زىيا |
2014-01-02 00:34 |
«ئىككى تىگىن ھىكايىسى»نىڭ ئالاھېدىلىكى ھەققىدە Bw9O)++ R3.8Dr0f زىيەك باخشى (
efxw 2(P Wq?vAnLbk قىسقىچە مەزمۇنى: «ئىككى تىگىن ھىكايىسى»نىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكى،بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى،بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمەلىي قىممىتى ۋە رولى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھېزە. ]Y$jc =4OV
}z=I ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىككى تىگىن، ئوبراز،يازما يادىكارلىق. ^+kymZ zhY]! N{6-a
«ئىككى تىگىن ھىكايىسى»نىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى«شاھزادە قاليامقارا ۋە پاپامقارا ھەققىدە رىۋايەت» بولۇپ، ئاق نىيەت تىگىن بىلەن قارا نىيەت تىگىن ئوتتورىسىدىكى زىددىيەت مەركەزلىك ھالدا ئەكس ئەتتۇرۇلۇش ئارقىلىق شۇ دەۋردىكى كىشلەرنىڭ ياخشى-يامان،ئادالەت،ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى يوروتۇپ بەرگەن.بۇ ھىكايە ئىدىقۇت دەۋرىدە بۇددا نوملىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان.(سانسىكىرىتچىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان).((بۇ ھىكايىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى 1908-1907- يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە دونخۇاڭدىن تېپىلىپ ، فىرانسىيەلىك تۇركشۇناس پ.ئىللىئوت Paul Pellidot (1874~1945) تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ ھازىر پارىژ مىللى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا. )) ①تۆۋەندە مەزكۇر ھىكايىنى بىر نەچچە نۇقتىدىن قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىمىز. };f^*KZ=0 1) ھىكايىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى؛ hE'>8 { ھىكايە قۇرۇلما جەھەتتىن چۆچەكنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدۇ. ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىخچام،باش-ئاخىرى ماسلاشقان،يەنى دىئالۇگلىرى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،شەكىل ياكى سۆز تەكرارلىقى يوق ،ھىكايە باشتىن ئاخىر ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ ، ئارلىقتا كەڭ بوشلۇق تاشلاشتىن خالى،چۆچەكسىمان شەكىلدە يىزىلغان.گەرچە بۇ بۇددا ھىكايىسى(دىنى تۈس ئالغان) بولسىمۇ، لىكىن قۇرۇلما جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا، تىپىك بەدىئىي ئەسەردۇر. يەنى ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ يازما ئەدەبىياتتىكى نامايەندىسى دىيىشكە بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، يازما ئەدەبىياتنىڭ يېلتىزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدۇر،بۈگۈنكى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ مەنبەسىنى خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان دىيىشكە ھەقلىقمىز.شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا«ئىككى تىگىن ھىكايىسى» بىلەن بۈگۈنكى زاماندىكى ھىكايىلەرنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى ئورتاقلىقى مەۋجۇد. گەرچە بۇ تەرجىمە ئەسەر بولغىنى بىلەن ، مەزمۇن جەھەتتىن ئەسلى ئەسەرنىڭ قېممىتىنى ساقلاپ قالغان بولسا،شەكىل جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەك ئالغان دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى «ئوغۇزنامە»،«چىن تۆمۈر باتۇر»...داستانلىرىنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى «ئىككى تىگىن ھىكايىسى»دە ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىنى تەرجىماننىڭ قەلەم قۇۋۋىتى، بىلىم قۇرۇلمىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە. |;"(C# B 2) ھىكايىدىكى ئوبرازلار؛ o?I`n*u"X «ئىككى تىگىن ھىكايىسى»دە ئۇچرايدىغان ئاساسلىق پېرسۇناژلار – ئاق نىيەت تىگىن، قارا نىيەت تىگىن،ئىككى تىگىننىڭ ئاتىسى(ئىلىگ)، دانىشمەن بۇۋاي، تىگىن بىلەن سەپەرگە ئاتلانغان باشقا كىشلەر. r&~]6
U ئاق نىيەت تىگىن- ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى،ئۇ تىپىك بۇدددىس ئىخلاسمىنى، ئۇنىڭ ئەجدىھانىڭ يىنىغا بارغاندا، ئەجدىرھا خانىنىڭ ئۇنى((بۇدساتۋا بولمىسا بۇ يەرگە كىلەلمەيدۇ )) دەپ تەرىپلىشىدىن شۇ نۇقتا ئەكس ئېتىپ تۇرۇپتۇكى ئاق نىيەت تىگىن ئىخلاسمەنلىكتە بۇددىزىمدىكى نېرۋاناغا يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان بولۇشى ئېھتىمال. بۇددىزىمدىكى ياخشىلىق قاراشلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سېڭىپ كەتكەن ، بۈگۈنكى زامان تىلىمىز بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ تىپىك ئىنسانپەرۋەر ئوبراز. /PG%Y]l0b قارا نىيەتلىك تىگىن – بۇ ئوبراز يامانلىقنىڭ سىمۋولى،جاھاندىكى بارلىق يامانلىقلار، ناكەسلىكلەر بۇ ئوبرازغا سېڭدۈرىۋىتىلگەن. ئۆز ئاكىسىنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويۇشتەك كىچىككىنە دىتال ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يامانلىق،شۇملۇق بىلەن قانچىلىك تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئۇ ھىكايىدە پەقەت ئوبراز سۈپىتىدىلا مەۋجۇد بولماستىن،بەلكى بۇددا ئەقىدىلىرىدىكى پۈتكۈل يامانلىقنىڭ بىشارىتى،ئىنسانغا كەلگەن بارلىق بالايى-ئاپەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى. +=*ND<$n/E ئىككى تىگىن ئاتىسى- دەرىجىدىن تاشقىرى كۆيۈمجان. ئۇ ئاللىبۇرۇن ئادەمنىڭ تەبىئىيلىك خۇسۇسىيىتىدىن يىراقلاشقان. يەنى سەل-پەل ئېلاھى سۈپەت ئالغان ئاتا. ئۇنىڭ ياخشى تىگىن بىلەن بولغان دىئالوگلىرىدىن بۇ نۇقتا ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇخۇددى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى يىرىم ئادەم يىرىم يىرىم ئېلاھ ئوبرازلىرىغا بەكرەك ئوخشاپ كىتىدۇ. (@=h(u . دانىشمەن بۇۋاي- چۆچەكلەردىكى تېپىكلەشتۈرۈلگەن ئوبراز. بۇھىكايىگە چۆچەكلەردىكى دانىشمەن بۇۋاي مۇتىفى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن كىرگۈزۈلگەن.ئۇ ئەڭ ھالقىلىق جايدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھىكايىنىڭ يېشىمىغا سۆرەپ ئەكىرىدۇ. دىمەك دانىشمەن بۇۋاي ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سىمۋولى. /74)c~.W v7f[$s$m 3)ھىكايىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى؛ 'vKae ھىكايە گەرچە دىنى تۈسكە ئىگە ئەسەر بولسىمۇ، كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيىسىگە ئىگە دىداكتىك ئەسەر دىيىشكە بولىدۇ. ئاق نىيەتلىك تىگىننىڭ خارەكتىرى،كىشلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ،ساۋاب يولى ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بۇ ھىكايە ئۆز قېممىتىنى يوقاتقىنى يوق . ئەخلاق بىلەن مەدەنىيەت،ئورتاقلىق بىلەن شەخسى ئاڭ گېرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە كىشلەرنى تېپىش تولىمۇ قىيىن.مەزمۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا بۇ ئەسەر ھەم بالىلارغىمۇ ھەم چوڭلارغىمۇ ئەخلاق تەربىيىسى بىرىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. يېغىنچاقلىغاندا، ھىكايىنىڭ مەزمۇنى مول ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيىسىگە تويۇنغان. ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قىسقىسى«ئاق»بىلەن«قارا» ئوتتورىسىدىكى پەرقنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئەسەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى دىن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ تەنقىدى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئەسەرگە باھا بىرىش ئاقىلانىلىق ئىش ئەلۋەتتە. Vw`%|x"Xz 4) ھىكايىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى؛ Gc;-zq بەدىئىي ماھارەت ئەسەرنىڭ قېممىتىنى ئاشۇرىدىغان بىرخىل ئۇسۇل. ئۇ مۇئەللىپنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى، بەدىئىي دېتى،ئۇنۋىرىسال بىلىم قۇرۇلمىسى قاتارلىق تەرەپلەردىن بەلگىلىنىدۇ، Ym$`EN «ئىككى تىگىن ھىكايىسى»دە ئىستىلىسىتىكىلىق ۋاستىلەر ئاز بولسىمۇ،لىكىن ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،مەسلەن:«ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ قانلىرىنى دەريا سۈيىدەك ئېقىتىۋاتقانلىقى» ②، j_b/66JyN «ئامراق قوزام سىنى شۇنداق سۆيىمەنكى،خۇددى ئالقىنىمدىكى ئۈنچە-مەرۋايىتتەك»③ ، QJI]@3
Y «بۇ يىل خۇددى ئاسمان يېرىلىپ كىتىدىغاندەك»④ ، «تەڭرىدەك، گۆھەردەك ئوغلىڭىز»⑤ قاتارلىقلار. مەجازى ۋاستىلار دەل ئورنىدا، تاللاپ ئىشلىتىلگەن،ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن زىيادە ھالقىپ كەتمىگەن بولغاچقا تىخىمۇ چۈشىنىشلىك ۋە كۈچەيتمىلىك رولىنى ئوينىغان.ھىكايىنىڭ تىلى ئاساسى جەھەتتىن ئاممىباب، قىسمەن دىنى ئاتالغۇلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ساپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىپ تەرجىمە قىلغان.تىل جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا بۇ ھېكايە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.ھىكايىدىكى كەسىپ ناملىرىنىڭ قېممىتى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسلەن: قۇشچى،كەيىكچى،بالىقچى،ئاۋچى،تورچى،توزاقچى،يەرچى،سۇچى...قاتارلىقلار. ;)ERxMun TjpAJW@- يازما يادىكارلىقلار بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان جاھاننامە ئەينىكىدۇر.قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىنى ھېس قىلىمىز.ئۇ نۆۋىتىدە ئۆزىمىزنى بىلىشىمىز،ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي،بەلكى يەنە ئۆتمۈشتىكى مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ ئەمەلي ئەھۋالىنى تىرىك پاكىت- يازما يادىكارلىقلارلا ئەڭ توغرا كۆرسىتىپ بىرىدۇ،ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. ئۇ ھەم بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ھەر تۈردىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىمىزنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ. hK3Twzte «ئىككى تىگىن ھىكايىسى» ئارقىلىق بىز ئالدى بىلەن ئىدىقۇت دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلور ،مەدەنىيەت قاتلىمىنى، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ دەرىجىسىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ،قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇ دەۋردىكى ھالىتىنى بىلەلەيمىز.شۇنىڭدەك ئىدىقۇت دەۋرىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ جۈملىدىن تەرجىمە ئەدەبىياتنىڭ زادى قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى،شۇ دەۋردىكى مۇئەللىپلەرنىڭ ،تىلماچلارنىڭ بەدىئىي دېتىنىڭ قەيەردىن-قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى، بىلىۋالالايمىز،بۇ ھەم بۈگۈنكى زامان سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 7(H?3)%0 ئەلۋەتتە بۇ ئەسەر پەقەت بىر دەۋرنىڭلا مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن ،بەلكى نۆۋىتىدە بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى. [lzH%0
V y4H/CH$% f+Fzpd?w S ئېزاھاتلار: -1ci.4F& ①②③④⑤ - ئسمائىل تۆمۈرى: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، [M]،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 430،431،444،445،447،449-بەتلەر qr~zTBT]
E پايدىلانمىلار: +KIBbXF7 1) - ئسمائىل تۆمۈرى: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، [M]،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. D"{%[;J 2) - غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن : «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى»( 1-قىسىم) [M] ،شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى.2002-8-ئاي1- نەشرى.
`Y,Rk 3) - ئسمائىل تۆمۈرى: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، [M]،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1998-يىل 12-ئاي1-نەشرى. g$z6*bL yXf+dMv uY3?(f# 2008-يىل |
|