查看完整版本: [-- 7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> 7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

mamatjan74 2014-01-01 16:43

7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى

7-يىللىق 1-قىسىم 1-بۆلەك ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى،تەنقىدىي پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. b[;3y/X  
tK <)A)  
•    قوش تىل ئانا تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 7-يىللىق 1-مەۋسۈم p/s5[>N  
بىرىنچى بۆلەك: سۆيۈملۈك ئەدەبىيات wY}+d0Ch  
1. سىزگە ئىشىك ئېچىلدى ................. جاۋ لىخوڭ gzdgnF2  
2. شېئىر ۋە شائىر ......................  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر &q` =xF  
3. قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرسى .................  مەھمۇد كاشغەرىي QU4'x4YS  
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى................... ,>jm|BTD {  
1.مۇھىم مەزمۇنلار "Ii!)n,  
‹ سىزگە ئىشىك ئېچىلدى › ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى جاۋلىخۇڭ . بۇ ئەسەردە     تەسۋىرلەنگەن ئىشىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ . ئەسەردە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تەربىيلەش رولى ، ئىستىتىكىلىق رولى ، پەرقلەندۈرۈش رولى قاتارلىقلار ئوبرازلىق بايان قىلىنغان . ئەدەبىياتنى  يەنە كۆزنەك ، دوست ،ئۇزۇق ،پەلەمپەي لەرگە ئوخشىتىشقا   بولىدۇ . 1-[{4{R  
مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق تەبىئەتنى ، جەمىيەتنى ، تارىخنى ، تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز . ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۇقۇش بىرخىل مەدەنىيەت ،    ھېسيات ،ئەقىل ،بىلىم جۇغلاش جەريانىدۇر . nb!m>0*/  
جاۋ لىخۇڭ – جۇڭگو بۈگۈنكى زامان يازغۇچىسى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن زۆرۈر ئوقۇشلۇق . ئەدەبىيات تومى»دىن ئېلىغان. gddGl=rm  
نەسىر مەزمۇنى، شەكلى، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئىخچام  ۋە ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان بىرخىل ئەدەبىي ژانىردۇر. ئۇ كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە. v>P){VT  
ئاپتور ئەدەبىياتنى - سىرلىق ئىشىك، بىپايان زېمىن، چەكسىز ئاسمان، كۆككە تاقاشقان تاغ، دولقۇنلۇق دېڭىز- ئوكيان، ئوزاق ئۆتمۈش، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن تۆنۈگۈن، چېكى يوق كەلگۈسى، رېئاللىقنىڭ ئەكس ساداسى، ئارزۇ- ئارماننىڭ پاللىدە چاقنىشى، سەمىمىي ۋە ۋاپادار دوست، سىرلىق ئىشىك قاتارلىقلارغا ئوخشاتقان. G j:|  
ئوخشىتىش- ماھىيىتى ئوخشايدىغان بىر شەيئى ئارقىلىق، يەن بىر شەيئىنى ئىپادىلەيدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىنى كۆرسىتىدۇ. i xyjl[G  
تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن- 1) ئېنىق ئوخشىتىش؛ 2) يوشۇرۇن ئوخشىتىش؛ 3) ۋەكىللىك ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ;vx9xs?6  
تىل- ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى. تىل بولمىسا ئىنسانلار ئۆزئارا ئالاقىدە، كۈندىلىك پائالىيەتلەردە قىينىلىدۇ. 57}q'84  
ئەدەبىيات- تىل ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىل سەنئىتىدۇر. Kna'5L5"  
ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ــ رېئال تۇرمۇشنى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتە. .wSAysiQ|P  
ئەدەبىي ئەسەرلەردە كونكېرت ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەت،پائالىيەتلىرى،ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. = M{CZm  
ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى ــ ئادەم. ~ gfA](N  
ئەدەبىياتنىڭ رولى : دۇنيانى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى بىلىش،ئەخلاق ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىش،كۆڭۈلنى شاد قىلىش ۋە گۈزەللىك(ئېستېتىك) تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. :PFx&  
بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى دەۋر جەھەتتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئىككىگە بولىدۇ. 83  i1  
يازما ئەدەبىيات دەۋرنى ئۆلچەم قىلىپ،كىلاسسىك ئەدەبىيات،يېقىنقى زامان ئەدەبىياتى،ھازىرقى زامان ئەدەبىياتتىن ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.ئەدىبنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى پوزىتسىيىسى،مۇناسىۋىتى،ئىپادىلەش ئۇسۇلى،تىل جەھەتتىكى خاسلىقلىرى ئېتىبارى بىلەن شېئىرىي ئەسەلەر،ئېپىك(پروزا) ئەسەرلەر،سەھنە ئەسەرلىرى،نەسر،كىنو سىنارىيىسى قاتارلىق بەش چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. + %MO7vL  
ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ــ تېما،باش تېما،سۇژىت،پېرساناژلاردىن ئىبارەت تۆت ئامىلدىن تەشكىل تاپقان. /B,:<&_-  
( شېئىر --- گۈل -- >  مەشئەل -->  گۈلخان  -->  بۇلاق  --> گۈلدۈرماما   [  شېئىر كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىشى ، ئېنىق مەنىگە ، مەقسەتچانلىققا ، جەڭگىۋارلىققا،مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك . ] ) 6WE&((r ^  
( شائىر ---  تاڭ توخۇسى -- >  بۇلبۇل -- >  چىراغ پەرۋانىسى -- > ئارسلان  [ شائىرنىڭ ئېنىق مەۋقەسى بولۇشى ، خەلق ئۈچۈن ياشىشى، خەلقنى ھاياتقا ، ئەركىنلىككە ئۈندىشى ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولۇشى ، ئۆزىنىڭ  خاسلىقىنى يارىتىشى  كېرەك . ]  ) kAZC"qM%i  
سېلىشتۇرۇش ماھىيەت جەھەتتە بىر-بىرى بىلەن قارىمۇ قارشى ياكى ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئوي-پىكىرنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوي-پىكىرنى ئېنىق ئىپادىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. سېلىشتۇرۇش ماقال-تەمسىللەردە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. :8p&#M  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1923-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان، 1995-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا زور ئابرويغا ئىگە شائىر، يازغۇچى، ئەدىب. ئۇنىڭ «ئىز»،«ئويغانغان زېمىن»،«قەشقەر كېچىسى»، «ئولۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى بار. cCM j\H@  
مەھمۇد كاشغەرى(1008-1105)مەشھۇر ئالىم،تىلشۇناس.ئەسىرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»،2008-يىلىنى ب د ت پەن-مائارىپ،مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەھمۇد كاشغەرى» يىلى قىلىپ بەلگىلىگەن. Zxg1M  
ئىلھام_ئەدىب ۋە سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن چاغدىكى ئىجادىي كۈچكە تولغان پىسخىك ھالىتى. ىلھام _ئۇزاق مەزگىل جاپالىق ئەمگەكنىڭ جەۋھىرىدۇر، x!'7yx  
ئۇيغۇر تىلى > &bv\R/  
تىل — ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە پىكىر قىلىش قورالى. ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئالاقە باغلىشى ۋە پىكىر قىلىشى قاتارلىق بارلىق پائالىيەتلىرى تىل قورالىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. iJ}2"i7M  
تىل — مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ya:sW5fk  
پىششىقلانغان ۋە قېلىپلاشقان، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قېلىۋاتقان تىل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى دەپ ئاتىلىدۇ. / T ,zZ9=  
ئەدەبىي تىل قوللىنىش شەكلىگە ئاساسەن ئاغزاكى ئەدەبىي تىل ۋە يازما ئەدەبىي تىل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. M~-h-tG  
ئاغزاكى ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ بەلگىلىرىمىلىرى ئاساسىدا ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدغا، رادىئو – تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىدا، كىنو – تىياتىرلاردا ۋە ھەر خىل ئاممۋى سورۇنلاردىكى نۇتۇق، سۆھبەتلەردە قوللىنىلىدۇ. ty B)HF  
يازما ئەدەبىي تىل ئىملا قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا سىياسىي ۋە پەننى ئەسەرلەردە، دەرسلىكلەر ۋە گېزىت – ژۇرناللاردا، ھۆججەت ۋە خەت – ئالاقىلەردە قوللىنىلىدۇ. S/VA~,KCe;  
ئەدەبىي تىل مىللەتنىڭ، جۈملىدىن مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن چوقۇم ئەدەبىي تىل بويىچە سۆزلىشى ۋە يېزىشى قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ. F99A;M8(  
ھەر قانداق بىر تىل فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبىي قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ . AF GwT%ZD  
فونېتىكا-تىل تاۋۇشلىرى توغرىسىدىكى پەن.ئۇ تىل تاۋۇشلىرىنىڭ تۈزۈلىشى،تۈرلەرگە بۆلىنىشى،تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى،تىلدىكى فونىما ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى،تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىشى،ئۆزگىرىش جەريانى، ماسلىشىش قانۇنيەتلىرى،بۇغۇم ۋەئۇرغۇ قاتارلىقلارنى،شۇنىڭدەك توغرا تەلەپپۇز قىلىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ENq"mwV|  
لېكسىكا –مەلۇم تىلدىكى سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى بولۇپ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرى ، لوغەت تەركىبىنىڭ قۇرۇلۇشى ، تەرەققىياتى ،سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى،تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. !lhFKb;  
مەسىلەن :    1)  چاياننىڭ ئادىتى چاقماق ، irMd jG  
                     نومۇسسىزلىق – ئادەم چاقماق . / L~u0 2?  
               چېقىمخور كۆكسىنى يارغىن ، .3wY\W8Dr-  
بولۇپ گۈلدۈرلىگەن چاقماق . 3"rkko?A  
2) ئىشەك كارۋانغا يولباشچى بولسا ، تۆگىنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار . :ba/W&-d  
3) ئاغزى قولىقىغا يەتمەك ؛ E`AYee%l  
    گرامماتىكا- سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ،تۈرلىنىش،ۋە سۆزلەردىن جۈملە تۈزۇش قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى. ئۇ مەزمونىغا ئاساسەن مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس دىگەن ئىككى قىسىمغا بۈلىنىدۇ. 0I zZKRw  
    مورفولوگىيە-سۈزلەرنىڭ تۈرلىنىشى ، ياسىلىشى ، تۈركۈملەرگە بۆلۈنىشى ھەققىدىكى قائىدىلەرنىڭ يىغىندىسى . MY F#A  
مەسىلەن : ئىش ، ئىشچى ، ئىشنىڭ ، يۈرەك ، يۈرەكلىك J Jy{@[m  
سىنتاكسىس- جۈملە تۈزۈش قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ، سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ جۈملىدىكى باغلىنىشى ، جۈملە بۆلەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ، جۈملىنىڭ تۈرلىرى ، تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلانى بىزگە ئۆگىتىدۇ .   d8:C3R  
مەسىلەن : 1) مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا ؛ hTw}X.<4  
           2) تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيلى ( ؟  ،   .  ! ) @?/\c:cp  

مىېھرىما 2014-01-06 15:05
ەقىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، كۆپ رەھمەت !

ئەكبەرنىياز 2014-01-08 20:55
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ! داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز !!!

tawpek 2014-01-09 18:10
كۆپ تەشەككۇر قىرىندىشىم، كۇلىغا بارىدىغان بالىلارغا تەكرار قىلىۋاتقان ئىدىم، بىسىپ چىقىرىپ يادلاتقۇزغۇدەك بىلىملەر كۆپكەن.  بولسا داۋامىنىمۇ سۇنۇپ ماڭارسىز.

بابۇر0725 2014-02-20 18:29
ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ماتىرىيالكەن

بابۇر0725 2014-02-20 18:39
كۆپ تەشەككۇر .يەنىمۇ قوللاپ ۋە مۇنبەرلەرگە يوللاپ تۇرغايسىز

tawpek 2014-02-20 19:58
داۋامىغا تەشنا ئىدىم قىرىندىشىم.  بۇلارنى بالىلاردا يادلاشقا چىقىرىپ بەردىم. :BxYaAVt^  
GJfNO-  
مەنمۇ تەكرار قىلىۋاتقانتىم،  بولسا ئەجىر-مىھنىتىڭىزنى ئايىمىغايسىز.


查看完整版本: [-- 7-يىللىق 1-قىسىم ئەدەبىيات تەكرار ماتىرىيالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled