查看完整版本: [-- ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2013-12-31 21:57

ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز

ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز

بۇرۇن چارچاش سۆزىنى جىسمانى جەھەتتىن ھېرىپ - چارچاشقا ئىشلىتەتتۇق. بۈگۈنكى ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش رېتىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان دەۋردە بولسا، ئادەملەر جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى پىسخىكىلىق جەھەتتىن چارچاپ قالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن پىسخىكىلىق چارچاش «يۇشۇرۇن قاتىل» سۈپىتىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەلۋەتتە، بۇ خىل چارچاشنى تۈگىتىش ئۈچۈن، پىسخىكىمىزنى ئاسراپ ۋە ئۇنى تەڭشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
سىز چارچىدىڭىزمۇ ؟ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ .

ئادەملەر چارچىغاندا سىگنال بېرىدۇ، بۇ سىگنال ئارقىلىق چارچىغان ياكى چارچىمىغانلىقىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئۆزىنى سىناش ئۈچۈن تۈۋەندىكى 20 خىل ئەھۋالنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەردى. قايسى نۇقتا سىزدە مەۋجۈت بولسا «توغرا» بەلگىنى قويۇڭ.
1- ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئورنىڭىزدىن تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ.
2- ئاپتوبوس كەلسە يۈگۈرۈپ چىققىڭىز كەلمەيدۇ.
3- پەلەمپەيگە چىققاندا پۇتىڭىزنى ئاران يۆتكەيسىز.
4- رەھبىرىڭىز ياكى تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرىشىشنى خالىمايسىز.
5- ماقالە يازغاندا ياكى دوكلات بەرگەندە، داۋاملىق خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
6-گەپ قىلغاندا ئاۋازىڭىز ئىنچىكە ھەم قىسقا.
7- باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايسىز.
8- داۋاملىق خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قالىسىز.
9- كۆپ چاي ئىچىسىز.
10- مايلىق نەرسىلەرنى يىگۈڭىز كەلمەيدۇ.
11- لازا سېلىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز.
12-قول - پۇتلىرىڭىز قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
13- كۆزىڭىزنى ئاچالماي قالىسىز.
14- داۋاملىق ئەسنەيسىز.
15-يېقىن دوستىڭىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئەسلىيەلمەيسىز.
16- پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ.
17- ھاراق، تاماكىغا ئالاھىدە ئامراق.
18- سەۋەپسىز سەمىرىپ ياكا ئورۇقلاپ كەتتىڭىز.
19- ئوڭايلا ئىچىڭىز سۈرۈپ قالىدۇ، ياكى قېتىپ قالىدۇ.
20- ئۇيقىڭىز كېلىدۇ، بىراق كارىۋاتقا چىقسىڭىز ئۇخلىيالمايسىز .
يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنىڭ 2سى بولسا، يەڭگىل دەرىجىلىك چارچاش مەۋجوت بولىدۇ؛ 4سى بولغان بولسا، ئوتتۇرھال دەرىجىلىك چارچاش بولىدۇ؛ ئەگەر 6سىدىن يۇقىرى بولغان بولسا، ئېغىر دەرىجىلىك چارچاش بولۇپ، چوقۇم ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك.
سىز قايسى خىلدىكى ھاردۇق يېتىشكە كىرىسىز.
ھاردۇق يېتىشنىڭ سەۋەبى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىق جىسمانىي جەھەتتىن چارچاش، مېڭىسى چارچاش، پىسخىكىلىق چارچاش ۋە ئۇنىۋېرسال چارچاش قاتارلىقلار بار.


ئەكبەرنىياز 2014-01-01 04:59
قارىغاندا مەنمۇ چارچىغان ئوخشايمەن  ، ئىشىنىمەنكى بۇ دۇنيادا چارچاۋاتقانلار مەنلا ئەمەس ،-ھە قاچان !؟

ياسىنجان510 2014-01-01 10:10
مەندىمۇ بارئىكەن،ئۆزۈمى تەڭشىۋالسام بولغۇدەك.

گۈلنىھال 2014-01-02 15:10
ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئورنىڭىزدىن تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ.
...- پەلەمپەيگە چىققاندا پۇتىڭىزئاران يۆتكەيسىز
رەھبىرىڭىز ياكى تونىمايدىغان ئادەملەر بىلەن كۆرىشىشنى خالىمايسىزنى

لازا سېلىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىسىز
پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ.
مۇشۇ ئالەمەتلەر مەندە بار . ئۆزۈمنى چۈشىنىشىنمگە ياردەم بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت

مەرىپەت0999 2014-01-03 17:54
ئاپلا،مەندە 11 خىل ئەھۋال بايقالدى.قانداق قىلارمەن؟؟!!!!!

tawpek 2014-01-05 23:59
1- ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئورنىڭىزدىن تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ.
16- پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ.


مەندە ئاشۇ ئىككىسىلا باركەن.


مەندەك ياخشىراق ئارام ئىلىپ ئۆزۆڭلارى چارچاتماي يۈرسەڭلار بولغۇدەك.

گۈلنىھال 2014-01-06 10:54
tawpek:1- ئەتتىگىنى ھورۇنلۇق قىلىپ، ئورنىڭىزدىن تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ.16- پۇتىڭىزنى جوزىنىڭ ئاستىغا سۇنۇپ ئولتۇرغىڭىز كېلىدۇ.مەندە ئاشۇ ئىككىسىلا بار .. (2014-01-05 23:59) 

مەن تېخى سىزنى ، ئىشى بەك كۆپ ، ۋاقتىدا ئارام ئالالمايدۇ .... دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، خاتا ئويلاپتىمەن جۇمۇ .... بىكار ۋاقىتلىرىڭىز باركەن  ئەسلى ھە؟


查看完整版本: [-- ئۆزىڭىزدە پىسخىكىلىق چارچاش بارلىقىنى بىلەمسىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled