كەچۈر ئايالىم (تۆتتاش)
كەچۈر ئايالىم B$_4ul\) 'Rn-SD~gIr نەسىر }
=^ ,c +.V+@! تۆتتاش Z+El(f x y&NqVR= مىنىڭ ئۆزەڭگە بولغان ئىككى دۇنيالىق ئەبەدى ھالال جۇپتىڭ ئىكەنلىكىڭدىن ۋاز كەچمەي 20يىللىق گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭنى، قىپقىزىل گۈلگە ئوخشاش ئاتەشتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ياشلىق بۇغۇنلىرىڭنى دەپسەندە قىلىپ قىيناق ئازاپلىرىمدا ئۈن-تىنسىز كۈيۈپ ئازاپ ئۇقۇبەت تاتساڭمۇ، چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمەسلىكىڭ مىنىڭ ھەقىقى ئادەملىكىمنى تاپقان كۈنىسىدىن باشلاپ قىيناۋاتماقتا. Qg*\aa94 1 hQn?qJy%W بىلەمسەن، ئىككىمىز دەسلەپتە تۇنۇشقان كۈنى سەن ئۇزۇن قىزىل رەڭلىك ئىشتىنىنىڭ ئۈستىگە دۇخاۋا كۆينەكنى يارىشىملىق قىلىپ كىيىۋالغىنىڭ، ئىككى تال قاپقارا ئۈرۈمە چېچىڭغا ئادەتتىكى سېرىق رەڭلىك يىپ ياغلىقنى چىرايلىق قىلىپ چىگىۋالغىنىڭ سول بىلىكىڭدە تەۋەرۈك ئاناڭ بەرگەن كۈمۈش بىلەيزۈكۈڭ بىلەن بوينۇڭدىكى مارجىنىڭ سىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى. دىمىسىمۇ سەن يىراق يېقىنغا ئەدەپ-ئەخلاقى، ئىمان-ئېتىقادى، تىرىشچان، چىقىشقاقلىغى ھالاللىق بىلەن ئىشلەپ شۈكرى ساداقەتمەنلىك بىلەن ياشاپ غېرىپ-غۇرۋالارغا سەدىقە-پىسىرلارنى ئايىماي بىرىپ تۇرۇدىغان، مائارىپنى قوللايدىغان ئاكتىپلىق بىلەن ئۈچ قىزىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇۋاتقانلىقى بىلەن نام چىقىرىپ ئۇششاق-چوڭ جامائەتلەر بىردەك ھۆرمەتلەيدىغان تەقۋادار مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى ئىدىڭ. شۇڭا سەن تولىمۇ قانائەتجان، ئىمان-ئېتىقادلىق، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بۇلۇپ يۈزۈڭگە ئايلاپ بىرەر قېتىممۇ گىرىم قىلمايتىڭ، غۇنچە بويۇڭغا ئاددىي رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلىرىڭ تولىمۇ ماسلىشاتتى، خويمۇ يارىشاتتى. چېچىڭنىمۇ جىگدە يىلىمى بىلەن يۇيۇپ تارايتىڭ، شۇڭىمۇ چېچىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا ئىدى.مانا مىنىڭ سەن چوڭ بولغان مۇشۇنداق ئائىلىگە ئوغۇل بۇلۇپ كىرىپ سىنىڭ بىلەن ھالال نىكاھلىق تۇرمۇش قۇرغىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخت ئىكەنلىكىنى كىچىكىپ ھىس قىلغىنىمدىن تولىمۇ خىجالەت بۇلۇۋاتىمەن. UBaXS_c\ 2 +U
oNJ ئاتا-ئانام، ئاكا-ھەدىللىرىم، ئۇلۇغ-ئۇششاق ئۇرۇق–تۇغقانلىرىم، خۇلۇم-خوشنىلار ساڭا مەندىن ئۆتە ئامراق ئىدى. سەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ خىزمىتىنى جان بىدالىق بىلەن قىلاتتىڭ. ھەر كۈنى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە بارمىساق سەن بارايلىچۇ دەپ تۇرۇۋالاتتىڭ. لىكىن مەن سىنىڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يىلدا ئىككى قېتىملا بارساممۇ سەن پەقەتلا بىر نەرسە دىمەيتىڭ، ئىككى ھەپتىدە بىر ئەۋەتكىنىمدە قايتىپ كەلسەڭ پولو، گۆش- قايماق، سەي-كۆكتات، تۇخۇ- كەپتەر گۆشلىرىنى ئاتا-ئانام سىزگە ئەۋەتتى دەپ ئالدىمغا قۇياتتىڭ، مەن ئىشتىھا بىلەن يەپ بولغاندا بىرەر قېتىم رەھمەتمۇ دەپ قويمىغىنىمغا مىڭ-مىڭ پۇشايمان يەۋاتقانلىقىمنى سەن بىلىۋاتامدىغانسەن. 8Qg10Yjy 3 fkxkf^g) مەن بالىنىڭ كىچىكى ئىدىم، سەنمۇ شۇنداق ئىدىڭ، مىنى ئاتا-ئانام قانچىلىك ياخشى كۆرسە سىنىمۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم نادانلىقىم، بەڭۋاش ياشلىقىمدۇر بەلكىم. [6!k:-t+ ئاتا-ئانا، ئاكا- ھەدىللىرىممۇ ماڭا سەن يوق ۋاقتىدا كۆپ تەربىيە قىلاتتى. لىكىن يەنە بەڭۋاشلىقىمنىڭ ئۆتكۈر شەيتانلىرى مىنى ئاللىبۇرۇن چەمبەرچاس باغلاپ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئايلاندۇرۇپ بولغان ئىدى. 7V"?o ھەش-پەش دىگۈچە ياشلىق ئىشىكلىرىمىزنى تاقاپ قېرانلىق دەۋرىگە قەدەم قۇيۇپ بولدۇق، ئىككى بالىلىقمۇ بولدۇق. بالىلارنى سەن ئۆز خۇلقىڭنى جان-پىدالىق بىلەن كۈچۈرۈپ چاپلاشقا تىرىشتىڭ. بالىلارمۇ ۋاپادار، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، تىرىشچان، ئەقىللىق مۇھىمى ئىمان-ئېتىقادلىق چوڭ بولدى.ھەممە بىزگە ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولدى. مانا ياش ئەللىككىمۇ باراي دىدى. C]L)nCOBX ھەر ئىككىلىمىز ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلدۇق. كۆز يېشى قىلدۇق، ئامال بولمىدى. ھېلىھەم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. داداڭ تۈگەپ كەتكەن كۈنى مەن يەنە شۇ ئەبجەش ئۇيۇن-تاماشىللىرىم بىلەن ئىدىم، تېلفۇننى سىنىڭ ئاۋارە قىلىشىڭدىن قېچىپ ئىتىۋەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى ماڭا تىكىلگەن غەزەپ كۆزلىرىڭدىن بەدبوي بۇراپ تۇرغان بەدەنلىرىم قايتا بىر قېتىم قاتتىق سىلكىندى. تۇنۇش-بىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان جامائەت ئالدىدا نەچچە قېتىم ئاھانەتكە قالساممۇ لىكىن بۇ قېتىمقىسى ھاياتىمدىكى ئەڭ-ئەڭ يىرگىنىشلىك بىر نادامەتلىكىم، نادانلىقىم ئىكەنلىكىنى مانا ئەمدى بىلىۋاتىمەن. سىنىڭ تەڭرىگە نالە قىلىپ تۆككەن كۆز ياشلىرىڭ دەستىدىن يۈرۈگۈم پارە-پارە بۇلۇپ كىتىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە سىنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپ مىنى كەچۈر، بىر جۇپ قارا كۆزۈڭنىڭ ياشلىقىڭدىكى ھەيكىلى بولغان يۈرەك پارەڭنىڭ مىنىڭدەك نادان دادىسىنى كەچۈرگىن دىگەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان پەريادلىرىمنى، ئۈكۈنۈشلىرىمنى ئاڭلاۋاتامسەن جېنىم. =g#PP@X]D! كەل، كىچىككەن بولساقمۇ ھايات بارخانلىرىمىزنى قايتىدىن باھار پەيزىگە چۆمدۈرەيلى. بىللە كۈلەيلى، نۇرسىز كۆزۈڭدىن ھاياتقا، چىن مۇھاببەتكە بولغان ئىنتىلىش نۇرلىرىنى قايتىدىن ئىزدەپ تاپايلى. 6Og@tho مىنى كەچۈر ئايالىم.
'LYDJ~ x"2p5T7*> 2014-يىلى 4-يانۋار AwJg/VBo) توقسۇ % S312=w
|