查看完整版本: [-- تاغدىكى ھەسىرەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> تاغدىكى ھەسىرەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەرق 2014-01-02 15:28

تاغدىكى ھەسىرەت

-تاڭ @uI_4a  
مىلتىق ئاۋازى جىرالارنى لەرزىگە كەلتۈردى.. قەيەردىندۇر پالاقشىپ ئۇچقان كەكلىكلەر، قەيەردىندۇر ئەنسىز ھۇۋلىغان بۆرە ئاۋازى، بۇ تاغنىڭ ۋەھىمىسنى تېخمۇ پەلىگە كۆتەردى. 2*1s(Jro  
يالغۇز ئاياق يۇلنىڭ بىقىندىكى قۇرام تاش تۆۋىدە ئولجسنى كۆتۈپ ياتقان ئۆۋچىنىڭ تەپكىنى بېسىشى بىلەن ئېتلىپ چىققان ئۇق ئۇغلىقىنى ئەگەشتۈرۈپ غەمسىز كېتىپ بارغان تاغ ئۆچكىسنى ساي تەرپكە مۇللاق ئاتقۇزدى. y:8*!}fR  
-بەللى، جايىدا بۇلدى. تارتقان جاپالىرىمغا چوشلۇق ئىش بۇلدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتى. بۇ پىچىرلاش قار كېتىپ، تەبىئەت ئۇيغۇنۋاتقان، تاغۇ-دالىلار ئەمدىلا ياشىرۋاتقان، ئەتيازنىڭ غۇر-غۇر شامىلى تۇلا چىقىدىغان ۋاقىت بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىدى.بىراق ئۇۋىچى دېگەن ئەتىياز كۈنلىرى تاغقا چىقىپ ئۇۋا قىلشنى يامان دەپ بىلەتتى. بۇنداق چاغلاردا جانۋارلار قۇزىلايتى. بالىلىرنى ئەگەشتۇرۇپ ھاياتلىق ئۈچۈن تىپىرلايتى. يېڭىدىن ئايىقى چىققان جانۋارلار ئانىسنىڭ پەپلىشگە مۇھتاج ئىدىئۇزۇن قىشنىڭ جۇدۇن-چاپقۇنلىردىن ئامان چىققان بولسمۇ تېنى ئۇرۇق، ئاجىز بۇلاتتى. ھېچكىم ئۇلارغا ئۇق چىقىرشنى خالىمايىتى. ئۇق چىقىرىش ئۇۋىچىلارنىڭ ئۇغۇل بالىلىقىغا، قەدىمىدىن تارتىپ كېلۋاتقان .ئۇۋا ئەنئەنسىگە ئۇيغۇن بۇلماي قالاتتى. qZ7/d,w  
بىراق ئۇۋىچى ئەتيازنىڭ سىرىقتال مەزىگىلىدە يىراقتا قارىيىپ كۆرنگەن مەھەللىسىدىن تاغقا چىقىپ ئۇۋا كەينىدە تىمسىقلاپ يۈرگىلى خىلى بۇلغان ئىدى. ` `R;x  
-ھەي ، مەندە ئامال يۇق. مېنىڭ خاتا بۇلدى. خاتا بۇلغىنى بىلمەن كەچۈرگىن. ئۇ قۇلىدا سىقمىداپ تۇتۇپ تۇرغان مېلتىققا سوغۇق نەزەر بىلەن قارىدى. مېلتىق ئۇنىڭغا تونۇش ئىدى. ھىلىقى يىللاردا، ھەممە كىشنىڭ ئۆيىدە مېلتىق بار چاغلاردا ئۇ دادىسدىن يۈشۈرنىچەمېلتقىنى ئېلىپ چىقىپ تاغ-دالىلاردا مېلتىقىنىڭ خۇشاللىقىدا ھەممىنى ئۇ نتۇيتى. كېيىن دادىسى ئۆزى ئۇنى ئەگەشتۇرۇپ ئاشۇ تاغلاردا مېلتىق ئېتىشنى ۋايغا يەتكۈزۈپ ئۆگەتتى. تۇنجى قېتىم سايدا چېپپىپ كېتۋاتقان جەرەننى بىر پاي ئۇقتا دۇملىتىپ يىقىتقاندا ئۆزنى تېخمۇ مەغرۇر ھىس قىلغان ئىدى. L?n*b  
لىكىن دادىسى ھىچقاچان ئۇۋا قىلىش ئۈچۈن ئەتىياز كۈنلىرى بۇ تاغقا ئېلىپ چىقمايتى. #ab=]}2W_g  
- بالام ئىسڭىدە بۇلسۇن سۇ ئىچۋاتقان، بالسنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىپ بارغان، دەم ئېلىپ ياتقان، ياردار بولۇپ قالغان، يالغۇز كېتىپ بارغان ھەر قانداق جانۋارغا ئۇق چىقارما بۇنى قۇلقىڭىدا چىڭ تۈت دەيتى. x1kb]0s<-  
يىللار ئۆتۈپ يىقىنىقى يىللارغا كەلگەندە ھۆكمەت ئائىللەردىكى مېلتىقلارنى يىغۋالدى. ئۇۋا قىلشنى چەكلىدى. تاغلار مېلتىقنىڭ ياڭراق ئاۋازنى، ئۇۋىچىلار ياغقان گۈلغان ئوتلىرنى. تاغۇ-تاشلارنى تىتىرەتكۈدەك چۇقانلىرنى ئونتۇپلا كەتكەن ئىدى. &` u 
-ھەي ئىسىت، نېمە قىلىپ قۇيدۇم. بالىسنى ئەگەشتۇرۇپ كېتىپ بارغان ئانىغا ئۇق چىقىرشنى نامەرىتنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى دادام قۇلىقمىغا قۇيۋەتكەن ئىدىغۇ ! مەن نېمە قىلىپ قۇيدۇم؟ n(b(H`1n  
ھەي ئامالسىزلىق. مەندە ئامال يۇق. ?1('s0s\,  
-ھەئە، ئۇ بۇ تاغلاردا ئۇۋا كەينىدە پالاقشىپ يۈرمىگىلى ئۇزاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. نېمىسنى دەيسىز تۇرمۇش ھەلكچىلىكى ئۇنى ئكيى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرشكە، بالىلىرنىڭ كەينىدە ئانا قۇشتەك باغىرنى ئىچىپ يۈرشكە، ھاياتنىڭ ئاچىچىق-چۈچىكلىرنى تىتىپ يۈرشكە ۋاقىتى ئاران يېتەتتى. & ;+u.X  
يەنە كىچىك ئۇغىلنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشش مەسلىسى ئۇنىڭ بېشنى قاتتۇردى. يۇلۇقمىغان، يالۋۇرمىغان ئادىمى قالمىدى. ئىشكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا كەلگەندە چىڭ يېپىۋىتلگەن ئىدى. _e=R[  
بىراق ئەقىللىق ئادەملەر ئۇچىراپ تۈردىكەن. ئەقىلنى ياخشى ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلمىسمۇ، باشقىلارغا باشقىچە يۇل كۆرستىشكە ئىشلتىدىكەن. EIwTx:{F  
- پالانچىغا يولۇق. ئۇنىڭ ئىپى بار. ئىشلىرىڭ ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۇ ئەقىل كۆرسەتتى. ئۇ دېگەن ئادەمگە يۇلۇقىتى. سىمىزلىكمۇ ئادەمگە يارىشمدۇ. ياكى كۆزىگە شۇنداق كۆرىندىمۇ. كېلشكەن ئادەم ئۇنى سىلىق سۆز بىلەن كۆتۋالدى. بالسنىڭ ئىشنى ئاڭلغاندا. بىر ئامال قىلىپ باقاي دېگەندىن باشقا گەپ دېمىدى. چىرايلىق پىكاپقا چۈشۈپ نەلەرگىدۇر كېتىپ قالدى. )dJaF#6j  
بىر نەچچە قېتىم يىلىندى. ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭغا يۇل كۆرسەتتى. ` =!&9o  
-باشلىققا تاغ ئۆچكىسنىڭ گۈشى دۇرا بولۇپ قاپتۇ. سېنىڭ ئۇۋىچى  سەھرا ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى ئىيتقان. شۇڭا ئامال قىلىپ باقساڭ. 5o5y3ibQ  
تۇۋا مۇشۇ كۈنلەردەتۇققۇزى تەل ئادەملەر ئەمدى پولغا بازاردىن سېتىپ ئالمايدىغان ھۆكمەت چەكلەپ تۇردىغان نەرسلەرگە ئامراق بولۇپ كەتكەنمىكىن. ZgLO[Bj  
-مەن ئامال قىلىپ باقاي.ئامالنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋال ئۇيلايدىغىنىڭ مېلتىق ئىدى. مېلتىق تېپلغاندىن كېيىن كىلشكەن كىشىگە تاغ ئكچكىسنىڭ ەۈشنى يەتكۈزۇپ بېرەلەيتىڭ. Z xLjh  
-ۋاي ئىسىت. ئۇۋىچى چاتقال تۆۋىدە قانغا مىلىنىپ سۈنەيلىنىپ ياتقان تاغ ئۆچكىسنىڭ يېنىغا كەلگەندە پىغان بىلەن بۇ گپنى يۈرىكىدىن چىقاردى. نىرىدا بۇلسا ھېچىنمىدىن خەۋەرسىز ئۇغلاق غەمسىز يۈرەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىردىن بالىلىق نۇر ئەلەڭلەيتتى. tgDmHxB]0  
ئۇنىڭ مېلتىق تۇتقان قۇللىرى تىتىرىدى. ھەسىرەت يۈرىكىنى قاپساپ كېلەتتى. تاغلار پىقىرايتى. ئۇ ئەنئەنىگە، دادىسنىڭ ئۆگۈتلىرىگە، تەبىئەتنىڭ قانۇنيتىگە قارىش چىقان ئىدى. S?%V o* Y  
ئاسماندىكى چۇرقىرشىپ تۇرغان تازقىرلار ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيتى. پەستە شاۋقۇنلاپ ئېقۋاتقان دەريا سۆيى نەرە تارىتاتى. شىقىراپ پەسكە دۇملاۋاتقان شىخىل تاشلار كىشگە ۋەھىمە پەيدا قىلاتتى. [SgP1>M  
ئۇ مېلتىقىنى پىقىرتىپ چۈرۋەتتى. EW1 L!3K  
بۇ مېلتىق ئەقىللىق كىشنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىغا تەككەن بولۇپ ئۇ كۈزگىچە ساقلالمايتى. ئەتىيازنىڭ غۇر-غۇ ر شامىلى سوقۋاتقان ، ھەممە يەر قۇياشنىڭ تەپتى بىلەن جانلىنۋاتقان ئۇسۋاتقان پەيىتتە مېلتىقىنى مەھكەم يوشۇرۇپ، ھېچكىمىگە تۇيدۇرماي يۇ شۈرىنچە تاغ تەرەپكە يۇل ئالغان ئىدى. ,*r"cmz  
ئۇ ئۆزىگە تونۇش ئۇۋا يۇلدىكى قۇرام تاش تۆۋىدە مېلتىقىنى ئۇقلاپ قىمىرلىماي ئۇلجىنى كۈتتى. ھېچىنمە يق. شىۋاق، ئارچا، تىۋىلغىلارنىڭ ھىدى ئۇنىڭ دېمىقىغا ئورۇلاتتى. كەكلىكلەرنىڭ بۇقۇلداشلىرى ئاڭلىناتتى. كىپىنەكلەر كۆز ئالدىدا ئۇسسۇل ئۇينايتى. پەستىكى دەريا شاۋقۇنلايتى.ھەممە يەر ئەتىيازنىڭ مۇڭغا تۇلغان ئىدى. YcGSZ0vQ  
رەھمەتلىك دادىسى مۇشۇ يەرلەرگە ئېلىپ چىقاتتى. دادىسى بىلەن دۈڭلىكلەرگە يامىشاتتى. پەسكە سىرلاتتى. تاشلاردىن-تاشلارغا ئۇغلاقتەك سەكرەيتى. بەزى كۈنلىرى تاغدا قونۇپمۇ قالاتتى. ئولۇق گۈلخان يېنىدا ئاسماندىكى چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ يېتىش نېمىدىگەن كۆڭۈللۈك-ھە! يىقىنلا يەردە ھۇۋلاپ تۇرغان بۆرىلەرنىڭ قۇرقۇنچلۇق ئاۋازى. ئۇنى قۇرقىتالمايتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا تاغدەك يۆلەك بۇلاتتى. چۆچەكلەر دۇنياسىدا ئەللەيلەتتى. تەبىئەت ھەققىدە، ئۇ يوشۇرىغان سىرلار ھەققىدە تىنماي  ھېكايە سۆزلەيتى. \w^iSK-  
-ئىسىت مەن نېمە قىلىپ قۇيدۇم . ئۇ سۇنايلىنىپ ياتقان تاغ ئۆچكىسنىڭ يېنىغا تىزلاندى. نىرىدىكى ئۇغلاق نېمىنى تۈيدىكىن. تىتىرەپ تۇرۇپ نازۈكىنە مەرەپ قۇيدى. ئۇ ئانىسنىڭ ئەمدى مۇشۇ ياتقۇنىچە ئۇرۇندىن تورالمايدىغانلىقىنى، مىھىرلىك كۆزلىرى بىلەن باقمايدىغانلىغنى، ئەركىلتىپ تۇرۇپ تەنلىرنى يالاپ قۇيمايدىغانلىقىنى تۈيدىمىكىن. ئۇ يەنە مەرەپ قۇيدى. نازۈك ئاۋاز تاغۇ-تاشلارنى تىتىرتەمىسمۇ ئەمما يۈرەكنى تىتىرتىپ ئۆتەتتى. "tUXYY  
ئۇ ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئۆچكىنىڭ بۇغۇزىغا پىچاق ئۇرۋاتقان چاغدا ئۇغلاق ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا كەلدىدە ئانىسنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان تېنىنى پۇراپ تۇرۇپ يالىدى. 9'Y~! vY  
ھەئە، ئۇغلاق ئانىسنىڭ تېنىنى يالۋاتقان چاغدا، مەھەللىدە قىيامەت بولۋاتاتتى. kYz)h  
ئۇۋىچى ئۆچكىنىڭ تېننى پارچىلاۋاتقان چاغدا، ئۆيىدە قىيامەت بولۋاتاتتى. jwTb09  
ھەئە، ئۇنىڭ كىچىك ئۇغلى، جاندىن ئەزىز بىلىدىغان ئۇغلى ئانىسنى مۇتۇسىكىلىتقا  مىنگەشتۇرۇپ بازاردىن قايتۋاتقان چاغدا ئىتتىك كەلگەن چىرايلىق پىكاپقا ئورۇلۇپ قاڭقىپ چۆشكىنچە قايتا ئۇرۇندۇن تورالمىدى. ئۇنىڭ باش كۆزىدىن قان شۇرىلداپ ئاقاتتى. ھۇشنى بىلىپ-بىلمەي بالسنى قۇچاقلاشقا ئۆلگەرىگەن ئانا، يەنە ھۇشىدىن كەتتى. k _hiGg  
ھەئە، مەھەللىدە قىيامەت بولۋاتاتتى. زېمىن بىردىللا جىمىپ كەتكەندەك، شۆكلەپ قالغاندەك تېپتىنىچ ئىدى. !k||-Q &  
._-^ 58[  
2013-يىل1-ئايىنىڭ 2-كۈنى P`5@$1CJ  

ئەكبەرنىياز 2014-01-09 14:00
ئاجايىپ تەسىرلىك ھىكايىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!! كىچىككىنە تەكلىپ : مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئونتۇمىغايسىز !؟

شەرق 2014-01-09 16:09
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ئاكا : _$NFeqLww  
ھېكايەمنى ئوقۇپ ئىلھاملاندۇرغىنىڭىزىغا رەھىمەت. بۇ ھېكاينى ئەسلىدە ‹‹ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە›› يولىغان، شۇ مۇنبەردىن ‹‹ تەۋپىق›› قا يۈتكىگەن.

tawpek 2014-01-10 00:09
مۇنبىرىمىزنىڭ ئىپىك ئەسەرلەر سەھىپىسى سەل چۆلدەرەپ قالغانتى،  مۇمكىن بولسا داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز. +b.<bb6  
2#kR1rJP  
*j?tcxq  
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز. 4{ (uw  
<0P`ct0,i  
قاغىشقا كىتىدۇ، تارتىپ كىتىدۇ  دەيدىغان ئەنئەنە يوققا چىقىپ ھىچكىم ھىچنىمىدىن ھىيىقماس بوپ كەتكەندە بۇ ئوقورمەنلەرگە ئوبدانلا ئويلىنىش پۇرسىتى ئىلىپ كەلگۈدەك. p@i U}SUaE  
u4VQx,,  
} Q1$v~  
ئوۋچى ئەسلىمىللىرىنىڭ زامانىۋى نۇسخىسى بوپتۇ بۇ. 0O-p(L=  
bG^eP :r  
tB(Q-c  
تۈرمە ساخچىسى بولوپ ئىشلەۋاتقان قىينى ئىنىمنىڭ ئۆيىدىكى قەپەسكە سولانغان قۇشلارنى كۆرۆپ  ئىچىم سىيرىلىپ شۇنداق بىر چاخچاق قىلىپ قويغانتىم. P]Gsc  
)W57n)]  
يەنى: ?9?0M A<[i  
00;=6q]TA  
‹‹خىزمەت ۋاختىدا كىشىلەرنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قويغىنىڭىز يەتمىگەندەك ئۆيگە كەلگەندە قۇشلارنى بولسىمۇ قەپەسكە سولىۋاپتۇققۇ،  كەسپى كىسىەلگە گىرىپتار بولدۇقمۇ نىمە.ئاۋۇ ئويناۋاتقان ئوغلىمىز تارتىپ قالمىسۇن قويىۋىتىلى››  دىگەندەك. "#4PU5.  
7ZZSAI  
_^a.kF  
بۇ ھىكايىنى ئۇنىڭغا وقوپ بەرسەم بولغۇدەك.

شەرق 2014-01-10 12:35
بۇ ھېكايەمنى سۆيۈپ ئوقىغان، ئىلھام بەرگەن تەۋپىقە مىڭلارچە رەھمەت. مەدەتلىرىڭىز ئوزۇلمىسۇن. L\-T[w),z7  
قىسقىچە ئىزاھات: 8tdUnh%/  
ئەسلى بۇ ھېكايە 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلغان. ۋاقىتنى خاتا يېىزپ قويپتمەن.

بابۇر0725 2014-03-01 01:15
ئاجايىپ تەسىرلىك ھىكايىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!! 1%-?e``.  


查看完整版本: [-- تاغدىكى ھەسىرەت --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled