查看完整版本: [-- ھەر ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ھەر ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2013-12-30 22:40

ھەر ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى

ھەر ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى


   1 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
   مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     ﻫاكاۋۇر، سوغۇققا چىداملىق، قەيسەر، مەردانە، خۇش پېئىل كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     تەبىئىي ئەقىللىق، چېچەن، كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە. ئىقتىسادى چىڭ، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناﻫايىتى كۆپ، لېكىن ﻫەقىقىي چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
     ئاجىزلىقى:
     ﻫەددىدىن زىيادە ﻫاكاۋۇر بولغاچقا، باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
     2 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بولۇپ، لېكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى بولىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە. ئۆز ئابرۇيىنى ﻫاياتتەك قىممەت بىلىدۇ. كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باﻫاسىغا ئېرىشىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     كۆپ كىشىلەر بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئويلايدۇ. بىراق سەمىمىي نىيەتتە بولىدىغانلار ناﻫايىتى ئاز. مۇﻫەببەتتىن كېيىن ئازراق ئۇڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بەختكە ئېرىشىدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ، ﻫەسەتخورلۇقى، ئابرۇيپەرەسلىكى كۈچلۈك.
     3 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، كىشلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئاددى - ساددا، بىلىمى بار، كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     مول بىلىملىك، تەدبىرلىكى ئېنىق كېلىدۇ. تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە. كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ﻫەمراھقا ئېرىشىدۇ، لېكىن ناﻫەقچىلىككە ئۇچرايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەﻫكەم ئەمەس.
     4 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    ئەخلاق - پەزىلىتى:
     غايىلىك، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان كېلىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     مۇﻫەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ. لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ. تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ.
     5 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     ئىتايىن ھېسسىياتچان بولۇپ، ئاسان ﻫاياجانلىنىدىغان، روشەن كۆز قاراشقا ئىگە. باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە ماﻫىر.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     ئەدەبىيات - سەنئەت بىلىمىگە ئىگە بولۇپ، بۇ جەﻫەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق. غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارىتالايدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ. لېكىن ھېسسىياتىمۇقىم ئەمەس. كۆپ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     ئالدىراڭغۇ، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل.
     6 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     شوخ، ئىنتىلىشچانخاراكتېرگە ئىگە. ئوچۇق - يورۇق، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئامراق، ئىنتايىن كەسكىن، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     مۇﻫەببەتكە سادىق بولۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرالايدۇ. ئەمما چاكىنا كىشىلەرنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     ھېسسىياتى تۇراقسىز، ئىشلارغا بىر دەم قىزىپ، بىر دەم سوۋۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
     7 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     ئەقىللىقلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان، تالانتلىق، چاققان كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     سەمىمىي، پاك كىشىلەرگە ئامراق، ﻫەققانىيەتئۈچۈن ئۆزى بىلەن ﻫېسابلاشمايدىغان، باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قورساق، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋەكەلگۈسى:
     لايىق قوغلاشمايدۇ، كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     تەرسا، ئاداۋەتساقلاش ئىدىيەسىگە ئىگە. دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ.
     8 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     جۇشقۇن مىجەزگەئىگە. ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     سەمىمىي، كەمتەر، ئېﻬتىياتچان، يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇﻫەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ. لېكىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     شەخسىيەتچى.
     9 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     زېﻬنى ئۆتكۈر، قابىلىيەتلىك، پايدا - زىيان بىلەن ﻫېسابلاشمايدىغان، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     مەسئۇلىيەتچان، ئىشلارنىسالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئىجادكارلىققا ئىگە.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆﻫبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ، تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەﻫمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     جاپاغا چىدىمايدۇ، ئاجىز كېلىدۇ.
     10 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    ئەخلاق - پەزىلىتى
    توغرا ئىستىللىق، نازاكەتلىك، ۋاپادار، ئاسانلىقچە ئادەم ئالدىمايدىغان كېلىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     ﻫاكاۋۇر بولغاچقا ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.
     11 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     زېﻬنى ئۆتكۈر، قابىلىيەتلىك، پايدا - زىيان بىلەن ﻫېسابلاشمايدىغان، سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     مەسئۇلىيەتچان، ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئىجادكارلىققا ئىگە.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆﻫبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ، تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەﻫمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     جاپاغا چىدىمايدۇ، ئاجىز كېلىدۇ.
     12 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     قەيسەر، غەيرەتلىك، باي تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان، مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     تۈز كۆڭۈل، خۇشخۇي، ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     مۇﻫەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ، غەيرەت قىلسىلا، كۆڭۈلدىكىدەك ﻫەمراﻫ تاپالايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     نەزىرى ئۈستۈن

مىېھرىما 2014-01-03 22:00
بۇنمۇ كۆرۈپ قويغۇلۇق لىكىن راس دەپ كەتكىلى بولميدۇ.

ئەكبەرنىياز 2014-01-04 20:21
مېھرىما توغرا دەيدۇ ، كۆرۈپ قويغۇلۇق ، ئەمما پۈتۈنلەي ئىشەنگۈلۈك ئەمەس !!!

tawpek 2014-01-05 00:08
3 - ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى
    مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى:
     مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، كىشلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئاددى - ساددا، بىلىمى بار، كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ.
     ئەخلاق - پەزىلىتى:
     مول بىلىملىك، تەدبىرلىكى ئېنىق كېلىدۇ. تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە. كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە، يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق.
     مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى:
     جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ﻫەمراھقا ئېرىشىدۇ، لېكىن ناﻫەقچىلىككە ئۇچرايدۇ.
     ئاجىزلىقى:
     غەيرىتى كەمچىل، مەيدانى مۇستەﻫكەم ئەمەس.





مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرلىرىدىن باشقىغا بەكلا  ئىشەنگۈم كىلىۋاتىدۇ.


ئاۋۇ  بىزكەنمىز، بىلىپ قويىشالا.


查看完整版本: [-- ھەر ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled