nefise |
2013-12-25 12:55 |
ماقالە ۋە خەت-چەك يېزىقچىلىقى ئۈچۈن پايدىلانما
ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2009-2010-يىللىق ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئۈچۈن بېرىلگەن يېزىقچىلىق سۇئالى ئۈچۈن كۆرسەتمە *a\6X(
~ بېرىلگەن ماتېرىيال: سوقىرات شاگىرتلىرىدىن: x_/}R3d -دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە نېمە؟ -دەپ سورىغانكەن، شاگىرىتلىرىدىن بىرى: *f3S tX -كامىل ئەقىل،- دېسە، ئىككىنچىسى: FpiTQC7d -ياخشى دوست،-دەپتۇ.يەنە بىر شاگىرت: LQHL4jRXU -چارە-تەدبىر،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سوقىرات ئۇلارنىڭ پىكرىنى توغرا تاپماپتۇ. شۇ چاغدا يەنە بىر شاگىرت: T8|5%Y -ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە–پاك قەلىب، -دەپتۇ. سوقىرات بۇ شاگىرتنىڭ گېپىنى قوللاپ: s(nT7x+W -باركاللا، توغرا ئېيتتىڭ، بۇ بولسا ئاۋالقىلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، پاك قەلىب ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە،- دەپتۇ. R!%nzL@e&` ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن، ‹‹پاك قەلىب››نى تېما قىلغان ئاساستا بىر پارچە ماقالە ئەسەر يېزىڭ. S~i9~jA يېزىقچىلىق ئۈچۈن كۆرسەتمە: (Kwqa"Hk4{ 1.نوقتنەزەرنى تاللىۋىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك. تەبئىيكى بۇنىڭدىكى نوقتىنەزەرنى ‹‹ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە– پاك قەلىب›› دېگەن جۈملىگە يىغنىچاقلاشقا بولىدۇ. E?G'F3i 2. ‹‹بۇ بولسا ئاۋالقىلارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ، پاك قەلىب ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەرسە›› ئاۋالقىلىرى بولسا، كامىل ئەقىل، ياخشى دوست، چارە-تەدبىر. مۇشۇ مەزمۇنلارنى تۇتقۇ قىلىپ يازغاندا تېمىدىن چەتنەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. u0h%4
f!X 3. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ. ‹‹گۈزەللىكنىڭ جۇلاسى-پاكلىقتا›› ، ‹‹پاك قەلىب-ئەڭگۈشتەر›› ، ‹‹ھاياتتىكى ھەقىقىي گۈزەللىك – قەلب گۈزەللىكى›› ، ‹‹پاك قەلب ئىنسان ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ مەركىزى›› ... يەنە باشقا ماۋزۇلارنى قويۇشقىمۇ بولىدۇ. B=!!R]dxA 4. بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نەقىللەردىن پايدىلىنشقا بولىدۇ. x-m*p^} ئاقىللار ساپ ھېسىياتىنى ئەخلاق بوغۇشلىمايدۇ، بەلكى سەمىمىيلىك ۋە پاكلىق بىلەن قىممەتلەيدۇ ــــــ ئەكبەر داۋۇت تەنھايى /@F'f@; بايلىقنى يىتتۇرسەڭ ناھايتى ئاز نەرسىنى يىتتۈرسەن، ئەمما غۇرۇر ۋە ئابرۇيۇڭنى يىتتۈرسەڭ ناھايتى كۆپ نەرسىنى يىتتۈرسەن. پاك قەلب ۋە ئادىميلىكىڭنى يىتتۇرسەڭ ھەممە نەرسەڭنى يىتتۇرگەن بولىسەن ـــ گېۋدى &t^*0/~
قەلب گۈزەللىكى-ئىنسان كامالىتى ۋە بەخت-سائادىتىنىڭ موھىم مەزمۇنى ۋە شەرتىدۇر ــــ دانالار ھېكىمىتى z'U.}27&o سەمىمىي، قەلبى پاك كىشلەرلا ئىنسان، ئۇلۇغ ئىنسان دېگەن نامغا لايىق. ــــ نەۋايى NX&dJ
6a 5. تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىش سۆزلىرىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ‹‹پاك قەلب-دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپىقىيەت دەستۇرى›› ، ‹‹پاك قەلب-ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى جىمى ئاڭلى-ئاڭسىز تۇيغۇلارنىڭ خەزىنىسى›› ، ‹‹پاك قەلب- ئىنساننىڭ تىزگىنىكى›› ، ‹‹ پاك قەلب-ئىنسان پائالىيتىنىڭ باش قوماندانى›› ، ‹‹پاك قەلب-ئىنسان ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ مەركىزى ھەم پۈتمەس-تۈگىمەس بۇلىقى›› "pM>TMAE 6. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەردىن پايدىلىشنقا بولىدۇ. ?4bYb]8Z باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: پاكلىقنىڭ قىممىتى چەكسىزدۇر. ئۇ سىزنىڭ چىراي گۈزەللىكىڭىز، تاشقى گۈزەللىكىڭىز بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ پاك سەمىمىي قەلبىڭىز ھەم گۈزەل ھېسىياتنىڭ مەسئۇلى. e Ucbe33 ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە؛ مانا مۇشنىڭغا ئوخشاش ئالىم مۇتەپەكۇرلارنىڭ دېگىنىنى، ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتساق، بىز ئۆز قەلب گۈزەللىكىمىزنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ھېس قىلدۇرالايمىز. ھېچبولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىمىز ۋە پاك قەلبىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. N4vcd=uG# باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: پاك قەلب بولغاندا كامىل ئەقىل، ياخشى دوست، ياخىشى چارە – تەدبىرمۇ بولىدۇ. پاك قەلب قەلب گۈزەللىكىنىڭ موھىم مەزمۇنى ھەم ئالدىنقى شەرتى . :1A:g^n ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ كامىل ئەقىل، ياخشى دوست، ياخشى چارە-تەدبىرىنى پاك قەلب ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەليدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنى پاك قەلب بىلەن بېزەشنى ئۈگۈنۋېلىشى كېرەك. ,^([aK باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: پاك قەلبنىڭ يىلتىزى ساغلام پىسخىك ھالەت، توغرا ئىدىيە، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت. نۆۋەتتە كىشلەر پاك قەلبنىڭ ئەھمىيتى ۋە رولىنى بارغانسېرى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، پاك قەلب ھازىرلاش يوللىرى ئۈسىتىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردە تېخمۇ ئەھمىيەت بىلەن قاراشقا ئەرزىيدىغىنى، ياشلار ئارىسىدا پاك قەلىبنى ئومۇملاشتۇرۇش. چۈنكى.... <[k3x8H' ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە؛ شۇڭا ھەقىقىي ئادىميىلىك قىممىتىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەلبىمىزنى پاكلايلى، پاك قەلبىمىز ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىغا پاكلىق ۋە گۈزەللىك ئۇرۇقلىرىنى توختىماستىن چاچايلى. باسقان ئىزىمىزدىن خۇش پۇراق گۈللەر ئۈنسۇن. #kv9$ 7. تۇرمۇشتىن ۋە ئوقىغان ماتېرىياللاردىن مىسال ئىشلشقىمۇ بولىدۇ. (قىسقارتىلدى) d_25]B( بېرىلگەن ماتېرىيال: تۆمۈر تۇمشۇق بىر تۈپ دەرەخنىڭ غولىغا قونۋىلىپ قۇرت چوقۇغىلى تۇرغانكەن، دەرەخ ۋارقىراپ كېتىپتۇ: oJTEN}fL -ماڭا چېقىلما، ماڭا چېقىلما! جېنىمنى ئاغرتىۋەتتىڭ! KNeVSZT -دەرەخ ئەپەندى، تېنىڭىزدە قۇرت بار ئىكەن، مەن ئۇلارنى تۇتىۋاتىمەن، - دەپتۇ تۆمۈر تۇمشۇق كۆيۈنگەن ھالدا. 4M"'B A< -نېمە قۇرت تۇتىۋاتىمەن؟ مۇشۇنداق ياش ھەم ساغلام تېنىمدە قانداقمۇ قۇرت بولسۇن؟ سېنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىڭنى ئۇقمايمەنما؟ سەن مېنىڭ ئالدىمدا نەيراڭۋازلىق قىلىمەن دېمەي، كۆزۈمدىن تىز يوقال! – دەپتۇ دەرەخ تېخىمۇ غەزەپلەنگەن ھالدا. ياخشىلىقنى بىلمىگەن دەرەخكە ئاچچىقى كەلگەن تۆمۈر تۇمشۇق ئۇچۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىرمۇ تۆمۈر تۇمشۇق بۇ دەرەخنىڭ قۇرتىنى چوقىلماپتۇ. بىرنەتە يىلدىن كېيىن بۇ دەرەختىكى قۇرتلار كۆپىيىپ، ‹‹ياش››، ‹‹ساغلام›› دەرەخنىڭ ئىچى پورلىشىپ، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. بۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇكى، كېسەل كىچىك ۋاقتىدا شىپا تاپالمىسا، كىسەل چوڭىيىپ، ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. Oyb9
ql^ تەلەپ: يۇقۇرقى ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن، ‹‹كېسەلگە سەل قارىماڭ›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە –ئەسەر يېزىڭ. htYfIy{5w يېزىقچىلىق ئۈچۈن كۆرسەتمە: bSTori5 1.بېرىلگەن ماتېرىيال تەلىپگە ئاساسەن ئاساسىي نوقتىنى تېپۋىلىش تولىمۇ موھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن ماتېرىيالدىكى تۆۋەندىكى نوقتىلارنى ياخشى ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆمۈر تومشۇقنىڭ دەرەخ غولىدىكى قۇرتنى تۇتماقچى بولشى، دەرخنىڭ تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ ياخشى كۆڭلىنى خاتا چۈشىش سەۋەبىدىن غەزەپلىنىشى، تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ بۇ دەرەخكە يىقىن يوللىماسلىقى، بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دەرەخنىڭ پورلىشىپ كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىشى. يۇقۇرقى نوقتىلارنى چىڭ تۇتقان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى خاتا چۈشۈنۈپ ئاخىرى ۋەيران بولغان بىرەر پرسۇناجنىڭ ھالىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان بايان ماقالىسى يېزىش تەلىپىنى ئورۇندىغىلى بولسا. يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹باشقىلارنىڭ ياخىشى كۆڭلىنى خاتا چۈشىنىپ بىخۇتلاشقانلار ئاخرقى ھېسابتا ۋەيران بولىدۇ›› دېگەن نوقتىنەزەرنى ئاساس قىلغان مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىش تەلىپىنى ئورۇنداشقا بولىدۇ. qi@Nz=t#HJ 2. بۇ ماتېرىيالنىڭ تېمىسى مەۋۇم، يوشۇرۇن مەنىسى كۆپ، ماقالە تېمىسى ئوخشىتىش شەكلىدە ۋە كۆچمە مەنىدە بېرىلگەن . بۇنداق ماتېرىياللار بېرىلگەن ماقالىنى يېزىشتا ئۇنىڭ يوشۇرۇن، كۆچمە مەنىسىنى بىلۋىلىش تولىمۇ زۆرۈر. مەسىلەن: ‹‹سەنمۇ بىر پارچە مەنزىرە، مەنمۇ بىر پارچە مەنزىرە››نى تېما دائىرىسى قىلىپ بىر پارچە ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنسا، تېمىدىكى ‹‹مەنزىرە››نى تەبىئەت مەنزىرسى دەپلا ئاددىي چۈشىنۋىلىشقا بولمايدۇ. كۆپۈنچە شەخسنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، ھاياتنىڭ قىممىتى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ‹‹مەنمۇ باي›› دېگەن تېما بېرىلگەن بولسا، بۇ يەردىكى ‹‹باي›› ماددىي جەھەتتىكى بايلقنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزلىرىنىڭ روھىي بايلىقنى تونۇش ئۈمۈت قىلىنغان بولىدۇ. يۇقۇرقى بېرىلگەن ماتېرىيال ئۈچۈن بېرىلگەن ‹‹كېسەلگە سەل قارىماڭ›› دېگەن تېمىدىكى ‹‹كېسەل››نى قەلبدىكى، روھىي جەھەتتىكى كېسەلگە سەل قارىماسلىق دەپ چۈشەنگەندە بۇ ماقالىنى تەلەپكە ئۇيغۇن ھالدا يېزىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. k Jz^\
Re 3. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ. ‹‹كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاڭ›› ، ‹‹كېسەلدىن سەگەك بولۇڭ›› ، ‹‹كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە›› ‹‹قەلبىڭىزگە چۈشكەن قۇرتتىن ئاگاھ بولۇڭ›› ... يەنە باشقا ماۋزۇلارنى قويۇشقىمۇ بولىدۇ. ~&,S xQT 4. بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نەقىللەردىن پايدىلىنشقا بولىدۇ. )l*3^kwL{U ساغلام تەندە –ساپ ئەقىل . ـــ ماقال D{7sfkcJ كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلىمى ئاشكارە . ــ ماقال jz3f{~ داۋا كۆچەيسە، پۇلۇڭنى ئالار. كېسەل كۈچەيسە جېنىڭنى ئالار . ـــــ ماقال Y;\@
5TgQ, ئاچ قورىقى كېتەر، دەرت قورىقى كەتمەس . ــــ ماقال ,jnaa (n جان راھاتى تەن بىلەن، تەن راھىتى پەم بىلەن. ـــ ماقال KfK5e{yT 5. باشلاش ۋە ئاخرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەردىن پايدىلىشنقا بولىدۇ. .'
v$PEy باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كىشىلىك ھاياتتا ھەر بىر ئىنسان كىچىككىنە بىر قەدەمنى خاتا بېسىپ قويۇپ ئۆز نىشاندىن ئاداشقاندىن كېيىن ئۆز غەلبىسىدىن قۇرۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان روھىي كۈچ-ئۈمۈدتىنمۇ ئايرىلىپ قىلىش مۈمكىن. zl, Vj%d ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئىنسان مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاپ، قايتا-قايتا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن، يېتەرسىزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزەتمەسلىكتىن ساقلانغاندىلا ئاندىن ھەر بىر ئىشىدىن ئۈمۈد تۇغۇلىدۇ. ھەر بىر باسقان ئىزدىن غەلبە گۈللىرى ئۈنىدۇ، ئاداشقان يولىدىن ئۆز نىشانىنى تاپىدۇ. >TGc0 z+ باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: نۆۋەتتە كېسەل كىشلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ كېسەل ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تېنىدىكى كېسەل بولماستىن، بەلكى روھىيىتىمىزنى چىرماپ كەتكەن داۋالاپمۇ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەل. =OrVaZ0 ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: بۇنىڭدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، ھەرقانداق بىر ئادەم ئەگەر ئۆز روھىيتىدىكى كۆرۈنمەس، ئەمما ئاقىۋىتى ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالماي، باشقىلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىۋىرىدىغان بولسا، مۇقەرەكى ئۆزنى تۈگەشتۈرىدۇ ۋە ئۆز ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. Rto/-I0l باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كونىلار ناھايتىمۇ توغرا ئېيتقان: ‹‹ كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا›› ، شۇنداق، پىسخىك جەھەتتىكى ساغلام بولماسلىق، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، مەنمەنچىلىك ئىنسانلار ئارىسىغا چېچىلغان بىر خىل ئاپەت ئۇرىقى. بۇ خىل روھىي كېسەللىكنىڭ ئەۋىج ئېلىپ كېتىشىگە يەنىلا ئادەملەر ئۆزلىرى سەۋەبچى. B90fUK2g ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە؛ شۇڭا مەن بۇ يەردە ھەممەيلەنگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، روھىي جەھەتتىكى مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، جاھاندا ئۆزنىلا بىر چاغلايدىغان مەنمەنچىلىك كېسىلىدىن يىراق تۇرايلى. ئۆزىمىزگە باقماي شۆھرەتلا قوغلىشىدىگەنمىز، بىزنىڭ دۇچ كېلىدىغىنىمىزمۇ ئوخشاشلا ‹‹كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا›› خالاس. z+c8G 6. تۇرمۇشتىن ۋە ئوقىغان ماتېرىياللاردىن مىسال ئىشلشقىمۇ بولىدۇ. (قىسقارتىلدى) 1#zD7b~ بېرىلگەن ماتېرىيال: I,/E.cRV< يېرىم چىنە سۇ b-#oE{(\' قۇملۇقتا نەچچە كۈنلەپ ساياھەت قىلغان ئىككى ساياھەتچىنىڭ سۈيى تۈگەپ، چاڭقاپ. ھالىدىن كېتەي دېگەندە، تۆگە يۈتلەپ كېلىۋاتقان بىر بوۋايغا ئۇچراپتۇ. بوۋاي ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە يېرىم چىنىدىن سۇ بېرىپتۇ. ئۇلار سۇنى ئالغاندىن كېيىن، بىرى بۇنچىلىك ئاز سۇ بىلەن ئۇسسۇزلۇقۇم قانمايدىغان بولدى، دەپ ئاغرىنىپتۇ ۋە قېيداپ قولىدىكى يېرىم چىنە سۇنى تۆكۈۋىتىپتۇ. يەنە بىرىمۇ بۇ يېرىم چىنە سۇ بىلەن ئۇسۇزلۇقىنىڭ قانمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئەمما ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن قانائەت قىلغۇنچە يېرىم چىنە سۇنى ئىچۋىتىپتۇ. )ItW}1[I نەتىجىدە، سۇنى تۆكۋەتكەن ساياھەتچى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپتۇ. يەنە بىرى ھېلقى يېرىم چىنە سۇنى ئىچۋالغاچقا، ئاخىرى قۇملۇقتىن ساق-سالامەت چىقىپ كېتىپتۇ. 5p7i9"tgn ئادەملەر بەزىدە ماددىي جەھەتتىكى قۇتقۇزۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، روھى جەھەتتىكى قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ مۇھتاجدۇر. دېمەك روھى بايلىق تولىمۇ قىممەتلىك. Gg^gK*D يېزىقچىلىق ئۈچۈن كۆرسەتمە: L}tP_ * 1.يۇقۇرقى ماتېرىيالنىڭ موھىم نوقتىسى ئىنىق بولۇپ، ‹‹ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىق›› مۇشۇ تېىمنى ماقالىنىڭ نوقىتىنەزىرى ۋە ماۋزۇسى قىلۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا بېرىلگەن ماتېرىيالدىكى ‹‹ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن چاڭقاپ ھالىدىن كېتەي دېگەن ئىككى ساياھەتچى، ئۇلارغا ئۇچراپ قالغان تۆگە يېتلىۋالغان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئىككى ساياھەتچىگە يېرىم چىنىدىن سۇ بېرىشى، بىرسىنىڭ قىيداپ سۇنى تۆكۋىتىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى، يەنە بىر ساياھاتچىنىڭ ئۇسۇزلۇقىنىڭ قانماسلىقىنى بىلىشى ۋە مىنەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن سۇنى ئىچۋىتىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى›› قاتارلىق مەزمۇنلار نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغاندا، روھى جەھەتتىكى قانائەت ۋە مىنەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ روھى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ بايلىق بولىدىغانلىقىنى، قىيداش، خاپا بولۇشنىڭ روھتىكى نامراتلىق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇنلار گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەندىلا، بېرىلگەن ماتېرىيال مەزمۇنى ۋە تېما تەلىپىگە ئۇيغۇن ماقالە يېزىش تەلىپىگە يەتكىلى بولىدۇ. /b."d\ 2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ. Yo}QW;,g ‹‹ھەقىقىي بايلىق-روھىي بايلىقتۇر›› ، ‹‹ روھىي بايلىق ئۈنۈم مەنبەسى›› ، ‹‹روھىي بايلىق-مەنىۋى ئوزۇق›› ، ‹‹روھىي بايلىقىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇستەھكەملەيلى››... +o K*5 Y 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەردىن پايدىلىشنقا بولىدۇ. d M;v39 باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: بايلىق دېگەن نېمە؟ بايلىق دېگەن پەقەت پۇل-مالنىلا، ئالتۇن-كۈمۈش، زىبۇ-زىننەت، ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىت، ئالىي كىيىم-كېچەكنىلا كۆرسىتەمدۇ؟ ئەلىۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. بايلىق ماددىي جەھەتتىكى بايلىقنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە روھىي جەھەتتىكى بايلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمىليەتتە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ موھىم ھەم ئەڭ زور بولغىنى روھىي بايلىقتۇر. |u#7@&N1
ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دوستۇم، سىز ئۆزىڭىزنى مول روھىي بايلىققا ئىگە دەپ قارامسىز؟ سىزدە ساغلام بولغان كەيپىيات بارمۇ؟ سىز ماددىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقلارغا يولۇققاندا، مول روھىي بايلىقىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا ماڭا قولىڭىزنى بېرىڭ، بىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، روھىي بايلىقىمىزدىن مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلايلى، مەنىۋىي مەدىنيىلىك بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە تەڭ ئاتلىنايلى. Upz?x{>x باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ھەرقانداق ئادەمنىڭ بايلىققا بولغان كۆزقارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر پۇلنى ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقى دەپ قارىسا، بەزىلەر ماددىي نەرىسلەرنى ئۆزىنىڭ بايلىقى دەپ قارايدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىم ئۇنداق ئەمەس. سىز روھىي جەھەتتىن قانائەتچان بولۇپ، روھىي بايلىقىڭىزنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلسىزڭىز، ئۇ چاغدا سىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ ھېسابلىنىسىز. 5p~hUP]tT ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ روھىي بايلىقىنى بايلىق دەپ قارىمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم ھەقىقىي نامرات، قالاق ئادەم ھېسابلىنىدۇ. pzeCdHF ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە؛ روھىي بايلىق- ھەقىقىي بايلىق. ئۇ بىزگە كۈچلۈك مەنىۋىي ئوزۇق! كىشىگە بەخت، كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلغۇچى قورال! بىز پۈتۈن زىھينىمىزنى ماددىي بايلىقلارغا سەرپ قىلىپلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ روھىي بايلىقىمىزنىمۇ پەرۋىش قىلىشمىز لازىم ! ھەممىمىز روھىي جەھەتتىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشايلى!! Yb%#\.M/y باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە؛ ئادەملەر ماددىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى روھىي جەھەتتىكى قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ مۇھتاج. ماددىي بايلىققا ئېرىشىپ، روھىي بايلىققا ئىرىشەلمەسلىك تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.شۇنداق كىشلەر باركى... U.N?cKv ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: YRU95K[ ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، روھىي بايلىقى بولمىغان كىشى قەلەندەرگىلا ئوخشايدۇ. روھىي بايلىق ھەممىدىن موھىم. كۈچ، تۇرمۇش مۇساپىمىز، ھاياتلىق مۇساپىمىزدىكى ماياك، بىزنىڭ روھىيەت تۈۋرىكىمىزدۇر. cVDcda|PE بېرىلگەن ماتېرىيال: 4u#TKr. بىپەرۋا ئادەم d-TpY*v بىر ياغاچچى ئورمانلىقتىن يوغان بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ ئەكېلىپ ئۆيىگە لىم قىلماقچى بوپتۇ. بىر چاغدا بەك كۆپ ھەردىۋىتىپ قىسقا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئامالسىز ئىشىكىگە كېشەك قىلۋەتمەچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پالتىنى ئېلىپ چېپىشقا باشلاپتۇ. قارىسا ھېلقى ياغاچ نېپىز چېپىلىپ قالغانلىقتىن پەقەت ئەپكەش ياسىغىلى بولغىدەكلا بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ياغاچچى ئەپكەش ياسىماقچى بولۇپ، رەندىنى ئېلىپ رەندىلەپتۇ. رەندىلەۋېرىپ ئاخىرى قولىدا قالغان ياغاچ بىلەن پەقەت پىچاققا ساپ ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ھەمدە پىچاقنى ئېلىپ قىرىشقا باشلاپتۇ. قىرىپ ئۇچلىغاندىن كېيىن ھېلقى ياغاچ ئىنچىكە بولۇپ قېلىپ، چىش كولىغۇچقا لايىق بولۇپ قاپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ ھارغىنلىقتىن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپتۇ ۋە چىش كولغۇچنى ئاغزىغا سېلىپ شورىغاچ ئورۇندۇقتا ھاسىراپ ئولتۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىز چىرىس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چىش كولىغۇچ سۇنۇپ ئىككى پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. $CZ'[`+ تەلەپ: يۇقۇرقى ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن‹‹بىپەرۋالىق›› نى تېما قىلىپ بىر پارچە ماقالە –ئەسەر يېزىڭ w@LLxL>Y يېزىقچىلىق ئۈچۈن كۆرسەتمە: hw=~%f; 1. بۇ ماتېرىيالنى تەھلىل قىلغاندا تۇرمۇشتىكى بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان پۇشايماننى ماقالە ماتېرىيالى قىلشتىن ساقلىنىش كېرەك. ماتېرىيالدىكى بىپەرۋا ئادەم، ياغاچچى. دېمەككى ئۇ ئۆزى كەسىپ ئەھلى تۇرۇپ شۇنچىلىك بىپەرۋالىققا يول قويىدى. كەسپىي جەھەتتىكى بىپەرۋالىقنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، جەمىيەت ئۈچۈنمۇ ئاپەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قاراشنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش لازىم. ماتېرىيالنى تەھلىل قىلغاندا تەبىي ھالدا ‹‹ بىپەرۋالىق كشىنى پۇشايماندا قويىدۇ ۋە ياكى بىپەرۋالىقتىن ساقلىنىڭ›› دېگەن نوقتىنەزەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مۇشۇ نوقتىنەزەرنى ئالدىدىكى مۇلاھىزە ئاساسدا تەھلىل قىلغاندىلا تەلەپكە ئۇيغۇن ماقالە يېزىش تەلىپگە يەتكىلى بولىدۇ. fg4mP_ 2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ. "uFwsjz&B ‹‹بىپەرۋالىق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ دۈشمىنى›› ، ‹‹بىپەرۋالىق-ئوڭۇشسىزلىقنىڭ باشلىنىشى›› ، ‹‹قىلدىن كەتسە، قىرىقتىن كېتەر›› ، ‹‹بىپەرۋالىق كىشىنى مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قالدۇرىدۇ›› ، ‹‹بىپەرۋالىقنىڭ زىينى›› ، ‹‹ ‹يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس› كە سەل قارىمايلى›› ... l z-I[*bA 3. باشلاش ۋە ئاخرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەردىن پايدىلىشنقا بولىدۇ. Fm*npK باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ھەممىمىزگە مەلۇم، كىشىلىك ھايات يولى- ئەگرى-توقايلىقنىڭ ئەڭ چوڭ بىرلىكى. بۇ خىل كىشىلىك ھايات يولى جەمىيەتتىكى كىشىلەرنى تەبىئىي ھالدا ھەر خىل تىپلارغا بۆلۈپ قويىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بىپەرۋالىق. 3}fOb ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىپەرۋالىق قىلمىساقلا چوقۇم كىشىلىك ھايات يولىمىزدا دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز ۋە شۇنداقلا بۇ ھايات مۇساپىسىنى بېسىشنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايمىز. n^4R]9U باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ھايات يولىدىكى خاتا بېسسىلغان قەدەملەر ئادەمنى بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالدۇردۇ، بىپەرۋالىق پۇشايماننىڭ مەنبەسى 4`5yrCd باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق ئىشنىڭ تۇنجى قەدىمى-بىپەرۋالىق. بۇ بىر جۈملە سۆز تولىمۇ توغرا ئېيتلغانكەن. kc
CCa@~v ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئىنسان ھاياتىدا خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. شۇ خاتالىقلار سەۋەبىدىن پۇشايماندا قالىدۇ. بۇنىڭ ئامالىنى قىلاي دەيدىگەنمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمىزدا تەجىربە-ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ، ھەرقانداق ئىشتا ئەستائىلدىل بولىشىمىز لازىم. شۇندىلا تۇرمىشىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكىزەلەيمىز، پۇشيماندىنمۇ يىراق تۇرالايمىز. @Dh2@2`> باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كىشلىك تۇرمۇشتا كىممۇ ئىشنى مۇتلەق توغرا ۋە پۇختا ئىشلىيەلەيمەن، قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايمەن دېيەلىسۇن؟ تۇرمۇشتا ھەمىشە كىچىككىنە بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ ھەتتا ھاياتدىن ئايرىلىدۇ. 3PNdc}h ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دۇنيادا يۈزدە يۈز مۇككەمەل ئادەم بولمايدۇ، ھايات مۇساپىمىزدە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولماسلىقىمىز تەسرەك. ئەمما، بىز ئىش قىلغاندا ئەتراپلىق ئويلىنىشنى، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشنى، ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇشنى موھىم ئورۇنغا قويۇپ، قول ئۇچىدىلا ئىش قىلىشتىن، ئويلانمايلا ئىش قىلىشتىن، بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇليەتسىزلىكتىن قاتتىق ساقلانساق، ئۆز ئىشىمىزنىڭ بەلگىلىك نەتىجىسىنى جەزىمەن كۆرەلەيمىز. bC بېرىلگەن ماتېرىيال: Jl/w P بۇرۇن بىر سودىگەر بىلەن بىر كەمبىغەل كىشى بەخىتنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ. كەمبىغەل كىشى: $H)^o! -ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت، - دەپتۇ. سودىگەر كەمبىغەلنىڭ ئەسكى كەپىسى ، يىرتىق ئۈستىباشلىرىغا مەنسىتىمىگەن ھالدا قارىۋەتكەندىن كېيىن: }UhYwJf89 -مۇشنىمۇ بەخىت دېگىلى بولامدۇ؟ يۈزلەپ ياساداق ئۆيۈڭ، نەچچىلىگەن سودا سارايلىرىڭ بولسا، ئاندىن بەخىتلىك بولىسەن، -دەپتۇ. [;u#79aE بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، سودىگەرنىڭ ئۆيى، سودا سارايلىرى ۋە پۈتۈن بىساتى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپتۇ. سودىگەر بىر كىچىدىلا قەلەندەرگە ئايلىنىپ قاپتۇ. 1t
R^ يازنىڭ تىنچىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇسساپ تىلى گېلىغا چاپلىشىپ قالاي دېگەن قەلەندەر ھېلقى كەمبىغەلدىن بىر چىنە سوغۇق سۇ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنى تونىۋالغان كەمبىغەل ئۇنىڭدىن : ax&
?Z5%a -سىز ھازىر نېمىنى بەخىت دەپ بىلىسىز؟- دەپ سورىغان ئىكەن، قەلەندەر كەمبىغەلنىڭ قولىدىكى سۇغا قاراپ بىتاقەت بولغان ھالدا : -قولىڭىزدىكى ئاشۇ بىر قاچا سۇنى بەخىت دەپ بىلىمەن،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. .IeO+RDQ دېمەك بەخىت بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسى. بەخىت ئۇ يەنە بەزى چاغلاردا ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەردىن ياكى قىرىنداشلىرىمىزدىن مىنەتتار بولغان تۇيغۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ. uz8LF47@:- يېزىش ئۈچۈن كۆرسەتمە: _ \D% 1. بۇ ماتېرىيالنى تەھلىل قىلغاندا تەبئىي ھالدا باي بىلەن كەبىغەلنىڭ مۇنازىرىسىدىن باينىڭ كالتە پەملىكىنى ھېس قىلىمىز ھەم باينىڭ بۇ ئەقلسىزلىكىنى قوبۇل قىلالمايمىز. ئەسلى ئەقىلسىزلكنىڭ ئوبرازى كەمبىغەل بولىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن تەھلىل يۈرگۈزگەندە نوقتىنەزەرنى ئىسپاتلاپ بېرىش قىيىنغا توختايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ماتىريال مەنبەسىدىكى ۋەقەلىكنى چىن رىياللىق ھالدا قوبۇل قىلساقلا تەلەپتىن چەتنەپ كېتىشتىن ساقلىنالايمىز. شۇ ۋاقتىتتا ئەسەرنىڭ نوقتىنەزىرىنى ‹‹ ھازىرنىڭ ئۆزىدىن رازى بولۇشنى بەخىت دەيمىز ›› دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلىيالايمىز ۋە ئاسانلا بۇ نوقتىنەزەرنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. ماقالە يازغاندا چوقۇم بايلقنى بەخىت دەپ قاراش بىلەن ھەقىقىي بەخىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلاشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك. EW
`hL~{ 2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ. ‹‹بەخىت دېگەن نېمە؟›› ، ‹‹ بەخىتنىڭ فورمىلاسى يوق ›› ، ‹‹بەخىت ھەققىدە ئېيتىلمىغان كۈي›› ، ‹‹ھەر بىر كىشنىڭ بەختى ئۆزىنىڭ قولىدا›› ... ]\(8d[4 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: w#"\*SKK باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: بەخىت بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسى، بەخىت ئۇ يەنە بەزىدە ئەتىراپىمىزدىكى ئادەملەردىن ياكى قىرىنداشلىرىمىزدىن مىنەتتار بولۇش تۇيغۇسىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. دېمەك بەخىت ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان، ئالاھىدە جايغا ماكانلاشقان يۇشۇرۇن بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىز بىلەن بىللە، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا مەۋجۇت. گەپ ئۇنى بىلىشتە، ھېس قىلىشتا. kKX' Y+ جەمىئيەت توختاۋسىز گۈللىنىۋاتقان، ئىقتىزات يەرشارلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە كىشلەرنىڭ بەخىت قارىشىدىمۇ تۈپلۈك ئۆزگۈرۈش بولدى. بەزىلەر: ..... G@8)3 @ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا دەيمىزكى ، مەلۇم تەلەپ، مەلۇم جەھەتتىكى مۇھتاجلىقنىڭ قاندۇرلىشى ۋە ياكى مەلۇم نۇرمال ھالاتنىڭ ساقلىنىشى بەخىت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ، بىز بەخىتنى ھېس قىلالىساق، بەخىتنى چىڭ تۇتۇشنى بىلسەك، بۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىتتۇر. {9x_E { باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئەگەر بىرەرى سىزدىن: ‹‹بەخىت دېگەن نېمە؟ سىز نېمىنى بەخىت دەپ قارايسىز؟ ›› دەپ سوراپ قالسا قانداق جاۋاپ بەرگەن بولاتتىڭىز؟ &,nv+>D ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دېمەك، بەخىت ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىلىرىگە، تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئاددىي تەرەپلەرگە، ئەڭ نازۇك تۇيغۇلار ئىچىگە يوشۇرنغان بولىدۇ. شۇڭا ، بىز بەختىمىزنى ھېس قىلىشنى، قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك. |2(q9j باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەربىر شەخىسنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭقا ماس ھالدا ھەربىر شەخسىنىڭ بەخىتكە بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر... ]M?i:A$B ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دېمەك، كۈچلۈك ئىتقات، قەيسەر ئىرادە، قەتتىي ئىشەنچ، بوشاشماي تىرىشچانلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئەڭ چوڭ بەخىت، ئەگەر قەدىرگە يەتسىڭىزلا ھەربىر كۈنىڭىز، ھەربىر سائەت، ھەر مىنۇت، سېكىنۇتنىڭ ئۆزىمۇ بەخىت. }`tSRB7 ماتېرىيال: دۇنيادا نېمە ئەڭ گۈزەل؟ تەڭداش سايىپجامالم؟ ئاي يۈزلۈك رەنالارمۇ ياكى يېڭى كىيىممۇ؟ q
W(@p` بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چىرايلىق دېيىشكە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ گۈزەل دېيىشكە بولمايدۇ. z*.AuEK? شۇنداق، گۈزەللىكنى ھەرگىزمۇ چىرايلىقنىڭ ئورنىغا دەستىشكە بولمايدۇ. چىرايلىق ھەرگىزم گۈزەللىك ھېساپلانمايدۇ. O. * 0;5 چىرايلىق پەقەت كۆرۈش سەزگۈسىدە ئەكىس ئەتكەن ئوبراز، پەقەت گۈزەللىكلا كىشىگەھەقىقىي مەنىۋىي ئىلھام بېرەلەيدۇ. كىشى قەلبىنى لەزىگە سالىدۇ. چىرايلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا-ئاستا غايىپ بولىدۇ. گۈزەللىكچۇ؟ ئۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشى قەلبىگە سېڭىپ، مەڭگۈلۈك مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. كىشلەر ھەقىقىي گۈزەللىكنى كۆرەلمەيدۇ. بەلكى ھېس قىلالايدۇ، ئۇ خۇددىي تۇپراققا ئوخشاش تولىمۇ ئاددىي ، ئۇ پەقەت كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولسىلا، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۈن-تىنسىز تەقدىم قىلىدۇ. بىراق تۇپراقنىڭ سېخىيلىقى ۋە گۈزەللىكىنى كىم ھېس قىلالايدۇ؟ ھەقىقىي گۈزەل ئادەم ئەنە شۇ تۇپراققا ئوخشاش باشقىلارغا ئۈن-تىنسىز ياردەم قولىنى سوزىدۇ، باشقىلارغا كۆيىنىدۇ، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدۇ. !>`Q]M` يۇقارقى ماتېرىيالنى ئەتراپلىق چۈشەنگەن ئاساستا‹‹ گۈزەللىك ۋە چىرايلىقلىق››نى تېما قىلىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. wuqe{? ماتېرىيال تەھلىلى: oF%m
1. بۇ ماتېرىيالنى ئوقۇپ تۈگىتىش بىلەن تەڭ بۇنىڭ نوقتىنەزىرىنى ناھايتى تىزلا تېپىپ چىقالايمىز. يەنى بېرىلگەن ماتېرىيالنىڭ نوقتىنەزىرى: ھەقىقىي گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس، بەلكى قەلىبتە. بىز ئۈن-تۈنسىز باشقىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، باشقىلارغا كۆيۈنۈپ، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالىساقلا ھەقىقىي گۈزەللىكنى يېتىلدۈرگەن بولىمىز. بۇ نوقتىنەزەرنى ماتېرىيالنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرسىتىپ بېرىش مۈمكىن. بۇ نوقىتنەزەرنى ئىسپاتلاش بىلەن بېرىگە يەنە گۈزەللىك بىلەن چىرايلىقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقىمۇ كۈچ چىقىرىش يەنىلا موھىم. &Vlno* 2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ.‹‹گۈزەللىك چىرايدا ئەمەس-قەلبتە›› ، ‹‹ چىرايلىق نەرسىلەر گۈزەل نەرسىلەرگە تەڭ بولالامدۇ؟ ›› ، ‹‹ئىنساننىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكى›› !=9x= 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: Jh"[ug باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: سەت-چىرايلىق دېگەن زادى نېمە؟ ئۇ پەقەت كىشلەرنىڭ چىراي جەھەتتىكى ئارتقچىلىقىمۇ ياكى ھېچقانداق نوقسانسىز ياسالغان ھەيكەلنىڭ جان كىرگەندىكى ھالىتىمۇ؟ بۇ ھەقىقىتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە... pc`P;Eui ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ ‹‹بوياق بىلەن بويىغىچە يۈزۈڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى›› دېگەن ھېكىمىتنىڭ تېگىگە چوڭقۇر يېتىپ، ئۆزىمىزدە ھەقىقىي سالايتىمىزگە لايىق گۈزەللىكنى يېتىشتۈرىشىمىز، ھەقىقىي گۈزەللىك بىلەن ساختا گۈزەللىكنى ئىنىق پەرقلەندۈرۈپ، ئۈن-تىنسىز باشقىلارغا كۆيۈنۈپ، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىشىمىز كېرەك. )%C.IZ_s2 باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: چىرايلىق نەرسىلەر گۈزەل نەرسىلەرگە تەڭ بولالامدۇ؟ دوستۇم، ئەگەر مەن سىزدىن دۇنيادا نېمە ئەڭ چىرايلىق دەپ سورىسام، سىز نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىز؟ يەنە سىزدىن دۇنيادا نېمە ئەڭ گۈزەل دەپ سورىسامچۇ؟ بەلكىم سىز بۇ سۇئالىمغا ئوخشاش ياكى ئاساسەن يىقىن كېلىدىغان جاۋاب بېرىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن مېنىڭچە ‹‹چىرايلىق›› بىلەن ‹‹گۈزەل››نىڭ پەرقى بار ... %
.bDK} ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: سىزمۇ گۈزەل بولۇشنى خالامسىز؟ قېنى ھېلىمۇ كىچىكمەيسىز، دىلىڭىز گۈزەل بولسۇن، باشقىلارغا كۆيۈنۈپ ، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇڭ. شۇ چاغدا سىز ھەقىقىي گۈزەل، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. 5/.W-Q\pl} باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئەگەر ھەربىر ئىنسانغا دۇنيادا نېمە ئەڭ گۈزەل دېگەن سۇئال قويۇلسا ھەممە ئادەم ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جاۋابىنى بېرىشى مۈمكىن. مېنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە يەنىلا بىز ئىنسانلاردا، ئىنقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىز ئىنسانلارنىڭ قەلبىمىزدە ۋە ئەخلاقىمىزدا ... ^4sfVpD2! ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئاملە قىلىپ، باشقىلارغا قولىمىزدىن كېلىشچە ياردەم قىلىدىغان، ھەرقانداق بىر ئىشقا مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باشقىلار ئۈچۈن ياردەم قولىمىزنى ئايىمايدىغان ياخشى بىر تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرسەك، ئىشىنىمەنكى بىز چوقۇم ئىنسانغا خاس ھەقىقىي گۈزەللىكنى ئۆزىمىزدە ھازىرلىغان بولىمىز. O:?3B!wF ماتېرىيال: چۈمۈلە جان-جەھلى بىلەن ئۆزىدىن 10ھەسسە چوڭ چېكەتكىنى سۆرەپ ماڭاتتى. كۆرگەنلەر تەئەجۈپلەندى: R3B+vLGX -چۈمۈلىگە قاراڭلار، قىلتىرىقتەك ھالى بىلەن ئاشۇنداق ئىغىر يۈكنى سۆرەپ كېتىۋىتىپتۇ-ھە! چۈمۈلىمۇ كۈلۈپ جاۋاب بەردى: UytMnJ88 مەردلەر يۈكنى بەدىنى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى غەيرەت-شىجائەتى بىلەن كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. tF;0P\i يۇقۇرقى ماتېرىيالغا ئاساسەن، غەيرەت ۋە شىجائەتنىڭ ئادەمگە ھەقىقىي كۈچ بېغىشلايدىغانلىقىنى تېما قىلىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. e)sR$]i:v يېزىش ئۈچۈن كۆرسەتمە: bZxN]6_
1.بۇ ماتېرىيالدا نوقتىنەزەر ئېنىق بېرىلگەن بولۇپ ، ھەققىي كۈچ-غەيرەت ۋە شىجائەتتۇر. بۇ نوقتىنەزەرنى ھەتتا يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئەسەرنى يازغاندىمۇ ئوخشاشلا جىسمانىي كۈچ بىلەن مەنىۋىي كۈچنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. FGDVBUY@
2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ.‹‹غەيرەت شىجائەتنىو بولىشى ئەڭ موھىم›› ، ‹‹بەستىلىك قامىتىڭىز بولمىسىمۇ، غەيرەت شىجائەتىڭىز بولسۇن›› ، ‹‹غەيرەت-شىجائەت غالىپلىقنىڭ مەنبەسى›› ... 5`^@k< 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: 'AA9F$Dz باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ تۇرمۇش مۇساپىسى تۈپتۈز بولمايدۇ، ئادەم ھايات مۇساپىسىدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ... (p>|e\(]0 ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئىسىڭىزدە بولسۇن، غەيرىتى بار ئادەملەر ئۈچۈن قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق. SwOW%o باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئادەمدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك بەسىتى ، بوي قامەت بولغاندىن كۆرە، مەنىۋىي كۈچ قۇدىرەت بولغىنى ياخشى. بۇ خۇددى ئىنتايىن كىچىك ۋە تولىمۇ ئاجىز قۇرتنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ۋە تولىمۇ قاتتىق دەرەخنى يەپ تۈگەتكەنگە ئوخشايدۇ. $INB_/RE ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا مېنىڭ دوستلارغا دەيدىغىنىم، بىزدە باشقىلارنى قىزقتۇرغۇدەك بەستىلىك بوي-قامەت بولمىسىمۇ، غەرەت شىجائەت بولىشى كېرەك. بۇ بىزدىكى مەڭگۈلۈك يوقالماس بايلىق.
Sf?;j{?G ماتېرىيال ئا: ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر مەھبۇس جازا ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بىر چىنە سۇنى كۆتۈرگىنىچە خان سارىيىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىپ سۇنى بىر تېمىممۇ تۆكۋەتمىسە، پادىشاھ ئۇنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ ۋە بۇنۇڭغا ماقۇل بوپتۇ. | N/d} خان سارىيىنىڭ ئەتراپى ئىگىز-پەس، ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىكەن، يەنە نۇرغۇن پەلەمپەيلەر، چۇقان كۆتىرىۋاتقان بىكار تەلەپلەر بار ئىكەن. ئەمما، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس چىنىدىكى سۇغا مىختەك تىكىلگىنىچە، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىپ، ئاخىر چىققان يولغا قايتىپ كېلىپتۇ، لېكىن بىر تېمىم سۇمۇ تۆكۈلمەپتۇ. جامائەت تەۋرەپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ ئۇنىڭدىن: @:>]jp}uq -سەن قانداق قىلىپ بىر تېمىممۇ سۇنى تۆكۋەتمىدىڭ؟-دەپ سوراپتۇ. ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس ئۇنۇڭغا: ]$/oSa/ -بۇ نەدىمۇ سۇ بولسۇن، ئىنىقلا مېنىڭ ھاياتىم تۇرسا!-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. 1G
YZ1iA ھايات پەقەت ماھارەت كۆرسىتىدىغان مۇسابىقە مەيدانى. سىز ئۆز رولىڭىزغا چىقىپ ئاشۇ مەيداندا ھايات ئاپتىپىدىن ئەركىن نەپەسلەنگەن چىغىڭىزدا، ھاياتنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى سەزمەسلىكىڭىز مۈمكىن. ئەمما بۇلارنى قولدىن بېرىپ قويغىنىڭىزدا، پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزىڭىزنى ئەيپلىگەندىن باشقا، ھاياتنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى بىلۋالىسىز. JV~
Dly> يۇقۇرقى ماتېرىيالغا ئاساسەن ‹‹ھاياتنى قەدىرلەش››نى تېما قىلىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. }5+^ يېزىش ئۈچۈن كۆرسەتمە: `vBBJ@f4) 1.يۇقارقى ماتېرىيالا تەلىپىگە ئاساسەن يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ نوقتىنەزىرىنى ‹‹ھاياتنى قەدىرلەش لازىم›› دېگەن جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ نوقتىنەزەرنى ئىسپاتلاش جەريانىدا ھاياتنى قەدىرلەش جەريانىدا ئۈمتسىزلەنمەسلىك، ئۈمۈتۋار بولۇش، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھاياتنى قوغداشتىن ئىبارەت مەزمۇننى يورتىپ بېرىشكە كۈچ سەرىپ قىلىش كېرەك. j!4{+&Laq 2. بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ.‹‹ھاياتنى قەدىرلەيلى›› ، ‹‹ ھاياتنىڭ قىممىتى نەدە ›› ، ‹‹ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ›› ، ‹‹ھايات يولى›› ... >M#@vIo?<6 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ~:Rbd9IB ئادەم بۇ دۇنياغا ھەرگىزمۇ نىشانسىز تۆرۈلۈپ قالغان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئادەم ‹‹مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن›› دېگەن سۇئالنى قايتا-قايتا ئويلىنىپ كۆرۈش كېرەك. ئۇنداقتا ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ؟ بەزىلەر: ‹‹مەن كەمبىغەل، يوقسۇل دېگەندەك ناملارغا قالماسلىق ئۈچۈن ياشايمەن›› دەيدۇ. بەزىلەر: ‹‹ .... vbmt0d
f ئاخرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دوستۇم، ھاياتىڭىزنى قەدىرلىمىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمىگىنىڭىز بىلەن باراۋەر، شۇڭا ھايتىڭىزنى قەدىرلەڭ، ھايتىڭىز مەنسىز ئۆتمىسۇن. |[rn/ باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ھايات ماھارەت كۆرسىتىدىغان مۇسابىقە مەيدانى، بۇ مەيداندا رولىڭىزنى جارى قىلدۇرۇش ياكى قىلدۇرالماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزگە باغلىق. تۇرمۇشتا ھەر خىل ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھايتقا بولغان كۆز قارىشى ۋە پوسىتىسيەلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چەكلىك ۋە قىممەتلىك ھايات مۇساپىسىدە ئىنسانىيەت جەمئىيتى ۋە ئۆزى ئۈچۈن بەخىت يارتىدۇ.... يەنە شۇنداق كىشلەرمۇ باركى،... ]$g07 7o ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا ھاياتمىنى قەدىرلەيمەن دەيدىگەنمىز، چوقۇم ۋاقىت ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشىمىز ، ئورۇنسىز ۋە مەنسىز ئىشلار ئۈچۈن ھايتىمىزنى نابۇت قىلماسلىقىمىز كېرەك. %6q82}# ` ماتېرىيال ب: بىر تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارى مەشھۇر تاغقا يامىشىش مۇتەخەسسىسىدىن تاققا يامىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىللەر ھەققىدە تەلىم ئالماقچى بولۇپ مۇنداق سوراپتۇ. i"V.$|, -ئەگەر بىز تاغقا يامىشۋىتىپ تاغنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتسە، قانداق قىلىشمىز كېرەك؟ 2q[pOT'k -داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشىمىز كېرەك،- ياش يىگىت شۈبھىلىنىپ: sV#%U%un -نېمە ئۈچۈن داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيمىز؟ ئۇنداقتا تېخىمۇ كۈچلۈك يامغۇردا قالمامدۇق؟- دەپ سوراپتۇ. ku,{NY
f^Y -يۇقىرىغا قاراپ ماڭسا يامغۇرنىڭ كۈچلۈك بولىشى ئېىنىق. لېكىن يامغۇر ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزەلمەيدۇ. تۆۋەنگە قاراپ يۈگۈرسەڭ، يامغۇر پەسەيگەندەك قىلغىنى بىلەن، كەلكۈندە قىلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلىشىڭ مۈمكىن،-دەپتۇ. ئارقىدىنلا مۇتەخەسسىس كەسكىن قىلىپ، - يامغۇردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ، كەلكۈندە قىلىشىڭ مۈمكىن ئۇنۇڭغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنسەڭ، ئەكسىچە ھاياتقا ئېرىشىشىڭ مۈمكىن،-دەپتۇ . دېمەك كىشىلىك ھاياتمۇ ئەنە شۇ تاغقا يامىشىشقا ئوخشايدۇ. K#k/t"r يېزىش ئۈچۈن كۆرسەتمە: يۇقۇرقى ماتېرىيال مەزمۇنى بىلەن ئالدىنقى (ماتېرىيال ئا) ماتېرىيالنىڭ نوقتىنەزىرى بىر قەدەر يىقىن بولۇپ، بۇ ماتېرىيال ئۈچۈنمۇ ئالدىنقى ماتېريال مەنبەسى ئۈچۈن بېرىلگەن يېزىش تەلىپىنى تەدبىق قىلىشقا ۋە بېرىلگەن ماۋزۇلاردىن پايدىلىنىپ يېزىشقا تامامەن بولىدۇ. لېكىن ئىككى ماتېرىيالنىڭ ئورتاقلىقنى بىلىش بىلەن بىرگە ماھايەتلىك پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش تولىمۇ موھىم. ئالدىنقى ماتېرىيالدا بېرىلگەن تەلەپتىن نوقتىنەزەر ۋە تېمنى تاللىۋىلىش بىر قەدەر ئوڭاي، بۇ ماتېرىيالدا بېرىلگەن يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ كىشلىك ھاياتتا نېمىلەرگە سىمۋول قىلىنغانلىقنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا قەلەم تەۋىرىتىشكە دېققەت قىلىش لازىم. شۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ نوقتىنەزىرىنى قىينچىلىق ئالدىدا بەل قويۋەتمەڭ، ھاياتلىق-ئۈمۈتۋار ياشاشتا ، قەيسەر ئىرادىنى يېتىلدۈرۈڭ دېگەندەك جۈملىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. t0f7dU3e;L 2.بۇ ماتېرىيالغا ماس ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا يۇقۇردىكى ماتېرىيال ئا نىڭ ماۋزۇلىرىنى قويۇشقا بولىدۇ: ‹‹ھاياتنى قەدىرلەيلى›› ، ‹‹ ھاياتنىڭ قىممىتى نەدە ›› ، ‹‹ئادەم نېمە ئۈچۈن ياشايدۇ›› ، ‹‹ھايات يولى›› ... 5=V"tQ&d9U شۇنداقلا يەنە : ‹‹قەيسەر ئىرادىلىكلەرنىڭ ئەتىسى ھامان گۈزەل›› ، ‹‹قىينىچلىق ۋە مۇھەپپىقىيەت›› ، ‹‹مەغلۇبىيەت –مۇھەپپىقىيەتنىڭ ئانىسى›› ، ‹‹ مۇھەپپىقىيەت ۋە ئۇنىڭ سىرى›› ، ‹‹ئۈمۈت-ھاياتنىڭ قىممىتى›› ... قاتارلىق ماۋزۇلارنىمۇ قويۇشقا بولىدۇ. N&G'i.w/ 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: Ar\fA)UQ` باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كىشلىك ھاياتتا ھەممە ئادەمنىڭ ھەربىر ئىشى ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋىلا ئاسان، ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ئىشلىرىمىزنى ھەل قىلىش جەريانىدا ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز راست. 3
chx4 ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: قارا دوستۇم، سەن ھاياتقا كۆلۈپ باقساڭ، ھايات ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ. ئەگەر سەن ھاياتىڭنى قەدىرلىسەڭ، جاپا-مۇشاقەتتىن قۇرقماي ئالغا ئىلگىرلىسەڭ، ھايات ساڭا ياخشى نەتىجە، ھېكىمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. GDCp@%xW باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كىشىلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپ بىر ئىجتىمائىي سىستىما. ھەركىمنىڭ تاللىۋالغان ھايات يولى، شۇنداقلا ئىنتىلىدىغان نىشانى ئوخشاش ئەمەس. نىشانغا يېتىش يولىدىكى ئۇچرىغان قىينچىلىق، توسالغۇلار ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى سىنايدىغان موھىم ئۆتكەل. ئەگەر كىشلىك ھاياتنى تاغقا يامىشىشقا ئوخشاتساق، تاغقا يامىشىش جەريانىدا تۈرلۈك قىينچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز.... "<|KR{/+ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا، قىينىچلىق ئالدىدا بەل قويۋىتىش ئەملىيەتتە بىر قېتىملىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانغا ، شۇنداقلا يەنە ھاياتنى نابۇت قىلغانغا باراۋەر. eTjPztdJbx باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كىشىلىك ھاياتتا ئادەم نۇرغۇن قىينچىلىق ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىشى ھەمدە ئويلاپمۇ باقمىغان دەرت-كۈلپەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۈمكىن. قىيىنچىلقنى كۆرۈپ بەل قويۋىتىش ، خەۋىپنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىش، دەرد-كۈلپەتلەردىن ئۈمۈتسىزلىشنىش، ئۆزىنى تاشلىۋىتىش ئوڭدا يېتىپ يولۋاسنىڭ ئۆزىمىزنى يېيىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىق بىلەن باراۋەردۇر. ئەڭ موھىمى ياشاش ئۈچۈن مۇستەھككەم ئىرادە، ئۈمۈت بولۇش تولىمۇ زۆرۈر. s2L]H ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: دېمەك، ئۈمۈد ھاياتنىڭ قانىتى. ھەرقانداق ئادەمدە ئۈمۈتۋار كۆزقاراش، ئەستايىلدىللىق، تەمكىن روھ ۋە جاسارەتلىك غايە بولغاندىلا ھەرقانداق قىينىچىلىق ئۈستدىن غالىپ كېلەلەيدۇ. Otu?J_ d3 ماتېرىيال ئا: بىر ئادەم بىر كۈنى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىسىغا چىققاندا، دەرۋازا ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان، ئىچىگە لىق ئەخلەت توشقۇزۇلغان بىر كونا تەشتەكنى كۆرۈپتۇ. ئۇ سەل ئەجەپلەنگەندىن كېيىن، بۇ تەشتەكنى ئۆزى بىلەن زىدىيەتلىشىپ قالغان قوشنىسىنىڭ قويۇپ قويغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپتۇ. ئۇ تەشتەكتىكى ئەخلەتنى تۆكۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنۇڭغا توپا توشقۇزۇپتۇ ۋە بىر تۈپ گۈلنى كۆچۈرۈپتۇ...مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، قىپقىزىل گۈللەر پۇرەكلەپ ئىچىلغاندا، ئۇ تەشتەكنى تۇيدۇرماي ھېلقى قوشنىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ قويۇپتۇ. شۇ كۈنى قوشنىسى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە كېرىپ خىجالەت ئىچىدە ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپتۇ. T7i>aM$+ يۇقۇرقى ماتېرىيالغا ئاساسەن، ‹‹كەڭ قورساقلىق››نى تېما قىلىپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. *[cCY!+Qy ماتېرىيال ب: ئەدەپ-ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئىشىكىنى ياپىدۇ ۋە مەسخىرە، كەمسىتىشتىن ساقلايدۇ. ئەدەپ-ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ئىنسانىي پەزىلەت بەخىش ئېتىدۇ ۋە كىشلەرنىڭ مىجەزىگە ئارام بېرىدۇ. PJ:!O?KVq يۇقۇرقى ھېكىمەتنىڭ مەزمۇننى چۆردىگەن ئاساستا ‹‹ئەدەپ-ئەخلاق›› تېما قىلىنغان بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ %_n%-Qn ماتېرىيال س: ئەخلاق ئادەم زىننىتى. بىر كىشىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى شۇ كىشنىڭ باشقىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ قەدىر-قىممىتى، ھۆرمىتى ئۇنىڭ ئەخلاقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. شەخىسلەرنىڭ ئەخلاقى ئومۇمىي ئەخلاقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۇقرالارغا ئەخلاق بولمىسا، جەمىئىيەت ھالاك بولىدۇ.دېمەك ئەخلاق شەخىسنىڭ قىممەت باھالىق لىباسى ۋە ئەڭگۈشتىرىدۇر. gWjYS#D يېزىش ئۈچۈن كۆرسەتمە: _=x*yDPG} 1.يۇقۇرقى ئۈچ ماتېرىيالنىڭ نوقتىنەزىرىنى ‹‹ئەخلاق›› دېگەن بىر سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەخلاقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ ، بۇ ئۈچ ماتېرىيالدىمۇ ئەخلاقنىڭ دائىرىسىدىكى ‹‹كەڭ قورساقلىق›› ، ‹‹ ئەدەپ›› ، ‹‹ قەدىر-قىممەت›› توغرىسىدىكى نوقتىلار بار. بۇ نوقتىلار تۇتقۇ قىلىنىپ باشلاش ۋە ئاخرلاشتۇرۇش، نەقىل ئېلىش ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتىسىمۇ يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ مەزمۇنى يەنىلا بېرىلگەن تەلەپتىن چەتنەپ كەتمەيدۇ ۋە يېزىش تەلىپىنى ياخشى ئورۇنداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 8=bn
TJf 2. بۇ ماتېرىياللار مەزمۇنىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇھاكىمە ماقالىسى يازغاندا تۆۋەندىكى ماۋزۇلارنى قويۇشقا بولىدۇ.‹‹كەڭ قورساقلىق ئېسىل پەزىلەت›› ، ‹‹ كەڭ قورساقلىق-ھاياتتىكى نۇرلۇق مەشئەل ›› ، ‹‹كەڭ قورساقلىق ياخشى خىسلەت›› ، ‹‹ياخشىلىق گۈزەل ئەخلاق›› ... hc$m1lLn ‹‹ئەدەپ-ئەخلاق بىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن›› ، ‹‹ئەخلاق-ئادەم زىننىتى›› ، ‹‹ئەخلاق-بىباھا گۆھەر›› ، ‹‹گۈزەل ئەخلاق زور بايلىق›› ... lNc0znY 3. باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: (يۇقۇرقى ماتېرىيال تەلپىنىڭ تەرتىپى بويىچە بېرىلدى. ماس كەلسە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ) `tO t+>YWn باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: تۇرمۇش گۇيا بىر ئەينەك، سەن ئۇنۇڭغا كۈلۈمسىرەپ قارىساڭ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈمسىرەپ قارايدۇ. سەن ئۇنۇڭغا قايغۇ، دەرت-ئەلەم ئىچىدە يىغلامسىراپ قارىساڭ، ئۇنىڭ ساڭا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمۇ يەنىلا شۇ قايغۇ-ھەسرەت بولۇپ قالىدۇ. G$_)X%Vb I ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇڭا، ھەربىرىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارغا ۋە ئادەملەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئىشلارنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىشىمىز، شەخسىي كۆز قارىشىمىزغا ئېسىلۋالماسلىقىمىز، مەسىللەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلىشىمىز لازىم. r9-ayp#pC باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: ئەجداتلىرىمىز ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا نۇرغۇللىغان پەلسەپىۋى ھېكىمەتلەرنى قالدۇرغان. تارىخ بېتىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساقمۇ، ئەدەپ-ئەخلاق، خىسلەت، پەزىلەت توغۇرلۇق نۇرغۇللىغان قىممەتلىك كىتابلار يېزىلغان... [+5g 9tBJ ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: شۇنداق دېيىشكە بولۇدۇكى، ئەخلاق-ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك ساپ ۋە پاك، چۈنكى ئۇنىڭدىكى پاكلىق، ئۇنىڭدىكى ساپلىق ھەر ۋاقىت كىشلەرنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەخلاق تالاي پەزىلەتلەر ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ئەڭ ئېسىل پەزىلەت. شۇڭا كىشلەر ئۇنى ‹‹ئادەم زىننىتى›› دەپ تەرىپلىشىدۇ. (-1{W^( باشلاش ئۈچۈن كۆرسەتمە: كونىلاردا ‹‹ئەخلاق ئادەم زىننىتى›› دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆز بار، بۇ تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز... TqS s*as5 ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتمە: بېكۇن ئېيتقاندەك: ‹‹گۈزەل ئەخلاق خۇددى كۈجىگە ئوخشاش، كۆيگەنسېرى خۇش پۇرايدۇ؛ گۈزەل ئەخلاق خۇددى ياقۇت، ئۇنى ئەڭ ياخشىسى ئاددىي نەرسىلەرنىڭ كۆزى قىلغان ياخشى. 7CSn79E GXLh(d!C خەت چەكلەر ئۈچۈن r4K_Wp ئارىيەت ئېلىش خېتى ئاىيەت ئېلىش خېتى-مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇندىن مەلۇم نەرسىنى ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرۇش زۆرۈريىتى تۇغۇلغاندا يېزىلىدىغان تىلخەتنى كۆرسىتىدۇ. ئارىيەت ئېلىش خېتى يازغاندا ئالدى بىلەن ماۋۇزسى ‹‹ئارىيەت ئېلىش خېتى›› دەپ يېزىلىدۇ. ئاندىن كىمدىن، قايسى ئورۇندىن نېمىنى ئارىيەت ئالغانلىقى، قاچان قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى يېزىلىدۇ. ئاخىرىغا ئارىيەت ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. 8t< X ئارىيەت ئېلىش خېتى WAuT`^"u مەن بۈگۈن ساۋاقدىشىم ـــــــــــــــــــــــ دىن ــــــــــــــــــــــــــــــــــ نى ــــــــــــــــــــــــــ كۈنلۈك پايدىلنىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئارىيەت ئالدىم. ئۆز قەرەلىدە قايتۇرۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. j,%i.[8S ھۆرمەت بىلەن: ــــــــــــــــــــــــــ ze
LIOw -يىلى –ئاينىڭ -كۈنى oFt_ yU- خەت-چەك يېزىش تەلىپى: مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن ‹‹يېزىقچىلىقتىن ئۆرنەكلەر›› دېگەن كىتابنى ئارىيەتكە ئالغانلىق توغرىسىدا بىر پارچە ئارىيەت ئېلىش خېتى يېزىڭ wmMn1q0F تاپشۇرۋىلىش خېتى تاپشۇرۋىلىش خېتىنىڭ شەكلى، يېزىلىش تەلىپى ئارىيەت ئېلىش خېتىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق خەتتە تاپشۇرۋالغۇچى قارشى تەرەپتىن كىمدىن، نېمىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى ئېنىق يېزىلىدۇ. ئاخىرىغا تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. #K` [XA تاپشۇرۋىلىش خېتى juu"V]Q1 مەن بۈگۈن ـــــــــــــــــــــــ دىن ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ نى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ,Cy&tRjR B ھۆرمەت بىلەن: ــــــــــــــــــــــــ n c.P -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى \f]w'qiW5 خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز مەلۇم كىشىدىن پۇل ياكى نەرسە-كېرەك تاپشۇرۋالدىڭىز، ئۇ كىشى سىزدىن تاپشۇرۋىلىش خېتى (ھۆججىتى) يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا سىز بىر پارچە تاپشۇرۋىلىش خېتى يېزىڭ. iP9Dr<P ھاۋالە قىلىش خېتى بۇ باشقىلار ئارقىلىق ھاۋالە قىلىنىدىغان خەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئاندىن ھاۋالە قىلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئاساسىي مەمۇنى، ئاخىرىغا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. xkkG#n) ھاۋالە خېتى h-m0Ro?6 قەدىرلىك ــــــــــــــــــــــــــــــــــ: daf-B- ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ مەن دېگەن ـــــــــــــــ نى بىر تەرەپ قىلىشىمغا ياردەم بەرگەن بولساڭ تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم. sI#h&V,9 ھۆرمەت بىلەن: ـــــــــــــــــــــــــ -H5
-6w$ -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى E*v+@rv خەت-چەك يېزىش تەلىپى: ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان مەلۇم ساۋاقدىشىڭىزغا، يىقىندا مەلۇم نەشىريات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىر يېڭى كىتابنى سېتۋىلىپ، ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا ھاۋالە خېتى يېزىپ بېقىڭ Lk)TK/JM) سۆز قالدۇرۇش خېتى ئالدى بىلەن ماۋزۇسى ‹‹سۆز قالدۇرۇش خېتى›› دەپ يېزىلىدۇ.ئاندىن باش قۇرغا سۆز قالدۇرۇلغان كىشىنىڭ ئىسىم فامىلىسى يېزىلىدۇ. ئىككىنچى قۇردىن باشلاپ ئاساسىي مەزمۇنى يېزىلىپ، ئاخىرىغا سۆز قالدۇرغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. Wx8cK= سۆز قالدۇرۇش خېتى x
;]em9b قەدىرلىك ـــــــــــ ــــــــــــــــــــ: grDz7\i: بۈگۈن سېنى ئىزدەپ ــــــــــــــــ گە بارسام، سەن يوق ئىكەنسەن. مەن ـــــــــــــــــــــــــ مەقسەتتە سېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم. مەن بىلەن ئالاقىلىشەرسەن. Vl
:M6d1 ھۆرمەت بىلەن: ــــــــــــــــــــــــ !U1V('
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى 52*KRq
o خەت-چەك يېزىش تەلىپى: دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئەدەبىيات كىتابنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن باردىڭىز، لېكىن ئۇ ئۆيدە يوق بولۇپ چىقتى. بىر پارچە سۆز قالدۇرۇش خېتى يېزىڭ ?&b"/sRS رۇخسەت سوراش خېتى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىگە قاراشلىق تەشكىلىي ئورۇندىن رۇخسەت ئېلىش يۈزىسىدىن يېزىلىدىغان خەتنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق خەتنىڭ قۇرۇلمىسى ماۋزۇ، رۇخسەت سورايدىغان تەرەپنىڭ نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسى، رۇخسەت سوراشتىكى سەۋەپ ھەم ۋاقتى، ئاخىرىغا رۇخسەت ئالغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. ZZ].h2=K رۇخسەت سوراش خېتى >LFj@YW_) ھۆرمەتلىك ـــــــــــــــــــــــــــــ: K$
|!IXs ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ .شۇڭا ــــــــــــــــ كۈن رۇخسەت بېرىشلىرىنى سورايمەن. m
gBxcmv ھۆرمەت بىلەن: ـــــــــــــــــــــــــــــ A~wyn5:_ -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى ]=%u\~AvL خەت-چەك يېزىش تەلىپى: ئائىلىڭىزدە سىز بولمىسىڭىز بولمايدىغان جىددىي ئىش چىقىپ قېلىپ، سىنىپ مەسئۇلىدىن بىر كۈنلۈك سوراشقا توغرا كەلدى. سىز بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ بېقىڭ ze#ncnMo ئۇقتۇرۇش بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ھەر خىل يىغىنلارنى چاقىرىشقا ياكى كەڭ ئاممىدىن مەلۇم خىزمەتنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغاندا يېزىلىدىغان خەت-چەكنى كۆرسىتىدۇ. ^}hSsE ئۇقتۇرۇشنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) بىرىنچى قۇر ئوتتۇرىسىغا ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ ماۋزۇ يېزىلىدۇ. 2) ئىككىنچى قۇر بېشىغا ئۇقۇتۇرۇش قىلىنىدىغان ئوبىكىت يېزىلىدۇ. 3) باش قۇردىن باشلاپ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى (قايسى ئىشنى قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئورۇندا، قانچە ئادەم ئېلىپ بارىدىغانلىقى) يېزىلىدۇ. 4) ئاخىرىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ئورۇننىڭ نامى، ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان ۋاقىت يېزىلىدۇ (ھەم تامغا بېسىلىدۇ) V5d|Lpm ئۇقتۇرۇش G#z9=NF~V مەكتىپىمىزدىكى ـــــــــــــــــــــ : g_MxG!+(V (ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى: قايسى ئىشنى قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئورۇندا، قانچە ئادەم ئېلىپ بارىدىغانلىقى يېزىلىدۇ. مەزمۇنى قىسقارتىلدى. كونكىرت تەلەپكە ئاساسەن يېزىلسا بولىدۇ ) f.U.( 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ـــــــــــــ vb k4 -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى ~ePtK~,dv خەت-چەك يېزىش تەلىپى: ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئىچىلماقچى، لېكىن ساۋاقداشلارنى يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيتى يوق. سىز ساۋاقداشلىرىڭىزنى تازلىق ۋە بۇ يىغىنغا تەييارلىق قىلىش يۈزىسدىن سىنىپ مۇدىرىغا ۋاكالىتەن بىر پارچە ئۇقتۇرۇش يېزىڭ m\J"P'= ئېلان ئېلاننىڭ يېزىلىش شەكلى: ماۋزۇغا چوڭراق، ‹‹ئېلان›› ياكى‹‹ ــــــ ئورۇننىڭ ـــــ توغرىسىدىكى ئېلان›› دەپ يېزىلىدۇ. تېكىست قىسمىنىڭ بېشىغا بىر ئابزاس يەنى ئېلان چىقىرىشتىكى مەقسەت شەرھلىنىدۇ. ئاندىن كونكىرىت مەزمۇنى يېزىلىدۇ. ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى يەنى ‹‹ ئالاھىدە مۇشۇ ئېلان چىقىرىلدى›› ، ‹‹مەلۇم قىلغۇچىغا سۆيۈنچە بېرىلىدۇ›› دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر يېزىلىدۇ. ئاخىرىدا ئېلان چىقارغۇچى ئورۇننىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. (كوللېكتىپ ئورۇن تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئېلان ئاخىرىغا شۇ ئورۇننىڭ تامغۇسى بېسىلغان بولىدۇ) Yk#$-"c/a ئادەتتە ئېلان مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئادەم ئىزدەش ئېلانى، نەرسە ئىزدەش ئېلانى، تېپۋىلىنغان نەرىسنى تونىۋىلىش ئېلانى، مۇشتىرى قوبۇل قىلىش ئېلانى، ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئېلانى، ھەرخىل تاۋارلارنى سېتىش ئېلانى، نام ئۆزگەرتىش ئېلانى، نەرسە يۈتتۈرۈپ قويۇش ئېلانى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. '3ZYoA% ئېلان #Xd#Ncj (تېكىست قىسمىنىڭ بېشىغا بىر ئابزاس يەنى ئېلان چىقىرىشتىكى مەقسەت شەرھلىنىدۇ. ئاندىن كونكىرىت مەزمۇنى يېزىلىدۇ) 5%(xZ
6 (ئېلان چىقارغۇچى ياكى ئورۇننىڭ ئىسىمى ــــــــــــ) %p.hwgvnp -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى U-:_4[ خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز ئىھتىياتسىزلىقتىن يىنىڭىزدىكى پۇللىرىڭىزنى ياكى باشقا نەرسىلىرىڭىزنى يوقتىپ قويدىڭىز. ئەمىلىي ئەھۋالغا نىسپەتەن ئاساسەن ئېلان چىقىرىشىڭىزغا توغرا كەلدى. بىر پارچە ئېلان سۆزى تەييارلاپ چىقىڭ g4>1> .s ئۇقۇتۇرۇش بىلەن ئېلاننىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى: &>o?0A6 ئوخشاشلىقى: ھەر ئىككىسىدە ماۋزۇ، تېكىست، ئىمزا، ۋاقىت يېزىلغان بولىدۇ. x پەرقى: 1) ئېلاندا كېملەرگە قارتىلغانلىقى ئېنىق يېزىلمايدۇ. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا كىملەرگە قارتىلغانلقى ئېنىق يېزىلىدۇ. 2) ئېلاننىڭ تېكىست قىسىمىدا ئېلان چىقىرىشنىڭ مەقسىتى، سەۋەبى ئېنىق يېزىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ مەزمۇنى كونكىرت يېزىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا بولسا يېزىلمايدۇ. 3) ئۇقتۇرۇشتا ئۇقۇتۇش قىنلغۇچىنىڭ قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئىشنى قايسى ئورۇندا نېمىلەرنى قىلىش لازىملىقى يېزىلىدۇ. 4) ئېلاننىڭ قارتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇقتۇرۇشنىڭ قارتىلىش دائىرىسى تار. شۇڭا ئوبىكىتى ئېنىق يېزىلىدۇ. f Tc,"{ تەبرىكنامە تەبرىكنامە-بىرەر شەخىس ياكى ئورننىڭ مەلۇم جەھەتتە ياراتقان تۆھپىسىنى مەدىھىيلەش، تەقدىرلەش ھەققىدە يېزىلغان خەتنى كۆرسىتىدۇ. #2*2xt تەبرىكنامنىڭ يېزىلىش شەكلى:1) قۇر ئوتتۇرىسىغا تەبرىكنامە دېگەن خەت يېزىلىدۇ. 2) ئىككىنچى قۇر بېشىغا تەبرىكلىنىدىغان ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ نامى يېزىلىپ، قوش چىكىت قويۇلىدۇ. 3) تېكىست قىسىمىدا كىمنى، نېمىنى، نېمە ئۈچۈن تەبرىكلەش قاتارلىق ئۈچ نوقتا ئېنىق، توغرا، رەتلىك يېزىلىدۇ. 4) ئاخىرىدا تىلەكداشلىق سۆزى يېزىلىدۇ. 5) ئىمزا، يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. cAE.I$T( تەبرىكنامە 8\^[@9g3\3 (تەبرىكلىنىدىغان ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ نامى): =Jx,.|Bf (تېكىست قىسىمىدا كىمنى، نېمىنى، نېمە ئۈچۈن تەبرىكلەش قاتارلىق ئۈچ نوقتا ئېنىق، توغرا، رەتلىك يېزىلىدۇ) سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن (تەبرىكلەيمىز) 4%I(Z'*Cx ھۆرمەت بىلەن: zAxwM-` -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى f9FsZD خەت-چەك يېزىش تەلىپى: 10-سېنتەبىر ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› مۇناسىۋىتى بىلەن سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ سىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىپ، موھىمى ئۇستازىڭىزنىڭ ئەمگەك نەتىجىلىرىنى تەربرىكلەپ بىر پارچە تەبرىك خېتى يېزىڭ. "]nbM}> تەبرىك كارتىسى تەبرىك خاتىرىسى-خاتىرلەش ئەھمىيتىگە ئىگە قۇتلۇق ھېيت-ئايەم، بايرام، تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلىگەندە، ئۆلچەملىك كارتىغا تەبرىكلىگۈچىنىڭ ئىچكى ھېسىياتى ۋە ئارزۇ-تىلەكلەر ئىپادىلەنگەن ھېكىمەتلەر، ئەقلىيە سۆزلەر، بەخىت تىلەش مەزمۇنىدىكى سۆز، ھۆسىنىخەتلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن يېزىلغان خەتنى كۆرسىتىدۇ. تەبرىك كارتىسىنىڭ شەكىللىرى كۆپ، ئۇ ئادەتتە مۇقاۋا ۋە ئىچ بەتتىن تۈزۈلىدۇ. p5~;8Q7 ئۈلگە: mdOF0b%-] مەرىپەت مەشئىلى ئۆچمەيدۇ، ئستاز ئەجىرى ئۆلمەيدۇ. 8fdK|l w ئوقۇتقۇچىلار بديرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! gtHk1 9 خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەپ : *Df|D/,WE -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى kvdzD6T
9 خەت-چەك يېزىش تەلىپى: بۈگۈن نەۋرۇز بايرىمى، يىقىن دوستىڭىزغا بىر پارچە تەبرىك كارتىسى يېزىڭ F,e_ ` ئىلتىماس ئىلتىماس-مەلۇم شەخىسكە ياكى بىرەر ئورۇننىڭ تەشكىلگە ئۆزىنىڭ مەلۇم ئارزۇ-ئىستەكنى يەتكۈزۈش ياكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە مەلۇم بىر تەلەپنى ئوتتۇرغا قويش ئۈچۈن يېزىلىدىغان بىر خىل خەت-چەكنى كۆرسىتىدۇ. ئىلتىماسنىڭ يېزىلىش دائىرىسى ناھايتى كەڭ. شۇڭا ئۇنىڭ مەزمۇنى يىغىنچاق، مەقسىتى ئېنىق، تىلى چىن، سەمىمىي، سۆز جۈملىلىرى راۋان بولۇش لازىم. dox QS ohS ئىلتىماس يېزىش شەكلى: 1) بىرىنچى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسغا ‹‹ئىلتىماس›› دەپ يېزىلىدۇ. 2) ماۋزۇنىڭ ئاستىدىن ئىككى قۇر بوش قالدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ نامى ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلىدۇ. 3) ئىلتىماس مەزمۇنى ۋە سەۋەبى ئېنىق يېزىلىدۇ. ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇننىڭ نامى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. QH4n
b h4 ئىلتىماس 5-w6
(uu ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئورۇن نامى ياكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى: QHsS|\u (ئىلتىماس مەزمۇنى ۋە سەۋەبى ئېنىق يېزىلىدۇ) )j@k[}R#g ئىلتىماسىمنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىپ: ــــــــــــــــــــــــــــ qrNW\ME -يىلى –ئاينىڭ -كۈنى 'mug,jM خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جوڭگۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئارزيىڭىز بولىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا سىز بۇ ئارزۇيۇڭىزنى قايسى خىل خەت-چەك شەكلىدىن پايدىلنىپ تەشكىلگە بۈلدۈرمەكچى؟ شۇ خىل خەت-چەك شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئارزۇيىڭىزنى ئىپادىلەڭ. T |'Ur# تەكلىپ قىلىش خېتى مەلۇم ئورۇندىكى نوپۇزلۇق مەلۇم بىر كىشىنى قاچان، قانچىلىك ۋاقىت، نېمە ئىش توغرىسىدا تەكلىپ قىلىپ يېزىلىدىغان خېتىنى كۆرسىتىدۇ GwwxSB&y تەكلىپ قىلىش خېتىنىڭ يېزىلىشى: 1) باش قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ‹‹تەكلىپ قىلىش خېتى›› دەپ يېزىلىدۇ. 2) خەتنىڭ دەسلىپىدە ياكى ئوتتۇرىسىدا تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلىدۇ 3) تەكلىپ مەزمۇنىنى يازغاندا، كىمنىڭ تەكلىپ قىلىندىغانلىقى، نېمە ئىشقا مەسئۇل بولىندىغانلىقى ۋە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى يېزىلىدۇ. 4) ئاخىرىدا تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇننىڭ نامى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىپ تامغا(ئىمزا) بېسىلىدۇ. n`6 8 تەكلىپ قىلىش خېتى ;myu8B7& (تەكلىپ تاپشۇرۋالغۇچى ئورۇن، ياكى شەخىسنىڭ نامى) ــــــــــ : h:# تەكلىپ مەزمۇنىنى يازغاندا، كىمنىڭ تەكلىپ قىلىندىغانلىقى، نېمە ئىشقا مەسئۇل بولىندىغانلىقى ۋە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى يېزىلىدۇ. %nOBs ln ھۆرمەت بىلەن ــــــــــــــــــ '|4/aHU -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى yKOf]m># خەت-چەك يېزىش تەلىپى: مەكتەپ مۇدىرىنى بىر سائەتلىك ئىقىم مەسىللىرى بويىچە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ سىنىپ كوللىكتىپى نامىدىن بىر پارچە تەكلىپ قىلىش خېتى يېزىڭ W3*WR,z تەكلىپنامە تەكلىپنامە-كوللېكتىپقا، رەھبەرلەرگە بىرەر تەشەبۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇش ياكى مەلۇم كىشىلەرنى ھەر خىل خاتىرلەش مۇراسىملىرى، سۆھبەت يىغىنى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى، توي-تۈكۈنلەرگە چاقىرىش يۈزىسدىن يېزىلىدىغان خەت چەكنى كۆرىسىتىدۇ. >S5D-)VX تەكلىپنامنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) باش قۇر ئوتتۇرىسىغا ‹‹تەكلىپنامە›› دەپ يېزىلىدۇ. 2) قۇر بېشىغا تەكلىپ قىلىنغۇچى شەخىس ياكى ئورۇننىڭ نامى يېزىلىدۇ. 3) تەكلىپ قىلىشتىكى مۇدداھ يېزىلىدۇ. ئاخىرىدا تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ نامى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. زۆرۈر بولغاندا تامغا بېسىلىدۇ. A[ /0on5r تەكلىپنامە 5^f>L2 ھۆرمەتلىك ــــــــــــــــــــ : T-|z18|! (تەكلىپ قىلىشتىكى مۇدداھ، قاچان، قايسى ئورۇندا ، نېمە سەۋەپتىن قانداق پائالىيەتنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە مۇدداھ ئېنىق يېزىلىدۇ) V/762&2X ھۆرمەت بىلەن: ir%/9=^d -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى _E&*JX خەت-چەك يېزىش تەلىپى: نەۋرۇز پائالىيتى مۇناسىۋىتى بىلەن دەرىس ئوقۇتقۇچىڭىزنى، سىنىپىڭىزدا ئۆتكۈزلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيتىگە تەكلىپ قىلىپ بىر پارچە تەكلىپنامە يېزىڭ ;t"#7\ تونۇشتۇرۇش خېتى مەلۇم كىشىنىڭ سالاھىتىنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق قارىشى تەرەپتىن شۇ كىشنىڭ خەتتە تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى قوللاش، قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە يېزىلىدىغان خەتنى كۆرىسىتىدۇ. تونۇشتۇرۇشنى يېزىش تەلىپىمۇ باشقا خەت چەكنىڭ يېزىلىش شەكلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاخرىدا تۇنۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ نامى ، يىل ، ئاي، كۈن ئېنىق يېزىلىدۇ. g4I(uEJk تونۇشتۇرۇش IY,&/MCh (تونۇشتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغۇچى ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ نامى) ــــــــــ : *Swb40L^ (تونۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە سەۋەپ، تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ئەھۋالى قىسقا قىلىپ يېزىلىدۇ...) V:My1R0 يىقىندىن قوللاپ، شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز. y=5s~7] ھۆرمەت بىلەن: ــــــــــــــــــــــــــ (تامغا) nmS3 -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى gWgYZX خەت-چەك يېزىش تەلىپى: مەكتەپ نامىدىن مەلۇم بىر ئوقۇتقچىنى پوسكام ناھىيلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، سىنىپ مۇدىرلىق خىزىمىتى بويىچە تەجىربە ئالماشتۇرۇپ كېلىشكە تونۇشۇتۇرپ بىر پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىڭ YG"P:d;s قائىدە-تۈزۈم(بەلگىلىمە) قائىدە-تۈزۈم-مەلۇم تەرەپلەردىكى خىزمەت، پائالىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە قارتا پىرىنسىپ قىلىپ تۈزۈلگەن كونكرېت دائىرىلىك ئومۇمىي ئالاقە تۈرىدىن ئىبارەت. Aw9^}k}UfD قائىدە-تۈزۈمنىڭ يېزىلىش شەكلى: قائىدە-تۈزۈم- ماۋزۇ، تېكىست، ئىمزادىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. 1) ماۋزۇدا بەلگىلىمە چىقارغان ئورۇن، ئىش سەۋەبى، ئالاقە تۈرى يېزىلغان بولىدۇ. مەسىلەن: 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تازلىق قىلىش تۈزۈمى... 4-ئوتتۇرا 9-يىللىق 1-سىنىپنىڭ تازلىق تۈزۈمى... دېگەندەك. 2) تېكىست قىسمىدا، سۆز بېشى يېزىلىپ، ئاندىن كونكىرېت مەزمۇنى تۈرلەرگە ئايرىپ يېزىلىدۇ. ئۇنۇڭغا ئۇلاپلا ‹‹تۆۋەندىكىچەدەك بەلگىلىمە چىقاردۇق›› دېگەندەك جەلىپ قىلىش سۆزى يېزىلىپ، ئاندىن بەلگىلىمە مەزمۇنىغا ئۆتىدۇ. 3) بەلگىلىمە چىقارغان ئورۇننىڭ نامى، يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. (تامغا بېسىلىدۇ) D|`[ [ 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ــــــــــــــــــــــــ قائىدىسى (تۈزۈمى) (بەلگىلىمىسى) p24sWDf ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقاردۇق: D8BK/E- 1. Xk(c2s& 2. {u3^#k
F 3. 7PHvsd"]p 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ـــــــــــــــــــــــــ $PHKI B( -يىلى –ئاينىڭ -كۈنى UH.M)br خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز خەت-چەكلەر ھەققىدە ئۈگەنگەن بىلىملىرىڭىزگە ئاساسەن، ئۆز سىنىپىڭىزنىڭ مال-مۈلۈك ۋە باشقا ئەسھەلىرىنى قوغداش، ئاسىراش توغرىسىدا بىر پارچە قائىدە-تۈزۈم يېزىپ چىقىڭ zSj.Y{J تەقدىرلەش خېتى(تەشەكۈرنامە) بىرەر ئورۇن، بىرەر كولۇكتىپ ياكى مەلۇم شەخىسىنىڭ ئىلغار ئىدىيسى، ئېسىل ئەخلاقى-پەزىلىتى ھەمدە ئالاھىدە مەلۇم تەسىرلىك ئىش-ئىزنى تەقدىرلەش مەقسىتىدە يېزىلغان خەتنى كۆرسىتىدۇ. تەقدىرلەش خېتىنى يىغىندا ئوقۇپ بەرسىمۇ، گېزىت-رادئىولاردا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ياكى مەكتەپ تەشۋىقات تاختىلىرىغا چاپلىسىمۇ بولىدۇ. n=L;(jp تەقدىرلەش خېتىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) باش قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ‹‹تەقدىرلەش خېتى›› دەپ يېزىلىدۇ. 2) ئىككىنچى قۇر بېشىدىن تەقدىرلەنگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ياكى تەقدىرلەش خېتىنى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇننىڭ نامى يېزىلىدۇ. 3) تېكىست قىسىمىدا تەقدىرلەشتىكى سەۋەب، تەقدىرلەنگۈچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، تەرەققىياتى، نەتىجىسى ۋە ئەھمىيتى نوقتىلىق بايان قىلىنىدۇ. شۇ ئاساستا مۇھاپىق مۇلاھىزە، قىزغىن مەدھيە ھەمدە ئۇنۇڭدىن ئۈگۈنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 4) ئاخىرىغا تەقدىرلەش خېتى يازغان ئورننىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلدۇ. ئاستىغا تەقدىرلەش خېتى يېزىلغان يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. o @~XX@5l تەقدىرلەش خېتى ]^/:Xsk$ تەقدىرلەنگۈچىنىڭ ئىسىمى ياكى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇننىڭ نامى ـــــــــــــــــــــــ: T_y 'cvh (تېكىست قىسىمىدا تەقدىرلەشتىكى سەۋەب، تەقدىرلەنگۈچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، تەرەققىياتى، نەتىجىسى ۋە ئەھمىيتى نوقتىلىق بايان قىلىنىدۇ. شۇ ئاساستا مۇھاپىق مۇلاھىزە، قىزغىن مەدھيە ھەمدە ئۇنۇڭدىن ئۈگۈنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ.) z,I7 PY& G تەقدىرلەش خېتى يازغان ئورۇننىڭ نامى ـــــــــــــــــــــــــــــ {jJU
S> -يىلى –ئاينىڭ -كۈنى 3Ey#? خەت-چەك يېزىش تەلىپى: قوشنا مەكتەپتىن بىر ساۋاقداش سىز بىر قىتىملىق كۈتۈلمىگەن خۋىپتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭ ئىشىدىن خۇشال بولغانلقىڭىزنى ۋە مىنەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ بىر پارچە تەقدىرلەش خېتى يېزىڭ
yL_-w/a پىكىرنامە مەلۇم شەخىس ياكى ئورۇننىڭ باشقا بىر ئورۇن ياكى شەخىسىنىڭ خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشغا ياردىمى بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرى يېزىلغان خەت-چەك تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. !M
)! پىكرنامىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) ماۋزۇغا ‹‹پىكىرنامە›› ياكى ‹‹تەكلىپ پىكىر›› دەپ يېزىلىدۇ. 2) بىرىنچى قۇرغا پىكىرنامىنى تاپشۇرۋالغۇچى ئورۇننىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى يېزىلىدۇ. 3) تېكىست قىسمىدا، تەكلىپ بېرىشىتىكى سەۋەب ياكى باشلىنىش نوقتىسى، تەكلىپنىڭ كونكىرىت مەزمۇنى ، تۈرلىرى، ئارزۇ-تەلەپلەر يېزىلىدۇ. 4) ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزىگە ھۆرمەت ياكى تەكەللۇپنى ئىپادىلەيدىغان سۆز يېزىلىدۇ. B#B$w_z 5) ئاخىرىغا پىكىرنامىنى يازغان ئورۇن نامى ياكى شەخىسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يىل، ئاي، كۈن يېزىلدۇ. "MoV*U2s, 4-ئوتتۇرا مەكتەپ تازلىق باشقارمىشىغا تەكلىپ پىكىر lz{>c.Ll[ (پىكىرنامىنى تاپشۇرۋالغۇچى ئورۇن ياكى شەخىسنىڭ نامى) ـــــــــــــــ: (تەكلىپ بېرىشىتىكى سەۋەب ياكى باشلىنىش نوقتىسى يېزىلىدۇ )... بۇنۇڭدىن كېيىن ياخشى قىلىشڭلار ئۈچۈن تۆۋەنكى بىرقانچە پىكرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن: _1y|#o 1. !dhZs?/UI 2. 9ciL<'H\ 3. LDV{#5J 4. q*{"6"4( ھۆرمەت بىلەن: ــــــــــــــــــــ jn}6yXB -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى WtRy~5A2 خەت-چەك يېزىش تەلىپى: مەكتىپىڭىزنىڭ تازلىق ئەھۋالى تولىمۇ ناچار، سىز مەكتەپ تازلىق بۆلىمىگە بىر پارچە پىكىر يېزىڭ S"3g 1yU^_ تەشەببۇسنامە جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان ياكى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇش چاقرىق قىلىنىدىغان مەلۇم ئىش ئومۇمىيۈزلۈك تەشەببۇس قىلىنىدىغان خەت-چەك تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. تەشەبۇسنامە ئاخبارات ئورۇنلىرىدا ياكى مەكتەپلەردە ئېلان قىلىنغان بولىدۇ. xq~=T:>/A تەشەبۇسنامىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) بىرنچى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسغا ماۋزۇ يېزىلىدۇ. مەسلەن: ‹‹پوسكام ناھىيە 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇشلارنى ئاسىراش توغرىسىدىكى تەشەبسنامىسى›› دېگەنگە ئوخشاش. 2) ئىككىنچى قۇرغا تەشەببۇس قىلىنغۇچىنىڭ نامى يېزىلىدۇ. 3) تېكىست قىسمىدا، ئاۋۋال تەشەببۇس ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبى ئېنىق يېزىلىدۇ. ئاندىن تەشەببۇسنامىنىڭ كۈنكېرىت مەزمۇنى ماددىلارغا بۆلۈپ يېزىلىدۇ. 4) ئاخىرىدا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يېزىلىدۇ 5) ئاسىتىغا تەشەببۇس قىلغۇچى كوللېكتىپنىڭ نامى ياكى شەخسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىنغان ۋاقىت يېزىلىدۇ. R,^FJ 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇشلارنى ئاسىراش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامىسى [FCNW0NV تەشەببۇس قىلىنغۇچىلارنىڭ نامى ــــــــــــــــــــ : ?b7vc^E& (تەشەببۇس ئېلان قىلىشنىڭ مەقسىتى ۋە سەۋەبى ئېنىق يېزىلىدۇ) ... ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەشەببۇسنى چىقاردۇق: d*AV(g#B 1. {U 2. $fn^i. 3. EXi+pm 4-ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن He@= bLLa -يىلى –ئاينىڭ -كۈنى Q:LuRE!t خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە، ئۇيغۇر مىڭئۆيلىرى ئەجداتلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، قان-تەر بەدىلى. بىراق ھازىر بۇ يادىكارلىقلار نالە قىلماقتا. شۇڭا، سىز مانا بۇ يادىكارلىقلارنى قوغداپ قىلىش يۈزىسىدىن بىر پارچە تەشەبۇسنامە يېزىڭ 3L?a4,Q"k} كۈندىلىك خاتىرە كىشلەرنىڭ ئۆز قىزىقىشى ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن، بىر كۈن ئىچىدە كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغان، ئويلىغانلىرىنى چىنلىق بىلەن خاتىرلىشى كۈندىلىك خاتىرە دەپ ئاتىلىدۇ. Mqp68% كۈندىلىك خاتىرىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) باش قىسمىدا يىل، ئاي، كۈن، بەزىدە شۇ كۈندىكى ھاۋارايى ئەھۋالى يېزىلىدۇ. 2) تېكىست قىسىمدا شۇ كۈندىكى ئىش، تەسىرات، كۆرگەن-ئاڭلىغان ۋەقەلەر يېزىلىدۇ. كۈندۈلۈك خاتىرە 1-شەخىس تىلى ‹‹مەن›› دەپ يېزىلىدۇ. كۈندۈلۈك خاتىرىدە بايان، تەسۋىر، مۇھاكىمە، لىرىكا، چۈشۈندۈرۈش قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ھەققىدىكى چىن تەسىراتى بايان قىلىنغان بولىدۇ. (ئۈلگە مىسالى قىسقارتىلدى) -_DiD^UcXn يىغىن خاتىرىسى يىغىندىن قالدۇرۇلغان خاتىرە ھەمدە يىغىندا قارار قىلىنغان ئىشلارنى ئومۇملاشۇتۇش ئارقىلىق رەتلەنگەن ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ. Y0O<]2yVx ئاددىي يىغىن خاتىرىسىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) يىغىن نامى (ماۋۇسى) يېزىلىدۇ. مەسلەن: ‹‹9-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ‹ئەخلاق-ئادەم زىننىتى› مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يېغىنىنىڭ خاتىرىسى›› دېگەنگە ئوخشاش. 2) يىغىن ئىچىلغان ۋاقىت، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى، خاتىرلىگۈچى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. 3) يىغىن مەزمۇنى يېزىلىدۇ. بۇ قىسىمىغا يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ سۆزى، يىغىن دوكىلاتى، قانداق ئىشلارنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى، قانداق مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، قانداق قارار چىقىرىلغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار يېزىلىدۇ. s4`*0_n 9-يىللىق 1-سىنىپنىڭ ‹‹ئەخلاق-ئادەم زىننىتى›› مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يېغىنىنىڭ خاتىرىسى {_ho!OS> ۋاقتى: -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى ،سائەت: دە lEbR) B, ئورنى: \BcJDdL يىغىنغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچى: IcA\3j كاتىپ: ?CW^*So يىغىن باشقۇرغۇچى: y#Za|nt مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىشلار: `Y({#U 1) سىنىپ باشلقى ئۆتكەن بىر ئايلىق سىنىپ خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش 031.u<_ 2) p5# P
r 3) zTBi{KrZ 4) 7~l (يىغىن ئاچقۇچى كوللۇكتىپنىڭ نامى) ـــــــــــــــــــــ j#nO6\&o -يىلى –ئاينىڭ –كۈنى n" خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىنىپىڭىزدا ئېچىلىدىغان بىر نۆۋەتلىك ئەھمىيەتلىك بولغان ‹‹ئوت ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى خاتىرىسى يېزىپ چىقىڭ DvRA2(M ئاددىي تەكشۇرۇش دوكىلاتى يېزىش مەلۇم بىر مەسىلە ياكى مەلۇم بىر ۋەقەنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈلگەن ئەھۋالنى ۋە نەتىجىنى ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلگە ياكى كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېزىلغان يازما دوكىلاتنى كۆرسىتىدۇ. wUIsi تەكشۈرۈش دوكىلاتىنىڭ يېزىلىشى: 1) ماۋۇز يېزىلىدۇ. ماۋزۇسىغا قايسى ئورۇننى، نېمىنى تەكشۈرۈش ئېنىق يېزىلىدۇ. مەسلەن:‹‹ 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل خەجەلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتى›› دېگەنگە ئوخشاش. كۆپ قىسىم تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا باش ماۋززۇدىن باشقا قوشۇمچە ماۋزۇ يېزىلىدۇ. ئادەتتە باش ماۋزۇدا باش تېما ئەكىس ئەتتۇرۇۈلسە، قوشۇمچە ماۋزۇدا تەكشۈرۈلىدىغان ۋەقە، ئوبيېكت ۋە دائىرە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. 2) تېكىست قىسىمى ئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپىدۇ. يەنى كىرىش سۆز، ئاساسلىق تېكىست مەزمۇنى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش قىسىمى يېزىلىدۇ. gSv[4,hXd خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكىلاتى يېزىڭ. _sf#J|kQ ئاددىي تەجىربە دوكىلاتى ئادەتتە فىزىكا، خىمىيە، بىئولۇگىيە تەجىربە دەرىسلىرىدە كۆپرەك قوللىنىدىغان خەت-چەك تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. يېزىلىش شەكلى: 1) ماۋۇز يەنى تەجىربە نامى يېزىلىدۇ. 2) تېكىست قىسمىدا، تەجىربە مەقسىتى، تەجىربە پىرىنسىپى، تەجىربە تەييارلىقى، تەجىربە بۇيۇملىرى، تەجىربە مەشخۇلات باسقۇچىلىرى، ئاخىرىدا تەجىربە خۇلاسىسى، تەجىربە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىمى، تەجىربە ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتى يېزىلىدۇ. RP|>&
I چۈشەندۈرۈش خېتى چۈشەندۈرۈش سۆزىدە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاۋار ۋە باشقا شەيئىلەر تونۇتۇرۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى چۈشەندۈرۈلىدىغان خەت-چەكنى كۆرسىتىدۇ. چۈشەندۈرۈش سۆزى- مەلۇۇم ماددىي مەسئۇلاتنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى، ماتېرىيالى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دېققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلسا، بەزى چۈشەندۈرۈش سۆزلىرىدە تەبىئىي مەنزىرلىك جايلار، مەدەنىي يادىكارلىقلار ئورنى، ئاساسىي ئەھۋالى، تارىخى، تەرەققىيات ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى قاتارلىقلار تونۇشتۇرلىدۇ. ;5Wx$Yfx چۈشەندۈرۈش خېتىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) باش قىسىمىدا ماۋزۇ يېزىلىدۇ. 2) تېكىست قىسىمىدا چۈشەندۈرۈلىدىغان ماددىي مەسئۇلاتنىڭ شەكلى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى، ماتېرىيالى، قوللىنىلغان ھۆنەر سەنئەت، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، دېققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلىدۇ. تەبئىي مەنزىرە ياكى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى چۈشەندۈرۈلىدىغان چۈشەندۈرۈش خېتىدە ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، ئاساسىي ئەھۋالى، تارىخىي، تەرەققىياتى، ئالاھدىلىكى، ئەۋزەللىكى قاتارلىق مەزمۇنلار تۈرلەرگە ئايرىلىپ يېزىلىدۇ.3) ئاخىرقى قىسىمىدا ئادرېسى، تېلېفۇن نۇمۇرى، پوچتا نۇمۇرى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. VT5cxB< توختامنامە توختامنامە- تىلخەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىككى ياكى بىر نەچچە ئورۇن ئوتتۇرىسىدا، شەخىس بىلەن شەخىس ئوتتۇرىسىدا، شىركەت بىلەن شەخسلەر ئوتتورىسىدا ئۆز ئارا كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق رىئايە قىلىپ ئىجرا قىلىدىغان، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنى بىر نەچچە ماددىلىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ يولغا قويىدىغان كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ. j2o1" توختامنامىنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) ماۋزۇ يېزىلىدۇ. ئۇنۇڭدا توختامنامىنىڭ خاراكتېىرى ئىزاھلىنىدۇ. مەسلەن: ‹‹ئۆي ئىجارىگە بېرىش، ئىجارىگە ئېلىش توختامى›› دېگەنگە ئوخشاش. 2) تېكىست مەزمۇنى يەنى توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ. توختامنامىگە ئىككى تەرەپنىڭ نامى ‹‹ئا›› تەرەپ، ‹‹ب›› تەرەپ دەپ ئاتاش كېرەك. شەخسكە نىسپەتەن ئىسىم-فامىلىسى بىرگە يېزىلىدۇ. ئاندىن توختامنامە تۈزۈشتىكى مەقسەت، تەرەپلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشكە تىگىشلىك قانۇنىي ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلەر ماددىلارغا بۆلۈنۈپ، ئېنىق ۋە تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ئارقىدىن توختامنامىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ۋە ئوبىيكېتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختامنى ئۆزگەرتىش، ياكى توختىتىش شەرتلىرى ، ‹‹ئا›› ، ‹‹ب›› تەرەپلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار يېزىلىدۇ. ئۇنڭغا ئۇلاپلا توختامنامنىڭ نۇسقا سانى ۋە ئۇنى ساقلىغۇچىلار يېزىلىدۇ. ئادەتتە توختام تۈزۈشكەن تەرەپلەر توختام نۇسقىسىنى بىردىن ساقلايدۇ. 3) ئەڭ ئاخىرىغا توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە توختام تۈزۈلگەن ۋاقت يېزىلىدۇ. d Y:|Ef|v( ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ توختامنامىسى
~|r'2V* توختاملاشقۇچىلار: JGk3b=K ـــــــــــــ بەرگۈچى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ــــــــــــــ (ئا تەرەپ) }XGMa?WR ــــــــــــــ ئالغۇچى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ـــــــــــــ (ب تەرەپ) `j&0VIU>> (توختامنامە تۈزۈشتىكى مەقسەت) ئۈچۈن ئىككى تەرەپ تولۇق كېڭىشىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك توختام تۈزدۇق: yqC Q24 1. ;ZQ-uz 2. 54q4CagFq 3. g$*/XSr( 4.
Awu$g. توختام ۋاقتى: -يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىن، -يىلى -ئاينىڭ -كۈنگىچە بولىدۇ. R)0N0gH ئا تەرەپتىن توختاملاشقۇچى: ــــــــ (تامغا ياكى بارمىقى بېسىلىدۇ) كىملىك نۇمۇرى: ب تەرەپتىن توختاملاشقۇچى: ــــــــ (تامغا ياكى بارمىقى بېسىلىدۇ)كىملىك نۇمۇرى: k:b/Gq` ئالاقلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى: D
Irgq|8 -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى '
|&>
/dyq خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز ئۈچ ئىغىزلىق ئۆيىڭىزنى بىرسىگە ئىجارىگە بېرىپ تۇرماقچى بولسىڭىز، قايسى خىل خەت چەكتىن پايدىلىنشىڭىز كېرەك؟ >\V6+$cNp ئەرزنامە ئەرىز-ئۆزى ئەرىز قىلغان دېلۇدىكى دەۋاگەر، يەنى قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە بولغان كىشىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرغان خەت-چەك تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. rwiw
Rh ئەرزنامنىڭ يېزىلىش شەكلى: 1) ئۈستىنكى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ( ــــــــــــــ ئەرزنامىسى) دەپ ماۋزۇ يېزىلىدۇ. دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، مىللىتى، يۇرتى، كەسپى، خىزمەت ئورنى، ئائىلە ئادېرىسى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. 2) تېكىست قىسىمىدا دەۋاگەرنىڭ تەلىپى، ھەل قىلىدىغان ئىشلار، پاكىت، دەلىل-ئىسپات ۋە دەۋا مەقسىتى قاتارلىقلار يېزىلىدۇ. يەنى دەۋاگەر بىلەن قارىشى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ پەيدا بولىشى، تەرەققىي قىلىش جەريانى، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇش نوقتىسى، جاۋابكار ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت يېزىلىدۇ. 3) ئاخىرلاشتۇرۇش قىسمىدا، ئەرز سۇنۇلىدىغان سوت مەھكىمىسىنىڭ نامى، دەۋاگەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. qAoAUDm خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز مەكتەپكە كېلىش يولىدا قاتناش ۋەقسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىڭىز. ماشنا ئىگىسى مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ سىزنىڭ داۋالىنىش چىقىمىڭىزنى كۆتۈرۈشنى رەت قىلدى. ئۆزىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتىڭىزشنى قوغداش يۈزىسىدىن سوت مەھكىمىسىگە بىر پارچە ئەرىز يېزىڭ. R {HV]o|qk كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى موھىم بىلىم چۈشەنچىلەر، ئۇچۇرلارنى توپلاش، ساقلاشتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشتا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ: 1) بەلگە قويۇش ۋە يېزىش 2) موھىم جۈملە ۋە ئابزاسلارنى كۆچۈرۋىلىش 3) ماقالە-ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يېزىش 4) تەسىرات يېزىش، 5) كارتۇچكا تولدۇرۇش قاتارلىقلار. "!O1j
r; كىتاب كارتىسى _a](V6 ئوقۇش ئۈچۈن تاللانغان ئەسەر: c!It^* ئاساسلىق پېرسۇناجلار: zJ+3g! مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق تەپسىلات: #02Kdo&Vy ئاساسلىق پېرسۇناجغا بېرىلگەن باھا: VPt9QL( خەت-چەك يېزىش تەلىپى: سىز ‹‹ئانا يۇرت›› روماننى ئوقىدىڭىز. بىر دانە كىتاب كارتىسى تۈزۈپ بېقىڭ. WK0
C پىلان مەلۇم ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئالدىن يېزىلىپ چىقىلىدىغان ئېلمىي مۆلچەرنى كۆرسىتىدۇ. پىلان- خىزمەت، ئۈگۈنىش، ئىشلەپچىقىرىنىڭ يۆلىنىشى، ھەركەتنىڭ قىبلىنامىسى بولۇپ، خۇددى كومپاس ۋە ماياكقا ئوخشايدۇ. 03k?:D+5 پىلاننىڭ تۈرلىرى: پىلان مەزمۇنىغا قاراپ ئۇنىۋېرسال پىلان ۋە مەخسۇس تېمىدىكى (ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۈگۈنۈش پىلانى) پىلان دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ۋاقتىغا ئاساسەن: ھەپتىلىك پىلان، ئايلىق پىلان، پەسىللىك پىلان، يىللىق پىلان دەپ ئايرىلىدۇ. دائىرىسىگە قاراپ شەخسىي پىلان، گۇرۇپپا پىلانى، ئىدارە پىلانى، دۆلەت پىلانى دەپ بۆلىنىدۇ. خارەكتېرىگە قاراپ خىزمەت پىلانى، ئىشلەپچىقىرىش پىلانى، ئۈگۈنىش پىلانى، مالىيە پىلانى، تىرانسىپورت پىلانى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. K B!5u 9 پىلاننىڭ يېزىلىش شەكلى؛ 1) ماۋزۇ بىرنچى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېزىلىدۇ. مەسىلەن:‹‹ 2012-2013-يىللىق ئۈگىنىش پىلانىم›› دېگەنگە ئوخشاش. 2) تېكىست قىسمىدا، كىرىش سۆز، ۋەزىپە ۋە چارە-تەدبىرلەر ھەم قەدەم باسقۇچىلار ماددىلارغا ئايرىلىپ ئېنىق، تەرتىپلىك يېزىلىدۇ. 3) ئاخىرىدا پىلان تۈزگۈچى ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ نامى ۋە يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ. ]5'
d&f ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ پىلانى PE"v*9k (كىرىش سۆز ياكى مەقسەت يېزىلىدۇ) ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ شۇڭا ئەمىلىي ئەۋالغا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك پىلان تۈزۈپ چىقتىم (چىقتۇق) : @*>Sw>oet 1. DWU`\9xA* 2. k`\R+WK$ 3. $s\UL}Gc 4. ... QAPu پىلان تۈزگۈچى شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ئىسمى؛ـــــــــــــــــــــــــــــ J=W0Xi! -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى @+LfQY خەت-چەك يېزىش تەلىپى: يازلىق تەتىلدە ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن سايائەت قىلىشنى ئويلاۋاتماسىز؟ ئۇنداق بولسا ئويلىغانلىرىڭىز، ئارزۇ-ئارمالىرىڭىز ئاساسىدا بىر پارچە ‹‹يازلىق تەتىللىك ساياھەت پىلانى›› تۈزۈڭ. (`BSVxJH خەت-چەك يېزىش تەلىپى: ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مەۋسۇملۇق ئۈگىنشى پىلاندىن بىرنى يېزىڭ Oakb
' خۇلاسە مەلۇم مەزگىللىك خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىىش ۋە ئۈگىشنىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ، تەھلىل قىلىپ، ھېس قىلغان تەسىرات، تەجىربە-ساۋاقلارنى رەتلەپ يېزىلىدىغان خەت-چەك تۈرىنى كۆرىسىتىدۇ. خۇلاسىنىڭ تۈرلىرى پىلانىنىڭ تۈرى بىلەن ئوخشاش، چۈنكى قانداق پىلان بولسا، شۇنۇڭغا قاراپ خۇلاسە يېزىلىدۇ. خۇلاسە پىلان بىلەن ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرقلىق. پىلان خۇلاسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، خۇلاسە پىلان تۈزۈشنىڭ ئاساسى. ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، پىلان نېمە قىلىش، قانداق قىلىش، قايسى دەرىجىگە يەتكۈزۈپ قىلىش مەسىلىسىگە جاۋاب بەرسە، خۇلاسە نېمە قىلغانلىقى، قانداق قىلغانلىقى، قايسى دەرىجىدە قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىللەرگە جاۋاب بېرىدۇ. پىلاندا ئاساسلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلسا، خۇلاسىدە بايان ۋە مۇھاكىمە ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. nH|,T% ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ خۇلاسىسى Ih}1%Jq (كىرىش سۆز ياكى مەقسەت يېزىلىدۇ) ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ شۇڭا ئەمىلىي ئەۋالغا ئاساسەن، قىلغان ئىشمنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەپ چىقتىم (چىقتۇق): >'uU)Y{ 1. V
r(J+1@ 2. )4>
2IQ 3. 1
n5(S 4. ... ~\)qi=
خۇلاسە يازغۇچى شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ئىسىمى: ـــــــــــــــــــــــــــ Pi,QHb`> -يىلى -ئاينىڭ -كۈنى eI.2`)> خەت-چەك يېزىش تەلىپى: تۈزگەن ئۈگىنىش پىلانىڭىزغا ئاساسەن بىر پارچە ئۈگىنىش خۇلاسىسى يېزىڭ FGO[
|]7IN LMi:%i%\ @`tXKP$so QB.J,o*XD4 vZ/6\Cz
|
|