查看完整版本: [-- ماغدۇر   كەتكەندە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> ماغدۇر   كەتكەندە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ياسىنجان510 2013-12-31 23:29

ماغدۇر   كەتكەندە

    
ماغدۇر   كەتكەندە #}[NleTVt  
زۇنۇن قادىر OEN!~-u  
(ھېكايە
) ~HH#aXh*  
W\tSXM-Hg  
         بىز تېخى كىچىك ئىدۇق.شۇنىڭ ئۆچۈن دادىمىزدىن قالغان بىر نەچچە خو يەرنى ئۆزىمىز باشقۇرالمايتتۇق.مەھەللىمىزدەئۆزىنڭ ناھايىتى نۇرغۇن يەرلىرىگە دېھقانچىلىق قىلىپ ،يەنە يېرىنى تېرىيالمىغان بىر نەچچە دېھقان بىلەن ئوتاقچىلىق قىلىدىغان بىر خوجايىن بار ئىدى.بىر يىلى بىزمۇ شۇ باي بىلەن ئورتاقچىلىق قىلدۇق،ئەتىيازدا ئۇنىڭ يىللىقچىلىرى كېلىپ قوش بىلەن بىر كۈندىلابىزنىڭ تۆت خو يېرىمىزنى ھەيدەپ،ئۇرۇقنى توپىغا كۆمۈپ بېرىپ كەتتى. T@ [*V[  
       يېزىچە بۇغداينى سۇغۇرىپ ، ئاسراپ ئۆستۈردۇق . مانا ئەمدى كۈزدە بۇداينى بىز ئورۇپ يىغىمىز ، ئوتاقچى باي بولسا ئومىغا ئىككى ئەمگەك ، خامان ئېلىش ئۆچۈن بىر ئادەم بېرىدۇ ، تۇلۇقنى بىز ھەيدەيمىز،باينىڭ چىقارغان ئادىمى بولسا ئارا تۇتىدۇ.   A{ :PpYs  
                                     Ⅱ                                   YuZxKuGy  
    ئۇبېشىنى تۆۋەن ساڭگىلاتقان ھالدا،ئارىنىڭ ئۇچى بىلەن چويۇندەك قاتقان يەرنى سىجاپ ئولتۇراتتى.مەن تۇلۇق ھەيدەۋاتاتتىم. KKz{a{ePY%  
    كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن تارتىپ نامازدىگەرگىچە بىر دائىرنى ئايلىنىۋېرىش ۋە تۇلۇقنىڭ  بىر خىل گۈپۈلدىگەن ئاۋازى مېنى زېرىكتۈرىۋەتتى،توغرىسىنى ئېيتقاندا،ئۇستىخانلىرىم ئاجراپ كەتكەندەك بولۇپ،پۈتۈن ئەزالىرىم سىقىراپ ،ھاردۇق يېتىپ قالغان ئىدى.ئۈژمە تايىقى بىلەن ئات - نىڭ ساغرىسىغا كۈچۈمنىڭ بېرىچە بىر نەچچە قېتىم ئۇرىمەن،دىۋىتىپ تىزگىنىنى سىلكىيمەن.ئات يەنە قاتىراپ كېتىدۇ.بەش-ئالتە قېتىم چۆگىلەپ قويۇپ ئېغىر يۈك تارتقاندەك ئاستا مېڭىشقا باشلايدۇ.مەنمۇ ئارام ئالغاندەك بولۇپ ،دىمىغىمدا  غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن.‹‹دۇككاندارلارنى قارا،ئۇلار ئاپتاپتا كۆيمەيدۇ،تەرلىمەيدۇ،سۇ سۇ سېپىپ قويۇپ سايىدا ئولتۇرىشىدۇ،ساختىپەزلىك قىلىشىپ راھەت كۆرىدۇ.››‹‹خامان ئالماق –شەھەر ئالماق››دېگەنلەر راست  ئېيتقان ئىكەن،تېخى مۇشۇ دۆۋىلەگلىك بۇغداي باغلىرىنى يۇمشىتىش كېرەك.بۇغداينى ساماندىن ،توپىدىن ،چادىن ئاجىرىتىپ قىپقىزىل چەش قىلىش كېرەك.چەش بۇرنىنى ئايرىيمىز،قەلەندەرلەر  يۈگۈرىشىپ كېلىدۇ،ئۇلارغا بىر-ئىككى گۈرجەكتىن كەپسەن بېرىمىز.ئۇ كۈنى خامانغا مانتۇ قويغانلارغا ئىككى پۇت بېرىمىز.ئومىچىلارغا تۆت خو بۇغداي بېرىش كېرەك . ئوندىن بىرىنى ئۆشرىگە  ئايرىيمىز،ئاندىن چەشنىڭ ئالدىدىكى دانلىقراق يەردىن خاماندىلا ئۆگۈت ئېتىپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان دەننى قاچىلاپ قويۇش كېرەك.ھەم دەن،ھەم ئۆشرەئالسا،دېھقانلارغا ئېغىر بولمامدۇ . بىرسىنى ئالسىمۇ بولىدىغۇ؟بىزمۇ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۆچۈن ھەم ھۆكۈمەتنىڭ غەللە پارىقىنى ھەم مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئۆشرىسىنى تۆلەيدىكەنمىز. تېخى ھاشارغا، مەدىكارغا بېرىپ قويغان پۇلى ئۈچۈن ئوتاقچى خوجايىن يېرىم باھادا بۇغداي ھېساپلاپ ئالىدۇ،ئۇنىڭغا قانچىلىك بۇغداي كېتەركىن. ئارپا،بېدە سېلىقى بار ، ئۇنىڭغىمۇ بۇغداي سېتىپ بېرىش كېرەك . ھارۋا سېلىقى ، كۆمۈر سەيسىسى،يەنە مەن بىلمەيدىغان قانداق دەردى بالالىرى بارىكىن. بۇغدىيىمىزنىڭ ئۇرىقى تۆت خو،ئەگەر ياخشى بولغان بولسا ،قىرىق خو بولار.بۇنىڭدىن بىزگە يىگىرمە خو تېگىپ ،ئون خوسى دەنگە بېرىلسە، شۇنىڭ بىلەنلا يىللىق ئوزۇققا ، كېلەر يىلى ئۇرۇققا ئاشامدۇ-يوق؟ ئاشمايدۇ،ئەگەر دەنگە پۇل ئالسا،باشقا نەرسىلەرنى سېتىپ تۈگىتىپ ئون خوچە بۇغداي ساقلاپ قويۇش كېرەك.......تۇرمۇشنىڭ قاتتىق ۋە قاراڭغۇلۇق جايلىرىغا چۈشۈپ قالماي،قانداق قىلىپ ياخشىراق-بەختلىك كۈن  كەچۈرۈش خىياللىرى مېنى ئەتىراپىمنى ئورىۋالغان ھادىسلەردىن ئاجىرتىۋېلىپ ، ئاللىقانداق تېگى يوق دولقۇنلۇق دېڭىز ئىچىگە ئاتقانىدى.ئاتنىڭ تۇيۇقسىزلا قاتتىق پۇرقىرىشى بىلەن خاماندا تۇلۇق  ھەيدەۋاتقانلىغىم  ئېسىمگە چۈشتى، ئات بولسا، توختاپ قېلىپ بۇغداي  يەۋېتىپتۇ . خامان تېپىدىغان كىشى ئارىنى قۇچاقلىغان بويىچە ئۇخلاپ قاپتۇ . ئۇنىڭ چىرايى   خۇددى  يېنىدىكى ساماننىڭ رەڭگىدەك ، قاپاقلىرى ئىششىق، گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرى  ئۈستىدە تۈكۈرۈك كۆۋۈكلىرى گىژىلداپ،چۈشۈنىپ بولمايدىغان غەلىتى ئاۋازلار چىقىرىپ تۇراتتى  كۆينەكسىز تېنىگە كىيىۋالغان ياماق ۋە چىرىپ كەتكەن پەشمىتى،مايلاشقان شاپاق بۆكى ،ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ سەتلەشتۈرۈپ كۆرسىتىدۇ.ئۇنىڭ كۆڭۈلگە غەشلىك سالىدىغان قىياپىتىنى كۆرۈپ تېخىمۇ بىئارام بولدۇم. @@,l0/  
     ‹‹بۇ ــ بولۇمسىز ھورۇن ئادەم››دەيمەن ئىچىمدە،يەنە بىر ياقتىن ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن،‹‹بۇ گاڭگىراپ كەتكەن ئادەم،مەنمۇ چوڭ بولغىچە تۈزۈكرەك يول تاپالمىسام،ئەنە شۇنداق تەمتىرەپ قالىمەن ــ دە!››دېگەن ئەندىشىلىك خىياللارغا بېرىلىمەن. k|^e=I   
     نېمىشقا نۇرغۇن ئادەملەرمۇ شۇنداق يامان كۈنلەرگە قالىدۇ؟ مەن بۇ سوئالنىڭ تېگىگە ئويلاپ يېتەلمەس ئېدىم.يەنە خىيالىم چىگىش كىرىپ  كەتكەن لەگلەكنىڭ تانىسىدەك بولۇپ كەتتى.كۆزۈمنى چەكسىز كەتكەن ئېتىز باغرىغا تاشلىدىم. f\ wP}c'  
   بىر بىرىگە تۇتىشىپ سوزۇلغان ئېڭىزلار ئاپتاپتا ساپسېرىق ئالتۇندەك تاۋلىناتتى.ئېرىقنىڭ قىرلىرىدىكى چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەرلا يېشىل بولۇپ كۆرۈنەتتى .ئۇياق-بۇياقتىكى خامانلاردىن ئاسمانغا فونتان بولۇپ ئېتىلىۋاتقان توپانلار ۋە بۇغدايلىقلاردا مۆكچىيىپ ،بەس-بەس بىلەن ئۆمۈلەپ كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ ھەركەتلىرى توپىغا چېچىلىپ كەتكەن دانلارنى يىغىۋېلىش ئۆچۈن باشلانغان كۈرەشنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.يىراق  جايلاردىن ئوما ناخشىسى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ: ;BsPms@U  
                          ئومىنى  تولا ئورۇپ، ov{  
                          بىلەگىڭ تالدىمۇ يارىم. Qz+hS\yx  
                          ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق . #)aUKFX  
                          يۈرەگىڭ قاندىمۇ يارىم. ?]`kc  
                         ” ئالتۇنۇم ،ئامرىغىم،ئومىغىم...... “   3aL8 gE  
   ئوھۇ! نە قاتارلىق چىرايلىق ناخشا ئېيتىدىغان ئادەملەر بۇ؟ ئارزۇ-ئارمانلارغا قانمىغان ھەسرەتلىك يۈرەكلەردىن شۇنداق پارقىراپ تۇرىدىغان ئۈنچىدەك سۆزلەر ئۈزۈلۈپ چىقىدىكەن-دە. .kl _F7  
  ئەنە ئاشۇ يۈرەكلەرنى ئىزىۋەتكۈدەك دەرتلىك ناخشا ئېيتىۋاتقان ئومىچى يىگىت تىنماي ئىشلەپ قانچىلىك ھوسۇل ئالىدىكىن؟ھە،تايىنلىق ،ھەقاچان ئومىغا يەتكۈچە ئۇمۇ جازانىخورلارغا  بىرمۇنچە قەرزدار بولغاندۇ.ياخشى،توق تۇرمۇش كەچۈرىمىز دەپ ئارزۇ قىلغان ،لېكىن ياز بويى ئىشلەپ ،ئايىغىدا ھوسۇل ئورنىغا ئارا،گۈرجەكنى قولتۇقلاپ قالغان دىخانلار ئازمۇ؟........ rpk )i:k\  
ئەتىدىن كەچكىچە ئالتە قىرلىق ئېغىر تاش تۇلۇقنى سۆرىگەن ئات،ئۇنىڭ ئۈستىگەمىنىۋالغان مەن بۇ بىر تۈگىمەس دائىرىنى ئايلانساق،يوقۇرقىدەك ئاخىرى ئۈزۈلمەس چىگىش خىياللار مېنىڭ بېشىمنى ئايلىناتتى........ Q0)6 2[cMm  
خامانغا بىزنىڭ ئوتاقچى خوجايىن كەلدى.ئۇ قوسىغىنى ئالدىغا چىقىرىپ،قولىنى كەينىگە تۇتقان ھالداماڭا قارىمايلا ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى.ئۆزىمۇ ھازىرلا ئۇيقىدىن تۇرغان بولسا كېرەك ئەتىمالىم.ئاچ بۆرىدەك قىزارغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ: A8?uCkG  
ــ ھوي باقى!ــ ۋاقىرىدى،ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى تاپىنى بىلەن ئىتتىرىپ.مۇشۇ ئىش بولدىما؟ D0(%{S^  
ئۆلۈمتۈك.  باقى تەمتىرەپ  قوپۇپ: L#Mul&r3x0  
ــ يۇمشاپ كېتىپتىغۇ،مېنى نېمىشقا ئۇيغاتمايسەن؟ــ دەپ ماڭا قارىدى.مەن ئۇنىڭغا جااۋاپ بەرگىچە ئوتاقچى خوجايىن جۇدۇن بىلەن: RJ ,a}w[9  
ــ سېنى خامانغا بېرىپ ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋالغىن ،ــ دەپ ئەۋەتمىگەن ــ دە،كۈنلىكىڭگە ئالىدىغان يېرىم پۇت بۇغداينى ھالاللاپ ئالساڭ بولمامدۇ؟ــ دېدى. "T`Q,  
ــ  مىجەزىم يوق،ــ دېدى باقى ،ئارتۇق سۆز قىلالماي يەرگە قاراپ قالدى. NuLyu=.?  
ــ  تاشلا ئارىنى ! مىجەزى يوق ئىمىش .مىجەزى يوق ئادەم ئىشلەلمەيمەن دېيىش كېرەك.تەپسە تاغنى ئۆرۈيدىغان نىمىلەر ئىش تاپالماي يۈرىدۇ ھەر ھالدا ئۇششاق بالىلىرى بار،راپاۋىتىمىز بولۇپ قالسۇن دەپ كۈنلىكىگە يېرىم پۇت بۇغداي بەرگەننى بىلمەيدۇ. مىجەزى يوق كىشى ئۆزىنىڭ گورىغا كىرىپ ياتسۇن.بۇ، كېسەل ياتىدىغان جاي ئەمەس،بىلىپ قوي بۇــ خامان!! S\"/=|\  
خوجايىننىڭ زەردە بىلەن قىلغان ئاچچىق سۆزلىرىنى ئىچىگە يۇتىۋەتكەن باقى گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى يالاپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە،ماتەمدار كىشىلەردەك بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا مەھەللە تەرەپكە     بىر بېسىپ ،ئىككى بېسىپ يۈرۈپ كەتتى.  #K8kz  
ئۇنىڭ ئۈچ كۈندىن بېرى كېسەلدىن قىينىلىپ يۈرۈپ ئىشلىگەن ھەققىمۇ بىكار كەتتى.خوجايىن ئۇنىڭ يېرىم جان ئادەم ئىككەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئەرزان ھەق بىلەن ئىشلىتىشنى ئويلىغان ئىدى.ئەمدىچۇ،مۇشۇ بانا بىلەن ئۇنىڭ بىر يېرىم پۇت بۇغدىيىنىمۇ بەرمەيدىغان بولدى.باقى كەمبەغەللىكتە ئۈستىبېشى سەت كۆۈنگەن بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلى چىرايلىق ،زىل بولغىنى ئۆچۈن قاتتىق گەپنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئىككىنچىدىن ئۇ ئاشتىن ئۆلسىمۇ ئەرز قىلىپ بېرىشنى ئېغىر ئالىدۇ.ئۇ  ــ  كەمبەغەللەر ئۆچۈن ياقا يىرتىدىغان سوراقچى تېپىش ھەممىدىن تەس ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. # $&!)13  
                                    Ⅲ c#?JW:^|Df  
باھارخان كىچىككىنە قىزىنىڭ ۋاي سالغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ يېرىلغان پۇتلىرىنى چىراغ يېغى بىلەن داغلاۋاتقان ئىدى. 86c@Kk7z  
ــ  ئەزبىرايى خۇدا ،تويدۇم مۇشۇ كۈندىن ،ــ  دېدى باقى قولىدىكى بەتىنكىنى يەرگە ئېتىپ ،بېگىز سانچىلغان قولىنى سىلكىدى،ــ  بۇنىڭ جايى قىغ،ئالىۋاستىنىڭ ....ئوچاققا تاشلاپ كۆيدۈرىمەن ! wb@TYvDt  
ــ  ئەۋۋەي تۆمۈر بولسىمۇ ئۇپىرايدۇ،بۇ يىل قىش چىقسا شۇ بەتىنكىگە بەش يىل بولىدۇ. ھېلىمۇ ياز بويى ئۇنى ئاياپ يالاڭغىداق يۈرىمەن. oMH-mG7:K  
باقى خوتۇنىنىڭ بەتىنكىسىنى يەنە ياماشقا كىرىشتى.ياماپقۇ ئۇنىڭغا ياماق سېلىۋاتقىنى يوق،كەندىر چىگەبىلەن ئۇياقتىن –بۇياقتىن تارتىپ پۈرۈشتۈرەتتى.چىرىپ كەتكەن قىرىم چاك تۇتالماس ئىدى.باقى بەتىنكىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ تىكىشكە كىرىشتى.يىڭنە ئۆتكەن جايغا تۈكۈرىگىنى پۈركۈپ ،بارماق بىلەن بېسىپ تۇرۇپ چىگىنى ئاۋايلاپ تارتاتتى. ? Xb8B5  
ئادەم بويىدىن بىر غېرىچلا ئېگىزلىكتىكى ئۆي ،بۇنى ئۆي دەپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ،مومايلارنىڭ    ”ئالۋاستى كەپىسى “ دېگىنىگە ئوخشاشلا بىر نەرسە. ئويۇقتا ئورۇن –كۆرپە نامى بىلەن بىر قۇچاق ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر تىزىپ قويۇلغان .يەردە ئىككى غۇلاچچە تىتىلىپ كەتكەن كىگىز ،چىلەك، چۆگۈن ،چۆمۈش،تۆمۈردىن ياسالغان نەرسىلەر ئەمەس،دىخانلار ئۆزلىرى تېرىۋالغان قاپاقلار،ناھايىتى بۇ ئۆيدەپۇلغا يارىغۇدەك بىرلا   نەرسە-كىچىككىنە بىر قازان.بىراق بۇ قۇم قازانمۇ،ياكى چۆيۈنمۇ بايقاپ ئالالمىدىم.بەلكى جەزمەن قۇم قازاندۇر.مەن دىخانلارنىڭ قۇم قازان ،قۇم چۆگۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى جىق كۆرگەن ئىدىم ' +6H=Qn  
   ئۆينىڭ بۇلىڭىدا توشقاندەك تۈگۈلۈپ ئۈچ-تۈت بالا ئولتۇرىدۇ،ئانا-بالىلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرق قىلمايدىغان توپا رەڭ  چىرايىدىن ئادەمگە يارىشىدىغان ئىسسىقلىق-خوشاللىقلار كۆرۈنمەيدۇ.ھەممە قاپاقلار تۈرۈك،ئۆيدە غەمكىن بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.‹بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار›دېگەن سۆزلەر بۇ ئۆيدە قېنى؟‹ئىھ-ئىھ›لىغان ئۈنلەر،قايسى بىرسىنىڭ قاتتىقراق ئىڭرىغان ئاۋازى ئاڭلانغان ئىدى،دادىسى قاغاشقا باشلىدى. >k gL N  
   ــ سەپرايىمنى ئۆرلەتمە! ھازىر ئۇجۇقتىرىۋىتىمەن! يا ئۆلمىدى بۇ ئىنجىمارۇق جىن تەككەنلەر.....خۇدايىم تىلىگەنلەرگە بەرسە بولمامدىغاندۇ بۇ ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىنى..... 6%/@b`vZ  
  ــ نىمانچە سەپرالىق بۇ!؟ جان ئاغرىغاندىن كېيىن دادلىمامدۇ،ئۆزلىرىمۇ تاڭ ئاتقۇچە غىڭشىپ ،يۆتۈلۈپ ياتالمايدىلىغۇ،ــ دېدى باھارخان باقىغا تىكىلىپ. 2&st /y(hs  
   يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم   سۈرۈپ كەتتى.قارا چىراقتىن بىر غېرىچ ئۆرلەپ تارىلىۋاتقان ئىس تام-تۇرۇسلارنى قارا رەڭگە بويىماقتا.ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى گۈگۈملىشىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنى خىيالىي بىر گەۋدىلەرگە ئايلاندۇرماقتا.مەن ئاچچىق زەردە گەپەرلەر بولۇپ تۇرىدىغان بۇ ئۆيگە كىرىشتىن ۋاز كەچتىم.بىچارە ئادەمگە ئۆزرە ئېيتىپ كېلەي دېگەن خىيالىم ـسۇغا چۈشكەن قاردەك ئېرىپ كەتكەنىدى. پەنجىرە تۈۋىدىن ئاستا-ئاستا بېسىپ ئارقىغا يېنىپ كەتتىم. 9C?;'  
   ئۆيگە بېرىپ ياتقاندا تىنچ ئۇخلىيالمىدىم.ئۇنىڭ بالىلىرى شۇنچە مۇلايىم.ئۇلار باشقا كىشىلەرنىڭ بالىلىرىدەك كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن ،بۇ بېشىغا قىقاس-چۇقان سېلىپ يۈگۈرۈشمەيدۇ.تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ كوچىنى چاڭ كەلتۈرۈشنىمۇ بىلمەيدۇ.بوسۇغىدا ،ئۆينىڭ بۇلۇڭ –پۇچقاقلىرىدا دەرمانسىز شۈمشىيىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان.ئويناش ئۆچۈن قوساق توق،كۆڭۈل خاتىرجەم،تەن ساق بولىشى كېرەكتە.ھەممىسى ئاغرىق ،يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەكلەرگە نەشتەردەك سانچىلىدىغان سۆزلەر،سىلكىش،ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم تەڭرىدىن ئۆلۈم تىلەش،ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئاغرىق ،ئوقەت قىلىدىغان كىشى يوق.پەقەت ئۇلار قارغىش،رەنجىش،كۆڭۈل ئاغرىقىنى كەسىپ قىلىۋالغاندەكلا كۆرىنىدۇ.بۇ نە  قاتارلىق ئوسال كۈن كەچەرۈش –ھە؟! $is|B9B  
  باقى ھەر كۈنى مىچىت ئالدىدا يانپاشلاپ ياتىدۇ.باھارخان مەھەللە بېشىدىن ياكى ئايىغىدىن كۈلۈمسىرەپ،بولمىسا سۇلتىيىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرى،چاپاق بېسىپ قىزارغان كۆزلىرى،جۇلجۇل بولۇپ كەتكەن كۆينىكىنىڭ يىرتىقلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۈلرەڭ تېنى،كۈلسىمۇ،يىغلىسىمۇ باقىنىڭ ‹ئالۋاستى›دەپ تىللايدىغان قىياپىتىنى ئەسلىتەتتى،لېكىن دۇنيادا باقىغا بۇنىڭدىن مېھرىۋان باشقا ھېچ نەرسە پۈتۈلمىگەنىدى.مۇھەببەت ئۇلۇغ نەرسە دېسە،مانا شۇنىڭغا ئىشەنسە بولىدۇ.بەزى ئادەملەر يىرگىنىپ گەپلەشكىسى كەلمىگەن بىلەن دۇنيادا باقىغا ئۇنىڭدىن چىرايلىق كۆرىنىدىغان ئىككىنچى بىر ئادەم بولمايدۇ.ئۇرۇشۇش- yH\z+A|  
تىللىشىش ،رەنجىشىش بۇ ئائىلىگە ئەسلا خاس ئەمەس.ئۇلار بىر-بىرىگە نېمە يامانلىق قىلىشقان گۇنايى ئۆچۈن زەردە قىلىشىدۇ،نېمە تالىشىدۇ،ئۇرۇشقىدەك ئىش بارمۇ؟يوق.پەقەت تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق زەھىرى مەس قىلغان چاغدىلا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. gv7(-I  
   باھارخان نان ياققان جايدىن بىر-ئىككى ئىسسىق نان،توغاش گايى چاغدا كىر يۇغان جايدىن كۈزىدا ياكى ھېجىردا تاماق كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ،ئۆيتەرەپكە قايرىلدىمۇ،باقى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھىچ تەرەپكە قارىماي دوكۇلداپ كىرىپ كېتىدۇ.باھارخان نېمىكى تاپسا،ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆزى چەتتە قاراپ تۇراتتى،چوڭ ئادەم نەپسىنى يىغىۋېلىش مۈمكىن ،لېكىن چالا تاماق يەپ قالغان كىچىك بالىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراش ناھايىتى تەس،كۆڭۈلنىڭ نازۈك يەرلىرىگە بولغان بۇنىڭ تەسىرىنى قوسىغى توق كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىشمۇ تەس.بۇ ئائىلىدە كۆپ ۋاقىتتا شۇنداق يېرىم تويۇنۇش ھۆكۈم سۈرەتتى ،بالىلار تاماقنى بىر –بىرىدىن قىزغىنىپ چاينىماي يۇتىدۇ.قاچىدا ھىچنەرسە قالمىغاندىن كېيىن تاماقنىڭ تە مى قالغان بارماقلىرىنى يالاپ،شۈمۈپ،‹يەنىچۇ›دېگەندەك بوينىنى سىڭايان قىلىپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى. ?nWK s  
مەن بالىلارنى مۇنداق قىياپەتتە كۆرگەندە ئىچىمنى نېمىدۇر بىر نەرسە تاتلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ،چىداپ تۇرالماي يەرگە قارىۋالاتتىم.  
                                 Ⅳ                                   GEr]zMYG[A  
كەچ كۈزنىڭ بىر كېچىسى تونۇر بېشىدا ئولتۇراتتۇق. q&.SB`  
  ــ بىز ھايۋان ئەۋلادى ئەمەسقۇ!بىز ئادەمغۇ!توۋا قىلدىم،ــ دېدى باقى ياقىسىنى تۇتۇپ،ــ ھىچكىم بىزنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا ئالمايدۇ،خۇددى بىر سۈپىرەندە ئەخلەت.بىزمۇ جاھان تۇتۇپ كۆرگەنغۇ،ئەلنىڭ گۈلىگە گۈل،خېلىغا خال قويغان،مۇنداقلا ئەمەس ئىدۇق. 4~<  :Pj  
ئۇ بىر نەرسە تىڭشاۋاتقان ئادەمدەك بوينىنى   ئىگىپ جىم بولۇپ قالدى،مەن تونۇردىن پۇتۇمنى تارتىۋېلىپ،ئاسمانغا قارىدىم،يېقىن بىر جايدىكى قارا ياغاچ شاخلىرى ئارىسىدىن تۇلۇن ئاي ماراپ تۇراتتى. يۇمشاق شامالدا تىتىرىگەن يوپۇرماقلارنىڭ تونۇر بېشىدىكى ئالا كۆلەڭگۈسىنى ئوينايتتى.كېچە بەك چىرايلىق ئىدى.يىراق يەرلەردە ئېتىزدىن ئات بېقىپ قايتقان كىشىلەرنىڭ ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ،مەن يەنە پۇتۇمنى تونۇرغا ساڭگىلىتىپ: [I*BEJ;W'  
ــ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ باقىكا،جاھاننىڭ كارى تۈگەيدۇ.قېنى ناخشا ئېيتىڭا! ــ دېدىم،ئۇ خىرىلدىغان ئاۋاز بىلەن ئۇزۇن بىر ئۇھ تارتىپ،چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتتى. X{SD3j=G#  
ــ راست بىز ناخشا ئېيتقان،كۈچ-قۇۋىتىمىز بار چاغدا قانداق يىگىت ئىدۇق بىلەمسەن!بىزنىڭ پىشانىمىزگىمۇ يەر پۈتكەن ــ  ئون نەچچە خو يېرىم بار ئىدى مېنىڭ .بىر ئات،بىر ھارۋا،سېغىپ ئىچىدىغان بىر كالىمىز،ئۆزئادىمىزغا قوشقا قاتىدىغان بىر جۈپ ئۇيىمىز بار ئىدى.توغاي چوڭ چىللىغاندا قوپۇپ،تا ئەل ياتقۇچە ئېتىزدا قوش ھەيدەيدىغان،كەتمەن چاپقان،ئوما ئورغان ئەزىمەت ئىدۇق،بىز ئېچىق ئېتىش ئۆچۈن قومۇرۇپ كۆتەرگەن چىمنى ئىككى-ئۈچ ئادەم ئاران كۆتۈرەلەيدىغان ئىدى،ناخشىنى مانا شۇ چاغلاردا ئېيتىپ ئارىلىشىپ كەتكەن دىگىنە بىز،ھەي....ئەمدى كۈچ يوق،يۈرەك يوق! *KF-q?PBb  
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ،ياش يىگىتلىك چاغلىرىدىكى شىرىن خاتىرلىرىنى زوق بىلەن سۆزلەشكە چۈشتى. Z4U8~i  
   ــ مېنىڭ ناخشا ئېيتالايدىغىنىمنى ئاڭلاپتىكەنسەن ــ دە.راستىنى ئېيتقاندا،مۇشۇ مەھەللىدە مېنىڭچىلىك ناخشا ئېيتالايدىغان كىشى يوق ئىدى،مەن بولغان توي-تۆكۈن،مەشرەپلەر ئالاھىدە قىزىپ كېتەتتى.ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ سەرخىل بىر گۈلى ئىدىم،ھەممە مېنى باقەم-باقەم،دېيىشىپ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. &%QtUPvr9  
    بولۇپمۇ مەن ناخشىنى قاچان تولا ئېيتاتتىم،مانا بۇنى ساڭا سۆزلەپ بېرىمەن ،ھەي،ئېسىت ياشلىق چاغلار !..... قانچىلىك شوخلۇقلارنى قىلغان بىز ! }nrl2yp:%  
    باقى ناھايىتى 45 ياشلاردىكى كىشى بولسىمۇ،ئۆزىنى سەكسەن،توقسان ياشلاردىكى بوۋاي چاغلايتتى  .چۈنكى تەڭسىز تۇرمۇشنىڭ ئەزگۈچى قاتتىق قولى،ئۇنىڭ ياقىسىنى دەم ئالدۇرماي سىققان ،سۈلۈكلەر قېنىنى شوراپ،ئۇنى قۇرۇق قاقشال قىلپ ماغدۇرسىز،ئاپئاق ساقال بوۋاي قىلىپ قويغان ئىدى.  16q"A$  
   ئۇ،قۇرۇپ كەتكەن تامىقىنى ھۈللەپ،تۈكۈرۈكىنى يۇتۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. ") Xy%C`J  
     ــ ئۆرۈكلەر راسا مەي باغلاپ پىشقان چاغ ئىدى.ھاۋا تىنجىق.ماداخا قىلىنغان ئالدى ئوچۇق كۆينىگىمنىڭ ھەممە ئىزمىلىرىنى شېشىپ ئەتتىم، بېشىمدا قىرلانغان ئاق مالىخاي ،پۇتۇمدا پەس پاشنا مەسكاپ ئۆتۈك ،تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ چۈشۈپ،جاڭگاللىق باغلاردا ئۈرۈك تاللاپ يەپ يۈرگەن ئىدىم.قويۇق ئۈرۈك ياغاچلىرى ئارىسىدىن ئۈچ-تۆت بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر قىز كېلىۋاتاتتى.مەن ئۇنى تونۇدۇم. ئۇ،ئۇششاق ئۆرۈلگەن قويۇق قارا چاچلىق،پىستە كۆزلۈك،لەۋلىرى جىنەستىدەك قىزارغان سۇمباتلىق باھار ئىدى.بىز ئۇچرىشىپ قالغان چاغلاردا بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرىشىپ ئۆتۈپ كېتەتتۇق.باھار كۈلگەن چاغدا ئىككى قوۋزىدىكى زىنىقى ماڭا ئۇنىڭ چىرايىنى ناھايىتى يېقىملىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. :-x F=Y(;  
   ئەنە،ئۇلار توپتوغرا مەن تەرەپكە كېلىۋاتىدۇ.يۈرىگىم دۈپۈلدەپ كەتتى.ئالدىمدىكى ئېگىز ئۆسكەن باراقسان شاخلىق ئۈرۈك ئۈستىگە چىقىۋالدىم. pVTx# rY  
   باھار شۇ ئۆرۈك تۈۋىگە كېلىپ: 4zyy   
     ــ تېرىڭلار ئۇكۇلۇرۇم،مۇشۇ ياخشى ئۆرۈك ــ د ېدى-دە،قولىدىكى سېۋەتنى يەرگە قويۇپ،ئۆرۈك تېرىشكە باشلىدى.مەن كەپتەرنى ماراپ ياتقان مۈشۈكتەك،يوپۇرماقلار ئارىسىدىن قاراپ،ئۇنىڭ ھەركىتىنى تاماشا قىلىۋاتىمەن .ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى گىردە ناندەك قىزارغان،بۇرنىنىڭ ئۇچىدا گۈل ئۈستىدىكى ئۇششاق شەبنەم دانىلىرىدەك تەر تامچىلىرى تىزىلىپ تۇراتتى.ئىڭىشكەندە ئىككى مەڭزىدىن ئالدىغا چۈشكەن چاچلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن سىلكىنىپ ئارقىسىغا ئېتىپ قويىدۇ.ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن ئۆرۈكلەرنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. <&3qFK*9r  
   ئالا بولغان ئۆرۈكتىن ئۈچ-تۈت تال ئۈزۈپ ئالدىم-دە،غولىنى چەللەپ تۇرۇپ بىرنى ئاتقان ئىدى،ئالدىغا چۈشتى،ئۇ،ئۇياق-بۇياققا قاراپ قويۇپ،يەنە ئۆرۈك تېرىشكە تۇتۇندى،ئىككىنچى قېتىم ئاتقان ئىدىم ،بېشىغا قاتتىق تەگدى،ئەتىمالىم،قوشۇمىسىنى تۈرگەن بويى ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ: {}ks[%,_\  
      ــ ئو...ھۇي قايسىڭوي،نىمىنداق قىلىسەن،-دەپ ئارقىسىدا ئۆرۈك تېرىۋاتقان بالىغا گۆلەيدى.مەن ئۆزەمى تۇتالماي كۈلىۋەتكەن ئىدىم. $j(2M?.>#  
      ــ ۋىيەي... ساراڭ ،ــ دېدى-دە،چالۋاقاپ سېۋەتكىمۇ قارىماي دومسايغان بويى باغدىن چىقىپ كەتتى.ئۇھ،مانا ئەمدى قالدىم بالاغا.ئۇ،شۇنچە نازۇك ئىكەندە،نېمىشقا ئويناشتىم ھە...ئەمدى گۇنانى قانداق يۇيۇش كېرەك. jBexEdH  
بالىلار بىلەن سېۋەتنى ئۆرۈككە لىق توشقۇزۇپ،باھارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بارىمەن ،ئۇ،ئانىسىغا يىغلاپ بارغان بولسا،‹ھۇي جۇۋاينىمەك،قىزىمغا نېمىشكە تېگىشتىڭ...›-دەپ جاۋىلداپ كەتسە،نېمە دەيمەن،سېۋەتنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ،ئۇنى قىچقىرىش كېرەك. [([?+Ouy  
ئىش مەن ئويلىغاندەك بولۇپ چىقمىدى.پۈتۈنلەي باشقىچە.ئۆرۈكنى كۆتۈرۈپ بارغىنىمدا باھارنىڭ ئانىسى ھويلىدىن پايپاسلاپ چىقىۋاتاتتى،گەپ قىلماستىن سېۋەتنى ئىشىك ئالدىغا قوتغان ئىدىم. =k]RzeI  
ــ رەھمەت بالام،خۇدا ئۆمرۈڭنى بەرسۇن،باھار ئۆزى قەيەردە قالدى؟ــ دىدى. RFyeA. N  
  مېنىڭ گۇنايىم تېخى بۇ يەرلەرگە يېتى كەلمىگىنىنى سېزىپ: CrHH Ob  
ــ كېلىۋاتىدۇ،ــ ھازىرچە مەندىن خوش بولغان بىلەن كېيىن تىللايسەنغۇــ دېدىم ئىچىمدە.ئارتۇق سۆز قىلماستىن ئارقامغا ياندىم. R3;GMe@D#  
ھىم،تازا ئىشلىتىۋالدىممۇ-تازا،ــ غورونىڭ يېنىدىكى چولاق تام كەينىدىن تۇيۇقسىز چىققان بۇ گەپ مېنى چۆچىتىۋەتتى،ئىتتىك ئارقىغا قارىسام،باھار كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ. g0w 
ــ ۋاي تاۋى نازۇك،شۇنىڭغىمۇ يامانلاپ كەتتىڭىزما!ــ دېدىم. B6tp,Np5,  
   ئۇ، ئۈن چىقماي چېچىنىڭ ئۇچىنى ئويناپ يەرگە قاراپ يۇراتتى.ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ خۇمالاشقان كۆزىدىن رەنجىگەندەك سېزىلمەيتتى.‹تاۋى نازۇك›دەپ قىلغان تەنەمگە جاۋاپ قايتۇرماستىن شۇنداق يېقىملىق،مۇلايىم قاراپ تۇراتتى،‹مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن›دەۋاتقاندەك،خۇددى شۇ ۋاقىتتا ئۇ،‹كەھ›دېسەم قولۇمغا كېلىپ قونىدىغان قۇرغۇي بولۇپ كۆرۈنەتتى. تەلپۈنۈپ تۇرغان ياشلىق كۆڭلۈمدە ئۇ بىرىنچى قېتىم ھېچنىمە بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ بولمايدىغان ئىسسىق بىر تۇيغۇ قوزغايتتى.خىجالەت بولۇشقا باشلىدىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تەمتىرەپ قېلىپ: <'H^}gQow  
   ــ بۈگۈنكى ئىسسىقتا ئۆرۈك تازا پىشىپتۇ،ــ دېدىم. lUXxpv1m  
   بىراق كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىلا غورا ئىكەنسىز،ــ دېدى باھار كۈلۈپ. M|e Qds  
   ‹ھىم مانا ئوخشاتتى سېنى ،ئەمدى نېمە دەيسەن›-دېدىم ئىچىمدە،شۇ پەيتتە ئۇ قىزغا گەپ تېپىپ بېرەلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدىم.ئۆز تەڭ-تۇشلىرىم ئارىسىدا ئىشتىلا ئەمەس،چاخچاق،گەپ-سۆزدىمۇ چېچەن ئىدىم.ئەمما،شۇ تاپتا مېنىڭ ئۇ چېچەن تىللىرىمنى قانداقتۇ بىر سېھىرلىك كۈچ سېھىرلەپ قويغاندەك خۈرئەتسىز ھالدا ئىدى.ياخشى ئۇنى ئانىسى قىچقىرىپ،سۆزىمىز شۇيەردە ئۈزۈلۈپ قالدى.  ol^J-  
  شۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمدە ‹باھار›دېگەن چىرايلىق بىر ئىسىم ھەمىشە يادلىنىدىغان بولدى،بىراق باشقىلارغا ئوخشاش ‹ئىشىق ئوتىغا گىرىپتار بولدۇم،مېنىڭ دەردىم بار ›دەپ لاغايلاپ يۈرگىنىم يوق.زوق بىلەن ئىشلەپ،ئېتىزنىڭ باغرىنى گۈل قىلىۋەتتىم.يەلپۈنۈپ تۇرغان كۆپ-كۆك بۇغدايلار،قوغۇن-قاپاقلار،باراڭ ئەيىراپىدا ئېچىلغان گۈل،زاراڭزىلار،ھەر كىمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى.مانا شۇ چاغدا قىن-قىنىمغا پاتماي ناخشا ئېيتاتتىم.كىمكەن ئۇ،مېنى ماختىمايدىغان ھەممىسى ئۆپچۆرەمدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيتتى.ئەنە،ئېتىزىم بوستان،مەن بولسام بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن.شۇنداق چىرايلىق چاغلاردا باھار بىلەن يار بولۇشقان،گۈللۈك باراڭدا سۆيۈشكەنىدۇق!... HpI[Af}l  
  ئۇ،ھەر كۈنى بىزنىڭ باراڭغا قوغۇن-تاۋۇزغا كېلەتتى. @$ E&H`da  
   ــ مۇشۇ قوغۇنلۇق ساڭا قارايدۇ،ئۆزەڭ تاللاپ ئۈزىۋال،ــ دەيتتىم.  ajF-T=5  
        باھارمۇ كۆپ چاغلاردا ئېتىزغا قۇرۇق كەلمەيدۇ.ئۇ ئانىسىدىن يوشۇرۇپ يۈرۈپ،يىپەكتىن گۈل چېكىپ تىكىلگەن قولياغلىق ۋە تاماكا خالتىسىنى ماڭا يالداما قىلىدۇ.پىياز شاكىلى بىلەن قىزارتىپ پۇشۇرغان تۇخۇملارنى ئەكىلىپ بېرىدۇ.كۈنلەر شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ تۇراتتى.بۇنىڭدىنمۇ تاتلىق ئارزۇلار تېخى ئالدىمىزدا ئىدى...... ;'!G?)PZ  
    باقى كۆكرىكىنى كۆتۈرۈپ قانغۇچە دەم ئالدى - دە، يەنە جىم بولۇپ قالدى. $5aRu,  
    مەن كۆسەي بىلەن تونۇردىكى نۇرسىزلانغان ئوتنى چوقچىلىدىم.ئېچىلغان قوقاسنىڭ يورۇقىدا باقىنىڭ يۈزىگە سەپسالدىم، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاۋاتقان گۈل،بوستان بۇلبۇل،باھار دېگەن چىرايلىق سۆزلەر خىيالىمدىن ئۇچتى. چۈنكى،ئۇنىڭ چىرايى سوغۇق شامالدا تىترەپ ئالدىمىزغا چۈشىۋاتقان كەچ كۈزدىكى ئۈششۈك يوپۇرماقلارغا ئوخشايتتى.بۇ كۆڭۈلسىز جىمجىتلىققا تۆزمىدىم.ئۇنىڭ ھازىرقى چىرايىنى ئەمەس،بۇلبۇل بولۇپ سايراپ يۈرگەن چاغلىرىنى كۆرگۈم كەلدى. w|?< ;+  
ــ باقىكا،شۇ چاغدىكى ناخشىلاردىن بىرەرنى ئېيتىپ باقمامسىز،ــ دېدىم. fw@n[u{~  
ــ ناخشا،ناخشا... ھە،بايا دېدىمغۇ،ناخشا ئېيتقۇچىلىكىمىز قالدىمۇ،سەن تېخى ئۇقمايسەن... b`N0lH.V  
  ئۇ،يەنە ئۆزىنىڭ كونا سەرگۈزەشتىسىگە چۈشۈپ كەتتى. <^+~? KDZM  
ــ بىزنىڭ مەھەللىدە باھارلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى بولمىغىنى ئۈچۈن،ئاتا-ئانىسى تىرىكچىلىك ئىزلەپ سۇلتان ۋەيىسىگە كۆچۈپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن مېنەڭ باھارىممۇ سۇلتان ۋەيىسىدە بولۇپ قالدى. 8"R; axeD  
   باھار كەتكەندىن كېيىن مېنىڭ قاپىقىم ئانچە ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى.ئۆيدىكىلەر بىلەن ئەرزىمەس ئىشلارغىمۇ ئۇرۇشۇپ قالىمەن.دادام :” ھە،بۇ ساراڭنىڭ بۇرنى كۆپتى “ــ دەپ قوياتتى. t-gg,ttnA  
    مەن ئات بېقىشنى بانا قىلىپ،تولا ۋاقىتلاردا كېچىلەرنى ئېتىزدا ئۆتكۈزىۋىتىمەن،   ئېتىزنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى قانداق سىرلىق  ؛بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ سوزۇلۇپ كەتكەن ئېتىز-ئېرىقلار،تاختا بولغان بۇغدايلار،ياپيېشىل يەلپۈنگەن بېدىلىكلەردە مەس بولۇپ‹ۋىتۋىلداخ ــ ۋىخ...ۋىخ›قىلىپ سايرىغان بۆدىنىلەرنىڭ ئاۋازى كۆڭۈلنى ئاللىقاياقلارغا ئئېلىپ قاچىدۇ.غۇيۇلداپ ئۇچىۋاتقان شامالدايىراقتىن كېلىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاش قانداق كۆڭۈللۈك، ئەنە.كۆز يەتكۈسىز يەرلەردە ئاۋرال تېغى چوخچىيىپ تۇرىدۇ.ئەنە شۇ ئاۋرال  تاغ باغرىدا مېنىڭ گۈزەل باھارىم ئۇيقۇغا كەتكەندۇ. 1wpT"5B  
مەن شۇ تەرەپكە قاراپ تاڭ ئاتقۇچە توختىماي ناخشا ئېيتىپ چىقىمەن،ئوھۇ!...بۇ قانداق ناخشىلار...يۈرەكنى يېرىپ چىقىدۇ.مەن ئۆمرۈمدە سېغىنىشنىڭ مۇنداق لەززەتلىك خۇمارىنى سەزمىگەن ئىدىم.،ــ دەپ كۆكسىنى تۇتۇپ بىر ئۇھ تارتقان ئىدى.مەن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭدىن: B '\^[  
   ــ شۇنىڭدىن كېيىن يارىڭىز بىلەن ئۇچراشمىدىڭىزمۇ؟ــ دەپ سورىدىم. *Q= ER  
                                       Ⅴ %(h-cuhq  
    ــ قىسقىسى،بىز مۇرادىمىزغا يەتكەنىدۇق.باھار بىلەن ئۆي تۇتتۇق.كېچە-كۈندۈز بىللە ئىشلەپ ،راھەتنىمۇ،جاپانىمۇبىللە كۆرەتتۇق.قولىمىزدا ئارتۇق نەرسە بولمىسىمۇ،بىلەكنىڭ كۈچىگە تاينىپ،ۋاقتىمىزنى چاغ ئۆتكۈزمەكتە ئىدۇق. !|K~)4%rj  
   ئەتىياز ئايلىرى،قىزىق قوش ھەيدەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،دادام ئۇزاق تارقان سىل كېسىلى بىلەن يېرىم كېچە مەھەللىدەجان ئۈزۈپ قالدى.دادام ئاز تولا كىتاپ ئوقۇشنى بىلىدىغىنى ئۈچۈن يۇرت ئىچىدە ئابرويى بار ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەھەللە چوڭلىرى چاپسانلا يېتىپ كېلىشتى.ھە،راستلا بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .مەن ھازىر شۇنچە خار بولۇپ قالغان بولساممۇ خەلق مېنى نېمىشقا ‹سەن›دېمەي،‹سىز›دەيدۇ.چۈنكى مەن دادامنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ ئانچە-مۇنچە قارا خەت تونۇپ قالغان ئىدىم.قارىغىنا شۇنىڭمۇ ھۆرمىتى بولىدىكەن. t_1a.Jv  
     يۇرت چوڭلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئون خوچە بۇغداينى ھارۋىغا بېسىپ،توخۇ ئىككى قىچقارغان چاغدىلا شەھەرگە كىرىپ كەتتىم. kBYZNjSz  
     بازاردىن كېپەنلىكلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن شەھەر  ئىچىگە(سېپىل ئىچىگە)كىرىپ تۇققۇنىمىزنى نامزغا ئېيتىپ قايتقان ئىدىم،دەڭ دەرۋازىسىدىن ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالدىم.ھەي...شەيتانلارنىڭ ئىشى دىگىنا! ھەممە پېشكەللىلىكنىڭ ئاۋىلى مانا شۇ   يەردىن باشلاندى.شۇ ۋاقىتتا ئالدىراپ،ئىچىمنىڭ تىت-تىت بولۇۋاتقانلىغىنى قايسى تىل بىلەن ئاڭلىتاي.ئاش ۋاقتى بىلەن كەلگەن ئادىم تا چىڭ چۈشكىچە ساقلاپ تۇردۇم.دەرۋازىنىڭ ئىچ-تېشىدا ماڭا ئوخشاش يول تالىشىپ تۇرغان ئات ھارۋا،ئۆكۈز ھارۋا،ئاتلىق،ئىشەكلىك،پىيادە كىشىلەرنىڭ سانى يوق.دەڭ دەرۋازا ئىچى خۇددى چوڭ بىر پاتقاق دەرياسى.ئۇنىڭدا ئاتلار ئۈزىدۇ،چىلىشىپ كېتىپ بارغان ھارۋىلار ئادەمگە قېيىقنى ئەسلىتىدۇ.پىيادە ئادەملەر بولسا،بۇنداق‹ قېيىقلارغا›ئىككى گۇۋازا،تولا ئالدىراپ كەتكەنلەر بىر تەڭگە كىرا بېرىپ ئۆتۈشۈپ   تۇرىدۇ.يول تالىشىپ ئاتلىقلارنىڭ،ئادەملەرنىڭ باش-كۆزىگە قامچىلار تېگىدۇ.تېيىلىپ يىقىلغان ئادەملەرنىڭ تەلەتىگە قاراپ كۈلگۈڭ كېلىدۇ.بىر تۇرۇپ ئۇنىڭ رەسۋا بولغان ئېچىنىشلىق قىياپىتىگە قاراپ ئىچىڭ ئاغرىيدۇ ياكى يىغلىغۇڭ كېلىدۇ.ئاتلار مۈدۈرۈپ كەتسە ياكى سەللا پۇتىنى ئېگىزرەك كۆتەرسە پۈتۈن ئەتراپقا پاتقاق مۆلدۈردەك ياغىدۇ.مۇنداق ۋاقىتتا ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ ناھايىتى كۈلكىلىك قىياپەتلەرگە كىرىۋالىدۇ،زارلىنىدۇ،لەنەت ئوقۇيدۇ.تىزىغىچە پاتقاق كېچىپ يۈرۈپ مۇشتلىشىۋاتقان ئادەملەرنىڭ رەڭگى-رۇخسارىغا قاراپ تېخىمۇ قاتتىق كۈلگۈڭ كېلىدۇ.لېكىن بۇ يەردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار،يۈرەكنى تىلىپ تاشلىغۇدەك ئاچچىق تىللار ،كۈلكىلەرنى باسىدۇ.بولۇپمۇ شۇ كۈنى ئادەملەرنىڭ ئۆتۈشەلمەي كۆپرەك تۇرۇپ قېلىشىغا بىر دېھقان سەۋەپچى بولدى.بىراق،شۇ سەۋەپچى بولدى دەپ تىللاي دېسەڭ ئۇنىڭ ھالى ھەممىنىڭكىدىن يامان بولغان ئىدى.ھېلىقى دېھقاننىڭ جىنازىغا ئوخشاپ قالغان ئېتى پاتقاقتىن ھارۋىنى تارتىپ چىقىرالماي تازا چۇڭقۇريەردە يىقىلدى.ئۇنى سەۋەپچى بولدى،دېگەن كىشىلەرمۇ ئىنساپ قىلىشى كېرەك،ئەلۋەتتە.پاتقاق دەرياسىغا چۆكۈپ كەتكەن ئېتىنى چىقىرىمەن دەپ ئۇنىڭ تارقان كۈنى ئازمۇ؟ئاخىرى ئېتى ئۆلۈپ قۇتۇلدىغۇ.بىچارە دىخاننىڭ بۇغا،جەۋەننى مۆرىسىگە سېلىپ،سۈزمە خالتىسىدەك بولۇپ چىقىۋاتقىنىنى،ئۇنىڭ يۈزىدىكى پاتقاقنى ،ئېقىپ چۈشىۋاتقان تارام-تارام يېشىنى كۆرگەن ئادەملەر يەنە ئۇنى سەۋەپ بولدۇڭ،دەپ قانداق تىللىماقچى ئىدى.ئەسلىدە سەۋەپ بولغان كىم ،نېمە؟!شۇ قارا دەرۋازىدا ئادەملەرنىڭ يولىنى توراپ قويغان دەرۋازا ئىگىسى.‹ئۇلۇغلار›-دە. 1SoKnfz{6  
   مىڭ بالالىقتا ماڭا ئەمدى ئۆتۈش نۆۋىتى كەلگەن ئىدى.قايسى كۆزۈم بىلەن كۆرەي،تەلەتى سۆرۈن بىر يايى كېلىپ،ئېتىمنىڭ تۇشۇقىغا بىر قامچا ئۇردى-دە : D@"g0SW4  
      ــ ھارۋاڭنى ئارقىغا قايتۇر،ــ دىدى. ^LgaMmz  
      ــ ئاكا مېنىڭ ئىشىم ئالدىراش ...ــ تېخى سۆزۈم ئاياقلاشقىچە باش كۆزۈمگە قامچا ياغدى.يەنە بىر يايى كېلىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتتى-دە ،ھارۋامنى ئارقىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. rug^_d=B  
     ‹ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ ›دېيىشەتتى،قېنى ئېرىتكىنى!مەن شۇ كۈنى دۇنيادىكى بار ياخشى سۆزنى قىلدىمغۇ.يالۋۇردۇم،ئىتقا ئوخشاش ئۇلارغا كۈچۈكلىنىپ يىغلىدىم.دادامنىڭ ئۆلۈكىنى ۋە پۈتۈن ئەۋلىيالارنىڭ ئەرۋاھىنى شىپە كەلتۈردۈم.مېنى زادىلا قويۇپ بەرمىدى.ئۇلارنىڭ باغرى تاشتىنمۇ قاتتىق،پۈتۈن تېنى مۇزدىن يارىتىلغان ئادەملەر ئىدى.ئادەملەر دۇنياغا بىر-بىرىنى مۇشۇنداق بوزەك قىلىش ئۆچۈن تۇغۇلغانمۇ؟ دادىڭنى ئاڭلايدىغان ئادەملەر قەيەردە...؟ p@`rB zGp  
     ماڭا ئوخشاش 30ھارۋىكەش ساڭدىن بۇغداي قاچىلاپ ساربۇلاققا ماڭدى...(بۇ ۋاقىتتا ساربۇلاقتىكى تۈگمەندە چىرىكلەر ئۈچۈن  ئۇن تارتىلاتتى).يالۋۇرۇش تۈگىمىگەن ئىكەن تېخى،تۆت كۈن ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپ بۇغداينى تۈگمەنگە ئۆتكۈزدۇق.ئات-ھارۋا بىلەن      ئۆ  زۈڭ نەچچە كۈن بىكارغا ئىشلىسەڭ رەھمەت-تازىم قېنى؟مانا قارا،رەھمەت-تازىم ئورنىغا ‹ئوغرى،بۇغداي كەم›ــ دەپ يۈزلىرىمگە تۈكۈرۈپ،يەتتە كىشىنى كۈرەدە ئۈچ كۈن سولاپ قويدى......مانا پالەشلەرنىڭ كاشىلىسى،مەن سولاقتىن چىقسام ‹ئېتىڭ ئۆلۈپ قالدى›-دېدى-دە،ئالدىمغا ئاتنىڭ تۆت تۇيىغىنى تاشلاپ قويدى.ئۇ مېنىڭ ئېتىمنىڭ تۇيىغىمۇ ئەمەس.مانا ئۆزلىرى ئوغرى.ئەزبىرايى خۇدا مەنسەپ دارلارنىڭ ئۆزلىرى ئوغرى.بۇ ئەھۋالدىن بىرەر يەرگە داتلاشمۇ تەس.كىمگە ئەرىز قىلساڭ بولىدۇ؟‹دادام ئۆلۈپ قالدى،جېنىم ئاكا....›دېگىنىڭگە قارىماي قامچىلاپ سېنى غۇلجىدىن كۈرەگە ھەيدەپ كەلگەن  ئادە  ملەرگىمۇ   ياكى ‹ئوغرى›دەپ سولاپ قويغان چىرىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭى جىڭ شۇسىغىمۇ؟ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ  باش قويۇشتىن يەنە نىمە پايدا چىقار؟.....ئاتتىنمۇ ،ئاتىدىنمۇ ئايرىلدىم.بۇغا-جاۋەننى ئۆشنەمگە سېلىپ غۇلجىغا قايتتىم .خەيىر ئۇمۇ كەتتى. K r $R"  
   ئۇ،ئادەتتىكى سۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇيۇقسىزلا قايناپ : 1jU<]09.  
     ــ شۇمۇ ئادىمىگەرچىلىكمۇ،بۇ نەقاتارلىق ئۇياتسىزلىق ئىش –ھە،خۇددى غالجىر ئىت ئۇلارچۇ قارا!ــ  دەپ خىقىراپ توختاپ قالدى. tpw0j CVu  
    ئۆچۈپ تۈگەي دەپ قالغان سامان ئوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاتلاملىرىنى چۇخچىلىغان ئىدىم،ئۇنىڭ قاشلىرى چىمىرلاپ كۆزىدە غەزەپ ئوتى چاقنىغاندەك كۆرۈندى. .),%S}  
    ئاي بىز بىلەن ئاللىقاچان خوشلاشقان،جاھان بارغانسىرى قاراڭغۇلۇق ئىچىگە پاتماقتا.يېقىن بىر جايدىكى ئىتنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى كۆڭۈلگە قورقۇنۇچ سېلىپ ئۆتتى. 5qo^SiB.  
      باقى سۆزىنى داۋام قىلدى. No8~~  
     ــ بىزنىڭ ئۆيدە ئۆلۈم مەرىكىسى بولدى.ئۆلگەن كىشى بولسا،مېنىڭ دادام،ئۇنى قانداق ئۇزاتقاندۇ؟مەن ھازىدار،بىلىمگە ئاق باغلاپ،كۆك تاياق تاينىپ،جىنازا ئالدىدا يىغلاپ چىقىشىم  كېرەك ئىدىغۇ.مېنى دادام قانچە ئېغىرچىلىقلار بىلەن باقتى،مەندىن نېمىلەرنى كۈتكەن ئىدى.قېنى ئۇ،قېنى مېنىڭ ئەسقاتقىنىم،ئېسىت،ئېسىت بەختسىزلىك.....يۇرت ئالدىغا نېمە دەپ،قايسى يۈزۈم بىلەن چىقىمەن ....شۇنداق تۈگىمەس-پۈتمەس خىياللار بىلەن دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن ئىدىم. v#u]cmI  
   ــ ھەي جىمبۇ كۆتۈرگەن،توختا !ــ دېدى بېلىدە سىم ئورىغان قامچىسى بار بىر ئادەم. O H~X~n-Z  
   ــ ياق ساتمايمەن،ــ دەپ يولۇمغا كېتىۋەرگەن ئىدىم،ھېلىقى ئادەم يۈگۈرۈپ كېلىپ: 1;E[Ml  
   كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن چوشقا !ماڭ بۇياققا،سەيسى قىلىسەن !ــ دېدى-دە،ئارقامغا ئىتتىرىۋەتتى. c|q!C0X[  
  ــ يەنە نىمە سەيسى بۇ،مەن ھازىر سەيسىدىن كەلدىمغۇ ! @a,X{ 0  
ــ ساختىپەزلىك قىلما ،ياخشىلىقچە ماڭ ئىت ! q]Gym 7o  
ــ ئەزبىرايى خۇدا،مەن سەيسىدىن كەلدىم، 3vTX2e.w  
ــ ياخشىلىقچە ماڭامسەن- يۇقمۇ؟!ھىلى بىكار كۆرىسەن چوشقىنىڭ بالىسى. I,dH\]^h=  
ــ ئۆزەڭ چوشقا،ئۆزەڭ غالجىر ئىت،ماڭمايمەن نېمە قىلىسەن؟! PZ2$ [s0W  
ئۇ قامچىسى بىلەن بىر نەچچىنى ئۇرغان ئىدى.قولىنى ئارقىسىغا قايرىپ چىڭ تۇتىۋالدىم.بوي بەرمىگەنلىكىمنى كۆرۈپ،نەدىندۇ،ئىككى چېرىك يۈگۈرۈپ كەلدى.ئاۋال ھارغىچە ئۇرۇپ،تېپىپ دۇمبالىدى.كېيىن بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويدى. sOA!Sl  
  ھارغىنلىق ۋە قوساقنىڭ ئاچلىقىدا ئەسنەپ-ئەسنەپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن ،يەنە ھېلىقى قاپىقى يامان ،سىم ئورىغان قامچىسى بار يايى: \eD#s  
ــ چىلەي،چەنتۇ ؛چىلەي!دەپ بېشىمغا تېپىپ ئۇيغىتىۋەتتى.نېمە دەيسىز جاڭگۇيدە؟دېدىم. ! 7,rz1s73  
ــ زو،زو،دېدى ئۇ.مەن قولۇمنى سەھرا تەرەپكە شىلتىپ:ــ چىقىپ كېتەيمۇ،مېنى قويىۋەتسىڭىزچۇ لويا مەن خۇرجا ،داداڭزا ئۆلدى... ــ شىما،زو،زو دېدى ئۇ تالانى كۆرسىتىپ...بۇ بەغەرەزگىمۇ ھېچ تىلىمنى ئۇقتۇرالمىدىم،ئۇ مايلىشىپ كەتكەن سولتەك چاپان كىيگەن،غورا قاپاق،خام سېمىزبىر ئادەم بولۇپ،دوتەينىڭ مەپىكىشى ئىكەن.   e|Iylv[3  
^G'8!!ys  
ــ ئاناڭنىڭ يېنىغا بارامسەن ھارىمى.... Y%!3/3T  
ــ يەنە نىمە دەيسىز بېگىم؟! ]0P-?O:  
ــ ھە،ئەمدى خېلى چۆچۈپ قاپسەن.ئالدىمغا چۈشۈپ ماڭ،ــ دېدى-دە،ماڭا ئوخشاش پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان سەيسىكەش بىر ئادەم بىلەن ئىككىمىزنى چۈشكىچە بېدە توغراتتى.ئاندىن كېيىن نامازدىگەرگىچە قىغ توشۇتۇپ قويۇپ بەردى.مانا كۆردۈمۇ بۇ نېمە دېگەن خورلۇق. [su2kOX|X  
   ئۆز ئاتىسىنىڭ ئۆلۈكىنى تاشلاپ كېتىدىغان ئادەملەرمىدۇق بىز.مۇنداق ئوساللىقنى مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن قىلدىممۇ؟ياق.ئىش شۇنداق بولسىمۇ يەنە ھەممىسى مەندىن كۆڭۈل ئاغرىتىدۇ.يۇرت ئىچىدە مەن ئەڭ باغرى تاش يامان ئادەم !ھەتتا ئادەممۇ ئەمەس.خۇددى كالا ياكى ئىت.توغرا،ئۇلارنىڭ شۇنداق قاتتىق رەنجىشىگە ھەققى بار،بىراق كاساپەتكە ئۆزۈم يولۇقاي دەپ ئاتايتەن بارمىدىندە-دە،.....ئۇرۇق-تۇققانلار ماڭا ئوچۇق چىراي ئاچمايدو. [.;$6C/?  
  ــ داداڭ ئۆزى تاپقان بىر جۈپ ئۆكۈزنى سېتىپ،بىر كۈنلۈك مەرىكىسىنى ئۇزاتتۇق.سەنمۇ ئوغۇل بالا مەن دەپ بېلىڭنى باغلاپ يۈرىسەنغۇ.قېنى يەتتە نەزىرىنى قانداق قىلىسەن،ياكى داداڭنىڭ يەتتىسىنىمۇ بەرمەمسەن،ــ دېگەندەك سۆزلىرى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ يۈرەككە نەشتەردەك سانچىلىپ تۇراتتى.ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ تەنىسىنى بېسىش ئۆچۈن دادامنىڭ يەتتە نەزىرىسى نى ناھايىتى چوك ئۆتكۈزدىم. INrl^P*  
  شۇ يىلدىن باشلاپ ئۆزئالدىمغا يەر ھەيدىيەلمىدىم.قوش،ئات-ھارۋرا، ھەتتا ئۇرۇقلۇققا بىر خو بۇغداي ئۆچۈن باشقىلارغا سارغىيىدىغان بولۇپ قالدىم.ئەمدى كېچە-كۈندۈز جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسەكمۇ چاپىنىمىز تىزدىن ئاشمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۈچ-تۈت يىلغا بارماي يېرىمىزنىڭ مۇقىم پارىغى دەن ۋە باشقا ئالۋاڭلارنى بېرەلمەستىن يەرنى سېتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىنمۇ ئادا تاپتۇق.....شۇندىن بېرى تالادا قېلىپ،ھەركىمنىڭ ئىشكىدە تەمتىرەپ يۈرىمىز.ئىككىمىز خامان تەپكەن كۈنى ھېلىقى خوجايىننىڭ زەھەرلىك سۆزلىرىنى ئۆزەڭمۇ ئاڭلىدىڭ.ھە،مانا بىزنى شۇنداق ئاچ كۆز خوجايىنلار،ئالۋان-ياساقلار،خورلۇق –ھاقارەتلەر قۇرۇق قاقشال قىلىپ قويدى.مانا ھازىر ئۆزەڭ كۆرۈپ تۇرىسەن.بىزدىن ئەمدى ماغدۇر كەتكەن.تىرىكچىلىك بولسا،مۇشۇ...قېنى ياشلىق !قېنى كۆڭۈلدە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان زوقلار !ئەمدى ۆكڭۈلگە  ئارام بەرگۈدەك چىاريلىق ناخشا ئېيتىش مۈمكىنمۇ،يوق.ئۇنىڭغا زوق كېرەك،ماغدۇر كېرەك. j>XM+>  
   باقى كۆڭلىدىكى ھەسرىتىنى قاپلىشىپ چىققان تۈتۈندەك ئۇزۇن ۋە ئېغىر بىر تىنىپ چىقاردى-دە، توختاپ قالدى. j|3p.Cy  
  يەرنى قۇچاغلاپ ئالغان كېچىنىڭ ئېغىر قاپ-قارا بېسىمىنى بۇزۇپ ھەر تەرەپتىن خورازلار قىچقاردى.بۇ ئاۋازلار شەرقنى قاپلاپ ياتقان  قويۇق قاراڭغۇلۇقنى نېپىزلىتىشكە باشلىدى.بىز تونۇرغا ئېڭىشكەن  ئىدۇق،كاۋىنىڭ كۆيۈپ پىشقان پۇرىغى دىماققا كېلىپ تەگدى.ئۇنى تونۇردىن كەتمەندە ئاۋايلاپ ئالدۇقتە،باقىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتۇق. n%PHHu  
                                            Ⅵ y7aBF13Kl  
     باھارخان ئۆلگەندىن كېيىن باقىنىڭ سىل كېسىلى ئېغىرلىشىپ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بىر كۈنى ئۇنى يوقلاپ قويماقچى بوۇپ يېزىغا چىقتىم.سىلەرگە تونۇش بولغان ھېلىقى ‹ئالۋاستى كەپىسى›بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە سەتلىشىپ كېتىپتۇ.ھەممىگە نۇر بېرىشكە سېخى بولغان كۈنمۇ بۇ بىر ئېغىز ئۆي ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئىسسىق ئاق نۇرىنى چېچىپ ئۆتمەيدۇ.بىرنەچچە ۋاقىتتىن بېرى باھارخاننىڭ شىۋاق سۈپۈرگىسەدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئەخلەت-چىرىندىلەر ۋە كېسەلنىڭ غەلدى-غەشلىرى ئىنتايىن يامان پۇراق چېچىپ تۇرۇپتۇ.مۇنداق ئۆيلەردە كىمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ،ئارام ئېلىپ تۇرالايدۇ.توغرىسىنى ئېيتقاندا،ھايۋانلارمۇ شۇنداق جايلاردا ئۇزاق چىداپ ياتالماس ئىدى.لېكىن باقىنىڭ ئائىلىسىدەك مىلىيۇنلىغان ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ‹ئالۋاستى كەپىلىرى›دە كۈن كەچۈرۈپ يۈرۈپ ئاچچىق ھەسرەتتە بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشاتتى. >?s [g)np  
   ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى.يېڭى تىرىلىپ باقىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چىۋىنلەرنىڭ گىژىلدىشى ۋە ئۆينىڭ بۇلىڭىدا ئۇخلاۋاتقان ئاۋاق پۇشقاق مۈشۈكنىڭ يۇمشاق خىرىلدىشى بۇ جىمجىتلىققا ئېچىنارلىق مۇڭ بېرىپ تۇراتتى.مۇڭلۇق بۇ جىمجىتلىق ئىچىدە باقىنىڭ تۆت بالىسى دان توشۇپ تۇرغۇچى ئانىسىدىن ئايرىلغان سېرىق تۈكلۈك كەپتەر باچكىلىرىدەك يېرىم ئاچ ھالدا شۈمشىيىپ يېتىشىدۇ. 6jjmrc[#}X  
ــ مەن باقىنىڭ يەتتە ياشلىق بالىسى توختىدىن : --E_s /   
داداڭ كىشى تونۇمدۇ؟ــ دەپ سورىدىم . xaQ]Vjw  
ــ ئۈچ كۈن بولدى گەپ قىلمىغان ،كۆزىنى ئاچمىغان.....ــ دېدى ئۇ،پەس ئاۋاز بىلەن. R,[ dEP  
يۈزىنى يېپىپ قويۇپسەنغۇ؟ــ دېدىم. &~oBJar  
ــ بايا دادام،ئى...ئى  قىلىپ ھىجايدى ئاغزىغا چىۋىن ئولىشىپ كەتتى،يېپىپ قويدۇم،ــ دېدى ئۇ،كۈلۈمسىرەپ .ئۇنىڭ ئۆڭگەن يۈزىدە خىرە يانغان خوشاللىق نۇرى دادىسىنىڭ ئەمدى ياخشى بولغانلىقىنى ئىپادە قىلماقچى ئىدى.لېكىن ئەكس ھالدا ماڭا ئۇنىڭ يۈزى بىر نەرسىدىن يىرگىنىۋاتقان ئادەمنىڭ چىرايىدەك بولۇپ كۆرۈندى. g[ 
   باقىنىڭ يۈزىنى ئاستا ئېچىپ باققان ئىدىم.مەن ئۇنى چىرايى تامدەك تاتىرىپ،ئېڭىگى تۆۋەن چۈشكەن ھالدا كۆردۈم.تېنىم جىغىلداپ كەتتى.قورقۇنۇچ باستى.بالىلىرىغا تۇيدۇرماستىن ئاستا تالاغا چىقىپ كەتتىم. EhDKh\OY5  
   ئەتىسى ئەتىگەندە مەھەللىدىكى بىر نەچچە كەمبەغەل،كۆيۈمچان ئادەملەر يىغىلىپ،سۆگەت شاخلىرى بىلەن جىنازا توكىدى.ئۇنى غېرىپ يوپۇقى بىلەن ياپتى-دە ئاش ۋاقتى بىلەن باقىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ مەھەلىدىن يىراقتىكى تۇپراقلىققا ئېلىپ مېڭىشتى.ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھازىدارى يوق ئىدى.جىنازا مەھەللىدىن ھەشەمەتسىز،يېنىك ھەركەتلەر بىلەن ئۇزۇتۇلدى.ناھايىتى جىنازا ئالدىدا باقىنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى يىغلامسىراپ،بۇرنىنى تارتىپ،ئۆز گەۋدىسىنى باشقۇرالماي،مۈدۈرۈپ-مۈدۈرۈپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بولسا بەش ياشلىق سىڭلىسى پىلدىرلاپ ئەگىشىپ بارىدۇ.بۇ كىچىككىنە قىزنىڭ يۇمشاق چاچلىرى ئايلاپ تاغاق كۆرمەي پاخماق بولۇپ قالغان،پۇتى يالاڭغىداق،ناھايىتى ئۇچىسىدا ھەر رەڭلىك لاتىلار بىلەن يامالغان كىر،يىرتتىق كۆينىكى بار ئىدى.ئۇ،كىچىككىنە قارا كۆزلىرىنى كۈچ بىلەن ئېچىپ،بىر ئارقىسىغا،بىر ئالدىغا مۈدۈرلۈپ قارايدۇ،بىر يۈگۈرەيدۇ،بىر توختاپ ئاكىسىنىڭ قولىنى تۇتىۋالىدۇ.ئۇنىڭ مۇنچاقتەك پاقىرىغان كۆزىدىن :..‹ئاپام قېنى ،ئەمدى دادامنى نەگە بارىسىلەر،بىز قانداق قىلىمىز....›دېگەندەكمەنىلەر چېچىلاتتى.خۇددى شۇ ۋاقىتتا باقىنىڭ تۇمانلىق ۋە قاراڭغۇ ھاياتى ئېغىر كۆلەڭگۈ بولۇپ،جىنازا ئۈستىدىن ئۆتەتتى.مەن ھەسرەت دەرياسىغا چۆمگەن ھالدا بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ كېتىپ بارىمەن.مېنىڭمۇ بەش ياشلىق چاغدىكى تەجىربىسىز يۈرۈگۈمدە ئانامدىن ئايرىلغان مۇنداق كۈلەرنىڭ ئاچچىق دېغى قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۆچۈنمۇ يۈرەكنى ئېزىدىغان تىتىرەتكۈچى مۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ماڭا ھەممىدىن چۇڭقۇرراق  تەسىر بەخش ئەتتى. B|E4(,]^  
    مانا تۇپراقلىققا يېتىپ كەكدۇق،بۇ يەردە بەختسىز ھاياتتىن خوشلاشقان مىڭلىغان ئادەملەرنى،ئۆزقوينىغا ئالغان كونا تۇپراقلار دۈمچەك-دۈمچەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ھەممە قەۋرە بىر خىل كۆرۈنۈشتە ئەمەس ئىدى.ھىمايىچىلىرىدىن ئايرىلغانلىرى ئويۇلغان ياكى ئىزىنى تۈگىتىپ كىچىككىنە دۈمچەك بولۇپ قالغان.بەزىلىرىنىڭ بولسا،ئۈستىگە تاش،ياغاچ،قوچقار مۈڭگۈزلىرى قويۇلغان،ئاندا-ساندا سالاسۇن بىلەن ئورالغان ۋە گۈمبەز قىلىپ قاتۇرۇلغان مۆتىۋەر قەبرىلەرمۇ كۆزگە چېلىقتى.يەنە يېڭىدىن توپا دۆۋىلەنگەن قەۋرىلەر ئۈستىگە گۈللەر تېرىلىپ سۇ قۇيۇپ قويۇلغان ئىدى.مانا شۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى توپا دۆۋىلەنگەن باقىنىڭ ئاددى قەۋرىسى ئورۇن ئالدى.كۈدىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەۋرىلەرنىڭ يەنە بىر سانى ئاشتى. "<6X=|C  
    باقىنىڭ قەۋرىسىگە مۈڭگۈز قويۇلمىدى ياكى گۈل تېرىلمىدى.ئۇنىڭ قەۋرىسى تېخى ئەتىيازنىڭ يۇمشاق كۆكتاتلىرى بىلەن قاپلانمىغان يالىڭاچ مۇڭلۇق قەۋرە بولۇپ قالدى. \k\ {S2SU  
x]o~ %h$  
kj_ o I5<'  
                 1946-يىلى     غۇلجا ?HT +| !4p  

ياسىنجان510 2014-01-01 23:24
بۇ ھېكايىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى پارچە قىستۇرما رەسىمنى ھېكايىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا قىسترۇپ يوللاي دېسەم يوللانمىدى .ئەگەر بىرلىكتە يوللىنىپ كەتكەن بولسا باشقىچە بولغان بولاتتى

زىيا 2014-01-02 01:11
«ماغدۇر كەتكەندە» ۋە «چېنىقىش» ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى بۈيۈك نامايەندە دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.  كېشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغىنى زورلاپ تېڭىلغان (سوتسىيالىستىك رېئالىزىم) دىگەن پەرداز بۇيۇمى.

ئەكبەرنىياز 2014-01-05 12:47
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مۇنبىرىمىز سىزدەك پىداكارلار بىلەنلا يەنىمۇ يۈكسىلىدۇ ، ھارمىغايسىز !!!

ياسىنجان510 2014-01-05 22:52
ئەكبەر نىياز ئەپەندىنىڭ ئىلھام بەرگىنىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .مۇنبەرنى ھەرگىز قۇرۇق قويمايمەن ،تەييارلىغان ماتىرياللار خېلى بار ئىزچىل يوللايمەن.

tawpek 2014-01-08 00:06
تولوق ئوتتورا ھاياتىمىزنى ئەسلەتتىڭىز. v TE3-v[i  
OH.lAF4E(  
QT\||0V~p  
مۇنبەردە تۇنيۇقۇق دەپ بىر ئاكىمىز بولىدىغان تولوق ئوتتورنىڭ ھەممە دەرىس تېكىسىتلىرىنى بىرمۇ بىر بىسىپ ئاساسەن كىرگۈزۈپ بولدى. e@6]rl  
D\13fjjHlu  
پىنسىيە يىشىغا يىقىنلاشقان ئۇ ئاكىمىزنىڭ ئەجرىدىن ھەممە سۆيۆنگەن ئىدى، مانا ئەمدى سىز ئۇنىڭ يولىدىن مىڭىۋاتىسىز. Os)jfKn2  
mVaWbR@HS  
كۆپ تەشەككۇر ئەزا بولوپ كىرگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ھەقىقەتەن تىز ئىلگىرلىدىڭىز.

ياسىنجان510 2014-01-08 15:08
مەن زۇنۇن قادىر نىڭ بۇ ھېكايىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن.ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ باقىنىڭ تراگىدىيىلىك تەقدىرى ئارقىلىق قەدىرلىك مىللىتىمنىڭ باشتىن كەچۈرگەن قاباھەتلىك تارىخىي دەۋىرلىرىنى ئويلاپ ،چۇڭقۇر ئويغا پاتىمەن.ئەي!ئەزىز خەلقىم،نېمە قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرمىدىڭ ،ھە !!

祖丽菲 2014-03-06 16:14
      

تەۋپىقنىسا 2014-04-30 15:44
زىيا:«ماغدۇر كەتكەندە» ۋە «چېنىقىش» ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىدىكى بۈيۈك نامايەندە دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.  كېشىنى بۇرۇقتۇرما قىلىدىغىنى زورل .. (2014-01-02 01:11) 
`-b{|a J  
كۆپ ئەجىر قىپسىز.بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر


查看完整版本: [-- ماغدۇر   كەتكەندە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled