查看完整版本: [-- غېرىپ - سەنەم "دىن پارچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> غېرىپ - سەنەم "دىن پارچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-12-31 19:31

غېرىپ - سەنەم "دىن پارچە

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(17) { !w]t?h  
غېرىپ - سەنەم "دىن پارچە 9M6&+1XE  
1.    ژانېرى:  رىيالىستىك خۇسۇسىيەتكە ئېگە خەلق داستانىدىن  پارچە  2.    ئاپتورى: خەلق GM5::M]fS  
3.  يېڭى سۆزللەرنىڭ مەنىسى: hE;  
ئەلقىسسە(شۇنداق قىلىپ)،سەجدە قىلماق( باش قويماق)،سەير قىلماق(تاماشا قىلماق ،ئايلانماق )،دەرلەر (دەيدۇلەر ، ئېيتىدۇرلەر (پىغان(نالە-پەريات،ھەسرەت،دەرت-ئەلەم)،پەيمان(قەسەم،ۋەدە)، پەيمانى توشماق(زاۋاللىققا يۈز تۇتماق،يوقىلىش گىرداۋىغا بارماق،كۈنى ئاخىرلاشماق) ~Oq(JM $M  
4.    مۇھىم مەزمۇنلىرى: mF "ctxE  
① سىز غېرىپنىڭ باغدادقا سۈرگۈن قىلىنىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز ؟ (mv8_~F0  
ـــ غېرىپنىڭ باغدادقا سۈرگۈن قىلىنىشىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، ھاياتتا كۆپ ھاللاردا زوراۋان كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىگە تايىنىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرىنىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. r t f}4.  
② غېرىپنىڭ ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىش ئالدىدا سەنەم بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى نېمە ئۈچۈن شېئىرى شەكىلدە بېرىلگەن؟ */6PkNq  
ـــــ ئەگەر نەسرى شەكىلدە بېرىلگەن بولسا ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى شېئىرى شەكىلدە بېرىلگەندەك تەسىرلىك ،جانلىق، ھېسسىياتلىق چىقىشى ناتايىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ شېئىرلار ناخشا قىلىپ ئېيتىشقىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدۇ. بۇ شېئىرلار ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىلسا ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئىستېتىك ئۈنۈم تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى بولىدۇ.بۇنى تونۇپ يەتكەن داستانچىلار مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ماھارەت بىلەن ۋەقەلىكنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇر داستانچىلىرىنىڭ بەدىئى قۇۋۋىتىنى ھېس قىلالايمىز . 3^8%/5$v  
③ بۇ پارچە سىيۇژىتنىڭ قايسى بۆلىكى ھېساپلىنىدۇ؟ داستاننىڭ مەركىزى ئىددىيىسى نېمە؟ #*5A]"k  
ـــ بۇ پارچە پۇتۈن داستاننىڭ تۈگۈن قىسمى ھېساپلىنىدۇ. ھىقىقىي مۇھەببەتنىڭ پاكلىق ،ساداقەتمەنلىك، رازىمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ، بۇ يولدا ھەر قانداق خېيىم-خەتەر مۇشكۇلاتلارغا تىز پۈكمەسلىك لازىملىقى ـــ غېرىپ-سەنەم داستانىدىكى مەركىزى ئىددىيىدۇر. d]CRvzW  
④ داستاننىڭ قۇرۇلمىسىنى تەھلىلى قىلىڭ: B+,Z 3*  
ــ  بۇ داستان نەسرى بايانلار بىلەن شېئىرىي پارچىلارنىڭ پاراللېل يانداشتۇرىلىشىدىن تۈزۈلگەن. نەسرى بايانلار ۋەقەلىك راۋاجىنى ئىلگىرى سۈرسە، شېئىرى پارچىلار پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتقان. ^ygN/a>rr  
④ خەلق داستانلىرى دېگەن نېمە؟ [@Y?'={qE  
قانداق تۈرلىرى بار ؟ قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە؟ ــــ نەسرى بايان ۋە نەزمى تەسۋىرلەر ئارقىلىق مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش مەزمۇنىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدىغان يىرىك ھەجىمدىكى سىيۇژىتلىق ئەسەرلەر خەلق داستانلىرى دىيىلىدۇ.ئۇ مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق داستانلىرى ، تارىخى داستانلار ۋە دىنى داستانلار دەپ تۆت تۈرلۈك بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى: ^[!LU  
1) نەسىر بىلەن نەزىمنىڭ بىرلەشمىسىدىن تۈزىلىدۇ. I@e{>}  
2) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلقارا سىيۇژىتلار ئاساسىدا يارىتىلغان. a~WtW]  
3) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى مول ۋە رەڭگارەڭ ئاھاڭ-كۈيلەرگە ئېگە Y ~xcJH  
4) ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەزمۇنى مولدۇر. t /1KKEZM  
/bbs/read.php?tid=8331 S!0 

ياسىنجان510 2014-01-01 10:17
غېرىپ-سەنەم داستانىدىن پارچە ياخشى يوللىنىپتۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-01-04 23:07
ناھايىتى ئەتراپلىق تۈزىلىپتۇ ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

parixta 2014-01-08 21:58
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى ئۇچۇرلارنى يوللاپسىز . كۆپ تەشەككۈر!!

مىېھرىما 2014-01-23 16:36
     رەھمەت ھارمىغايسىز

گۈلنىھال 2014-01-23 17:37
?k$'po*Eq  
‏خەلق داستانلىرى دىگىنىمىز :  مەلۇم دەۋىردە خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا  يۈزبەرگەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقەلەر، قەھرىمانلار ، پالۋانلار توغرىسىدا ئىجاد قىلىنغان  ، مۇكەممەل سىيۇژىت ، جانلىق شىئېرى ئوبرازلار ئارقىلىق كەڭ ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يىرىك ژانىرى  ------نى كۆرسىتىدۇ . m[DCA\M o@  
b'%)?{E  
‏ ئالاھىدىلىكى: y96 HTQ32  
‏ 1- مەزمۇن جەھەتتىن    ، خەلق داستانلىرىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرگەن تۇرمۇش دائىرىسى ئىنتايىن  كەڭ . RPdFLC/  
‏2-  شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا ، ئۇنىڭدا  شەخسلەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ۋە مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى بايان قىلىش  ئاساس قىلىنىدۇ . 66-tNy  
‏3-  قۇرۇلما جەھەتتىن ئالغاندا ، ئۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنڭ ھەممە ژانىرلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن بولىدۇ . _2TL>1KZt  
‏4-  ئورۇندىلىش ۋە بايان قىلىش جەھەتتىن ، ئۇنىڭ سەھىپىسى ئۇزۇن ، سۇژىت قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولغاچقا ، بىر قىسىم مەشھۇر خەلق  سەنئەتكارلىرنى تەلەپ قىلىدۇ

ياسىنجان510 2014-01-23 18:34
بۇ مەشھۇر كلاسسىك ئوپېرانى خەلق بىلەن  قايتا يۈز كۆرۈشتۈرۈش كېرەك.


查看完整版本: [-- غېرىپ - سەنەم "دىن پارچە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled