查看完整版本: [-- ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىسخىك مەسلىھەت پىلانى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىسخىك مەسلىھەت پىلانى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرسىمانگۇل 2013-12-24 23:31

ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىسخىك مەسلىھەت پىلانى

ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2013-2014-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق پىسخىك مەسلىھەت بېرىش پىلانى

پىسىخولوگىيە-روھ توغرىسىدىكى ئىلىم بولۇپ،پىسخىك ھادىسىلەر ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيتىنى تەتقىق قىلىدۇ. پىسخىك ھادىسىلەرنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ ھەم سەرخىل ھادىسىلەر دىيىشكە بولىدۇ.ئادەملەرنىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا پىسخىك ھادىسىلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى ئېنىق ۋە مۇرەككەپ بولغاچقا،ئۇلارنىڭ پىسخىك روھى ھالىتى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى،كىشىلىك مۇناسىۋتى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا،مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەرەپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيىلىكنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ كەيپىيادىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن  ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلىپ ،ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز .    
(1).ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشىنىش ،ئىتراپ قىلىش ،ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش قابىلىيتىنى يىتىلدۈرۈش،ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش،ئادىميىلىكىنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىپ،ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ،ئشەنچىسى يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگەئۇچىراش ،ئۆگۈنۈشكە ماسلىشىشچانلىغى كۈچلۈك بولماسلىق ،كىشىلىك ئالاقىدە تەسىرگە ئۇچراش قاتارلىق مەسىللەرگە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك مەسلىھەت بېرىپ ،ئۆزىنى بايقاش ،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش،ئۆزىنى كۈچەيتىش ،ئۆزىگە ئىشىنىش ئىرادىسىنى تىكلەپ،ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيتىنى قېزىپ چىقىش ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئۇلار ئارىسىدا ساقىلىنىپ كىلىۋاتقان مەكتەپ بىلەن، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىدىغان، ئۇلاردىن بىزار بولىدىغان، مەكتەپ مال- مۈلۈكىنى قەستەن بۇزىۋىتىدىغان قىلمىشلارغا قارتا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ۋە كوللىكىتىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ماس ئۆگۈنۈش پىلانى تۈزۈپ ،مۇۋاپىق ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ،مۇستەقىل پىكىر قىلىش،ياخشى ئاقىلانە بولغان كىشىلىك ئالاقە ئورنىتىپ،كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائى ماسلىشىش قابىلىيتىنى يىتىلدۈرۈشكە نىسبەتەن يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان روھى ھالەت بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
(2).تولۇقسىز ئوتتۇرا باسقۇچى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزلوگىيلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ،  ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى تۇراقسىزلىشىدىغان،ئاسانلا يات جىنىسلارغا قىزقىپ قالدىغان، شۇ سەۋەپلىك  چىكىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھەببەت،جىنسىيەت جەھەتتىكى بىلىمى يىتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان گاڭگىراش،بىئارام بولۇش،توسالغۇغا ئۇچراش،جىدديىلىشىشنى يېڭىش ،ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە توغرا  مۇئامىلە قىلىش ،ئۆزىنى چۈشىنىش،ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىش،نورمال ئجتىمائى مۇناسىۋەتنى ساقلاش،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزقەدىر- قىممىتىنى ساقلاش،ئۆزىنى كونتىرول قىلىش،ئازاپتىن قۇتۇلۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئاكىتىپ يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۇچىرىغان تۈرلۈك  توغرا پوزتسىيە تۇتۇش ۋە ئۇنى يېڭىپ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىمىز ۋە تۈرۈتكىلىك  ئوينايمىز.
(3) ئۆتكەن بىر مەۋسۇم ئىچىدە مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن، ئاتا-ئانىسى ئاجىرىشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقارغان ئىدۇق. بۇ مەۋسۇم ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرمۇ- بىر سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل بولۇشى،مەكتەپتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك جەھەتلەردىكى تەرەپلەرنى ئاساسى ھالقا قىلىپ،ئۇلار بىلەن ياخشى بولغان سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار يولۇققان تۈرلۈك توسالغۇلارغا نىسبەتەن ئەتراپلىق تەربىيلەش ئېلىپ بارىمىز.
(4) ماۋسۇمدا بىر قېتىم ساغلاملىق بويىچە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ۋە قارا دوسكا ئىشلەش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا بىلىملىرىگە بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆزىدە ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ۋاقتىدا مەسلىھەت سوراش، پىكىرلىشىش، مەسىلىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئەمەلىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
(5) بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ، ماۋسۇمدا توققۇز قېتىم پىسخىك ساغلاملىقى بويىچە لىكسىيە تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى،ئىمتىھان تەشۋىشلىكى،كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى توسالغۇنى يېڭىش،ئۆگۈنۈش مەسلىسى،توغرا بولغان ئۆگۈنۈش تاكتىكىسى ۋە مۇھەببەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش ،يەنى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە باشقا تەرەپلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، جىنسي بىلىملەر قاتارلىق جەھەتتىن كوللىكىتپ تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردا توغرا بولغان روھى ھالات يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىمىز. مەكتەپتىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ئوغۇل، قىزئوقۇغۇچىلارنى بىرلىك قىلىپ،بىر قېتىم ئايرىم تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.
(6)  ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قۇيۇۋېلىش،ھە دىسە ئوقۇغۇچىلارغا كىچىككىنە گەپ ئۈچۈن تەن جازاسى بېرىش، مەكتەپ ئىچىدە گەپ- سۆزگە دىققەت قىلماسلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە قارتا ئۇلار بىلەن پات- پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روھى جەھەتتىن ساغلام خىزمەت قىلىشىغا نىبەتەن تۈرۈتكىلىك رول ئويمايمەن.
(7) ئۆزۈمنىڭ كەسپى جەھەتتىكى سەۋىيەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈپ ۋە توپلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغان، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان مول مەزمۇنلۇق تېمىلارنى توپلاپ، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن.  







ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلدىغان پىسخىك تەربىيە لىكسىيە كالىندار پىلانى
ھەپتىلەر    لىكسىيە مەزمۇنى    لىكسىيە سۆزلىگۈچى    ئىزاھات
1-ھەپتە    ياخشى بولغان روھى ھالەت شەكىللەندۈرۈپ،مەكتەپ تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنايلى     ئابدۇراخمان تۇرغۇن    كوللىكتىپ تەربىيە
3- ھەپتە    جىنسىيەت تەربىيسى    ئايگۇل غوپۇر    قىزلارغا ئايرىم
5- ھەپتە    توغرا بولغان ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرەيلى    مەخسۇم مامۇت    كوللىكتىپ تەربىيە
7- ھەپتە    ساغلام بولغان روھى ھالەت بەرپا قىلايلى    نۇرسىمانگۇل باھاۋدۇن    كوللىكتىپ تەربىيە
9- ھەپتە    تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ زىينى    تۇرسۇن غوپۇر    كوللىكتىپ تەربىيە
11- ھەپتە    ئۆزىمىزنىڭ قەدىرى- قىممىتىمىزنى ساقلايلى    ئايگۇل غوپۇر    قىزلارغا ئايرىم
13- ھەپتە    ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىمىزنى چىڭىتايلى    نۇرسىمانگۇل باھاۋدۇن    ئايرىم تەربىيە
15- ھەپتە    ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنى تۈگۈتۈشنىڭ ئۇسۇللىرى    نۇرسىمانگۇل باھاۋدۇن    كوللىكتىپ تەربىيە
17- ھەپتە    ئۆگىنىش توسالغۇسىنى يېڭىش، ساغلام ئىمتىھان بېرىش تەيپىياتنى تۇرغۇزۇش    مەخسۇم مامۇت    كوللىكتىپ تەربىيە

تىلداش 2013-12-25 10:49
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. بۇ كەسىپتىكىلەرگە بايدىلىنىش قىممىتى بولغان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. بەلكىم بۇ، مۇنبېردىكى بىردىن بىر تېما بولسا كېرەك.

جەسۇر16 2013-12-25 14:43
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ رەڭدارلىقى ئۈچۈن باشقىلارمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپتە پايدىلىنىش قىممىتى بار بولغان باشقا تېمىلارنى يوللىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

نۇرسىمانگۇل 2013-12-29 20:10
ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى نۇرسىمانگۇل باھاۋدۇننىڭ (2011-2012)ئوقۇش يىلى 2-ماۋسوملۇق دەرس ئۆتكەن سىنپلار يۇقىرى ئۆرلەش  خۇلاسسى
مەن مەكىتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىزمەتىلىرىنىڭ نۇرمال تەرتىپىلك ئېلىپ بېرلىشى ئۈچۈن ،بۇ ماۋسۇملۇق خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە ياخشى ئىشلىدىم .
1.سىياسى –ئىددىيۋى جەھەتتە :
مەن بۇ ماۋسۇمدا پارتيە ۋە دۆلەتىنىڭ ،مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ،مەكتەپىنىڭ تولۇق رۇىئايە قىلىپ سىياسى خىزمەتكە ئەھمىيەت بىرىپ ،سىياسىي سەۋيەمنى تىخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ،مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي ئۈگىنىشكە تولۇق قاتناشتىم .
پارتىينىڭ تۈرلۈك لۇشىيەن ،فاڭجىن ،سىياسەت  ۋە قارارلىرنى ئەستايىدىل ئۈگەندىم. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىددىيەمنى ماركىززىملىق سىياسى نەزەرىيە بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، سىياسى سەزگۈرلۈك، سىياسى ئاڭ ۋە يۈكسەك سىياسى ھۇشيارلىق بىلەن ھەر دائىم كىلىپ چىقىش ئىھتىمالى بولغان خېيىم –خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييار تۇرىدۇم. ھەر دەرجىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تۈرلۈك ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش، يول-يورۇقىنى ئىزچىل ئىجىرا قىلىپ، خىزمەتلەردە باشتىن-ئاخىرى ئېغىشماي، ھەر بىر ھەركىتىمدە ماركىززىم ئىددىيسى، لىنىنىزىم ئىددىيسى، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە جىياڭ زىمىننىڭ "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىددىيسى، يولداش خۇجىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نۇمۇس" قارشىنى ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمەت يۆنىلىشى قىلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداش بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھەر دەرجىلىك ئورۇنلار تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جان-دىل بىلەن ۋاقتىدا ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتىم.
2. ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش  جەھەتتە:
ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ دەرىسكە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىشتەئىزدەنىدىم. ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا  ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولغان تەجىربە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ساپا مائارىپىنى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، دەرسخانىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلۈنۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت دەرسىدىكى چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا تىرىشچانىلق كۆرسەتتىم. دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھدىلكىنى چىقىش قىلىپ، جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىن ئەتراپلىق پايدىلنىپ، ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبەتنى
كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يىتەرسىز تەرەپلىرنى تولۇقلاش ئاساسىدا داۋاملىق تۈردە ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى تەكرارلاشقا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلارنىڭ دەرىسكە بولغان ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ ۋە ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسەتىم. ئۆتكەن بىر ماۋسۇم ئىچىدە ئۆزۈم دەرىس بىرىۋاتقان سىنىپلاردىن ئوتتۇرىچە نومۇرى ناھىينىڭ ئوتتۇرىچە نومۇر سىزقىدىن  تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن مەن بۇ ماۋسۇم ئىچىدە ئۆزۈم دەرىس بىرىۋاتقان سىنىپلاردىكى ماينۇر زۇنۇن، گۇلىستان مەمتىمىن، 、ئىرشات رىيىم، رابىيە مەمەت، سەبىرگۇل يۈسۈپ، رازىيە ياقۇپ، زەينەپگۇل يۇسۇپ، غەيرەت جىلىل، ئالىيە مەمەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشىگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ، تاپشۇرۇقنى پىلان بويىچە بىرىپ، ۋاقتىدا يىغىپ، ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلنىش ماتىريالى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى ماۋسۇمدىكىدەك ئەھۋالنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدىم.
3. ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش جەھەتتە:
بۇ مەۋسۇمدا مەن 8-يىللىق2-سىنپ ۋە 8-يىللىق 3-سنىپنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرىسنى ئۆتتۈم.مەن بۇ ماۋسۈمدا ئۆزۈم دەرىس بەرگەن سىنىپلاردىن ئىزىز قۇربان، مۇختەر غولام، ھامۇت تۇرسۇن، ھىكىم قىيۇم،ھاشىمجان مەمەت،مەخمۇتجان ھىبىبىللا،قارى مەمەت، ئاسىمگۇل مەمەت، مۇختەر زىبىبىللا، نۇرئەلى غىنى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەكرارنى كۈچەيتتىم. دەسلەپكى قەدەمدە  ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستە يىتىشەلمەسلىك ھالەتنى يۇقۇتىش ئۈچۈن ئارقىدا  قالغان  ئوقۇغۇچىلارغا  قارىتا  تاپشۇرۇق  ۋە  تاپشۇرۇق  مىقدارىنى  مۇۋاپىق  كونتىرول قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ  تاپشۇرۇقىنى  ۋەزىپە  ئۈچۈن  ئەمەس،بەلكى ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەشتەك كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈدۈم.
تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان ياكى ئىشلىيەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تاللاپ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى يولغا قويۇپ ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش قىزغىنلىقىغا ئەھمىيەت بەردىم.
ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردا ئاستا-ئاستا دەرسكە قىزقىش روھنى يىتىلدۈرۈشكە تىرشىتىم.

tawpek 2013-12-31 19:35
10 يىللىق تارىخىمدا مەكتەپلەردە مۇنداقمۇ خىزمەت بار دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.

پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيلەيمىش دەپ ئاڭلىغان مەكتەپكە  بىر سان كەپتۇ دەپ.  

ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىنى ئىتراپ قىلىدىغانلىكى كىشى پىسخىكىغا سەل قارىمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

قاچانمۇ بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە مۇشۇنداق تەربىيلەش شەكلى بارلىققا كىلە؟



ئاققاش  ئوتتورا مەكتەپ قەيەردە؟

نۇرسىمانگۇل 2014-01-28 15:26
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىدە

بابۇر0725 2014-02-21 01:32
ياخشى باشلىنىشكەن بالىلىرىمىزمۇ ھەقىيقىي نەپ ئالغۇدەك


查看完整版本: [-- ئاققاش ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىسخىك مەسلىھەت پىلانى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled