查看完整版本: [-- كۈندىلىك  تۇرمۇشتا دىققەت  قىلىپ قويۇڭ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> كۈندىلىك  تۇرمۇشتا دىققەت  قىلىپ قويۇڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursungul 2014-01-03 17:08

كۈندىلىك  تۇرمۇشتا دىققەت  قىلىپ قويۇڭ

كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلار              
1.    ئۇزۇن مۇددەت گۆشسىز غىزالانماڭ،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2.    دائىم ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىڭ،راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
3.    تىلىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ،چۈنكى   ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى تىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.    قىزىپ قالغاندا چاي ئىچمەڭ،چۈنكى چاي تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ ،ئىچكەن دورىنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
5.    سول قولىڭىزنى كۆپراق ئىشلىتىڭ ،سەكتە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
6.    سوغۇق سۇدا كۆزىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ،كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ياخشىلىنىدۇ.
7.    چاي ئىچىپ بېرىڭ،چۈنكى چاي تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىنلار  مول بولۇپ ،ئۇلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8.    ئالمىنى كۆپ يەپ بېرىڭ،ئالما ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
9.    پات-پات پەمىدۇر يەپ بېرىڭ ،پەمىدۇر راكقا قارشى تۇرالايدىغان ياخشى كۆكتاتتۇر.
10.    زۇكام بولۇپ قالغاندا قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىڭ،بولمىسا ھەزىم قىلىش يوللىرىڭىزدا يارا پەيدا بولىدۇ.
11.    ئىمكان بار بولسا چوڭ ئوپېراتسىيەدىن ساقلىنىڭ ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىز.
12.      تاماكىنى ئاز چېكىڭ،بىر تال تاماكا   ئۆمرىڭىزنى 11 مىنۇت قىسقارتىۋېتىدۇ.
13.     يانفۇننى ھەمىشە يېنىڭىزدا ساقلىماڭ ،بولمىسا مېڭە ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ.
14.    ئەينەككە قاراپ كۈلۇپ بېرىڭ،بۇ ئۇسۇل نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالايدۇ.
15.    ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىڭ،بولمىسا ئاسانلا رېماتىزىم بولۇپ قالىسىز.
16.    چايدا ئېغىزىڭىزنى چايقاپ بېرىڭ،چۈنكى چاينىڭ ئېغىزنى تازىلاش رولى ئادەتتىكى سۇدىن خەلى  كۈچلۈك.
17.    ئالتۇننى ئېغىزىڭىزغا  سېلىپ بېرىڭ،ئالتۇن ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ.
18.    قول بارماقلىرىڭىزنى  داۋاملىق ھەركەتلەندۈرۈپ بېرىڭ،مېڭىڭىزنى ساغلاملاشتۇرۇشقا  پايدىلىق.
19.    كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ بېرىڭ،ئورۇقلايسىز.
20.     ئاياللار گىرىم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ  ،ئېممۇنىتىت    كۈچىڭىزنى ئاشۇرالايسىز.

گۈلنىھال 2014-01-03 17:42
ياخشڭ ماتىرىيالكەن ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن ، رەھمەت !

ozqan 2014-01-03 18:10
ياخشى ماتىريالكەن ، رەھمەت ، ئوقۇپ تۇرساق بولغۇدەك .

كىتابنى جىق ئوقۇپ بېرىڭ ، ئورۇقلايسىز . دېگەننى ئانچە چۈشەنمىدىم ، مېڭە ئىشلەتكەچ ئورۇقلامدۇ -يا ؟

ياسىنجان510 2014-01-03 21:37
ناھايىتى زۆرۈر تۇرمۇش بىلىملىرى ئىكەن ،يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.

مىېھرىما 2014-01-03 22:16
ياخشى ماتريالكەن رەھمەت سىزگە

ئىمام 2014-01-04 20:22
4.    قىزىپ قالغاندا چاي ئىچمەڭ،چۈنكى چاي تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ ،ئىچكەن دورىنىڭ رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
7.    چاي ئىچىپ بېرىڭ،چۈنكى چاي تەركىبىدە كۆپ خىل ۋېتامىنلار  مول بولۇپ ،ئۇلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
13.     يانفۇننى ھەمىشە يېنىڭىزدا ساقلىماڭ ،بولمىسا مېڭە ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ.
19.    كىتاپنى كۆپ ئوقۇپ بېرىڭ،ئورۇقلايسىز.
         بۇلار جانغا ئەسقاتقۇدەك بىلىملەركەن،سىزگە كۆپ رەخمەت......

ئەكبەرنىياز 2014-01-05 21:35
12.      تاماكىنى ئاز چېكىڭ،بىر تال تاماكا   ئۆمرىڭىزنى 11 مىنۇت قىسقارتىۋېتىدۇ.
13.     يانفۇننى ھەمىشە يېنىڭىزدا ساقلىماڭ ،بولمىسا مېڭە ئۆسمىسى پەيدا قىلىدۇ.
14.    ئەينەككە قاراپ كۈلۇپ بېرىڭ،بۇ ئۇسۇل نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالايدۇ.
بۇ ئۈچ تۈرنى ھەقىقەتەن ئوقۇپ تۇرسام بولغۇدەك ، كۆپ رەھمەت !!!

سەئىدىيە 2014-01-10 23:06
   سول قولىڭىزنى كۆپراق ئىشلىتىڭ ،سەكتە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
6.    سوغۇق سۇدا كۆزىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ،كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ياخشىلىنىدۇ.
ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاز كىيىڭ،بولمىسا ئاسانلا رېماتىزىم بولۇپ قالىسىز
ئاياللار گىرىم قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ  ،ئېممۇنىتىت    كۈچىڭىزنى ئاشۇرالايسىز.
  


بۇ مەزمۇنلارنى ھەقىقەتەن سىناپ باقساق بولغۇدەك .
ساغلاملىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ، ھەم سىزمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز .   سالامەت بولۇڭ .



ئائىشە324 2014-01-13 16:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنگۈل،ئۆيىڭىزدىكىلەر ھەممىسى ياخىش تۇرىۋاتامدۇ؟........                          شۇنداق ياخشى مەزمونلارنى يوللاپسىز!رەھمەت سىزگە. ياخىشى مەزمونلارنى داۋاملىق يوللاپ تورغايسىز....

مەرىپەت0999 2014-01-13 16:19
15-نومۇرنى ئوقۇپ قورقۇپ كەتتىم.چۈنكى بويۇم پاكار بولغاچقا 360 كۈننىڭ ھەممىسىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيەتتىم،پاكار پاشنىلىق ئاياق كىيسەم  كەينىمگە داجىغاندەك بولۇپ قالىمەن،قانداق قىلارمەن -ئەمدى؟؟!!!


查看完整版本: [-- كۈندىلىك  تۇرمۇشتا دىققەت  قىلىپ قويۇڭ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled