مىېھرىما |
2013-12-26 21:39 |
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىمىللەتلەرنىڭ سودائىشلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى خەلىقلەر سودا ئىشلىرىغا ئەلۋەتتە تەبىئىي قاتناشقان.كىيىن موڭغۇللار سودىگەر دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۈرۈكچە «ئورتاق» دىگەن سۆزنى ئىشلەتكەن [«ئورتاق»سۆزى ئەرەپچە «شېرىك» دىگەنلىك بولدۇ] .بۇ «ئورتاق » چىلىقنىڭ ياكى «شېرىك» چىلىكنىڭ ئشتىراكچىسى دىگەنلىك بولدۇ.مەھمۇد كاشىغەرىيگە بۇ ئاتالغۇ تونۇش بولسا كېرەك، ئۇ بۇ سۆزنى «يولداش» مەنىسىدىلا چۈشىنىپ،«سودىگەر» مەنىسەدە چۇشەنمىگەن.[«تۇركى تىللار دىۋانى» ،1- توم 91- بەتكە قارالسۇن] . قارغاندا، تۈركى خەلىقلەر ئىچىدەسودا_تىجارەت ئشلىرىدىكى شېرىكچىلىك پەقەت 11- ئەسىردىن كىيىنلا پەيدا بولغان بولسا كېرەك. مۇسۇلمانلار سودىسىنىڭ ھازىرقى ياۋرۇپادا سودا_تىجارىتى ئەڭ چوڭ پەرقى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى مۇسۇلمانلا سودا تىجارىتىنىڭ مۇۋەپىقىيىتى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسى مۇۋەپىقىيىتى بىلەن باغلانغان ئەمەس.خەلىپىلىك يىمىرىلگەندىن كىيىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسى چىگرىسى ۇ ياكى بۇ سۇلالىنىڭ گۈللەنگەنلىكى ياكى ئاجىزلىقى بىلەن بەلگىلىنىدىغان بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چىگرىلار پات-پاتلا ئۆزگۈرۈپ تۇردى.بۇنىڭ بىكەن ئاھالىلەر مەدەنى ۋە ئىختىسادى تۇرمۇشىنى مۇشۇ ئۆزگۈرۈشلەدىن مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.سامانىلار خانلىقى دەۋرىدە مۇسۇلمانلار ئوتتۇراقلاشقان رايۇنلادا پەيدا بولدى.بۇ يۇرۇتلا سامانىيلارنىڭ باشقۇرشىدا ئەمەس ،تۈركىلەرنىڭ ھۆكمىرانلىقىدا بولدى.بۇ يەردە ئۆز-ئارا سودا مۇناسىۋەت ئورناتقان شىركەتلەر مەيدانغا كەلدى.11- ئەسىر تارىخچىسى ئەبۇشۇجاننىڭ ئەسىرىدە، سودىگەرلەر يېزىپ بەرگەن ھۆججەتلەرگە ئاساسەن پۇل ئېلىش،دۆلەتنىڭ ھاكمىيەت ئورنلىرى يېزىپ بەرگەن ھۆججەتلەردىن پۇل ئېلىشتىن كۆپ ئاسانلىقى يېزىلغان ئىران سودىگەرلىرى ئارسىدا كۆپ تارقالغان «چەك» ئەرەپچە «سەك» دەپ قوللىنىلغان.بۇ ئاتالغۇ غەربى ياۋرۇپاغا تارقىلىپ ،سودا ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلدى. مەنبە ؛ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇركى خەلىقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئككى لىكسىيە » دىن ئېلىندى |
|