گۈلنىھال |
2013-12-19 11:43 |
مىڭ يىل بۇرۇنقى ماقال-تەمسىللەر
مىڭ يىل بۇرۇنقى ماقال-تەمسىللەر ( تۈركيى تىللار دىۋانىدىن پارچە ) QtnM(m 1-ئاچ نىمە يىمەس ، توق نىمە دىمەس . مەنىسى : ئاچ ئالدىغا كەلگەننى يەۋىرىدۇ ، توق ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرىدۇ . ]g
>m? \'n 2- ئېلىمچى ئارسىلان ، بېرىمچى چاشقان . مەنىسى :ھەقىنى تەلەپ قىلىپ ئالغۇچى ھۇجۇم قىلىشتا گويا ئارسىلان بولىدۇ ، قەرىز تۆلىگۈچى قورىققانلىقتىن چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ . Mhv1K|4s 3- ئاتا-.امىسى ئاچچىق ئالما يىسە،ئوغۇل-قىزىنىڭ چىشى قامار . مەنىسى : ئاتا-ئانىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن، باللىرىنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە جازاغا تارتىلىشى ئىشارەت قىلىندۇ. qe5tcv}u 3-ئوۋچى قانچە ھىيلە بىلسە ، ئېيىقمۇ شۇنچە يول بىلىدۇ . مەنىسى : ئىككى تەجىرىبىلىك كىشى بىر-بىرىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ قالغاندا ئېيتىلىدۇ . q GpP, 4- بىر قاغا بىلەن قىش كەلمەس .مەنىسى : ھەمرالىرى ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ياردەم بەرگۈچە ، ئۆز ئىشلىرىدا تەمكىن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ . {PODisl>\D 5-بىر-بىرلەپ مىڭ بولار ، تاما-تاما كۆل بولار . مەنىسى : ئاز بولسىمۇ بىر نەرسىنى قوبۇل قىلىپ ئېلىشقا قارتىلغان . ( چوڭ ئىشلار كىچىك ئىشلارنى يىغىلىشىدىن s[G|q5n ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ، كىچىك ئىشلارغا سەل قارىماسلىق كېرەك ، دىگەن مەنىدىمۇ ئېيتىلىدۇ.) ?G$Om 6- ئەندىك مېھمان ئۆي ئىگسىنى ھۆرمەتلەر . ( ئەخمەق مېھمان ئۆي ئىگىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ، دىگەن مەنىگە توغرا كېلىدۇ .) (dzH3_U 7- ئەدەپ-ئەردەمنىڭ بېشى تىل ، چۈنكى ، چىرايلىق سۆزلەيدىغان كىشى ئابرۇي تاپىدۇ. (بۇ ماقالدا ، ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تىلنى توغرا ئىشلىتىش ئىكەنلىكى ئىپادىلىندۇ .) zmrQf/y{R
8- سۇ بەرمىگەنگە سۈت بەر .( ساڭا يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىل .چۈنكى ، سېنىڭ ياخشىلىقىڭ ئۇنى ساڭا قۇل قىلىپ بېرىدۇ ) `z9)YH 9- قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولماس . ( بۇ ، توپىلاڭ سۈلھى بىلەنلا تىنچىتىلدۇ ، دىگەن مەنىدە .) %f3c7\=C 10- كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق . ( دوستلار كۆزدىن يىراقلاشسا ، كۆڭۈلدىنمۇ يىراقلىشىدۇ ، دىگەن مەنىدە .) DMF?5GX %04:z77
|
|