查看完整版本: [--
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى (يارىماس)
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى
->
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى (يارىماس)
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
yarimas
2010-10-30 12:32
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى (يارىماس)
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى
شائېر دىمەيمەن ئۆزۈمنى لىكىن،
خەلقىم ئۈچۈن شېئر يازىمەن .
ئازماس ئىكەن پەقەتلا رەببىم،
مەن ئىنسانغۇ شۇڭا ئازىمەن.
ئازغان ئىكەن دانالار گاھى ،
پەم-پاراسەت تۇلۇپ تاشسىمۇ.
ھەم ئازغانكەن پادىشاھ داھى،
نەچچە دانىش ئەقىل قاتسىمۇ .
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى ،
لىكىن ھەرگىز ھەقتىن ئازمايمەن.
ئۈمۈد دەپ بىل يازغانلىرىمنى ،
كەيىپ ساپا ئىشرەت قازمايمەن.
ئىتىقاد غۇرۇرۇم ھەمرادۇر ماڭا،
خەلقىم يەنە ئۆزۈڭ مەدەتكار .
يۈز كىلىپ ياشايمەن ئۆلسەممۇ ساڭا،
ھاياتىم ھەق ئۈچۈم مەڭگۈ قىساسكار.
مەنبە: ئىجادىيەت ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ!
qartikin
2010-10-30 15:06
يارماسنىڭ تىمىللىرى يارايدۇ!
tawpek
2010-10-31 22:39
ماۋۇ شىئىرىڭىزنى ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ يىزىپسىز.
شىئىر يىزىشتا مەزمۇننىڭ چوڭقورلىقىغا بەك ئەھمىيەت بىرىدىكەنسىز.
yingiyoloqi
2010-11-03 19:13
« يارىماس » بولسىمۇ ئىسمىڭىز
يارايدىكەن ئەسەرلىرىڭىز
تىرىشسىڭىز ئەمەلگە ئاشقاي
زەپەر قۇچۇپ تىلەكلىرىڭىز .
tawpek
2010-11-03 23:05
بىگۇناھلار تەۋبىدە گۇناھ تىلەر سەجدىدە،
يارىماسلار ياراملىق ئەجەپ ئىكەن بۇ دۇنيا
ئەگرى يولدا مىڭىپمۇ قىلىپ تەۋپىق دەۋاسى
نىمە بولدى بۇدۇنيا باردۇر نىمە مەناسى؟
ئازراق چۈشكەندەكما؟
گۈلنىھال
2014-08-07 09:33
شىئېرلىرىڭز شۇنداق تېتىملىق يېزىلىدىكەن ، يوقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرارسىز ...
查看完整版本: [--
كەچۈر خەلقىم ئازغانلىرىمنى (يارىماس)
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled