قەلبىنۇر2 |
2013-12-25 16:03 |
كەتتى يەنە بىر يىل
كەتتى يەنە بىر يىل چە،ىم،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇ مەن زىھنىمنى يىغىپ ھەم ئەتراپىمغا باققۇچە. ئۆتتى يىللار شۇنچە تىز، بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ ئاق كىرىپتۇ چېچىمغا مەن ئەقلىمنى تاپقۇچە.
كۈنلەر ئۆتۈپ،ئاي ئۆتۈپ،كەتتى ئاخىر بىر يىلىم، بەزى كۈلۈپ،بەزىدە ئاغرىپ يەنە ھەم دىلىم. ئۆتتى ئۆمرۈم بىھۇدە گۇمراھلىقتا ھەر قاچان، كەتكەن ئۆمرۈم ئويلىسام،ئىسىت! دەيدۇ بۇ تىلىم.
ئۆتتى يەنە كۆپ يىللار ئۆز-ئۆزۈمنى بىلگىچە، زەپەر قۇچۇپ بىر ئىشتا خۇشال بولۇپ كۈلگىچە. نادانلىقتا ئۆتۈپتۇ بۇ ئۆمرۈمنىڭ تولىسى، ياشاپتىمەن غەمسىزلا ئاتا-ئانام ئۆلگىچە.
يىقىنلاشتىم ئەللىككە ،ئەلگە بەرمەي قىلچە نەپ، ئۆتۈپتىمەن مەنىسىز كۈندە ئۈچ ۋاق ئاشنى يەپ، قالدۇرماستىن ئەۋلاتقا بىرەر نىشان ياكى ئىز، ئويناپتىمەن شۇنچە يىل كۈنلەر تىخى بارغۇ دەپ.
ساناقلاردا ئۆمرۈمنىڭ ئەسەرمۇ يوق ياشلىقتىن، ئىغىرلىشىپ پۇت-قوللار نىشانمۇ يوق شاشلىقتىن. ھىچ بىر پەرداز ياراشماس،بۇ ياشتا ھەم ساڭىمۇ، قورۇق چۈشكەن يۈزلەرگە نەپ چىقمايدۇ قاشلىقتىن.
ۋاقىت دېگەن ئاتقان ئوق،قايتماس ئۇ ھەم كەينىگە، بۇ ھاياتلىق ئوخشايدۇ رىقابەتكە - بەيگىگە، دەيتتى بوۋام بىر چاغلار ،تەنبىھ بېرىپ ماڭا ھەم، ياشلىق ئۆمرى بەك قىسقا قويىۋەتمە مەيلىگە
|
|