tursun |
2013-12-27 11:43 |
ئوقۇتقۇچىمغا مىننەتدارلىقىم
ئوقۇتقۇچىمغا مىننەتدارلىقىم
ئاپتورى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك37-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز9-يىللىق 4-سىنىپتىن –قەدىرىيە ئۆمەرجان
نەزىرىمدە ئوقۇتقۇچى-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان...!ئۇ بىزگە مېھرىنى بىرىپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بولۇشنىڭ يولىنىمۇ ئۆگىتىدۇ.بىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئارقىلىق،ئەجداتلىرىمىز ئاچقان ئەشۇ ئەشۇ نۇرانە ئىزلارنى كۆرەلەيمىز،گۈزەل كىلىچەكنى يارىتالايمىز،ھاياتنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تونۇپ يېتەلەيمىز...!ئوقۇتقۇچى بولغاچقىلا بىز سەبىلەرنىڭ يولىمىز يورۇق،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى توق...!شۇنداق،بىزنىڭ كەپسىزلىكىمىزدىن زېرىككەن بەزى ئاتا-ئانىلار:"مۇشۇ بالىلارنى تەتىل، دەم ئېلىشلارغا قويۇپ بېرىپ نېمە قىلىدۇ...؟بالىلار مەكتەپتىلا ئوقۇسا بولمامدۇ...؟"دەپ ۋايسىشىدۇ...!لېكىن،ئوقۇتقۇچىلار ھەرخىل ئائىلىلەردىن كەلگەن ھەر خىل مىجەزلىك بالىلاردىن قىلچىلىكمۇ زېرىكىش ھېس قىلىشماي،بىزلەرگە چىن ئىخلاسى بىلەن بىلىم بېرىدۇ،ئادىمىيلىك يولىنى كۆرسىتىپ،كىشىلىك قەدىر-قىممىتىمىزنى تونۇتىدۇ...! مەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى 9-10سائەت دەرس ئۆتۈپ،بىز ئۈچۈن نۇرغۇن غەملەرنى يەپ،ھېرىپ-چارچاپ،ئۆز ئۆيلىرىگە قايتقاندىمۇ يەنە بىر ئائىلىنىڭ غىمىنى قىلىپ،ئارام ئىلىشنى ئويلىماي،داۋاملىق دەرس تەييارلايدىغانلىقىنى،تاپشۇرۇق تەكشۈرەيدىغانلىقىنى،ئىجادىيەت ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن.ئۇلارئەنە ئاشۇنداق جاپاكەش ئىنسان...! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ھالال ئەمگىكىنى چىن ئىخلاسىمىز بىلەن قەدىرلىشىمىز لازىمدۇر...! بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەقەللىسى چوڭلارنى،ئۇستازلارنى ھۆرمەت قىلىش دېگەننىمۇ بىلىشمەيدۇ. دەرس ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشمايدۇ،تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلىمەي،يا كۆچۈرىۋالىدۇ،يا بولمىسا توقام باھانە-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ ئىشلىمەي كىلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭغا قارىتا تەربىيە بەرسە قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا گەپ ياندۇرىدۇ،تاكاللىشىدۇ...!ھەتتا ئۇستازلارغا تەپ تارتىشماستىن "لەقەم"قويۇشىدۇ...!شەخسەن مەن بۇنداق ئەقەللىي ئەدەپ-قائىدىنىمۇ بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تولىمۇ نەپرەتلىنىمەن ھەم يېرگىنىمەن...!ئەجىبا ئۇلار ئوقۇتقۇ- چىلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تارتىۋاتقان جاپالىرىنى بىلىشمەمدىغاندۇ...؟مەن شۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا :"ئوقۇتقۇچىلار بىزگە بىلىم بېرىۋاتىدۇ،ئۇلار ئاتا-ئانىمىز بىرەلمەيۋاتقان مېھرى-مۇھەببەتنى بىزنىڭ قەلبىمىزدە نۇرلاندۇرىۋاتىدۇ...!شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ۋە ئەقىدىسىنى قەدىرلەيلى!" دېگۈم كىلىدۇ...! ھېلىمۇ ئىسىمدە،بىر قىتىم مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك ماتىماتىكا زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۈچىنچى بولغانلىقىمنى سىنىپ مۇدىرىمىز ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا:"بالىلىرىم ،ساۋاقدىشىڭلار قەدىرىيە بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولۇپتۇ،بۇ سىنىپىمىز ئۈچۈن زور شەرەپ،بىز بىرلىكتە بۇ ساۋاقدىشىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيلى...!"دەپ جاكارلىغان چېغىدا يۈرىگىم قىپىدىن چېقىپ كىتىدىغاندەك،شۈنچىلىك خوش بولغان ئىدىم...ئوقۇتقۇچۇم شۇ قىتىملىق پۇرسەتنى ماڭا يارىتىپ بەرمىگەن بولسا،بۇنداق نەتىجىگە چۈشۈمدىمۇ نائىل بولالمىغان بولاتتىم! شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ پۇرسەتتە بولسىمۇ،بىز ئۈچۈن يۈرەك قىنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ،ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ،جاپارىمىزنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان بارلىق جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن...!سىلەر توغراق يىشىدا ياشاپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن مەشئەل بولۇپ يورۇق نۇر تارقىتىڭلار...!سىلەرگە يەنە بىر قىتىم ئالىي تەشەككۈر...!مەن سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچىمەن: مۇئەللىم-سىز شام،چېراق! مۇئەللىم-سىز ئىشچان قۇل. مۇئەللىم –سىز چىن ئىنسان، مۇئەللىم-سىز نۇرلۇق يول. مۇئەللىم-سىزمېھرىبان باغۋەن، مۇئەللىم-سىز قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەل...! بارلىق ئۇستازلار،دوستلارغا رەھمەت...!
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
|
|