查看完整版本: [-- بۇ ئىسلاھاتمۇ ياكى ئوينىشىشمۇ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> بۇ ئىسلاھاتمۇ ياكى ئوينىشىشمۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلسىن 2013-12-24 17:53

بۇ ئىسلاھاتمۇ ياكى ئوينىشىشمۇ

    تىلشۇناسلىرىمىز بەزىدە بەك بىلەرمەنلىك قىلىپ ،ئۆز تىلىدىكى بار سۆزلەرنى چەتكە قېقىپ ،ئورنىغا باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش مۇدا بوپ قالغان مىڭ يىل ئىچىدە تىلدىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ بوپ كەتتى .بۇنىڭ بىلەن ياتلىشىشمۇ كېلىپ چىقتى . 7csMk5NU'<  
    مەسىلەن :ئۇيغۇر تىلىدا مىڭ يىل ئالدىدا «ئادەم ،ئىنسان »ئاتالغۇسىنى «يالڭۇق ،كىشى»دەپ ئالاتتى .«ئادەم »سۆزى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن بولسا «ئىنسان »پارس تىلىدىن كىرگەن . C5^9D  
   ھازىر ئانا تىلىمىزدىكى ئەسلى سۆزلەر يوقۇلۇپ ياكى ئاجىز ،زەئىف ھالغا چۈشۈپ ،باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئاساس بولۇپ ،ئىستىمالدىن كەڭتاشا ،بەھوزۇر ئورۇن ئالدى.ھازىرمۇ بىز ئىلگىرىدىن باشلاپ تىلىمىزدا تېگى بار سۆزنى ئېلىپ تاشلاپ، چەت تىلدىن كىرگەن سۆزلەرنى قوللىنىپ ،ئەسلى بار ئاتالغۇلىرىمىز ئورنىغا ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ بىر نادانلىقتىن ،ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. /y3Lc.-  
مەسىلەن :«مۇرفىما» ئاتالغۇسىغا تەڭ «سۆز»ئاتالغۇسى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن .«باش مورفىما»نى  «تۈپ سۆز»دەپ «ئەگەشمە مورفىما»نى «قوشۇمچە»دەپ ئاتاپ دەل جايىغا چۈشۈرگەن ئىدۇق . ھازىر بۇ ئاتالغۇلىرىمىز دەۋرگە «يېتىشەلمەي» ،  «ئىسلاھات» قەدىمىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالغاندەك «سۆز»نى «مورفىما»،«تۈپ سۆز»نى «باش مورفىما»غا«قوشۇمچە»نى «ئەگەشمە مورفىما»غا ئۆزگەرتىشتەك ئەھۋاللار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۆزگەرگەن بۇ سۆزلەرمۇ يېرىمى ئۇيغۇرچە ،يېرىمى باشقا تىلدىن كىگەنچە بولىۋاتىدۇ. بو دەل «مۇتىخەسىس»لىرىمىزنىڭ روھىنىڭ «يېرىم»ئارىلاش «روھ»لىقىنى ياندىن يورۇتۇپ بېرىۋاتامدۇ نېمە،ئەمدى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى «مۇتىخەسىس»لىرىمىزنىڭ   «ئۆزىنى كۆرسىتىش»ى دەپ چۈشىنەمدىمىز،ياكى «بىلىملىك»،نەزەر دائىرسى«كەڭ»دەپ چۈشىنەمدۇق.بۇخىل مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزمىسەك بولمىدى. wqF_hs(O  
    ئانا تىل تەتقىقاتچىلىرىمىز ، زىيالىلىرىمىز تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىپ  ، مۇشۇنداق ئەبجەشلەشتۈرۈش ئايىغىنى كىيىپ «ئىسلاھات»يولىدا «تەۋرەنمەي »ماڭساق  ،ئاقىۋىتى قانداق بولۇر.مىللەتنى ئويلاپ ئىش تۇتايلى. =kBWY9 :$,  
  يېتەر بۇنداق «ئىسلاھات»لار.ھېلىمۇ يېزىقىمىزدا مۇشۇ 100يىل مابەينىدىمۇ نۇرغۇن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ  «ياخشىلاش»نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنماي«جاپا»تارتىۋاتقان «مۇتەخەسىس»لىرىمىزنىڭ «ئەجرى»گە كۆپ «رەھمەت». 1$nuh@-ys  
   ئېنگىلىزلارنىڭ 500يىل ئاۋالقى «ۋېنىتسىيە سودېگىرى»نى ھازىرقى خەلقىمۇ بىمالال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما بىز  «خمسە»نەۋائىنى،«نىزارى داستانلىرى»...نى ئاددىيسى 100~200يىل ئاۋالقى ئەسەرلىرىمىزنى ئەۋلاتلارلا ئەمەس بىزلەمۇ تەرجىمانسىز چۈشىنىشىمىز بەك قىيىن بولىۋاتمامدۇ. بۇلارنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلارنىڭ جاۋاپكارى ئەنە شۇ نام مەنپەئەت،«ئىسلاھات»يولىدا ئاناتىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان  نامى «ئۇلۇغ»لار  پارتىيىمىز، ھۆكۈمىتىمىز،خەلقىمىز  ئىشىنىپ تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتنى « ھوقۇق»قا ئايلاندۇرۇپ قولىغا ئېلىۋېلىپلا ئەنە شۇ «تەتقىقاتچى»قالپىقىنى ئوڭچىلاپ كىيىۋېلىپ ئۆزلىرىنى ئالىم ، تەتقىقاتچى چاغلاپ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تۈزۈك ئويلاشمايلا ئەجدات ،ئەۋلات مۇناسىۋىتىنى يېزىق «ئىسلاھاتى »ئارقىلىق يېراقلاشتۇرىۋاتقان ئەرباپلىرىمىز .بولدى قىلىڭلار .سىلەرگە پارتىيىمىز.ھۆكۈمىتىمىز ،خەلقىمىز يېزىق ئىسلاھاتنى مۇشۇنداق ئېلىپ بارسۇن دېگەنما؟ سىلەر پارتىيىمىز بەرگەن مۇئاشنى ھالاللاپ جايىدا ئېلىڭلار.سىلەرنى ئەۋلادلار لەنەت بىلەن ئەمەس ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان بولسۇن .بولمىسا سىلەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى  يالتىراق جىنايەتچىلىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىڭلار ناھايىتى ئېنىق ،سىلەر مەدەنىيىتىمىز سوتى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرەرسىلەر.سىلەرگە ئىنساپ تىلەيمەن

tursun 2013-12-25 00:02
خىلى ۋەزنىلىك،ساقلاش ھەم مۇلاھىزە قىممىتىگە ئىگە دىتال يوللاپسىز...تەشەككۈر...!

تىلداش 2013-12-25 12:14
مەيلى پىشقەدەم ياكى ياش تىلشۇناسلار بولسۇن،‹‹مېنىڭ دېگىنىم توغرا››دەپ تاتىشماق قىلىۋاتقانلارنى بىر يەرگە يىغىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىلىشى بولغان بولسىدى، شۇ چاغدا ‹‹ ئۇ كىتابتا مۇنداق، بۇ كىتابتا بۇنداق›› دەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى... im@c||  
r~;TId} #  
يوللانما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپلا ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلغان ئىدىم. چۈنكى 20 نەچچە يىل بۇرۇن بەزى ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەشكە بولامدۇ دەپ ‹‹تەرجىمە قىلىش›› جەريانىدا ‹‹گرامماتىكا›› سۆزىنى دەل مۇشۇ مۇنبەرداشنىڭ نامىدەك_‹‹ تىلسىن›› دەپ ئاتاپ باققان ھەم ئىچكى جەھەتتىن ئۆز يازمىلىرىمدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن.(باشقىلار قوللىمىسىمۇ) _MzdbUb5,  
  قىسقىسى، بىزدەك ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ گېپىنى كىممۇ ئاڭلار...؟

ۋارىس60 2013-12-25 12:27
شۇ ئەمەسمۇ ، قىلىپلاشتۇرۇلسىدى  ئوقۇ-ئوقۇتۇشلا ئەمەس ،ئالاقە، تەتقىقات ئىشلىرىغىچە كۆپ ئاسانلىق تۇغۇلاتتى . ئۆز گىپىمىزنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋالاتتۇق .

پاراسەت 2014-01-03 17:41
ۋارىس60:شۇ ئەمەسمۇ ، قىلىپلاشتۇرۇلسىدى  ئوقۇ-ئوقۇتۇشلا ئەمەس ،ئالاقە، تەتقىقات ئىشلىرىغىچە كۆپ ئاسانلىق تۇغۇلاتتى . ئۆز گىپىمىزنى چۈشىنەلمەي ئ .. (2013-12-25 12:27) 
czHbdEh  
تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى  بەزى ئاتالغۇلارنى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا قاراپ باقساق بولاتتى.چوقۇم بىزگە پايدىسى تېگىدىغان بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

ياسىنجان510 2014-01-04 15:12
ياخشى يازمىنى يوللاپسىز ،بىزنىڭ ئۇيغۇز تىلى تەتقىقاتىمىزنى   مېنىڭچە ياخشى  دېگىلى بولمايدۇ.تىل تەتقىقاتىمىز يەنىلا ئاجىز دەپ قارايمەن.

كامالىدىن 2014-03-23 06:05
تىلسىننىڭ پىكىرىنى ھەقىقەتەن ئولىنىپ چۈشىنىش كېرەككەن .ياخشى تېما يوللاپتۇ بالدۇرراق تىزىملىتىپ كىرىپ كۆرگەن بولسامچۇ كاشكى ھەي ئىسىت. يىلىكى بار مۇلاھىزىدە بۇ دەۋرىمىز تىل تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرىپتىغۇ. بۇ قىسقا ماقالىدا.بارىكاللا .تېرىشىڭ.


查看完整版本: [-- بۇ ئىسلاھاتمۇ ياكى ئوينىشىشمۇ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled