查看完整版本: [-- ئۇيغۇرتىلىدىن تەكرار مەشىق سۇئاللىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> ئۇيغۇرتىلىدىن تەكرار مەشىق سۇئاللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇر 2013-12-27 15:59

ئۇيغۇرتىلىدىن تەكرار مەشىق سۇئاللىرى

ئۇيغۇرتىلىدىن تەكرار مەشىق سۇئاللىرى

فونتىكىغا ئائىت مەزمۇنلار


1.ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلار تۆۋەندىكىچە:
1)تىل ئالدى سۇزۇق تاۋۇشلار:
2)تىل ئارا سۇزۇق تاۋۇشلار:
3)تىل ئارقا سۇزۇق تاۋۇشلار:
4)جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار:
5)جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار:
6)لەۋلەشكەن سۇزۇق تاۋۇشلار:
7)لەۋلەشمىگەن سۇزۇق تاۋۇشلار:
2.لەۋ ھالىتى ،تىل ئورنى ،ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلاشقان سۆزلەردىن 5دىن مىسال كەلتۈرۈڭ.



3.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى قانداق بولىدۇ؟  5مىسال كەلتۈرۈڭ.



4.تاۋۇش ئاجىزلاشقان سۆزدىن  بەشنى يېزىڭ.

5.تاۋۇش چۈشۈپ قالغان سۆزدىن 5نى يېزىڭ.

6.تاۋۇش قۇشۇلۇپ قالغان سۆزدىن 5نى يېزىڭ .(باش مورفىما بىلەن ئەگشمە مورفىنى ئايرىڭ)


7.قايسى تاۋۇشلار ئاجىزلىشىدۇ؟قايسى تاۋۇشلار چۈشۈپ قالىدۇ؟قايسى تاۋۇشلار قۇشۇلۇپ قالىدۇ؟


8. «ساڭا ،سىنىڭ »دىگەن سۆزلەرنىڭ تۇمۇرى قايسى ؟قۇشۇمچىلىرى قايسى؟

9.ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ تەركىۋى قىسمى قايسىلار؟

10.تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش دىگەن نىمە؟لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىش دىگەنچۇ؟


11.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى دىگەن  نىمە؟


12.بۇغۇم دىگەن نىمە؟ئۇچۇق بۇغۇم دىگەن نىمە؟يېپىق بۇغۇمچۇ؟مىسال كەلتۈرۈڭ.




13.ئۇيغۇر تىلىدا قانچە تىل تاۋۇشى بار؟قانچە فونىما بار؟فونىما بۇلالمايدىغان تاۋۇشلار قايسىلار؟


لىكسىكىغا ئائىت مەزمۇنلار
1.لوغەت تەركىۋى دىگەن نىمە؟قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟


2.ئاساسى لوغەت تەركىبى بىلەن ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى نىمە؟(ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا جاۋاپ يازسا بولىدۇ)



3.ئاساسى لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەردىن 10نى ،ئادەتتىكى لوغەت تەركىبىگە تەۋە سۆزدىن 10نى يېزىڭ.


4.چۈشەنچە ،سۆز دىگەن نىمە؟



5.سۆزمەنىسى قانچە خىل ئۇلار قايسى؟«مەن ئالىمغا ئامراق»دىگەن جۈملىدىكى«ئالىمغا»دىگەن سۆزنىڭ لىكسىلكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىق مەنىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ.



6.سۆزنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈچ ئامىل قايسى؟ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈڭ.(سۆز شەكلى بىلەن سۆز مەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلىپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ)



7.سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى دىگەن نىمە؟ كۆچمە مەنىسىچۇ؟خالىغان بىر سۆزنى ئەسلى مەنىدە ۋە كۆچمە مەنىدە كەلتۈرۈپ جۈملە تۈزۈڭ.
8.بىر مەنىلىك سۆز دىگەن نىمە؟كۆپ مەنىلىك سۆز دىگەنچۇ؟«ئاچ»سۆزىدىن پايدىلىنىپ 3سۆز بىرىكمىسىنى تۈزۈڭ.



9.مەنىداش سۆز دىگەن نىمە؟(مىسال كەلتۈرۈڭ)


10.شەكىلداش سۆز دىگەن نىمە؟(مىسال كەلتۈرۈڭ)


11.قارمۇ قارشى مەنىلىك سۆز دىگەن نىمە؟(مىسال كەلتۈرۈڭ)


12.تىلىمىزدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر قايسى؟(مىسال كەلتۈرۈڭ)


13.ماقال بىلەن تەمسىلنىڭ قانداق پەرقى بار؟(مىسال كەلتۈرۈڭ)


14.ئىدىيومنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟(ئۆز چۈشەنچىلىرى ئاساسىدائومۇملاشتۇرۇپ جاۋاب بەرسە بولىدۇ)




گىرامماتىكا ھەققىدە سۇئاللار
1.گىرامماتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى نىمە؟


2.سۆزلەر تۈزۈلىشىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسىلار؟ھەر بىرىنىڭ ئىنىقلىمىسىنى يېزىڭ تۆتتىن مىسال كەلتۈرۈڭ.(سۆز تۈرلىگۈچى قۇشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەرمۇ تۈپ سۆز قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ)


3.ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركىمى قانچە؟ھەر بىرىنىڭ ئىنىقلىمىسىنى يېزىڭ.(چوڭ جەھەتتىن)



4.مۇستەققىل سۆز تۈركىمى قايسىلار ؟4 تىن مىسال كەلتۈرۈڭ.




5.ياردەمچى سۆز تۈركىمىگە كىرىدىغان تۈرلەر قايسى؟4نى مىسال ئېلىڭ.


6.خاس ئىسىم دىگەن نىمە؟تۈرداش ئىسىم دىگەنچۇ؟مىسال كەلتۈرۈڭ.


7.كۆپلۈك قۇشۇمچىلىرى قايسىلار ؟بۇ قۇشۇمچە ئەسلىدە سۆز تۈرلىگۈچى قۇشۇمچە بۇلۇپ قانداق ئەھۋالدا ياسىغۇچى رولىدا كىلىدۇ ؟


8.ئىسىملارنىڭ تەۋەلىك(شەخىس)قۇشۇمچىلىرىنى يېزىپ بېرىڭ .


9.ئىسىملارنىڭ 6كىلىش قۇشۇمچىلىرى قايسىلار؟


10.سۈپەت دىگەن نىمە؟سۈپەتلەرنىڭ دەرىجىلىرى ۋە ھەر بىرىنىڭ قۇشۇمچىلىرىنى يېزىڭ .«ئاق ،قىزىل»دىگەن سۆزلەرنى دەرىجە بويىچە تۈرلەڭ.



11.بىر ئىسىمغا ئىسىملارنىڭ كۆپلۈك ،تەۋەلىك (شەخىس)،كىلىش قۇشۇمچىلىرىنى ئۇلاشقا توغرا كەلسە ،ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى قانداق بولىدۇ ؟مىسال كەلتۈرۈڭ .

12.سانلار مەنىسىگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ ؟ھەر بىرىنىڭ قۇشۇمچىلىرى ياكى ئىپادىلىنىش شەكلىنى يېزىڭ .

13.مىقدارلار كىلىش مەنبەسى ۋە ۋە قوللىنىش دائىرىسىگە قاراپ قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟5تىن مىسال كەلتۈرۈڭ.



14.مىقدارلار مەنىسى ۋە باشقا سۆز تۈركىملىرى بىلەن بىرىكىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ؟بەشتىن مىسال كەتۈرۈڭ.

15.ئالماشنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىش يوللىرى ياكى قۇشۇمچىلىرىنى يېزىڭ .ھەر بىرىگە 3تىن مىسال كەلتۈرۈڭ.




16.رەۋىشلەر مەنىسىگە ئاسەسەن نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ؟ئۇلار قايسى ؟ئۈچتىن مىسال كەلتۈرۈڭ



17.شەخىسسىز پىئىللارنىڭ تۈرلىرى ۋە قۇشۇمچىلىرىنى يېزىڭ .ھەر بىر تۈرىگە 3تىن مىسال كەلتۈرۈڭ


18.بۇلۇشسىز پىئىللار قانداق ياسىلىدۇ ؟4 نى مىسال كەلتۈرۈڭ.


20.پىئىللارنىڭ راي شەكىللىرى قايسىلار ؟«بار»سۆزىنى راي شەكىللىرى بىلەن تۈرلەڭ.


21پىئىللارنىڭ دەرىجە شەكىللىرى قايسىلار؟ھەر بىرىنىڭ قۇشۇمچىلىرىنى ياكى ئىپادىلىنىش يوللىرىنى يېزىڭ .



22.ياردەمچى پىئىللار قايسى؟«كەتتى»دىگەن مۇستەققىل پىئىلنى ياردەمچى پىئىل رولىدا كەلتۈرۈپ 3دانە سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملە تۈزۈڭ.



23.تەقلىد سۆزلەر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسى؟3دىن مىسال كەلتۇرۇڭ.



24.ئىملىق سۆزلەرنىڭ تۈرلىرىنى يېزىڭ.3دىن مىسال كەلتۇرۇڭ.




25.ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرىنى يېزىڭ. 4دىن مىسال كەلتۈرۈڭ.



26.جۈملە مەنىسىگە ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟بىردىن مىسال ئېلىڭ.



27. جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ باغلىنىش يوللىرى قانچە خىل؟بىردىن مىسال كەلتۈرۈڭ.


28.بېقىندى باغلىنىشتىكى سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قايسىلار؟ئىپادىلنىش شەكلى قانداق؟2دىن مىسال كەلتۈرۈڭ.




29.جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ گرامماتكىلىق بەلگىسىنى ئېيتىپ بىرىڭ.



30.ھالەت قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ئۇلارغا قانداق سۇئاللار بىرىلىدۇ؟


31.جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر قايسىلار؟بىردىن مىسال كەلتۈرۈڭ.


32.ئاددى جۈملىلەر تۈزۈلىشىگە ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟قايسىلار بىردىن مىسال كەلتۈرۈڭ.



33.مۇرەككەپ جۈملىنىڭ تۈرلىرى قايسى؟مىسال كەلتۈرۈڭ.





34.«بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر»دېگەن ماقالنى كۆچۈرمە جۈملىنىڭ 4 خىل شەكلىدە كەلتۈرۈپ جۈملە تۈزۈڭ.




35.كونىلاردا:«بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس،بىريامانلىق»دەيدىغان گەپ بار.بۇ جۈملىنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ.


ئەكبەرنىياز 2013-12-28 10:34
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئويغۇر ، بۇ بىزنىڭ ئويغۇر تىلى تەكرار ئېلىپ بېرىشىمىزغا بەك پايدىلىق ماتىريال بوپتۇ !!!توغۇلغان كۈنىڭىزگىمۇ مۇبارەك بولسۇن ! ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك ، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، ئەزىز تېنىڭىزگە مەڭگۈلۈك سالامەتلىك يار بولغاي !!!

kumush 2013-12-29 13:10
رەھمەت سىزگە

ياسىنجان510 2013-12-29 19:29
ياخشى، چوقۇم دەرسخانىدا پايدىلىنىمەن.

ozqan 2013-12-30 16:57
بۇ مەشىق ماتىريالىنى بەك ئەتراپلىق تۈزۈپسىز ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە .... بەك خوش بولدۇم .

32094 2013-12-30 20:38
ياخشى تۈزۈپسىز.

ئۇيغۇر 2013-12-31 10:11
ئەكبەرجان ۋە ئۆزقانلارغا يارىغان بولسىلا مەنمۇ ئۆزەمدىن رازى بولااتتىم.

گۈلنىھال 2014-01-02 11:08
ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز ، خېلى كەڭ دائىرىدە بوپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!!! ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت !!!!

ئوتلۇق12 2014-01-02 20:40
ماتىريال بەكلا ئەتراپلىق تەييارلىنىپتۇ. رەخمەت سىزگە !

يۈسۈپجان001 2014-01-02 20:52
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئويغۇر ، بۇ بىزنىڭ ئويغۇر تىلى تەكرار ئېلىپ بېرىشىمىزغا بەك پايدىلىق

tawpek 2014-01-03 00:06
كۆپ تەشەككۇر قىرىندىشىم، مۇنبەردىكى سۇئاللاردىن بىر بىرلەپ ئىمتاھان ئىلىپ مىڭىۋاتقانتىم،  تۈگەي دىگەن،  بۇدا ئۇيغۇرتىلى سۇئاللىرىدىن بىر چىنىقتۇرسام بولغۇدەك.

مىېھرىما 2014-01-05 21:48
كۆپ ئەجىر قىپسىز رەھمەت سىزگە!

akqolpan 2014-01-06 11:37
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئويغۇر ، بۇ بىزنىڭ ئويغۇر تىلى تەكرار ئېلىپ بېرىشىمىزغا بەك پايدىلىق

dolan0997 2014-01-10 10:37
نېمە دېگەن پەيزى ، رەھمەت سىزگە.

بابۇر0725 2014-02-19 22:41
رەھمەت ياخشىكەن .شۇغۇنىسى جاۋاپلىرىمۇ بىللە تەمىنلەنگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى

ئۇيغۇر 2014-08-10 14:02
بۇنىڭ جاۋابلىرىنى تەييارلاپ قويغاننىڭ نىمىگە پايدىسى، ئوقۇغۇچىلار ئىزدەپ تاپمامدۇ.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرتىلىدىن تەكرار مەشىق سۇئاللىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled