ozqan |
2014-01-01 21:07 |
تەۋپىق ئەھلىگە يېڭى يىللىق تىلەك ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۆيۈملۈك تەۋپىق ئەھلى : ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ....

مانا بۈگۈن تەۋپىق مۇنبىرىمىز يەنە بىر ياش چوڭىيىپ ، ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مول بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان 2014- يىلغا قەدەم قويدى ... 2013-يىللىق مۇساپىمىزگە قايرىلىپ قارايدىغان بولساق تەۋپىق تور بېتىمىزدە ئۆزىنى تەۋپىق تورىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشىلىغان مەسئۇلىيەتچان تورداشلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاز بولمىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ،تەۋپىق مۇنبىرىمىز ئاز ئەزالىق مۇنبەردىن ئەزا سانى كۆپەيگەن ، چېكىلىش قېتىم سانى ئاشقان ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەسسىلەپ كۈچەيگەن ، دەرس تەييارلىقلىرى ، دەرس دېتاللىرى ۋە خىلمۇ-خىل دەرس بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولغان دەرس كانىغا ئايلاندى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەۋپىقتىكى كونا-يېڭى ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز : مىللىي مائارىپىمىزنىڭ گۈللىنىشى ، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق مېھنەتكەشلەر : تەۋپىق مىللىي مائارىپ تورىمىزدىن سىلەرگە كامالىي ئېھتىرام ! سىلەرنىڭ تەۋپىق تورى ئۈچۈن تۆككەن تەرىڭلار بىكارغا ئاقمايدۇ ، مىللىي مائارپىمىزنىڭ ئېلىكتىرونلىشىشىدەك ئەھمىيەتلىك ئىش كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مانا بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىگە ئېرىشتى .... سىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ... ھازىر تەۋپىق مۇنبىرىمىز نېمىنى ئىزدىسەك شۇنى تاپقىلى بولىدىغان « ئېچىل داستىخان » غا ئايلاندى ، تاما-تاما كۆل بولار دېگەندەك كۆپچىلىكنىڭ كومپىيوتېر ئېكرانى ئالدىدا سەرىپ قىلغان ھەر بىر مىنۇت ۋاقتى ھەر بىر تامچە ئەجرى مول بولغان نەتىجىلەرنى بەردى ... بۇ ئاسانلا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ئەمەس ، بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئەجرى ، ھالال تەرى ... شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەۋپىق مۇنبىرىمىز مۇنبىرىمىز ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغان بارلىق ئەزالارغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە بارلىق ئەزالارنىڭ يېڭى يىلدا تېنىنىڭ سالامەت ، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك ، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز . . .
يول ئاچقانچە كېڭىيىدۇ ، ماڭغانچە راۋانلىشىدۇ ، بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىزنىڭ تېخىمۇ داغدام بولۇشى ئۈچۈن مۇنبەرداشلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز : 1. مۇنبەرگە تېما يوللىغاندا ، ئىنكاس يوللىغاندا ئۆزئارا ھۆرمەتنى ، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويساق ، بۇ ئەسلىمۇ تور بېتىمىزنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ، مۇنبىرىمىزدىكى كۆپۈنچە ئەزالار ئوقۇتقۇچى ، ئەسلىمۇ روھىي بېسىمى ئىنتايىن زور. ئازار، نىزانى كۆتۈرگۈچىلىكىمۇ يوق . ھەممىدە ئۇيۇشۇشنى ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويساق . 2. تېما يوللىغاندا ، ئىنكاس يازغاندا تور بېتىمىزنىڭ نورمال ئېچىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، قانۇن -نىزاملارغا زىت بولغان تېمىلارنى يوللاشتىن قەتئىي ساقلانساق ، تور بېتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك 4 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بولغان ، دەرس بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولغان ، پايدىلىنىش قىممىتى كۈنسىېرى ئاشقان ھالەتكە كېلىشىگە تۆھپە قوشقان ئەزالارنىڭ ئەجرىنى ، كوپچىلىكنىڭ مېھنەت مېۋىسىنى قوغدىساق . 3. تېما يوللىغاندا ئامال بار ئىجادىي تېمىلارنى يوللىساق ، كۆپلەپ كۆچۈرۈپ چاپلاشقا خاتىمە بەرسەك ، ئۆز خاسلىقىمىز بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ، تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە ، ئىجادىيلىقىغا ھەم ھەجمىگە ئەھمىيەت بەرسەك ، بىر تامچە سۇدىنمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ دېگەن گەپ بار ، ھەر بىر تېمىنىڭ سۈپىتى مۇنبىرىمىزنىڭ ئابرويىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىشىگە بىۋاستە ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ھەر بىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ، تىرىشچانلىقى ، تېمىلارنىڭ سۈپەت ساپاسىغا ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم ، مۇھىم بولۇپلا قالماي بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ھەم مەسئۇليىتىمىز . 4. تېمىلارغا ئىنكاس يازغاندا خاسلىقى بولغان ، تېما ئىگىسىگە رىغبەت ئېلىپ كېلىدىغان ، بۇندىن كېيىنكى ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قىلىپ يېزىشقا تىرىشساق . 5. يېڭى كىرگەن ئەزلار ئۆزىنىڭ نامىنى خاسلىقى بار ، ئىجادىي قىلىپ قويسا ، ھەم مۇۋاپىق باش سۈرىتى سەپلىۋالسا ، ئوخشاش ناملارنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ، سانلارنى نام قىلىپ قويۇشتىن ساقلانسا . كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ، شۇنداقلا ، تەۋپىق ئۈچۈن تېخىمۇ جان كۆيەرلىك بىلەن ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ...

2014-يىلى ھەممە ئىشلىرىڭىلار كۆڭۈللۈك بولسۇن ... |
|