.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىشى ئوقۇغۇچىنىڭ سۇبىيېكتېپ تىرىشچانلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن باشقا، ئېرسىيەت،ئائىلە مۇھىتى، ئوقۇتۇش شارائىتى،قاتارلىق ئامىللارغىمۇ باغلىق بولىدۇ.بالىلار بۇۋاقلىق مەزگىلىدە تولغاق،ئىچ سۈرۈش،كۆك يۆتەل،قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ،ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا،بۇ بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا بەلگۈلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسۈتىدۇ.ئەمەلى تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا يېزا مەكتەپلىرىدە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ھامىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن،ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن،ئەخلەت يىمەكلىكنى زىيادە كۆپ يىگەن،ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلار تەشكىل قىلغان بولۇپ،بۇ ئەھۋاللار بىزگە ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. eHH9#Vrhc$  
ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتىدۇ.شۇڭا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش مەسىلىسى مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىشى كېرەك.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش پىلانىنىڭ ئىلمىي تۈزۈلىشى،پىلان بويىچە كونكېرىت چارە-تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتىكى مۇھىم ھالقا ھېساپلىنىدۇ،ئالدى بىلەن ئىشنى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ،ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك ۋە زىل كېلىدۇ.ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشىدىن ئىھتىيات قىلىدۇ.ئۇلاردىكى ئورتاق ئاجىزلىق ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۇلارنى يېتەكلەشتىكى يورۇق نۇقتا ھېساپلىنىدۇ،لېكىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ئامراقلىق قىلىپ،ئۇلارنى كەمسىتىدۇ.ئۇلارنى بولمىغۇر گەپلەر بىلەن تىللاپ،سەت لەقەملەرنى قويۇۋالىدۇ.نەتىجىدە ئۇلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قارىشلىشىدىغان،ھەر خىل كاشىلىلارنى چىقىرىش ئارقىلىق ئاچچىغىنى چىقىرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش،ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر –مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ئۇلارنى قوزغىتىشتىكى مەنىۋى«كاتالىزاتۇر»دېيىشكە بولىدۇ. q? ?N,  
مەن كۆپلىگەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلاردا ئالغا ئىلگىرلەش ئىستىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى،لېكىن ئىشنى نەدىن باشلاشنى،قانداق قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم.بۇ خۇددى ئىش بېسىۋالغان ئادەمنىڭ ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي تىڭرىقاپ قالغىنىغا ئوخشايدۇ.شۇڭا ئۇلارغا قانداق ئۆگىنىشنى يەنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك.«بۈگۈن»نىڭ مۇھىملىقىنى،ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن ئۆگەنسە،جەريانغا ئەھمىيەت بەرسە ياخشى نەتىجىلەتنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىكى ئورتاق ئاجىزلىق - ئۇلار ئاسانلىقچە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ،بىر پىداگوك«دىققەت روھىمىزغا كىرىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ بوسۇغىسى»دەپ تولىمۇ ئوبرازلىق ئېيتقان.«دېھقان بىلەن يانچۇق سائىتىنىڭ ھېكايىسى»ناملىق ئەسەردە بىر دېھقاننىڭ ئات ئېغىلىدا يانچۇق سائىتىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپالمىغانلىقىنى،بىر توپ بالىلارنى سائەتنى تېپىپ بېرىشكە چاقىرغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭمۇ شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىغانلىقىنى،بىر بالىنىڭ يالغۇز كىرىپ كېتىپ بىردەمدىلا تېپىپ چىققانلىقىنى،قانداق تاپقانلىقىنى سورىغاندا بالىنىڭ ئات ئېغىلىغا كىرىپ،پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ،سائەتنىڭ ئاۋازىنى تىڭشىغانلىقىنى،ئاۋاز چىققان تەرەپكە سىلجىپ ئاخىرى سائەتنى تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان.ئەگەر ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ،پۈتۈن كۈچىنى ئۆگىنىشكە قاراتسا مۇقەرەركى ئۇلار ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.شۇڭا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەسلىك،ئۇلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. BaE}|4  
5.«تۆت خىل ئوقۇغۇچى»لارغا ئالاھىدە غەمخۇرلۇق قىلىش كېرەك t: qPW 
«تۆت خىل ئوقۇغۇچىلار» - ئاتا-ئانىسى يوق ئوقۇغۇچىلار،ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار،دادىسى يا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار،ئاتا-ئانىسى ھايات،ئەمما بۇۋا-مومىسىنىڭ قولىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسۈتىدۇ.بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە بىر خىل توپ بولۇپ،ئۇلار ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ.رېئاللىققا نەزەر تاشلىساق،ئاتا-ئانىسى يوق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا بىر قەدەر مىسكىن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.پىسخولۇگلارمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانا بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.لېكىن پىسخولۇگلار دادىنىڭ پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن روھى تىرەك ئىكەنلىكىنى،دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەن بولدىغانلىقىنى بايقىغان.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ھايات بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە بەزى بالىلارنى بۇۋا-مومىلىرى ئەتىۋارلاپ باقسىمۇ، لېكىن، ئۇلار يەنىلا ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنا بولىدۇ.ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.ھېيت-ئايەم،تۈرلۈك بايراملاردا ئۇلارنىڭ كۆڭلى   يېرىم بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار چۈشۈنىشكە،تەسەللىگە،مېھىر –مۇھەببەتكە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ.ئەگەر بۇ نۇقتا نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىلسە،ئۇلار ئاسانلا مەيۈسلىنىپ قالىدۇ-دە،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلىلەر روشەن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاتا- ئانىسى جىنايەت سادىر قىلىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مازاق قىلىدىغان،كۆزگە ئىلمايدىغان،بوزەك قىلىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ.بەزى ئوقۇغۇچىلار بوزەك قىلىنسىمۇ«ئوغۇلباللىق»قا ئېلىپ سىنىپ مۇدىرىغا بىرنىمە دېمەيدۇ.شۇڭا سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،سىنىپ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ،ئىناق-ئىتتىپاق سىنىپ كوللىكتىۋى بەرپا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم.پۈتۈن سىنىپ كوللىكتېۋى بويىچە «تۆت خىل ئوقۇغۇچى»لارنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئۇلارغا غەمخۇرلۇق قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىشى كېرەك. K yp(dp>  
مەكتىۋىمىزدىكى مەلۇم سىنىپتا 40 نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇپ،24 نەپىرى«تۆت خىل ئوقۇغۇچى»لار ئىكەن.بۇ كىشىنى ئويغا سالىدىغان مەسىلە بولغاچقا،بىزنىڭ دىققەت ئېتىۋارىمىزنى قوزغىدى. نەتىجىدە بۇ سىنىپ«ئالاھىدە» سىنىپ قىلىپ بېكىتىلدى ۋە ياردەم بېرىلىدىغان ئوبىيېكېتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.«تۆت خىل ئوقۇغۇچى»لارغا غەمخۇرلۇق قىلىش بىلەن بىرگە،ئۇلارغا تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى،روھ ۋە ئىرادىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، قەيسەرلىك بىلەن ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. ئىلىمىز ۋە دۇنيا تارىخىدىكى مۇشۇنىڭغا ئائىت ھېكايىلەرنى، ھېكمەتلەرنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنىڭ روھىي ئىمۇنىتىت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈشىمىزچە،«تۆت خىل ئوقۇغۇچى»لارنىڭ كۆپ قىسمى نامرات ئوقۇغۇچىلار بولۇپ،ئۇلار ئادەتتە ئىنتايىن قورقۇنچاق، يۇۋاش، رايىش، جۈرئەتسىز كېلىدۇ.غورۇرىنى ساقلاشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. «نامرات» دېگەن قالپاقنى كىيىشتىن نۇمۇس ھېس قىلىدۇ.بەزى نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ «نامرات»ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە،غورۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. K@; ls  
مەكتەپنى مەلۇم نۇقتىدىن جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھۈجەيرىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ يەرگە خىلمۇ-خىل ئائىلىلەردىن ئوخشاش بولمىغان مىجەز-خارەكتېردىكى بالىلار كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ.شۇڭا نەچچە يۈزلىگەن بالىلار ئارىسىدىن مىجەز- خارەكتېرى تامامەن ئوخشايدىغان بالىلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئوقۇتقۇچى نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە،قەلب ساداسىغا سەل قارىسا،ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا روھىي توسالغۇغا ئۇچراپ،ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ،ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئاسانلا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ.شۇڭا سەگەك بولۇڭ،ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇڭ.ھەرقانداق ئىشنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ.ئاساسى زىدىيەتنى ھەل قىلسىڭىزلا،مەسىلە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ. مەلۇم ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىزلا ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالدى.سىنىپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى كارغا كەلمىدى.نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟بىز بىرقانچە قېتىم سەۋرىچانلىق بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەدىسىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى،ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇنى بىلىپ قېلىپ تىلغا ئېلىشىدىن قورقۇپ ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىنى بىلدۇق.ئوقۇغۇچىدىكى بۇ «تۈگۈچ»نى يېشىۋەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ھەرگىزمۇ مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگىنى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق.مەكتەپلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار دائىم سادىر بولۇپ تۇرىدۇ.«مەسىلە»مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغاندا زىدىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا پىسخىك ئىختىلاپلار سادىر بولۇپ،ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە،بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.مائارىپ ئادىللىقىنىڭ تەشەببۇس قىلىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇلماسلىقى،تۈرلۈك نامۇۋاپىق ئامىللار بالىلارنىڭ قەلبىدە جاراھەت ئىزلىرىنى قالدۇرماقتا.بىزنىڭ ئىسلاھ قىلىشىمىزنى،ئۆزگەرتىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. R=s^bYdoy  
پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئۆيىنى ئېچىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى - مېھرىبانلىق تەربىيەسى.پىسخىك تەربىيەسىنىڭ روھى بولسا - باراۋەرلىك تەربىيەسى،تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسىي ھالقىسى - پىسخىك تەربىيە. بۇنى چۈشىنىش،تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى ئىلمىلاشتۇرۇش - نۆۋەتتە مائارىپىمىز دۇچ كېلىۋاتقان، جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. "AMsBvzgo  
ــ  ھازىرقى زامان بالىلىرىدا نىمە كەمچىل؟ nv"D  
بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس،ئەمما پىسخولۇگلار ھازىرقى زامان بالىلىرىدا ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى،جاپا چىكىش روھى،ئۇلۇغۋار غايە،مۇۋاپىق چەكلەش كەمچىل دەپ قارايدۇ.بۇ دەل ھازىرقى زامان بالىلىرى بىلەن ئىلگىركى بالىلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم ھازىرقى بالىلارنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي مەنبەدۇر.ئۇلار پارنىكتىكى مايسىلاردەك چۈرۈك ۋە ئەۋرىشىم. ئوغۇل بالىلاردىكى «ئوغۇللۇق» تۇيغۇسىنىڭ يىگىلىشىمۇ مۇشۇ خىل ئوبىيېكتىپ شارائىتنىڭ مەھسۇلىدۇر.شۇڭا ئاتا- ئانىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: بالىلارغا بىلىق بەرمەي،قارماق بېرەيلى! ئۇلار بىلىقنى ئۆزلىرى تۇتۇپ يېسۇن. بالىلارنى «پادىشاھ»قا ئايلاندۇرۇپ قويمايلى! ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن.ئۇلار مۈشكۈلات ئىچىدىن قەيسەرلىكنى،ئاددىلىقتىن گۈزەللىكنى تېپىۋالسۇن.ئوقۇتقۇچىلارغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنىڭ،ئۇلارغا مېھىر- مۇھەببەت ئاتا قىلىڭ! ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىغا قۇلاق سېلىڭ. سەۋرىچان، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ.چۈنكى سىز «روھ پەرۋىشكارى» «ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى». j8#B  
Vch!&8xii  

مىېھرىما 2014-01-13 01:33
تىمنى ئوقۇشقىمۇ شۇنچە كۆپ ۋاقىت كەتتى قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز..... oZ(T`5  
h&6v&%S/L  
بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس،ئەمما پىسخولۇگلار ھازىرقى زامان بالىلىرىدا ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى،جاپا چىكىش روھى،ئۇلۇغۋار غايە،مۇۋاپىق چەكلەش كەمچىل دەپ قارايدۇ.بۇ دەل ھازىرقى زامان بالىلىرى بىلەن ئىلگىركى بالىلارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم ھازىرقى بالىلارنىڭ پىسخىك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي مەنبەدۇر. 4W''j[Y/  
بۇ قاراش ھەقىقەتكە ئۇيغۇن.

گۈلگۈن 2014-01-14 12:50
مىېھرىما:تىمنى ئوقۇشقىمۇ شۇنچە كۆپ ۋاقىت كەتتى قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز.....بۇنىڭغا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس،ئەمما پىسخولۇگلار ھا .. (2014-01-13 01:33) 
+&tY&dQQB  
پىسخىك تەربىيە ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپسىز ، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا، ھەقىقەتەن ھازىر بالىلىرىمىزدا پىسخىكىلىك توسالغۇلار بەكمۇ كۆپ، پىسخىك تەربىەگە ئاتا-ئانىلارمۇ ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ كەتتى .پىسخىك تەربىيە ھەققىدە ئاتا-ئانىلارمۇ ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن .چۈنكى بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئەمەسمۇ .يازمىلىرىڭىز ئۈزىلىپ قالمىغاي

tawpek 2014-01-16 22:28
ھەر بىر تەربىيلىگۈچى چوقوم ئوقوپ چىقىشقا تىگىشلىك تېمىكەن بۇ. a2UER1Yp"  
e>1^i;f  
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ پىسخىك تەربىيە دىگەندىن ھىچنىمە يوق،  بۇ ماۋسۇم سشۇنداقراق بىر تەربىيلىنىشنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇختۇرۇش كەپتىكەنتۇق، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرىمىزنى ئەۋەتكەندەك قىلدى. sU4(ed\gI\  
W+a>*#*  
لىكىن ئۇ توغورلۇق ھىچقانداق خىزمەت ئىشلەنمىدى.  بىز ئۆزىمىز تەربىيلىگەن، ئۆز سىنىپىمىزدىكى ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن بولسىمۇ بىر پىسخىك ئۇستازى بولىشىمىز كىرەككەن. 9O?.0L  
^g~Asz5]  
مۇنبەرگە پىسخىكا بىىلىملىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر سەھىپە قۇرسام تېما بىلەن تەمىنلەيدىغانلار چىقارمۇ؟ R 5r )01  
ZJ 8~f  
پىسخىكا بىلىملىرى، پىسخىك تەربىيلەشتىن ياردەم  لەر بولسا مانا مۇشۇنداق ئابلەت مۇئەللىمدەك  مۇنبىرىمىزدىكى دۆلەتلىك پىسخىك مەسلىھەتچى نازپەرۋەردەك ئۇستازلار بولغانكىن


查看完整版本: [-- تەلىم-تەربىيەنىڭ ئاساسى ھالقىسى _ پىسخىك تەربىيە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled