查看完整版本: [-- 2013-يىللىق ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> 2013-يىللىق ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇر 2014-01-05 12:26

2013-يىللىق ئىمتىھان سۇئالى

2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سۇئالى

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. مەزكۇر ئىمتىھان قەغىزى I (جاۋابى تاللىنىدىغان  سوئاللار) ۋە ئىمتىھان قەغىزى II (جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللار)دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. جەمئىي 20بەت، ئومۇمىي نومۇر 150، ئىمتىھان ۋاقتى 150 مىنۇت.
2. جاۋاب يېزىشتىن ئىلگىرى ئىسىم – فامىلىڭىز، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرىڭىز، مەيدان نومۇرىڭىز، ئورۇن نومۇرىڭىزنى جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىدىكى ۋە مۇشۇ ئىمتىھان قەغىزىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تولدۇرۇڭ.
3. جاۋابى تاللىنىدىغان ھەر تارماق سوئالنىڭ جاۋابىنى تاللىغاندىن كېيىن، جاۋاب كارتوچكىسىدىكى شۇنىڭغا ماس ئۇچۇر نۇقتىسىنى B2 تىپلىق قېرىنداش بىلەن بوياڭ؛ جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى چوقۇم mm0.5 لىق قارا سىياھلىق ئىمزا قەلىمى بىلەن جاۋاب كارتوچكىسىدىكى شۇ  سوئالغا خاس جاۋاب يېزىش ئورنىغا يېزىشىڭىز كېرەك. جاۋاب يېزىش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، باشقا سوئالنىڭ جاۋاب يېزىش ئورنىغا يېزىلغان جاۋاب ۋە ئىمتىھان قەغىزىگە، مەشىق قەغىزىگە يېزىلغان جاۋاب ئىناۋەتسىز.
4. تاللاپ جاۋاب بېرىدىغان سوئاللاردا خالىغان بىر سوئالنى تاللاپ شۇ سوئالغا جاۋاب يازىسىز، قايسى سوئالنى تاللىسىڭىز جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىدىكى شۇ سوئالنىڭ ماس ئۇچۇر نۇقتىسىنى 2ب تىپلىق قېرىنداش بىلەن بويىشىڭىز كېرەك.
5. ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا مەزكۇر ئىمتىھان قەغىزى بىلەن جاۋاب كارتوچكىسىنى بىرلىكتە مەيدان نازارەتچىسىگە تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئىمتىھان قەغىزىI
(جاۋابى تاللىنىدىغان سوئاللار، جەمئىي 30 نومۇر)
ھەر بىر تارماق سوئالغا بېرىلگەن تۆت خىل جاۋاب ئىچىدە پەقەت بىرىلا سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن. شۇ جاۋابنى تاللاپ، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىدىكى شۇنىڭغا ماس ئۇچۇر نۇقتىسىنى بوياڭ.
1. شېئىرىي ئەسەرلەر ھەققىدە ئىيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. دېموكراتىك ئىدىيە بىلەن سۇغۇرۇلغان « غەزەپ ۋە زار» ، « يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلارنىڭ شەكلى، ۋەزىن تۈرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى شېئىردا خەلقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماپ كەلگەن تارىخىي ئىللەتلەر پاش قىلىنىپ ۋە تەنقىدلىنىپ، شائىرلارنىڭ ئەركىن ، بەختىيار ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن.
B. « قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىن ئېلىنغان «ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا نامدىكى پارچىدا شائىر كىشىلەرنى ئۆمۈر بويى خەلققە ياخشىلىق قىلىپ ، خەلقنى سۆيۈندۈرۈپ نام قالدۇرۇشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان.
16. C-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن شائىر ئابدۇللا خاراباتى «كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» ناملىق شېئىر توپلىمىدىن ئېلىنغان پارچىدا باشتىن- ئاخىر ئەينى دەۋردىكى ئىلىمگە ۋە ئالىملارغا سەل قارايدىغنا ئىللەتلەر قامچىلانغان. شۇڭا، پارچىنىڭ ئاخىرىنى شائىر «مەن نېچۈك ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى بىر غەمدىن قىلاي پەريادلەر» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.
D. «شائىرنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىپ گويا، ئەجدادلار چۈشىنى كۆرسەتتى ماڭا» دېگەن مىسرالار ئارسلاننىڭ «يۇلتۇزلار يۇرتى» ناملىق ئېپىك داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مىسرارلاردىكى «شائىرنىڭ ناخشىسى» لۇتپۇللار مۇتەللىپ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتتىيەگە بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
2. نەسرىي ئەسەرلەر ھەققىدە ئېيتىغلاردىن توغرىسى:
A. ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ «شىراق» ناملىق ھېكايىسىدىكى شىراق ۋەتەنپەرۋەر، ئەلپىدا، باتۇر ئەزىمەت. لېكىن ئۇنىڭ ياۋغا قارىشى ئاتلىنىش ئالىدىدا قەبىلە ئاقساقاللىرىغا:-خوتۇن-باللىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر  ئېلىپ قويۇڭلار،-دېگەن تەلىپى شىراقنىڭ يۇقىرقىدەك خاراكتېرىگە نۇقسان يەتكۈزگەن.
B. «گۈلدۈرماما» ناملىق دراممىدىن ئېلىنغان پارچىدا جۇ پۇيۈەن بىلەن لۇ شىپىڭنىڭ قايتا ئۇچارشقانلىقى ۋە لۇ شىپىڭنىڭ  30 يىل ئىلگىرى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئىش ئېنىق يېزىلغان. جۇ پۇيۈەن بىلەن لۇ داخەي ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش يوشۇرۇن ئىپادىلىنىش ئارقىلىق ئەينى دەۋردىكى كاپىتالىستلار بىلەن ئىشچىلار سىنىپى ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن زىددىيەت ئېچىپ بېرىلگەن.
C. «دېڭىز سەپىرى» ناملىق نەسردە ئاپتور ھېس –تۇيغۇنى بىۋاستە ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىپ، «مەن» نىڭ دەسلەپتە مايمۇننى ئانچە كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئاخىرىدا بىر قورساق قېرىندىشىدەك ھېسسىياتتا بولۇش جەريانىنى يېزىش ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەت ۋە باشقا مەۋجۇداتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجىل-ئىناق مۇناسىۋەتنىڭ كىشىلەرگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان.
D. بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان «ئىنساپ سودىگىرى» ناملىق مۇھاكىمىلىق نەسردە ئاپتور ئەخلاق كاتېگورىيەسىدىكى ئىنساپ مەسىلىسىنى لىرىك ، بەدىئىي يول بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، ئادەمدىكى يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ بىر بولغان ئىنساپنى دەپسەندە قىلىپ ياشاۋاتقان پەسكەش كىشلەرنى ئەيىبلىگەن، ئۇلارنى سەگىتمەكچى ۋە ئويغاتماقچى بولغان.
3. قوللىنىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغانلىرىنىڭ تولۇق گۇرۇپپىلانغىنى:
① «مېنىڭ ئارزۇيۇم» ناملىق نۇتۇقتا ئاپتور تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىلەرنى قوللىنىش ۋە ئوخشىتىش ، تەكرارلاش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئارزۇسىنى تولىمۇ تەسىرلىك ۋە جانلىق ئىپادىلىگەن.
② جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر يازغۇچى لۇشۈننىڭ «ئەكېلىشپەرۋەرلىك» ناملىق ئەسىرىدە باشتا چەتئەل مەدەنىيىتىدىكى ئېسىل جەۋھەرلەرنى ئېلىپ كېلىپ ، «ئەكېلىشپەرۋەر» بولۇش لازىملىقى تەشەببۇس قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا «سۇڭلاپ ئاپىرىپ بېرىش » مەسىلىسى كىنايە ۋاستىسى بىلەن تەنقىد قىلىنغان.
③ «بۈگۈنكى كۈندە ئوسۋىتسىمدا خەۋەر قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى خەۋەرمۇ يوق، ئەمما مۇخبىر ئادا قىلمىسا بولمايدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بار» دېگەن جۈملە روسسېنتارنىڭ «ئوسۋىتسىمدا خەۋەر قىلغۇدەك ھېچنېمە يوق» ناملىق تەپسلىي خەۋىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، جۈملىدە تىلغا ئېلىنغان «مۇخبىرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى» بۇ يەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بىرەر نەرسە يازماي كېتىپ قالسا ئوقۇرمەنلەرگە يۈز كېلەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ.
④ تەبىئىي پەنگە ئائىت ئاممىباب ماقالىلەر پەننى ئومۇملاشتۇتۇش ئەسەرلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان بىر خىل شەكىل بولۇپ، بۇ خىل ئەسەرلەردە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق تەبىئىي پەننىڭ مەلۇم بىر ساھەسىدىكى بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇلۇپ، مۇئەييەن ئىلمىي ئۇقۇم ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بايان قىلىنىدۇ.
⑤ «ليەن پو ۋە لىن شياڭرۇ قىسسىسى » ناملىق تېكىستتە ليەن پو بىلەن لىن شىياڭرۇ ھەققىدىكى بىر پۈتۈن ھېكايە  ئەسەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بولسىمۇ، ئەسەردىكى ئۈچ تىپىك ۋەقە ھېكايە ئېچىدىكى ھېكايىلەردۇر. بۇ ھېكايىلەردە باش قەغرىمان ليەن پو غا ئائىت تەپسىلاتلار تەپسىلىي يېزىلىپ، لىن شياڭرۇغا ئائىت تەپسىلاتلار ئىخچام يېزىلغان.
⑥ «مۇھەممەت باغراش ئىزدەنمە ھېكايىلىرىنىڭ بەزى ئالاھدىلىكلىرى» ناملىق ئوبزوردا مۇھەممەت باغراشنىڭ پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يارىتىشتىكى ئۆزگىچىلىكى، ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى خاسلىقى، ئوقۇرمەنلەرگە ئويلىنىش ئىمكانىيىتى قالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىزدىنىش روھى يەكۈنلەپ چىقىرىلغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
      B.  ② ③⑤  A.  ① ④ ⑥   .  ① ③ ⑥  C.      D. ② ④ ⑤  
تۆۋەندىكى تېكىستنى ئوقۇپ 4 ~ 6 سوئال تەلىپىنى ئورۇنداڭ.
يەر شارى غايەت زور ئىسسىق سۇ ئامبىرى، يەر قاتلىمىدا ناھايىتى مول ئىسسىق سۇ بايلىقى ساقلانماقتا. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل يەر پوستىدىكى يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 100 مىليون كۇب كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز سۈيى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. يەر شارىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا يېتەرلىك چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق قازسىلا ئوخشاش بولمىغان تېمپېراتۇرىدىكى ئىسسىق سۇغا ئېرىشكىلىكى بولىدۇ. يەر ئاستىدىكى سۇ يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
يەر ئاستىدىكى ئىسسىق سۇ يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چوڭقۇر چايلاردىن ئېقىپ چىقماستىن، بەلكى ھۆل – يېغىننىڭ يەر شارىنىڭ ئىچىكى قىسىمىغا ئېقىپ كېرىپ ئىسسىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. يامغۇر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن تاغ جىنىسلىرى ياكى تۇپراقتىكى كاۋاكچىلار ۋە يېرىقلارنى بويلاپ چوڭقۇر يەر ئاستىغا سىڭىدۇ. يامغۇر سۈيى تۆۋەنگە سىڭىش جەريانىدا ئەتراپتىكى تاغ جىنىسلىرىدىن ئىسسىقلىقىنى سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا سۇ ساقلاش خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان چوڭ كاۋاك بولسا، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيى بۇ جايغا كۆپ مىقداردا يىغىلىپ ، ئېچىش قىممىتى بار يەر ئاستى ئىسسىق سۇلۇق قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەر پوستى ھەرىكىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا چوڭقۇر ئۈزۈلۈش يۈز بەرگەن بەزى رايونلاردىكى تاغ جىنس قاتلاملىرىدا يەر پوستىنىڭ ئىچىكى قىسىمىغىچە سوزۇلغان نۇرغۇن يېرىقلار بولىدۇ. بۇ يېرىقلار تەبىئىي سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا ئوخشاش ھۆل-يېغىننىڭ ئېقىشى ئۈچۈن راۋان يول ھازىرلايدۇ، يەر شارىنىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى كۈچلۈك بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئىسسىق سۇ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ يېرىقلارنى بويلاپ چوڭقۇر جايلاردىن يەر يۈزىگە يېقىن جايلارغا ئۆرلەپ چىقىدۇ-دە، تېيىزرەك قاتلاملاردىكى يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا بىۋاستە يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ، بۇ جاينىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئىس-تۈتەك ناھايىتى ئاز، 30نەچچە جايدا ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرىدىغان قەرەلىك بۇلاق بار، پايتەختى «رېيكياۋىك»نىڭ نامى شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان، بۇ سۆز «تۇمانلىق سەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئالياسكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا تېمپېراتۇرسى C°645 قا يېتىدىغان بىر قايناق ئارشاڭ بار بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭدۇڭ رايونىدىكى ئارشاڭمۇ ناھايىتى داڭلىق بولۇپ ، تېمپېراتۇرىسى C°140 قا يېتىدۇ.
ئىتالىيە دۇنيا بويىچە يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك تارقاتقان تۇنجى دۆلەت. 1904-يىلى 500 كىلوۋاتلىق يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرغان. نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئا ق ش دا بولۇپ، گېنىراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى ئارشاڭلىرىلا 2000 دىن ئاشىدۇ، گەرچە يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى كەينى-كەيندىن قۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن پايدىلىنىش ئومۇمىي ئۈنىمى تۆۋەن، بۇلار بىزنىڭ داۋاملىق ئېچىشىمىزنى كۈتمەكتە.
4. تۆەندە ئيىتىلغانلاردىن تېكىست مەزمۇنىغا ماس كەلمەيدىغىنى:
A. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل دېڭىز ئاستى ئىسسىق سۈيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 100 مىليون كۈب كىلومېتىر، يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز سۈيى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرىچىلىك كېلىدۇ.
B. يامغۇر سۈيى تۆۋەنگە سىڭىش جەريانىدا ئەتراپتىكى تاغ جىنىسلىرىدىن ئىسسىقلىقنى سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
C. يەر پوستى ھەرىكىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا ئۈزۈلۈش بولغان بەزى رايونلاردىكى تاغ جىنس قاتلاملىرىدا يەر پوستى ئىچكى قىسمىغىچە سوزۇلغان يېرىقلار ھۆل – يېغىننىڭ ئېقىشى ئۈچۈن راۋان يول ھازىرلايدۇ.
D. ئالياسكا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقۇرى، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قايناق ئارشاڭ بار.
5. تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا تۆەندە ئېيتىغلانلاردىن توغرىسىى:
A. يەر ئاستىدىكى ئىسسىق سۇ يەر ئاستى سۈيىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىچىكى قىسمىغا ئېقىپ كىرىپ ئىسسىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ.
B. يەر شارىنىڭ يەر پوستى ھەرىكىتى بىر قەدەر كۈچلۈك، تاغ جىنس قاتلاملىرىدا چوڭقۇر ئۈزۈلۈش بولغان رايونلاردىكى يېرىقچىلىرىدا سۇ بايلىقى مول بولىدۇ.
C. جۇڭگودا يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى ناھايىتى مول، 2000 دىن ئارتۇق يەر ئاستى ئاراشاڭلىرى بار. ئەمما، يەر ئىسسىقلىقى بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بەك تۆۋەن بولۇپ، بۇلار بىزنىڭ داۋاملىق ئېچىشىمىزنى كۈتمەكتە.
D. ئىلاندىيەنىڭ پايتەختى «رىيكياۋىك» دېگەن سۆز تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ئاراشڭلار كۆپ، يەر ئاستى ئىسسىقلىق بايلىقى مول دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ شەھەر «تۇمانلىق شەھەر » دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
6. تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. يەر شارى غايەت زور سۇ ئامبىرى، يەر قاتلىمىدا ناھايىتى مول ئىسسىق سۇ بايلىقى ساقلانماقتا. يەر قاتلىمىدىكى ئىسسىق سۇ يەر ئىسسىقلىقى ئېنىېرگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قسىمى.
B. چوڭقۇر يەر قاتلىمىدا سۇ ساقلاش خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان چوڭ كاۋاك بولسا ، يەر ئاستى ئىسسىق سۈيى بۇ جايغا كۆپ مىقداردا يىغىلىپ، ئېچىش قىممىتى بار يەر ئاستى ئىسسىق سۇلۇق قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
C. ئىتالىيە دۇنيا بويىچە يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك تارقاتقان تۇنجى دۆلەت. نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتېر ئىستانسىسى ئا ق ش دا بولۇپ، گېنېراتورلارنىڭ سىغىمچانلىقى 500 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ.
D. ئارشاڭنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. يەر شارىنىڭ ئىچكى قىمىدىكى ئىسسىق سۇ ئۆزىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە كچىنىڭ تەسىرىدە چوڭقۇر قاتلامدىن يەر يۈزىگە ئېقىپ چىقىپ ئارشاڭنى شەكىللەندۈرىدۇ.
7. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A. «كىشى كۆڭلى باغقا ئوخشايدۇ، بەگ بولغۇچى بۇ باغنى ھەق-ئادالەت سۈيى بىلەن سۇغىرىپ تۇرسىلا، باغ مېۋىسى بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ» دېگەن جۈملىدە ئۈچ سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلگەن، جۈملىدىكى بىر سۆزگە قوشۇلغان كېلىش قوشۇمچىسى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىگە بويسۇنمىغان ھالدا قوشۇلغان، ئەمما بۇ تىل  ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن.
B. «غايىۋى يۈكسەكلىككە ئىنتىلمىگەن كىشىنىڭ ئىشىنى پايدىسىز ئەمگەك دېيىش كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئاللىقانداق خام خىياللار ئىگىلىۋالغان بولىدۇ» دېگەن جۈملىدە تۆت ئورۇندىكى «ئە» تاۋۇشى «ئې، ئى» تاۋۇشىغا، بىر ئورۇندىكى «ئا » تاۋۇشى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان، جۈملىدە يەنە تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى بىلەن تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىمۇ كۆرۈلگەن.
C. بىلىم كۆڭۈلنىڭ چاڭ-توزىنىنى يۇيۇپ پاكىزلىغۇچىدۇر، يۈكسىلىپ بېشىم كۆككە يەتسۇن دېسەڭ، ئىشنى كۆزىتىپ بىلىم بىلەن ئىشلە»
D. ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرىقى بوغۇمىدا «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بولسا، شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا ئەسلىدىكى يېپىق بوغۇملۇق سۆز يېپىق بوغۇم بويىچە قېلىۋەرگەندە، سۆز ئارخىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» تاۋۇشىغا ئاجىلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.
8. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. «بىز كۆرۈۋاتقان يورۇقلۇق – قوياش نۇرى بىلەن قەلب نۇرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن ھاسىل بولغان. شۇ ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى نامايان بولغان» دېگەن جۈملىدىكى «نۇر» دېگەن سۆز ئاۋۋال ئەسلىي مەنىدە، كېيىن كۆچمە مەنىدە كەلگەن.  جۈملىدە مەنىداش ۋە شەكىلداش سۆزلەر قوللىنىلمىغان، جۈملىدىكى بەزى سۆزلەر چۈشەنچە ئىپادىلىمەيدۇ.
B. «دوستۇڭغا سادىق بول، دوستلۇق گۈلشىنىنى گۈللىتىسەن، دۈشمەنگە پايدا يەتكۈز، دۈشمەنلىك زىيىنىنى كۆرىسەن» دېگەن جۈملىدە قارىمۇ قارىشى مەنىلىك سۆزدىن ئۈچ جۈپ قوللىنىلغان، بىر سۆز كۆچمە مەنىدە كەلگەن، جۈملىدە مەنىداش سۆز قوللىنىلمىغان. جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە.
C. سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى شۇ سۆزنىڭ بىر ئاساسىي مەنىسى ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بىر قانچە مەنىلەرنى بىلدۈرۈشنى كۆرسەتسە، سۆزنىڭ كۆپ مەنىسى شۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى ئاساسىدىكى كېڭەيگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى بىلەن كۆپ مەنىسى شۇ سۆز يەككە تۇرغدا ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ.
D. «بۇ جاھاندا ئاجايىپ ئىشلار بولىدىكەن، خەلقنىڭ لەنىتىگە قالغان، جەمئىيەتنىڭ ئەخلىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئادەملەر بۇ دۇنيادا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئەلنىڭ بېشىغا چىقىۋالىدىكەن، ھەتتا قانۇننىمۇ مەنسىتمەيدىكەن، بۇ بەك خورىكى يوغىناپ كەتكەنلىكقۇ!؟»  دېگەن جۈمىدە مەنىداش سۆزدىن ئىككى جۈپ قوللىنىلغان، جۈملە ئاخىرىدىكى تۇراقلىق ئىبارە ئىدىيوم بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: ھەددىدىن ئاشماق، تەكەببۇرلاشماق، دېگەنلىكتۇر.
9. ئۇيغۇر تىلىدىكى مورفولوگىيەلىك چۈشەنچىلەر ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان بىر گۇرۇپپا:
A. ① سۆز تۈركۈملىرى سۆزلەنرىڭ كېكسىكىلىق مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن تۈرگەرگە بۆلۈنۈشى بولغاچقا، تىلىمىزدىكى لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلاتمايدىغان ياكى جۈملە بۆلىكى بولالمايدىغان سۆزلەرنى سۆز تۈركۈملىرىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.
② « ئىشەنچ- ئېتىقاد ئادەمنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، ئۇ ئادەمنى تۈرلۈك بالايىئاپەتتىن قوغداپ قالىدىغان مۇستەھكەم يېپىنچە»  دېگەن جۈملىدە ياسالما سۆزدىن تۆتى بولۇپ، ئۇلاردىن ئىككىسى ئىسىم، ئىككىسى سۈپەتكە تەۋە. جۈملىدە يەنە جۈپ سۆزمۇ ، بىرىككەن سۆزمۇ قوللىنىلغان.
B. ① «بىز تار يول بىلەن لەمپىلىك پەشتاققا قاراپ ماڭدۇق. سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلىغاچ قىپقىزىل گۈللەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ ، كىچىكرەك ئورۇندۇقتا يانمۇ يان ئولتۇردۇق» دېگەن جۈملىدە بەش سۈپۈەت بولۇپ، ئۇلردىن بىرى ياسالما سۈپەتتۇر. جۈملىدىكى سۈپەتلەر ئەسلىي دەرىجىدە، ئاشۇرما دەرىجىدە ۋە سېلىشتۇرما دەرىجىدە كەلگەن.
②«دانالار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىنى مۇنداقلا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئىشتا غايىسىنى چىقىش قىلىدۇ» دېگەن جۈملىدىكى ئالماشلار ئۆزلۈك ئالمىشى ، كۆرسىتىش ئالمىشى، شەخسلىك ئالمىشى ۋە سوئال ئالمىشىدۇر. جۈملىدىكى ئۆزلۈك ئالمىشى 2- شەخس ، كۆپلۈك ، ھۆرمەت تۈرىدە كەلگەن.
C. ① بۈگۈنكى پائالىيەت سائەت سەككىزلەردە باشلاندى. مەكتىپىمىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار بەشتىن-ئالتىدىن بۆلۈنۈپ جەمئىي ئون گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. ئۈمىد بىلەن ئىككىمىز بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق» دېگەن جۈملىدە ساناق ساندىن ئۈچى ، تەقسىم ساندىن بىرى، كەسىر ساندىن بىرى، ئالماش ساندىن بىرى قوللىنىغان. جۈملىدىكى مىقدار قوللىنىش دائىرىسىدىن خاس مىقدار ، باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىشىدىن شەيئىي مىقداىدۇر.
② «ۋال-ۋۇل چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يامغۇر شار-شۇر يېغىش بىلەنلا سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ بېسىقتى» دېگەن جۈملىدە ھالەت تەقلىدىدىن بىرى، ئاۋاز تەقلىدىدىن ئىككىسى بار، جۈملىدىكى بىر ياسالما سۆز تەقلىد سۆزدىن ياسالغان. جۈملىدە يەنە شەخسسىز پېئىلدىن رەۋىشداش بىلەن ئىسىمداشمۇ بار.
D. ① ھەمىشە باشقىلارنىڭ پىكرى بىلەنلا ئىش قىلىدىغانلار ھەرگىزمۇ ئالدىغا ماڭالمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا قەتئىي ئىرادە كەمچىل» دېگەن جۈملىدە ۋاقىت رەۋىشىدىن بىرى، ئورۇن رەۋىشىدىن بىرى، دەرىجە رەۋىشىدىن ئىككىسى قوللىنىلغان. جۈملىدىكى شەخسلىك پېئىل بولۇشسىز شەكىلدە ، كېلىدىغان زاماندا، بايان رايىدا كەلگەن.
② «سەمىمىيەت گەرچە دوستلۇقنى كۈچەيتسىمۇ، ئەمما ئۇنى دىل ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەشكە دىققەت قىل» دېگەن جۈملىدە بەش يارىدەمچى سۆز بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى يۈكلىمە، بىرى تىركەلمە، ئۈچى باغلىغۇچىدۇر، بۇ باغلىغۇچىلاردىن بىر بىرىكتۈرگۈچى باغلىغۇچىغا تەۋە.
10. تۆۋەندە ئېيتىلغان سىنتاكسىسلىق تەھلىلەردىن توغرىسى:
A. «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ئۇلۇغ بىل، چۈنكى سەن ئاتا-ئاناڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، بۇ جۈملىدە ئوخشاش بىر سۆز باش جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە، بىقىندى جۈملىدە تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كەلگەن. بىرىنچى جۈملىنىڭ خەۋىرى تەڭداش مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن مۇرەككەپ خەۋەردۇر.
B. «بىلىم ئېلىشنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىل، بىلىمسىزلەرگە : ‹ بىلىم بىلەن دۇنيانىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ› دەپ نەسىھەت قىل» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە، مەزمۇن جەھەتتىن بۇيرۇق جۈملە، جۈملە تەركىبىدىكى كۆچۈرمە جۈملە ئاپتور سۆزىنىڭ ئوتتۇرىدا كەلگەن.
C. « يامانغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرەلەيدىغانلار ھۆرمەتلىكتۇر» دېگەن جۈملە تۈزۈلۈشىدىن تولۇق، ئىگىلىك، يېيىق ئاددىي جۈملە، مەزمۇن جەھەتتىن بايان جۈملە بولۇپ، جۈملىدە پېئىل خاراكتېرلىك ئاددىي سۆز بىرىكمىسى ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن.
D. «بىلىملىك ئادەمنى ئىززەتلەپ، سۆزىنى ئاڭلا، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى – ئىلىم خۇمارلىقى، كەمتەرلىكىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئاشۇر» دېگەن جۈملە بەش ئاددىي جۈملىدىن تەركىب تاپقان ئارلاش مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، بىرىنچى باش جۈملىدىكى سۆزلەر چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدە، ئىككىنچى باش جۈملىدىكى سۆزلەر باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن.
ئىمتىھان قەغىزى II
(جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللار ، جەمئىي 120نومۇر)
(ھەرقايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىدىكى شۇ سوئالغا خاس جاۋاب يېزىش ئورنىغا يېزىڭ)
II بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ. (ھەر بىر بوش ئورۇنغا بىردىن ، جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ)
11. پاراغەت ئىزدىسەڭ، ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما!
       سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

چاپان ھۆرمەتلىرى ھېچ چاغ چاپاندىن ئايرىلىپ قالماس،
كېتەر پۇلدىن يىغىلغان ھۆرمىتىڭ، پۇل بىرلە ئەسرار يوق.
1) بۇ پارچە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ①  شەكلىدە، ئارۇز ۋەزىننىڭ  ②  بەھرىدە يېزىلغان.
2) بۇ پارچىدىكى «بىرلە» دېگەن سۆز سۆز تۈركۈمىدىن ③ گە تەۋە.
12. سېنى يالغۇز ئولتۇرۇپ چالسام دۇتارىم، سەن خۇددى قۇلىقىم تۈۋىدە پىچىرلاپ، ماڭا مۇھەببەت ئاتا قىلىۋاتقاندەك بىلىنىسەن؛ قەلبىمنى قۇچىسەن، ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ، تومۇرلىرىمدا ئاچايىپ بىر سەزگۈ ئويغىتىسەن.
بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن  ④  قوللىنىلغان، پارچىدىكى بىر ياسالما ئىسىمنىڭ تومۇرى  ⑤ سۆز تۈركۈمىگە تەۋە.
13. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى كۆپ خىل ژانىر تۈرىگە ئىگە. بەزىلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە بېقىنىش، سېغىنىش تۇيغۇلىرىدىن پەيدا بولغان ئاجايىپ –غارايىپ ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ھېكايىلەر بولسا، بەزىلىرى تارىخىي شەخس ، تارىخىي ۋەقە، قەدىمكى جايلار ، تەبىئەت ھادىسلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەردۇر.
بۇ پارچىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالدىنقى ژانىر  ⑥ نى، كېيىنكى ژانىر  ⑦  نى كۆرسىتىدۇ.
14. بىر ئوغلاق ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، كېلىۋاتقان بۆرىنى مەسخىرە قىلىپ تىللاپتۇ. بۆرە:
-ھەي بۇرادەر، مېنى تىللاۋاتقان سەن ئەمەس، بەلكى سەن تۇرۇۋاتقان ئۆگزىنىڭ ئەۋزەللىكى!- دەپتۇ.
1) بۇ مەسەلدە سىمۋولدىن باشقا يەنە قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق *ۋاستە ⑧ دىن ئىبارەت. بۇ مەسەل  ⑨  شەخس تىلىدا يېزىلغان.
2) بۇ مەسەلنىڭ ئىدىيىسىنى ⑩ دېگەن بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
III كۆنۈكمە ئىشلەش سوئالى: (جەمئىي 18 نومۇر)
15.كلاسسىك شېئىردىن ئېلىنغان تۆەندىكى پارچىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى يېزىڭ.
بەرمەس تەتۋىل چۇ سۇ خەندان سۆزگە      ①    
قىل مۇختەسەر ئولچە بولغان ئىمكان سۆزگە     ②    
16. تۆۋەندىكى شېئىرىي پارچە ھەم تۇراقلىق تەركىبلەرنىڭ كەم قالغان قىسىمىنى تولۇقلاپ يېزىڭ. (4 نومۇر)
1) قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
  شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
                                 ①                                                    
                                   ②                                                    
2) ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە،
×                                  ×                               ×
3. پۇتۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارىما،
×                                  ×                               ×
17.مۇھىتنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق كەيپىياتنى يارىتىش، پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىش ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى. سىزمۇ بىر پارچە تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى يېزىپ ، ئۇ تەسۋىر ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ نامرات، ھورۇن، بولۇمسىز خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىڭ. تەسۋىردە ئادەم ئىسمى ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بىۋاستە يېزىلمىسۇن. يازغىنىڭىز ئۈچ جۈملىدىن كەم بولمىسۇن. (3 نومۇر)
18. تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ. (5 نومۇر)
1) «دان» دېگەن مورفىمىنى بىر جۈملىدە تۈپ سۆز قىلىپ، بىر جۈملىدە ياسالما سۆزنىڭ تومۇرى (يىلتىزى)قىلىپ، بىر جۈملىدە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە قىلىپ بىردىن جۈملە تۈزۈڭ. (3 نومۇر)
2)تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ مەزمۇنى ۋە قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىپ «غايە» دېگەن سۆزنى جۈملە بېشىدا كەلتۈرۈپ بىرجۈملە تۈزۈڭ. (2 نومۇر)
غايە خۇددى نۇرلۇق چىراغقا ئوخشايدۇ، ئۇ قاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، كىشىلەرگە ئېنىق يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ غايە خۇددى زىل قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاەمنى چۈش- خيالدىن ئويغىتىپ، پارلاق مەنزىلگە باشلايدۇ؛
×                                  ×                               ×
19. بېرىلگەن رەسىم جۇڭگونىڭ دۆلەت سۇ تېجەش بەلگىسى.
بۇ بەلگىنىڭ رەسىم قۇرۇلما ئېلېمېنتلىرى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسىنى يېزىپ چىقىڭ. تىلى ئىخچام، ئېنىق، جۈملىلەر راۋان بولسۇن. يازغىنىڭىز بەش جۈملىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. (4 نومۇر)


IV تەھلىل قىلىش سوئالى: (جەمئىي 17 نومۇر)
20. تۆۋەندە بېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ، سوئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ. (7نومۇر)
ئاسىخاننىىڭ بېشىدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. «ئالما قېقى، ئارچا ياغىچى، قوي يېغى بىلەن بۇي سېلىۋېتەيمۇ-يا؟» دەپ پىچىرلىدى ئانا پەرىشان بولۇپ. ئانا ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئوغلى ئۆزىچىلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە پەلكۈچ تۇتقان قولىنى ھاۋاغا پۇلاڭلىتىپ، پۇتلىرىنى ئېگىشتۈرۈپ سەنەمگە دەسسىگىلى، كۈلۈمسىرەپ چىنار دەرىخىگە بېقىپ، ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىغىلى تۇردى. ئانا قورققىنىدىن ياقىسىنى تۇتۇپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇپ ھۈرگىلى تۇردى.
1) بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىغان؟ (2 نومۇر)
2) ئانا نېمە ئۈچۈن ئوغلىنىڭ ئۇسسۇل ئينىغىنىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ياقىسىنى تۇتىدۇ؟(3 نومۇر)
3) ئانىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغان سۆزىدىن ، بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ ھۈرگەنلىكىدىن خەلقىمىزنىڭ قايسى فولكلور مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ (2 نومۇر)
21. تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ. (10 نومۇر)
كۆرۈنمەس مۇھەببەت
يازنىڭ بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق، ئادەمنى بىئارام قىلاتتى. مەن بىردەم سالقىنداپ كىرىش ئۈچۈن سىرىتقا ماڭدىم.
مەن ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يول بويىدىكى بىر دەرەخ تۈۋىدە بىر ئايال بىلەن ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى كۆرۈپ قالدىم. بالا بىر قوپال رەگەتكە بىلەن يەتتە – سەككىز مېتىر يىراقلىقتىكى بوتۇلكىنى قارىغا ئېلىپ ئېتىپ ئويناۋاتاتتى. بالا تاشنى ئاران بىر نەچچە مېتىر يىراققا يەتكۈزۈۋاتاتتى. مەن يىراقتىن ئۇلارغا دىققەت قىلىپ بىر دەم قاراپ تۇردۇم.
ئايال ئۇششاق تاشلارنى بالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى داۋاملىق تىرىشىشقا ئۈندەۋاتاتتى. ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى. ھېلىقى بالىنىڭ شۇنچە قىلىپمۇ بوتۇلكىغا بىرەر تاشنى تەگكۈزەلمىگىنىگە قاراپ ئىچىم پۇشتى، بىراق بالا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئېتىۋاتاتتى.
-بالام، يەنە ئازراق غەيرەت قىل، تېگەي دەپ قالدى...
ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈۋەتكىلى تاس قالدىم-دە:
-ھەدە، بالىڭىزغا مەن ئۆگىتىپ قويسام بولامدۇ؟-دېدىم.
بالا گېپىمنى ئاڭلاپ جىممىدە تۇرۇپ قالدى. ئانىسى ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ:
-بولدى، رەھمەت، ئۇ ئەما،-دېدى.
ئايالنىڭ كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى. مەن تۇرۇپلا قالدىم. باياتىندىن بېرى بالىنى ئىچىمدە مەسخىرە قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.
-ھەدە، ئۇ خېلى ياخشى ئاتىدىكەن، چوقۇم تەگكۈزەلەيدۇ، - دېدىم مەن بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
ئايال رەھمەت ئېيتقاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. مەن ئاستا يولۇمغا راۋان بولدۇم. ئانا-بالا يەنىلا ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
ئايال رەھمەت ئېيتقاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. مەن ئاستا يولۇمغا راۋان بولدۇم. ئانا-بالا يەنىلا ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. مەن ئازراق مېڭىپ، بىر چەتتە ئولتۇرۇپ،ئۇلارغا قارىدىم. بالىنىڭ بوتۇلكىنى قارىغا ئېلىۋاتقان ھالىتىگە تىكىلىپ تۇردۇم، قاراڭغۇ چۈشتى، مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۆيگە قاتماقچى بولدۇم، كۆڭلۈمدە : « بۇ بالا ئەمدى تەگكۈزەلمەيدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم. ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بېشىمنى لېڭشىتىپ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم. ئاززراق مېڭىشىمغا بوتۇلكىنىڭ چېقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بالا بوتۇلكىنى قارىغا ئېلىپ، تاشنى تەگكۈزگەنىدى. شۇندىلا كۆڭلۈم تىنىپ خاتىرجەم قەدەم تاشلىدىم. كېچىنىڭ سالقىن شامىلى يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتتى، ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقناشقا باشلىدى.
1) ئەسەردىكى «مەن» نېمە ئۈچۈن «ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن ئاشۇ بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس » دەيدۇ؟ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. (2 نومۇر)
2)ئانىنىڭ ئەما ئوغلىغا بوتۇلكىنى قارىغا ئېلىپ ئېتىش ئويۇنىنى ئوينىتىشىدىكى مۇددىئاسى نېمە؟( 2 نومۇر)
3) ئەسەرنىڭ بېشىدا «ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلاتتى» دەپ يېزىلغان، ئاخىرىدا « كېچىنىڭ سالقىن شامىلى يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتتى، ئاسماندا يۇلتۇزلار چاقناشقا باشلىدى» دەپ ئاخىرلاشتۇرغۇلغان. ئاپتۇرنىڭ بۇندق يېزىشتىكى مەقسىتى نېمە؟(3 نومۇر)
4)ئەسەردە ئانا –بالا ئوتتۇرىدىسىكى مېھىر-مۇھەببەت تېما قىلىنغان، ئاپتور نېمە ئۈچۈن ماۋزۇدىكى «مۇھەببەت»نى «كۆرۈنمەس» دەپ سۈپەتلىگەن؟( 3نومۇر)
Vتاللاپ جاۋاب بېرىش سوئالى:( جەمئىي 20 نومۇر)
22-، 23- سوئاللاردىن خالىغان بىرىنى تاللاپ جاۋاب بېرىڭ. قايسى سوئالنى تاللىسىڭىز جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىدىكى شۇ سوئالنىڭ ماس ئۇچۇر نۇقتىسىنى بوياپ، ئاندىن جاۋاب يېزىڭ.
دىققەت: قايسى سوئالنى تاللىسىڭىز شۇ سوئالنىڭ تارماق سوئاللىرىغا جاۋاب يېزىڭ. تاللىمىغان سوئالنىڭ تارماقلىرىغا جاۋاب يازسىڭىز نومۇر بېرىلمەيدۇ.
ئەدەبىي ئەسەر قىسىمى
22. تۆەندە بېرىلگەن ئەسەرنى ئوقۇپ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.
تاللاش
ۋاڭ يىڭچۈن
بىر ناتونۇش ئاەمدىن كەلەەن پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۋېلىپ، ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بىر ئىش يادىمدىن كەچتى.
ئۇ كۈنى مەن بىر مەكتەپنىڭ ئېچىۋېتىلگەن كۈن پائالىيىتىگە قاتناشقىلى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم. مەكتەپتىن قايتىشتىن بۇرۇن بىر ئاتا-بالا ئالدىمنى توستى.
ئاتا ئاسلىدە ئوغلىنى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىنى، بىراق مېنىڭ تەنقىدىمنى ئاڭلىغاچقا، مەسلىھەتلىشىپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا راست گەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا، بالىنىڭ ئاتىسىغا كېتىپ تۇرۇشنى شەرەتلىدىم.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ ماتېماتىكا ۋەكىلى باشقا دەرسكە ، بولۇپمۇ ئىنگلىز تىلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدىكەن. شۇڭا 1-دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشماي، ئەركىن- ئازادە ئۆگىنىدىغان بۇ 3-دەرىجىلىك مەكتەپكە كەپتۇ.
- نېمىشقا 1-دەرىجىلىك مەكتەپكە بارمايسەن؟-سورىدىم مەن.
- ئىشەنچىم يوق. تېخىمۇ بەك تىرىشىپ تەكرار قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
- نېمە دەپ زېھنىڭنى ككپرەك تەكارار قىلىشقا قاراتمايسەن؟
ئەسلىدە بۇ بالا ھەددىدىن زىيادە توپ مەستانىسى ئىكەن، تەكرر ۋاقتىدا توپ مۇسابىقىسى كۆرىدىكەن...
مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ بولدۇم.
- سەن يەنە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باققىن، ھەر قېتىم توپ مۇسابىقىسى كۆرگەندە زادى نېمىنى كۆرىسەن؟- دەپ سورىدىم مەن.
- ئەلۋاتتە، ماھىرلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش ماھارىتى ۋە تەنتەنىسىنى.
- دۇرۇس! نېمىشقا ۋاقتىمىزنى باشقىلارنىڭ غەلبىسىنى كۆرۈشكە ئاجرىتىمىز؟ نېمىشقا ئۆزىمىزنىڭ غەلبىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەيمىز؟- دېدىم مەن سىرتتىكى كىشىلەر قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بىنانى كۆرسەتكەچ،-ئەگەر تاللاش ئىمكانىيىتى بولسا، سەنمۇ ئاشۇلاردەك قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولامسەن؟ نېمىشقا ئۇلار بۇ ئىشنى قىلىشقا رازى بولىدۇ؟-مەن بۇ بالىنىڭ ئويلىنىشىغا ۋاقىت بەرمەي سورىدىم، -ئويلاپ باقتىڭمۇ، زادى كىم بىر ئادەمنىڭ ئىشچى، باشقرۇغۇچى، ئىنژېنېر بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ؟ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى!
ئۇ سوئال نەزىرىدە ماڭ تىكىلدى.
- بىر ئادەمنىڭ خىزمەت تاللاش ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئوڭ يۆنىلىشتە بولىدۇ. دېمەكچى، پەقەت ئىنژېنېرلىق سالاھىتىگە ئىگە ئادەملا يۇقىرىقى ئۈچ خىل خىزمەت ئىچىدىن بىرنى تاللاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، ئۇنىڭ ئۇنۋانىنىڭ تۈرى ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ قىزىقىشى، كەسىپ تاللىشى ۋە تىرىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بالىلىقىمدا ساڭا ئوخشاش ماتېماتىكىغىلا قىزىقىدىغان بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئومۇمىي نەتىجىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۇدا ئىككى يىل ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىر ۋاز كېچىشكا مەجبۇر بولدى.
مەن بالىنىڭ قورقۇپ كەتكەن چىرايىنى كۆرمىگەنگە سېلىۋېلىپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم:
- ھېلىقى ساۋاقدىشىم ھازىر تاكسى شوپۇرى، ئۇنىڭ مېڭىسى پەقەت ھەر لېتىر بېنزىن بىلەن نەچچە كىلومېتىر يول يۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاشقا ئىشلەيدۇ...- گېپىم تېخى تۈگىمەستىن ھېلىقى بالا كەينىگە بۇرۇپلۇپلا يۈگۈردى.
- بالام، نەگە ئالدىرايسەن ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگىلى!
مانا بۈگۈن ئۇ بالىنىڭ دادىسى ماڭا ئەۋەتكەن پوچتا يوللانمىسىدا ئوغلىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، يەنە كېلىپ توپ مۇسابىقىسى كۆرۈشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىنى، ھازىر ئاللىقاچان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزگەنىدى.
1)تېكىست ھەققىدە توغرا ئېيتىلغان ئىككى تۈر: (4 نومۇر)
A. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئالقىشلاش، غەلبە مېۋىسىدىن زوقلىنىشمۇ گۈزەل پەزىلەت. ئەمما، ئەسەردىكى «مەن» نىڭ بالىغا قىلغان سۆزلىرىدە بالىنىڭ قەلبىگە شەخسىيەتچىلىك ئۇرۇقىنى چاچىدىغان پاسسىپ تەركىبلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
B. ئەسەردە بالا بىلەن «مەن » ئوتتۇرىسىدىكى مەكتەپ تاللاش سۆھبىتى تېما قىلىنىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاللاپ ئوقۇسا، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
C. ئەسەردىكى «مەن» نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ساۋاقدىشى - تاكسى شوپۇرىنى مىسالغا ئېلىشىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرەر پەننى ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ھەر قايسى پەنلەرنى ياخشى، ئەتراپلىق ئۆگىنىش زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.
D. ئەسەردىكى « مەن » نىڭ بالىغا قىلغان سۆزلىرىدىن «ھەر بىر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى» دېگەن يۈكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
E. ئسەردىكى «مەن» نىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى كۆرسىتىپ مىسال قىلىشىدىن ئۇنىڭ ئىشچىلارنى كەمسىتىش ، كۆزگە ئىلماسلىق خاھىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2) ئەسەردىكى «مەن» نىڭ «بىر ئادەمنىڭ ئىشچى، باشقۇرغۇچى، ئىنژېنىېر بولۇشىنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزى؟» دېگەن سۆزىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىر لەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىڭ. (5نومۇر)
3)ئەسەرنىڭ ئوقۇغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ غەلبىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرىۋەرمەي ئۆزىمىزنىڭ غەلبىسى ئۈستىدە ئويلىنىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟ (5 نومۇر)
4) ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى، قۇرۇلما ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى كونكرېت بايان قىلىپ بېقىڭ.(6 نومۇر)
قوللىنىش تىپىدىكى ئەسەر
23.تۆۋەندە بېرىلگەن ئەسەرنى ئوقۇپ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ.
جۇڭگو يېقىنقى زامان ئېلىم-پېنىنىڭ پىر ئۇستازى- شۈ گۇاڭچى
قەدىمدىن تارتىپ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن جۇڭگودا، دېھاقنچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىت ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن كىتابلار كۆپ ئەمەس. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈ گۇاڭچىنىڭ « دېھاقانچىلىق قامۇسى» نى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى دېھاقنچىلىق ئېنسكلوپېدىيىسى دېيىشكە بولىدۇ.
شۈ گۇاڭچى (1562 -1633 ) شاڭخەيدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى نامرات ئىدى. بىراق ئۇ ئەقىللىق ھەم تىرىشچان بولۇپ، بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن. بىر كۈنى بىر نەچچە ساۋاقدىشى ئۆزلىرىنىڭ غايىسى ئۈستىدە توختالغاندا، بەزىلىرى زەردار بولىدىانلىقىنى، بەزىلىرى دەرۋىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۈ گۇاڭچى بولسا « ئەلنى ئىدارە قىلىشتا دۇرۇس ئىشلارنى قولدىن بەرمەي، يامانلىقىتىن قول ئۈزۈش، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش» لازلىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كېيىنكى ئەگرى – توقاي ھاياتىدا ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
1600-يىلى شۈگۇاڭچى نەنجىڭدە ئىتالىيەلىك دىن تارقاتقۇچى لىمادۇ بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن غەربنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما ئۇ لىمادۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېۋكلىدنىڭ «گېئومېتىرىيە» ئاساسلىرى» نىڭ ئالتە قىسمىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدۇ. بۇنىڭغا جۇڭگو ۋە جەت ئەللەردىكى زاتلار ئىنتايى يۇقىرى باھار بېرىپ، « سۆز ئىبارىلىرى بەئەينى جاۋاھىرات، ئەزەلدىن ئەبەتكە ئۆلمەس ئەسەر » دەپ تەرىپلەيدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن 137 جلدلىق «چۇڭجېن كالېندارى» جۇڭگونىڭ ئاسترنومىيەلىك كالېندارچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. شۈگۇاڭچى شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ، غەربنىڭ سۇچىلىق ئىلمىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، «غەربنىڭ سۇچىلىق قائىدىلىرى»دىن ئالتە جىلدنى تەرجىمە قىلغان. شۈگۈاڭچىنىڭ خىزمەتلىرى غەربنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە يول ئاچقان، شۇڭا ئۇ جۇڭگو يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ پىر ئۇستازى دەپ ئاتالغان.
شۈ گۇاڭچى يەنە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىپ، دېھاقنچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى يەكۈنلەپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئۇ فۇجيەننىڭ تاتلىقياڭيۇسىنى شاڭخەيدە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ۋە تاتلىقياڭيۇ توغرىسدا» نى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە شىاملنىڭ سەۋزىسىنى شاڭخەيدە ئۆستۈرۈپ، «سەۋزە توغرىسىدا» نى يېزىپ چىقىدۇ. 1633-يىلى، شۈ گۇاڭچى ياشىنىپ يۇرتىغا قايتىپ پۈتۈن ھاياتىدا ئەجىر قىلىپ توپلىغان ماتېرىياللارنى رەتلەپ، 60 جىلدلىق « دېھقانچلىق قامۇسى»نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابتا جۇڭگونىڭ دېھقانچىلىق قوراللىرى، تۇپراق، سۇچىلىق، ئوغۇتلاش، ئۇرۇق تاللاش، ئۇلاقچىلىق قاتارلىق دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بولغاچقا، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ئىلمى ئەسىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار قەدىمكى زامان دېھقانچىلىق قامۇسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
شۈ گۇاڭچى خانىدانلىق سىياسىيسىنى يېڭىلاش ئىدىيەسىنى باشتىن – ئاخىر ئۇنتۇمايدۇ. ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئاستانىگە بېرىپ مەنسەپ تۇتىدۇ، بىراق، مەككار ئەمەلدار، ئەخمەق پادىشاھنىڭ چەتكە قېقىشى بىلەن ئاستانىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ مەنسەپ تۇتقان نەچچە ئون يىلدا باشتىن-ئاخىر پاك-دىيانەتلىك ئۆتىدۇ. كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن چېغىدا يېنىدىن 10 سەر كۈمۈشمۇ چىقمايدۇ.
1) تېكىست مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى تەھلىل ۋە چۈشەنچىلەردىن توغرا بولغان ئىككى تۈر: (4 نومۇر)
A. شۈ گۇاڭچى ئەينى ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىنىڭ زەردار بولۇش، دەرۋىش بولۇش دېگىنىدەك تۇرمۇش غايىلىرىنى «ھاياتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈش» دەپ قاراپ، ئۇلارغا قارشى يولدا ماڭغان.
B. شۈ گۈاڭچى شىمالنىڭ تاتلىقياڭيۇسى ۋە سەۋزىسىنى شاڭخەي ۋە فۇجيەنلەردە ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، «تاتلىقياڭيۇ توغرىسىدا» ، « سەۋزە  توغرىسىدا» دېگەن چىلدلىق كىتاب يازغان.
C. شۈ گۇاڭچىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە تەرجىمە خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگونىڭ غەربنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە يول ئاچقان.
D. شۈگۇاڭچى يېزىپ چىققان «دېھقانچىلىق قامۇسى» جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ئىلمى ئەسىرى، دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار قەدىمكى زامان دېھقانچىلىق قامۇسلىرىنىڭ بىرىدۇر.
E. شۈ گۇاڭچى مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانىدانلىق سىياسىتىگە قىلچىمۇ قىزىقمىغان، ئىلىم-پەننى ئەلا بىلىپ، ئاستانىدىكى خىزمىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان.
2) شۈ گۇاڭچىنىڭ غەربنىڭ ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولغان؟ ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى قايسىلار؟ (5 نومۇر)
3) شۈ گۇاڭچىنى جۇڭگو يېقىنقى زامان ئېلىم-پېنىنىڭ پىر ئۇستازى دېيىشىمىزدىكى ئاساسلار قايسى؟ ( 5 نومۇر)
4) ئەسەردە شۈ گۇاڭچىنىڭ تەرجىمىھالى تەپسىلىي يېزىلمىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېسىل ئىنسانىي پەزىلىتى بىر قانچە جەھەتتىن ئىپادىلەنگەن. تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنچىڭىزنى يېزىڭ. (6 نومۇر)
VI يېزىقچىلىق سوئالى: ( 55 نومۇر)
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا سىز سىنىپ كوللېكتىپى ئىچىدە چوقۇم ئەستىن چىقماس گۈزەل چاغلارنى ئۆتكۈزدىڭىز، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئېرىشتىڭىز. ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاق ئۆگەندىڭىز، ئۆزئارا يارىدەملەشتىڭىز، رىغبەتلەندۈرۈشتىڭىز، گاھىدا كۆڭۈلسىز رىقابەتلەشتىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە ھەمرا بولدى.
مەلۇم ئورگان «ساۋاقداشلار مۇناسىۋېتى» دېگەن مەسىلە ھەققىدە بىر قانچە مەكتەپتە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە %60 ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىق مۇناسىۋېتىدىن  مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ، %36 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى، %4 ئوقۇغۇچى مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئەگەر ساۋاقداشلار مۇناسىۋېتىدە يىرىكلىشىش كۆرۈلسە ، نېمە سەۋەب بولىدۇ؟ بەزىلەر زىيادە شەخسىيەتچىلىكتىن، بەزىلەر شەخسىي قىزىقىش ۋە خاراكتېرنىڭ ماس كەلمەسلىكىدىن، يەنە بەزىلەر رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىدىن كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ساۋاقداشلار ئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئىناق كەيپىيات يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نىسپەتەن %72 ئوقۇغۇچى كۈچلۈك ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، چۈشىنىش ۋە كەڭ قوساق بولۇش، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باشقىلارنى ئويلاش مۇناسىۋەتنى تېىخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىغان.
تەلەپ:
1) ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسى ئېنىق، مەزمۇنى ساغلام بولۇشى كېرەك. ماۋزۇنى ئۆزىڭىز قويۇڭ، ژانىرىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ.(شېئىر يېزىشقا بولمايدۇ)
2)ئەسىرىڭىز ماتېرىيالدا ئىپادىلەنگەن پىكىر يۆنىلىشىنى چىقىش قىلسۇن.
3) ماتېرىيالدا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ماتېرىيالنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
4)سالاھىتىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇلارنى     XXXX    بىلەن ئىپادىلەڭ.
5)خېتىڭىز چىرايلىق، ئىملاسى توغرا، تىنىش بەلگىلەر مۇۋاپىق قويۇلغان بولسۇن، ئابزاسلار ئېنىق ئايرىلغان بولسۇن. ھەجىمى ئىككى بەتتىن كەم بولمىسۇن.

2013-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان سوئالىنىڭ پايدىلىنىش جاۋابلىرى
تىل-ئەدەبىيات
  I   جاۋابىنى تاللاڭ: (ھەر بىر تارماق سوئالغا 3دىن، جەمئىي 30نومۇر بېرىلىدۇ)

1    2    3    4    5    6    7    8    9    10      
B    D    A    A    C    D    C    C    D    B    
II بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.(10نومۇر)
11. 1)① غەزەل   ② ھەزەج     ③ ياردەمچى سۆز (تىركەلمە)
12. ④لىرىكا      ⑤ پېئىل
13. ⑥ ئەپسانە     ⑦ رىۋايەت
14. 1) ⑧ جانلاندۇرۇش (ئادەملەشتۈرۈش)    ⑨ئۈچىنچى
  2) ⑩ «پايدىلىق شارائىت ۋە پۇرسەت ئادەمگە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ» ياكى «پايدىلىق شارائىت ۋە پۇرسەتلەرنى ئىگىلىگۈچىلەر كۈچلۈكلەرگە ئايلىنىدۇ».
III كۆنۈكمە ئىشلەش سوئالى: (18نومۇر)
15. (2نومۇر)
تۆۋەندىكى كلاسسىك شېئىرلاردىن ئېلىنغان پارچىلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى يېزىڭ.(ھەر بىر تارماققا 2 دىن 4 نومۇر)
① ناتىق كىشى بەك ئۇزۇن سۆز قىلمايدۇ،
② ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا سۆزلەش كېرەك.
16. (4نومۇر)
1) ①ئۆلۈم پەستە قېلىش، كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
② چىدام-غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەردەم يادىمدا.
2) ئويماق تۇتقان ئاناڭ قالسۇن.
3)يولۇڭنىڭ توغرىلىقىغا قارا.
17. ( 3نومۇر) ئۈلگە:
ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتنىڭ توقۇمىچىلىك بىر پارچە يىرتىق كىگىز سېلىقلىق تۇراتتى، كىگىز يەرگە چاپلىشىپ كېتىپتۇ، ئەتىمالىم، بۇرۇن ئاق بولسا كېرەك، سۈپۈرگە تەگمىگەچكە، چاڭ-تۇزان دەستىدىن قارامتۇل رەڭگە كىرىپ قالغانىدى. ئۆينىڭ توغرا كەلگەن يېرىدە ئۆي سايمانلىرى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ چېچىلىپ ياتاتتى.
18. (5 نومۇر)
1)ئۈلگە:
ئاپام ھويلىدىكى توخۇلارغا دان چېچىۋاتتى. (تۈپ سۆز)
يېزىمىز بۇ يىل دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئالدى. (ياسالما سۆز)
دادام يېڭى چايدان سېتىۋالدى. (ياسالما سۆز)
2) ئۈلگە:
غايە خۇددى كېمىگە ئوخشايدۇ، ئۇ چەكسىز ئوكياننى كېزىپ، ئادەمنى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتكۈزەلەيدۇ.
غايە خۇددى ئېگىز چوققىغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئادەمگە جاسارەت ئاتا قىلىپ، بۈيۈكلۈككە ئۈندەيدۇ.
19. (4 نومۇر)
رەسىم تامچە، ئالىقان (يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا ئېقىن) ۋە يۇمىلاق شەكىلدىن تەشكىل تاپقان. بۇ يۇمىلاق شەكىل يەر شارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئالىقاندىكى سۇ تامچىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر تېمىم سۇنىمۇ تېجىشىگە، ئالىقان دەريا ئېقىنغا ۋەكىللىك قىلىنىپ، بىر تېمىم سۇدىن دەريا ھاسىل بولىدىغانلىقىغا، سۇ تېجەشنىڭ يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
IV تەھلىل قىلىش سوئالى: (17 نومۇر)
20. (7 نومۇر)
1)زوردۇن سابىرنىڭ «دولان ياشلىرى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان.
2)كەنجى ئەسلىدە ئاقكۆڭۈل، ئەمگەكچان، كۆيۈمچان... بالا بولسىمۇ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى ساختا ئەقىدىلەر ۋە سول لۇشيەننىڭ خاتا يېتەكلىشى بىلەن مىللىي سەنئەتنى، سەنئەتكارلارنى ئۆچ كۆرىدىغان، مىللىي مەدەنىيەت-سەنئەتنى «سېرىق نەرسە» دەپ قارايدىغان «ئىنكارچىلىق» تەبىئىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئۇسۇل ئوينىشى ئانىغا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. شۇڭا ئانا ئوغلىنىڭ بۇ خىل كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشىدىن قورقۇپ يەرلىك كونا ئادەت بويىچە ھۈرگىلى تۇرىدۇ.
3) بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى فولكلور ئادىتىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. مەنىۋى فولكلور ماددىي فولكلور بىلەن ئىجتىمائىي فولكلور ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر قىسىم ئاڭ فورمىسى جەھەتتىكى ئادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
20. (10 نومۇر)
1) «كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى»، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بالىغا بولغان ئەڭ ساپ، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتى، مېھىرىبانلىقى، كۆيۈنۈشى تەبئىي ھالدا ئانىنىڭ كۆزىدە ئەكس ئەتكەن. بۇ خىل مۇھەببەت «مەن»گە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئاشكارلىغان. شۇڭا، «مەن» شۇنداق دەيدۇ.
2) ئانىنىڭ مۇددىئاسى –ئەما ئوغلىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، بالىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، بالىغا ئۆزىنى ساغلام ئادەملەردەك ھېس قىلدۇرۇش.
3)ئەسەرنىڭ بېشىدىكى مۇھىت تەسۋىرىدە ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن «مەن»نىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئاخىرىدىكى مۇھىت تەسۋىرىدە «مەن»نىڭ ئانا-بالا مۇھەببىتىدىن مەمنۇن بولۇش، ئۇلارنىڭ غەلبىسىدىن خۇشال بولۇش سەۋەبىدىن «مەن» دە پەيدا بولغان ھېسداشلىق، رازىمەنلىك، خاتىرجەملىك، ئۈمىدۋارلىق، ئىشەنچ ۋە قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
4) ئەسەردە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن «مۇھەببەت» دېگەن سۆز بىۋاستە تىلغا ئېلىنمىغان. ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى دۇنيادىكى ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ مۇھەببەت. بۇ مۇھەببەتنى پەقەت ئانا بولغۇچىلارلا چىن مەنىسىدىن ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ ۋە بىلىدۇ. ئۇنى تۇتقىلى، كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئانا قەلبىدە مەڭگۈ مەۋجۇت. شۇڭا ئاپتۇر «مۇھەببەت» نى «كۆرۈنمەس»دەپ سۈپەتلىگەن.
Vتاللاپ جاۋاب بېرىش سوئالى:( 20 نومۇر)
22. 1) C، D
2) ھەر بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ. كونىلاردا «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بىر ئادەمنىڭ ھايات سەھنىسىدە قانداق رول ئېلىشى، جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش-قىلىنماسلىقى، تېگىشلىك قەدىر-قىممەتكە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە يەنى ئۇنىڭ غايىسى، ئىرادىسى، تىرىشچانلىقى ۋە تۆلىگەن بەدىلىگە باغلىق بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان ئىلگىرىلەش روھى، تىرىشچانلىقى ۋە غايىسى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتى شۇ ئادەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.
3)باشقىلارنىڭ غەلبە مېۋىسىنى ئالقىشلاش، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىشمۇ بىر خىل گۈزەل پەزىلەت. شۇنداقلا كەڭ قورساقلىق، شەخسىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. ئەمما تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ غەلىبە مېۋىسىدىن زوقلانغۇچى بولۇپلا ياشاش ئادەمنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆزلۈك ئېڭىنى خورىتىدۇ. شۇڭا، باشقىلارغا چاۋاك ياغدۇرۇش بىلەنلا بولۇپ قالماي، مۇھىمى ئۆزىمىزنىڭ غەلبىسى ئۈستىدىمۇ كۆپرەك ئويلىنىشىمىز زۆرۈر. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بولۇشى، ئۆزىنى چۈشىنىشى، ئۆزىنى تونۇشى، ئۆزىنىڭ غايىسى... ئۈچۈن ئويلىنىشى ۋە تىرشىشى ئۆز مەۋجۇدلۇقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇڭا، ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى ئادەمىيلىك قىممىتىنى نۇرلاندۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.
4) ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى: ژانىرى ھېكايە. چۈنكى بۇ ئەسەردە تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئارقىلىق، كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇن چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن.
قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى: ئەسەرنىڭ باش-ئاخىرى زىچ ماسلاشقان، سۇژىت بۆلەكلىرى ئېنىق ئايرىلغان، ئەسەر ۋەقەلىكى چېكىنمە بايان ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان.
تىل ئالاھىدىلىكى: ئەسەر بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان. ئەسەر ئارتۇقچە بايان، تەسۋىرلەردىن خالىي. ئاپتۇر تىلى بىلەن پېرسوناژ تىلى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. ئەسەر تىلى تاللانغان. چۈشىنىشلىك. پېرسوناژ تىلىدا پاكىت ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۇسۇلى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن.
23. 1) C،  D
2) شۈ گۇاڭچى 1600-يىلى نەنجىڭدە ئىتالىيەلىك دىن تارقاتقۇچى لىمادۇ بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن غەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ ئىش شۈ گۇاڭچىنىڭ غەربنىڭ ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇ لىمادۇ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىۋكلىدنىڭ «گېيومېتىرىيە ئاساسلىرى»نىڭ ئالتە قىسمىنى تەرجىمە قىلىدۇ. جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بۇ ئەسەرگە «ئەبەدىلئەبەدكە ئۆلمەس ئەسەر» دەپ ئىنتايىن يۇقىرى باھا بېرىدۇ. شۈ گۇاڭچى يەنە «غەربنىڭ سۇچىلىق قائىدىلىرى»نىڭ ئالتە جىلدىنى تەرجىمە قىلىدۇ. شۈ گۇاڭچىنىڭ بۇ خىزمەتلىرى جۇڭگونىڭ غەربنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە يول ئاچىدۇ.
3) شۈ گۇاڭچى غەربنىڭ پەن-تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ ھەم «گېيومېتىرىيە ئاساسلىرى»، «غەربنىڭ سۇچىلىق قائىدىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەرب ئىلىم-پېنىنى ئۆگىنىشىگە يول ئاچقان. ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن 137 جىلدلىق «چوڭجېن كالېندارى» جۇڭگونىڭ ئاسترونومىيەلىك كالېندارچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. شۈ گۇاڭچى يەنە ئۆزى دېھقانچىلىق ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى يەكۈنلەپ، «تاتلىقياڭيۇ توغرىسىدا» ۋە «سەۋزە توغرىسىدا» دېگەن ئەسەرلەرنى يازغان، قالغانلىقىغا قارىماي، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم دېھقانچىلىق ئەسىرى ھېسابلانغان «دېھقانچىلىق قامۇسى» نى يېزىپ چىققان. شۇڭا ئۇ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ پىر ئۇستازى دەپ ئاتالغان.
4) شۈ گۇاڭچى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولۇپ، «ئەلنى ئىدارە قىلىشتا دۇرۇس ئىشلارنى قولدىن بەرمەي، يامانلىقتىن قول ئۈزۈش، ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش»تەك بيۈك غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە ئەگرى-توقاي ھاياتىدا بالىلىق ۋاقتىدىكى شۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۈ گۇاڭچى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى قىزغىن سۆيۈپ ئۆگەنگەن ۋە غەربنىڭ ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ زور شەرەپ قازانغان. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا ئەجىر قىلىپ توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، 60 جىلدلىق «دېھقانچىلىق قامۇسى»نى يېزىپ چىققان، شۈ گۇاڭچى ئاستانىدا مەنسەپ تۇتقان نەچچە ئون يىلدا باشتىن-ئاخىر پاك-دىيانەتلىك ياشىغان.
VI يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنداڭ:(55 نومۇر)
24. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ماقالىلىرىگە ئەستايىدىل، ئىلمىي باھا بېرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى پايدىلىنىش كۆرسەتمىسى بېرىلدى:

دەرىجە    1-دەرىجە19-24    2-دەرىجە 13-18    3-دەرىجە7-12    4-دەرىجە0-6      
ئاساسىيخاراكتېرلىكدەرىجەنومۇر     مەزمۇن ن24 نومۇر    مەزمۇنى ماتېرىيال بىلەن زىچ ماسلاشقان، مەركىزى ئىدىيىسى گەۋدىلىك، مەزمۇنى مول، ھېسسىياتى چىن.     مەزمۇنى بىلەن ماتېرىيال ماسلاشقان، مەركىزى ئىدىيىسى بىر قەدەر گەۋدىلىك. ھېسسىياتى چىن.     مەزمۇنى ماتېرىيال بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشقان، مەركىزى ئىدىيىسى ئاساسەن ئېنىق ۋە ساغلام، ھېسسىياتى ئاساسىي جەھەتتىن چىن.     مەزمۇنى ماتېرىيالدىن چەتنەپ كەتكەن، مەركىزى ئىدىيىسى ئېنىق ئەمەس، ئىدىيەسى ساغلام ئەمەس، ھېسسىياتى چىن ئەمەس.        
     ئىپادىلەشنومۇر     1-دەرىجە19-25    2-دەرىجە 13-18    3-دەرىجە7-12    4-دەرىجە0-6      
          قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئابزاس، بۆلەكلىرى ئېنىق ئايرىلغان، تىلى راۋان، خېتى چىرايلىق، شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلىگەن    قۇرۇلمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل، ئابزاس، بۆلەكلىرى ئېنىق ئايرىلغان، تىلى بىر قەدەر راۋان، خېتى رەتلىك، يازغىنى شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلىگەن.    قۇرۇلمىسى ئاساسەن مۇكەممەل، ئابزاس، بۆلەكلىرى بىر قەدەر ئېنىق ئايرىلغان، تىلى ئاساسەن راۋان، خېتى ئېنىق، يازغىنى ژانىر تەلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇن.    قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق، ئابزاس، بۆلەكلىرى ئېنىق ئايرىلمىغان، سۆز، جۈملىلىرى جايىدا ئىشلىتىلمىگەن، خېتى سەت، يازغىنى ژانىر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن      
ئالاھىدەدەرىجەنومۇر     1-دەرىجە 4-6    2-دەرىجە 2-3    3-دەرىجە          
     قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، ئىجادچانلىققا ۋە كۈچلۈك خاھىشچانلىققا ئىگە، ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتكە يەتكەن، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تەسۋىرلەشكە ماھىر.    قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، بىر قەدەر ئىجادچانلىققا ئىگە، ماھىيەتنى چىڭ تۇتقان، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ تەسۋىرلەشكە  بىر قەدەر ماھىر.    يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى، ماھىيەتنى تولۇق ئېچىپ بەرگەن، ئىجادچانلىققا ئىگە، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانغان.        
دەرىجىگە بۆلۈپ نومۇر قويۇش پايدىلانمىسى

ماقالىنىڭ ماۋزۇسى قويۇلمىغان بولسا 4 نومۇر، ئەسەر ژانىرى ئەسكەرتىلمىگەن بولسا 2نومۇر ،تولۇق يېزىلمىغان بولسا، تولۇق يېزىلمىغان ھەر يېرىم بەت ئۈچۈن 3 تىن نومۇر تارتىلىدۇ.



ياسىنجان510 2014-01-05 18:56
ئەجرىڭىزگە باركاللا،بۇ سوئالنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.

ئەكبەرنىياز 2014-01-05 19:49
ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز ، سۇئال قۇرۇلمىسىنى ۋە بىر قىسىم مۇنازىرىلىشىدىغان نۇقتىلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ ئورتاقلاشساق بەكمۇ قولايلىق بولغۇدەك ، بەلكىم بۇ بۇيىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى چىقىشى ئۈچۈن مەلۇم ئاساس سېلىشى مۇمكىن . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

akqolpan 2014-01-06 11:05
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز. رەخمەت سىزگە.

ئەقىدە 2014-01-06 19:01
رەھمەت سىزگە .

maaripqi 2014-01-09 22:45
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

dolan0997 2014-01-10 10:33
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مەن ئېھتىياجلىق ئىدىم مۇشۇ سوئالغا. كەسىپداشلار 2012-، 2011-يىلىنىڭكىنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ؟


查看完整版本: [-- 2013-يىللىق ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled