ozqan |
2014-01-10 14:35 |
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى قانداق ئۆتۈش كېرەك ؟ 6xgv:, ,=[*Lo>O aW5~Be$
_ sM\&. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تۇپرىقىدا يېتىلگەن تاتلىق مېۋە ، قىممەتلىك ئەنگۈشتەر ... JE%A|R ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى غەزىنىسىدە گۆھەردەك چاقناپ ، ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇرغان يىرىك ئەسەرلىرىمىز ھەم بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەرپاچىلىرى بولغان نامەيندىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز ، بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز . P6?0r_Y بۈگۈن بىلەن كەلگۈسىنى ئۇلىغۇچى ئەۋلادلارغا مانا شۇ ئەسەرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئاپتورلىرى ھەققىدە بىلىم ،ئۇچۇر بېرىشتە ،شۇنداقلا ، ئەۋلادلارنىڭ ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئادا قىلىشىدا بىزدەك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولىمىز ، ئۈستىمىزگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر . u39FN?<^ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى بويىچە 2008-يىلى تۈزۈلگەن زۆرۈر دەرسلىك 2-3-4-قىسىم ھەمدە تاللىما دەرسلىك 2-قىسىم تەجىربە دەرسلىكىگە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت قىممەتلىك بىلىملەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ مەزمۇندىكى دەرسلەرنى ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان ياخشى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە قىزىقتۇرغىلى بولمايلا قالماي يەنە ئەڭ مۇھىمى مىللىي مەدەنىيەت ، مىللىي ئەدەبىياتىمىز تۇپىرىقىدا ئېچىلغان بۇ رەڭدار گۈللەرنىڭ خۇشپۇرىقىدىن ئۇلارنى مەھرۇم قىلىپ قويىمىز ، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ۋەزنى ئېغىر ۋەزىپىسىنى چىن مەنىسىدىن ئورۇنلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالمايمىز . جۈملىدىن ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان كلاسسىك ئەدەبياتتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان نومۇرلىرىنىمۇ تولۇق ئالدۇرالمايمىز ... Di??Q_$ak ئۇنداقتا ، قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدىكى نەزىريەۋىي بىلىملەرنى ھەم تېكستلەرنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ ؟ aMCO"66b بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك : 0P 5BArJ? 1. ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئالاقىدار مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇشى كېرەك ، كلاسسىك ئەدەبىياتقا ئالاقىدار ماتىرياللارنى كۆپلەپ كۆرۈش ، ھەر خىل گېزىت ژورناللاردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش، ئۇيغۇرلاردىن چىققان مۇتەپپەككۈر ، يازغۇچى شائىرلار ھەم مەلۇم دەۋردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان تارىخي رومانلارنى ئوقۇپ تۇرۇشىمىز ،مانا شۇلار ئاساسىدا توپلىغان قىممەتلىك بىلىم جۇغلانمىمىز ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىغا ھەم جۇلالىق ئەدەبىي مىراسلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئاساس يارىتالايمىز . ئەمما ، بىر نەرسە بىزگە ئېنىق بولسۇنكى ، بىزدە بىر چېلەك سۇ بولسىلا ئوقۇغۇچىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرەلىشىمىز ناتايىن ، چۈنكى ، دەرسخانىدا كلاسسىك ئەدەبىيات بىلىملىرىنى يەتكۈزۈشتە جانلىق ھەم خىلمۇ-خىل بولغان ، ئىندىۋىداللاشقان ، ھەر بىر دەرسنىڭ خاس تەمنى نامايەن قىلالايدىغان دەرسىخانا ئوقۇتۇش ئۇسسۇللىرىدىن پايدىلىنىش ناھايىتى مۇھىم . XNmQ?`.2' 2. دەرسلىك كىتابىمىزدا بېرىلگەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت مەزمۇنلار تولمۇ ئاددىي . ماتىريال مەنبەسىنى كېڭەيتىش ۋە رەتلەش ئېلىپ بارمىغاندا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ماتىريالغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھېچ بولمىغاندا ، ئىلگىركى دەرسلىكتىكى بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك ماتىريال تەييارلاپ بېرىپ ، ياكى بۇ مەزمۇنلارنى مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات گورۇپپىسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ مەكتەپ دەرسلىكى قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا لازىملىق بولغان ماتىريال مەنبەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم . {$TZ}z"DA 3. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى دەرسلىكتىكى سەككىز پارچە شېئىردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىزچىل ھالدا تولۇقلاپ يېزىش سوئالى ۋە ئەسلىسىنى بەرسە يەشمىسىنى يېزىش سوئالى چىقىدىغان بولغاچقا بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ شېئىرلارنى ئۆزىمىز ئوقۇپ ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇپ ئۈنگە ئېلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ mp3 ئاپراتلىرىغا ۋە تېلىفونلىرىغا كۆچۈرۈپ بېرىپ ،زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنىڭ ئاسانلىق يارىتىش رولىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى يادلاشقا تەشكىللىسەك ھەم ۋاقىتتىن ئۇتقىلى ھەم كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيى مەكتەپكە يىراق بولۇش سەۋەبلىك يولغا كېتىدىغان ۋاقتى ناھايىتى كۆپ بولسا ، ئەتتىگەن ۋە كەچتىكى مەكتەپكە كېلىش ھەم مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي ، ئۈنگە ئېلىنغان كلاسسىك شېئىرلارنى كۆپ قېتىم ئاڭلاپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق بۇ مەزمۇنلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەستە ساقلاتقىلى بولىدۇ . rye)qp| 4. ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ئوقۇش ۋاقتى ھەم چۈشلۈك گېزىت ئوقۇش ۋاقىتلىرىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بېسىپ تارقاتقان كلاسسىك شېئىرلارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا كوللىكتىپ ئوقۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ، بارلىق سىنىپلاردا جانلىق كەيپىيات يارىتىپلا قالماي ، ياخشى بولغان ئەستە ساقلاش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ . wA0eG@xi) 5.دەرسلىكتىكى كلاسسىك شېئىرلارنىڭ يەشمسىىنىڭ ئىشلىنىشىدە قاپىيەسى ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى بولغاچقا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېئىرلارنىڭ قاپىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىشىدە ، بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىرلارنىڭ يەشمىسىدىن ئۇلاردىكى ئاھاڭدارلىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشتا ، سىنىپتىكى شېئىر يېزىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بۇ شېئىرلارنىڭ قاپىيەلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ، ئاساسىي مەزمۇننى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ، بوغۇم سانلىرىنى توغرىلاپ ، ، قايتا يېزىپ بېقىش مەشىقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ئوقۇغۇچىلارغا بۇ شېئىرلانىڭ يەشمىسىنى ئەستە ساقلاتقۇزۇشتا ئۈنۈمى زور بولىدۇ . uZ[/%GTX{) 6.كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى يىلنامىلەرنى كىچىدىن چوڭىغا قاراپ ۋاقىت تەرتىپى بويىچە رەتلەپ توپلاپ چىققاندا ھەم ئۇنى ئوقۇغۇچىلارغا بېسىپ تارقىتىپ بېرىپ ئەستە ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا دەرسلىكتىكى شائىر ،يازغۇچىلارنىڭ ياشىغان دەۋرى ، تۇغۇلغان ، ۋاپات بولغان ۋاقتى ، ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ، كۆچۈرۈلگەن قول يازمىلىرىنىڭ تەييارلانغان ۋاقتى ... قاتارلىقلانى ئۈنۈملۈك ھالدا سېلىشتۇرۇپ بىلدۈرۈشكە ئاساس ياراتقىلى بولىدۇ . tP]q4i 7.كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى تېكىستلەرنى دېتاللاشتۇرۇپ ئۆتۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، بەزى تارىخىي سۈرەتلەر ، كلاسسىك شائىر يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۇر ئاساسىدىكى ئوبرازى ، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشلەر ، ھەم ئۇلارغا ماسلاشقان مۇزىكا ھەم بارلىق دەرس بايلىقلىرىنىڭ رولى ئارقىلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . !"(u_dFw 8. كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئەدىبلەرنىڭ تەرجىمھالىنى جەدىۋەللەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشكە ئاساس سېلىشمۇ بۇ مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئەستە ساقلىشىغا ھەم ئۆگىنىشىگە پايدىلىق . .wri5 9.دەرسلىكتىكى كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ لۇغىتىنى « قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ۋە « چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دىن پايدىلىنىپ تەييارلاپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى دائىملىق پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان بىر لۇغەت بىلەن تەمىنلىگەندە ئوقۇغۇچىلاردا قەدىمكى سۆزلۈكلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى يەشمىسىنى بىلەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ھەم لۇغەتتىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى بىر ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ھېس قىلدۇرۇشتا ئەھمىيىتى زور بولىدۇ . #J~Xv:LgD 10. ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىقاتلىق ئۆگىنشكە يېتەكلەپ ، ئىزدىنىشلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات تېمىلىرنى چىقىرىپ بېرىپ ،ئۆزلىكدىن ئۆگىنىش ھەم ئىزدىنىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەشمۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى جانلىق ئۆگىنىشتىكى ياخشى بىر ئۇسۇلدۇر . مەسىلەن : كلاسسىك شائىرلار ۋە ئەسەرلەر ھەققىدە دەرستىن سىرتقى مەزمۇنلار ھەققىدە ئىزدىنىپ ماتىريال تېپىپ كېلىش ، كلاسسىك ئەسەرلەردىكى بەزى سۆزلۈكلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسى ( كېلىپ چىقىشى ، ئۆزگۈرۈشى ، مىللەت تەۋەلىكى ) ھەققىدە ئىزدىنىپ ۋە ماتىريال توپلاپ كېلىش . 104!!m يۇقىرقىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق ، ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارتقاندا ھەم يىرىك نامايەندىلەرگە ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى ئۆگەنگۈچىلەر يۈز كېلەلەيمىز ... g =x"cs/[
|
|