查看完整版本: [-- تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-12-25 14:23

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

ئەدەبىيات بىلىم نوقتىللىرى(15) XbqMWQN*  
تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى >WIc"y.  
XTo7fbW*  
1.ژانېرى:  مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن پارچە بولۇپ ، 1-شەخس تىلىدا ھەم نەسرىي ھەم نەزمى شەكىلدە ئارىلاش يېزىلغان MDU#V  
2.ئاپتورى:  تۇنيۇقۇق (668-788) رىئال تارىخى شەخس بولۇپ ،،پەخرى نامى بويلاباغا تارقان . تۈرك خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى،ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن سىياسىيون،ھەربى ئىستىراتېگىيىچى،مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب. ئۇ ھەربى ئىشلاردا پاراسەتلىك،دۆلەت باشقۇرۇشتا قابىلىيەتلىك،ئەل ۋەتەننىڭ غېمىنى يەيدىغان،راست سۆزلۈك ،چوڭقۇر پىكىرلىك ،ئۆزىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان كىشى.شۇڭا ئۇ ئىلتەرش قاغان،قاباغان خاقان ۋە بىلگە قاغانلارغا باش ۋەزىر بولغان. D]]wJQU2  
3. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 4P&2Z0  
تۇنيۇقۇق(تۇنجى مەرتىۋىدار، بۈيۈك كاتتىباش)، ئوماي(شامان دىنىدىكى ئىنسانلارغا سۇ ۋە تۇپراق ئاتا قىلغۇچى ئىلاھە)، بولچۇ، تەمىر قاپىغ(قەدىمكى يەر-جاي ناملىرى)،يىنچۇ ئۇگۇز(دەريا نامى )،يابغۇ،شاد (ئەمەل نامى)، ساقا، تەزىك، توقرى،سوغداق(قەدىمكى مىللەت ناملىرى) m{/( 3  
4.مۇھىم مەزمۇنلىرى: #GE]]7:Na  
① تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى قانداق تاش؟ مەزمۇنى نېمە؟ c]PTU2BB8  
  ـــ  تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ،ئۇنى تۇنيۇقۇق ئۆزى يازغان ۋە مىلادىيە 716-يىلى ئۆزى چەكتۈرگەن.بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىكلىنىشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ تاش تىكلەش ئەنئەنىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان.بۇ پارچىدا تۇنيۇقۇقنىڭ بىر قېتىملىق ھەربى يۈرۈشى ،غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلىش جەريانى ھەم ئۆزىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە قىممەتلىك بايانلار بېرىلگەن. D\AVZ76F1  
⑵تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تۈزۈلۈش جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىككە ئېگە؟ -B *W^-;*  
ـــ  پارچىنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئىخچام ھەم مەردانە،مەزمۇنى ئېنىق، بايان ئۇسۇلۇبى راۋان بولۇپ، كىشىگە ھەم تارىخى ساۋاق ھەم خاراكتىر گۈزەللىكى ھەم ئەدەبىي زوق ئاتا قىلىدۇ. 1f`De`zXzr  
③تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ ھەجمى قانچىلىك ؟ قەيەردىن تېپىلغان؟ An{>39{  
ـــ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا ئىككى پارچە مەرمەر تاشقا 62 قۇر خەت قىلىپ  ئويۇلغان .1897-يىلى تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شاھرىدىن 60كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان.ئۇنىڭ مەزمۇنى نەسرى ھەم نەزمى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن.1-شەخس تىلىدا يېزىلغان ; oyV8P$  
④ تېكىستنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن بايقىدىڭىز ؟ Alxf;[s  
ـــ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، قوللىنىلغان جۈملىلەر ئاساسەن ئاددى جۈملە. Mg;pNK\n  
⑤ تېكىستتە تۇنيۇقۇق ئۆزىنى ماختىغان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن بىزگە غەيرى تۇيۇلمايدۇ؟ ?veeW6E(  
ـــ تۇنيۇقۇق ئۆزىنىڭ قىممىتىنى توغرا مۆلچەرلىگەن، كۆپتۈرۈپ يالغانچىلىق قىلمىغان . شۇڭا ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ماختاپ يازغان بايانلىرى بىزگە غەلىتە تۇيۇلمايدۇ. 1 l,fK)z  
/5NWV#-  
/bbs/read.php?tid=8331 !j6 k ]BgZ  

ياسىنجان510 2013-12-25 22:58
مەڭگۈ ئەدەبىي يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر تىلىنى،تارىخىنى ،مەدەنىيىتىنى،جۇغراپىيىۋى جايلىشىشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك تارىخىي ماتىايال ھېساپلىنىدۇ.

tursun 2013-12-30 11:12
قىممەتلىك لاھىيە بولۇپتۇ...پايدىلىنىش قىممىتى خىلى يۇقۇرى...تەشەككۈر...!

مىېھرىما 2014-01-28 11:24
پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتىريالكەنرەھمەت .


查看完整版本: [-- تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled