查看完整版本: [-- يالغان  سان  (تۆتتاش) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> يالغان  سان  (تۆتتاش) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2014-01-05 22:16

يالغان  سان  (تۆتتاش)

Dbt"}#uit;  
يالغان  سان v0)I rO  
 1+|s   
ھىكايە `R@1Sc<*|  
8UiRirw  
تۆتتاش qKu/~0a/  
lezX-5Z  
مىرئەخمەت مۇئەللىمنىڭ  مەقسەتلىك كۆز چىمچىقلىتىپ قىلغان باش ئىشارىسى بىلەن تەڭلا خۇددى  بۇيرۇق كۈتۈپ  تۇرغان ئەسكەردەك ئىككى ئوقۇغۇچى  دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مەغرۇر قەدەم بىلەن دەرسخانىدىن چىقىپ  كەتتى. D@@J7  
مىرئەخمەت مۇئەللىم خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك  دەرسنى يەنىلا بىر خىل رېتىمدا داۋاملاشتۇرماقتا  ئىدى. سىنىپتىكى باشقا ساۋاغداشلارمۇ سىنىپ مەسئۇلى بولغان مىرئەخمەت مۇئەللىمنىڭ ئارىلاپ داۋاملاشتۇرىدىغان بۇ «ئۇستا ھۈنىرى» گە كۈنۈپ  كەتكەن  بولۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن دەرسخانىدىن توساتتىنلا چىقىپ  كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى  بىلگەچكە بۇ ئىشلارغا ئانچە دىققەت قىلىپمۇ كەتمەي ئۆز  مەشۇلاتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ  بېرىۋاتاتاتتى. 6 axe  
ئىشىكنىڭ ئاستا ئېچىلىشى  بىلەن ئىگىز بوي، تۆمۈر كۈكى كاستۇمىغا رەڭداش قىلىپ كىيىۋالغان چىرايلىق يوپكىسى، بۇغۇۋالغان چېچى بىلەن كاستۇمىغا ياراشتۇرۇپ كىيگەن ئاق كۆينىكىگە تاقىۋالغان قىزىل گالاستۇقى بىلەن سالاپەتلىك  كۆرۈندىغان  مەكتەپ نۆۋەتچىسى ئاينۇر مۇئەللىم كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ  ساناپ سىنىپتىن  چىقىپ كىتىشىگە ، مۇئەللىمنىڭ كونا ئادىتى بۇيىچە ھېلىقى سىرلىق ئەمما مۇغەمبەرلەرچە قىلىنغان شەرتلىك بۇيرۇقىنى ھىلىقى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسىمۇ بۇ «ھۈنەر»گە شىرىك  بۇلۇشنى خالىمىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇلار جايىدا مىدىرلىماي ئۆز ئىشىنى قىلىپ  تۇراتتى.  
ھەرقانداق ئىشتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز  كۆندۈرۈپ  كەلگەن  بۇ ئەقىللىق سىنىپ مۇدىرىنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى  تۇتۇپ ،- |6@s6]%X}  
-دەرھال قۇپۇشمامسەن، بولمىسا سنىپنىڭ بۈگۈنكى سانى كاملاپ كىتىپ 100% بولماي قالىدۇ ،-دەپ زەردە  بىلەن ۋاقىرىدى. w)}' {]P"c  
ئۆزىنىڭ ئىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلگەن سىمىز ئەمما كۆزلىرى، قىلىقلىرىدىن چېچەنلىكى چىقىپ تۇرۇدىغان ئالىمجان ئىسىملىك ساۋاغداش تەمكىنلىك بىلەن بېشىنى كۆتىرىپ،- Egy#_ RT{  
كەچۈرۈڭ مۇئەللىم، ئىسىڭىزدە يوقمۇ  نىمە؟ :(7icHa  
-بۈگۈن بارلىق ساۋاغداشلار مەكتەپكە  تۇلۇق كەلدى دىدى جاراڭلىق ئاھاڭدا. FFC"rG  
ئالىمجاننىڭ بۇ گىپى  بىلەن سىنىپتىكى بارلىق ساۋاغداشلار پاراققىدە  كۈلىۋىدى مىرەئەخمەت مۇئەللىمنىڭ چىرايى لازا يەۋالغان باققالدەك قىزىرىپ ئۆزىنى قۇيۇدىغان يەر تاپالماي  قالدى. T,G 38  
سىنىپ ئىچىدىكى مەسخىرلىك  كۈلكىلەرنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ يۇقۇرىلاپ مەكتەپنى ئىچىنى  بىر  ئالغان  ئىدى. 3Lg)237&j  
a ][t#`  
توقسۇ * I)F5M  
W=-:<3XL  

مىېھرىما 2014-01-06 14:07
  بەنجۇرۇنلۇق خىزمىتى ھەقىقەتەن جاپالىق، لىكىن بۇ ھىكايدا يۈز بەرگەندەك ئىشلانى مەنمۇ نەچچەرەت كۆرۈپ كۆڭلىم يېرىم بولغان ئىدى. ئەمىليەتتە مەنمۇ بىر سىنىپ مەسئۇلى. بۇ ئىشلانى زە...................!

مىېھرىما 2014-01-06 14:09
مىللى مائارىپنى راۋاجلاندۇرمەن دەيدىكەنمىز ، بۇنداق ساختىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك ،دەپ ئويلايمەن.

nadiraay 2014-01-06 14:23
ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋام مەسلىسى  مەكتەپلەردىكى مەڭگۈلۈك مەسىلە بولسا كېرەك. ھازىرغىچە تېخى بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن بىر تىجارەتچىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنمىدى. بالىسىنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن بىر دېھقاننىڭ يەر سۈيى كېچىكتۈرۈپ بېرىلمىدى. ئەمما دەرستىن سىرت ئائىلە سۆھبىتى قىلىپ ، بەزىلەرگە كۈچى يەتمەي ئوقۇغۇچىلارنى تۇراقلاشتۇرۇلمىغان ئوقۇتقۇچىلار جەرىمانە تۆلىدى... ^| r6>b  
شۇنداق قىلىپ ساختىلىقنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ كەتتى...

گۈلچىمەن 2014-01-07 00:43
   ئىشەككە كۈچۈڭ  يەتمىسە  ئۇر  تۇقۇمنى.بىچاارە  ئوقۇتقۇچىلار  ئىلاقىسىز.

erkamil 2014-01-07 22:28
لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى بولاي دىسىڭىز قىيامەتتىن قوقۇڭ.

سەئىدىيە 2014-01-08 00:34
مەكتەپلەردە بۇنداق  ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت  . ئەمىليەتنى يېزىپسىز .  رەھمەت . iPK:gK3Q  
j}aU*p~N  
بۇنداق يالغانچىلىقلارنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرارمىز . ھەي....

مەرىپەت0999 2014-01-08 11:17
ۆۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ،قولىمىز بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ يەنە ھىچنىمە قىلالمايۋاتىمىزغۇ،بۇنداق يالغانچىلىقلارنى،ھەي..........

tawpek 2014-01-11 19:30
ھىكايە  دىگەن ئىپىك ئسەرنىڭ بر تۈرى تۆتتاشجان،  سەھىپىگە دىققەت قىللى.

مىېھرىما 2014-01-23 22:29
erkamil:لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى بولاي دىسىڭىز قىيامەتتىن قوقۇڭ. (2014-01-07 22:28) 
nm.~~h+8M  
بۇ گېپىڭىز ئورۇنلۇق. مەنمۇ شۇڭا مۇنبەردە دەرىس سۆزلەپ كەلدىم ، بولمىسا ئاللا بۇرۇن كەسىپ ئالماشتۇراتتىم دەڭە!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- يالغان  سان  (تۆتتاش) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled