查看完整版本: [-- ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2013-12-24 11:40

ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى

ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى
1. ئوغۇللارنىڭ ئىسىملىرى
ئادەم: بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
ئىبراھىم: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەېن بولىدۇ.
ئەجۋەد: سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
ئېھسان: ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
ئەھمەد: مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
ئېدرىس: بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئەدھەم: قارا، ئىشكەل.
ئەدىب: يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ-ئەخلاقلىق.
ئېرشاد: يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.
ئۇسامە: يولۋاس.
ئىسھاق: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئەسەد: قەھرىمان.
ئىسلام: بويسۇنماك، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.
ئىسمائىل: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئىقبال: كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاق تاپماق.
ئەكرەم: مەرد، سېخى.
ئېلياس: بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئىمام: مۇسۇلمانلارنىڭ رېئىسى(خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ پۇل.
ئەمىر: شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رېئىس.
ئەمىن: ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تېنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.
ئەنەس: مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنىسى-ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
ئەنۋەر: ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.
ئەييۇب: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ياسىن: مۇلايىم.
باكىر: ئەتتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.
بىلال: نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.
سابىت: مۇستەھكەم، مۇقىم، قەھرىمان.
ھافىز: ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمىنى يادلىغان كىشى.
ھامىد: ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللاھنىڭ نېممىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.
ھەسەن: چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.
ھۈسەيىن: ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.
ھەمزە: يولۋاس.
ھەيدەر: يولۋاس.
خالىد: ناقىي، مەڭگۈ.
خەلىل: دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.
داۋۇد: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى قەدىردان(سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.
زاكىر: ئاللاھغا زىكىر-تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.
زۇلپىقار: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.
رەجەب: ھېجرىيىنىڭ 7-ئېيى.
رۇستەم: پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.
رەشاد: توغرا، توۈرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.
زاھىر: نۇرلۇق، يۈزى يويۇق، رەڭگى چىرايلىق.
سالىم: قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.
سەئىد: تېلېپلىك، خوشال.
سەلام: تەبرىك، تېنچلىق، ئامانلىق.
سۇلتان: پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.
سۇلەيمان: قۇتۇلغۇچى، ساغلام.
سەييىد: باشلىق، داھىي، خوجايىن.
سىراج: پانۇس، كۈن، چىراغ.
شاكىر: شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى،رەھمەت ئېيتقۇچى.
سەرەف: ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان-شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.
شەرىق: ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر، ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.
شەئىبان: ھىجرىيىنىڭ 8-ئېيى.
شەۋكەت: كۈچ-قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.
سابىر: چىداملىق، ئىرادىلىك.
سادىر: سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.
سادىق: ئىخلاسمەن، راستچىل.
سالىھ: ياخشى، مۇۋاپىق، ئوبدان، لايىق، تۈز.
تارىق: كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.
تالىب: ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
تاھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
تاھىر: پاك، پاكىز، تازا(كىر ئەمەس).
تەلئەت: مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.
ئابىد: ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.
ئادىل: ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.
ئارىف: ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.
ئاسىم: ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى،توسقۇچى.
ئاكىف: ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.
كەمىل: مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.
مۇھەممەد: مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زاد.
مەھمۇد: مەدھىيلەنگۈچى.
مۇختار: تاللانغان.
مۇراد: مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
مەسئۇد: بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خوشال.
مەئىسۇم: خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
مەنسۇر: غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.
مۇئىمىن: ئىماملىق، ئىشەنگۈچى، ئاللاھغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
ناسىر: ياردەم بەرگۈچى.
نايىف: ئىگىز.
نەزىر: ئوخشىغۇچى.
نىئىمەت: نازۇنىمەت، مەرھەمەت ئىلتىپات.
نىيازىي: پارىسچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.
ھاشىم: شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.
ياسىر: ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.
ياسىيىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى.
پەقۇب: بىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى.
يۈسۇف: بىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى.
يۇنۇس: بىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى.
يەھيا: بىر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى.
جامال: گۈزەللىك.

2. قىزلارنىڭ ئىسىملىرى
ئەبرار: ساداقەتمەن، كۆيۈمچان.
ئەمان: ئامانلىق، تېنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
ئامىنە: خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
ئەمىينە: ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
ئەنۋار: نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
ئەنيىسە: كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۇلپەت.
ئىمان: ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
بۇشرا: خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۈسۈن-جامال.
بىلقىيىس: سەبە دىيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زاماندا ياشىغان، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۇلنار: ئانار گۈلى.
جەمىيلە: چىرايلىق، ئۇز، ەۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە: سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە: مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە: ئېغىر-بېسىق ۋە ئەقىللىق ئايال.
ھەمىيدە: شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە: ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا: ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا ماھىل قارا ياكى مارىغا ماھىل قىزىل.
ھۇرىيە: پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە: مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە: ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيچە: ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە: پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە: ھۇشيار ئايال، چىمەن ئايال، رېزەك ئايال.
رەشىيدە: ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا: بەك گۈزەل بولغانلىقتىن، كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاھىدە: ئاخىرەتنى ياخشى كورگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە: گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە: چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
تالىبە: ئىزدەتكۈچى ئايال،ئوقۇچى ئايال،تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
تاھىرە: پاك ئايال، پاكىز ئايال.
تەببىبە: ھالال، پاكىز، ئوبدان، بەلەن.
زەرىيفە: ھۇشيار ئايال، رېزەك ئايال، چىمەن ئايال.
ئائىشە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
ئاتىكە: قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
ئارىفە: ئىلىم-مەرىپەتلىك ئايال.
ئالىيە: ئىگىز، يۈكسەك، يۇقۇرى، ئالىيجاناب.
ئىبادەت: تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
ئەزىيزە: سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل، كۈچلۈك.
ئەتىيە: سوۋغا-سالام، ھەدىيە.
ئەفىيفە: ئىپپەتلىك، پاك.
ئەلىيە: شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقۇرى، يۈكسەك.
ئىنايەت: كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قڭلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
فائىزە: غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
فائىقە: ھۈسىن-جامالى بەك كېلىشكەن.
فاتىمە: بالىسىنى(سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
فىردەۋس: باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
فەرىيدە: يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
قەمەر: ئاي.
كۈلسۈم: ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر: تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە: نۇر چاچقۇچى، داڭلىق.
لەتىيفە: مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
لەيلە: بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيىپى.
مارىيە: ئاقپىشماق ئايال.
مەريەم: سۈرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى
مەلىيكە: مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە: نۇرلۇق، يۈزى پۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە: ئېرىشكۈچى، سوۋغا-سالام.
ناجىيە: قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
نادىرە: ھىكمەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە: جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
زەكىيە: پاك، گوناھسىز، پەزىلەتلىك،ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا: رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەپ: كۆرۈنىشى چىرايلىق خۇش-پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت: گۈزەللىك ۋە ھۈسىن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسىن.
ساجىدە: سەجىدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەككۈچى ئايال.
سارا: ئەڭ ياخشى، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە: قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق-سالامەت ئايال.
سەداد: توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە: بەختلىك، بەرىكەتلىك.
سەئىدە: بەختىيار ئايال، تەلەپلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت: بېجىرىم، ئەيىپسىز، ساق.
سالام: سالام بەرمەك، سالام، تېنچ-ئامانلىق سورىماق.
سالما: ھېچ ئەيىپى يوق ئايال.
سالىيمە: قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىپسىز ئايال.
سەمرا: بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە: مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
سەمىيرە: كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەشكۈچى ئايال.
سۇمەييە: ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(ئاللاھتالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
سەييىدە: خانىم، خېنىم، ىانزادە.
سېيما: ئالامەت، بەلگە، نىشان، تامغا، تەقى-تۇرقى كۆرىنىشى.
شادىيە: ناخشىچى ئايال.
شەرىيفە: شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىجاناب ئايال.
شەفىيقە: شەپقەتلىك ئايال.
شەمىس: قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجارەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە: ئاللاھ يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
شېرىن: تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىق، بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
سادىقە: راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
سالىھە: ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
سەبىيھە: گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
سەدىيقە: راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
سەفىيە: ساپ، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
نارىمان: پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
نەجات: قۇتۇلماق، خالاس تاپماك.
نەجىيبە: تېگى-تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
نەجىيە: سىر، سىرداش، دوست.
نەرگىس: تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە: ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسىرىن: ئەتىردەك پۇرايدىغان بىرخىل ئاق گۈل.
نەسىيمە: مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
نۇسرەت: غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
نەزىيرە: ئوخشىغۇچى.
نەئىيمە: تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
نۇرجاھان: جاھاننىڭ نۇرى.
ھاجەر: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
ھادىيە: يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
ياسەمىن: خۇشپۇراقلىق بىرخىل ئۆسۈملۈك.


ياسىنجان510 2013-12-24 15:14
ياخشى يازما يوللاپسىز تۇرسۇن ئەپەندى،رەھمەت سىزگە.

ئەكبەرنىياز 2013-12-24 19:35
ئۇستازنىڭ قوللىرىغا دەرت  كەلمىگەي ! مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋتكەن بولسىڭىز تېخىۇ ياخشى بولاتتىكەن ئۇستاز !!!

tursun 2013-12-24 23:45
تىلىفۇن ھەم چچ رىمغا كەلگەن پارچە ماتىرياللار ھەم كومپىيوتىردىكى ئۈزۈندىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ رەتلىگەن بولغاچقا،كونكىرت مەنبەنى ئەسكەرتكىلى بولمىدى...كەچۇرگەيلا ئەكبەرجان...!

نۇرسىمانگۇل 2014-01-27 14:05
ياخشى يازما يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled