查看完整版本: [-- ساغلام ياشاش ئۈچۈن.....تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ساغلام ياشاش ئۈچۈن.....تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursungul 2014-01-10 11:50

ساغلام ياشاش ئۈچۈن.....تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا


ساغلام ياشاش ئۈچۈن...........
1.سىزنىڭ  فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىقىڭىز ،   پىسخولوگىيەلىك ساغلاملىقىڭىز ، ئەخلاق-پەزىلەت ساغلاملىقىڭىز، جەمىئىيەتكە ماسلىشىش ساغلاملىقىىڭىز ساغلام بولسا ،ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى  ھەقىقىي ساغلام  ئادەم دەپ  ھېسابلاڭ.
2 .قاچا يۇيغاندا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى كۆپ ئىشلەتمەڭ،قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسىڭىز ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىڭىزنى زەخمىلەندۈرۈپ،،ئەقلىي ئىقتىدارىڭىزنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.
3. ئۆز بېزەشكە زىيادە بېرىلىپ كەتمەڭ. تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە،قۇرۇلۇش،ئۆي،بېزەش،ماتىرياللىرى ئىچىدىكى تۇلياۋ ،ھەر خىل سىر،سۇلياۋ ۋە ھەر خىل يىلىملار  چىقىرىدىغان زەھەرلىك گازلار 500خىلدىن ئاشىدۇ،  
4.قان  بېسىمىڭىز ئۆرلەپ كەتسە  جىددىيلىشىپ كەتمەڭ،  75پىرسەنت يۇقۇرى قان بېسىمى كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى،كونتۇرۇل قىلغىلى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالىغىلى بولىدۇ.
5. كېسەل بولۇپ قالسىڭىز دورىغا زىيادە بېرىلىپ كەتمەڭ ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى دورىنى مۇۋپىق ئىشلەتمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ھەتتا راكقا قارشى دورىلارمۇ راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
6.مېڭە ھۈجەيلىرىرىمنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ كەتمىسۇن دېسىڭىز، قېنىپ ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.
7. ئۇزۇن مەزگىل ھارغىنلىق ئىچىدە يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ،ھارغىنلىق 21-ئەسىردە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان  مۇھىم ئامىل بولۇپ،  ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ  كېتىش سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى،تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولماي،ئۇزاققىچە ھاردۇق يېتىشتىن ئىبارەت.
8.مۇۋاپپىق مىقداردا چاي ئىچىشكە ئادەتلىنىڭ،چاي ھەممە ئېتراپ قىلغان ساغلاملىق ئىچىملىكى. ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش،قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ققاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش،راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
9.ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرماڭ ھەم بىر نەچچە خىل ئېلىكتىر سايمانلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا،ئېلىكتىر سايمانلىرىدىن چىققان  ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى بوشلۇقنى قاپلاپ،ئادەم  ئورگانىزىمى قوبۇل قىلغان ئېلېكتىرو ماگنىت  رادىياتسىيەسى  بىلەن   يۇشۇرۇن مەنبەلىك كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.
10. رەڭگە ئەھمىيەت بېرىڭ،چۈنكى رەڭ مۇھىم فىزىيولوگىيىلىك رولغا ئىگە.شۇڭا ،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە  رەڭ پىسخولوگىيە ئىلمى ئاللىقاچان كەڭ قوللىنىلىدىغان پەنگە ئايلاندى.
11.يەنىلا تەبىئەتنى كۆپراق قۇچاقلاڭ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىلمىي لايىھەلەنگەن نۇرغۇنلىغان زامانىۋى ئىشخانا بىنالىرى ئاجايىپ ھەيۋەت،كۆركەم،پاقىراپ ،چاقناپ تۇرسىمۇ ،سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئەمىليەتتە بۇ بىر ‹‹ مىكروب زاۋۇتى››دىن ئىبارەت.
12.ۋىتامىن E ئىستىمال قىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ،چۈنكى ۋىتامىن Eنىڭ ‹‹ھازىرقى زاماندىكى قېرىماسلىقنىڭ دورىسى››دېگەن نامى بار.
13.كۆپراق دادۇر يەپ بېرىشكە ئادەتلىنىڭ،دادۇر(باقىلە پۇرچاق) ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ياخشى ئوزۇقلۇق.ئۇنىڭ تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇپ،بۇ ئاقسىل تەركىبىدە خولىستېرىن يوق.شۇڭا ئامرىكىلىق بىر ئىقتىسادشۇناس 21-ئەسىردە ئەڭ كۆپ بازار تاپىدىغان مەھسۇلات ئايروپىلان ،ئاپتوموبىل بولمايدۇ،ئائىلە ئېلېكتىر  سايمانلىرى ۋە كومپيۇتېرمۇ بولمايدۇ،بەلكى جۇڭگونىڭ دۇفۇسى بولىدۇ،دەپ ئېيتقانىكەن.پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
14.كەچلىك تاماقنى ئاز يەڭ،بولمىسا ئاسان سەمرىپ كېتىپلا قالماي، دىيابېت كېسەللىكى،تاجىسىمان قان تومۇر يۈرەك كېسەللىكى ۋە ئارتېرىيە قېتىش كېسەللىكى قاتارلىقلارغا ئوڭاي گىرىپتار  بولۇپ قالىسىز.
15.كۆپ ئاچچىقلىنىدىغان ئادىتىڭىزنى يوق قىلىڭ، ئادەم ئاچچىقلانغاندا  بەدەندە پەيدا بولغان ئاجرالما ماددىلار ھەتتا بىر چاشقاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈررەلەيدۇ شۇنداقلا بىر ئادەم ئەگەر 10 مىنۇت ئاچچىقلانسا، سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەسى ئۈچ كىلومېتىر يۈگۈرگەندە سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىدىن ئاز بولمايدۇ.ئۇنىڭسىزمۇ ئاچچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
16.پىسخىكا جەھەتتىن كۆپ تەربىيلىنىڭ،بۇ ئىنسان ھاياتىدىكى  زور بىلىم بولۇپ،ھايات ماھىيىتىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ.بىزنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىقىمىز  ۋە كىشىلىك ھاياتتىكى غالىپ كېلىش قورالىمىز ‹‹ئاكتىپ پىسخىك ھالەت››بولۇپ، بۇ ساغلام ياشاپ  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
17.ئاددىي ياشاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ،ئاددىي ياشاش دېگەنلىك ـــ خوشال –خورام ياشاش دېگەنلىك،ئاددىي ياشاش دېگەنلىك ـــ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش دېگەنلىك.
18.چېنىقىشنى قولدىن بەرمەڭ،پىيادە مېڭىش بارلىق چېنىقىشلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.يۈگۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا ،بەدەندىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىدىن ئىبارەت زەھەرلىك ماددىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇپ ،قېرىشنى كېچىكتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مىېھرىما 2014-01-10 14:32
ناھايتى پايدىلىنىش قىممىتى بار ساۋاتكەن . قايسى ئىشلارغا دەققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلۋالدىم رەھمەت سىزگە.

مەرىپەت0999 2014-01-10 17:28
تۇرسۇنگۈل،ساغلاملىق ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزنى ئوقۇپ،ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم.داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!!!

ئەكبەرنىياز 2014-01-10 18:18
تۇرسۇنگۈلنىڭ بۇ تېمىسىنى ئوقۇپ ، ئۆزەمنىڭ نەقەدەر بىپەرۋائۆتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . ھايات بىزگە بىرلا قېتىم كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نۇرغۇن ئىشلارغا دىققەتقىلىپ كېتەلمەيدىكەنمىز . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت تۇرسۇنگۈل !!!

نۇرسىمانگۇل 2014-01-10 19:38
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت تۇرسۇنگۈل

سەئىدىيە 2014-01-10 22:29
كىشلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ، ئۆي بېزەش ، ماشىنا ، تەييار يىمەكلىك ، تىز تاماقخانىلار ..... قاتارلىقلارغا بولغان ئىنتىلىشى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ساغلاملىق ھەققىدىكى بۇ تېمىڭىز ھەر -بىر ئادەمنى چوقۇم ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ، باشقىلارنىڭ ‹‹ ئېسىل ›› تۇرمۇشىغا ئىنتىلىشىمنىڭ نەقەدەر بىمەنە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم . مېنى ۋە باشقا ‹‹ ئېسىل ›› تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغانلارنى
ئويغىتىپ قويغانلىقىڭىزغا  كۆپتىن -كۆپ رەھمەت .


查看完整版本: [-- ساغلام ياشاش ئۈچۈن.....تۇرسۇنگۈل ئەبەيدۇللا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled